مەن بۇ مۇسابىقىگە‹ BORAN › كوماندامنى قاتناشتۇرالىغانلىقىمدىن بەك خوش بولدۇم ،ھەم مېنىڭ بۇ كىچىك ئەزىمەتلىرىمگە ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش پۇرسىتىنى بەرگەن پوتبولچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىسساقجان قاتارلىق قېرىنداشلىرىمغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . tW4|\-E"s4
كوماندا ئەزالىرىم ياش جەھەتتە چوڭى 17ياش كىچىكلىرى 14 ياش بولۇپ ئەمدىلا تۇلۇقسىز 2-يىللىقتا ئوقۇيدۇ ،مەن تۇرپان ۋىلايىتىمىزدە پوتبولچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ ،ھەمدە تۇنجى قېتىملىق ئايلانما مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئاڭلاپ شۇ خوشلىقىمدا بۇ پائالىيەتنى ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن قوللايدىغانلىقىمنى بىلدۈرىش مەقسىدىدە قاتناشتۇردۇم . گەرچە نەتىجە كۆرۈنەرلىك بولمىسىمۇ باشتىن ئاخىرى بەرداشلىق بېرىپ بىخەتەر ھالدا مۇسابىقىنى تاماملىيالىسا شۇنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى غەلىبە ! چۈنكى مەغلوبىيەت غەلىبىنىڭ ئانىسى ! مۇسابىقە جەريانىلا ، بالىلار ئۈچۈن ياخشى بىر مەشىق . ئەمەلىي بىلىم ، مۇسابىقە جەريانىدا تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ .