تۇرپان «قاڭقىل تائاملىرى» پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 2- ئايلانما مۇسابىقىسى 18- مارت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. بۇ ئايلانمىدا جەمئىي 21 توپ كىردى، گەرچە توپ سانى ئالدىنقى ئايلانمىغا يەتمىسىمۇ، لېكىن بىر نەچچە يورۇق نۇقتا بايقالدى. يەنى توقسۇن 1- ئوتتۇرا (بوران) كوماندىسىنىڭ بىرلەشمىمىزگە رەسمىي قاتناشقانلىقى، ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ھەيئەت ئەزالىرىنى شۇنداقلا مەيداندىكى بارلىق مەستانىلەرنى تۇلىمۇ خۇشال قىلدى، ئۇلارنىڭ چىھرىدە قايىللىق ئىپادىلىرى جىلۋە قىلدى. مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ھەيئەت ئەزا ۋەكىلى قىسقا سۆز قىلىپ، بوران كوماندىسىنى قارشى ئالىدىغانلىقى بىلدۈردى ۋە بۇ ئۆسمۈر بۇژغۇنلارغا رىغبەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن پۇتبول كىيىمى قاتارلىقلار تەقدىم قىلىندى. U^OR\=G^
CW~c<,"
مۇسابىقە چۈشتىن بۇرۇن ئىككى مەيدان، چۈشىتىن كېيىن ئىككى مەيدان ئېلىپ بېرىلدى.
ئەلقىيا كوماندىسى 2 : 3 ئىتتىپاق كوماندىسى
ئەلقىيا كوماندىسى [ _&z+
ئىتتىپاق كوماندىسى Qs_]U
t;lK=m|
ئىتتىپاق كوماندىسىنىڭ سەپ تۈزۈلمىسى ئالدىنقى ئايلانمىدىكىگە قارىغاندا كۆپ ئۆزگەرگەن بولۇپ، قارىغاندا ئۇلار تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، قاتتىق كاللا قاتۇرۇش ئارقىلىق، ھەم ئۆز كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان، ھەم ئەلقەمجان كاپىتانلىق قىلىۋاتقان ئەلقىيا كوماندىسىغا تاقابىل تۇرالايدىغان سەپ تەشكىللىگەندەك قىلاتتى. ئەلقەمجان بولسا بۇرۇنقى سەپنى ساقلاپ، ئالدى بىلەن چەۋەندازلىرىنى تېزراق مۇسابىقە ھالىتىگە كىرگۈزىۋېلىشنى ئويلاۋاتاتتى. مۇسابىقە باشلاندى. ھەر ئىككى تەرەپ كاپىتانلىرى چەۋەندازلىرىغا سەپنى ساقلاشنى توختىماي ئەسكەرتىپ تۇردى، مەيدان بىردىنلا جىددى ھالەتكە كىردى. كىچىككىنە بىرەر سەۋەنلىكمۇ نومۇر كەتكۈزۈپ قويۇشقا سەۋەب بولۇپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بۇ چەۋەندازلار ئىمكان بار خاتالىق سادىر قىلماي، قارشى تەرەپنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزىشىنى كۈتكەندەك ئالدىراپ ھۇجۇم قىلمىدى. لېكىن ئەلقەمجاننىڭ ھۇجۇم تەشكىللەش جەھەتتىكى چەبدەسلىكى قارشى تەرەپ كاپىتانى دىلشاتنىڭ كاللىسىدا ناھايىتى ئايدىڭ ئىدى. ئۇ بىر مۇداپىئەچىنى توختىماي ئەلقەمجانغا ئەگىشىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئەلقەمجاننىڭ توپ يەتكۈزۈش لىنىيەسىنى توختىماي كۈزىتىپ، يۇچۇق چىققان ھامان ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، توپ ئۈزدى. شۇنداق قىلىپ ئىتتىپاق كوماندىسى ئالدىنقى ئايلانمىدىكى مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى مىنۇت بولمايلا توپ يىيىشتەك پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداننىڭ يېرىمىغا كەلگەندە ئىتتىپاق كوماندىسى قارشى تەرەپ يېرىم مەيدانىدا دائىرە سىرتىدىكى توپنى باشلاش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. توپ كۈچەپ ئېتىلىپ ئەلقىيا كوماندىسىنىڭ ۋاراتارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدى، ئىتتىپاق كوماندىسىدىكى بارى بەدەن ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، بۇ توپنى ئۈسۈپ كىرگۈزدى. ئىتتىپاق ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىكىدى. لېكىن ئەلقىيا بۇنىڭلىق بىلەن كەپىياتىنى يۇقىتىپ قويمىدى، ئەلقەمجاننىڭ ئەپچىللىك بىلەن توپ ياسىشى، ھۇجۇمچىسىنىڭ چەبدەسلىكى نەتىجىنى بىردەمدىلا تەڭلەشتۈردى، ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي ئىتتىپاقتىكى بارى كەينى مەيداندىن دۈشمەن ئالدىنقى سېپىدىكى ھۇجۇمچىسىغا توپ يەتكۈزۈپ بەرمەكچى بولۇپ، ئۇزۇن پاس بەردى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ توپنىڭ سۈرىتى سەل تېز بولۇپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ ھۇجۇمچىسى ۋە قارشى تەرەپ ۋاراتارىنى تەمتىرىپ قويدى، توپ شۇ ماڭغان پىتى تورغا چۈشتى. ھېسابتا بارى يىراقتىن بىر توپ ئورغان بولۇپ، ئىتتىپاق يەنە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا ئەلقەمجان كۈچلۈك ھۇجۇم تەشكىللەپ 1- توپقا ئوخشاش يۆلىنىشتە توپ ياسىدى، ھۇجۇمچىسىمۇ ئۇنى نائۈمىدتە قويمىدى، نەتىجە يەنە تەڭلەشتى. مۇشۇ توپتىن كېيىنلا ئەلقىيا بىر نۇقتا توپقا ئېرىشتى، چوڭ بۇرۇلۇش بولدى دەپ ئويلىغان مەستانىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ كەتتى، ئەلقەمجان بۇ نۇقتا توپنى مۇداپىئە تۆۋرۈكى ۋەلىگە تاپشۇردى، ۋەلى ئۆزىگە بولغان تولۇق ئىشەنچ بىلەن توپنى تەپكەن بولسىمۇ، ئىتتىپاقنىڭ ۋاراتا تۆمۈرى ئۇلارغا ياردەم قىلىپ بۇ توپنى توسۇپ قالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان 2:2 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. cUU"*bA#
fyv S1_
كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئىتتىپاق ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بىراقلا ئۈچ ئادىمىنى ئالماشتۇرۇپ، بىر ھۇجۇمچىغا بىر مۇداپىئەچى ئەگىشىش تاكتىكىسىنى قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا پىچانلىق ئۆمەرجاننى دۈشمەن مۇداپىئە سېپىدە ئەركىن ئەزا سۈپىتىدە تۇرغۇپ قويدى. ئەلقىيا شىددەتلىك ھۇجۇمنى باشلىدى، مۇسابىقىدە تولىمۇ كەسكىن ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئىككىلا كوماندا ئالدىنقى ئايلانمىدا نومۇر ئالالمىغاچقا، بۇ ئايلانمىدا ئۈچ نومۇرنىلا مەقسەت قىلغاندەك قىلاتتى. شىددەتلىك ئېلىشىش، ئەلقىيانىڭ قورشاۋ ھۇجۇمى، ئەزىمەتلەرنىڭ يەكمۇ – يەك ئېلىشىشى قاتارلىقلار مەستانىلەرنى تولىمۇ جەلىپ قىلدى. گەرچە ئەلقەمجان توختىماي باش قاتۇرۇپ، ھۇجۇم تەشكىللىگەن بولسىمۇ ئىتتىپاقنىڭ مۇداپىئەسىنى بىتچىت قىلالمىدى. ئەلقىيانىڭ بىر چەۋەندازى يارىلىنىپ مەجبۇرى ئادەم ئالماشتۇرۇلدى. بۇ ۋاقىتتا ئەلقىيانىڭ ئۈزلۈكسىز قىلغان ھۇجۇمى ئۇلارنىڭ چەۋەندازلىرىنىڭ كۈچىنى سەل خورىتىپ قويغان ئىدى. پۇرسەت كەلگەنلىكىنى پەملىگەن ئىتتىپاقنىڭ مۇداپىئە ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى پەرھات تېز سۈرەتتە توپنى سۈرۈپ قارشى تەرەپ ۋارىتارىنىڭ سول تەرىپىگىچە يېتىپ كېلىپ، ئوتتۇرىدىكى ھۇجۇمچى ئۆمەرجانغا ئەپچىللىك بىلەن توپنى يەتكۈزدى، ئۆمەرجانمۇ ناھايىتى چەپدەسلىك بىلەن توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى. شۇنىڭ كېيىن ئىتتىپاق كوماندىسى قالقاندەك مۇداپىئە سېپى ھاسىل قىلىپ، توپ ئۆتسە ئادەمنى، ئادەم ئۆتسە توپنى تۇتۇپ قىلىشتەك ئىدىيە بىلەن ئەلقىياغا قىلچىمۇ پۇرسەت بەرمىدى. ئەلقىيا ھۇجۇمنى خىلى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، چەۋەندازلىرى ھالسىرىغان، ۋاقىت بارغانسىرى ئاز قېلىۋاتقان مۇشۇنداق جىددىي ۋەزىيەتتە بىرەر ئۈنۈملۈك چارە تاپالمىدى. سىۋىتچىك چېلىنىپ مۇسابىقە ئاخىرلاشتى، ئىتتىپاق تۇنجى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۈچ نومۇرغا ئېرىشتى، ئەلقىيا ئۇدا ئىككى ئايلانما 2 : 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولدى.
>7QC>ws% wPpe
rn05
e{*z4q1 بۆرە كوماندىسى 4 : 2 پەتتار ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كوماندىسى ^~m}(6
?/Z5%?6 بۆرە كوماندىسى 6/L34VH پەتتار ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كوماندىسى +K"d\<
@86I|cY
مەزكۇر مۇسابىقىنى مۇئەللىپ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن كۆرەلمەي قالدى، شۇڭا تەپسىلاتى يېزىلمىدى. l~GcD
O@,9a~Ghd
XE :JL_ سىڭگىم خانتاجى كوماندىسى 4 : 2 توقسۇن 1- ئوتتۇرا بوران كوماندىسى =' #yG(h
~*ll,
سىڭگىم خانتاجى كوماندىسى YRJw,xl
gJuA*^ 
توقسۇن 1- ئوتتۇرا بوران كوماندىسى
]08
~"p
تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن بوران كوماندىسى مەيدانغا كىردى. قىسقىغىنە كۈتىۋېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن مۇسابىقە باشلاندى. i^&^eg'.5
zgA/B{DaC;
دەسلەپتە ھەر ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنى دەڭسەپ بېقىۋاتقاندەك كۈچەپ ھۇجۇم قىلماي، دوستانە ھالەتنى ساقلىدى. بوران كوماندا ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئۆسمۈر بالىلار بولۇپ، دەسلەپكى كۈزىتىشتىن قارىغاندا ئاساسىي تېخنىكىسى ياخشى، تۆۋەن دەرىجىلىك سەۋەنلىكلەر ئاسانلىقچە كۆرۈلمەيدىغاندەك قىلاتتى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ 5- نومۇرلۇق ۋە 10- نومۇرلۇق ھۇجۇمچىلىرى توپ ئالغاندا خانتاجى كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەسىگە خىلى بېسىم پەيدا بولدى. لېكىن بۇ بۇژغۇنلار تېخىمۇ كۆپ مۇسابىقىگە، تېخىمۇ كۆپ تەجرىبىگە ئېھتىياجلىقتەك قىلاتتى. خانتاجى كوماندىسىدىكى ئاساسلىق ھۇجۇمچى دىلمۇرات پىشقان ماھىر بولۇپ، تەنھا ھەرىكەت قىلىشقا ئامراق ئىدى. ئۇ مۇسابىقە باشلىنىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بىر توپ ئۇرۇپ، ۋاقىتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي خانتاجى كوماندىسى يەنە بىر توپ ئۇردى. نەتىجە 2 : 0 بولدى. بوران كوماندىسىمۇ بوش كەلمەي پۈتۈن سەپ تەڭ ھەمكارلىشىپ بىر توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا خانتاجى كوماندىسى يەنە ئىككى توپ، بوران كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجە 4 : 2 بولدى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا بوران كوماندىسىغا بىر نەچچە ئەجەللىك پۇرسەت كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن پۇرسەتنى تۇتالماي قالدى. شۇنىڭ بىلەن نەتىجە 4 : 2 بىلەن ئاخىرلاشتى. Vw b6QIs
8hm|9
مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەستانىلەر بوران كوماندىسى توغرىسىدا بەس – مۇنازىلەر قىلىشتى. ئۇلار بوران كوماندىسىنىڭ مۇشۇ ئىرادە بىلەن داۋاملىق تىرىشسا يېقىن كەلگۈسىدە باش كۈتۈرۈپ چىقىشىدىن ئۈمىد زور ئىكەن دەپ قاراشتى.
##qs{s^]
`'M}.q,k~
63y&M