«جاپانىڭ تىگى ئالتۇن» دىگەندە « ھىرىسمەنلەر » نىڭ تارىتقان جاپاسى بىكارغا كەتمىدى . 2010-يىلى 8-ئايدا قەشقەر ۋىلايىتى بويىنچە ئۆتكۇزۇلگەن تولوق ئوتتۇرا مەكتەپلەر گورپىسى بۇيىنچە ئۆتكۇزۇلگەن مۇسابىقىدە ئەزىمەتلىرىمىز گەرچە كىچىك بولسىمۇ ئۆزىنىڭ يۇقىرى تەخنىكىسىنى نامايەندە قىلىپ بارىلىق رەقىبلىرى ئۇستىدىن غالىپ كىلىپ يەنە بىر ئۇزغۇنلىقنى قولغا كەلتۇردى . بۇ قىتىمقى پوتبۇل مۇسابىقىسىدە « ھىرىسمەنلەر » بارىلىق پوتبۇل سۆيەر كۆرەرمەنلەر قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.
tFL/zqgm
sTO*
« ھىرىسمەنلەر » كونىلارنىڭ « كەمتەرلىك ئادەمنى ئالغا ئۈندەيدۇ، مەغرۇرلۇق ئادەمنى غەبلەتتە قالدۇردۇ » دىگەندە ئۆزىنىڭ كەينى-كەينىدىن قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىسىدىن قانائەتلىنىپ مەغرۇرلانماستىن، تىخمۇ ئىزدىنىپ، مەشىقكە بولغان ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرۇپ 2011-يىللىق ئاپتونۇم رايۇنلۇق ياش-ئۆسمۇرلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنى تاللاش مۇسابىقىسىدە قەشقەردە ئۆتكۇزۇلگەن باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز گوروپىسى بويىنچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا قوش ئوزغۇنلۇقنى قولغا كەلتۇرۇپ ئاقسۇدا ئىلىپ بىرىلىدىغان جەنۇبى شىنجاڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشى سالاھىيتىگە ئىرىشكەن .
2011-يىلى 2-ئايدا ئاقسۇدا ئىلىپ بىرىلغان « 2011-يىللىق ئاپتونۇم رايۇنلۇق ياش-ئۆسمۇرلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنى ھەل مۇسابىقىسىدە » تولۇقسىز گورپىسى بويىنچە ئۇزغۇنلۇقنى ، باشلانغۇچ گورپىسى بويىنچە ئىككىنجىلىكنى ھەمدە ئەڭ ياخشى « مۇنەۋەر كاماندا » نامىغا مۇيەسسەر بولدى.
IMjnj|Fj
gk\IivPb
(تىرنىر ئابدۇۋەلى ئۆزىنىڭ تىرنىرى قەيسەر ئابىت بىلەن بىرگە)
m]BxGwT=m
bE.,)GY
dJM)~Ay-
" 4#V$V
شۇ يىلى 5-ئايدا باش تېرنىر ئابدۇۋەلى ئابدۇقادىرنى قەشقەر شەھەرلىك 10-ئوتتۇرا مەكتەپ رەسمى ھالدا يۆتكەپ چىقىپ « ھىرىسمەنلەر » كۇلۇبىنىڭ تەشكىللىنىشىگە ئاساس سالدى. ھەمدە مەخسۇس بىر پوتبۇل سىنىپى تەشكىللەپ ئۇلارنىڭ تىخىمۇ مۇكەممەل، سىستىملىق تەربىيلىنىشىگە ياخشى شارائىت يارتىپ بەردى.
zlZ$t{[,
2011-يىلى 9-ئايدا ئۆتكۇزۇلگەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ياش ئۆسمۇرلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە باشلانغۇچ گورپىسى بويىنچە ئۇزغۇنلۇققا ئىرىشتى. ھەمدە « ھىرىسمەنلەر » پوتكۇل شىنجاڭ خەلقىگە تونۇلدى.
« ئاينىڭ 15يورۇق، 15 قاراڭغۇ » بولغاندەك ئۇلارنىڭ تولۇقسىز گورپىسىغا كۆز تەگىدى، بۇ قىتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئىرشكەن بىر قىسىم ئاساسلىق ئەزالارنىڭ يارلىنىشى يەنە بىر قىسىم ئەزالارنىڭ ياش چەكلىمىسىنىڭ ئىشىپ كىتىشى سەۋەب كۆڭۇلدىكىدەك نەتىجە بارلىققا كەلمىدى. بۇ مۇسابىقە نەتجىسى ئۇلارغا نۇرغۇنلىغان ساۋاقلارنى ۋە تەجىربىلەرنى توپلاشقا تۇرتكە بولدى.
d0~F|j\#
« بۈگۈنكى مەغلۇبىيەت ئەتىدىكى غەلبىنىڭ ئاساسى » دىگەندەك ئەزىمەتلىرىمىز دىيارىمىز قەشقەرگە قايىتقاندىن كىيىن ۋە يارىدار ئەزىمەتلەرنىڭ مەشىققە قايتىپ كىلىشى بىلەن 2011-يىلى 10-ئايدا ئۆتكۇزۇلگەن قەشقەر شەھرىنىڭ « 葱岭杯 » ئوتتۇر-باشلانغۇچ مۇسابىقىسىدە ئوتتۇرا مەكتەپلەر گورپىسى بويىنچە يەنە بىر ئۇزغۇنلۇقنى قولغا كەلتۇرپ ئەزىمەتلەرنىڭ ئىشەنچىسى يەنىمۇ ئاشتى .
Cfu]umZLn
kVWcf-f
H;\C7w|
ئىشىنىمىزكى « ھىرىسمەنلەر » ئۆزىنىڭ « بىز ھەممىدىن كۈچلۇك ئەمەس، بىراق ئەڭ كۈچلۈك بولۇشقا تىرشىمىز » دىگەن شۇئارى بويىنچە، پوتبۇل ساھاسىدىكى يېڭى بىر پوتبۇل بۇلىقى بولۇپ قالغۇسى.
E} XmZxHV
[k%hl`}
تور بىكتىمىز گەرچە دىيارىمىزدىكى برىدىن بىر پوتبۇل تور بىكتى بولمىسىمۇ بىراق دىيارىمىزدىكى بارىلىق پوتبۇل سۆيەر دوسلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئارامگاھى بولغاچ بىزنىڭ ئىزچىل دىقتىمىزنى قوزغاپ كەلگەن بۇ « ھىرىسمەنلەر » گە بىزمۇ قوللاش ، قۇۋەتلەش، ياردەمدە بولۇش ھەمدە ئۇلارنىڭ تۇرلۇك ئىقتىسادى قىيىنچىلىقىنىڭ ھەل بولىشىغا ئاساس سىلىش ، ئۇيغۇر پوتبۇلچىلىقىدا يارقىن نوقتىغا ئايلىنىشىغا مەدەت بىرىش ئۈچۇن تور بىكتىمىز مەخسۇس بىر سەھىيپە قۇرۇپ « ھىرىسمەنلەر » نىڭ شانلىق نەتىجىللىرىدىن دوسلارنى خەۋەرلەندۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۇرۇش مەقسەت قىلىندى.
G-)e(u
ھەرقانداق بىر پوتبول سۆيەر شىركەت ، ئىدارە-ئورگان، يەككە تىجارەتچى ۋە تورداشلارنىڭ ياخشى تەكلىپ-پىكىرى ۋە قوللىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۇمۇد قىلىمىز.