سىز بۇ تېمىنىڭ 2695 - ئوقۇرمىنى
تېما: چىملىقتىكى قاپلان- نەسرۇللا ھەسەن
ئارچا تەنتەربىيە كىيىملىرى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
UID: 8331
جەۋھەر: 15
يازما: 102
شۆھرەت: 1470 نۇمۇر
پۇل: 300388 سوم
تۆھپە: 45 نۇمۇر
ياخشى باھا: 130 نۇمۇر
توردا: 222(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2012-04-25
0  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-25 12:33

چىملىقتىكى قاپلان- نەسرۇللا ھەسەن

ئەسكەرتىش: بۇ يازما nijat تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-02-25)
دىيارىمىز قوينىدا يىتىلىپ ئۇچۇرما  بولۇپ پۇتبول مەيدانىدا ئۆزلىرىنىڭ ناملىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن  نۇرغۇن ماھىرلار بار. بۇنداق ماھىرلىرىمىز ھازىرمۇ كۆپلەپ يىتىشىپ چىقىۋاتىدۇ. بۇ ماھىرلار ئارىسىدا خەنجەردەك ھۇجۇمچىلارمۇ، قۇيۇندەك ئوتتۇرا مەيدان ماھىرلىرىمۇ، سىپىلدەك  مۇستەھكەم، چەبدەس سەزگۈر بىكلەرلا بولۇپلا قالماي،يەنە پۇلات قالقاندەك مەزمۇت، قاپلاندەك شاش قاپقىچىلىرىمىزمۇ بولغان. دىيارىمىزنىڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ مەلۇم دەۋرىگە ۋەكىلىك قىلىدىغان شانلىق نەتىجىلەرنىڭ يارىتىلىش تارىخى دەل مۇشۇنداق باھادىرلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن. شۇ سەۋەپ مۇشۇنداق ماھىرلارنىڭ ئاددى ئەمما مەنىلىك پۇتبولچىلىق ھاياتى ھەققىدە ئىزدىنىپ، ئۇلارنى پۇتبولچىلىق تارىخىمىزنىڭ بىر بىتىگە بولسىمۇ پۈتۈپ قويۇش بىزنىڭ مەسئۇلىيىمىزدۇر. بۇلاردىن بىرى شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۈنۋىرسىتى پۇتبول كۇماندىسى تەركىۋىدە 2010-يىلى ئالى مەكتەپلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شەرەپ تاجىنى دىيارىمىز كۇماندىللىرىنىڭ بىشىغا كەيدۇرۇشكە تۆھبە قوشقان ماھىر –نەسرۇللا ھەسەندۇر . yMCd5%=M\  
+t`QHvx v  
ئاتۇش ئۇيغۇر يىقىنقى زامان پۇتبولچىلىقى بارلىققا كەلگەن ماكان بولۇپ، يىقىنقى يۇز يىلدىن بىرى بۇ جاينىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرى ئالدىنقى قاتاردا مىڭىپ ئۆسمۇرلەر پۇتبولچىلىقىنىڭ سەرگەردىلىك رولىنى ئويناپ كەلمەكتە. ئەمما،بۇ دىياردا يىتىلىپ چىقىپ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز  شۇنداقلا مەملىكەت ئىچىدە تونۇلغان نەۋقىران  پۇتبولچىلار كۆپ ئەمەس. نۇرغۇنلىغان تالانتىلىق پۇتبول مايسىللىرى ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويىشى بىلەنلا پۇتبول مەيدانىدىن خوشلىشىپ كەلگەن. ئەمما نەسرۇللا  ئۆزىنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىنى بالىلىقتا توپ تەپكەن تەڭتۇش دوسلىرىغا نىسبەتەن چەكسىز مۇھەببەت، چىدام غەيرەت،تىرىشىش ئىچىدە نۇرلاندۇرغان بىر ئەزىمەت پۇتبولچىدۇر.  ھەركەت،قىياپەت جەھەتتە چەبدەس قاپلاندەك بۇ ئەزىمەتنىڭ ھىكايىسى تاشلىقتا تاش تىپىپ ، شىغىللىق مەيداندا يىقىلىپ قوپوپ چوڭ بولغان تاشلىق زىمىننىڭ پۇتبولچى ئەزىمەتلىرى قاتارىدا تاشلىق زىمىن ئاتۇشنىڭ قوياشنى كۇيدۇردىغان قوينىدىن باشلىنىدو. & GM&,  
نەسروللا 1986-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان.  1990-يىللار ئاتۇشتا مەكتەپ پۇتبولى شۇنداقلا ئاممىۋى پۇتبولچىلىق تەرەققى قىلغان، مەكتەپلەردە قۇرۇلغان مۇنتىزىم ياكى يىرىم مۇنتىزىم مەشىق ئاساسىغا ئىگە كۇماندىلار ئارا مۇسابىقىلار بولۇپ تۇرۇشتىن تاشقىرى يەنە ئارىيەتچىلىكى كۈچلۈك يىزىلار ئارا  پۇتبول مۇسابىقىللىرىنىڭ دائىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇلىشى تۈپەيلى، شۇنداقلا ئاتۇش دىيارىدىكى پۇتبولغا بولغان ئەنئەنىۋى ھىرىسمەنلىكنىڭ بەكمۇ چۇڭقۇر دەرىجىدە  يىلتىز تارتقانلىقىدىن پۇتبول توپى بايۋەچچىلەرنىڭ پىكاپلىرىدا، ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشخانىلىرىدا، ياش سودىگەر يىگىتلەرنىڭ دۇكانلىرىدا ھەتتا قىزىققان دىھقان يىگىتلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە ساقلىنىپ، ئوڭغۇل –دوڭغۇل يەرلەر ئىچىدىن توپ تەپكىلى بولىدىغانلا يەر بولسا شۇ جاينى سۇرەن-  شاۋقۇن قاپلاپ مۇسابىقە قىزىيدىغان بىر دەۋىر بولوپ، شەھەرباللىرى «مەيدان» دەپ ئاتىلىدىغان، توپا-شىغىل ئارىلاش يەردە دائىملىق مەشىق قىلىشسا، يىزا باللىرى مەكتەپتىن يانغاندىن كىيىن ياز كۈنلىرى مەكتەپ مەيدانلىرى ۋە ئىتىزلىق، قىش كۈنلىرى ئاغدۇرۇپ قويۇلغان ئىتىزلىق، ھىچ بولمىسا چوڭ يولدا پۇتبولنىڭ كەينىدىن ئۇچۇپ يۇرىشەتتى.چىملىق مەيدان شۇ دەۋىردە تىلۋىزۇر ۋە رەسىمدىلا كۆرگىلى بولىدىغان يەر بولوپ، نۇرغۇن ئۆسمۇرلەر مانا مۇشۇنداق شارائىتتا بىر ماھىر ئۆسمۇر پۇتبولچى بولوپ يىتىشىپ چىقاتتى. ناچار مۇھىت بالىلارنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاپ  بىر قەيسەر بولوپ چىقىشىغا تۈرتكە بولاتتى. 97~*Z|#<+  
dt=5 Pnf[y  
نەسروللا 1993-يىلىدىن 1999- يىلىغىچە شەھەرلىك ئىككىنجى باشلانغۇچتا ئوقوغان. مەكتەپتىن يانغاندىن كىيىن مەھەللىلەر ئارا ئېلىپ بىرىلدىغان كىچىك مۇسابىقىلەردە مەھەللىنىڭ پۇتبولدىكى تايانچىللىرىدىن بولوپ قالغان. 1999-يىلى نەسرۇللا ئاتۇش شەھەرلىك بىرىنجى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقوشقا كىرىدو. بۇ مەكتەپ ئاتۇشنىڭ پۇتبول بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولۇپ، مەكتەپ رەھبەرلىكى ئەزەلدىن پۇتبولغا كۆڭۇل بۆلۇش بىلەن، مەكتەپمۇ ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە چىمپىيۇن چىقىش بىلەن داڭق چىقارغان ئىدى. بولوپمۇ ئاتۇشنىڭ ئۆسمۇرلەر پۇتبولچىلىقنىڭ پىشۋاسى بارىجان مۇئەللىم دەل مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقوتقۇچىسى بولوپ، مۇشۇنداق شارائىت نەسرۇللانىڭ سىستىمىلىق مەشىق ئىلىشىغا پايدىلىق روللارنى ئوينىدى. ئۇنىڭ چوڭ مۇسابىقىلەرنى ئويناش شۇنداقلا ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە چىمپىيۇن چىقىشى 2004- يىلىدىن باشلانغان. 2004-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە ئىلىپ بىرىلغان ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىدە  ئاتۇش كۇماندىسى كۆپ كۇماندىلارنى يىڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە قەشقەر كۇماندىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. ئىككى تەرەپ تەڭلىشىپ قالغان شارائىتتا نوقتا توپ تىپىشىپ چىمپىيۇنلىقنى ئايرىش باسقۇچىغا كىلىپ قالىدۇ. نەسرۇللا  قەشقەر كۇماندىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى توپىنى تۇتۇۋىلىپ. ئاتۇش تۆتكە قارشى بەش نەتىجە بىلەن قەشقەرنى يىڭىپ چىمپىيۇن چىقىدۇ. 2005  -يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ئىلىپ بىرىلغان ئوتتۇرا مەكتەپلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدا ئىككىنجى چىقىدۇ. شۇ يىلى نەسرۇللا شىنجاڭ پىداگۇگكا ئۇنۋىرسىتىتىغا ئوقوشقا كىلىپ مەكتەپ پۇتبول كۇماندىسىنىڭ ۋارىتاسى بولوپ قالىدو. 2006-يىلى ئاتۇشتا ئىلىپ بىرىلغان خەلقارا تەكلىپ مۇسابىقىسىدە نەسرۇللا ئاتۇش كۇماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ ئاتۇش كۇماندىسىنىڭ ئىككىنجى چىقىشىغا ياردەمدە بولىدى. 2006  -يىلى شىنجاڭ ئىشتىن سىرىتقى پۇتبول ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە ئۇ« ئىلچى» كۇماندىسىنىڭ ۋارىتارسى بولوپ قاتنىشىپ شۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە  بۇ كۇماندىنىڭ چىمپىيۇن چىقىشىدا مۇھىم روللارنى ئوينىدى.2007 -يىلى شىجاجۇاڭدا ئىلىپ بىرىلغان« لې نىڭ لوڭقىسى» ئالى مەكتەپلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتى شىمالى رايۇن بويىچە ئۈچىنجى چىقىپ گۇاڭجۇدا ئىلىپ بىرىلدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرىپگە ئىرىشتى. نەسرۇللامۇ مەملىكەت ئىچىدىكى بىر قاتار يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ تەجىربىسىنى كىڭەيىتتى. 2005- يىلىدىن 2007-يىلىغىچەئۈرۈمچىدە ئېلىپ بىرىلغان «مەركىزى شەھەر گىزىتى» زال ئىچى بەش كىشلىك پۇتبول مۇسابىقىسىدە يەنىلا «ئىلچى پۇتبۇل كۇماندىسى» نىڭ تەركىۋىدە قاتنىشىپ  بۇ كۇماندىنىڭ ئودا ئۈچ يىل چىمپىيۇنلۇقنى  قولدىن بەرمەسلىكىگە ئۆز ھەسسىنى قوشىدۇ . pGhA  
SYZS@o  
2007  -يىلى پۇتبول ماكانى ئىلى دىيارىدا بىر قىتىملىق خەلقارالىق پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىىسى ئېلىپ بىرىلدى. نەسروللا ئاتۇش كۇماندىسىنىڭ تەركىۋىدە بۇ مۇسابىقىدە كۆزنى چاقنىتىشقا باشلىدى. بولوپمۇ 8-ئاينىڭ20-كۇنى قازاقىستان ئالمۇتا «ھايات»  كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىسىدە  ئۇ خەتەرلىك بىر قانچە توپلارنى تۇتۇۋىلىپ، ئاتۇش كۇماندىسىنىڭ قازاقىستان ئالمۇتا« ھايات» كۇماندىسىنى يىڭىۋىلىشىغا ھەسسە قوشتى. 2008  -يىلى مەملىكەتلىك «لې نىڭ لوڭقىسى»نى تالىشىش  پۇتبول مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۈنۋىرسىتى شىمالى رايۇن بويىچە ئالتىنجى چىقتى. 2008 - 2009- يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە يەنبىيەن شىمالى رايۇنىدا ئۈچىنجى چىقىپ نەنجىڭدا ئىلىپ بىرىلغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئالتىنجى چىقتى. شۇ مۇسابىقىدە نەسرۇللا  پىداگۇگىكا ئۈنۋىرسىتىنىڭ ئاسالىق ۋارىتارى بولوپ، مەملىكەت ئىچىدە ئالى مەكتەپلەر ئارا پۇتبول مۇسابىقىسىدە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. 2009 -2010-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە بارا- بارا ئىچىلىپ كىتىپ بارغان نەسرۇللا كۇماندىدا ئۆزىنىڭ رولىنى تىخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ كۇماندىنىڭ ئالغا قاراپ مىڭىشىدا مۇھىم روللارنى ئوينىدى. 2010-يىلى لەنجۇدا  ئىلىپ بىرىلغان ئالى مەكتەپلەر « لې نىڭ لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە بەشىنجى چىقىپ، 6-ئايدا شىنياڭدا ئىلىپ  بىرىلدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە يۇرۇش قىلدى. G: p!PB>=  
Ls~F4ar$/  
i'}Z>g5D  
2010-يىلى 6 -ئاينىڭ 11- كۇندىكى ئون ئالتە كۈچلۈكلەر مۇسابىقىدە شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۈنۋىرسىتىتى كۇماندىسى بىرگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن شىجاجۇاڭ ئىقتىساد ئۈنۋىرسىتىتى كۇماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ،ئىككى ئۇتۇق، بىرتەڭ نەتىجە بىلەن  گورۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقىپ سەككىز كۈچلۇك كۇماندا قاتارىغا كىردى. 6-ئاينىڭ 12-كۇنى شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۈنۋىرسىتىتى ئالدى بىلەن« د » گۇرۇپپىدىكى ئىككىنچى چىققان كۈچلۇك كۇماندا يەنبىيەن ئۈنۋىرسىتىتى كۇماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ، كۇماندا ئەزاسى يولۋاس كىينكى يىرىم مەيداندا قىزىل تاختا بىلەن مەيداندىن چۈشۈپ كەتكەن ئەھۋالدا  ئىلھامنىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن بىردە بىر بولوپ تەڭلەشتى. بۇ ئىككى كۇماندىغا نوقتا توپ بىلەن بىر -بىرىنى شاللاشتەك رەھىمسىز رىياللىق دۈچ كەلدى. مۇسابىقىدە كۈندىن كۈنگە ئېچىلىپ كەتكەن ۋارتار نەسرۇللانىڭ ئىككى توپنى تۇتۇۋىلىشى بىلەن نۇقتا تۇپ تىپىش جىڭىدە ئىككىگە قارشى تۆت بىلەن ،ئومۇمى نەتىجىدە ئۈچكە قارشى بەش بىلەن غەلبە قىلىپ، تۇنجى قىتىم تۆت كۈچلۇكلەر قاتارىغا كىردى.تۆت كۈچلۈكلەر ئۆتكىلىدىنمۇ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، 6 -ئاينىڭ 15-كۇنى ئېلىپ بىرىلغان ھەل قىلغۇچ چىمپىيۇقلىقنى تالىشىش مۇسابىقىدە شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۈنۋىرسىتىت كۇماندىسنىڭ رەقىبى شىمالى رايۇن مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى- تەييىۋەن تەبىئى پەنلەر ئۈنۋىرسىتىتى كۇماندىسى بۇلۇپ، ئالدىنقى قىتىم شىمالى رايۇن مۇسابىقىسىدە بۇ كۇماندىغا ئۈچكە قارشى ئىككى بىلەن يىڭىلىپ قالغان ئىدى. مۇسابىقە باشلىنىش بىلەنلا ئىككى تەرەپ كۈچلۈك ھۇجۇم بىلەن مۇسابىقە رىتىمىنى ئەۋجىگە چىقاردى. بۇلۇپمۇشىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتى كۇماندىسى كۈچلۈك بەدەن ساپاسى،  بەل قويۇۋەتمەس رۇھى ۋە تىخنىكىسىغا تايىنىپ مۇسابىقىنى كۇنتۇرۇل قىلىۋالدى.ئەمما مۇسابىقە باشلىنىپ  30نەچچەمىنۇتقا كەلگەندە قارشى تەرەپ بىر توپ ئۇرۇۋىلىپ پايدىلىق شارائىتقا ئىگە بولۇۋالدى. ئەمما ئۇزۇن ئۇتمەي شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىت كۇماندىسى ئالدىنقى مەيدان 42-مىنۇتتا  11-نۇمۇر ئابدۇۋەلى، 45- مىنۇتتا 9-نۇمۇر رازاق (چوڭ رازاق ،ئۈرۈمچىدىن) ئارقا ئارقىدىن توپ ئۇرۇشى بىلەن ئالدىنقى يىرىم مەيدان مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى. كىيىنكى يىرىم مەيداندا تەبىئى پەنلەر ئۈنۋىرسىتىتى كۇماندىسى كۈچلۇك ھۇجۇم قۇزغاپ باققان بولسىمۇ كۈچلۇك بىكلەر ۋە قاپچى نەسرۇللانىڭ مۇداپىيەسىدىن بۈسۈپ ئۆتەلمەي كىيىنكى يىرىم مەيدان مۇسابىقىمۇ ئاخىرلىشىپ، شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۈنۋىرسىتىت كۇماندىسى تۇنجى قىتىم مەملىكەت ئالى مەكتەپلەر پۇتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇنلۇقنى ئىلىپ شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىق ئىشلىرى ئۇچۇن چۇڭ شەرەپلەرنى ئىلىپ كەلدى. نەسرۇللا بۇ كۈندىكى مۇسابىقىدە كىيىنكى يىرىم مەيداندا ئىنتايىن خەتەرلىك بىر توپنى توسوۋىلىپ،سەبداشلىرى بىلەن  شىنجاڭ پىداگۇگىكائۈنۋىرسىتى كۇماندىسىنى چىمپىيۇنلۇق چوقىسىغا ئىلىپ چىقتى. ھەمدە مۇشۇ يىللىق ئالى مەكتەپلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارىتار مۇكاپاتىغا ئىرىشتى. kb>/R/,9  
(&x#VmDL  
نەسرۇللا بىر قابىل پۇتبولچى بولوپلا قالماستىن يەنە تەنتەربىيەنىڭ باشقا تۈرلىرىدىمۇ ئۆزىنىڭ تالانتىنى تەرەققى قىلدۇرغان بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر تەنھەركەتچىدۇر. ئۇ مەكتەپنىڭ يىنىك ئاتلىتكا كۇماندىسىدىمۇ مەشىق قىلىپ كۆپ نەتىجىلەرگە ئىرىشتى.ھەمدە تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ يىنىك ئاتلىتكىدا دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك رىپىرلىك كىنىشكىسىنى ئالدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە روداۋچە چىلىشىش كۇماندىسىدا مەشىق قىلىش بىلەن بىرگە يەنە بۇنىڭدىنمۇ دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك رىپىرلىق كىنىشكىسىنى ئېلىپ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئىچىدىكى مۇسابىقىلەردە رىپىرلىك خىزمىتىنى ئۆتەشكە باشلىدى. ئۇ ئۆزى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان پۇتبولدىمۇ دۆلەت ئىككىنچى دەرىجىلىك    رىپىرلىق كىنىشكىسىنى ئېلىپ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئىچىدىكى چوڭ مۇسابىقىلەردە رىپىرلىق قىلىشقا باشلىدى. بولوپمۇ 2009-يىلى 5-ئايدىن 10-ئايغىچە ئۇرۇمچى سوڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىدە ئىلىپ بىرىلغان «سەھەر گىزىتى» لوڭقىسىنى تالىشىش ئىشتىن سىرىتقى پۇتبول مۇسابىقىسى، شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئۇرۇمچى قىزىلتاغ تەنتەربىىيە مەيدانىدا ئىلىپ بىرىلغان« مەركىزى شەھەر گىزىتى» ئىشتىن سىرىتقى پۇتبول مۇسابىقسى قاتارلىق سورونلاردا رىپىرلىق قىلىپ ئۆزىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۇردى.2011 -يىلى2-ئايدا ئاقسۇدا ئىلىپ بىرىلغان جەنۇبى شىنجاڭ ئۆسمۇرلەر مۇسابىقىسىدىمۇ رىپىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىدى.ئۈ ئوقوش پۇتتەرگەندىن كىيىن مەشىقىنى بىر مىنۇتمۇ توختىتىپ قويماي ئۆزىنىڭ پۇتبول مەيدانىدا قايتا باش كۆتۇرۇش ئارزۇسىنى رىيالىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلمەكتە. بىز بەلكىم پات ئارىدا بۇ ئەزىمەتنىڭ چوڭ مۇسابىقە مەيدانىدا قايتىدىن باش كۆتۈرۇپ ئۆزىنىڭ ماھارەتلىرى ئارقىلىق بىزگە پۇتبولنىڭ خۇشاللىقىنى ئاتا قىلىشىنى كۆرىشىمىز مۈمكىن. 1*!`G5c,}  
MxXu&.| _  
چىمپىيۇنلۇق تەسىراتى قانداق بولىدىكەن؟ b1A8 -![  
نەسرۇللا: مىنىڭ بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدىكى تەسىراتىم ئۆزگىچە.گەپنى يىراقتىن باشلاشقا توغرا كىلىدو. مەن 2005-يىلى مەكتەپكەئىمتىھانسىز تاللىنىپ كەلگەندىن بىرى بىزنىڭ مەكتەپ كۇماندىسىدىكى بالىلارنىڭ مەشىق ۋە مۇسابىقىدىن باشقا ئىشقا ئاجراتقان ۋاقتىمىز بەكمۇ ئاز. مەن مەكتەپكە كەلسەم مەكتەپ كۇماندىسىنىڭ مەملىكەتلىك مۇسابىقلەرگە تازا يۇرۇش قىلىۋاتقان چاغلىرى ئىكەن. شۇ چاغلاردا مەكتەپ كۇماندىسىدا ئۈچ ۋارىتار بولىدىغان. مەن يىڭى كەلگەچ شۇنداقلا مەملىكەتلىك مۇسابىقە تەجىربەم بولمىغاچ  دەسلەپتە ئورۇنباسار ۋارىتار بولدۇم. 2008-يىلىدىن باشلاپ مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە يەنە بىر ۋارىتار بىلەن نۇۋەت ئالمىشىپ تۇردۇق. 2009-يىلى كۇماندىمىزغا شىنجاڭ سابىق لاتارىيە كۇماندىسىنىڭ ۋارىتارى زۇليار كەلدى . 2009- يىلى ئائىلىمىزنىڭ تۈۋرىكى بولغان دادام تۈگەپ كېتىپ، ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كىيىن كۇماندىغا قايتىپ كەلدىم. نىمىشقىدۇ كەيپىياتىم شۇنداق ناچار،مەشىق جەريانىدا تۈزۇك زىھنىمنى يىغالمايمەن، ئۆزۈمچە مەشىقنى ئەستايىدىل ئىشلىدىم دەپ قارىساممۇ يەنە بىر يەرلەردە مەسىلە باردەك. شۇ چاغدا تىرنىر دىلمۇراتكام ۋە كۇماندىدىكى قىرىنداشلىرىم ماڭا جىق تەسەللى ۋە مەدەتلەرنى بىرىپ تۇردى. بولوپمۇ ئەكرەمكام بىلەن پەرھاتكام دائىملا مىنى رىغبەتلەندۇرۇپ تۇردى. 2009-يىلىدىكى شىمالى رايۇن مۇسابىقىسىدە ئۈچ مەيدان مەن ۋارىتاردا تۇردۇم. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەندىن كىيىن يەنە نۇۋەتلىشىپ ۋارىتاردا تۇردۇم. شۇ يىلى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئالتىنجىلىككە ئىرىشتۇق. بۇ ماڭا جىق تەسەللى ۋە مەدەت بولدى. شۇ يىلى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە سەنشيا ئۇنۋىرسىتىتى چىمپىيۇن چىقتى. بۇ كۇماندا كەيگەن چىمپىيۇنلۇق كىيىمى كۆزىمىزدىن ئوت چىقىرىۋەتتى. مەن كۇماندىدىكى يۇلۋاس بىلەن دىلمۇراتقا « مۇشۇ كىيىمنى كىلەر يىلى بىز كىيىدىغاندەكلا بىر سىزىم بار.» دىسەم، ئۇلار«خۇدا بۇيرۇسا چۇقۇم كىيىمىز.» دىگەن ئىدى. 2010-يىلى شىمالى رايۇن مۇسابىقىسىدە مىنىڭ كەيپىياتىم تۇراقسىز بولوپ ئاساسلىق زۇليار ۋارىتاردا تۇردى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باشلىنىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى كۇنى ياتاقتا ياتسام ئەكرەمكام كىرىپ، «تەييارلىق قانداقراق؟ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە سەن ۋارىتاردا تۇرمىساڭ بولمايدۇ. » دىدى .بىز ئەكرەمكام بىلەن دائىم چاقچاقلىشاتتۇق. مەن بۇنى ئۇنىڭ چاقىچىقى دەپ چۈشىنىپتىمەن. ئەتىسى ئەتىگەندە مەيداندا مەشىق قىلىۋاتسام دىلمۇراتكام مىنى ئىزدەپ كىلىپ،« بۇگۇنكى مۇسابىقىدە سەن ۋارىتاردا تۇرمىساڭ بولمايدۇ.» دىدى.ئەسلىدە زۇليارنىڭ مەملىكەتلىك ب دەرجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە تىزىمى بولغاچ مەيدانغا چىقسا بولمايدىكەن.مەن راستىنى ئېيىتسام مۇسابىقىدە ۋارىتاردا تۇرىدىغان بۇ ئىشتىن قاتتىق چۈچۈپ كەتتىم . چۈنكى بۇ مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە، قىلدىن قېيىق كەتسە پۈتۈن كۇماندا ئىشنى يەنە نۆلدىن باشلاپ 2011-يىلىنى كۈتىدىغان گەپ .ئۇنىڭ ئۇستىگە مەن زۇليار ئاساسلىق ۋارىتاردا تۇرىدو دەپ  ئويلىغاچ قىلچە ئىدىيە تەييارلىقى قىلمىغان ئىدىم . كۇماندىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا مەدەت بىرىپ،«سەن چوقوم ياخشى تۇرالايسەن، ھەرگىز بىسىم قىلىۋالما.» دەپ مەدەت بىرىشتى. پەرھاتكام بىلەن زۇليارمۇ مىنى ئايرىم ئىزدەپ مىنىڭ ئىپادەمنىڭ كۇماندىنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى، ئۆزۈمنى ئەركىن قويۇۋىتىشىمنى تەكىتلەشتى. بولوپمۇ زوليار مىنىڭ پۈتۈن بەدەن قىزىتىشىم ۋە تىخنىكىلىق مەشىقلەرنى قىلىشىمغا بىر قوللۇق ياردەم قىلدى. بۇلارنىڭ بۇ خىل كۆيۈنىشىدىن ۋە ئىشەنچە  قىلىشىدىن قاتتىق تەسىرلەندىم. تىرنىر دىلمۇراتكام ماڭا مەدەت بىرىپ تۇراتتيۇ بىر يەرلىرىدىن ئەنسىرەپ تۇراتتى. تۇنجى كۈنىدىكى مۇسابىقىدە ئالدىقىنى ئۈچ نۇۋەتلىك چىمپىيۇن- سەنشيا ئۈنۋىرسىتىتى بىلەن تۇتۇشتۇق. بىزنىڭ بالىلارنىڭ قاتتىق غەيرەت قىلىشى بىلەن ئەڭ چوڭ رەقپىنى يىقىتتۇق.بۇ مەيدان مۇسابىقە ئارقىلىق مىنىڭ ئىشەنچەم ئاشتى. ئارقىمۇ -ئارقا غەلبە بىلەن گۇرۇپىدىن چىقىپ، شاللاش مۇسابىقىسىدە يەنبىيەن كۇماندىسى بىلەن تىركەشتۇق. مەيدان نوقتا توپ ئارقىلىق يېڭىش بەلگىلىنىدىغان يەرگە بېرىپ قالدى. مەن ئارقىمۇ ئارقا ئىككى توپنى تۇتىۋىلىپ بىز غەلبە قىلدۇق. كۇماندا ئەزالىرىمۇ بار-بارا ماڭا مۈتلەق ئىشەنچ  قىلىشتى. بارا -بارا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە يىقىنلاشتۇق. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىزنى تولا داغدا قويغان تەييۇەن ئۈنۋىرسىتى بىلەن ئۇچراشتۇق. ئاقىۋەت بىز بۇ مۇسابىقىدە ئاخىرغىچە كۈلگەن كۇماندا بولوپ قالدۇق. بۇ جەرياندا ئىپادەم كۈندىن كۈنگە ياخشى بولوپ ئىچىلىپ كەتتىم. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن  كىيىن راستىنى دىسەم ئاۋازىمنى قويوۋىتىپ يىغلىغوم كەلدى. ئۆزۇمنى ئاران- ئاران بىسىپ تۇردۇم. رەھمەتلىك دادام مىنىڭ توپ تىپىشىمنى بىر ئۆمۇر قوللاپ، مەن مۇشۇنداق شەرەپكە ئېرىشكەندە كۇرەلمىگىنىمگە ئىچىم سىرىلدى. شۇسەۋەپ چىمپىيۇنلۇقنى ئالغاندىن كىيىن مەندىكى تەسىرات بىر خىل ئەمەس. f9Hm2wV  
h6dVT9  
   سىز بىر ۋارىتار بولوشىڭىز بىلەن مۇسابىقىدە باشتىن ئاياق قارشى تەرەپنى كۇزىتىپ تۇرىسىز. سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان كۇماندا قايسى؟ u}7#3JfLn  
نەسرۇللا:  بۇ مۇسابىقىدە كۇماندىلار بىر بىرىدىن خىل. ئوموملاشتۇرغاندا ئولارنىڭ ئومومىيۇزلۇك ماسلىشىش ئىقتىدارى بىزدىن يۇقىرى. ئەمما بەدەن قۇۋۋىتى بىزگە يەتمەيدو. بۇ مۇسابىقىدە باشقا كۇماندىلارغا ئوخشىمايدىغانراق بىر كۇماندا بار. ئۇ بولسىمۇ يەنبىيەن ئۈنۋىرسىتى كۇماندىسى . بۇ كۇماندا ئەزالىرىنىڭ بويى چوڭ ئەمەس .ھەتتا بىزدىنمۇ پاكار. ئەمما تىخنىكا سەۋىيەسى تولىمۇ يۇقىرى. ئۆتكەن يىلى بۇلارنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۇپ،ھەيرانلىقتا ئاغزىمىز ئىچىلىپ قالغان ئىدى. چۈنكى بۇ كۇماندا ئۆزگىرىشچان ھۇجۇم، ئۆزگىرىشچان مۇداپىيە،ئوتتۇرا مەيداندا تۇيۇقسىز قىسقا پاس بىلەن سىڭىپ كىرىپ ھۇجۇمچىللىرىغا ئوغرى پاسلارنى چىقىرىش بىلەن قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىيەسىنى پاتپاراق قىلىۋىتەلەيدو. بۇ يىلقى مۇسابىقىدە ئۇلار ئۆتكەن يىلىدىن سەل ئاجىزئىكەن. ناۋادا گۇرۇپىدىن بىرىنجى بولوپ چىققان بولسا، بىز بىلەن بىرىنجىلىكنى تالىششىتا ئۇچرىشش ئىھتىمالى چوڭ ئىدى. ئەمما بىز بۇ كۇماندىنى نۇقتا توپ ئارقىلىق يىرىم يولدا قويدوق. |W/_S^C  
  سىزنىڭ قانداق ئارزۇ ئارمانلىرىڭىز بار؟ )&j4F)  
نەسرۇللا: ئادەم دىگەن شەرەپنىڭ چوقىسىغا كۈندە چىقىۋەرمەيدۇ. شۇ سەۋەپ مىنىڭ چوڭ كۇلۇپلاردا مۇسابىقە ئويناش ئارزۇيۇم بار بولسىمۇ ،بىر ۋارىتار بولۇش نوقتىسىدىن بۇنىڭغا يېتىش تەس. مەن ئاساسلىق دىققتىمنى ئۆزۇمنىڭ كەسپى: يەنى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ،ئوقۇغۇچى تەربىيلەشكە قارىتايمىكىن دەيمەن. بۇنداق دىگىنىم ئەمدى توپ تەپمەيمەن دىگىنىم ئەمەس. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئىچى-سىرتىدىكى مىنىڭ قاتنىشىش ئىمكانىيتىم بولغان ھەرقانداق مۇسابىقىنى قولدىن بەرگۈم يوق.مەن يەنىلا توپ ئوينايمەن. ئەمما ئىچكىرى كۇلۇپلارغا كىرىپ توپ ئويناشنى قوغلىشىپ كەتمەيمەن. چۈنكى مەن بىر ۋارىتار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بويۇم بەك ئىگىز ئەمەس. شۇ سەۋەپ رىيالىققا يۇزلىنىشىم ئوبداندەك قىلىدۇ. ياخشى پۇتبولچى بالىلارنى تەربىيەلىسەم،بۇ بالىلار تىخىمۇ ياخشى كۇماندىلاردا چىنىقىش شارائىتىگە ئېرىشسە بۇ مىنىڭ پۇتبولدىن تاپىدىغان خۇشاللقىم بولۇپ قالاتتى.
[ بۇ يازمىنىئوغلانىدە2012-02-25 19:15قايتا تەھرىرلى ]
زەرەپشان دەرياسى.....
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
UID: 1467
جەۋھەر: 0
يازما: 1637
شۆھرەت: 1433 نۇمۇر
پۇل: 1794 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 425(سائەت)
تىزىملاش: 2008-01-18
ئاخىرقى: 2012-05-07
1  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-25 13:04

نەسەك دىگەن قاپقىچى شۇمۇ؟؟
دۇنيا مىھرى -مۇھەببەت بىلەن گۈزەل.   ئادەم ئىنساپ بىلەن.........
شۇ كۈنلەرنى تېخى ئۇنۇتمىدۇق...
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UID: 9027
جەۋھەر: 4
يازما: 862
شۆھرەت: 1705 نۇمۇر
پۇل: 5559 سوم
تۆھپە: 151 نۇمۇر
ياخشى باھا: 41 نۇمۇر
توردا: 341(سائەت)
تىزىملاش: 2011-05-10
ئاخىرقى: 2012-05-07
2  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-25 13:04

ئاتۇش پۇتبولچىلىقىنىڭ تارىخى ئاساسى ھازىرمۇ بۇ پۇتبول سۆيەر دىيارغا كۆپلەپ ماھىرلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرمەكتە.... :,8eM{.Q  
پۇتبولنى ئۆز ھاياتىم دەپ بىلىدىغان قاپقىچى، غەيرىتىڭگە ئاپىرىن، ھەممە ئادەمنىڭ تاللاش يولى ئوخشىمايدۇ، بەلكىم سەنمۇ مۇشۇ يولدا نۇرغۇنلىغان ياش ماھىرلارنىڭ چىقىشىغا تۆھپە قوشالىشىڭ مۇمكىن، مەيلى نەدىلا بولغىن ،كېيىنكى ئىشلىرىڭنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئۇلۇغ اللە دىن تىلەيمەن..... {zNFp#z  
"a T "o  
:Vnus @#r  
نادىرلىغۇدەك تېمىكەن، يازما ئىگىسى رەھمەت سىزگە
مەن توردا يوق !
دەرىجە: تاماشىبىن
UID: 10314
جەۋھەر: 0
يازما: 84
شۆھرەت: 85 نۇمۇر
پۇل: 84 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 24(سائەت)
تىزىملاش: 2012-02-19
ئاخىرقى: 2012-05-06
3  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-25 13:24

rasmi yok miKAN  BU BALNIG  KOZUM  NI IQVALAY  DIGAN
ئارچا تەنتەربىيە كىيىملىرى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
UID: 8331
جەۋھەر: 15
يازما: 102
شۆھرەت: 1470 نۇمۇر
پۇل: 300388 سوم
تۆھپە: 45 نۇمۇر
ياخشى باھا: 130 نۇمۇر
توردا: 222(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2012-04-25
4  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-25 13:28

رەسىم بار ئىدى.قانداق يوللاشنى بىلەلمىدىم. بىلىدىغانلار ئۈگۈتۈپ قويساڭلار.مەن ھازىرلا يوللاپ قوياتتىم.
مادىرىت
مەن توردا يوق !
دەرىجە: تاماشىبىن
UID: 10315
جەۋھەر: 0
يازما: 25
شۆھرەت: 37 نۇمۇر
پۇل: 36 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 15(سائەت)
تىزىملاش: 2012-02-20
ئاخىرقى: 2012-03-09
5  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-25 14:02

            
مادىرت مەڭگۈ 天下第一
ئەمدى نۈۋەت بىزگە كەلدى.
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول مەستانىسى

UID: 7373
جەۋھەر: 0
يازما: 260
شۆھرەت: 419 نۇمۇر
پۇل: 298623 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 86(سائەت)
تىزىملاش: 2009-01-30
ئاخىرقى: 2012-05-05
6  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-25 14:27

قارا قاپلان دىسەكمۇ بولىدۇ .. بۇرۇن بىر مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان چاغدىلا تۇنۇيتۇنم. ..... رەسىمگە چىقسا ئۈزى چىقماي دىبىنى چىقا مىكىن .... ئازراق قارامتۇل بۇ ئاكام !~~~!!!         
ئەڭ نوچىسى ~ رونالدو
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 8444
جەۋھەر: 0
يازما: 3427
شۆھرەت: 5173 نۇمۇر
پۇل: 234879 سوم
تۆھپە: 2 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردا: 503(سائەت)
تىزىملاش: 2010-12-11
ئاخىرقى: 2012-05-06
7  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-25 14:39

ھە ئەسلى بۇ ئادەمكەندە ، رەخمەت بىلىۋالدىم  
بىز دىگەن چىمپىئون !  داۋاملىق شۇنداق بولىدۇ ! بۇ ھەقىقەت !
ھەركىم ئۆزتەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول مەستانىسى
UID: 10280
جەۋھەر: 0
يازما: 122
شۆھرەت: 143 نۇمۇر
پۇل: 33 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 27(سائەت)
تىزىملاش: 2012-02-11
ئاخىرقى: 2012-05-06
8  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-25 14:46

回 6楼(simao) 的帖子

ئىنكاسىڭىزدىن ‹‹ چىملىقتىكى قاپلان- نەسرۇللا ھەسەن››نىڭ سۆرىتىنى كۆرگەندەك بولدۇم... .,m$Cm  
TmX~vZ  
دىيارىمىزدىن مۇشۇنداق يۇلتۇزلارنىڭ تىخىمۇ كۆپلەپ چىقىشىنى كۈتەيلى....
مادىرىت ئەڭ نوچى
ئارچا تەنتەربىيە كىيىملىرى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
UID: 8331
جەۋھەر: 15
يازما: 102
شۆھرەت: 1470 نۇمۇر
پۇل: 300388 سوم
تۆھپە: 45 نۇمۇر
ياخشى باھا: 130 نۇمۇر
توردا: 222(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2012-04-25
9  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-25 14:55

ئاراڭلاردا رەسىم يوللاشنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟
ئارتۇچ
مەن توردا يوق !
دەرىجە: تاماشىبىن
UID: 8974
جەۋھەر: 0
يازما: 61
شۆھرەت: 134 نۇمۇر
پۇل: 200124 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 111(سائەت)
تىزىملاش: 2011-04-28
ئاخىرقى: 2012-05-06
10  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-25 16:45

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى arqaدە2012-02-25 14:55يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : $l-j(=Md  
ئاراڭلاردا رەسىم يوللاشنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ "E Q}xj  
b{(!Ls_ &  
ماڭا ئەۋەتىپ بىرىڭە مەن چىقىرىپ قوياي 1661937231@qq.com
ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا...
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 7037
جەۋھەر: 0
يازما: 1003
شۆھرەت: 1144 نۇمۇر
پۇل: 206792 سوم
تۆھپە: 11 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 614(سائەت)
تىزىملاش: 2008-11-23
ئاخىرقى: 2012-05-07
11  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-25 16:53

ئاجايىپ كىچىك پىئىل جىما بۇ ئاغىنەم .  ئاجايىپ چاقچاچى . ئۆزى قاپقارا بولغان بىلەن كۆڭلى ئاپئاق بۇ ئاغىنەمنىڭ .         مەملىكەتلىك مۇسابىقەدە چىمپيون بولغاندىن كىيىن خېلى جىق يەرلەر تالاشقان . مەن نىمشقا يۇقرى دەرىجىلىك بىرلەشمىلەرگەبارمايسەن دىسەم : ئاداش مىنىڭ بويۇم پاكار . ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەشمۇ ناھايىتى مۇھىم يۇرتىقا قايتىپ ئەۋلادلارنى تەربىيلەيمەن .  سەن چۇقۇم 2-3 يىلغا قالماي باشقىچە نەسرۇللانى كۆرسەن دىگەنتى .  ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغاي بۇ قارا ئاغىنەمنىڭ .  
20737279  بارسىلونا مەستانلىرى توپ نۇمۇرى .