تارىختا ئەھمىيىتى ئەڭ زور بولغان پادىشاھلىق لوڭقىسىدىكى مۇكاپات ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى! 27- دېكابىر «ماكا گېزىتى» خان جەمەتى مادرېد كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى زوژدېستىۋو بايرىملىق دەم ئېلىشتىن كېيىن قايتىپ كەلگەندە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە 100 مىڭ ياۋرو مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. deV
8
3yU.& k
2011-يىللىق پادىشاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونى خان جەمەتى مادرېد كوماندىسى تەرىپىدىن «تارىختىكى ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە پادىشاھلىق لوڭقىسى چېمپيونى» دەپ تەرىپلەندى، بۇ بۇلسا خان جەمەتى مادرېد كوماندىسىنىڭ ئارىلىقتا 18 يىل ئۆتۈپ بۇ تۈردىكى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، تېخىمۇ موھىمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئەشەددىي رەقىبى بارسېلونا كوماندىسىنى يېڭىپ بۇ شەرەپكە نائىل بولدى، بۇ شەرەپكە تايىنىپ، مورىنىئو خان جەمەتى مادرېد تەرىپىدىن 2011-يىللىق مۇنەۋۋەر ترېنېر، كاشىلياس بولسا، ئىسپانىيدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ باھالاندى. v50bdj9}k
W_\5nF
100 مىڭ ياۋرو C رونالدودەك مىليۇنلاپ مائاش ئالىدىغان توپچىلار ئۈچۈن ھىچقانچە چوڭ سان ئەمەس، ھەتتا خان جەمەتى مادرېدنىڭ جۇڭگۇغا كېلىپ سودا مۇسابىقىسى ئوينىغان چاغدىكى تەمىناتىغىمۇ يەتمەيدۇ، بىراق بۇ سان دېمارىيانىڭ ئىككى ھەپتىلىك مائاشىغا تەڭ كېلىدۇ، ئەڭ مۇھىمى بۇ پۇل خان جەمەتى مادرېدنىڭ توپچىلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق كۇلۇبغا قوشقان تۆھپىسىنى جەزىملەشتۈرگەنلىكى ھېسابلىنىدۇ. خان جەمەتى مادرېد توپچىلىرى 29-دېكابىر كۇلۇبقا قايتىدۇ. كۇلۇب يانۋاردا ھەربىر توپچىغا 100مىڭ ياۋرۇدىن مۇكاپات تارقىتىدۇ. بۇ پۇل بولسا 2011-يىللىق پادىشاھلىق لۇڭقىسى چېمپىيۇنلىقىنىڭ مۇكاپاتى.