ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى مۇنبىرىمىز 2007-يىلى4-ئاينىڭ26-كۈنى قۇرۇلغاندىن تارتىپ 4يىل8ئاي7كۈنلۈك بوپتۇ مۇنبەرمۇ تەرەققىي قىلىپ قاراپ باقسام ئەزا سانى 9911 ئادەمگە يىتپتۇ. مۇشۇ جەرياندا مۇنبىرىمىز نۇرغۇن ئىسسق سوغوق ،ئىلىمان سالقىنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ 10000ئەزالاق بىر چوڭ تور بەت بۇلۇش ھارپىسىدا تۇرىۋاتىدۇ. ئەگەر 5-ئىيول ۋەقەسى سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق ئىتىۋىتىلمىگەن بولسا ئاللا بۇرۇن ئەزا سانى بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بۇلاتتى . مەن 2007-يىلى 19-ماي مۇشۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغان ئەزالىق نۇمۇرۇم 173، مەن شۇ مۇنبەر نىڭ كونا ئەزاسى بولساممۇ ئەمەل تۇتمىغان ئادەتتىكى خىزمەتچى( 3خىل پىشقەدەم)ياشنىڭ چۇڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇرۇنقى دوست بۇرادەرلەرنى ئەسلەيدىغان بۇلۇپ قالىدىكەن . بۇرۇن بىز قىزىل ئالۋاستىلار مۇنبەرنى قىزىتاتتۇق، لىكىن نىمە بولدى بۇرۇنقى ئەزەلارنى كۆرگىلى بولمايدىغان بۇلۇپ كەتتى، بۇرۇنقى ئەزالاردىنWOLFCRY,REDDEVIL, پورلى، ھېلېىقى جىدەل قوزغايدىغان ئەنجۈنخۇەن، ئاتۇشلۇق لىۋېرپول مەستانىلىرى دىلخۇش بىلەن كاپىتان جېرراد، چېلسى مەستانىسى بىر بالا بارتى بەلگىسى؛ ئۇمۇ ئاتۇشلۇق ،لەمپارد مەستانىسى قاتارلىق جىق بالىلار بارتى، ئىشقىلىپ گەپنىڭ قىسقىسى ئۇنداق يۇقاپ كەتمەي كىرىپ تۇرۇڭلار مۇنبەرگە، مانا مەنمۇ ھاسامغا تايىنىپ بولسىمۇ كىرىۋاتىمەن. بەك قېرىپ ماڭالمايدىغان بۇلۇپ قالغان بولساڭلار مۇنبەر باشلىقى نىجاتبايغا دىسەك مۇنبەر خىراجىتىن ئازراق ئاجرىتىپ چاقلىق ھارۋا ئېلىپ بەرسۇن.ماڭا مۇنبەر بۇرۇنقىدەك قىزىمايدىغان بۇلۇپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى، بۇرۇن بىر تىما ئوتتۇرغا قۇيۇلسا ھەتتا 10،20بەت مۇنازىرە بوپ كەتكەن تىمىلارمۇ باتى،مەن ئابىياتىن تىلغا ئالغانلار قالتىس بىلىمى بارلار تى (ماڭا نىسپەتەن)ئىشقىلىپ باللا مۇنبەرنى ھەممىمىز ھەسسە چىقىرىپ بىر گۈلەندۈرۈشكە تەڭ تۆھپە قۇشايلى. كونا ئەزالارمۇ كىرىپ تۇرۇڭلار. _;5zA"~c#@
كامالىي ئېھتىرام بىلەن؛4-دوختۇرخانىدىكى بىمار ساراڭ دىن \.i ejB
مىلادىيە 2012-يىلى13-يانىۋار كومپىيۇتىر دا يېزىلدى. نەشىر ھۇقۇقى ئانامدا ،كۈچۈرگىچىلەر بولسا سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.