سىز بۇ تېمىنىڭ 2521 - ئوقۇرمىنى
تېما: بارسىلونا چۈش2 -كوماندىسى !!
خەير خوش گۇئاردىئولا!!!
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ھەۋەسكار پۇتبولچى

UID: 9122
جەۋھەر: 1
يازما: 514
شۆھرەت: 600 نۇمۇر
پۇل: 200496 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 213(سائەت)
تىزىملاش: 2011-06-01
ئاخىرقى: 2012-05-26
0  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-21 18:04

بارسىلونا چۈش2 -كوماندىسى !!

ئەسكەرتىش: بۇ يازما totti تەرىپىدىن داڭلىق چولپانلار ۋە كوماندىلار بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2012-03-21)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تېنىڭلار سالامەت، ئىشلىرىڭلار ئالامەت، كۈنلىرىڭلار كارامەت ئۆتىۋاتقاندۇ تورداشلار؟! W<7Bq_L[|  
       ^ ?9 ~R"  
        بىر بارسىلونا مەستانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇزۇن بولغان مەن مۇشۇ بارسىلونا توغىرىلىق بىرەر تىما يېزىشنى كۆڭلۈمگە پۈككىلى، بۈگۈن ئازراق ۋاقىت چىقىپتى، ئانچە مۇنچە ئۇيەر بۇ يەردىن توپلىغان ماتىرياللار ۋە ئۆزۈمنىڭ بىلگىنى بويىچە بىر نەرسە يېزىپ باقاي دەپ ئولتۇرۇپتىمەن. بىر يېزىپ باقاي، كۆڭلۈڭلىگە ياقسا ياققانچە، بولمىسا «ھە» دەپلا ئۆتكىزىۋىتەرسىلەر @$G K<jl  
        يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، يەنى گۇئاردىئولا بارسىلونا كوماندىسىغا باش تېرىنىر بولغاندىن بۇيان، بارسىلونا كوماندىسى يېڭى بىر ئالتۇن دەۋىرنى ياراتتى، ھەمدە نۇرغۇنلىغان ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا، جۈملىدىن پۈتكۈل ياۋروپا پۇتبول ساھەسىدىكى داڭدار كوماندىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، ئەمدى بۇ يەرگە كەلگەندە يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا «بارسىلونا بۇرۇن قانداقراق بىر كۇلۇب بولغىيتى» دىگەن ئوي-خىياللار كېلىشى مۇمكىن . شۇڭا مەن بارسىلونا چۈش 2- كوماندىسىدىكى(巴萨梦之二队 دىگەن گەپنى قانداق تەرجىمە قىلىشنى بىلمەي مۇشۇنداق ئېلىپ قويدۇم، كۆپچىلىك بولسا توغرا ئاتىلىشىنى دەپ بەرسەڭلا ئۆزگەرتىپ قويسام.) ئەزالار ۋە شۇ چاغدىكى بارسىلونانىڭ نەتىجىلىرىنى ئازراق بولسىمۇ سۆزلەپ باققان بولسام(قىسقىچە)، ھەممەيلەن بىرەر قۇر ئەسلەپ باقسا ۋە چۈشىنىپ باقسا دىگەن ئۈمىدتە. '#6DI"vJ  
       ئەمدى ئەسلى گەپكە كەلسەك، 2011-يىلى ئېتتونىڭ روسىيە بىرلەشمىسىگە قېتىلىشى بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى بارسىلونا چۈش 2- كوماندىسىنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىكارلىرى بولغان رونالدىنخو، دېكو، ئېتتو قاتارلىق ئۈچەيلەن ياۋروپادىكى ئاساسلىق بىرلەشمىلەردىن ئايرىلدى، يەنى ئۇلارنىڭ سايىسى بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىن بارا بارا ئاجىزلىشىشقا باشلىدى. ھەمدە شاۋى، پۇيول، مېسسى قاتارلىق لاماسسىيا تەربىيىلەش بازىسىدىن چىققان بىر نەچچەيلەندىن باشقا، ئەينى چاغدىكى بارسىلونانىڭ 2006-يىلى قوش چىمپىيون بولۇشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان توپچىلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئاللىبۇرۇن بارسىلونادىن ئايرىلدى ھەتتا بەزىلىرى ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە رونالدىنخو باشچىلىقىدىكى بارسىلونا چۈش 2- كوماندىسى كىشىلەر تەرىپىدىن ئاستا ئاستا ئەسلىنىشكە باشلىدى. رونالدىنخونىڭ خۇددى سېھىرگەردەك توپ ئوينىتىشلىرى، ئېتتونىڭ قاپلاندەك يۈگۈرۈشلىرى، دېكونىڭ قورال ياراق ئىسكىلاتىدەك ھۇجۇمچىلارغا توپ يەتكۈزۈپ بېرىشلىرى كىشىلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ترىشچانلىقى بىلەن بارسىلونا كوماندىسى نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. تۆۋەندە بىز ئۇلارنىڭ ئېرشكەن شەرەپلىرىنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتەيلى. kA`qExw%  
       ئاساسلىق ئېرىشكەن شەرەپلىرى: $dw;Kj'\  
      ئىسپانىيە بىرلەشمە چېمپىيونلىقى ئىككى قېتىم: (2004-05 مۇسابىقە پەسلى، 2005-06 مۇسابىقە پەسلى) - [j0B|cwG  
      ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ئىككى قېتىم:(2005-يىلى، 2006-يىلى) )6WU&0>AU8  
      ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى چىمپىيونى بىر قېتىم:(2005-2006 مۇسابىقە پەسلى) 7IH{5o\e  
SUhP e +  
بارسىلونا كوماندىسىنىڭ 2006-يىلى ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونلىقىنى ئالغاندىكى خاتىرە سۈرىتى
ABGL9;.8  
WU_Q 7%+QS  
     v8N1fuP}  
          ئەمدى بارسىلونانىڭ شۇ چاغدىكى ئەزالىرىنى ئەسلەپ ۋە تونۇشۇپ چىقايلى. rE~O}2a#H  
     باش تېرىنىر:فىرانىك رىجېكارد + P.I r  
n 1h+`nsf  
  رىجېكارد 1962- يىلى 9- ئاينىڭ 30-كۈنى گوللاندىيىنىڭ ئامۇستىردامدا تۇغۇلغان ، 1998-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا تېرىنىرلىق ھاياتىغا قەدەم قويغان، 2003-يىلىدىن2008-يىلى يازغىچە بارسىلونادا تېرىنىرلىق قىلغان، 2006- يىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى تېرىنىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھازىر سەئۇدىي ئەرەبىستان دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ. `h#JDcT;a  
     9AaixI  
     1. ۋېكتور ۋالدېس (ۋارىتار) ;$]R#1i44  
anYZ"GR+  
ۋالدېس 1982-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىسپانىيە بارسىلونادا تۇغۇلغان. بوي ئېگىزلىكى 183 سانتېمىتىر. ۋالدېس بارسىلونا ياشلار تەربىيىلەش بازىسىدا يېتىشىپ چىققان بولۇپ، 2002-03- مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا بارسىلونا بىرىنچى كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولغان، ھەمدە 2003-04-مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ بىرىنچى نومۇرلۇق ۋارىتار ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن، 2006-يىلىدىكى پارىژ بارسىلونا چۈش2- كوماندىسىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىگە ھەمدە ۋالدېسنىڭ بىر كېچىدىلا «پولات جەڭچى»گە ئايلانغانلىقىغا شاھىت بولدى، يەنى 2006-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ۋالدېس ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن بارسىلونانىڭ چىمپىيون بولۇشىغا زور تۆھپە قوشتى. ئەڭ دەسلەپ ۋالدېسنىڭ بەزى مۇسابىقىدىكى سەۋەنلىكلىرى كۆپ بولغانلىقتىن ئىزچىل كىشىلەرنىڭ گۇمانىغا ئۇچرايتتى،ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ھازىرقىدەك ھالەتكە يەتتى، ھازىرغىچە ئۇ تۆت قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى «ئەڭ ياخشى ۋارىتار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بەلكىم ئۇ ئەڭ ياخشى ۋارىتار بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇ بارسىلونا پۇتبول سېستىمىسىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان ۋارىتار دەپ قاراشقا بولىدۇ. _35?z"0  
nS#;<p$\  
     2. جۇلىيانو بېللەتتى (بېك) #'T@mA  
-xXM/3g1u  
بېللەتتى 1976-يىلى6-ئاينىڭ 20-كۈنى بىرازىلىيەدە تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى 179 سانتېمىتىر. بېللەتتى 2004-يىلى بارسىلونا كوماندىسىغا قوشۇلغان، 2006-يىلى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە دەل مۇشۇ زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان بېللەتتىنىڭ توپ ئۇرىشى ئارقىلىق بارسىلونا ئارسىنالنى مەغلۇپ قىلىپ ھېنرىنىڭ ئارسىنالدىكى بىردىن بىر ئارزۇسىنى بەربات قىلىپ چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈردى، بېللەتتى كوماندىدىكى رىقابەتنىڭ كەسكىنلىكى تۈپەيلىدىن 2007-يىلى چېلسى كۇلۇبىغا قېتىلدى، 2010-يىلىغا كەلگەندە چېلسى بىلەن بولغان توختامنى بىكار قىلىپ، ئۆز يۇرتى يەنى بىرازىلىيىدىكى فۇلۇمىنسى كۇلۇبىغا قېتىلدى، ئەمما يارىلىنىش سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشالماي 2011-يىلى كۇلۇپ بىلەن توختامنى بىكار قىلدى، 2011-يىلى6-ئاينىڭ 15-كۈنى بېللەتتى رەسمىي ھالدا پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرىلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى، تولا يارىلىنىش بېللەتتىنى ئاخىرى مۇشۇنداق قارار چىقىرىشقا قىستاپ قويغانىدى. UHHe~L  
}T6jQ:?@  
     3.  دىياگو موتتا (ئارقا بەل) $!t!=  
.u)YZN0\  
موتتا 1982-يىلى8-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىتالىيىدە تۇغۇلغان، بىرازىلىيە ۋە ئىتالىيىنىڭ قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە. بوي ئېگىزلىكى187 سانتېمىتىر. موتتا 1999-يىلى بارسىلونا ياشلار كوماندىسىغا قېتىلغان، 2001-02- مۇسابىقە پەسلى رەسمىي ھالدا بارسىلونا بىرىنچى كوماندىسى ئەزاسى بولغان، شۇ جەرياندا ئۇ رونالدىنخو، دېكو لار بىلەن كۈچلۈك بولغان «بىرازىلىيە گوروھى»نى شەكىللەندۈرۈپ، بارسىلونا  ئوتتۇرا مەيداننى كونتىرول قىلغان. موتتا بارسىلونا كوماندىسىدا تۇرغان ئالتە مۇسابىقە پەسلىدە بارسىلونا كوماندىسى ئۈچۈن جەمئىي6 توپ ئۇرغان. l6RJour  
2007-يىلى ئۇ بارسىلونادىن ئايرىلىپ مادرىد رىقابەت كوماندىسىغا قوشۇلغان، 2008-يىلى ئىتالىيە گىنوئا كوماندىسىغا قوشۇلغان،2009-يىلىغا كەلگەندە ئېنتىر مىلان كوماندىسىغا قوشۇلغان ئۇ يەردە ئىككى يېرىم يىل تۇرغاندىن كېيىن 2012-يىلى قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا فىرانسىيىنىڭ پارىژ گېرمان كوماندىسىغا قېتىلغان. TG($l2  
aOOY_S E  
     4.رافائىل ماركىس (بېك) g.'4uqU  
ax$0J|}7  
ماركىس 1979-يىلى 2-ئاينىڭ13-كۈنى مېكسىكىدا تۇغۇلغان. بوي ئېگىزلىكى 177 سانتېمىتىر. ماركىس 2003-يىلى يازدا بارسىلونا كوماندىسىغا قوشۇلغان،ماركىسنى ئوتتۇرا بېكتىن ئارقا بەل قىلىپ ئۆزگەرتىشنى لىجېكاردنىڭ «ئەسەر»ى دىسەك بولىدۇ. 2004-05-مۇسابىقە پەسلىدە موتتا، ئېدىمىلسون قاتارلىقلارنىڭ ئارقا ئارقىدىن يارىلىنىشى سەۋەبىدىن ماركىس تېخىمۇ كۆپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ھەمدە ئۆز ئىپادىسى ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسپاتلاپ شۇ مۇسابىقە پەسلىدە 34 مەيدان مۇسابىقىدە 3 توپ ئۇردى، شۇنداقلا بارسىلونا كوماندىسىنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە چىمپىيون بولۇشىغا كۈچ چىقاردى، تېخىمۇ ئالاھىدە بولغىنى ماركىس 2009-يىلى بارسلونا كوماندىسى بىلەن بىراقلا ئالتە چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ يېڭى بىر رىكورت ياراتتى. 2010-يىلى8-ئاينىڭ3-كۈنى ئامىرىكا نىيويورك قىزىل كالا كوماندىسى ماركىسنىڭ قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن بارسىلونا كوماندىسى ئۈچۈن يەتتە يىل كۈچ چىقارغان توپچى رەسمىي ھالدا بارسىلونادىن ئايرىلدى. #t\Oq9}^  
6Dch+*4*@  
     5.پۇيول (بېك) ]yyfE7{q  
*+iW B_  
بارسىلونا كوماندا باشلىقى پۇيول 1978-يىلى4-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىسپانىيىنىڭ كاتالونىيە رايۇنىدا تۇغۇلغان. بوي ئېگىزلىكى 179 سانتېمىتىر ، پۇيول 7 يېشىدىلا بارسىلونا ياشلار تەربىيىلەش بازىسى لاماسسىيەگە كىرگەن بولۇپ، كېيىن ئۇ ناھايىتى تېزلا بارسىلونا ب كوماندىسىدا پۇت دەسسەپ تۇرغان، 1999-يىلى10-ئاينىڭ2-كۈنى تۇنجى قېتىم بارسىلونا بىرىنچى كوماندىسىغا ۋاكالەتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان، بارا بارا ئۇ ئوڭ بېكلىك ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغان، كېيىنچە ئۆزىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى ئارقىلىق تىرىشىپ ئوتتۇرا بېك ئويناشقا كۆنگەن ھەمدە دۇنياۋىي ئوتتۇرا بېك بولۇپ يېتىشىپ چىققان. 2003-04-مۇسابىقە پەسلى پۇيول بارسىلونا كوماندىسىنىڭ ئۈچىنچى كوماندا باشلىقىلىققا تەيىنلەنگەن، 2004-05-مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە ئۇ بارسىلونا كوماندىسىنىڭ بىرىنچى كوماندا باشلىقى بولۇپ سايلانغان ھەمدە شۇ يىلى نوكامپۇدا لوڭقا كۆتۈرۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.2005-06-مۇسابىقە پەسلىدىمۇ پۇيول ئۆزىنىڭ رولىنى ئىنتايىن ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ بىرلەشمە ۋە ئۇزغۇنلىق لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن، پۇيول چۈش2- ۋە ھازىرقى چۈش3-كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن بارسىلونانى ئىزچىل يېتەكلەپ ماڭماقتا. mu(S 9  
=,sMOJ c>  
     6. شاۋى خىرنەندىس (ئوتتۇرا مەيدان) s%Z3Zj(,8(  
}[1I_)  
بارسىلونا چوڭ مېڭىسى شاۋى 1980-يىلى1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىسپانىيىنىڭ تېرراسادا تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى 170سانتېمىتىر، شاۋى 11يېشىدا بارسىلوناغا قوشۇلغان بولۇپ 97-98-مۇسابىقە پەسلىدە ئۆسمۈرلەر كوماندىسىدىن بارسىلونا ب كوماندىسىغا ئۆرلىگەن، ھەمدە ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە ئوتتۇرا مەيدان تەشكۈللىگۈچى بولۇپ يېتىشىپ چىققان ھەمدە شۇ يىلى ب كوماندىنى يېتەكلەپ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىسپانىيە ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە ئۆرلىگەن. 1998-يىلى دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقا مۇسبىقىسىدە شاۋى تۇنجى قېتىم بىرىنچى كوماندا ئۈچۈن مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەم بىر توپ ئۇرغان، بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ ياخشى باشلىنىش بولماسلىقى مۇمكىن. شۇنىڭدىن كېيىن شاۋى گۇئاردىئولانىڭ ئىزىنى باسقۇچى دەپ قارىلىپ كەلدى ھەمدە1999-00-مۇسابىقە پەسلىدە گوئاردىئولانىڭ يارىلىنىش سەۋەبىدىن ئاساسىي ئەزالىقتىن ئايرىلىشىدىن باشلاپ بارسىلونادا ھازىرغىچە ئوتتۇرا مەيدان تەشكۈللىگۈچى، ئوتتۇرا مەيدان چوڭ مېڭىسىلىك رولىنى ئويناپ كەلمەكتە. -7lJ  
UOq$88sr  
     7. خىنرىك لارسسون (ھۇجۇمچى) ,Ti#g 8j  
1=s%.0  
لارسسون 1971-يىلى9-ئاينىڭ20-كۈنى شىۋىتسىيىدە تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى 178 سانتېمىتىر. لارسسون 2004-05-مۇسابىقە پەسلىدە بارسىلوناغا قوشۇلغان. گەرچە لارسسون بارسىلونادا پەقەت ئىككى مۇسابىقە پەسلىلا تۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەجرىبىسى كوماندا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان، 2006-يىلى ئۇزغۇنلۇقتا چىقارغان ئىككى ياردەمچى پاس بارسىلونانىڭ ئارسىنالنى يېڭىپ چىمپىيون بولۇشىغا بىۋاستە ياردەم قىلدى. 2006-يىلى يازدا ئۇ بارسىلونادىن ئايرىلىپ خېرسىنبۇرگ كوماندىسىغا قوشۇلدى،2006-07-مۇسابىقە پەسلىدە مانچىستىر بىرلەشمىسىدە ئاز ۋاقىتلا تۇرۇپ خېرسىنبۇرگقا قايتىپ كەتتى، 2009-يىلى10-ئايدا پۇتبولچىلىق ساھەسىدىن چېكىندى. HYtkSsXLN  
mI l_ [  
     8.لۇدوۋىچ گىيۇلىي(يان ھۇجۇم) RS$e^_W  
{&3n{XrF(  
گىيۇلىي 1976-يىلى7- ئاينىڭ 10-كۈنى فىرانسىيىدە تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى 164 سانتېمىتىر. مېسسىدىن بۇرۇن گىيۇلىي ئەسلى بارسىلونا ئوڭ يان ھۇجۇمى ئىدى، ھەمدە رونالدىنخو ۋە ئېتتولار بىلەن بارسىلونا ھۇجۇم سېپىنى قۇرغان. گىيۇلىي 2004-يىلى 6-ئايدا بارسىلونا كوماندىسىغا قوشۇلغان ، بارسىلونادىكى جەرياندا گىيۇلىي ئېتتو رونالدىنخولار بىلەن كۈچلۈك ھۇجۇم سېپىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ بارسىلونا چۈش 2-كوماندىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە زور كۈچ قوشتى. 2007-يىلى گىيۇلىي بارسىلونادىن ئايرىلىپ ئىتالىيە رىم كوماندىسىغا قېتىلدى، بىر يىلدىن كېيىن ئۇ «قىزىل بۆرە»دىن ئايرىلىپ پارىژ گېرمان كوماندىسىغا قېتىلدى،ھازىر ئەينى چاغدا نام چىقارغان موناگو كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتىدۇ. ~6 R| a  
     "8s0~ [6S  
     9.سامۇئېل ئېتتو (ھۇجۇمچى) )wAqaG_d  
I#m5Tl|#  
ئېتتو 1981-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى كامىروندا تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى 180سانتېمىتىر. ئېتتو خۇددى تۇغۇلۇشتىلا چېمپىيونلۇق پىشانىسىگە پۈتۈلگەندەك بىر پۇتبولچى. بارسىلونا ھۇجۇم سېپىدىكى ئەڭ قاتىل ھۇجۇمچى بولغان ئېتتو ئەسلى خان مادرىدنىڭ ئادىمى ئىدى، ئۇ 1998-99-مۇسابىقە پەسلى خان مادرىد كۇلۇبىغا قوشۇلغان بولۇپ شۇ يىلى پەقەت بىر قېتىملا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، كېيىن ئۇ مارلوكا كۇلۇبىغا ئىجارە بىرىلگەن، بەش پەسىل مۇسابىقىدە مۇقىم بولغان توپ ئۇرۇش ھالىتىنى ساقلىغان ئېتتو 2004-05-مۇسابىقە پەسلى بارسىلونا كۇلۇبىغا قوشۇلغان ۋە بارسلونانىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسىغا ئايلانغان. ئېتتو مۇھىم بولغان مۇسابىقىلەردە ھالقىلىق توپ ئۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، بارسىلونا چۈش2-كوماندىسى ۋە كېيىنكى گۇئاردىئولا باشچىلىقىدىكى چۈش3- كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم سېپىدىكى ئەڭ ئاساسلىق توپچىلارنىڭ بىرى ئىدى، 2009-يىلى يازدا ئۇ بارسىلونادىن ئايرىلىپ ئېنتىر مىلەن كوماندىسىغا قوشۇلىدۇ ۋە ئېنتىرنىڭ ئۈچ چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرىشىگە زور تۆھپە قوشىدۇ، 2011-يىلى يازدا ئېتتو روسىيە ئەنجى كۇلۇبىغا قوشۇلۇپ دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى مائاشلىق پۇتبولچىغا ئايلىنىدۇ، ئۇ ھازىرمۇ شۇ كۇلۇبتا توپ تەپمەكتە.  4"0`J  
9Y~A2C  
      10. رونالدىنخو (ئوتتۇرا مەيدان، ھۇجۇم)  C^.:{  
Uq7 y4z J  
رونالدىنىخو 1980-يىلى3-ئاينىڭ 21-كۈنى بىرازىلىيىدە تۇغۇلغان. بوي ئېگىزلىكى 182 سانتېمىتىر. رونالدىنخونىڭ بارسىلوناغا قېتىلىشى بىلەن بارسىلونا قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولدى، ئۇ ئۆز پۇتبولى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرگە خۇشاللىق ۋە ھوزۇر ئېلىپ كەلدى. 2003-يىلى بارسىلونا كۇلۇبى رونالدىنخونىڭ كۇلۇبغا قۇشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇنىڭدىن باشلاپ بارسىلونا چۈش2- كوماندىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى باشلاندى، رونالدىنخو بارسىلوناغا كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ماھارىتى ئارقىلىق بارسىلونانى غەلبىگە باشلاپ ماڭدى، ئۇ 2004-يىلى ۋە 2005- يىلى ئۇدا ئىككى قېتىم دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالاندى. ئۇ ئۆز تالانتى بىلەن بارسىلونا چۈش 2- كوماندىسىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان، ئەمما ئۇ بارغانسىرى كېچىلىك بەزمىخانىلارغا بېرىلپ كېتىپ، ئىپادىسى بارابارا تۆۋەنلەشكە باشلىغان، 2008-يىلى يازدا ئۇ بارسىلونادىن ئايرىلىپ ئىتالىيە زەردارى ئا س مىلان كوماندىسغا قېتىلغان، ھەمدە 2009-10-مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە قايتىدىن ئەسلىدىكى ئىپادىسىنى تېپىشقا باشلىغان. 2011-يىلى 1-ئايغا كەلگەندە رونالدىنخو مىلان بىلەن توختامنى بىكار قىلىپ يۇرتىدىكى فىلامىنگو كۇلۇبىغا قوشۇلغان، ھەمدە ئۇ يەردىكى ئىپادىسى ئارقىلىق قايتىدىن بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان، ئۇ ھازىرمۇ شۇ كۇلۇبتا توپ تەپمەكتە. ?DA,] aa-  
jg#%h`  
       11.ماكىشى لوپىز (ئوتتۇرا ھۇجۇمچى) (@mvNlc:  
?> }bg  
ماكىشى لوپىز 1984-يىلى 4-ئاينىڭ3-كۈنى ئارگىنتىنادا تۇغۇلغان. بوي ئېگىزلىكى 188 سانتېمىتىر، ماكىشى لوپىز 2004-يىلى بارسىلوناغا قوشۇلغان بولۇپ، چولپانلار كۆپ بولغان بارسىلونادا پەقەت ئىككى مۇسابىقە پەسلىلا تۇرالىغان، ئۇنىڭدىن كيىن مارلوكاغا ئىجارە بېرىلگەن، مارلوكادا بىر پەسىل تۇرغاندىن كېيىن يەنىلا ئىپادىسى ياخشى بولماي، روسىيە، بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ توپ تەپكەن، 2009-يىلى ئىتالىيەنىڭ كاتانىيە كۇلۇبىغا قوشۇلغان، بۇ پەسىل ئا س مىلان كوماندىسىغا ئىجارىگە بېرىلگەن، ھازىرمۇ مىلاندە توپ تەپمەكتە. J'|qFS  
dtr8u  
       12. ۋان بىرونكخوسىت(يان بېك) 90&ld:97  
$#1i@dI  
ۋان بىرونكخوسىت 1975-يىلى 2-ئاينىڭ5-كۈنى گوللاندىيىدە تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى 178 سانتېمىتىر. ۋان بىرونكخوسىت بارسىلونانىڭ گوللاندىيە توپچىلىرى بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرغۇچى، ئۇ 2003-يىلى ئارسىنالدىن ھەقسىز ھالدا بارسىلوناغا ئىجارىگە بېرىلگەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن بارسىلونادا پۇت دەسسەپ تۇرۇشقا باشلىغان. رىجېكارد ئۇنى ئۆزگەرتىپ سول بېك ئويناتقان ئويلىمىغان يەردىن ۋان بىرونكخوسىت سول بېك ئورنىدا باشقىچە ئىپادىسىنى تېپىپ، سول بېك بولۇپ يېتىشىپ چىققان. ۋان بىرونكخوسىت بارسىلونادا تۆت پەسىل تۇرغاندىن كېيىن، 2007-يىلى گوللاندىيىنىڭ فېييېنود كۇلۇبىغا قوشۇلغان،  2010-يىل 7-ئاينىڭ25-كۈنى رەسمىي ھالدا پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. q@H?ohIH  
NFv9%$l-  
        14.ئېزكىررو(ھۇجۇمچى) x<4-Q6'{S  
5Z,^4 6J  
ئېزكىررو 1976-يىلى12-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى 181سانتېمىتىر. ئېزكىررونىڭ بارسىلونادا بىردىن بىر ئېرىشكىنى ئاسانلا چىمپىيونلۇققا ئېرىشىش بولغان، 2005-يىلى بىلباۋ رىقابەت كۇلۇبىدىن بارسىلوناغا قوشۇلغان، 2008-يىلى يازدا بارسىلونادىن ئايرىلىپ ئوساسوناغا قوشۇلغان. ھازىر پۇتبول مەيدانىدىن چېكىنگەن ئوخشايدۇ.(مەنمۇ ئېنىق بىلەلمىدىم) QD-#sU]  
     7FMO' 'x  
       15. ئېدمىلسون (ئوتتۇرا بېك) p=V (_  
#/\5a;Elc  
ئېدمىلسون 1976-يىلى7-ئاينىڭ 10-كۈنى بىرازىلىيىدە تۇغۇلغان. بوي ئېگىزلىكى 185سانتېمىتىر. ئېدمىلسون 2004-يىلى 7-ئايدا بارسىلوناغا قوشۇلغان، ۋە ئۆزىنىڭ تېخنىكىسى ئارقىلىق بارسىلونانىڭ ئارقا بەل ۋە ئوتتۇرا بېكلىك ئورنىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان، ئېدمىلسون بارسىلونا دىكى ۋاقتىدا ئىككى قېتىم ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، كېيىنچە ئۇششاق يارىلارنىڭ كۆپلىكى تۈپەيلىدىن مەيدانغا چىقىش قېتىم سانى ئازلاپ كەتكەن، 2007-يىلى يازدا بارسىلونادىن ۋېللارىئال كوماندىسىغا قوشۇلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن پارمىلاس ۋە ساراگوسا كوماندىلىرىدا توپ تەپكەن،ھازىر بىرازىلىيىنىڭ سېيالا كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتىدۇ. %s6|w=.1  
q ;1]M[&  
       16.سىلۋېنخو(يان بېك) :D`ghXj  
; 
سىلۋېنخو 1974-يىلى 7-ئاينىڭ12-كۈنى بىرازىلىيىنىڭ سان پاۋلودا تۇغۇلغان. بوي ئېگىزلىكى173 سانتېمىتىر. سىلۋېنخو ھۇجۇم ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان يان بېك بولۇپ، ئۇ 2004-يىلى بارسىلوناغا قېتىلغان، ھەمدە كوماندا بىلەن 2005-،2006-يىللىرى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چىمپىيونلىقىنى ھەمدە 2006-يىلى ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى چىمپىيونلىقىنى ئالغان. سىلۋېنخو مېسسىنىڭ دادىسىدەك شەخىس ئىدى، ئۇنىڭ كەمتەر مىجەزى ئۇنى پۈتۈن بارسىلونا كوماندىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغان. ئۇ چۈش 2-كوماندىسىغا شاھىت بولۇپلا قالماي، چۈش3-كوماندىسىنىڭ قۇرۇلىشىغا تۆھپە قوشقانلارنىڭ بىرى، ئۇ بىر ئۇلۇغ ئادىمىيلىك ۋە كەسپىي ساپاغا ئىگە توپچى ئىدى، سىلۋېنخو 2009-يىلى بارسىلونا كۇلۇبى بىلەن بولغان توختامى توشۇپ،شۇ يىلى ھەقسىز ھالدا مانچىستېر شەھرى كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 2010-يىلى يازدا مانچىستىر شەھرىدىن ئايرىلغان، ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا مەيدان ئويناپ بېقىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ ، ئەمما تەن ساپاسىنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن يەنىلا پۇتبولچىلىقتىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغان. N'R^S98x  
`L`*jA+_  
       17. ۋان بومېل(ئارقا بەل) ?cr;u~-=  
F.c`0u;=  
ۋان بومېل 1977-يىلى4-ئاينىڭ 22-كۈنى گوللاندىيىدە تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى 187سانتېمىتىر. 2005-يىلى ۋان بومېل ئەركىن توپچى سالاھىتىدە بارسىلونا كۇلۇبىغا قوشۇلغان، ئۇ بارسلونادا پەقەت بىر پەسىللا تۇرغان بولسىمۇ، ئالقىش سادالىرى ئىچىدە چېمپىيونلۇقتىن ئىبارەت شان شەرەپنى ئېلىپ خوشلاشقان، 2006-يىلى يازدا ئۇ گېرمانىيىنىڭ بايرىن ميۇنخېن كۇلۇبىغا قوشۇلغان، ھەمدە 2008-يىلى بايرىن تارىخىدىكى تۇنجى چەتئەللىك كوماندا باشلىقى بولۇپ قالغان، ئۇ 2011-يىلى 1-ئايدا ئا س مىلان كوماندىسىغا ئەركىن توپچى سالاھىيىتىدە قوشۇلغان، ھازىرغىچە ئا س مىلاندا توپ تېپىۋاتىدۇ. *A2J[,?c  
%@q52ZQ  
       18. گابرى(ئوتتۇرا مەيدان) v=nq P{  
5%D:w S1  
گابرى 1979-يىلى2-ئاينىڭ10-كۈنى ئىسپانىيىدە تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى 174 سانتېمىتىر. گابرى بارسىلونا ياشلار تەربىيىلەش بازىسىدىن چىققان، ئەمما ئۇ بارسىلونادا ئانچە ئۇتۇق قازىنالمىغان ، ئۇ 1999-00-مۇسابىقە پەسلىدە بارسىلونا بىرىنچى كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولغان، ئەمما ئانچە كۆپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن، 2006-يىلى گوللاندىيە ئاجاكىس كوماندىسىغا قوشۇلغان،2010-يىلىغا كەلگەندە گابرى قاتار بىرلەشمىسىدىكى ئۇم سالال كوماندىسى بىلەن توختام ئىمزالىغان،ھازىرمۇشۇ كوماندىدا توپ تېپىۋاتىدۇ. t,= ta{ a  
~R-S$qizAC  
      19.لىئونىل مېسسى (ھۇجۇمچى) ;%2/  
Qi2yaEB  
مېسسى 1987-يىلى6-ئاينىڭ24-كۈنى ئارگېنتىنادا تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى169سانتېمىتىر. مېسسى ھازىر ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق گىگانىت چولپانغا ئايلاندى، مېسسى بارسىلونا ياشلار تەربىيىلەش بازىسىنىڭ ئەڭ ئۇتۇقلۇق توپچىلىرىنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ، ئۇ 13يېشىدىلا بارسىلوناغا كەلگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا مېسسى راخىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن داۋالىتالمىغان، دەل شۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ تالانتىنى بارسىلونادىكى رېكساچ بايقايدۇ ھەمدە ئۇنى بارسىلوناغا ئېلىپ كېلىپ داۋالىتىدۇ،داۋالاش ئارقىلىق 2003-يىلىغا كەلگەندە مېسسىنىڭ بوي ئېگىزلىكى 169سانتېمىتىرغا يېتىدۇ، مېسسى 2003-يىلى 11-ئايدا پورتۇ بىلەن بولغان دوسلۇق مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم بارسىلونا بىرىنچى كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ،بىر يىلدىن كېيىن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە تۇنجى قېتىم بىرىنچى كوماندا ئەزاسى سۈپىتىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. مېسسى باش تېرىنىر لىجىكارد تەرىپىدىن بارسىلونا بىرىنچى كوماندىسىغا ئۆرلىگەندىن كېيىن باشقا سەبداشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىدۇ، ھەمدە بارسىلونا بىرىنچى كوماندىسىدا مۇقىم بولغان ئورۇنغا ئېرىشىدۇ، مېسسىنىڭ بەش ئادەمدىن ئۆتۈپ ئۇرغان توپى، «تەڭرىنىڭ قولى» دىگەندەك ئۇرغان توپلىرى بولغانلىقتىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئىلگىرىكى پۇتبول شاھى مارادونا بىلەن ئوخشىتىپ تەرىپلىشىدۇ. ئۇ 2009-،2010-،2011-يىلى ئۇدا ئۈچ قېتىم دۇنيا پۇتبول ئەپەندىس بولۇپ باھالىنىدۇ، ئۇ تېخى تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدە قالپاق ئويۇنى ئويناپ، بارسىلونا ئۈچۈن 234 توپ ئۇرۇپ ئىلگىرىكى مەرگەن سەيساردىن ئۆتۈپ كېتىپ بارسىلونا تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان مەرگەنگە ئايلاندى. k:s}`h _n  
&#v^y 3r  
     20.ئاندىرسون دېكو (ئوتتۇرا مەيدان) ~1wAk0G`n  
7}-.U=tnP  
دېكو 1977-يىلى8-ئاينىڭ27-كۈنى بىرازىلىيەدە تۇغۇلغان، كېيىن پورتۇگالىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن بولۇپ، بىرازىلىيە ۋە پورتۇگالىيە قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە، ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى174سانتېمىتىر. دېكو ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ ئالقىشغا ئېرىشكەن ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى، ئۇنىڭ بىرازلىيىلىك توپچىلاردا بولىدىغان تەبىئىي تالانتتىن باشقا يەنە تىرىشچانلىقى، ئۇنى باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرىقلەندۈرۈپ تۇراتتى، دېكو 2004-يىلى پورتۇدىن بارسىلوناغا قوشۇلغان بولۇپ ، ئەينى چاغدا رونالدىنخونىڭ زاپاس ئەزاسى بولىدۇ دەپ قارالغان دېكو لىجېكاردنىڭ ئارقا بەلگە ئورۇنلاشتۇرىشىنى يۇۋاشلىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ئارقا بەل ئورۇندا باشقىچە ئېچىلىپ كېتىدۇ ۋە بارسىلونا كوماندىسىنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ، 2008-يىلغا كەلگەندە دېكو بارسىلونادىن ئايرىلپ چېلسى كۇلۇبىغا قېتىلىدۇ، كېيىنچە يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئىپادىسى بارابارا تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، 2010-يىلى 8-ئايدا دېكو بىرازىلىيىنىڭ فىلۇمىنېنسى كۇلۇبىغا قوشۇلۇپ، ھازىرغىچە شۇ كۇلۇپتا توپ تېپىۋاتىدۇ. ^Tc&?\3  
</tiNc  
       23.ئولېگىر(بېك) 'VFxg,  
>Mj :'  
ئولېگىر 1980-يىلى2-ئاينىڭ2-كۈنى ئىسپانىيىدە تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى187سانتېمىتىر. ئولېگىر بارسىلونا ياشلار تەربىيىلەش بازىسىدىن چىققان بولۇپ، 2004-يىلى بارسىلونا بىرىنچى كوماندىسىغا ئۆرلىگەن، دەسلەپتە ئورۇن ئېلىش جەھەتتە خاتالىقلارنى سادىر قىلاتتى ، ئەمما ئۇ بارغانسىرى پىشىپ يېتىلىپ، لىجېكاردنىڭ قولىدىكى ئاساسلىق ئەزاغا ئايلانغان. 2008-يىلى يازغا كەلگەندە ئولېگىر گوللاندىيە زەردارى ئاجاكىسقا قوشۇلغان، باشتا زاپاس ئەزا بولۇپ قالغان بولسىمۇ، تەدرىجىي ھالدا ئاجاكىسنىڭ ئاساسلىق ئەزاسىغا ئايلانغان، ئۇ ھازىرمۇ ئاجاكىستا توپ تەپمەكتە. T nAd!  
dMw7Lp&  
       24. ئاندىرىس ئىنىستا (ئوتتۇرا مەيدان) |4YDvDEJi  
@cAv8i K  
ئىنىستا1984-يىلى5-ئاينىڭ11-كۈنى ئىسپانىيىدە تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى170سانتېمىتىر. ئىنىستامۇ بارسىلونا ياشلار تەربىيىلەش بازىسىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ ، 12ياش ۋاقتىدىلا بارسىلوناغا كەلگەن. 2002-يىلى تۇنجى قېتىم بارسلونا بىرىنچى كومادىسى ئۈچۈن مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋە بارابارا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئارقىلىق بىرىنچى كوماندىدا پۇت دەسسەپ تۇرغان، 2006-يىلىغا كەلگەندە رەسمىي ھالدا پىشىپ يېتىلىپ شاۋى يارىلانغان چاغدىكى بوشلۇقلارنى تولۇقلىغان، ئىنىستا لىجېكاردنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان ھەمدە تەدرىجىي ھالدا دۇنياۋىي ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بولۇپ يېتىشىپ چىققان. ئىنىستا كۆپ ئىقتىدارلىق توپچى بولۇپ، ئۇ ھەم ئالدى بەل، ھەم يان ھۇجۇم ۋە سايە ھۇجۇمچىلىق مەجبۇرىيىتىدىن تولۇق چىقالايدىغان بولۇپ، بارسىلونا كوماندىسى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان توپچىغا ئايلاندى. x?KgEcnw2X  
!~04^(  
         25.ئالبېرت جوركىرا(ۋارىتار) &zlwV"W  
W d_bDZQ  
جوركىرا 1979-يىلى3-ئاينىڭ3-كۈنى ئىسپانىيىدە تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى183سانتېمىتىر. جوركىرا بارسىلونا ياشلار تەربىيىلەش بازىسىدىن يېتىشىپ چىققان بولۇپ، 2003-04-مۇسابىقە پەسلىدە جوركىرا تۇنجى قېتىم بارسىلونا بىرىنچى كوماندىسى ئۈچۈن مۇسابىقىگە قاتناشقان، 2004-يىلى بىر مۇسابىقىدە بارسىلونا كوماندىسىدىكى رۇستۇ ۋە ۋالدېسلارنىڭ مەيدانغا چىقالماسلىقى سەۋەبىدىن لىجېكارد ئۇنى مەيدانغا چۈشۈرگەن، ئۇ ئۆزىنىڭ يامان ئەمەس ئىپادىسى بىلەن بىرىنچى كوماندىنىڭ زاپاس ۋارىتارسى بولۇپ قالغان. ئۇ ئاساسلىقى بەزى بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ۋە ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چىقىدىغان بولۇپ، 2007-يىلىغا كەلگەندە ئۇ ئېغىر يارىلانغان، بۇ ۋاقىتتا بارسىلونا ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئۇنىڭ بىلەن توختام ئۇزارتقان، 2009-يىلى ئۇ بارسىلونا بىلەن بولغان توختامنى بىكار قىلىپ ئىسپانىيە ب دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى گىرونا كوماندىسى بىلەن توختام تۈزگەن، 2010-يىلى ئۇ پۇتبول ساھەسىدىن چېكىنىپ چىققان بولۇپ، گىئولوگلۇق ئوقۇش ئۈنۋانى ئالغان، ھازىر ياقۇت سودىسى بىلەن شۇغۇللانماقتا. &BqRyUM$F  
wg^#S  
                 +Qt=N6>  
بەزى ئاتالغۇلارنى توغرا ئىشلىتەلمىگەن بولسام كۆپچىلىك تۈزىتىپ بېرەرسىلەر ]G1{@r)  
كۆپچىلىكنىڭ زېرىكمەي ئوقۇپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن!
[ بۇ يازمىنىanwar310دە2012-03-21 22:44قايتا تەھرىرل ]
خەير خوش گۇئاردىئولا!!!
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ھەۋەسكار پۇتبولچى

UID: 9122
جەۋھەر: 1
يازما: 514
شۆھرەت: 600 نۇمۇر
پۇل: 200496 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 213(سائەت)
تىزىملاش: 2011-06-01
ئاخىرقى: 2012-05-26
1  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-21 21:44

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى ronaldo10دە2012-03-21 19:00يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : dWR?1sV|e  
سالام سائىتىڭىز خىلى جايىدا ئىكەن ھە   i/C#fIB2  
ئەمىلىيەتتە مەن بارسىلونانىڭ رونالدىنخو ۋە ئىيتو بار دەۋرىنى ياخشى كۆرىمەن   t82Bp[t  
:7W5R  
گەرچە سەرالىق بوساقمۇ سالام سائىتىمىز خېلى جايىدا جۇما.
خەير خوش گۇئاردىئولا!!!
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ھەۋەسكار پۇتبولچى

UID: 9122
جەۋھەر: 1
يازما: 514
شۆھرەت: 600 نۇمۇر
پۇل: 200496 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 213(سائەت)
تىزىملاش: 2011-06-01
ئاخىرقى: 2012-05-26
2  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-21 22:46

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 12قەۋەتتىكى بىرازىلىيەدە2012-03-21 20:23يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : _NA]= #J  
7yQ r  
$?*+P``  
C$,S#n@  
6|_ S|N  
ماۋۇ يەردە ئازراق خاتالىق باردەك قىلىدۇ... t{?_]2vl  
....... K VQZ  
& 
تۈزىتىپ قويدۇم،