YD
H!Nl >0Y >T6! سىنا تورى خەۋىرى،29-دىكابىر شەندۇڭ لۇنىڭ كۇلۇبى تور بىكىتىدە گوللاندىيلىك تېرىنىر تېنكاتنىڭ كوماندىنىڭ يىڭى مەشقاۋۇللىقىغا تەكلىپ قىلىنغانلىغى،يىڭى مەشقاۋۇلنىڭ كىلەر يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى كوماندا بىلەن ئۇچرىشىپ،رەسمى تېرىنىرلىق خىزمىتىنى باشلايدىغانلىغىنى ئىلان قىلدى.
$~!%Px) لۇنىڭ كۇلۇبى 2011-يىللىق پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن كىيىنلا،يىڭى باش تېرىنىر تاللاش خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ،كۆپلىگەن نامزاتلارنىڭ ئىچىدىن گوللاندىيلىك داڭلىق تېرىنىر تېنكات كوماندىنىڭ كىلەر پەسىللىك باش تېرىنىرلىقىغا تاللاندى .كۇلۇپ تەرەپ نۆۋەتتە تېنكات بىلەن ئالاقىدار ئىشلاردا بىردەكلىككە كىلىپ بولغان.
aY}:9qBice تېنكات بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن بولۇپ،ئىلگىرى ئىسپانىيە ئادەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى،ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى،گوللاندىيە بىرلەشمە مۇسابىقىللىرى ۋە گېرىتسىيە، قاتار،ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەردە باش تېرىنىرلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.خىزمەت تەجىربىسى مول،نەتىجىسىمۇ كۆرۈنەرلىك.گېرىتسىيەدىكى پاناشىناكىس كوماندىسىنى يىتەكلەپ،ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ 16 كۈچلۈك مۇسابىقىسىگە كىرگەن.
N4I`6uDgD ئىگىلىنىشچە،تېنكات 1-ئاينىڭ 6-كۈنى كۇلۇپ بىلەن توختام ئىمزالايدىغان بولۇپ،شۇ كۈندىن باشلاپ كوماندىنى رەسمى قولىغا ئالىدىكەن.
X0Zqx1 دېنكاتنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
JFH3)Q تېنكات،1954-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى گوللاندىيدە تۇغۇلغان.ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا،ئىنگىلىز،ئىسپان،نىمىس،ئەرەپ تىللىرىنى بىلىدۇ.ياۋرۇپا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى تارقاتقان كەسپى تېرنىرلىق سالاھتىگە ئىگە.
3O7]~5 j1 تېنكات ئىلگىرى كەسپىي پۇتبولچى بولۇپ،گوللاندىيە دۆلەت ئىچىدىكى كۇلۇپلاردا توپ ئوينىغان. 1990-يىلدىن باشلاپ تېرىنرلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ،1997-يىلغىچە گوللاندىيە بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلاردا تېرنىرلىق بىلەن شۇغۇللانغان.گوللاندىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 1997-يىلى ئۇ يىتەكلىگەن كوماندا گوللاندىيە بىرلەشمىسىدە 2-بولغان.1998-يىلى گېرمانىيە ب دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى ئۇدگېن كوماندىسىغا باش تېرىنىر بولغان.2000-يىلدىن 2003-يىلغىچە گوللاندىيدىكى بېرىدا كوماندىسىغا باش تېرىنىر بولغان.2003-يىلدىن 2006-يىلغىچە بارسىلونا كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرىنىرى بولغان.2007،2008 مۇسابىقە پەسلىدە چىلسىي كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرىنىرى بولغان.
r*HbglB 2008-2009 مۇسابىقە پەسلىدە،گېرىتسىينىڭ پاناشىناكىس كوماندىسىغا باش تېرىنىر بولغان،ھەم شۇ مۇسابىقە پەسللك چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسدە 16 كۈچلۈك كوماندا ئىچىگە كىرگەن. ئۆتكەن مۇسابىقە پەسلىدە قاتاردىكى ئۇم سالىر كوماندىسىغا باش تېرىنىر بولۇپ،قاتار دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە 2-بولغان