سىز بۇ تېمىنىڭ 2199 - ئوقۇرمىنى
تېما: 20-ئەسىردىكى ئىككى مـۈڭـگـۈزلــــۈك قوچقار !
3-ئەۋلاد پۇتبول شاھى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 9222
جەۋھەر: 8
يازما: 1391
شۆھرەت: 2433 نۇمۇر
پۇل: 8629 سوم
تۆھپە: 51 نۇمۇر
ياخشى باھا: 249 نۇمۇر
توردا: 262(سائەت)
تىزىملاش: 2011-06-30
ئاخىرقى: 2012-04-19
0  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 16:58

20-ئەسىردىكى ئىككى مـۈڭـگـۈزلــــۈك قوچقار !

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ankar528 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-11-15)
H`1{_  
%?}33yV  
بۇ  ئىككى  قوچقار  20-ئەسىرنىڭ  ئوتتۇرىلىرىدىن  كىيىن  پۇتبول  ساھەسىدە  يۇلتۇز  بولۇپ  چاقنىغان  مۇكەممەل  پۇتبول  شاھى  پىلى  بىلەن  2-ئەۋلاد  پۇتبول شاھى  دەپ  مەدھىيەلىنىپ  كىلىۋاتقان  مارادونا  بۇ  ئىككەيلەننىڭ  پۇتبول  ساھەسەدىكى  يۈز  ئابرويى  خۇددى  دۇنيانىڭ  يۇقۇرى سىياسى  قاتلىمىدىكى  ئامرىكا زۇڭتۇڭى  ئوباما  بىلەن  ئىران  زۇڭتۇڭى ئەھمەد نىجاتقا  ئوخشاپ  قالىدۇ. B@&4i?yJ  
بۇ  ئىككى  مەشھۇر  پۇتبول  تەنھەرىكەتچىسى  بىر-بىرى بىلەن  پۇت تىپىشىپ گەپ تالىشىپلا   كىلىۋاتىدۇ ، خۇددى كونىلارنىڭ  بىر  قازانغا  ئىككى  قوچقار نىڭ  كاللىسى  پاتماپتۇ دىگىنىدەكلا  بىر  ئىش . DI:]GED" =  
پىلى nuk*.Su  
   v|uAzM{73  
   oW ::hB  
بىرازىلىيەلىك  پۇتبول  شاھى پىلى  پۇتبولچىلىق  ھاياتىدا  نۇرغۇنلىغان  شانلىق  نەتىجىلەرنى  قازانغان  بولۇپ  ئۇ  پۇتبولچىلىق   ھاياتىدا  جەمى  تۆت  قېتىم دۇنيا  لوڭقىسى  پۇتبول  مۇسابىقىسىگە  قاتناشقان  . ; <&*rnH  
پىلى تۆت قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچ قېتىملىقىدا دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ مەڭگۈ كۆز يۇمغۇسىز يەخشى نەتىجىنى ياراتقان. _I@9HC 4  
ئۇنىڭ پۇتبول ساھەسىدىكى شان شەرىپى ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا جەمى 1281توپ كىرگۈزگەن . yXSFjcoB  
پىلى 1281توپ كىرگۈزگىنىدىن ئۆزىمۇ بەك پەخىرلىنىدۇ. l`oZ) ?ur  
پىلىنىڭ  ئۆچمەس پۇتبول شاھى دىگەن نامى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ شان شەرىپى شۇڭا ئۇ ھېچكىمنى ئۆزىگە تەڭ قىلىشنى خالىمايدۇ.بىراق ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇرالايدىغان تاشقى پىلانت ئادىمى رونالدو  يەنى مەستانىلەر قەلبىدىكى 3-ئەۋلاد پۇتبول شاھى ، مارادونا... قاتارلىقلار بار دەپ قارايمەن.   llcb~  
KN 
مارادونا B2>H_dmQ  
3EJj9}#x"'  
مارادونانىڭ بوي ئىگىزلىكى ئاران 160سانتىمىتىر كىلىدىغان تۇرۇپ ئۇ ھەقىقەتەن نۇرغۇنلىغان شەرەپلەرگە ئېرىشتى ئۇ مەڭگۈلۈك بىر ئۇلۇغلاشقا تىگىشلىك نەتىجە U{2BVqM  
بىراق ئۇ كىيىن زەھەرلىك چىكىملىك چىكىپ ئۆزىنى بۇلغىۋالدى ئىسىت بۇ چولپىنىمىزنىڭ ئالتۇن دەۋرى......................................... ھەي بولدىلا . zk$FkbX  
مارادونا ھازىر تىيېنئىرلىق ساھەسىدە ئىشلەۋاتىدۇ بىراق ھازىر كونا نىجىس ھۆنىرىنى تاشلىۋەتتى ئۇ تىرىشسىلا  ئەڭ ياخشى يىتىشكەن تىيېنئىرلانىڭ بىرى بولالىشى مۇمكىن . مۇھىمى ئۇ ئارگىنتىنانى يەنە بىر قېتىم تۇتۇشى كىرەك. b$N 2z  
A)bWcB}U  
پۇتبول پادىشاھى مارادونا GeyvId03H  
EMY/~bQW  
4-باپ C 3^JAP  
تۈزگۈچى : لىن شى : 林夕     fObg3S92  
( تەرجىمە قىلغۇچى ) : ئالىمجان تاھىر =bfJ^]R  
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل 3-ئاي 1-نەشرى u(@$a4z  
L-ET<'u  
1990-يىل 8-ئىيۇن ، پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىنىڭ نەزەرى ئىتالىيىنىڭ مىلان شەھىرىگە تىكىلگەنىدى . چۈنكى 14-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى . مىلان ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى كىيىم - كېچەك مەركىزى بولۇپ ، پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىمۇ رەڭدار مودا كىيىم - كېچەكلەر كۆرگەزمە قىلىندى . مېئاززا تەنتەربىيە مەيدانىدا ئاجايىپ لاتاپەتلىك كىيىم مودېللىرى كىيىم - كېچەك ئارقىلىق تۈرلۈك ئىرقتىكىلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىۋاتقاندا كىشىلەر دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈش تەشنالىقىدا ئولتۇراتتى . لېكىن ، ئاخىرقى نەتىجە كىشىلەرنى ئەپسۇسلاندۇردى ، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 70-يىللاردا پۇتبول يېڭى دولقۇنى بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى ئەڭ مەززىسىز مۇسابىقە بولدى ، پۇتبول مەستانىلىرى توپ كىرىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئاغرىندى . بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغىچە ئېلىپ بېرىلغان بارلىق مۇسابىقىلەر كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈردى ، مانا بۇ مۇسابىقىنىڭ تاماشىبىنلاردا قالدۇرغان ئەڭ زور تەسىرى بولۇشى مۇمكىن . تۆۋەندىكى مەلۇم بىر گېزىت باھالىغان 1990-يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئون خەۋەردىن بۇ نۇقتىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز : 1. ئارگېنتىنا كوماندىسى ناپلېستا ساھىبخان دۆلەت ئىتالىيە كوماندىسىنى شاللىۋېتىپ ، ئىتالىيىلىكلەرنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇردى ؛ 2. چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە 11 قەدەملىك توپ ( بۇ توپ ئۈستىدە تالاش - تارتىش بار ) ئارقىلىق ئۇتۇش - ئۇتتۇرۇش ئايرىلدى ، توپ مەستانىلىرى بۇنىڭدىن تولىمۇ نارازى بولدى ؛ 3. كامېرون كوماندىسىنىڭ نامى ئالەمگە پۇر كېتىپ ، مىلا دۇنياۋىي پۇتبول چولپىنىغا ئايلاندى ؛ 4. برازىلىيە كوماندىسى ئالدىنقى سەككىز كوماندا قاتارىغا كىرەلمەي ، جۇڭگو ۋە چەتئەل پۇتبول تەقرىزچىلىرىنىڭ قىياسىنى سۇغا چىلاشتۇردى ؛ 5. رېپىرىلارنىڭ خاتا ھۆكۈم قىلىشى ئەڭ كۆپ بولغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى بولدى ؛ 6. ئىككى نەپەر دۇنياۋىي چولپان رۇدى ۋوللېر بىلەن رىجكارد تۈكۈرۈشكەنلىكى ئۈچۈن تەڭلا مەيداندىن چىقىرىۋېتىلدى ؛ 7. گوللاندىيىلىك گىگانت چولپان گۇللىتنىڭ ئىپادىسى كەڭ پۇتبول مەستانىلىرىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى a =J^  
a zCf  
8. ئىتالىيىدىكى مەغلۇبىيەت سوۋېت ئىتتىپاقى پۇتبول ساھەسىدىكىلەرنىڭ يېڭى سۆز تېمىسىغا ئايلاندى ؛ 9. مارادونا دەۋرى ئاخىرلاشتى ؛ 10. سكىللاچى دەۋرى باشلاندى . ناۋادا يۇقىرىقىلارنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىدىغان بولساق ، بىر قانچە تۈرلۈك خەۋەرنىڭ مارادونا بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بايقايمىز . ئەڭ چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان خەۋەرنى دەل مارادونا يېتەكچىلىكىدىكى ئارگېنتىنا كوماندىسى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى . ئىككىنچى تۈرلۈك خەۋەردە ، كۈچلۈك غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى مارادونادىن ئەندىشە قىلىپ پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە پېتىنالمىغان ، ئارگېنتىنا كوماندىسى بولسا يالغۇز مارادونانى ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە قالدۇرۇپ ، قالغان ئون نەپەر ئەزا مۇداپىئەدە تۇرغان ، شۇڭا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە سۇس ئېلىپ بېرىلغانىدى . ئۈچىنچى تۈرلۈك خەۋەردىكى كامېرون كوماندىسى مۇبادا مارادونا باشچىلىقىدىكى ئارگېنتىنا كوماندىسىنى مەغلۇب قىلمىغان بولسا ، نەدىمۇ ئۇنداق زور شۆھرەتكە ئېرىشەلىسۇن ؟ تۆتىنچى تۈرلۈك خەۋەرنى بىر تالانت ئىگىسى بەش سېكۇنتتىلا بارلىققا كەلتۈرگەنىدى . بەشىنچى تۈرلۈك خەۋەردە مارادونا ۋراتاغا كىرگەن توپنى قولى بىلەن چىقىرىۋەتكەن ، ئەمما رېپىرى كۆرمىگەنىدى ... سەككىزىنچى تۈرلۈك خەۋەردىكى تراگېدىيىنى مارادونا قولى بىلەن توسىغان توپ كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى . ناۋادا توققۇزىنچى تۈرلۈك خەۋەر بولمىسا ، ئونىنچى تۈرلۈك خەۋەر سكىللاچى دەۋرىدىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن ؟ ^yWL,$  
كىشىلەر بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ باش پېرسوناژى ساھىبخان دۆلەت ئىتالىيە كوماندىسى ياكى پولاتتەك ئىرادىلىك غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى دەپ قاراشقانىدى ، ئەمما ئاخىرقى نەتىجە ئۇلارنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ، باش رولچىنىڭ مارادونا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى . 2GP=&K/A  
كىشىلەر ئىلگىرىكى بىر قانچە نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە چېمپىيون كوماندىنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئويلاپ ، كامېرون كوماندىسىغا ئۈمىد باغلىغانىدى . ^H~h\,;zQ  
بىراق ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆگەنگەن خاھىشى بويىچە مارادونا پۇتبول پادىشاھلىق تاجىغا داغ كەلتۈرۈشنى خالىمايدۇ ، دېگەن ئويدا ئارگېنتىنا كوماندىسى غەلىبە قىلىشى مۇمكىن دەپ قىياس قىلىشتى . مارادونا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى 1989ـ1990-يىللىق ئىتالىيە Aدەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ناپولى كوماندىسىنى يېتەكلەپ ئىككىنچى قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن بولۇپ ، ئىتالىيىدە مۇسابىقىلىشىش ئۆز دۆلىتىدە مۇسابىقىلەشكەنگە ئوخشاش ئىدى . K18}W*$ d  
فرانسىيە رېپىرى ۋاتېرلۇنىڭ پۇشتەك چېلىشى بىلەن تەڭ مۇسابىقە باشلاندى ، مارادونانىڭ توپ باشلىشى بىلەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى . ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن ۋراتار پۇمىدۇ ، بېكلەردىن فابرى ، رۇگگېرى ، سىمونلار ، خافبېكلەردىن باسۇئالدو ، لورېنزو ، باتىستا ، برۇچچاگا ، سېنسىنىلار ، ھۇجۇمچىلاردىن مارادونا ۋە بالبولار مەيدانغا چىققانىدى . مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ئەندىشىسى رېئاللىققا ئايلاندى . مۇسابىقىدە جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە ئافرىقا قىتئەسى ماھىرلىرىنىڭ شەخسىي تېخنىكىسى نەپىس ھەم پىششىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئوتتۇرا مەيدان ۋە ئوتتۇرا يولدا قىسقا پاسلىشىپ جىددىي ئېلىشتى . كامېرون كوماندىسى تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئاجىز ئەمەس ئىكەن دېگەندىن كۆرە ، ئارگېنتىنا كوماندىسى ئويلىغاندەك كۈچلۈك ئەمەسكەن دېگەن تۈزۈك . مارادوناغا ناھايىتى ھاردۇق يەتكەندەك قىلاتتى . مانا ھازىر سەپداشلىرى بەرگەن توپنى 1986-يىلدىكىدەك چەبدەسلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلالمايۋاتاتتى ، بەلكىم بۇ مارادونا توپنى ئېلىپ ئىنكاس قىلىپ بولغۇچە قارشى تەرەپ توپنى تېپىۋەتكەنلىكتىن بولسا كېرەك . كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مارادونا بىر ئاز تۇيغۇسىنى تېپىۋېدى ، قارشى تەرەپ غەيرىي تېخنىكىلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەتتى . مۇسابىقە داۋاملىشىپ 64 مىنۇت بولغاندا ، كامېرون كوماندىسىدىن ئىككىنچى نومۇرلۇق ماھىر بىيىك مەيداندىن چىقىرىۋېتىلدى ، ئەمدى مارادونا رەقىبىنىڭ بىر ئادىمى كەم بولغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كىشىلەرگە شادلىق بەخش ئېتەلەرمۇ ؟ _dqzB$JV  
بىر نەچچە مىنۇتتى كېيىن كامېرون كوماندىسى ئالدى مەيداندا ئىختىيارىي توپ ئۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ، توپنى سەككىزىنچى نومۇرلۇق ماھىر مبوئۇ چىقىرىش بىلەن تەڭ يىگىرمىنچى نومۇرلۇق ماھىر ماكاناكى باش بىلەن ئۈسۈپ پاس بەردى ، يەتتىنچى نومۇرلۇق ماھىر بىيىك ( كامېرون كوماندىسىدا بىر قېرىنداش ئىككى ماھىر بار ) توپنى ئۈسكەندەك بىر ھەرىكەت قىلىۋېدى ، ۋراتار پۇمىدۇ توپنى تۇتالمىدى ، توپنىڭ سۈرئىتىمۇ ئاستا ئىدى . ئۇ ناھايىتى جىددىيلىشىپ كەتكەنىدى . ئىختىيارىي توپ چىقىرىلىش ئالدىدا ئۇ ۋراتانى تاشلاپ ئالدىغا چىقىشقا تەمشەلگەنىدى ، ماكاناكى توپنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە خاتا ھالدا تەڭپۇڭلۇقىنى سولغا يۆتكىدى . توپ ئوڭ تەرىپىدىن يەرگە چۈشۈۋاتقاندا ئۇ ئالاقزادە بولۇپ قول بىلەن توسىماقچى بولدى . نەتىجىدە توپ ئاستا دومىلاپ ۋراتاغا كىرىپ كەتتى . بۇ ھال كامېرونلۇقلارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈش ئىرادىسىنى كۈچەيتتى . ئارگېنتىنالىقلارغا شۆھرىتىنى قوغداش پۇرسىتى قالمىدى . مارادونامۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمىدى . *1 uKr9  
@P#N2:jwj  
   hpHr\g  
تۆت يىلدىن بۇيان مارادونا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن ئۆتكۈزدى ، بۇ نېمە ئۈچۈن ؟ p, h9D_  
مارادونا مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنانى ئالتۇن لوڭقىغا ئېرىشتۈرگەندىن كېيىن ، ئىككىنچى يۇرتى ناپلېس ئۈچۈن بەلگىلىك ئىش قىلىپ بېرىدىغان پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى تونۇپ يەتتى . ئۇ ئىلگىرى ناپولى كوماندىسىنى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرۈشكە كۆپ قېتىم ۋەدە قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن قىلچە سەۋەنلىكتىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانىدى . فرانسىيە پۇتبول چولپىنى پلاتىنى باشچىلىقىدىكى يۇۋېنتۇس كوماندىسى دائىم ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالاتتى . بۇ قېتىم مارادونا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ‹‹ پۇقرا ››لىرىغا : ‹‹ بۇ يىل چوقۇم بىرلەشمە مۇسابىقە لوڭقىسىنى ناپلېسقا ئېلىپ كېلىمىز ›› دېدى . مارادونا ئويلىغىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايتتى ، توپ مەستانىلىرى خۇددى لوڭقىنى قولغا كەلتۈرگەندەك خۇشاللىققا چۆمگەنىدى . }u\])I3  
مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ، كىشىلەر ۋراتاغا توپ ئۇرۇشنىڭ مارادونانىڭ بىردىنبىر ئارتۇقچىلىقى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغانىدى . شۇڭا كۇلۇب رەئىسى فېررىئانو برازىلىيە ھۇجۇمچىسى كارېكانى تەكلىپ قىلىپ ، مارادونا ۋە كارېكادىن تەركىب تاپقان كۈچلۈك ھۇجۇم سېپىنى تەشكىل قىلدى ، كىشىلەر مارادونانىڭ ھۇجۇم ئۇيۇشتۇرۇش ماھارىتىگە ئاپىرىن ئېيتىشتى . كارېكا قارشى تەرەپ مۇداپىئە سېپىدىن يوچۇق تاپالىسىلا ، مارادونا ئۇنىڭغا توپنى دەل جايىدا پاس بېرەلەيتتى ؛ رەقىبلىرى ئۇنىڭ بىلەن كارېكانىڭ پاسلىشىشىنى توسۇش بىلەن بولۇپ كېتىپ بىر ئازلا بىخەستىلىك قىلسا ، مارادونا ئىككىلەنمەيلا ئۇنى ئارقىدا قالدۇراتتى . >tYm+coS  
يۇۋېنتۇس كوماندىسى باشقا كوماندىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ماھىرلىرىنى ئۆزىگە قارىتىشقا ماھىر ئىدى . ئەلۋەتتە ، پۇتبول ماھىرلىرىنى ئۆزىگە قارىتىشتا كۈچلۈك ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىناتتى . ناپولى كۇلۇبى مارادونانى سېتىۋالغاندا بانكىدىن قەرز ئېلىشقا مەجبۇر بولغان ، بىراق يۇۋېنتۇس كوماندىسى پلاتىنىنى تەكلىپ قىلغاندا پۇل ئۈستىدە باش قاتۇرمىغانىدى . 1986ـ1987-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە يۇۋېنتۇس كوماندىسىدا ‹‹ ليۇدوۋىك XIV›› دەپ نام ئالغان فرانسىيە ماھىرى پلاتىنى ، دانىيىلىك لائۇدرۇپ ۋە ئېللېكبىر ، شۇنداقلا بىر تۈركۈم ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى ماھىرلىرى بار ئىدى . q3mJ782p]  
r)lEofX,g+  
شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاش ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىگە ئىشەنچى كامىل ئىدى . 1987-يىل يانۋاردا ناپولى كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى . B}n,b#,*  
40 نەچچە يىلدىن بۇيان يۇۋېنتۇس كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ باقمىغانىدى . شۇڭا ، مۇسابىقىدىن ئىلگىرى مارادونا : ‹‹ بىز چوقۇم غەلىبە قىلىپ ، يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا ئۆزىمىزنى كۆرسىتىمىز ! ›› دەپ ھەيۋە قىلغاندا ، پلاتىنىمۇ ئىشەنچلىك ھالدا : ‹‹ مارادونانى ئوبدان باقساقلا غەلىبە بىزگە مەنسۇپ بولىدۇ ›› دېدى . ناپولى كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى بىئانچى مارادونانى مەركەز قىلغان ھۇجۇم تاكتىكىسى بەلگىلەپ ، مۇسابىقىدە تۆت بېك ، ئۈچ خافبېك ، ئۈچ ھۇجۇمچىدىن تەشكىل تاپقان سەپ شەكلىنى قوللاندى . يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى تراپاتتونى مارادوناغا قارىتىپ تۆت بېك ، تۆت خافبېك ، ئىككى ھۇجۇمچىدىن تەشكىل تاپقان ئەنئەنىۋىي سەپ شەكلىنى قوللاندى . نەتىجىدە ، ناپولى كوماندىسى يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى ‹‹ ئۇتالماسلىق ››تەك تارىخقا خاتىمە بەردى ، بۇ ئىتالىيىدە ‹‹ زېبرا خانلىقى ››نىڭ ئاخىرلىشىپ ‹‹ مارادونا دەۋرى ››نىڭ باشلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى . ?Y$JWEPJ  
ئەلۋەتتە ، يۇۋېنتۇس كوماندىسىغىمۇ پۇرسەت بار ئىدى ، 29-مارت ناپولى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشەتتى . مۇسابىقە پەسلى ئاياغلىشىشقا ئاز قالغانىدى ، ناۋادا ناپولى كوماندىسى كۈچلۈك رەقىبىنى مەغلۇب قىلالىسا ، ئۆزىنىڭ نومۇر جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى كېڭەيتىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلەيتتى . يۇۋېنتۇس كوماندىسى غەلىبە قىلسا ، ئۇلارنىڭ چېمپىيون بولۇشىدىمۇ يەنىلا ئۈمىد بار ئىدى . 6g2a[ 6G5  
بۇ پۇتبول مۇنبىرىدىكى ئىككى گىگانت چولپان مارادونا ۋە پلاتىنىنىڭ رەسمىي مۇسابىقىلەردىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئىدى . مۇسابىقە كۈنى سان پاۋلو مەيدانىدا بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىغانىدى ، توپ مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى ، بۇ ھال كىشىلەرگە بىر يىل ئىلگىرى بريۇسسېلدا يۈز بەرگەن پۇتبول مەيدانىدىكى پاجىئەنى ئەسلىتەتتى ، ساقچىلارمۇ تەق بولۇپ ئەھۋالنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزەتمەكتە ئىدى . I& 2c&yO  
   Vy6qbC-Kt  
مۇسابىقىدە مارادونا قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئە سېپىنى كۆپ قېتىم بۆسۈپ ئۆتۈپ ، بىر قانچە نەپەر بېكنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى . پلاتىنى بولسا ئوتتۇرا مەيداننى تىزگىنلەپ ھۇجۇم تەشكىللىدى . مۇسابىقە داۋاملىشىپ 13 مىنۇت بولغاندا مارادونا سول تەرەپتىن مۇداپىئەنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ، ئىككى نەپەر بېكنى ئارقىدا قالدۇرغاندىن كېيىن ، ئۇدۇل ۋراتاغا قىستاپ كەلدى . يۇۋېنتۇس كوماندىسى بېكى ۋاقتىدا مۇداپىئەنى تولۇقلاپ مارادونانىڭ ھۇجۇمىنى توستى . لېكىن مارادونا قۇرۇق قول قايتىشنى خالىمايتتى ، ئۇ توپنى چەبدەسلىك بىلەن ئوتتۇرا يولدىن پاسقا چىققان لېينىكاغا پاس بەردى ، لېينىكا توپنى ۋراتاغا كىرگۈزۈپ نومۇر ئالدى ، مۇشۇ توپ ناپولى كوماندىسىنىڭ غەلىبە مارشىنى ياڭراتتى ، ناپولى كوماندىسى بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن ھالقىلىق مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى . &TnS4O  
مارادونا ئىتالىيىگە كېلىپلا پلاتىنىغا رىقابەت ئېلان قىلدى ، لېكىن ئىلگىرىكى ئىككى يىلدا قىلچە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمىگەنىدى ، بۇ قېتىم تولۇق غەلىبە قازاندى . پلاتىنى توپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بريۇسسېلدا يۈز بەرگەن قانلىق پاجىئەدە سۇسلاپ قالدى ، ئالغا ئىنتىلىش روھى مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدا غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى تەرىپىدىن ئەجەللىك زەربە يېدى . ئەسلىدە ئۇ بىرلەشمە مۇسابىقىدىن ئۆزىگە تەسەللىي تاپماقچى ئىدى ، ئەمما بۇ خىيالىنى مارادونا كۆپۈككە ئايلاندۇردى . s(5Y  
1987-يىل 17-ماي چۈشتىن كېيىن سىم - سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى ، يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن برېسسىئا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى پلاتىنى بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى . پۈتۈن دۇنيا توپ مەستانىلىرى بىر گىگانت چولپاننىڭ پۇتبول مۇنبىرىدىن چېكىنگەنلىكىدىن قايغۇرۇۋاتقاندا ، مارادونا ناپولى كوماندىسىنى يېتەكلەپ فلورىنسىيە كوماندىسى بىلەن بىردە بىر تەڭلىشىپ تاج كىيىپ تەختتە ئولتۇردى . jfP*"uUK  
   aI%g2 q0f  
گەرچە يامغۇر يېغىۋاتقان بولسىمۇ ناپولى كوماندىسى توپ مەستانىلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ ئاجايىپ پارلاق بىر كۈننى كۈتۈۋالىدىغانلىقى ئايان ئىدى . فلورىنسىيە كوماندىسى بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئونىنچى ئورۇندا بولۇپ ، يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرىدىن نەپ ئېلىشىنى خالىمايتتى . مانا 80 مىڭ كىشىلىك مەيدانغا 100 مىڭ كىشى كىردى . كۇلۇب ۋە تەنتەربىيە مەيدانى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تازا پۇل تېپىۋالدى ، كىرىش بېلىتى 200 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى . بۇ باھا ئىلگىرىكى ھەر قايسى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بېلىتىدىن يۇقىرى ئىدى ، مۆلچەرلىنىشىچە ، مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدە كىرىش بېلىتىدىن قىلغان كىرىم 15 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن . مەيدان تەرتىپىنى ساقلىغۇچى ساقچىلارمۇ رېكورت ياراتتى ، مۇسابىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، ناپلېس شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى مىڭ نەپەر ساقچى ، 50 ئاپشاركا ۋە ئىككى دانە تىك ئۇچار ئايروپىلان ئاجراتتى . D60aH!ft  
ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئەزەلدىن ئاجىز كوماندا يوق ، شۇڭا يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ فلورىنسىيە كوماندىسىنىڭ رەقىبىنى مەغلۇب قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتۈشىدە ئاساسى بار ئىدى . مۇسابىقە باشلىنىش بىلەنلا ناھايىتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى . ناپولى كوماندىسى ئەزەلدىن بۇنداق ياخشى ئويناپ باقمىغانىدى ، ئۇلار مارادونانىڭ باشچىلىقىدا تولۇق ئىشەنچ ۋە تەمكىنلىك بىلەن ئوينىدى . لېكىن فلورىنسىيە كوماندىسىمۇ بوش كەلمىدى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 23 مىنۇت بولغاندا ھۇجۇمچى لانفېنچى ۋراتانىڭ ئۆلۈك بۇلۇڭىغا قارىتىپ بىر توپ ئۇردى ، مۇبادا بۇ توپنى توسۇۋەتمىگەن بولسا تارىخنى ئۆزگەرتىپ يېزىشقا توغرا كېلەتتى . ئارىدىن سەككىز مىنۇت ئۆتكەندە مارادونا بىر قېتىملىق قايتۇرما ھۇجۇم تەشكىللىدى ، سەپدىشى ، ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى ئەزاسى كارنېۋالې چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن ۋراتاغا ئۇرغان توپ بوشلۇقتا ياي شەكىل ھاسىل قىلىپ ۋراتاغا كىردى . توپ مەستانىلىرى ھاياجانغا چۆمدى . كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە مەيداندا ‹‹ چېمپىيون ! ›› ، ‹‹ مارادونا ! ›› دېگەن سادالار ياڭرىدى . گەرچە فلورىنسىيە كوماندىسى مۇسابىقە داۋاملىشىپ 41 مىنۇت بولغاندا بىر توپ قايتۇرۇۋالغان بولسىمۇ ، لېكىن بىردە بىر نەتىجە ناپلېسلىقلارنىڭ شادلىققا چۆمۈشىگە يېتەرلىك ئىدى . N,`$M.|?  
مۇسابىقە ئاخىرلىشىش بىلەن توپ مەستانىلىرى ئەنئەنىۋىي تەبرىكلەش ئۇسۇلى بويىچە رەڭدار چاچما پوجاڭزىلارنى ئېتىپ تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى . كوچىلارنى ئاپتوموبىللارنىڭ سىگنال ئاۋازى بىر ئالدى . شۇ كۈنى نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى كېچىچە ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ ، ئۇزۇن يىل كۈتكەن غەلىبىسىنى تەنتەنە قىلىشتى . سودىگەرلەر مارادونانى تىللا دەرىخى دەپ قاراشتى ، چۈنكى مارادونانىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تاۋارلار ھەش - پەش دېگۈچە سېتىلىپ بولغانىدى . كىشىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدىنلا سودىگەرلەر يەتتە مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلغان . #pT"BSz]  
مارادونا چەكسىز ھاياجانغا چۆمگەن ھالدا : ‹‹ ئۆتكەن يىلى مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە سەپداشلىرىم بىلەن بىرگە ئارگېنتىنا ئۈچۈن ئالتۇن لوڭقىنى قولغا كەلتۈرۈپ تولىمۇ شادلانغانىدىم . بۇ قېتىم ناپلېسلىقلارنىڭ غەلىبىسى 61 يىلدا ئاران قولغا كەلدى . پەرۋەردىگار شىمالدىكى كوماندىلارغا كۆپ قېتىم چېمپىيونلۇقنى ئاتا قىلغاندىن كېيىن جەنۇب كوماندىلىرىنىمۇ ئېسىگە ئالدى . ناپلېسلىقلارنىڭ بۇ قېتىمقى چېمپىيونلۇقىنىڭ سالمىقى يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ ئون قېتىملىق چېمپىيونلۇقىنىڭ سالمىقىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ ›› دەيدۇ . \MsTB|Z  
1986-يىل 29-ئىيۇندىن كېيىنكى ئون ئايدا مارادونا قولغا كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك بارلىق چېمپىيونلۇقلارنى قولغا كەلتۈردى ، ئەمما ‹‹ دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى ›› بولۇپ باھالىنالمىدى . مارادونا تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغان پلاتىنى بۇ شەرەپكە مۇيەسسەر بولدى . شۈبھىسىزكى ، 1986-يىلى ‹‹ مارادونا يىلى ›› ئىدى . ئۇنىڭ ‹‹ دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى ›› بولۇپ باھالىنالماسلىقىنى ياۋروپالىقلارنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى . فرانسىيە ‹‹ پۇتبول دۇنياسى ›› ژۇرنىلى مەزكۇر مۇكاپاتنى تەسىس قىلغاندىن بۇيان جەنۇبىي ئامېرىكىلىق بىرمۇ ماھىر ( مارادونانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) بۇ شەرەپكە نائىل بولالمىغان ، قارىغاندا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالمۇ شۇنداق بولىدىغاندەك تۇرىدۇ . دەل مۇشۇ ئون ئايدا ، مارادونا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە بەش توپ كىرگۈزۈپ ئارگېنتىنانى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈردى ، A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئون توپ كىرگۈزۈپ ناپولى كوماندىسىنى بىرلەشمە مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇق تەختىگە چىقاردى ، ئىتالىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە يەتتە توپ ئۇرۇپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى . ئەينى چاغدا دۇنيا مىقياسىدىن بۇنداق نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئىككىنچى بىر ماھىرنى تاپقىلى بولمايتتى ، شۇڭلاشقىمۇ مەزكۇر تۈرلۈك باھالاش كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى . ئەينى چاغدا مارادونا پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەنىدى . VEH&&@d  
   <C_jF  
دەل مۇشۇ شانلىق غەلىبىلەر ئۇنى ئىلاھلىق دەرىجىسىگە كۆتۈردى ، كىشىلەر ئۇنىڭغا چوقۇنۇش نەزەرىدە قارايدىغان بولدى . ئەمەلىيەتتە ، مارادونا ئاددىي كىشىلەردەك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىنتىزار ئىدى ، مۇسابىقىدىن سىرتقى ۋاقىتلاردا يەنىلا پۇتبولغا باغلىنىپ قېلىشنى خالىمايتتى ، پۇتبولچى بولغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن تۇرمۇشىنى پۇتبول ئىگىلەپ كېتىشنى تېخىمۇ ياقتۇرمايتتى . ئۇ ئىلگىرى : ‹‹ مەن باشقىلارنىڭ دەرۋازامدا تۇرۇشىنى ياخشى كۆرمەيمەن ! ›› دېگەنىدى . بۇ سۆز كۇلۇب رەئىسى قاتارلىق ئەربابلارغىمۇ ئوخشاشلا باب كېلەتتى . 9/{(%XwX  
مۇخبىر بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق سۆھبەتتىن مارادونانىڭ بىزگە تونۇشسىز بولغان يەنە بىر تەرىپىنى كۆرۈۋالالايمىز . c-x,fS"&W  
مۇخبىر : دۇنياغا داڭلىق پۇتبولچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سىزمۇ ناھايىتى كۆپ بەدەل تۆلىدىڭىزمۇ ؟ e|NG"<  
مارادونا : ئەلۋەتتە شۇنداق ، كۆپ يىللىق جاپا - مۇشەققەتلىك كۈرەش ۋە قۇربان بېرىشلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا تالانت ئاتا قىلغانلىقىغا رەھمەت . مېنىڭ ئېرىشكەنلىرىم كۆپ جاپا - مۇشەققەت چەككەن ، كۆپ ئەجىر قىلغان ماھىرلاردىن خېلى كۆپ . e{h<g>7  
مۇخبىر : سىز ئۆزىڭىزگە قانداق قارايسىز ؟ ئۆزىڭىزنى ھەممىدىن كۈچلۈك ھېسابلامسىز ؟ \<&m&%Zs  
مارادونا : توغرا ، ئۆزۈمنى ھەممىدىن كۈچلۈك ھېسابلايمەن . بەزىدە ئۆزۈمنى ناھايىتى مۇكەممەل ، بەزىدە ناھايىتى بەتبەشىرە چاغلايمەن ، يەنە بەزىدە ئۆزۈمنى يەر شارىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئادەم ، ھەر قانداق نەرسىگە قول سۇنسام يېتىدۇ ، دەپ قارايمەن . بىراق ، باشقىلارنى ھۆرمەتلەيمەن ، باشقىلارنى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرۇشنى خالىمايمەن ، باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلمايمەن . ناۋادا باشقىلار يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ ماڭا تۆھمەت قىلسا ، ئۇنداقلارنى ئاياپ ئولتۇرمايمەن . كىشىلەر ئۆز ئارا بىر - بىرىنى ھۆرمەتلىشى ، بىر - بىرىنى چۈشىنىشى كېرەك . 6|K5!2  
مۇخبىر : پۇتبولدىن سىرت نېمىنى ياخشى كۆرىسىز ؟ .\\DKh%  
مارادونا : يەنىلا پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن . پۇتبول مېنىڭ ھاياتىم . پۇتبول ھەققىدىكى پاراڭلارغا ناھايىتى قىزىقىش بىلەن قاتنىشىمەن . دوستلىرىم بىلەن ، كلاۋدىيە ۋە قىزىم دېلما بىلەن پۇتبول ھەققىدە پاراڭلىشىمەن ، كېچىلىرى قىزىم دېلما بىلەن كارىۋاتتا توپ تېپىمەن . }HL]yDO  
مۇخبىر : ئۇنداقتا سىزنىڭ باشقا ئارزۇ - تىلەكلىرىڭىز يوقمۇ ؟ q YC;cKv  
مارادونا : ئەلۋەتتە بار ، مەن دائىم چۈشۈمدە دېلما ۋە تۇغقانلىرىمنى كۆرىمەن . كېچە - كۈندۈز ئۇلارنى ئەستىن چىقارمايمەن . ‹‹ چۈشۈمدىكى پۇتبول ›› تولىمۇ كۈلكىلىك . رېئاللىقتىكى مۇسابىقىلەردە ئۇدا غەلىبىگە ئېرىشكەن بولسام ، چۈشۈمدىكى مۇسابىقىلەردە مەغلۇب بولىمەن ، شۇ ئاچچىقىمدا ئويغىنىپ كېتىمەن . كەلگۈسى ھەققىدە مېنىڭمۇ ئارزۇ - تىلەكلىرىم بار ، مەن ھەر دائىم چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى ئويلايمەن ، كەلگۈسىدە قىممىتىم ھازىرقىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ ، خالاس . 6 +Sxr  
مۇخبىر : ئۆزىڭىزنى بەختلىك ھېسابلامسىز ؟ __lM7LFL  
مارادونا : ئەلۋەتتە ، ئەمما مەن خاتىرجەملىكنى تېخىمۇ خالايمەن . كلاۋدىيە مېنى چۈشىنىدۇ . بەزىدە ئۇمۇ خاتىرجەملىككە موھتاج ، شۇڭا بىزدىن ئايرىلىپ ئارگېنتىنادا بىر مەزگىل تۇرۇپ كېلىدۇ . بىز ئوخشاشلا ئايرىلىپ تۇرۇشنى خالايمىز . بىر مەزگىللىك ئايرىلىشتىن كېيىنكى ئۇچرىشىش تېخىمۇ قايناق ۋە جەلپ قىلارلىق بولىدۇ ، دائىم بىرگە بولغاندا بۇنداق تۇيغۇنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ . T!-\@PB !  
مۇخبىر : تۇرمۇشتا سىز قايسى خىل كىشىلەرنى ياقتۇرىسىز ؟ غالىبلارنىمۇ ياكى مەغلۇبىيەتچىلەرنىمۇ ؟ Vmc5IPd{\  
مارادونا : مېنىڭ قايسى خىل كىشىلەرنى ياقتۇرۇشۇم ، ئۇلارنىڭ غالىبلار ياكى مەغلۇبىيەتچىلەر بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز . مەن ئەستايىدىل بولمىغان غالىبلارغا قىزىقمايمەن . تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىدىغانلار كەسىپ جەھەتتە ۋاقىتلىق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىمۇ ھېسداشلىققا ئېرىشىشى كېرەك . 00 
مۇخبىر : قايسى خىل ناچار ئادەت سىزنى بىئارام قىلىدۇ ؟ efSM`!%j  
مارادونا : تاماكا چېكىش . ئاپام ۋە دادام تاماكا چېكىدۇ ، بەزىدە ئاچچىق ئىستىن ئۆيدە تۇرغىلى بولمايدۇ ، مەنمۇ پاسسىپ ھالدا تاماكا چېكىمەن . w4_ U0 n3  
مۇخبىر : سىزدە ئالدىراڭغۇلۇق ، ئۆزىنى باسالماسلىق ۋە تىركىشىش ئىللەتلىرى بارمۇ ؟ $[9%QQk5 
مارادونا : بار ، ھەممىسى بار . مەن ئۇ كۆڭۈلسىز ئىشلارنى تىلغا ئېلىشنى خالىمايمەن . Gn22 
مۇخبىر : سىز يالغان گەپ قىلىپ باققانمۇ ؟ "HX<,l8f%  
مارادونا : شۇنداق ، بەزىدە ئامالسىز پۇتبول مەستانىلىرىغا يالغان سۆزلەيمەن . كلاۋدىيە بەزىدە ، يالغان گەپ قىلسىڭىز يۈزىڭىز قىزارمايدىكەن ، دەيدۇ . لېكىن ، بۇنداق قىلماقتىن باشقا ئامالىم يوق . ];}Wfl  
مۇخبىر : سىز كلاۋدىيە بىلەن تونۇشقىىلى قانچە يىل بولدى ؟ t$ +?6E  
مارادونا : 15 يىل . ئۇ چاغدا مەن 13 ياشتا ئىدىم ، بىز بىرگە چوڭ بولغان . بىز بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى قارار قىلغاندا ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى ئېلىپ بەردىم . تۇرمۇشتا يەنە بەزى نەرسىلەرنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلىمەن . ئالايلۇق ، ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرغىنىمدا ئاپامنى كۆرەلمەيمەن . ئاپام يىلدا ئىككى ئاي بىز بىلەن تۇرىدۇ ، ئارگېنتىنا ئۇنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغان ، ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنى تۇتۇپ قالالمايمەن . 7@C 
مۇخبىر : سىز نېمىدىن بەك قورقىسىز ؟ R7]l{2V#^  
مارادونا : كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاپام بىلەن دادامدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىمەن ، لېكىن تۇرمۇش قورقۇش ۋە ئەندىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ، خۇشاللىق ۋە بەختمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ . مەن مۇزىكا ئاڭلاشنى ، تېلىۋىزور كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمەن ، كىنوخانىغا بېرىش بىلەن تازا خۇشۇم يوق . بىر قانچە يىل ناپلېستا تۇرۇش جەريانىدا بىرلا قېتىم كىنوخانىغا باردىم ھەم كىنونى تولۇق كۆرۈپ بولمايلا قايتىپ كەلدىم . مەن كىنو چولپىنى بولۇشقا قىزىقىمەن ، ناۋادا مۇمكىن بولسا ‹‹ مارادونانىڭ تەرجىمىھالى ›› ناملىق فىلىمدە رول ئېلىشنى ئارزۇ قىلىمەن . Om\o#{D  
   d]` CxI]  
بۇ بىر ئابزاس سۆزدىن مارادونانىڭ نۇرغۇن قىلمىشلىرىنى چۈشىنىۋالالايمىز . ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى مەنىسىز بولۇپ ، ئائىلە مېھرى ئارقىلىق بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا موھتاج ئىكەن . كىشىلەرنىڭ پۇتبولنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا ‹‹ بىز مارادونانى سۆيىمىز ! ›› دەپ ۋارقىرايدىغانلىقى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى ، پەقەت ئائىلە مېھرىلا زور تەسەللى بولۇپ ، ئائىلىنىڭ مېھرى ۋە خاتىرجەملىكىگە ھەر قانداق كىشىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويمايتتى . B*qi_{Gp  
بارسېلونادا ئۇنىڭغا ‹‹ ئائىلە قۇرۇش ›› پۇرسىتى بولمىدى ، دائىم كىشىلەرنىڭ تەنقىدى ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ تۇردى . ناپلېسلىقلار بولسا ئۇنىڭغا ئائىلە ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى ، گەرچە كىشىلەر ئۇنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ تۇرسىمۇ ، لېكىن ئۇلار دوستلۇق ، غەمخورلۇقنى چىقىش نۇقتىسى قىلغانىدى ، ئىسپانىيىلىكلەرنىڭ ‹‹ ئۇرۇشقاقلىقى ››دىن پەرقلىنەتتى . مۇسابىقىدىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنى كلاۋدىيە بىلەن بىرگە بوسلىبوسپىئونې كاپىچې كوچىسى ئۈچىنچى نومۇرلۇق تۇرالغۇسىدا خاتىرجەم ئۆتكۈزەتتى . دەل مۇشۇ جايدا ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان قىزى دېلما نېللىيا دۇنياغا كەلدى . ‹‹ نېللىيا ›› دېگەن سۆز ئىسپان تىلىدا ‹‹ مېنىڭ قىزىم ›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى . 1987-يىل 2-ئاپرېل بۇ قىز دۇنياغا كەلگەندە ، مارادونا ناپولى كوماندىسىنى يېتەكلەپ بىرلەشمە مۇسابىقىدە چېمپىيون بولۇشقا تىرىشىۋاتاتتى ، شۈبھىسىزكى ، تۇنجى قىزىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۇنى چەكسىز ھاياجانغا سالدى . ئۇ : ‹‹ بىر مەيدان مۇسابىقە 90 مىنۇت بولىدۇ ، بالا بولسا ئاتا - ئانىغا بىر ئۆمۈر شادلىق ئاتا قىلىدۇ ›› دەيتتى . ناپلېسلىقلار غەلىبىنى تەنتەنە قىلغاندا كلاۋدىيە ، نېللىياغا تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈشى كېرەك . ئادەم ئالداش بايرىمىدىن بىر كۈن كېيىن دۇنياغا كەلگەن بۇ قىز دادىسىغا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رېئاللىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى . O7u(}$D L  
  مارادونا ئۆيىنى شۇنداق چىرايلىق زىننەتلىگەنىدى ، غەربلىكلەرنىڭ ئادىتى بويىچە ئۆيىنىڭ ئالدى گۈلزارلىق ، گۈلزارلىقنىڭ ئوڭ تەرىپى ئاپتوموبىل قويۇش ئۆيى ئىدى . كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدىغىنى دېرىزە سىرتىدا كەڭ كەتكەن دالا ، ئورمانلىق ۋە تىررېن دېڭىز قىرغىقى كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى . ساپ ھاۋا ۋە كەڭ تەبىئەتنىڭ قۇچىقىلا ئۇنىڭ غەم - قايغۇسىغا شىپا بولاتتى . پەقەت تەبىئەت قوينىدىلا ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىنى - ئاددىي ئادەملىك تۇيغۇسىنى تاپالايتتى . 3yANv?$a  
ئۇنىڭ پۇتبول تالانتى خۇددى ئەپسانە - رىۋايەتلەرگە ئوخشاش كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەنلىكتىن ، كىشىلەر ئۇنى ئىلاھتەك كۆرەتتى ، ئۇنىڭ ھەر قانداق مۆجىزىلەرنى يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى . شۇڭا ، ئۇلار مارادونانىڭ ئوبرازىغا داغ كەلتۈرۈشىگە يول قويمايتتى ، جۈملىدىن مارادونامۇ بۇنىڭ ئىچىدە . رەئىس فېررىئانو : ‹‹ ناۋادا مارادونا مەيداندا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا توپ مەستانىلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ ؛ مارادونا گاڭگىراش ياكى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قولىنى كۆتۈرسە توپ مەستانىلىرىنىڭ قولىمۇ ئەگىشىپ تىترەيدۇ . مارادونا ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگۈچى ، مارادونادىن ئىبارەت بۇ مەبۇدىدىن ئايرىلىپ قالغاندا ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلغىلى بولمايدۇ ›› دېگەنىدى . `{4i)n%e&  
ئەگەر مۇندىن ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى رىمغا يېقىن جايدىكى ئېدىرلىقلاردىن تۈزلەڭلىككە كېلىپ مەدەنىيەت بەرپا قىلغان ۋە پۈتۈن ياۋروپاغا تەسىر كۆرسەتكەن كىشىلەر بىر نەپەر تالانتلىق پۇتبولچى تەرىپىدىن مەغلۇب بولغانلىقىنى بىلسە ، ئۇلار قانچىلىك ھەسرەت چېكەر - ھە ! MU>k,:[  
ناۋادا سىز ئاددىي ئادەملەرگە خاس تۇرمۇشىڭىزغا قانائەت قىلماي ، ئىلاھلاردەك دىققەت - ئېتىبارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئىلاھنىڭ دۈشمىنى بولۇشىڭىز كېرەك . كىشىلەر مارادوناغا قەسىدە ياڭرىتىۋاتقاندا ، بەزىلەر تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ ئۇنىڭغا زەربە بېرىشكە ، ئۆزىنىڭ نامىنى چىقىرىشقا ئۇرۇندى . 1986-يىل 20-سېنتەبىر ، كىشىلەرنىڭ دىققىتى خرىستىنا ئىسىملىك ئايال ساتىراچقا مەركەزلەشكەنىدى . كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقىنى ئۇنىڭ ئالتۇن چېچى ئەمەس ، بەلكى تېلېۋىزوردا ئېلان قىلغان باياناتى ئىدى . خرىستىنا باياناتىدا : ‹‹ مەن مارادونا بىلەن ئۆتكەن يىلى دېكابىردا تونۇشقان ، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز بۇ يىل ئاپرېلغا قەدەر داۋاملاشتى ، مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ھارپىسىدا ئۇ مېنى تاشلاپ كەتتى . مۇسابىقىدىن كېيىن بىز ئۇچرىشىپ باقمىدۇق . ئەمما مەن تۇغقان بالا مارادونانىڭ بالىسى ، بالىنىڭ يۈز قۇرۇلۇشى ۋە كۆزى ، بولۇپمۇ چېچى ئۇنىڭغا ئوخشايدۇ ›› دېگەنىدى . ئىش راستلا مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا ، توپ پادىشاھىنىڭ ئىزباسارغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىسەك بولىدۇ ، چۈنكى ھازىرغا قەدەر مارادونا ئىككى قىز پەرزەنت يۈزى كۆردى . ئەلۋەتتە ، مارادونا ئىزباسارغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈنلا بۇ خىل پىتنە - ئىغۋالارغا تاقەت قىلىپ تۇرۇۋەرمەيتتى . ئەھۋال ئېنىقلانغاندىن كېيىن ، ئىتالىيە RAI تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەسئۇلى ئۇنىڭدىن ئاشكارا كەچۈرۈم سورىدى . R FKtr  
ml2_ ]3j!  
تۇرمۇشتىكى ئاۋارىچىلىقلار ۋاقىتلىق بولۇپ ، ئاخىر ھەل بولىدۇ ، ئەمما مەيداندىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلماق ئۇنداق ئوڭاي ئەمەس . (As#^q\>B  
ناپلېسلىقلار مارادونانى مەيداندىكى ھەممىگە قادىر ئىلاھ دەپ قارايتتى ، ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلاتتى . بۇ خىل ھېسسىيات راۋاجلىنىپ خەتەرلىك باسقۇچقا يېتىپ ، كىشىلەرنى شەخسىيەتچى ۋە شەپقەتسىز قىلىپ قويدى . كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتى ئەسەبىي قىزغىنلىق تۈپەيلى تولىمۇ ئاجىزلاپ كەتتى . ئۇلار مارادونانىڭ ئۆزلىرى كۈتكەندەك غەلىبىگە ئېرىشىشىگە ، مۆجىزە يارىتىشىغا ئادەتلىنىپ قالغانىدى ، بىراق ئىش ئۈمىد قىلغىنىدەك بولمىسا بارلىق گۇناھنى مارادوناغا ئارتىپ قوياتتى . كىشىلەرنىڭ دەسلەپكى قىزغىنلىقى ئاق كۆڭۈللۈكتىن بولسىمۇ ، لېكىن ئىپادىلەش ئۇسۇلى توغرا ئەمەس ئىدى . شۇڭا ، بۇ خىل خاتا تۇيغۇ ئىككى تەرەپنى تراگېدىيە گىردابىغا ئېلىپ باردى . (VS5V31"  
بۇ مەيدان مۇسابىقە قىلچە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى يوق مۇسابىقە ئىدى . ناپولى كوماندىسى بىرلەشمە مۇسابىقە ۋە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن ، ئۇلار مارادونانىڭ يۇرتى ئارگېنتىنادىكى روسارىئو مەركىزىي كوماندىسىنى تەكلىپ قىلىپ بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى . دوستلۇق مۇسابىقىلىرى ئادەتتە دېگەندەك كەسكىن ئېلىپ بېرىلمايتتى . مېھمان كوماندا نۆلگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندە ، ناپولى كوماندىسى توپ مەستانىلىرى دۇئا - تىلاۋەت قىلىشقا باشلىدى ، مارادونا ۋراتاغا توپ ئۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى . مانا ، ۋراتاغا قارىتىپ ئۇردى ! ئەپسۇس ، توپ كىرمىدى ، مېھمان كوماندا غەلىبە قىلدى . مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، مارادونا ناپلېس شەھىرىگە كەلگەندىن بۇيان يۈز بەرمىگەن ۋەقە يۈز بەردى ، نەچچە ئون مىڭ توپ مەستانىسى چاۋاك ئورنىغا ئىسقىرتىپ ئۇنى مەسخىرە قىلدى . مارادونا گاڭگىراپ قالدى ھەم ناھايىتى غەزىپى ئۆرلىدى ، ئۆزىنى ھاقارەتلىگەن ئاشۇ بىر ئوچۇم ئەبلەخلەرگە : ‹‹ پوقنى بىلمەيدىغان ھاماقەتلەر ! ›› دەپ تىل سالدى . بۇنىڭدىن ئىككى تەرەپنىڭ روھىي ھالىتىنى قىياس قىلىش تامامەن مۇمكىن . d^/3('H6  
ئېھتىمال ناپلېسلىقلارنىڭ تۇترۇقسىزلىقى مارادونانىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ پەللىسىدىن چېكىنىشىگە سەۋەبچى بولغان بولۇشى مۇمكىن ، بىر نۇقتا ناھايىتى ئېنىق ، 1988-يىل 1-مايدىن كېيىن مارادونا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىش جاسارىتىنى يوقاتتى . شۇ كۈنى ئۇلار بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى چېمپىيونلۇق تاجىنى قولدىن بېرىپ قويدى ! دەل شۇ كۈنى مىليونلىغان توپ مەستانىلىرىنىڭ كۆزىچىلا يېڭى مەبۇدە - گۇللىت مارادونانى مەغلۇب قىلدى . 2Fy>.*,?  
1987-يىلى يازدا ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە ئىككى نەپەر گوللاندىيىلىك ماھىر قاتناشتى ، ئۇلار AC مىلان كوماندىسىدىكى گۇللىت ۋە باستېنلار ئىدى . ئالمىشىش ھەققى مارادونا بىلەن تەڭ كېلىدىغان گۇللىت ئۆزىنىڭ ئىپادىسى ئارقىلىق يۇقىرى باھاغا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى . مارادونا ماھارىتى ئارقىلىق توپ مەستانىلىرىنى بويسۇندۇرغان بولسا ، گۇللىت جۇشقۇنلۇقى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى . كىشىلەر ھەيرانلىق ئىچىدە پلاتىنى مارادونا بىلەن بولغان رىقابەتتىن چېكىنىشى بىلەنلا گۇللىتنىڭ مارادوناغا رىقابەت ئېلان قىلغانلىقىنى بايقىدى . YpQ7)_s ?  
1987ـ1988-يىللىق مۇسابىقە پەسلى باشلىنىش بىلەنلا كىشىلەر ئىككى نەپەر باش پېرسوناژ ۋە ئۇلارنىڭ كوماندىسىغا كۆز تىكىپ كەلدى . بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ناپولى كوماندىسى چېمپىيونلۇق ھەيۋىسىنى نامايان قىلىپ نومۇر جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى . ۋەھالەنكى ، گۇللىت تولۇپ - تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن : ‹‹ بىز چوقۇم ناپولى كوماندىسىدىن ئېشىپ كېتىمىز ، ئۇلار ئۇدا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولسا ، بىز AC مىلان كوماندىسىنى 12-قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرىمىز› دېدى . |\w=u6jX  
QpZ:gM_  
دەرۋەقە ، ئۇزۇن ئۆتمەي AC مىلان كوماندىسى بىلەن ناپولى كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى نومۇر پەرقى تەدرىجىي ئازايدى . بىرلەشمە مۇسابىقە توققۇزىنچى ھەپتىگە قەدەم قويغاندا ناپولى كوماندىسى 16 نومۇرغا ، AC مىلان كوماندىسى 13 نومۇرغا ئېرىشتى ؛ 18-ھەپتىسى ناپولى كوماندىسى 31 نومۇرغا ، AC مىلان كوماندىسى 27 نومۇرغا ئېرىشتى ؛ 27-ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندا ناپولى كوماندىسى 42 نومۇرغا ، AC مىلان كوماندىسى 41 نومۇرغا ئېرىشتى . ئەينى چاغدا ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە 16 كوماندا قاتنىشاتتى ، ھەر بىر كوماندا ئۆز مەيدانى ۋە ساھىبخانا كوماندا مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان قوش ئايلانمىلىق مۇسابىقىدە جەمئىي 20 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشاتتى . 1-ماي ئىككى كوماندا ناپولى كوماندىسىنىڭ مەيدانى سان پاۋلو مەيدانىدا 28-ھەپتىلىك مۇسابىقىگە قاتناشتى ، بۇ شۇ ھەپتىدىكى سەككىز مەيدان مۇسابىقىنىڭ بىرى ئىدى . ئاخىرقى ئىككى ھەپتىلىك مۇسابىقە ۋەزىيەتكە ئاساسىي جەھەتتىن چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيتتى ، مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغان كوماندا مۇددەتتىن بۇرۇن - پەرۋەردىگار چاقچاق قىلمىسىلا - چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەنلىكىنى خاتىرجەم تەبرىكلىسە بولاتتى . IOTR/anu  
ناپولى كوماندىسى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن ، كىشىلەر پۇتبول مەركىزى شىمالدىن جەنۇبقا يۆتكەلدىمۇ قانداق ؟ دېگەن مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىشقا باشلىدى . بىر قىسىملار تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىتالىيىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئۈستىدە توختالدى . ئىككى كوماندىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق - 12-ھەپتىلىك مۇسابىقىسىدە مارادونا باشچىلىقىدىكى ناپولى كوماندىسى مىلان شەھىرىدە گۇللىت باشچىلىقىدىكى AC مىلان كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇۋەتكەنىدى . شۇڭا ، ھاكاۋۇر شىماللىقلار جەنۇبقا كۆرەڭلىك بىلەن كۆز تىكمەكتە ئىدى . مۇسابىقىنىڭ ئەھمىيىتى نوقۇللا مۇسابىقە دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنىدى . avjpA ?Vz  
ناۋادا سىز 24-ئاپرېلدىكى 27-ھەپتىلىك مۇسابىقىدىن كېيىن ، ئالدىنقى قاتاردىكى بۇ ئىككى كوماندىنىڭ نومۇرىنىڭ بىر نومۇر پەرقلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئاندىن سان پاۋلو مەيدانىدىكى مۇسابىقىگە دىققەت قىلغان بولسىڭىز ، ئۇنداقتا كىشىلەر كالتە پەملىكىڭىزنى مەسخىرە قىلىدۇ . سەزگۈر توپ مەستانىلىرى تۇيغۇسىغا تايىنىپ ئۈچ ھەپتە بۇرۇنلا 90 مىڭ بېلەتنى سېتىۋېلىپ ، سان پاۋلو تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ بېلەت سېتىشتىن كىرگەن كىرىم رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى . تېخىمۇ يىراقنى كۆرەر توپ مەستانىلىرى 1987-يىل سېنتەبىردىلا بۇ مەيدان ‹‹ ھەل قىلغۇچ ›› مۇسابىقىنىڭ بېلىتىنى ئالدىن زاكاز قىلغانىدى . ھايانكەشلەرنىڭ سودىسى جانلىنىپ كەتتى ، بېلەت باھاسى 500 مىڭ لىرا ( تەخمىنەن 1500 يۈەن )غا چىقتى . ساقچى تەرەپ قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ 5000 دانە ساختا بېلەت باسقانلىقىنى بايقىدى ، دېگەن خەۋەر قاراڭغۇ بازاردىن بېلەت سېتىۋالغان توپ مەستانىلىرىنى ساراسىمىگە سالدى . ناپلېسلىق بىر قىسىم ‹‹ پۇتبول لۈكچەك ››لىرى مىلان كوماندىسى چۈشكەن مېھمانخانا ئالدىدا كېچىچە داقا - دۇمباق چېلىپ گۇللىت ۋە مىلان كوماندىسى ئەزالىرىنى دەم ئالدۇرماي ، مەيدانغا چۈشۈشتىن ئىلگىرىلا ئۇلارنى تەسلىم قىلدۇرۇشقا ئۇرۇندى ، بۇ ھال ساقچىلارنىڭ بېشىنى تېخىمۇ قاتۇردى . "b?v?V0%C  
كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىتالىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ، ناپلېس ئۆلكىلىك تەپتىش جىددىي يىغىن چاقىرىپ مىڭ نەپەر ساقچى ۋە ژاندارمىنى سان پاۋلو تەنتەربىيە مەيدانىغا تەرتىپ ساقلاشقا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى ھەم ساقچىلاردىن تەشكىللەنگەن ‹‹ ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى ›› قۇرۇپ مىلان كوماندىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل قىلدى . مۇسابىقىدىن بىر كۈن ئىلگىرى مىلان كوماندىسىنىڭ خوجايىنى بېرلۇسكونى كوماندىنى يېتەكلەپ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ناپلېسقا يېتىپ كەلدى ، ئايرودروم ، مېھمانخانا ، تەنتەربىيە مەيدانىغا تۇتىشىدىغان يوللا تولۇق قوراللانغان ژاندارما ۋە ساقچىلارنىڭ مۇھاپىزىتىگە ئېلىندى . ygOd69  
مۇسابىقە بېلىتى توپ مەستانىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى مەڭگۈ قاندۇرالمايدۇ ، باشقا جايلاردىكى نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نەق مەيداندىن ئۇلاپ كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلدى . بۇ ناپولى كوماندىسى ئۈچۈن ياخشى ئىش ئىدى ، ئۇلار تېلېۋىزوردا ئۇلاپ كۆرسىتىشتىن خېلى كۆپ كىرىم قىلىۋالاتتى ھەم تەنتەربىيە مەيدانى سىرتىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ بېسىمىنى يېنىكلەتكىلى بولاتتى . بۇ خىل مۇراجىئەت ئاستىدا ئىتالىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى يىغىن چاقىرىپ بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلدى . ئاۋازغا قويغاندا باشقا 14 كوماندا قەتئىي قارشى تۇردى . چۈنكى ھەممە مەيدان مۇسابىقە چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە باشلىنىدىغان بولۇپ ، مۇبادا مارادونا بىلەن گۇللىتنىڭ مۇسابىقىسىنى تېلېۋىزوردا ئۇلاپ كۆرسەتسە ، باشقا مەيدان مۇسابىقىلەرنى قانچىلىك ئادەم مەيدانغا بېرىپ كۆرىدۇ ؟ ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بېلەت كىرىمى زىيىنىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ ؟ باشقا كۇلۇبلارنىڭ قارشى تۇرۇشى ئورۇنلۇق ھەم توغرا ئىدى ، تېلېۋىزوردا ئۇلاپ كۆرسىتىش رەت قىلىندى . ئەسلىدە مۇسابىقە ۋاقتىنى كەچكە سۈرسە يۇقىرىقى مەسىلىلەر ئۆزلۈكىدىن ھەل بولاتتى . بىراق ، بۇ قىياس تېخىمۇ كۆپ ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى . ئالدى بىلەن غەربلىكلەر ۋاقىتنى ئالتۇن دەپ قارايدۇ ، بارلىق ئىشلىرى ئالدىن كۈنتەرتىپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، 90 مىڭ تاماشىبىننىڭ بىر قىسمى سىرتتىن ، ھەتتا چەت ئەللەردىن مۇشۇ مۇسابىقىنى كۆرۈش ئۈچۈنلا كەلگەنىدى ، ئۇلار مۇسابىقە ئاخىرلىشىشى بىلەنلا قايتىپ كېتەتتى ، شۇڭا ئۇلار مۇسابىقە ۋاقتىنى ئارقىغا سۈرۈشكە قارشى تۇراتتى ، ئەلۋەتتە . مۇھىمى ئىتالىيىدە ھەممە كىشىلەر دېگۈدەك ‹‹ پۇتبول لاتارىيە بېلىتى ›› ئوينايتتى ، بىر يەكشەنبىدىكى لاتارىيە بېلىتى سوممىسى 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتەتتى . ئادەت بويىچە ھەر يەكشەنبە كۈنى كەچ سائەت سەككىزدىكى ئالتۇن ۋاقىتتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى A ۋە B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقە خەۋىرى تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلەتتى ، پۇتبول لاتارىيە بېلىتىنىڭ نەتىجىسىمۇ ئېلان قىلىناتتى . شۈبھىسىزكى ، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ۋاقتىنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈشى نەچچە ئون يىللىق لاتارىيە بېلىتى مېخانىزمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتەتتى . شۇڭا ، بۇ لايىھىنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىن قىلچە ئۈمىد يوق ئىدى . پايدا - زىياننى دەڭسەپ كۆرگەندىن كېيىن ، ئىتالىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۈچىنچى قانىلىنىڭ مۇسابىقىنىڭ ئىككىنچى يېرىم مەيدانىنى ناپلېس رايونىغا ئۇلاپ كۆرسىتىشىنى قارار قىلدى ، بۇنىڭدا ئاساسەن سان پاۋلو تەنتەربىيە مەيدانى سىرتىدىكى بېلەتسىز توپ مەستانىلىرىنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىش كۆزدە تۇتۇلغانىدى . '"y|p+=j:  
ئىككى كوماندىنىڭ ترېنېرى بۇ مەيدان ھالقىلىق مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەستايىدىل تەييارلىق كۆردى . 27-ئاپرېل ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى سابىق غەربىي گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئەللىرى پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ليۇكسېمبۇرگتا مەزكۇر دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى . ئەينى ۋاقىت ناپولى كوماندىسىنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولۇپ ، تۆت نەپەر دۆلەت كوماندىسى ئەزاسى بار ئىدى . ئەمما ، ترېنېر بىئانچى يەكشەنبە كۈنى AC مىلان كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئۈچ نەپەر دۆلەت كوماندىسى ئەزاسىنى قويۇپ بەردى . شۇ كۈنى ، ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن ليۇكسېمبۇرگ كوماندىسىنىڭ دوستلۇق مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىش بىلەنلا ناپولى كۇلۇبى بىر مىليون 117 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا مەخسۇس ئايروپىلان ئىجارىگە ئېلىپ ، بۇ ئۈچ ئەزانى ناپلېسقا قايتۇرۇپ كەلدى . ئىككى كوماندا دۈشەنبىدىن تارتىپ شەنبىگىچە 24 سائەت قاتتىق مەشق قىلدى ، تاماق ۋە دەم ئېلىشنىمۇ ناھايىتى چىڭ تۇتتى . ئۇلار كوماندا ئەزالىرىنىڭ روھىي جەھەتتىن تېخنىكىغىچە ئومۇميۈزلۈك تەييارلىق قىلىشىنى تەلەپ قىلاتتى ، شۇندىلا مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغىلى بولاتتى . ترېنېر بىئانچى مارادونانى يېتەكلەپ چىملىق مەيداندا مەشق قىلىۋاتقاندا نەچچە يۈز توپ مەستانىسى كۆرۈشكە كەلدى ، ئۇلار : ‹‹ بىزنى كىرگىلى قويسىڭىز ! بىز بېلەت ئالالمىدۇق ، مەشقنى بولسىمۇ كۆرۈۋالساق ! ›› دەپ ئۆتۈندى . بىراق ترېنېر : ‹‹ مەشق دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك ، ھېچقانداق كىشىنى ، ھەتتا مىنىستىر بولسىمۇ كىرگۈزمەيمىز ! ›› دېدى . W8Q|$ZJ88F  
ئىككى كوماندىنىڭ خوجايىنلىرىمۇ بىكار قالمىدى ، AC مىلان كوماندىسىنىڭ خوجايىنى بېرلۇسكونى مۇسابىقىگە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى مىلان شەھىرى ئەتراپىدىكى داچىسىدا زىياپەت بېرىپ ، ناۋادا مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلسا ھەم بىرلەشمە مۇسابىقىدە چېمپىيون بولسا ، ھەر بىر ئەزاغا 200 مىليون لىرا ( تەخمىنەن 163 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ) بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . ناپولى كۇلۇبىنىڭ رەئىسى فېررىئانو مارادونا ۋە باشقا ئەزالارغا بېرىدىغان مۇكاپاتنىڭ سوممىسىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ ، لېكىن مۆلچەرلىنىشىچە ئاز ئەمەس ئىدى . `L:CA5sBud  
بىر ھەپتىدىن بېرى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خۇددى ئىككى كوماندىنىڭ مۇسابىقىسى بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقاندەك كۈندە ئىككى كوماندىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ رەڭگا رەڭ مەدەت بېرىش كۆرۈنۈشلىرىنى بېرىۋاتاتتى . N03G>fZ  
'[J<=2&  
1-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە ، نۇرغۇن سوئاللارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ‹‹ دەۋر ئۇرۇشى ›› باشلاندى . پۈتۈن ناپلېس شەھىرىدىكى يۇرتداشلار ئالدىدا ناپولى كوماندىسىنىڭ ئىككى نەپەر چولپىنى مارادونا بىلەن كارېكا ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر توپ ئۇردى . ۋەھالەنكى ، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى رەقىبىنىڭ شانلىق غەلىبىسى ئالدىدا كۆمۈلۈپ قالدى . AC مىلان كوماندىسى گۇللىتنىڭ روك مۇزىكىلىرىغا خاس قىزغىن رىتىمىدە تەدرىجىي ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى . ۋىلدىس ئىككى توپ ئۇردى ، باستېن يارىلانغانلىقتىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈچ مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا مۇناسىپ ياكى ئەمەسلىكىدىن گۇمانلىنىپ كېلىۋاتاتتى ، باستېن مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدە سەپلەنگۈچى ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققاندىن كېيىن بىر توپ ئۇرۇپ AC مىلان كوماندىسىنىڭ غەلىبىسىنى مۇقىملاشتۇردى ، بۇلارنىڭ ھەممىسى گۇللىتنىڭ تۆھپىسى ئىدى . )q 0.0 
   G,TM-l_uw  
مارادونىڭ يۈرىكى پىچاقتا تىلغاندەك ئېچىشىپ كەتتى ، ئۇ پۇتبول پادىشاھى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى ، ناپلېسنىڭ ئىلاھى بولۇش سۈپىتى بىلەن شۆھرىتىگە داغ تەگدى . پۈتكۈل ناپلېس شەھىرى قىسقىغىنا سۈكۈتتىن كېيىن قايغۇغا چۆمدى . كىشىلەر مەغلۇبىيەت ئالدىدا ئىدراكىنى يوقىتىپ ھەممىنى مارادونادىنلا كۆردى . ئۇلار بىردەك : ‹‹ مارادونا تېخىمۇ ياخشى ئوينىشى كېرەك ! ›› دېيىشتى . ئەلۋەتتە ، مارادونانىڭ خاتالىقلىرىنىمۇ قاتتىق كاللا قاتۇرۇپ كۆرسىتىپ بەردى . HN_d{ 3  
بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەس قىلىۋېتىلگەن مارادونا قانداق قىلىشى كېرەك ؟ بەلكىم ، ئۇ ئازابتىن باشقىلارنىڭ غەزەپلىك ۋارقىراشلىرىنى ئاڭلىيالماسلىقى ۋە بەلكىم ئىززەت-ھۆرمىتىنى قايتۇرۇۋېلىشقا پۇرسەت بار ، دەپ ئۆزىگە تەسەللى بېرىشى مۇمكىن . شۇڭا ، مارادونا ئەمدىلىكتە غەلىبە ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەستىن ، بەلكى ئۆزىگە قىلىنغان ھاقارەتنى يۇيۇش ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان بولدى . شۈبھىسىزكى ، بۇ خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتە ساپلىق كەمچىل بولۇپ ، مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق ۋە چۈشىنىشكە ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . Y^36>1.:  
كىشىلەر ، مارادونا ئۈچ يىل سەرپ قىلىپ پلاتىنىنى تەختتىن چۈشۈردى ، گۇللىت بولسا بىر يىلدىلا مارادونانىڭ خانلىقىنى گۇمران قىلدى ، دېيىشتى . مارادونا ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇ خىل ھۆكۈمگە رەددىيە بەردى . بىراق ، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى ناپلېس توپ مەستانىلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشىنى تۈزىتەلمىدى . ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشچان خاراكتېرى چېكىگە يەتتى ، بۇ ھال مارادونانىڭ قەلبىدە ۋەھىمە پەيدا قىلدى . 6Z#\CixG  
كېيىنكى بىر يىل مۇشۇنداق يۈرەكئالدىلىق ئىچىدە ئۆتتى . 1989-يىل 1-مارت ، مارادونا باشچىلىقىدىكى ناپولى كوماندىسى تۇرىن شەھىرىگە بېرىپ ، زاۋاروف قاتناشقان يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن ياۋروپا پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ كېلەر قېتىملىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى تالاشتى . بەش مىڭ نەپەر ناپلېسلىق توپ مەستانىسى 800 كىلومېتىر يول يۈرۈپ ئالپى تەنتەربىيە مەيدانىغا مەدەت بېرىشكە كەلدى ، چۈنكى بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە يۇۋېنتۇس كوماندىسى ناپولى كوماندىسىغا بەشكە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغانىدى . شۇڭا ، جامائەتچىلىكنىڭ ھەممىسى مارادونا زاۋاروفنى سۆزسىزلا مەغلۇپ قىلىدۇ ، دەپ قاراشتى . مۇسابىقە باشلانغاندىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ قىياسى توغرىدەك قىلاتتى . مۇسابىقە باشلىنىپ بىرىنچى ۋە تۆتىنچى مىنۇتتا مارادونا قارشى تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايونىغا بۆسۈپ كىرىپ ۋراتارىنى قارا تەرگە چۆمدۈردى . ئەمما ، شۇنىڭدىن كېيىنكى كۆپ قىسىم ۋاقىتتا مارادونا ، كارېكا ۋە سەپداشلىرىنىڭ ئىپادىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي ، ئىككىگە قارشى نۆل نەتىجە بىلەن ھەيۋەتلىك ئالىپىس تېغى ئېتىكىدە مەغلۇپ بولدى . يۇۋېنتۇس كۇلۇبىنىڭ مۇدىرى بوناپېلدى كۆرەڭلىك بىلەن : ‹‹ مەن بۇرۇنلا توپ دېگەن يۇمىلاق نەرسە ، كۈچلۈكلەرنىڭ مەڭگۈ غالىبلاردىن بولۇشى ناتايىن ، دېگەنىدىم ›› دەيدۇ . بەش مىڭ نەپەر ناپولى توپ مەستانىلىرى بولسا دەرغەزەپ بىلەن : ‹‹ ھېلىقى پاكىنەك بىرلەشمە لوڭقىنى قولغا كەلتۈرىمىز ! دەپ ۋەدە بەرگەنىدى ›› دەيدۇ . :*t"8;O[  
5-مارت ، ‹‹ يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ ياۋروپا كېچىسى ››دىن بىر قانچە كۈن كېيىن ناپولى كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى ئاجىز كوماندا پېسكالا كوماندىسىغا خىرىس قىلدى . ناپلېسلىقلار كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ھېلىقى كېچىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن نەچچە مىڭ نەپەر توپ مەستانىسىنى تەشكىللەپ مۇسابىقە كۆرگىلى باردى ، ئۇلار مارادونانىڭ پېسكالا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى . كىم بىلسۇن ، پېسكالا كوماندىسى ناھايىتى قەيسەرلىك بىلەن ئويناپ پۇرسەت بەرمىدى . ناپلېسلىقلارنىڭ تاكتىكىسى رولىنى يوقاتتى ، ئاخىر ئىككى كوماندا نۆلدە نۆل نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى . ئىككىنچى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئالتە مىنۇت بولغاندا مارادونا كارامىتىنى كۆرسىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ، ۋراتاغا 25 مېتىر يىراقلىقتىن ئۇرغان بىۋاسىتە ئىختىيارىي توپى ۋراتانىڭ توغرا ياغىچىغا تېگىپ قاڭقىپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن ناپلېس كوماندىسىنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى نومۇرى 37گە يېتىپ 1-ئورۇندىكى كوماندا ئىنتېر مىلان كوماندىسىدىن ئۈچ نومۇر ئارقىدا قالدى . ناپلېسلىقلار بۇنىڭغا تاقەت قىلىپ تۇرالماي ئاغرىنىشقا باشلىدى . .udv"?!z  
15-مارت ، ناپولى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن ياۋروپا پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق مۇسابىقىسىنى ئېلىپ باردى ، مارادونا كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن مۇسابىقىگە ئاتلىنىپ غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەشكە ئۇرۇنغان ‹‹ زېبرا ››غا قىلچە پۇرسەت بەرمىدى ھەم رەقىبىنى يېڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى . ناپلېس توپ مەستانىلىرى دەرھاللا پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ مارادوناغا قەسىدە ياغدۇردى . h\7fp.  
17-ماي ، بىرلەشمە لوڭقا مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق مۇسابىقىسىدە ناپولى كوماندىسى گېرمانىيىنىڭ شتۇتگارت كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى . بۇ مەزكۇر كۇلۇبنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋروپا پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ ئۈچ چوڭ لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشى ئىدى . بۇ قېتىممۇ ناپلېسلىقلار مارادونانىڭ قىزىغا ، جۈملىدىن 16-ماي دۇنياغا كۆز ئاچقان ئىككىنچى قىزى جانېنا دىنوراغا رەھمەت ئېيتىشى كېرەك ئىدى . كىشىلەر شاد-خۇراملىققا چۆمدى ، ئۇلار مارادونانى مەدھىيىلەشنى ئۇنتۇمىدى ، ھەممىلا كىشى : ‹‹ ئۇلۇغ مارادونا پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسى ! ›› دېگەننى ئاغزىدىن چۈشۈرمىدى . Kh(ZU^{n  
O_cbP59Y.  
ئىيۇننىڭ بېشىدا ، مارادونا بىرلەشمە مۇسابىقىدە رېپىرى بىلەن تاكاللاشقانلىقتىن ، بىرلەشمە مۇسابىقە ئىنتىزام كومىتېتى ئۇنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . بۇ ھال مارادونادا گۇمان پەيدا قىلدى ، ئۇنىڭدا ناپلېستىن ئايرىلىش ئويى تۇغۇلدى . گەرچە بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ خىل خەۋەرلەر ناھايىتى كۆپ تارقالغان بولسىمۇ ، لېكىن تېرە تاراقلىتىشلا ئىدى . چۈنكى مارادونا قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئۆزىنى ناپلېسلىقلارنىڭ ئەۋلادى ، دەپ قاراپ كېلىۋاتاتتى . مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن ، نۇرغۇن كۇلۇبلار ئون مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى نەرختە ئۇنى تەكلىپ قىلدى ، بولۇپمۇ ئەنگلىيىنىڭ توتتېنھام كوماندىسى ئون مىليون فوندستېرلىنگ چىقىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئەمما ، فېررىئانو بۇ تىللا دەرىخىنى قانداقمۇ قولدىن چىقىرىشنى خالىسۇن ؟ ئۇ ئەدەپ بىلەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە مارادونانىڭ مائاشىنى ئۆستۈردى ، مارادونامۇ رازىمەنلىك بىلەن توختامغا قول قويدى . بەزىلەر ھەر قېتىملىق ئالمىشىش شامىلىنى مارادونانىڭ ئىش ھەققىنىڭ تۆۋەنلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، دەپ قىياس قىلىشتى . مارادونا قانداقمۇ ئۆز خەلقىدىن ئايرىلالىسۇن ؟ ]V-W~r=  
بىراق بۇ قېتىم ئەھۋال باشقىچە ئىدى . مارادونانىڭ ھازىرقى ۋاسىتىچىسى كوپلار بولۇپ ، سىتتېپىللېر ئەمەس ئىدى . ناۋادا ، سىتتېسپىللېر بولسا مارادونانىڭ ئالمىشىش ئىشىنى ھېسسىيات ئامىلىنى چىقىش قىلىپ ئويلىشىشى مۇمكىن ئىدى . 8-ئىيۇن كوپلار مارسېل كۇلۇبى بىلەن خۇپىيانە ئۇچرىشىپ ئالمىشىش ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى . مارادونانىڭ قەلبى زىددىيەتلىك بولسىمۇ ، لېكىن يەنىلا ناپلېستىن ئايرىلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى . مارسېل كۇلۇبى يېڭى خوجايىن تاپىئې ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۇلۇغۋار پىلانلارنى تۈزگەنىدى . مارادونانىڭ ئارزۇسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تاپىئې ئاشكارا ھالدا ھەر قانداق نەرختە ئۇنى تەكلىپ قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، ئۇ قىرىق مىليون فرانك باھا قويغان ، بۇ ئەينى يۇقىرى رېكورت ھېسابلىناتتى . بۇ قېتىممۇ مارادونا بىلەن فېررىئانو تەۋرىنىپ قالدى . بىراق ، رەئىس فېررىئانونىڭ قولىدا توختام بولغانلىقتىن پوزىتسىيىسى قاتتىق بولدى . بۇ ئىش ئاخىرىدا تاپىئېنىڭ ‹‹ مەشۇقسىز ئاشىقلىقى ›› بىلەن ئاخىرلاشتى . ?6(I V]  
ئەمما ، ئىش بۇنىڭلىق بىلەن ئاخىرلاشمىدى . ناپلېسلىقلاردا مارادوناغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىك كەيپىياتى پەيدا بولدى . گەرچە ئۇلار مارادونانى ئوچۇق-ئاشكارا ‹‹ خائىن ›› دەپ ئەيىبلىمىگەن بولسىمۇ ، لېكىن مارادونانىڭ ئۇلاردىن ئايرىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ھەر بىر كىشىنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى . ئۇلار بۇ تەكەببۇر شاھزادىگە ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى لايىق كۆردى . N-jTc?mT~&  
18-ئىيۇن ناپولى كوماندىسى ئاجىز كوماندا پىسا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، مارادونانىڭ پۈتۈن مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى كىشىلەر قىياس قىلىشقاندەك ئالاھىدە ياخشى بولمىسىمۇ ، لېكىن بەك ناچارمۇ ئەمەس ئىدى . ئۇ مەيداندىن چۈشكەندە توپ مەستانىلىرى ئىسقىرتىپ مەسخىرە قىلدى ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا كۇلۇب مارادونا بىلەن توپ مەستانىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدى . مارادونا بۇ خىل ئادالەتسىزلىكتىن رەنجىدى ھەم ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە قايتۇرما زەربە بەردى . مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇ ئارگېنتىناغا دەم ئېلىشقا قايتتى ھەم دەم ئېلىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن بىر ئايغىچە ئىتالىيىگە قايتمىدى ، بۇ ھال پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى . +zrAG 24q  
1989-يىل 1-نويابىر مارادونا بىلەن ناپولى كۇلۇبى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت پۈتۈن دۇنياغا پۇر كەتتى . شۇ كۈنى ناپولى كۇلۇبى ياۋروپا پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ ئۈچ چوڭ لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسىگە قاتناشماقچىدى ، بىراق مۇسابىقىدىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئۇ ئۇشتۇمتۇت غايىب بولدى . شۇ كۈنى - 30-ئۆكتەبىر مارادونانىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم ئىدى . كۇلۇب رەھبەرلىرى مارادونانىڭ كېچىكىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك بۇ ئالاھىدە كۈننى ئۇنتۇپ قالمىدى ، ئۇلار ناپولى كوماندىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن بىرگە 29-ئۆكتەبىر ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قۇتلۇقلاش زىياپىتىگە قاتناشتى ، ئەمما ئىشنىڭ نەتىجىسىگە كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيتتى . گەرچە مۇسابىقە باشلىنىشتىن 50 مىنۇت ئىلگىرى مارادونا رېنالت ماركىلىق پىكاپىنى ھەيدەپ مۇسابىقە مەيدانىغا كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن كۇلۇب ئۇنىڭغا مۇسابىقىگە قاتناشتۇرماسلىق جازاسى بېرىشنى قارار قىلغانىدى . مارادونا ئۆزىگە قىلىنغان ھەر قانداق ھۇجۇم ۋە ھاقارەتلەرگە بەرداشلىق بەرسىمۇ ، لېكىن مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشقا تاقەت قىلىپ تۇرالمايتتى . ئۇ ئۆزى بىلەن ناپلېس خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنىڭ بارغانسېرى سۇسلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى . ناۋادا ئۇ راستتىنلا باشقا جايغا كەتسە ، ناپلېسلىقلاردا تېخىمۇ كۆپ گۈزەل ئەسلىمە قالدۇراتتى . ئەمەلىيەتتە ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مارادونا ناپلېستا ئازاب دېڭىزىغا غەرق بولدى . 5K^69mx  
ئۇ بۇ خىل كۆلەڭگىدىن خالاس بولۇشقا ئۇرۇندى ، ناپلېس ئۇنىڭغا تۇنجى قېتىم ياقا يۇرتتەك تۇيۇلدى ، شۇڭا ئۇ تەبىئىي ھالدا يۇرتى ئارگېنتىنا ۋە بولغۇسى خوتۇنى كلاۋدىيەنى ئەسكە ئالدى . گەرچە ئۇلارنىڭ تونۇشقىنىغا 15 يىل بولغان ھەم ئوماق ئىككى قىزى بولسىمۇ ، لېكىن رەسمىي توي قىلمىغانىدى . نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۇ ئىزچىل تۈردە پۇتبولنى ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن بولۇپ ، توي ئىشىغا ۋاقىت چىقىرالمىغانىدى ، پۇتبول مەيدانىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ، ئۇ ھېسسىيات ئارقىلىق بۇ خىل ئازابقا خاتىمە بېرىدىغان ۋاقىت كەلدى ، دەپ قارىدى . &= 
af#pR&4}   
مۇسابىقىگە قاتناشتۇرماسلىق جازاسى بېرىلىپ بىر ھەپتىگە قالمايلا مارادونا ئارگېنتىناغا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە كەتتى . ئۇ ۋەتىنىنى قىزغىن سۆيەتتى ، يۇرتىدا ئۆمۈرلۈك ئىشىنى پۈتتۈرمەكچى ئىدى . ئەينى چاغدا ئارگېنتىنا ئىگىلىكى كاساتلاشقان بولۇپ ، پۇلنىڭ كۇرسى چۈشكەن ، مال باھاسى ئۇچقاندەك ئۆسكەن ، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى كەمچىل ئىدى ، ئاممىۋى قاتناش ئىش تاشلاش تۈپەيلىدىن پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى . مۇشۇنداق ئەھۋالدا مارادونا ناھايىتى داغدۇغىلىق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكچى بولدى . شۈبھىسىزكى ، ھاياتىدىكى ئەڭ شېرىن دەقىقىلەرنى كۈتۈۋاتقان مارادونا بۇ تەرىپىنى ئويلاپ يەتمىگەنىدى . L f"i !  
ئەگەر ئاددىي پۇقرا زۇڭتۇڭنى تويغا تەكلىپ قىلىپ باغاق ئەۋەتسە ، كىشىلەر ئۇنى مەسخىرە قىلىشىدۇ . بىراق ، مارادونا شۇنداق قىلسا ئۇنىڭ قائىدە - يوسۇنلۇقلۇقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ . گەرچە ئارگېنتىنا ۋە ئىتالىيە زۇڭتۇڭى توي مۇراسىمىغا كېلەلمىگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلار يەنىلا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى . مارادونا بىلەن كلاۋدىيە 2 مىڭ باغاق تارقاتقان بولسىمۇ ، يەنىلا بەزىلەر بۇ شەرەپكە مۇيەسسەر بولالمىغانلىقىدىن ئاغرىندى . ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيىدىكى ئەل - ئاغىنىلىرىنى مەخسۇس رېئاكتىۋ ئايروپىلان ئىجارىگە ئېلىپ ئارگېنتىناغا ئېلىپ كەلدى ھەم يودې لاپلاتا دېڭىز قىرغىقىدىكى ھەشەمەتلىك خۇسۇسىي داچىغا ئورۇنلاشتۇردى . بۇلاردىن باشقا 180 نەچچە نەپەر مېھمان كۈنلۈكى 120 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئالىي دەرىجىلىك يۈرۈشلۈك خانىغا چۈشتى . s7g(3<(  
   %STliJ  
مۇخبىر ۋە توپ مەستانىلىرى پۇتبول مەيدانىدىكى قەھرلىك ئەزىمەت مارادونانىڭ توي مۇراسىمى كىيىمى كىيگەن سىياقىنى كۆرۈشكە تەشنا ئىدى . تويدا ئىككى ئورۇنغا چوقۇم بېرىشى كېرەك . بىرى ، ئۇرۇگۋاي كوچىسىدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ، بۇ جايدا نىكاھلىنىش رويخېتىگە تىزىملىتىپ ، قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتىشى لازىم ئىدى . 7-نويابىر ، سەيشەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە مۇخبىرلار توي قىلغۇچىلاردىنمۇ بەكرەك پايپېتەك بولۇپ كەتتى ، يۈزدىن ئارتۇق ئادەم قىستىلىپ يۈرۈپ ياخشى ئورۇننى تالىشىۋاتاتتى . مارادونا بىلەن كلاۋدىيە بۇ جايغا ماگنىي چىراغنىڭ كۆزنى چاقنىتىدىغان نۇرىغا ئەمەس ، بەلكى توي خېتى ئالغىلى كېلەتتى . ئۇلار قارا رەڭلىك بېنز ماركىلىق پىكاپتىن چۈشكەندىلا مۇھەببەت يولىنىڭ ئەگرى - توقايلىقىنى تونۇپ يەتتى ، مۇخبىرلار خۇددى كۆنىكى بۇزۇلغان ھەرىدەك ئۇلارغا يوپۇرۇلۇپ كەلدى . كەيپىياتى چاغ يىگىتنىڭ نائىلاجلىقى تەدرىجىي بىزارلىققا ، ئاخىرىدا دەرغەزەپكە ئايلاندى ، ئامېرىكىلىق بىر نەپەر فوتو سۈرەت مۇخبىرى ئالدىنى توسۇپ سۈرەتكە تارتماقچى بولغاندا مارادونانىڭ تاقەت قاچىسى يېرىلىپ ئىتتىرىۋەتتى ، مەيداندىكى باشقا مۇخبىرلار بۇ مەنزىرىنى خاتىرىلىۋالدى . NZP.0coY  
يەنە بىرى ، بۇئېنوس - ئايرېستىكى سانسىمۇ - زاگرامىنتو چېركاۋى بولۇپ ، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ جايدا ئىلاھنىڭ بەخت تىلىشىنى قوبۇل قىلغان ئەر - خوتۇنلار پەخىرلىنىدىغان بولدى . شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن چېركاۋغا بېرىشقا توپتوغرا تۆت سائەت كەتتى . ئىقتىساد كاساتلاشقان ئارگېنتىنادا ئىش تاشلىمىغان ئەھۋالدا بۇنداق كۆپ كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى بىر مۆجىزە ھېسابلىناتتى . كۆركەم ۋە ھەشەمەتلىك كىيىنگەن كلاۋدىيە بىلەن مارادونا ئىلاھ ئالدىدا ئۆز ئارا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشتىن ئىلگىرى پۈتۈن زېھنىنى ئادەملەر توپىنى يېرىپ چىقىشقا قارىتىشى لازىم ئىدى . بەلكىم ، بۇ تارىختىكى ئەڭ ‹‹ جاپالىق ›› توي ھېسابلىنىشى مۇمكىن ! ھېلىمۇ ياخشى ئۇلار چېركاۋغا كىرىۋالدى . i 
ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن بۇ تويغا ئۈچ مىليون شۋېتسارىيە فرانكى چىقىم قىلىندى . ئالايلۇق ، كلاۋدىيەنىڭ بېشىغا تاقالغان تاجىغىلا نەچچە مىڭ دانە ئالماس ئورنىتىلغان بولۇپ ، مارادونا ئەرزىيدۇ دەپ قارىغان نەرسىگە قانچىلىك پۇل كەتسىمۇ رازى ئىدى . بۇ قېتىم ‹‹ مارادونا جەمەتى ››دىكىلەر پۇخادىن چىققۇچە ئوينىدى ، ئەمما مۇخبىرلار نارازى بولدى . Pt@%4 :&-h  
ئەتىسى گېزىتلەرنىڭ كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان بەتلىرىگە كىنايىلىك خەۋەرلەر بېرىلدى . ئالايلۇق ، ‹‹ مارادونا فوتو سۈرەت مۇخبىرىنى ئۇردى ›› ، ‹‹ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدىكى ئۇرۇش - جېدەل ! ›› ، ‹‹ مارادونانىڭ توي مۇراسىمىدا مۆتىۋەرلىك كەم ... ›› دېگەندەك تېمىلاردىكى ماقالىلەر ھەممە يەرنى قاپلىدى . ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر ئۇنىڭ تويىنى بىر مەيدان كۈلكىلىك ئويۇن دەپ قاراشتى . ئەسلىدە مارادونا توي مۇراسىمى ئارقىلىق ئىلگىرىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرگە خاتىمە بەرمەكچىدى ، بىراق ئەمەلىيەتتە گاڭگىراش ئىچىدە قالدى ، ئۇ ۋەتىنىدىكىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە شۇنداق مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى . ناپلېسلىقلار ئۇنى تاشلىۋەتتى ، ۋەتىنىمۇ ئەڭ غەمخورلۇققا موھتاج ۋاقىتتا ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەلمىدى . ئۇ ناھايىتى يالغۇزسىرىدى ، ئۇ قاياققا مېڭىشى كېرەك ؟ V$"ujRp  
U~} U\_  
مۇشۇنداق ئازاب ئىچىدە ، ئۇ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەيدانىغا قەدەم قويدى . تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدىكى مەغلۇبىيەت غايەت زور زىلزىلە قوزغىدى ، ھەتتا ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى مېنېم ئاشكارا ھالدا : ‹‹ كوماندىنى ئۆزگەرتىش كېرەك ! بىلاردو تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇمچىلارنى تاللاپ كوماندىنىڭ ئوت كۈچىنى ئاشۇرۇشى ، رامون دىئاسنى دۆلەت كوماندىسىغا تاللىشى لازىم ! ›› دەپ ئەيىبلىدى . hq:&wN 7Q  
دىئاس دېگەن كىم ؟ دىئاس مارادونا بىلەن بىرگە توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ياشلار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ ، كىشىلەر بىردەك مارادونانى يادرولۇق شەخس ، دىئاسنى مەيداندا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ماھىر دەپ قارايتتى . 1982-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئۇ ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايان قىلالمىدى ، شۇنداقتىمۇ ئىنتېر مىلان كۇلۇبىغا قوبۇل قىلىندى ، مەزكۇر كۇلۇب كلىنسىماننى سېتىۋالغاندىن كېيىن بۇ كۇلۇبتىن ئايرىلدى . بىلاردو ئارگېنتىنا كوماندىسىغا ترېنېر بولغاندىن كېيىن ، دىئاس ‹‹ چولپان تاكتىكىسى ››دىن ئىزچىل نارازى بولۇپ كەلدى ھەم پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە ئىككى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن مەھرۇم قالدى . كېيىن ئۇ ياپونىيە كەسپىي پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئىككى يىل توپ ئوينىدى ، پاسسارېللا ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ ترېنېرلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن دىئاس دەريا قىنى كوماندىسىنىڭ ترېنېرلىقىغا تەيىنلەندى . e1>aT u@  
بەش كۈندىن كېيىن بىلاردو ئۆزىنىڭ تاللىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى . 13-ئىيۇن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولغان ئىككى كوماندا - ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوماندىسى ناپلېس شەھىرىدىكى سان پاۋلو تەنتەربىيە مەيدانىدا مۇسابىقىگە چۈشتى . شۈبھىسىزكى ، مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇۋەتكەن كوماندا بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئەڭ بۇرۇن شاللىنىپ كېتەتتى . a-"k/P#  
سوۋېت ئىتتىپاقى كوماندىسى ئۆزگىچە پۇتبول تۈزۈلمىسى بىلەن دۇنياغا داڭلىق ئىدى . ئۇلار ياۋروپا پۇتبول مۇنبىرىدە ئىزچىل كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەنىدى ، 12-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇلار ئۈچكە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن برازىلىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇۋېتىپ 7-لىككە ؛ 13-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 10-لىككە ئېرىشتى ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھۇجۇمغا مايىل ئويناش ئۇسۇلى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى . 1988-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئەللىرى پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گوللاندىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى . تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە تاسادىپىي ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ ، ئۇلارنى سەل چاغلىغىلى بولمايتتى . بىراق ، ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشكەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كوماندىلارنىڭ تەلىيى ئوڭ كەلمىدى . 1992- ۋە 1996-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئەللىرى پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ، 1994-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە رۇسىيە كوماندىسى گۇرۇپپىلار بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدىلا شاللىنىپ كەتتى . شۇڭا ، كىشىلەر مارادونانىڭ قولى سوۋېت ئىتتىپاقى كوماندىسىنى ئالتە يىل ، بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت پەسكويغا چۈشۈرۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن . %]g n?`O  
ناپلېس شەھىرىدىكى سان پاۋلو تەنتەربىيە مەيدانىدا مارادونا خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ، شىماللىق باي غوجاملارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ، بۇ قېتىم مارادونا يەنە پەرۋەردىگار بىلەن ‹‹ قول ئېلىشتى ›› . ناپلېس توپ مەستانىلىرىنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك ۋارقىراپ مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا مارادونا ئوتتۇرا مەيداننى تىزگىنلەپ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەگە تەشكىللىدى ، ئۆزىنىڭ بۆسۈپ ئۆتۈش كۈچى ۋە سۈرئىتىگە تايىنىپ سوۋېت ئىتتىپاقى سېپىگە ئۈزلۈكسىز پاراكەندىچىلىك سالدى . مۇسابىقە باشلىنىپ 13 مىنۇت بولغاندا ئەسلىدىلا ئىپادىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان پۇمىدو يارىلىنىپ مەيداندىن چۈشتى ، نەتىجىدە ‹‹ گويكوچانىڭ مۆجىزىسى ›› باشلاندى . 14 مىنۇتتا سوۋېت ئىتتىپاقى كوماندىسى كورنېر توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ، دوبروۋسكىي چىقارغان كورنېر توپنى سەپدىشى كوزنېزوف ئېگىز سەكرەپ ۋراتانىڭ يان بۇلۇڭىغا ئۈسۈدى . ئەمدىلا مەيدانغا چۈشكەن گويكوچا تېخى تەييارلىقسىز ئىدى ، مۇسابىقە ھالىتىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى ، ئۇ ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرۇپ توپقا ئىنكاس قايتۇرالمىدى . شۇ چاغدا ، پاكىنەك مارادونا ۋراتانىڭ بىر يېنىدا تۇرغان بولۇپ ، مۇقەررەر كىرىدىغان توپنى قولى بىلەن ئۇرۇپ چىقىرىۋەتتى ، بۇ تالانتلىقلاردىلا بولىدىغان ئىنكاس ئىدى . ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى ، شۋېتسارىيىلىك رېپىرى فرېدرىكس بۇ ھالنى كۆرمىگەنىدى ، شۇڭا 11 قەدەملىك جازا توپقا ھۆكۈم قىلمىدى . كىشىلەر بىردەك رېپىرىدىن باشقا ھەممە كىشى ئۇ توپنىڭ قول توپى ئىكەنلىكىنى كۆردى ، دېيىشتى . مارادونا قارا تەرگە چۆمگەن گويكوچاغا بىمالال ھالدا : ‹‹ ئەندىشە قىلمىغىن ، پەرۋەردىگار ئارگېنتىنالىقلار تەرەپتە تۇرىدۇ ! ›› دېدى . ot`%*  
N0K){  
بۇنىڭدىن روھلانغان ياش ۋراتار مۇسابىقىنىڭ ئاشقان قىسمىدا سوۋېت ئىتتىپاقى كوماندىسىنىڭ چوقۇم كىرىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن توپىنى توسۇۋەتتى . ئارگېنتىنا كوماندىسى تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش ۋە قارشى تەرەپ بېكىنىڭ سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى توپ كىرگۈزۈپ سوۋېت ئىتتىپاقى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى . }w/; ){gu  
  گۇرۇپپىلار بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى نومۇرى ئۆزى بىلەن تەڭ بولغان رۇمىنىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى . ئىككىلا كوماندا ئۇتتۇرۇشنى خالىمايتتى ، ئۇلار بىردە بىر نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ گۇرۇپپا بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدىن ئۈزۈپ چىقتى . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مارادونا مەيداندىكى ھۇجۇمغا مايىل خافبېكلىك ئورنىنى مۇقىملاشتۇردى ، ئۇنىڭ تەشكىللەش قابىلىيىتى ئۇنى يەنە بىر خىل ئۇسۇلدا توپ ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى . مارادونا شۇنداق كېلىشتۈرۈپ چىقىرىپ بەرگەن كورنېر توپنى 15-نومۇرلۇق سەپدىشى مونسون باش بىلەن ئۈسۈپ بىر نومۇر ئالدى . cXR1grz  
بىز ئېيتىۋاتقان قالتىس مۇسابىقە بەزىدە پۈتۈن مەيدانغا قارىتىلىشى ناتايىن ، پەقەت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتىكى جىلۋىسى بىلەن تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ ، خالاس . برازىلىيە بىلەن ئارگېنتىنا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئالدىنقى تۆت كوماندا قاتارىغا كىرىش مۇسابىقىسىدە ، مارادونا بەش سېكۇنتتىكى ئىلھامى ئارقىلىق 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىدى . ik"sq}u_]E  
برازىلىيە كوماندىسىدا داڭلىق ماھىرلار كۆپ بولۇپ ، گۇرۇپپىلار بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرمىدى . ترېنېر لازارونى گۇرۇپپىلار بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، ئويناش ئۇسلۇبىغا ئىشەنگەن ھالدا : ‹‹ شاللاش مۇسابىقىسىدە تاكتىكىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرىمىز ›› دېگەنىدى . شۇڭا ، كونا رەقىبى ئارگېنتىنانى مەغلۇپ قىلىشقا ئۇلارنىڭ ئىشەنچى كامىل ئىدى . ئىككى كوماندا ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسى ۋە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە كۆپ قېتىم تۇتۇشقان بولۇپ ، تارىختىكى ئومۇمىي نەتىجىسىدىن قارىغاندا ئارگېنتىنا كوماندىسى بىر ئاز ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى . بىراق ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە برازىلىيىلىكلەرنىڭ نەتىجىسى ياخشى ئىدى . ئالايلۇق ، 1974-يىلى برازىلىيە بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن ئارگېنتىنانى ئۇتقان ، 1978-يىلى نۆلدە نۆل تەڭلەشكەن ، 1982-يىلى برازىلىيە يەنە بىر قېتىم بىرگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن ئارگېنتىنانى ئۇتقان . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىم ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ ئەھۋالى تولىمۇ ئوسال ئىدى . شۇڭا مۇسابىقىدىن ئىلگىرى بەزىلەر چاقچاق قىلىپ : ‹‹ مارادونا پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا تايانمىسا ، ئارگېنتىنانىڭ غەلىبە قىلىشىدىن ئۈمىد يوق ›› دەپ كېسىپ ئېيتقانىدى . چېلىۋېتىشكە ئامراق ئەنگلىيە قىمار شىركىتى برازىلىيە ۋە ئارگېنتىنا كوماندىلىرىغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا 5:6 ، 5:13 تۆلەم نىسبىتى بەلگىلىدى . UWZa|I~:J  
ئىككىنچى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 35 مىنۇتقا قەدەر مەزكۇر قىمار شىركىتىنىڭ ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرگەنلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز . مۇسابىقە باشلىنىپ بىر مىنۇتتا برازىلىيە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى كارېكا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ تېز توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ، ئەمما ياش گويكوچا توپنى تۇتۇۋالدى . تۇرىن شەھەرلىك تەنتەربىيە مەيدانىدىكى 62 مىڭ نەپەر توپ مەستانىسى ۋراتا تۈۋرۈكىنىڭ مۇسابىقىدىكى مۇھىملىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ، 18-مىنۇتتا خافبېك دۇنگانىڭ باش بىلەن ئۈسكەن توپى ۋراتا تۈۋرۈكىگە تېگىپ ، ئارگېنتىنا بېكلىرىنى ساراسىمىگە سالدى . تېخىمۇ كومېدىيە تۈسىنى ئالغىنى شۇكى ، ئىككىنچى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ يەتتىنچى مىنۇتتا برازىلىيە كوماندىسى ۋراتا تۈۋرۈكىگە تېگىپ قاڭقىپ يانغان توپنى تولۇقلاپ ئۇرغاندا يەنىلا تۈۋرۈككە تەگدى . نەتىجىدە برازىلىيە ھۇجۇملىرىدا تۈۋرۈككە نىسبەتەن ۋەھىمە پەيدا بولدى . ئارگېنتىنالىقلارنىڭ زىچ مۇداپىئەسىنى قانداق قىلىپ بۆسۈش بىلەن بولۇپ كەتكەن برازىلىيىلىكلەر مەيداندىكى بىر نەپەر ئارگېنتىنالىقنىڭ ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ مۇستەھكەم بولمىغان مۇداپىئە سېپىگە كۆز سېلىۋاتقانلىقىنى سەزمىدى . 'qArf   
مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەنلا ئارگېنتىنا كوماندىسىنى بەش قولدەك چۈشىنىدىغان برازىلىيىلىكلەر ئوتتۇرا مەيدان بىلەن ئۆزلىرىنىڭ چەكلەنگەن رايونىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان مارادونانى بېقىشقا مەخسۇس ئادەم بەلگىلىدى ، ئارقا - ئارقىدىن تەشكىللىگەن ھۇجۇم ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن برازىلىيە كوماندىسى ئەزالىرى سەل جىددىيلىشىپ قالدى ھەم مارادونانى بېقىشنى سۇسلاشتۇردى . ئىككىنچى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 35-مىنۇتتا مارادونا ئەپچىللىك بىلەن ئوتتۇرا مەيداندا توپ تارتىۋالدى ، برازىلىيىلىكلەر ئەھۋالنىڭ خەتەرلىكلىكىنى بىلگەچكە دەرھال قورشاپ تالىشىشقا كىرىشتى . بەشىنچى نومۇرلۇق ماھىر ئالېماۋ ئالدىدىن توستى ، تۆتىنچى نومۇرلۇق ماھىر دۇنگا ۋە 15-نومۇرلۇق ماھىر مۇللېرلار ئوتتۇرا مەيداندىن ئارقىغا مۇداپىئەگە قايتتى . شۇ دەقىقىدە مارادونا تالانت ئىگىسىگە خاس تەمكىنلىكنى ساقلاۋاتاتتى ، ئۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان سول پۇتى بىلەن توپنى ئىتتىرىۋېدى ، ئالېماۋ توپقا ئەگەشتى . 7_wJpTz  
`/"nTB  
رەقىبىنىڭ ھۆكۈمىدە خاتالىق كۆرۈلگەن شۇ پۇرسەتتە مارادونا سول پۇتىدا توپنى قايتۇرۇپ كېلىپ يېنىككىنە ئىتتىرىپلا ئالېماۋدىن ئۆتۈپ كەتتى . دۇنگا ئالدىراپ كېلىپ ‹‹ چۈشەك ›› ئىشلەتتى ، مارادونا سەنتۈرۈلۈپ كەتكەن ئەھۋالدا سول تەرىپىدە توپ تالىشىۋاتقان برازىلىيىنىڭ 19-نومۇرلۇق ماھىرى روچاغا يۆلىنىپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىدى . بۇ چاغدا برازىلىيىنىڭ مۇداپىئە سېپى قالايمىقانلاشتى ، ئوڭ بېك ئىككىنچى نومۇرلۇق يورگىنخو ئوتتۇرا يولدا توپنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇندى ، سول بېك ئالتىنچى نومۇرلۇق ماھىر برانكومۇ كېلىپ ئۈچ كىشىلىك چەمبىرەك ھاسىل قىلدى . ناۋادا ، مارادونا داۋاملىق تېخنىكىسى كۆزگە كۆرۈنگەن برازىلىيە ماھىرلىرىنى ئالداپ ئۆتمەكچى بولسا ، بۇ برازىلىيىلىكلەرنى مەنسىتمىگەن ھېسابلىناتتى . ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ سەككىزىنچى نومۇرلۇق ماھىرى كانىگگىئامۇ بىكار تۇرمىدى . گەرچە ئۇ گۇرۇپپىلار بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە ئۆزىنى باققان ئىككى بېكنىڭ مەيداندىن چىقىرىۋېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ ، ئەمما ، بىر توپمۇ كىرگۈزەلمىگەنىدى . ئەسلىدە ئۇ سولدا ئوينايتتى ، برازىلىيىلىكلەرنىڭ مارادونانى ئارىغا ئېلىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇچقاندەك قوزغىلىپ ( ئۇنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش سۈرئىتى ئون سېكۇنت يەتتە دەقىقە ئىدى ) مارادونانىڭ ئارقىسىدىن سول تەرەپكە يۈگۈردى . سەزگۈر مارادونا سەپدىشىنى قۇرۇق يۈگۈرتمەيتتى . ئۆزى تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىش ئالدىدا ئەزەلدىن كۆپ ئىشلەتمەيدىغان ئوڭ پۇتى بىلەن توپنى كۈرەپ تېپىپ سولغا پاس بەردى . كانىگگىئا توپنى بىمالال توختاتقاندىن كېيىن ۋراتار تاففارېلنى ئالداپ بىر توپ ئۇردى . بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بەش سېكۇنت ئىچىدىلا يۈز بەردى . بۇ تراگېدىيە برازىلىيىلىكلەرنىڭ مارادونادىن زىيادە قورققانلىقىدىن كېلىپ چىققانىدى ، ئېغىرلىق مەركىزىنى روچاغا تايىنىپ ساقلاۋاتقان مارادونانىڭ چەكلەنگەن رايونغا كىرىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى ، شۇڭا برازىلىيە كوماندىسىدىكى بىر ماھىر سول تەرەپتىكى بوشلۇقنى مۇداپىئە قىلسا بولاتتى . 2[B4f7  
   Uz608u  
تۆ تىنچى باپ نىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقى يوللاندى   ~"lJ'&J}  
hH->%*  
داۋامىنى  مارادونا ئادەم ئۆلتۈرگەنمۇ __يۈرەك پارىسىنى دىگەن تىمىدىن كۆرۈڭ
[ بۇ يازمىنىdilmurat1511دە2012-01-20 14:38قايتا تەھ ]

3-ئەۋلاد پۇتبول شاھى رونالدو
بالاتولې دىگەن توڭگۇز
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

UID: 7817
جەۋھەر: 3
يازما: 2449
شۆھرەت: 3916 نۇمۇر
پۇل: 8176 سوم
تۆھپە: 76 نۇمۇر
ياخشى باھا: 110 نۇمۇر
توردا: 1087(سائەت)
تىزىملاش: 2009-04-30
ئاخىرقى: 2012-04-19
1  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 18:06

تېمىڭىز ياخشى چىقىۋاتىدۇ. ئەمدىكى مەسلە يوللىغان تېمىلىرىڭىزدىكى رەسىملەرنى ئالماشتۇرۇپ يوللاپ بېقىڭ. دىققەت قىلمىغان كىشىگە ھەممىسى ئوخشاش بىر تېمىدەك تۇيغۇ بېرىپ قويدىكەن.
3-ئەۋلاد پۇتبول شاھى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 9222
جەۋھەر: 8
يازما: 1391
شۆھرەت: 2433 نۇمۇر
پۇل: 8629 سوم
تۆھپە: 51 نۇمۇر
ياخشى باھا: 249 نۇمۇر
توردا: 262(سائەت)
تىزىملاش: 2011-06-30
ئاخىرقى: 2012-04-19
2  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 18:13

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى چوكىناتدە2011-11-15 18:06يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : 7Q`4*H6  
تېمىڭىز ياخشى چىقىۋاتىدۇ. ئەمدىكى مەسلە يوللىغان تېمىلىرىڭىزدىكى رەسىملەرنى ئالماشتۇرۇپ يوللاپ بېقىڭ. دىققەت قىلمىغان كىشىگە ھەممىسى ئوخشاش بىر تېمىدەك تۇيغۇ بېرىپ قويدىكەن. eg3{sDv,  
4&\m! s  
ئەسكەرتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەتمەن رەسىمنى سەل تەسرەك چىقىرىمەن لىكىن ئەمدى ئۇنداق قىلماي بۇيرىقىڭىزغا بوي سۇنمىسام بولماس

3-ئەۋلاد پۇتبول شاھى رونالدو
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UID: 8643
جەۋھەر: 10
يازما: 4166
شۆھرەت: 12437 نۇمۇر
پۇل: 213581 سوم
تۆھپە: 158 نۇمۇر
ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
توردا: 2263(سائەت)
تىزىملاش: 2011-02-12
ئاخىرقى: 2012-04-20
3  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 18:19

قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن بۇرادەر،پۇتبولچىلارنىڭ ئەڭ نوچىسىنى يېزىۋاتىسىز،ياخشى....
خەير-ھەممىدىن ۋاز كەچتىم.
مەن توردا يوق !
دەرىجە: كوماندا باشلىقى

UID: 7967
جەۋھەر: 3
يازما: 5861
شۆھرەت: 6466 نۇمۇر
پۇل: 372400 سوم
تۆھپە: 85 نۇمۇر
ياخشى باھا: 52 نۇمۇر
توردا: 1218(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-02
ئاخىرقى: 2012-02-12
4  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 18:26

مارادونانىڭ ناپلىستىكى كۈنلىرى بەك تەس ئۆتۈپتىكەن... بەك تەس ئۆتۈپتىكەن  
ئالەم كىزەر
مەن توردا يوق !
دەرىجە: تاماشىبىن
UID: 9710
جەۋھەر: 0
يازما: 65
شۆھرەت: 66 نۇمۇر
پۇل: 11065 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 35(سائەت)
تىزىملاش: 2011-10-21
ئاخىرقى: 2012-04-19
5  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 18:35

ياخشى يېزىپسەن بىراق كۆزۈڭنى ئاسرا  
ئالەم كىزەر
مادىرىت سەن بىر تارىخ!
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UID: 9361
جەۋھەر: 1
يازما: 2016
شۆھرەت: 3556 نۇمۇر
پۇل: 127024 سوم
تۆھپە: 23 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردا: 505(سائەت)
تىزىملاش: 2011-08-09
ئاخىرقى: 2012-04-19
6  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 18:47

تېمىلىرىڭىز بەك ياخشى چىقىۋاتىدۇ جۇمۇ تېخىمۇ غەيرەت قىلىڭ!
3-ئەۋلاد پۇتبول شاھى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 9222
جەۋھەر: 8
يازما: 1391
شۆھرەت: 2433 نۇمۇر
پۇل: 8629 سوم
تۆھپە: 51 نۇمۇر
ياخشى باھا: 249 نۇمۇر
توردا: 262(سائەت)
تىزىملاش: 2011-06-30
ئاخىرقى: 2012-04-19
7  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 18:56

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى sansiz0903دە2011-11-15 18:26يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : {{7%z4l  
مارادونانىڭ ناپلىستىكى كۈنلىرى بەك تەس ئۆتۈپتىكەن... بەك تەس ئۆتۈپتىكەن   ?4GI19j  
5-3`@ (/  
قارىغاندا سىز تۇلۇق ئوقۇغان ئوخشىمامسىز

3-ئەۋلاد پۇتبول شاھى رونالدو
ھەق يولىدىن ئۆزگە تاللىشىم يوق
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

UID: 8221
جەۋھەر: 4
يازما: 5064
شۆھرەت: 8735 نۇمۇر
پۇل: 438644 سوم
تۆھپە: 53 نۇمۇر
ياخشى باھا: 63 نۇمۇر
توردا: 865(سائەت)
تىزىملاش: 2010-10-16
ئاخىرقى: 2012-04-19
8  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 18:59

مارادونانىڭ تىرنىرلىق قىلغان ھالىتىنى يەنە كۆسەك بولاتتى...
كاكا 10
مەن توردا يوق !
دەرىجە: تاماشىبىن
UID: 9777
جەۋھەر: 0
يازما: 59
شۆھرەت: 70 نۇمۇر
پۇل: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 5(سائەت)
تىزىملاش: 2011-11-06
ئاخىرقى: 2012-03-05
9  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 19:27

بۇ تىما يەنە نادىر ياخشى
كاكا ئالغا 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئۈچۈن!!!..
ئەڭ نوچىسى ~ رونالدو
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 8444
جەۋھەر: 0
يازما: 3391
شۆھرەت: 5119 نۇمۇر
پۇل: 234375 سوم
تۆھپە: 2 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردا: 495(سائەت)
تىزىملاش: 2010-12-11
ئاخىرقى: 2012-04-17
10  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 20:11

مەن ھەجەپ مۈڭگۈز كۆرمەنمەنيا بۇلارنىڭ كاللىسىدا   qk}(E#.>F\  
21-ئەسىردىكىسىنى رونالدو بىلەن مىسسى دىيىشكە بولامۇ  
/attachment/photo/Mon_1203/3496b11fcd479aba5733b0050519a109fb.jpg
يۇمشاق قۇرۇت قاتتىق قارغاينى ي
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 8179
جەۋھەر: 2
يازما: 1407
شۆھرەت: 2124 نۇمۇر
پۇل: 134368 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
ياخشى باھا: 91 نۇمۇر
توردا: 1241(سائەت)
تىزىملاش: 2010-10-06
ئاخىرقى: 2012-04-19
11  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 20:41

4m++>q  
g*UI~rp  
كىمۇ ماۋۇ ؟؟