غۇلجىدىكى پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھبە قوشقان شەخسلەردىن بىرى ئابدىراخمان ئەپەندىدۇر.(1894-؟193- يىللار) ئابدۇراخمان ئەپەندى.1894-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. دادىسى خۇدا بەردى موللام ئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىدىن بولۇپ، ئابدىراخمان ئەپەندى تۇغۇلغان ۋاقىتلاردا غۇلجا مەدىرىسە مەكتىۋىدە مۇئەللىملىك بىلەن شۇغۇللانغان. ئابدۇراخمان ئەپەندى دەسلەپكى ساۋادىنى دادىسى خۇدا بەردى خەلپىتىم مۇدەرىسلىك قىلىۋاتقان غۇلجا مەدىرىسىدە ئالغان. شۇ ۋاقىتلاردا مۇسابايلارنىڭ غۇلجىدىكى زاۋىتى قۇرۇلۇپ، تىخنىكىلىك، مەلىكىلىك ئىشچىلارنى تەربىيلەش باشلانغان ۋە مۇسابايلاردىن باھاۋىدىن مۇساباي ئوقۇغۇچىلارنى روسيە بىلەن تۈركىيەگە مۇسابايلارنىڭ خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا چىقىرىۋاتقان ۋاقىتلار بولۇپ،1908-يىلى ئابدۇراخمان ئەپەندى 14 ياشلارغا كەلگەندە مۇسابايلار تەرىپىدىن تەربىيلىنىشكە ئەۋەتىلگەن. 1915-يىلى 21 يىشىدا ئوقۇشنى تاماملاپ ئىستامبۇل گالاتا سارايدا تەلىم ئالغان تۈرسۇن ئەپەندى بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ ئىكساقتىكى يىڭىچە پەننى مەكتەپلەردە دەرىس بىرىش بىلەن شۇغۇللانغان. يەتتە يىللىق تەربىيلىنىش جەريانىدا ئابدۇراخمان ئەپەندى كەڭ ئەۋىج ئىلىۋاتقان پۇتبول بىلەن قۇيۇق ئۇچراشقان ۋە پۇتبولنىڭ تىخنىكا نەزەرىيە-ئەمەلىيەتلىرى بىلەن پىششىق تونۇش بولغان پۇتبولچىغا ئايلانغان. ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ مائارىپ ۋە تەنتەربىيەدىكى ئوينىغان رولى ھەققىدە 1927-يىلى كاشىغەردە ئىكساق كۇماندىسىنىڭ تەركىۋىدە ئىنگىلاد ۋە شىۋىتسىيەنىڭ كۇنسۇل كۇماندىللىرى بىلەن مۇسابىقە ئوينىغان ئابدۇغۇپۇر مۇھەممەت ھەسەن1985-يىلى ئىكساق يىڭىچە مائارىپىنىڭ 100يىللىقى بىلەن چىقىرىلغان مەشئەل ژورنىلىدا ئىلان قىلغان «ئۇچمەس ئىزلار» ناملىق ئەسلىمىسى بىلەن بىزنى شۇ يىللاردىكى ئابدۇراخمان ئەپەندى بىلەن تۇنۇشۇش ئىمكانىيتىنى ئىگە قىلىدۇ. ئابدۇراخمان ئەپەندى ھەققىدىكى مەلۇماتلار مۇنداق قۇرلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.«مەن دەسلەپكە خەت ساۋادىمنى مەرھۇم ئانام راھىلە بۈۋىمنىڭ تەربىيىسىدە چىقاردىم.ئاندىن ئابدۇراخمان ئەپەندىدە ئوقۇدۇم. ئابدۇراخمان ئەپەندى بەستىلىك، كىلىشكەن،چىچەن، بەدەن چىنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان، بېلىملىك كىشى ئىدى. ئۇ بىزگە: <كىلەچەك بىلىملىك كىشىلەرگە مۇھتاج، سىلەر ياش كۈچەتكە ئوخشايسىلەر،تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ ياراملىق كىشى بولۇپ چىقىڭلار .> دەيىتتى. بىز ئەينى ۋاقىتتا ھېساپ، ئانا تىل،تەبىئەت، تارىخ،جۇغراپىيە، ئەرەپ-پارىس تىلى، رۇس تىلى، خەنزۇ تىلى،ئىلمىي تەجۋىد، ئاقايىد زۇرۇرىيە،شىپاھىيە، رەسىم،تەنتەربىيە، غەزەل دەرسىللىرىنى ئوقۇيتتۇق. مۇكەررەم دىگەن تاتار ئوقۇتقۇچى رۇس تىلىدىن دەرىس بەرگەنىدى. ...ئابدۇراخمان ئەپەندى تەنتەربىيە دەرسىگە تولىمۇ ئەھمىيەت بىرەتتى...» |M_UQ
QAB|
~v83pu1!2s
يۇقارقى تارىخى بايان بىزگە ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ دەسلەپتە ئاتۇش ئىكساقتا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى،بەزىدە تەنتەربىيە دەرسىنىمۇ بەرگەنلىكىنى بىلەلەيمىز.شۇ ۋاقىتتا تۇرسۇن ئەپەندى يىڭىچە پۇتبول ئاتالمىللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىكساقتا ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار، دىخانلار كۇماندىسىنىڭ قۇرۇپ چىقىۋاتقان ۋاقىتلار بولۇپ،تەبىئىيكى تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئوخشاشلا تۈركىيەدىكى پۇتبول مۇھىتىدا يىڭىچە پۇتبول بىلەن پىششىق تونۇش بولغان ئابدۇراخمان ئەپەندى تۇرسۇن ئەپەندىگە قولىغا قول،پۇتىغا-پۇت بولۇپ،ئىكساقتا پۇتبولنىڭ ئوموملىشىشغا بەلگىلىك تۆھبىلەرنى قوشقىنى ۋە ئوقۇتقۇچىلار كۇماندىسدا توپ ئوينىغىنىمۇ ئېنىقتۇر. دىمەك 1927-يىلىدىكى كاشىغەردىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ كۆپى ئابدۇراخمان ئەپەندىدىن ئېلىم ۋە پۇتبولدىن بەلگىلىك تەلىم ئىلىپ يىتىلگەن كىشىلەردىن ئىدى.ئەمما نمىشقىدۇر ئابدۇغۇپۇر مۇھەممەت ھەسەن ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ ئىكساقتىكى ۋاقىتلىرىدا تەنتەربىيەگە ئەھمىيەت بىرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدىيۇ-ئۇنىڭ پۇتبول ئوينىغانلىقى ھەققىدە توختالمايدۇ.بەلكىم تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ كۆپرەك پۇتبولنى تۇتقانلىقىدىن بولسا كىرەك. 7Qsgys#/=
rH>)oThA#
1918 -يىللىرى ئابدۇراخمان ئەپەندى ئاتا- بوۋىسىنىڭ تۇغۇلغان ماكانىدىكى زىيارەت ۋە ئېلىم بىرىش ۋەزىرپىسىنى تاماملىغاندىن كىيىن كىندىك قىنى تۆكۈلگەن ماكان غۇلجىغا چىقىپ ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئالدى بىلەن ئەلا باي مەسچىتى يىنىدىكى مەكتەپ توغرا كۆۋرۈك مەكتەپلىرىدە دەرىس بەرسە ،كىيىن 1920-يىللىرى«مەكتىبى رۇشىدىيە»گە كىلىپ ئاقارتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ۋە مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىرپىسى بىلەن شۇغۇللىنىدو. كەينىدىن ئىكساقتىكى تۇرسۇن ئەپەندىمۇ مۇسابايلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ غولجىدا زىيارەت ۋە ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن بىر مەزگىل شۇغۇللىنىپ ،ئابدۇراخمان ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە غۇلجىنىڭ دەسلەپكى ئاقارتىش ئىشلىرى ۋە پۇتبولچىلىقنىڭ تەرەققىيەتىغا ئاساس سالىدۇ. 6r_)sHf
aoTP[Bp
ئابدۇراخمان ئەپەندىدىن ئاۋال سەمى بەگ ئەپەندى، ھەمزە ئەپەندى، ئېھسان ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر غۇلجىدا پۇتبولچىلىقىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئومۇملىشىشغا تۈرتكىلىك روللارنى ئوينىغان. ئەمما غۇلجا دىيارىدىكى پۇتبولچىلىق كۆپرەك ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ ئىسمى بىلەن باغلىنىپ كىلىدۇ. مەرھۇم ئۇيغۇر يازغۇچىسى زۇنۇن قادىرى ئۆزىنىڭ «خاتىرىلەر» ناملىق كىتابىدا ئابدۇراخمان ئەپەندى بىلەن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ غۇلجىدىكى پۇتبولچىلىقنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى تۆھبىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردىغان مۇنداق قۇرلارنى قالدۇرۇدۇ.«0 192-يىلارنىڭ باشلىرىدا مۇسابايلار تەرىپىدىن غۇلجا شەھرى مەدىرىس يېنىدا ئۇيغۇرچە ئوتتۇرا دەرىجىدىكى پەننى مەكتەپ ئىچىلغانىدى.ئۇنىڭدا يىرىك مۇئەللىملەردىن ئابدۇراخمان شادى،تۇرسۇن ئەپەندى ...ۋە باشقا زىيالىلار ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى...ئابدۇراخمان ئەپەندى ۋە تۇرسۇن ئەپەندىلەر مەكتەپ باللىرىغا تەنتەربىيە دەرسىنى بىرلەشتۇرۇپ يۈگۈرۈش،سەكرەش ۋە گىمناستىكىلارنى ئۈگەتكەندىن سىرىت،پۇتبول ئۈگىتىپ،غۇلجىدا تۇنجى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇلار يەنە ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ يىڭى مەزمۇندىكى ئويۇن نۇمۇرلىرىنى تەييارلاپ،ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارغا كۆرسىتىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن.» 5PW^j\G-f
v
LZoa-w:
يۇقارقى بايانلارغا ئاساسلانغاندا ئابدۇراخمان ئەپەندى تەنتەربىيەنىڭ ئومۇمى تۈرلىرىدە تەڭلا يىتىلگەن بولۇپ،بىرخىل تۈر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان.بۇ ئابدۇغۇپۇر مۇھەممەت ھەسەننىڭ «ئۆچمەس ئىزلار»دىگەن ئەسلىمىسىدىكى ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى سۈرەتلەپ بەرگەن بايانلىرى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە. يۇقارقى باياندا ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن غۇلجىدىكى تۇنجى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى تىلغا ئىلىش ئارقىلىق،ئۆز-ئارا كۆڭۈل ئىچىش خاراكتىردىكى پۇتبول ئويۇنىنىڭ تەرەققى قىلىپ،ئابدۇراخمان ۋە تۇرسۇن ئەپەندىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىدا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ھەتتا دىخان،ھۈنەرۋەنلەر ئارىسىدا بەلگىلىك ۋاقىتتا مۇقىم ئىلىپ بىرىلىدىغان مۇسابىقگە ئايلانغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ZB&
6
c"Sq~X
ئابدۇراخمان ئەپەندى غۇلجىدا ئىزچىل مائارىپ بىلەن ،جۈملىدىن پۇتبولنى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللانغان.شۇ چاغلاردا مۇسا بايلارنىڭ جاھان كۆرگەن ئەۋلاتلىرىدىن تەلئەت،ئابلەھەت قاتارلىقلار غۇلجىنىڭ پۇتبولچىلىقىنى ئابدۇراخمان ئەپەندىلەر بىلەن كۇماندا تەشكىللەپ، پۇتبولنى مەكتەپ ۋە زاۋۇتتىن ھالقىتىپ ھەقىقى ئەل ئارىسىغا ئىلىپ كىرىشكە كۈچ چىقىرىشقان. مۇسابايلارنىڭ تىرە زاۋۇت كۇماندىسى تىپىك غۇلجىنىڭ يەرلىك كۇماندىللىرىدىن بىرى بولۇپ،بۇنىڭدىن سىرىت يەنە ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار كۇماندىللىرىمۇ غۇلجىنىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئىشتىراك قىلغىنى ئىنىق. kW (Bkuc)
"vGW2~*)
ئابدۇراخمان ئەپەندى ھۆسەنباي ۋە باھاۋىدىن بايلارنىڭ ياردىمى بىلەن تاكى ئۇلار ۋاپات بولغۇچە مۇشۇ مەكتەپتە ئىشلەپ،غۇلجىدىكى تالاي شاگرىتلارنى يىتىشتۈرۈپ تەربىيلەپ،تالاي پۇتبول مۇسابىقىللىرىنى تەشكىللەپ كەلگەن.ئەمما بۇ ئىككى مۈھتىرەم زاتنىڭ ۋاپات بولىشى بىلەن مەزكۇر مەكتەپ ئىقتىسادى تايانىچلىرىدىن ئايرىلىپ توختاپ قالغان.1928 -يىلى غۇلجىدىكى يەنە بىر مەشھۇر زات ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسۇپ غۇلجا شەھرىدە »ئۈچ دەرۋازا مەكتەپ» قۇرۇپ غۇلجىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى سىلجىتىش رولىنى ئوينايدو.ئابدۇراخمان ئەپەندى تەكلىپ بىلەن بۇ مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن بۇ مەكتەپ تىزلا تەرەققى قىلىشقا باشلايدو.جۈملىدىن بۇ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىمۇ يۈكسىلىپ ئىلى تەنتەربىيەسى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھبىلەرنى قوشىىدۇ. 0;ji65