سىز بۇ تېمىنىڭ 2042 - ئوقۇرمىنى
تېما: « ھىرىسمەنلەر پوتبول كۈلۇبى» نىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرلىشى
يولىمىز ئاق، كەلگۈسىمىز پارلاق
مەن توردا يوق !
دەرىجە: تاماشىبىن
UID: 10227
جەۋھەر: 1
يازما: 84
شۆھرەت: 247 نۇمۇر
پۇل: 221 سوم
تۆھپە: 50 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 84(سائەت)
تىزىملاش: 2012-02-02
ئاخىرقى: 2012-05-23
0  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-15 19:01

« ھىرىسمەنلەر پوتبول كۈلۇبى» نىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرلىشى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما چوكىنات تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-02-15)
  
        ھىرىسمەنلەر پوتبول كۈلۇبى مەيلى قەشقەردىكى دوسلار بولسۇن ياكى ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى باشقا جايلاردىكى قىرىنداشلار بولسۇن ناتونۇش پوتبۇل كولۇبى ئەمەس. پەقەت  بۇ پوتبۇل كولۇبىنىڭ نام بىلەن ئاتىلىشىنى ئاڭلاپ باقمىغان يىرىمىز بار خالاس.
1HXjN~XF  
      بۈگۈن دوسلارغا « ھىرىسمەنلەر پوتبول كۈلۇبى»  نى ئايرىم تونۇشتۇرۇپ ئۆتۇشنى توغرا تاپتىم .
      تۆۋەندە « ھىرىسمەنلەر پوتبول كۈلۇبى»  قىسقارتىپ « ھىرىسمەنلەر »  دەپ ئىلىنىدۇ.
Inn@2$m~  
      ھىرىسمەنلەر :2007-يىلى 7-ئايدا قەشقەر شەھەرلىك 7-باشلانغۇچتىكى رەھبەرلەر ۋە ئابدۇۋەلى ئابدۇقادىر  تېرىنىرنىڭ تەشكىللىشى ، يەككە تىجارەتچى ھۇسەنجان قاتارلىق پوتبول سۆيەريەككە تىجارەتچى  قىرىنداشلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا ، شىنجاڭ پوتبۇلچىلىقىنىڭ ئالتۇن بۆشىكى بولغان قەشقەر دىيارىمىزدا  مەيدانغا كەلگەن .
قەشقەر شەھەرلىك 7-باشلانغۇچ مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدا دەسلەپكى قەدەمدە  « ھىرىسمەنلەر »  دە مەشىققە قاتناشقان ئۆسمۇرلەر 23 نەپەر ئوقۇغۇچى مەشىققە كىرىشكەن . ئەتىگەن ۋە كەچلىك مەشىقنى مۇككەممەل ، سىستىملىق قىلىپ جاپالىق شارائىتلار ئۇستىدىن غالىپ كىلىپ ، ھىچقانداق بىر قوشۇمچە كىرىمى بولمىغان ئابدۇۋەلى تىرنىر ئۆزى پۇل چىقىرىپ مەشىققە كىتەرلىك بولغان بارىلىق ئەسلىھەلەرنى ئۆزى شەخسى سىتىۋىلىپ مەشىق ئۈنىمىنى يۇقىرى كۆتۇرگەن . ( شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دوستىمىز ئابدۇۋەلى ئابدۇقادىرنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ، تۇرمۇشىنىڭ باياشات بولىشىنى ئاللادىن تىلەيمەن)
2008-يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ گورپىسى بويىنچە ئۆتكۇزۇلگەن  « ئىسكەندەر لوڭقىسى» پوتبۇل مۇسابىقىسىدە تۇنجى ئۇزغۇنلۇقنى قولغا كەلتۇرۇپ  « ھىرىسمەنلەر » نىڭ جاپالىق مەشىقىنىڭ مىۋىسى كۆرۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسى يەنىمۇ ئاشتى .
يۇقارقى مۇسابىقە ئىلھامى ئاستىدا  « ھىرىسمەنلەر »  نىڭ پوتبولغا بولغان ھىرىسمەنلىكى تىخىمۇ كۇچىيىپ ،  ھەر كۈنلىكى ئىككى ۋاق مەشىققە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋال ئاستىدا ئىلىپ بىرىلدى.
w,w{/T +B  
mk1bcK9  
   
   تۇنجى مىۋىنىڭ تۈرىتكىسى ئاسىتىدا : 2009-يىل قەشقەر شەھەرلىك باشلانغۇچ مەكتەپلەر گورپىسى مۇسابىقىسىدە يەنە يۇقىرى ئۇستۇنلۇك بىلەن ئۇزغۇن بولغان. « ھىرىسمەنلەر » دىكى  ئاسالىق ئەزىمەتلەرنىڭ تولۇقسىزغا چىقىشى بىلەن  قەشقەر شەھەرلىك 10-ئوتتۇرا مەكتەپ  رەھبەرلىكى باش تېرنىر ئابدۇۋەلى ئابدۇقادىرنى بالىلارنى مەشىققە سىلىشقا  تەكلىپ قىلغان . بۇنىڭ بىلەن « ھىرىسمەنلەر » دىكى ئەزىمەتلەرنىڭ يىشىنىڭ چوڭىيىپ مىڭىشى، ئۇلارغا بولغان خىرىسنىڭ تىخىمۇ كۈچلۇك بولىشى سەۋەب  ئۇلارنىڭ مەشىق ۋاقتى ۋە سىجىللىقى ئاشتى، تىېرنىر ئابدۇۋەلى  ئەزىمەتلەرنى ئەتىراپلىق تەربىيەلەش ئۇچۇن ئۆزىنىڭ بالىقىنى ئۇلارغا بىغىشلىدى. پىشقەدەم رەھمەتلىك تېرنىر زۇنۇن مۇئەللىم بىلەن كۆپ قىتىم پىكىر ئالماشتۇرۇش، مەشىق تەجىربىسىنى ئىگەللەش ھەمدە دۆلىتىمىز ۋە ياۋروپانىڭ ئەڭ يېڭى مەشىق ئۇسۇلىنى دىيارىمىز پوتبۇل چىلىقى بىلەن زىچ بىرلەشتۇرۇپ يېڭى بىر پوتبول ئەندىزىسىنى ياراتتى .
Qc gRAo+u  
M\sN@+  
    2010  -يىلى 6-ئايدا بىيجىڭغا بىرىپ مەركىزى خەلق تىلىۋىزىيە ئىستانىسى « 我爱世界杯 » مەخسۇس پىروگىراممىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
G;&-\0>W  
     
«جاپانىڭ تىگى ئالتۇن» دىگەندە « ھىرىسمەنلەر »  نىڭ تارىتقان جاپاسى بىكارغا كەتمىدى . 2010-يىلى 8-ئايدا قەشقەر ۋىلايىتى بويىنچە ئۆتكۇزۇلگەن تولوق ئوتتۇرا مەكتەپلەر گورپىسى بۇيىنچە ئۆتكۇزۇلگەن مۇسابىقىدە ئەزىمەتلىرىمىز گەرچە كىچىك بولسىمۇ ئۆزىنىڭ يۇقىرى تەخنىكىسىنى نامايەندە قىلىپ بارىلىق رەقىبلىرى ئۇستىدىن غالىپ كىلىپ يەنە بىر ئۇزغۇنلىقنى قولغا كەلتۇردى . بۇ قىتىمقى پوتبۇل مۇسابىقىسىدە « ھىرىسمەنلەر »  بارىلىق پوتبۇل سۆيەر كۆرەرمەنلەر قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.
K&nE_.kbl  
U@gn;@\  
  
« ھىرىسمەنلەر »  كونىلارنىڭ « كەمتەرلىك ئادەمنى ئالغا ئۈندەيدۇ، مەغرۇرلۇق ئادەمنى غەبلەتتە قالدۇردۇ »  دىگەندە  ئۆزىنىڭ كەينى-كەينىدىن قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىسىدىن قانائەتلىنىپ مەغرۇرلانماستىن، تىخمۇ ئىزدىنىپ، مەشىقكە بولغان ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرۇپ 2011-يىللىق ئاپتونۇم رايۇنلۇق  ياش-ئۆسمۇرلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنى تاللاش مۇسابىقىسىدە  قەشقەردە ئۆتكۇزۇلگەن باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز گوروپىسى بويىنچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا قوش ئوزغۇنلۇقنى قولغا كەلتۇرۇپ ئاقسۇدا ئىلىپ بىرىلىدىغان جەنۇبى شىنجاڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشى سالاھىيتىگە ئىرىشكەن .
  
      2011-يىلى 2-ئايدا ئاقسۇدا ئىلىپ بىرىلغان « 2011-يىللىق ئاپتونۇم رايۇنلۇق  ياش-ئۆسمۇرلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنى ھەل مۇسابىقىسىدە  »  تولۇقسىز گورپىسى بويىنچە ئۇزغۇنلۇقنى ، باشلانغۇچ گورپىسى بويىنچە ئىككىنجىلىكنى ھەمدە ئەڭ ياخشى « مۇنەۋەر كاماندا » نامىغا مۇيەسسەر بولدى.
PUF/#ck  
  
s~>d:'k7|  
(تىرنىر ئابدۇۋەلى ئۆزىنىڭ تىرنىرى قەيسەر ئابىت بىلەن بىرگە)
:E_g"_  
V=zi >o`   
&QDW9 Mi  
e.V){}{V  
شۇ يىلى 5-ئايدا باش تېرنىر ئابدۇۋەلى ئابدۇقادىرنى قەشقەر شەھەرلىك 10-ئوتتۇرا مەكتەپ رەسمى ھالدا يۆتكەپ چىقىپ « ھىرىسمەنلەر »  كۇلۇبىنىڭ تەشكىللىنىشىگە ئاساس سالدى. ھەمدە مەخسۇس بىر پوتبۇل سىنىپى تەشكىللەپ ئۇلارنىڭ تىخىمۇ مۇكەممەل، سىستىملىق تەربىيلىنىشىگە ياخشى شارائىت يارتىپ بەردى.
b> | oU  
       2011-يىلى 9-ئايدا ئۆتكۇزۇلگەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ياش ئۆسمۇرلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە باشلانغۇچ گورپىسى بويىنچە ئۇزغۇنلۇققا ئىرىشتى. ھەمدە « ھىرىسمەنلەر »  پوتكۇل شىنجاڭ خەلقىگە تونۇلدى.
« ئاينىڭ 15يورۇق، 15 قاراڭغۇ » بولغاندەك ئۇلارنىڭ تولۇقسىز گورپىسىغا كۆز تەگىدى، بۇ قىتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئىرشكەن بىر قىسىم ئاساسلىق ئەزالارنىڭ يارلىنىشى يەنە بىر قىسىم ئەزالارنىڭ ياش چەكلىمىسىنىڭ ئىشىپ كىتىشى سەۋەب كۆڭۇلدىكىدەك نەتىجە بارلىققا كەلمىدى.  بۇ مۇسابىقە نەتجىسى ئۇلارغا نۇرغۇنلىغان ساۋاقلارنى ۋە تەجىربىلەرنى توپلاشقا تۇرتكە بولدى.
~1p f ?  
       « بۈگۈنكى مەغلۇبىيەت ئەتىدىكى غەلبىنىڭ ئاساسى »  دىگەندەك ئەزىمەتلىرىمىز دىيارىمىز قەشقەرگە قايىتقاندىن كىيىن ۋە يارىدار ئەزىمەتلەرنىڭ مەشىققە قايتىپ كىلىشى بىلەن 2011-يىلى 10-ئايدا ئۆتكۇزۇلگەن قەشقەر شەھرىنىڭ « 葱岭杯 » ئوتتۇر-باشلانغۇچ مۇسابىقىسىدە ئوتتۇرا مەكتەپلەر گورپىسى بويىنچە يەنە بىر ئۇزغۇنلۇقنى قولغا كەلتۇرپ ئەزىمەتلەرنىڭ ئىشەنچىسى يەنىمۇ ئاشتى .
%uKD cj  
R0Qp*&AL  
D3eK!'qS  
     ئىشىنىمىزكى « ھىرىسمەنلەر »  ئۆزىنىڭ « بىز ھەممىدىن كۈچلۇك ئەمەس، بىراق ئەڭ كۈچلۈك بولۇشقا تىرشىمىز »  دىگەن شۇئارى بويىنچە،  پوتبۇل ساھاسىدىكى يېڭى بىر پوتبۇل بۇلىقى بولۇپ قالغۇسى.
@I%m} >4Jm  
E>&dG:3no  
     تور بىكتىمىز گەرچە دىيارىمىزدىكى برىدىن بىر پوتبۇل تور بىكتى بولمىسىمۇ بىراق دىيارىمىزدىكى بارىلىق پوتبۇل سۆيەر دوسلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئارامگاھى بولغاچ بىزنىڭ ئىزچىل دىقتىمىزنى قوزغاپ كەلگەن بۇ « ھىرىسمەنلەر » گە بىزمۇ قوللاش ، قۇۋەتلەش، ياردەمدە بولۇش ھەمدە ئۇلارنىڭ تۇرلۇك ئىقتىسادى قىيىنچىلىقىنىڭ ھەل بولىشىغا ئاساس سىلىش ، ئۇيغۇر پوتبۇلچىلىقىدا يارقىن نوقتىغا ئايلىنىشىغا مەدەت بىرىش ئۈچۇن تور بىكتىمىز مەخسۇس بىر سەھىيپە قۇرۇپ « ھىرىسمەنلەر »  نىڭ شانلىق نەتىجىللىرىدىن دوسلارنى خەۋەرلەندۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۇرۇش مەقسەت قىلىندى.
,W.O*vCA  
    ھەرقانداق بىر پوتبول سۆيەر شىركەت ، ئىدارە-ئورگان، يەككە تىجارەتچى ۋە تورداشلارنىڭ  ياخشى تەكلىپ-پىكىرى ۋە قوللىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۇمۇد قىلىمىز.
باھالاش خاتىرىسى:
  • تۆھپە:+50(dilhux)
  • img]/attachment/photo/Mon_1203/3496b11fcd479aba5733b0050519a109fb.jpg ] [/iread.php?tid=25242
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: ھەۋەسكار پۇتبولچى

    UID: 8692
    جەۋھەر: 0
    يازما: 331
    شۆھرەت: 988 نۇمۇر
    پۇل: 254383 سوم
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 253(سائەت)
    تىزىملاش: 2011-02-24
    ئاخىرقى: 2012-05-23
    1  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-15 20:59

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى welcomeدە2012-02-15 20:00يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : j;GH|22  
    بارسېلونانىڭ كىيىمىنى كىيىپ گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ « لېگەن » ئىنى ئېلىۋاپتۇ ئەمەسمۇ C V{kP8#  
    JZa^GW:YQh  
    ئاشۇنداق دەششەت بۇلغاندىكىن ئالىدۇدە  ...كۇرۇپ بىقىڭ ئۇلارنىڭ كۇز دىكى نىمكىن ......
    /message.php?action-read-mid-36890.html