سىز بۇ تېمىنىڭ 2368 - ئوقۇرمىنى
تېما: پـۇتـبـول پادىشاھـى مـارادونـا !
3-ئەۋلاد پۇتبول شاھى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى
UID: 9222
جەۋھەر: 5
يازما: 601
شۆھرەت: 1177 نۇمۇر
پۇل: 152995 سوم
تۆھپە: 51 نۇمۇر
ياخشى باھا: 120 نۇمۇر
توردا: 171(سائەت)
تىزىملاش: 2011-06-30
ئاخىرقى: 2012-01-19
0  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-11 12:54

پـۇتـبـول پادىشاھـى مـارادونـا !

ئەسكەرتىش: بۇ يازما چوكىنات تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-11-11)
تۈزگۈچى : لىن شى : 林夕     2H3(HZv  
( تەرجىمە قىلغۇچى ) : ئالىمجان تاھىر 9ptZVv=O  
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل 3-ئاي 1-نەشرى 6#fOCr;f7  
Z6NJ)XQy6F  
بىرىنچى باب P&,hiGTDi  
~Vwk:+):  
1978-يىل 25-ئىيۇن ، ئارگېنتىنا پايتەختى بۇئېنوس - ئايرېستىكى دەريا قىنى تەنتەربىيە مەيدانىدا 11-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى . ئۇزارتىلغان ۋاقىتتا ، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ 10-نومۇرلۇق ماھىرى كېمپېس چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ ، گوللاندىيە كوماندىسى ۋراتاسىغا بىر توپ ئۇرۇش بىلەن تەڭ پۈتكۈل ئارگېتنىنا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى . FT 
كىشىلەر ئارىسىدا ئون سەككىز ياشلىق بىر ئۆسمۈر بۇ ئىشلارغا مۇرەككەپ ھېسسىياتتا نەزەر سالماقتا ئىدى . دۇرۇس ، ئۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىش كېرەك . بىراق ، ئارگېنتىنانىڭ بۇ لوڭقىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭمۇ كۈچ چىقىرىشى لازىملىقىنى ئويلىغىنىدا ، كۆز يېشى تاراملاپ ئاقاتتى . ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ترېنېر ( مەشقاۋۇل ) مېنوتتىنىڭ : دىيېگو تېخى كىچىك ، تەجرىبىسىز ، بۇنداق مۇھىم مۇسابىقىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ . مەن ئارگېنتىناغا مەسئۇل بولۇشۇم لازىم ! ناۋادا ، مۇسابىقىدە يېڭىلىپ قالساق ، ھەممە بىردەك ، ئاغزىدىن ئانا سۈتى تېمىپ تۇرىدىغان بالىنى مەيدانغا چىقاردى ، دەپ مېنى ئەيىبلەيدۇ دېگەن سۆزى جاراڭلايتتى . T.J`S (oI  
دەل مۇشۇ بىر جۈملە سۆز تۈپەيلىدىن ، ياش دىيېگو ئون ئاي ئىچىدە جەننەت ھالاۋىتىدىن دوزاخ ئازابىغىچە ھەممىنى تېتىپ كۆردى . قىسقىغىنا بىر قانچە ئاي ئىچىدە ، ئۇ دۆلەت ياشلار كوماندىسى ئەزالىقىدىن دۆلەت كوماندىسى ئەزالىقىغا تاللاندى ، ئون سەككىز ياشقا توشماي تۇرۇپلا دۆلەتنىڭ شەرىپى ئۈچۈن مەيدانغا چۈشۈشنى ئويلىغىنىدا ، قەلبىنى ھاياجان چۇلغىۋالاتتى . ئون يەتتە يىلدىن بېرى ئۇنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەلدى ، غايىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا قىل سىغمايدىغاندەك قىلاتتى ، كۆز ئالدىدا ئون يەتتە يىلدىن بۇيانقى كەچۈرمىشلىرى نامايان بولاتتى ... |OOXh[y  
دىيېگو ئارماندو مارادونا ( مارادونانىڭ دادىسى ) ئارگېنتىنانىڭ كوررىئېنىتېس ئۆلكىسى ئېكۇينا بازىرىدا نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى ، ئۇ كەلگۈسىدە پۇتبولچى بولۇشنى ھەم مۇشۇ كەسىپ بىلەن پارلاق ئىستىقبالىنى يارىتىشنى ئارزۇ قىلاتتى . بىراق ، ئەمەلىيەتتە ئۇ كونىراپ ئەبجىقى چىققان پاراخوتتا خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى . كېيىن دالما سالۋادو فرانك ئىسىملىك قىز بىلەن توي قىلدى ، تويدىن كېيىن تۇرمۇشىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى . شۇ ۋەجىدىن ، ئۇ 1955-يىلى بۇئېنوس - ئايرېس شەھىرىگە يېقىن فىئورېتو بازىرىغا كۆچۈپ بېرىش قارارىغا كەلدى . ئەلۋەتتە ، بۇ يەرمۇ كەمبەغەللەر رايونى ئىدى . ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغىنى ، بۇ يەردىكى كىشىلەر نامراتلىق دەستىدىن ئۆز خۇشاللىقىنى يوقاتمىغانىدى ، پۇتبول ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى غايەت زور شادلىقى ئىدى . +O&RBEa[  
G o-wAJ>  
ئەمەلىيەتتە ، پۇتبول ئارگېنتىنانىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئارگېنتىنا خەلقى پۇتبولنى تۇرمۇشتىكى بىردىنبىر ئەھمىيەتلىك نەرسە دەپ قارايتتى . شۇڭا ، دىيېگو ئارماندو مارادونا ئۇن زاۋۇتىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلىگىنىدىمۇ ئۈمىدسىزلەنمىگەن ، نامراتلىقتىن پالاكەت باسقاندىمۇ ئازابلانمىغانىدى . بىراق ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئۈچ قىز پەرزەنت ئاتا قىلغاندا روھى چۈشۈپ كەتتى . ئۇ تۇغما پۇتبول تالانتىغا ئىگە ئىدى ، ئەمما پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا قابىلىيىتىنى نامايان قىلىشقا پۇرسەت بەرمىدى ، ئەمدىلىكتە پەرۋەردىگار ئىرسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ پۇرسەت بەرمەسمۇ ؟ hx*HY%\P  
فرانكو تۆتىنچى قېتىم ھامىلىدار بولغاندا ، دىيېگو ئارماندو مارادونا بۇ بالىسىنىڭ ئوغۇل بولۇشىنى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمىدى ، ئۇ بۇ ئارمانىنىڭمۇ ئەمەلگە ئاشماي قېلىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى . 1960-يىل 30-ئۆكتەبىر ، يەكشەنبە ، پەرۋەردىگار ئاخىر ئۇنىڭ سەمىمىي تەلىپىنى ئىجابەت قىلدى . ئىككى پۇتى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك ، تىمەن بىر پەرىشتە يىغا بىلەن بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندا ، ئارماندونىڭ ھاياجان ياشلىرى كۆز چانىقىدىن ئېتىلىپ چىقتى ، ئۇ ئوغلىغا دىيېگو ئارماندو مارادونا دەپ ئۆز ئىسمىنى قويدى ، ئۇنىڭ بۇ ئىشى سەل چەكتىن ئېشىپ كەتكەنىدى . ئىسپانىيە مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئامما ئۇنىڭ بۇ باتۇرانە ھەرىكىتىگە قايىل بولۇپ ، ئىسپانىيە ئاقسۆڭەكلىرىگە بېرىلىدىغان دون دېگەن ھۆرمەت نامىنى ھەدىيە قىلدى . ئەمەلىيەت بۇنداق ئاتاشنىڭ ناھايىتى دانالىقىنى ئىسپاتلىدى . دىيېگو ئارماندو مارادونانىڭ يەكشەنبىدە دۇنياغا كەلگەن پەرىشتىسى كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنى ئاقسۆڭەكلەرچە مەرتىۋىگە ئىگە قىلدى . /tG5!l  
.V8/ELr]  
ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك كېتىپ باراتتى ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان كىچىك دىيېگو ئىككى - ئۈچ ئايلىق بولغاندا ئۆمىلەشنى ، سەككىز - توققۇز ئايلىق بولغاندا ئۆرە تۇرۇشنى ئۆگەندى ، يېشىغا يېتىش بىلەنلا ئايىغى چىقتى . كىچىك دىيېگو ئۈچ ياشقا كىرگەندە ، دون دىيېگو ئوغلىغا تەقدىرىنى تاللاش پۇرسىتى بېرىشنى قارار قىلدى ، ئۇ بەشىنچى نومۇرلۇق پۇتبولدىن بىرنى ئوغلىنىڭ ئالدىغا قويۇپ ، جىددىيلەشكەن ھالدا ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتتى . كىچىك دىيېگو بۇ ‹‹ غەلىتە نەرسە ››گە خېلى ئۇزۇن قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ، ئەجەبلىنىش ، قىزىقىش ۋە ھاياجان بىلەن توپنى سول پۇتىدا كۈچەپ تەپتى ...  ئاھ ! پەرۋەردىگار ، كۆرگەنسىلەر ، ئۇنىڭدا پۇتبول تالانتى بار دېمىگەنمىدىم ، توپنى تېخى سول پۇتىدا تەپتى ! دەرۋەقە ، دىيېگو قاتتىق ھاياجانلانغانىدى ، ئەلۋەتتە ، ئۇ فوتوگرافقا بۇ ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىنى سۈرەتكە تارتىشنى ئېيتىشنىمۇ ئۇنتۇمىغانىدى . 7t ZW^dF  
45?*:)l:  
gW'P`Oxw  
شۇنىڭدىن كېيىن ، دون دىيېگو پۇتبول ترېنېرلىق كەسپىنىمۇ قوشۇمچە ئۈستىگە ئالدى . ھەر يەكشەنبە كۈنى ھېرىپ - چارچىغىنىغا قارىماي ئوغلىغا مەشىق قىلدۇراتتى ھەم مەھەللىدىكى بالىلاردىن كوماندا تەشكىللەپ ، باشقا كوماندىلار بىلەن مۇسابىقىگە چۈشەتتى . بەزىدە قوشنىلىرى كىچىك دىيېگونىڭ دېرىزە ئەينىكىنى چېقىۋەتكەنلىكى ھەققىدە ھال ئېيتىپ كەلسە ، ئۇ ئوڭايسىزلانغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ ئەپۇ سورايتتى ھەم ئوغلىنىڭ پۇتبول سەۋىيىسىنىڭ ئۆسكەنلىكىدىن مەمنۇن بولاتتى . دىيېگو مارادونانىڭ چولپانلىق ھاياتى 1969-يىلى _ توققۇز يېشىدا ‹‹ كىچىك باش پىياز ›› كوماندىسىدىن باشلاندى . بۇ يىل ئارگېنتىنا ئۈچۈن قاباھەتلىك بىر يىل ھېسابلىناتتى ، چۈنكى دۆلەت كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان تەييارلىق مۇسابىقىسىدە شاللىنىپ كەتكەنىدى . ئارگېنتىنالىقلار بۇنىڭدىن ناھايىتى خورلۇق ھېس قىلدى ، كىچىك دىيېگونىڭ قەلبىدىمۇ ئۆچمەس ئىز قالدى . ئۇ ساۋاقدىشى گويېئونىڭ زورلىشى بىلەن ئارگېنتىنا ياشلار كۇلۇبىغا ئىمتىھان بەرگىلى بارغاندا بىر ئاز ھاياجانلاندى . ;R/k2^uF  
Y||yzJdC  
ئىمتىھان ئالغۇچى ئوتتۇز بەش ياشلاردىكى فرانسىسكو كورېنجو بولۇپ ، كۇلۇبنىڭ ياردەمچى ترېنېرى ، ياشلار - ئۆسمۈرلەرنى مەشىقلەندۈرۈشكە مەسئۇل ئىدى . گەرچە گويېئو سەپدىشىنىڭ پۇتبول ماھارىتىنىڭ قالتىسلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ ، لېكىن ترېنېر كۆز ئالدىدىكى پاكار بالىغا گۇمانىي نەزەر بىلەن قاراپ تۇراتتى . ئۇ ئىمتىھاننىڭ باشلانغانلىقىنى ئىشارەت قىلدى . 2T//%ys=  
گويېئو توپنى ئېگىز لەيلىتىپ پاسلىدى ، فرانسىسكو توپنى كۆكرىكىگە ئېلىشى كېرەك دەپ ئويلىۋىدى ، دەرۋەقە دىيېگو توپنى كۆكرىكىگە ئالدى ؛ ئەمدى يوتىسى بىلەن توختىتىشى كېرەك ، دېگەندەك دىيېگو توپنى يوتىسىدا بىمالال توختاتتى . ئۇ ئەمدى ... فرانسىسكونىڭ ئويلىغانلىرىنى مارادونا ئورۇنداۋاتاتتى _ ئۇ توپنى يوتىسىدىن پاچىقىنى بويلىتىپ يەرگە قوندۇردى - دە ، جىندەك تۇرۇۋالغاندىن كېيىن پۇتىنى يېنىككىنە ئېلىپ توپنى كۆككە ئۆرلەتتى . فرانسىسكو ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالدى . دىيېگو توپنى بېشىدا توختاتقاندىن كېيىن ، بەدىنىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى _ باش ، پۇت ، يوتا ۋە مۈرە بىلەن ئوينىتىشقا باشلىدى ، توپ ئارقىسىغا چۈشكەن تەقدىردىمۇ ئۇ ئىككى پۇتىنىڭ سىرت يېنى ۋە تاپىنى بىلەن توپنى ئويناتتى . سول پۇتىنىڭ مۇسابىقە ھالىتىگە كىرىشى بىلەن ئۇمۇ تەدرىجىي ھاياجانلاندى . gTqeJWX9wP  
شۇ دەقىقىدە ، ياندا كۆرۈپ تۇرغان فرانسىسكو ھەيران قالدى ، توققۇز ياشلىق بالىنىڭ كۆرسەتكەن ماھارىتىگە ئىشەنگۈسى كەلمىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ تالانت ئىگىسىنى تەربىيىلەش بۇرچى بارلىقىنى ھېس قىلدى ، مارادونا پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ۋە ئارگېنتىناغا ئاتا قىلغان سوۋغىتى ئىدى . c"sj)-_  
ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاش ياكى دىيېگونىڭ مەغرۇرلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولسا كېرەك ، فرانسىسكو ئىچ - ئىچىدىن تېشىۋاتقان خۇشاللىقىنى زورىغا بېسىۋالدى . ئۇ بالىدىن ماھارىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى ( بۇ قالتىس ماھارەتنىڭ قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئېيتىپ بېرەلمەيتتى ) ھەمدە : zt-' SY  
_ دىيېگو مارادونا ، كەسپىي پۇتبول ماھىرى بولۇشنى خالامسەن ؟ _ دەپ سورىدى جىددىي تەرىزدە . 8$2l^  
_ ئەلۋەتتە خالايمەن ، يەنە تېخى چېمپىيونمۇ بولىمەن ! _ دىيېگو گۆدەكلەرچە جاۋاب بەردى . ov?.:M  
_ بولىدۇ ، گويېئو ئىككىڭلار قوبۇل قىلىندىڭلار ، سىلەر ئەتراپلىق تەربىيىلىنىسىلەر ، قېنى بىرلىكتە تىرىشىپ باقايلى ، چېمپىيون بولالامدۇق - يوق ؟ _ فرانسىسكو كۆڭلىدە پىلان تۈزۈپ بولغانىدى . Y8D7 
Oyi;bb<#  
فرانسىسكو ھەر تەرەپكە قاتراپ كۇلۇبنى ئۆسمۈرلەر كوماندىسى قۇرۇشقا قايىل قىلدى ، يىگىرمە بالا تاللاپ ئۆزى ترېنېرلىقنى ئۈستىگە ئالدى . ئەمدىكى گەپ ، مەملىكەت بويىچە چېمپىيون بولۇشنى كۆزلەپ قۇرۇلغان كوماندىغا ئىسىم قويۇش ئىدى . 7k'=Fm6za  
ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، ‹‹ كىچىك باش پىياز ›› دېگەن كوماندا نامى تۆۋەندىكى دىئالوگدىن كەلگەنىكەن . -Pqi1pj ]  
_ سەن نېمە يېيىشنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىسەن ؟ _ سورىدى فرانسىسكو دىيېگودىن . <^CYxy  
_ كاۋاپ بىلەن باش پىياز ! _ ئويلانمايلا جاۋاب بەردى ئۇ . 4}.WhE|h  
باش پىيازنىڭ ئوماق كۆرۈنۈشىنى كۆزدە تۇتۇپ ، كوماندىغا ‹‹ كىچىك باش پىياز ›› دەپ ئىسىم قويۇلدى . دىيېگو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى فرانسىسكونىڭ يېتەكچىلىكىدە جاپالىق ئاساسىي ماھارەت مەشقى ۋە مۇسابىقىنى باشلىۋەتتى . vh<]aiY  
70'} f  
تۇنجى مەيدان مۇسابىقە ئۇنتۇلغۇسىز مۇسابىقە بولدى ، ‹‹ كىچىك باش پىياز ›› كوماندىسى غەربىي تۆمۈر يول پۇتبول كۇلۇبى ئۆسمۈرلەر كوماندىسىنى نۆلگە قارشى ئون ئىككى نەتىجە بىلەن ئۇتتى ، مارادونا سول پۇتى ۋە بېشى بىلەن يەتتە توپ كىرگۈزۈپ كارامىتىنى كۆرسەتتى ، بىراق ترېنېر فرانسىسكونىڭ : ‹‹ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادەڭلار تولىمۇ ناچار بولدى ، بىز يىگىرمە توپ سېلىشىمىز لازىم ئىدى ›› دېگەن سۆزى بالىلارنى ئەندىكتۈردى ؛ ئارقىدىن : ‹‹ بىز ئادەتتىكى كوماندىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن قانائەت قىلساق بولمايدۇ ، بىزنىڭ نىشانىمىز مەملىكەت بويىچە چېمپىيون بولۇش ›› دېگەنلەرنىمۇ قوشۇپ قويدى ، بۇ ئىككى جۈملە سۆز بالىلارنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى قوزغىدى . نەتىجىدە ، ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە يىگىرمە توپ كىرگۈزۈشكە تىرىشىش ‹‹ كىچىك باش پىياز ››لارنىڭ نىشانىغا ئايلاندى . jf$JaY  
پۇتبول ھەرىكىتى تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ، A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى دەم ئېلىشتا ئۆسمۈر پۇتبول ماھىرلىرى تېخنىكىلىق ماھارەت كۆرسىتەتتى . بىر كۈنى ، تەنتەربىيە مەيدانىدىكى ئون ئۈچ مىڭ تاماشىبىن 10-نومۇرلۇق ماھىرنىڭ توپ ئوينىتىش ماھارىتىتىنى كۆرۈپ ھاڭ - تاڭ قالدى . ئون مىنۇتلۇق دەم ئېلىش كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە توشتى ، رېپىر مۇسابىقە ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ توشقانلىقىنى ، ماھارەت كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ مەيداندىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغاندا ، تاماشىبىنلار ئىختىيارسىز : ‹‹ ئۇ ماھارەت كۆرسىتىپ بولسۇن ! ›› دەپ ۋارقىراشتى . ناۋادا ، باشقىلار پاراكەندە قىلمىسا ، ئۇنىڭ مەھىشەر كۈنىگىچە توپ ئوينىتىشى مۇمكىنلىكىنى كۆپچىلىك ئوبدان بىلەتتى . ئۇزۇنغا بارماي ‹‹ بۇ تالانتلىق ئۆسمۈر ››نىڭ ئىسمىنىڭ دىيېگو مارادونا ئىكەنلىكىنى ھەممە بىلىپ كەتتى ، ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭ ماھارىتىنى كۆرۈش ئۈچۈنلا تەنتەربىيە مەيدانىغا باراتتى . Am>_4  
1970-يىلى ، ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشالماسلىقى توپ مەستانىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى . بىراق ، شۇ يىلى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ‹‹ كىچىك باش پىياز ›› كوماندىسى بىلەن تونۇشتى . ئۇلار مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ھەممە مەيدان ئۇتۇشتەك ئەلا نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى ، نۆلگە قارشى يىگىرمە نەتىجە بىلەن ئۇتۇش ئۇلارنىڭ روشەن بەلگىسى بولۇپ قالدى ، شۈبھىسىزكى ، پۈتۈن كوماندا ئالغان نومۇرنىڭ ئۈچتىن بىرى مارادونانىڭ تۆھپىسى ئىدى . 1969-يىلىدىن 1970-يىلىغىچە ‹‹ كىچىك باش پىياز ›› كوماندىسى 140 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇدا يېڭىش رېكورتىنى ياراتتى ھەم مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسىدە ئۇدا تۆت قېتىم چېمپىيون بولدى . بولۇپمۇ تۆتىنچى قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەندىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ، مارادونا ئۆزىلا ئالتە توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە پېلې ياراتقان ‹‹ ئوڭدىچىلاپ ۋراتاغا ئۇرۇش ›› ئۇسۇلى بىلەن بىر توپ ئۇرۇپ ، پۇتبول پادىشاھىنىڭ ۋارىسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى . t7{L[C$  
a9yIV5_N  
گەرچە ئۇ توققۇز يېشىدىلا كەسپىي پۇتبولچى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ ، بىراق ئون تۆت ياشلىق ئۆسمۈر ئۈچۈن ئېيتقاندا ، ئوقۇش بىلەن پۇتبولدىن بىرىنى تاللاش ئوڭاي ئەمەس ئىدى . ئۇ كەمبەغەللەر رايونىدىكى كونا ئۆيى ، دادىسىنىڭ كۆزىدىن چىقىپ تۇرغان تەلمۈرۈشنى ئويلاپ ئوقۇشتىن ۋاز كەچتى . ئۇ بۇ قارارىنىڭ ئۆزىگە غايەت زور شان - شەرەپ ۋە ئازاب ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى . iifc;62  
/W"Bf  
1974-يىلى ، دىيېگو ئارگېنتىنا ياشلار كۇلۇبىنىڭ ئۆسمۈرلەر C گۇرۇپپىسى ( ئون تۆت ياشلىقلار )غا قاتنىشىپ شانلىق كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىنى باشلىدى . ئەلۋەتتە ، بۇ يەردە شۇ يىلى ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا كىرگەن ئىككى شەخسنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ . بىرى سىتتېسپىللېر ، پاكار بوي ، يۇمىلاق يۈز ، بۈدۈر چاچ بۇ كىشىنىڭ توكۇرلۇقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك يېرى يوق ئىدى ، ئەمما دەل مۇشۇ دوستىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە مارادونانى ناھايىتى كۆپ بايلىققا ئىگە قىلىدىغانلىقىنى كىم ئويلىغان دەيسىز ؟ يەنە بىرى تاكسى شوپۇرى نىكولاس بىللافانېينىڭ قىزى كلاۋدىيە روسانا ، ئون تۆت ياشلىق مارادونا بۇ قىزنى بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ ، ئەس - ھوشىنى يوقاتتى ، ئاخىردا ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇردى . GOv9 2$e  
قەلبىگە ئەمدىلا مۇھەببەت ئوتى تۇتاشقان ئۆسمۈرنىڭ مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلالماسلىقىنى تامامەن چۈشىنىشكە بولىدۇ . ئۇنىڭ بۇ خىل مەجنۇنلۇقى سىتتېسپىللېرنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى . ئۇ مارادوناغا : ‹‹ دىيېگو ، سەن ئاتا - ئاناڭ ، قېرىنداشلىرىڭنى ، كەمبەغەللەر مەھەللىسىنى ، ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ ئۈمىدىنى ئويلىساڭلا مەسئۇلىيىتىڭنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىسەن ! ناۋادا ، كلاۋدىيىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلماقچى بولىدىكەنسەن ، چوقۇم كەسپىي پۇتبولچى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىڭ ، بىر ئائىلىنى قامدىيالىغۇدەك ئەركەكلەردىن بولۇشۇڭ كېرەك ›› دېدى . v+xgxQGYH  
>$7wA9YhL  
بۇ سۆز مارادونانىڭ قەلب يارىسىغا تەگدى ، سۆيگۈ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى پۇتبولغا بولغان ئىنتىلىشىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى . كلاۋدىيىنى ئويلىغىنىدا ئۇ تۈگىمەس كۈچ - قۇۋۋەتكە تولاتتى ، مارادونا يېڭى ھايات مۇساپىسىگە قەدەم باستى . 3v9gb,)y\  
ئاخىر پۇرسەت كەلدى ! 1976-يىلى 30-ئۆكتەبىر ، مارادونا دەل ئون ئالتە ياشقا تولغان كۈنى ئارگېنتىنا ياشلار كۇلۇبى كوماندىسىغا ۋاكالىتەن نورىلېس كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىگە قاتناشتى . بىر ھەپتە ئىلگىرى ، ترېنېر مونتېس مەشىق مەيدانىغا كېلىپ ، مارادونا ئۇزۇندىن بېرى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن : ‹‹ دىيېگو ، كېلەر چارشەنبە مەيدانغا چۈشۈشكە تەييارلىق قىل ! ›› دېگەن سۆزىنى قىلغانىدى . uB5h9&57  
'_q: vj X  
تالانتقا ھېچكىم كۆز يۇممايدۇ ، مارادونانىڭ تۇنجى مەيداندىكى ئىپادىسى ئېتىراپ قىلىندى ، ئارگېنتىنا ياشلار كۇلۇبى كوماندىسى نۆلگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى . مۇسابىقە پەسلىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەر پاكار ، ئەمما بەستلىك ، سول پۇتىنى ئىشلىتىشكە ماھىر بۇ يىگىتكە تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا باشلىدى ، غەيرەت - شىجائەتلىك بۇ يىگىتنىڭ ماھارىتى قۇرداشلىرىدىن كۆپ ئۈستۈن بولۇپ بىرىنچى مۇسابىقە پەسلىدىلا ئون توققۇز توپ كىرگۈزدى . بۇ نەتىجە تۇنجى قېتىم بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتناشقان ئون ئالتە ياشلىق ئۆسمۈر ئۈچۈن ئوڭاي ئەمەس ئىدى . ~[ d=s  
, aRJ!AZ  
ئەمدى ‹‹ ئاۋاق ›› مېنوتتى ئۈستىدە توختىلىمىز . ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.90 مېتىر ، دائىملا قاپىقىنى سېلىپ يۈرىدۇ ، كۈلگىنىنى كۆرگىلى بولمايدۇ ، شۇڭا ‹‹ ئاۋاق ›› دېگەن لەقەمگە ئېرىشكەن . مېنوتتى ئىلگىرى داڭلىق بوكا ياشلار كوماندىسىدا توپ تەپكەن ، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن يىگىرمە توققۇز مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەم پۇتبول پادىشاھى پېلې بىلەن بىرگە سانتوس كوماندىسىدىمۇ توپ ئوينىغانىدى ، بىراق ئۇنى نام - شۆھرەتكە ئېرىشتۈرگىنى پۇتبولچىلىق ھاياتى ئەمەس ، بەلكى ترېنېرلىق ھاياتىدۇر . ئۇ ئارگېنتىنانىڭ ئوتتۇز نەچچە يىللىق پۇتبول تارىخىنى ئۆزگەرتكەن ئەنئەنىۋى لاتىن ئامېرىكىچە ئويناش ئۇسلۇبىغا خاتىمە بېرىپ ، شەخسىي ماھارەت ، جانلىقلىق ، ئۆزگىرىشچانلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان جەنۇبىي ئامېرىكا ئۇسلۇبى بىلەن ئورتاق مۇداپىئە ، ئىنتىزامچانلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياۋروپا ئۇسلۇبىنى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈپ ، ئارگېنتىنا كوماندىسىنى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرگەن ، شۇنداقلا ئارگېنتىنا پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈشىگە ئاساس سېلىپ بەرگەنىدى . p?dGZ2` [I  
JLy)}8I  
مېنوتتى مارادونانى دۆلەت كوماندىسىغا تاللاپ ۋېنېسۇئېلادا ئۆتكۈزۈلگەن جەنۇبىي ئامېرىكا ياشلار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرغاندا ھېچكىم ئەجەبلەنمىگەن ھەم ھەممە بىردەك مېنوتتى مارادونانى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرىدۇ دەپ قارىغانىدى . گەرچە كوماندىنىڭ نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان بولسىمۇ ، لېكىن مارادونانىڭ ئىپادىسى ئۇنىڭ دۇنياۋى چولپانغا ئايلىنىشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقانىدى . pm' @2dT  
دىيېگو مارادونا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ھارپىسىدا مېنوتتى تەشكىللىگەن دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنالمىدى . بۇ ، ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق زەربە ئىدى . ئۇ ياش بولغانلىقى ئۈچۈنلا ترېنېرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ ، لېكىن ماھارىتى ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشتى . ئەسلىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى دۆلەت كوماندىسىغا مەدەت بېرىشى كېرەك ئىدى ، لېكىن مارادونانى دۆلەت كوماندىسىغا تاللىمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلار مېنوتتىنىڭ ھەممە ئىشىدىن قۇسۇر تېپىشقا باشلىدى . ,W)IVc   
BiHiVhD_  
'8r8 ^g[  
3b g4#c  
s T :tFK\  
ئىككىنچى باب mV:RmA  
R,d70w (_  
!7IT~pO`  
بەزى شەيئىلەر كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ ، ئۇ ئۇشتۇمتۇت غايىب بولغاندا سىز بىر خىل ئۈمىدسىزلىك ، ئىنتىزارلىق قاينىمىغا چۆكىسىز ، ئۇ شەيئى كۆز ئالدىڭىزدا قايتا پەيدا بولغاندا ، سىز بىر خىل ئەسەبىي قىزغىنلىق تۈپەيلىدىن ئەقىل - ئىدراكتىنمۇ مەھرۇم بولىسىز . 0j a  
مارادونا ئەنە شۇنداق كىشىلەردىندۇر ! ئەسلىدە تۆت يىل ئىلگىرىلا ئۇ دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىشى كېرەك ئىدى ، لېكىن ئىش ئويلىغاندەك بولمىدى ، ئەمدىلىكتە ئۇ بىر دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ خۇشاللىق بىلەن قايغۇ بىرلىشىپ كەتكەن يېشىل مەيدانغا قەدەم قويدى . ھاياجاندىن 21 ياشلىق يىگىتنىڭ تومۇرىدىكى قانلار ئۆركەشلىمەكتە . پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە ئالتۇن تاجنى قولغا كەلتۈرۈش پۇرسىتى بەرمەي ، ئالتۇن تاجنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەنلىكىنى ئويلىغىنىدا ، قىزىل رەڭدىن غەزەپلەنگەن بۇقىدەك كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيتتى . بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى بارلىق كۆزگە كۆرۈنگەن تورېئادورلار ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىغا يىغىلغانىدى . :/yr(V{  
1978-يىلىدىن بېرى مارادونانىڭ ئىسمى كوماندىنىڭ نەتىجىسى بىلەن كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەنىدى . Y^c,mK^  
باشقا سەپداشلىرى دۇنيا لوڭقىسىنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ تەنتەنە قىلىشىۋاتقاندا ، ئۇ كلاۋدىيىنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇپ تەسەللىي تېپىشقا مەجبۇر بولدى ، ئالتۇن لوڭقا بىلەن مۇخبىرلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغان مېنوتتى ئۇنىڭغا چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن : ‹‹ دىيېگو ، كەلگۈسى ساڭا مەنسۇپ ! دۇنيا ياشلار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقىن ، ئۇ سېنىڭ كارامىتىڭنى كۆرسىتىدىغان مەيدان ! ›› دېدى . #q~3c;ec  
  66^1&D"  
جەنۇبىي ئامېرىكا ياشلار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى مەزگىلىدىلا كىشىلەر پۇتبول پادىشاھىنىڭ قارىسىنى خىرە كۆرگەنىدى ، چىلىلىق داڭلىق پۇتبول ئوبزورچىسى س . ئاننينېئو مارادونانىڭ ماھارىتىنى كۆرگەندىن كېيىن ، مارادونا پېلېنىڭ بىردىنبىر ئىزباسارى دەپ قارىدى . ئۇ مارادونانىڭ تېخنىكا ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن : مارادونانىڭ توپ ئېلىپ مېڭىش ھەرىكىتى چاققان ، سەپداشلىرى بىلەن بىر - ئىككى قېتىم پاسلاشقاندىن كېيىن ، ئۆزىلا مۇداپىئەنى بۆسۈپ ئۆتەلەيدۇ ؛ ئىككى پۇتى پۇتبول تېپىشقىلا يارالغان ، سۈرئىتى پېلېدىنمۇ تېز ، مەيداننىڭ بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ ئەپچىللىك بىلەن رەقىبىدىن قۇتۇلالايدۇ ، ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ خالىغانچە يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ ؛ توپنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىغا گەپ كەتمەيدۇ ، پېلې بىلەن ئوخشىمايدىغىنى ، ئۇنىڭ سول ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ تېخنىكا سەۋىيىسى تەڭپۇڭ ئەمەس ( ئەلۋەتتە ، بۇ يۇقىرى سەۋىيىلىك ماھىرلارغا نىسبەتەن ئېيتىلغان ) ، ئوڭ پۇت تېخنىكىسى پېلېغا يەتمەيدۇ ، بىراق سول پۇت تېخنىكىسى پېلېنىڭكىدىن ئۈستۈن ، ئەتراپلىق ؛ پۇرسەت تۇتۇشقا ماھىر ، بىراق پۇرسەت يارىتىش پۇرسەت تىزگىنلەش ئىقتىدارى پېلېغا يەتمەيدۇ ؛ 30-40 مېتىر ئارىلىققا بەرگەن پېسى دەل جايىغا بارىدۇ ، دەپ كۆرسەتكەنىدى . ئەلۋەتتە ، 1.68 مېتىر بويى ئۇنىڭ يېتەرسىزلىكى بولۇپ ، ئېگىز توپ تالىشىشتا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيتتى . DJ mQZ+{2  
بۇ باھادىن مارادونانىڭمۇ نۇقسانسىز ئەمەسلىكىنى ، بىراق ئۇنىڭدەك تالانت ئىگىسىنىڭ كەم ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز . مېنوتتى : ‹‹ كەلگۈسى 15 يىل ئىچىدە ، دۇنيادا ئۇنىڭدەك تالانتلىق پۇتبول ماھىرىدىن يەنە بىرنى تاپقىلى بولمايدۇ ›› دېگەنىدى . e_>rJWI}  
dPH! V6r  
ۋراتاغا توپ ئۇرۇش تۈرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، مارادونا بۇ باھاغا مۇناسىپ ئىدى . ئۇ قاتناشقان تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدە 19 توپ ، ئىككىنچى مۇسابىقە پەسلىدە 26 توپ كىرگۈزدى ؛ 1979-يىل 14 مەيدان A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 14 توپ ، 12 مەيدان مەملىكەتلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 12 توپ كىرگۈزدى ؛ 1980-يىلى بىر يىلدا 45 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 43 توپ ، 1981-يىلى 40 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 28 توپ كىرگۈزدى . مارادونا 1976-يىلى 11-ئايدىن 1980-يىلى 10-ئايغىچە جەمئىي 154 مەيدان مۇسابىقىدە 101 توپ كىرگۈزدى ، بۇ مەزگىلدىكى ۋراتاغا توپ ئۇرۇش نىسبىتى ياكى توپ ئۇرۇش سانى جەھەتتە بولسۇن ، ئۇ دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇراتتى . شۈبھىسىزكى ، ئىسپانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرىلا مارادونا دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق پۇتبول چولپىنىغا ئايلانغانىدى . ~`G;=ITo  
مارادونانىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ، مەيدان سىرتىدىكى ئىشلىرى _ ‹‹ مارادونا شىركىتى ›› ئۇنىڭغا غايەت زور بايلىق ئېلىپ كەلدى ، بۇ تۆھپىلەر بولغۇسى خوتۇنى كلاۋدىيە بىلەن تەڭ تونۇشقان دوستى سىتتېسپىللېرغا مەنسۇپ ئىدى . N#pl mPrZ  
مارادونا توكيودىن غەلىبە بىلەن قايتقاندا ، سىتتېسپىللېر ئۇنى يوقلاپ كەلدى . ئېنىقكى ، ئۇ تەييارلىق بىلەن كەلگەنىدى ، سىتتېسپىللېر كۆڭلىدە بىر پىلان تۈزۈپ پىشۇرۇپ بولغان ، پىلاندىكى مۇھىم شەخس دىيېگو مارادونا ئىدى . /+<%,c$n  
ئىككىسى قىسقىلا تىنچ - ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن ، سىتتېسپىللېر پىلانىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى : ‹‹ دىيېگو ، ھازىر سەن داڭلىق پۇتبول چولپىنى ، بۈگۈندىكى كۈندىكى پېلې بولۇپ قالدىڭ . پۇتبول چولپىنىنىڭ ئۆزىگە خاس يۈرۈش - تۇرۇشى ، تۇرمۇشى بولۇشى كېرەك . شۇڭا ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭنى بېجىرىشكە يېقىن دوستۇڭدىن بىرىنى ۋاسىتىچى قىلىپ تاللىشىڭ لازىم ›› . X5L(_0?F1  
مارادونا ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا : ‹‹ توغرا ئېيتتىڭ ! كىمنى ۋاسىتىچى قىلسام بولار ؟ سەن بولغىن ! مۇناسىۋىتىمىزمۇ ياخشى ، بىر قانچە قېتىم ھالقىلىق پەيتتە ماڭا ياردەم قىلدىڭ ! ›› دېدى . (2O} B.6  
سىتتېسپىللېر ئالدىن ئويلىغىنىدەك ئوڭايلا مارادونانىڭ ۋاسىتىچىسى بولۇۋالدى . تۆۋەندىكى بىر بۆلەك دىئالوگدىن ئۇنىڭ پاراسەتلىكلىكى ، مارادونانىڭ نادانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز . LRCS)UBY(.  
_ مېنىڭچە ، بىز ‹‹ بىرىنچى چېمپىيون شىركىتى ›› قۇرساقمىكىن . zCGmn& *M  
_ نېمە ، ‹‹ بىرىنچى چېمپىيون شىركىتى ›› ؟ !ulLGmUn  
_ بىرىنچى چېمپىيون شىركىتى مارادونا شىركىتى دېگەن گەپ ، بىرىنچى چېمپىيون شىركىتى فوندى جەمئىيەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىش بېجىرىش ئورگىنى ، سېنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىڭغا مۇلازىمەت قىلىدۇ . aV?}+Y{#  
_ چوقۇم شىركەت قۇرۇش كېرەكمۇ ؟ 7uv/@(J"$  
_ ئەلۋەتتە شۇنداق ! Wy^[4|6  
سىتتېسپىللېرنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن مارادونا ئۇنىڭ پىكرىگە قوشۇلدى ، ‹‹ بىرىنچى چېمپىيون شىركىتى ››مۇ قۇرۇلدى . بىراق ، كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۇنى ‹‹ مارادونا شىركىتى ›› دەپ ئاتايتتى . شۇنىڭدىن كېيىن مارادونا تىللا دەرىخىگە ئوخشاپ قالدى ، بارلىق پائالىيەتلىرى ئىقتىسادىي تۈس ئالدى ، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىنى شىركەت ئورۇنلاشتۇراتتى ، ھەر قانداق كىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى . pzt Zb  
سىتتېسپىللېر تاشقى قىياپىتى ئادەتتىكىچە بولغىنى بىلەن پەم - پاراسەتلىك ئىدى ، قولىدىن ئىش كېلەتتى . ئۇ شىركەتكە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يىگىرمە نەچچە ئادەم قوبۇل قىلدى ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قانۇن ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئادۋوكاتلار ، سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىقتىسادشۇناس ، مالىيە مۇتەخەسسىسلىرى بار ئىدى ، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەنلەر ئىدى . مارادونانىڭ قەدىمى يەتكەنلا جايدا ‹‹ مارادونا شىركىتى ›› ، ھەتتا شۆبە شىركەتلىرى قۇرۇلدى . PFDWC3<  
مارادونا بىلەن سىتتېسپىللېرنىڭ ھەمكارلىقى ئۆز - ئارا ئىشىنىش ئاساسىغا ئورنىتىلغانىدى ، مارادونا تاپقان پۇلىنى ئىككىلەنمەيلا شىركەتكە تاپشۇراتتى ، شىركەت بارلىق ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇراتتى . سىتتېسپىللېرنىڭ تىرىشچانلىقى ئۇلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىگىلىك تىكلىشىگە ئاساس سالدى . -9H!j4]T?  
ئۇزۇن ئۆتمەي ، ‹‹مارادونا شىركىتى ›› ئىش باشلىدى ، سىتتېسپىللېرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مارادونا ئىتتىپاق گېرمانىيىنىڭ ‹‹ پۇما ›› ماركىلىق تەنھەرىكەت كىيىمىگە ئېلان ئىشلەپ بەردى . ‹‹ پۇما ›› شىركىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە تەنتەربىيە بۇيۇملىرى شىركىتى بولسىمۇ ، لېكىن 70-يىللارنىڭ ئاخىرى ، 80-يىللارنىڭ بېشىدا ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى ، بىر مەزگىللىك قىيىنچىلىقتىن كېيىن ، 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى ، بۇنى خەلقئارا تەنتەربىيە مۇنبىرىدە باش كۆتۈرگەن سودا دولقۇنىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايتتى . مارادونانىڭ ئېلان ھەققى 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولسىمۇ ، لېكىن ھەر قانداق بىر شىركەت ئۇنى تەكلىپ قىلىشقا رازى ئىدى . WfTdD.Xx  
llZ"uTK\M  
500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كەمبەغەللەر مەھەللىسىدە چوڭ بولغان ، ئەمدىلا پۇتبول مۇنبىرىگە قەدەم قويغان يىگىرمە ياشلىق يىگىت ئۈچۈن ئاز پۇل ئەمەس ئىدى . بىراق ، بۇ رېئاللىق ، ئۇ باش تارتالمايتتى . ئىلگىرى ئۇنىڭ ئاتا - ئانامنى بەختلىق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن ، دەيدىغان ئارزۇلىرى ئەمدىلىكتە رېئاللىققا ئايلانغانىدى . كۈچلۈك فوكۇسلۇق لامپا نۇرى ئاستىدا ، مارادونا ‹‹ پۇما ›› ماركىلىق تەنھەرىكەت كىيىمىنى كىيىپ كۈلۈمسىرىمەكتە . ];b!*Z  
فوتوگرافلار تاراسلىتىپ سۈرەتكە تارتماقتا . t5jhpPVf  
[#Nx>RY  
باشقا شىركەتلەرمۇ بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيتتى . ئارگېنتىنانىڭ گىرىم بۇيۇمى ، ‹‹ چېمپىيون ›› ماركىلىق دەپتەر - قەلەم شىركىتى ، ھەتتا دۇنياغا داڭلىق ‹‹ ماك دونالد ›› تېز تاماق شىركىتى ۋە كوكا - كولا شىركىتىمۇ ئۇنىڭ پېيىگە چۈشتى . بۇنىڭ بەدىلىگە ‹‹ مارادونا شىركىتى ›› تېزلىكتە بېيىدى . Xg!|F[i  
مەڭگۈ قانائەت ھاسىل قىلمايدىغان كىشىلەر مارادونانىڭ ئوبرازىغا ئېرىشكەنلىكتىن رازى بولىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، ئۇلار مارادونانى ئارگېنتىنادىن ئېلىپ كېتىشكە ئۇرۇندى . ياۋروپالىقلار ئەزەلدىن بۇنداق ئىشقا ماھىر ، بولۇپمۇ ئىتالىيىلىكلەر مۇتەخەسسىس ئىدى . 1980-يىل مارتتا ، ئىتالىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى دۇنيادىكى داڭلىق 35 نەپەر پۇتبولچىغا باھا قويۇپ تەكلىپ قىلدى ، مارادونانىڭ باھاسى ھەممىدىن يۇقىرى بولۇپ ، ئىككى مىليون 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىدى . ماي ئېيىنىڭ باشلىرىدا ، ئىسپانىيىنىڭ بارسېلونا كوماندىسى توققۇز مىليون ئامېرىكا دوللىرى باھا قويدى . ئۇلار ئۇستىلىق بىلەن قاقتى - سوقتى قىلىدىغاندەك ئىدى . كىشىلەر مۇنداق يۇقىرى باھادىن ھەيران بولۇپ تۇرغاندا ، ئىتالىيىنىڭ يۇۋېنتۇس ، ناپولى كوماندىلىرىمۇ توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاپ ، مارادونا ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى . بۇ مارادونانىڭ چۈشىگىمۇ كىرمىگەنىدى . ئۇنىڭ ئويلايدىغىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ، بۇنىڭدىن سىرت بىر قانچە پارچە ئېلان سۈرىتى تارتىش ئىدى . بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ شىركىتى بېجىرەتتى . u6qi  
/[0 /8f6  
بىراق ، ئارگېنتىنا پۇتبول مەستانىلىرى ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش ئەمەس ئىدى . ئارگېنتىنا تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەندىن كېيىن ، ئارىدىن نەچچە ئون يىل ئۆتكەندە _ 1978-يىلى ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى . مارادونا پەرۋەردىگارنىڭ ئارگېنتىنا توپ مەستانىلىرىنىڭ تەقۋادارلىقىغا قىلغان ئىنئامى ئىدى . ئۇلار مارادونانى ‹‹ دۆلەت گۆھىرى ›› دەپ قارايتتى ، ئۇلار ‹‹ دۆلەت گۆھىرى ››نى قوغداش ئۈچۈن بىر ئاز ئىش قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىدى . شۇڭا ، ئىئانە توپلاپ ‹‹ دۆلەت گۆھىرى ››نى ئېلىپ قېلىش ھەرىكىتىنى قوزغىدى . چەت ئەل پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ تالاش - تارتىشى ، بولۇپمۇ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى ئالدىدا ، ئارگېنتىنا پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى م . گروندونا : ‹‹ 1982-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ ، ئارگېنتىنالىق ھەر قانداق پۇتبول ماھىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ توپ تېپىشىغا رۇخسەت يوق ›› دەپ جاكارلىدى . @8 
بۇ سودا نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، بارسېلونا كۇلۇبى ئەمەلىي ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن ھەم ۋاقىتلىق كېلىشىم ئىمزالىغان . كىشىلەر ھەممە ئىش بېسىقتى ، دەپ يۈرگەن چاغدا بىر مەيدان ‹‹ ئىچكى ئۇرۇش ›› پارتلىدى . ئارگېنتىنادىكى دەريا قىنى كوماندىسى بىلەن بوكا ياشلار كوماندىسى مارادونانى قولغا كەلتۈرۈش رىقابىتىنى باشلىۋەتكەنىدى . كىشىلەرمۇ قارشى تۇرۇشتىن ئەھۋالغا دىققەت قىلىشقا ئۆتتى . 1980_1981-يىلى مۇسابىقە پەسلى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ، مارادونا ئالتە مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەرختە ئارگېنتىنا ياشلار كۇلۇبىدىن بوكا ياشلار كۇلۇبىغا ئالمىشىپ باردى . S!I  
>nIcF m  
مارادونا باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلىسىمۇ ئەرزىيدىغانلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىسپاتلىدى . 1981-يىل 20-فېۋرال ، ئارگېنتىنا پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى دەريا قىنى كوماندىسى بىلەن بوكا ياشلار كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى . بۇ رەقىبلەر ئىلگىرى مارادونانى تالىشىپ ‹‹ قان بولۇشقان ›› ئىدى ، ئەمدىلىكتە مارادونا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلدى . 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە بوكا ياشلار كوماندىسى نۆلگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن غەلىبىگە ئېرىشتى ، مارادونا ھەل قىلغۇچ بىر توپ كىرگۈزدى ، شۇنداقلا بوكا ياشلار كوماندىسىنى تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈردى . دېمەك ، ئەمەلىي پاكىت كىشىلەرگە مارادونانىڭ مۆجىزە ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى . Y^jnlS)h  
( ئارگېنتىنا A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ ، ئىككى باسقۇچتا چېمپىيون بولغان ئىككى كوماندا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئارقىلىق مەزكۇر مۇسابىقە پەسلىدىكى چېمپىيونلۇقنى تالىشىدۇ ) . L$u&~"z-  
 
ياشلار شان - شەرەپ ئالدىدا ئوڭايلا نىشانىنى يوقىتىپ قويىدۇ . مارادونا جامائەتچىلىكنىڭ ئەسەبىي چوقۇنۇشىدىن قىلچە ئەجەبلەنمەي ، مۇشۇنىڭغا مۇناسىپ ‹‹ ئىززەت - ھۆرمىتىم ›› بولۇشى كېرەك ، دېگەن ئويغا كەلدى . بىر قېتىم ، بىر شاكىچىك پۇتبول مەستانىسى مارادونادىن ئىمزا قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى ھەم ‹‹ ئىمزا قويۇپ بەرمىسەڭ ، كەتمەيمەن ! ›› دەپ توۋلىدى . مارادونا باشقىلارنىڭ تەھدىت سېلىشىغا چىداپ تۇرالمايتتى ، گەرچە ھېلىقى شاكىچىك ياخشى نىيەت بىلەن شۇ گەپنى دېگەن بولسىمۇ ، بىر كاچات يەۋالدى . پۇقرا بولۇش سۈپىتى بىلەن مارادونامۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ سوراق قىلىشىدىن قۇتۇلالمىدى . جامائەتچىلىك ۋە ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر بۇ ئىشنى خېلىغىچە ئاغزىدىن چۈشۈرمىدى . 6B;_uIq5  
مارادوناغا تەنبىھ بېرىشكە كىم تېخىمۇ ھەقلىق ؟ ئەلۋەتتە ، پېلې ! ھەر بىر ئۆسمۈرنىڭ مەبۇدىسى ۋە ئۈلگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ھەر بىر جۈملە سۆزى كۈچلۈك تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى . ‹‹ ئۆزۈڭنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان بولساڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىڭ ئاخىرلىشىدۇ . باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن باشقىلارنى ھۆرمەتلىشىڭ ، كىشىلەرگە باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشۇڭ كېرەك . ھەر قانداق شارائىتتا ئۆزۈڭنى تۇتۇۋالالىشىڭ لازىم ، ئۇنداق بولمايدىكەن چۈشكۈنلىشىسەن ›› . بۇ بىر ئابزاس سۆز پېلېنى يوقلاش ئۈچۈن رىئودې ژانېيروغا كەلگەن مارادونانىڭ قەلب چىرىغىنى يورۇتتى . بىراق ئۇ بەزى چاغلاردا كونتىروللۇقىنى يوقىتاتتى ، تراگېدىيىدىنمۇ خالىي بولالمايتتى . 1M~:]}*<  
تۆت يىل ۋاقىت مارادونانىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى ، بىراق بۇ تۆت يىل ۋاقىت ئوخشاشلا ئارگېنتىنا كوماندىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى . 1978-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى ھەممە ئېتىراپ قىلغان ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەنى ئەڭ ياخشى ھەل قىلغان كوماندا ئىدى . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كېمپېس ۋالۇنسىئا كوماندىسىدىكى تۇرمۇشنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇرمۇشىغا قارىغاندا ئازادە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى ، بىر قىسىم كونا كوماندا ئەزالىرى نوپۇزىغا ئىشىنىپ مەنمەنچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن مېنوتتى ئۇلارنى دۆلەت كوماندىسىدىن چىقىرىۋەتتى . دۇنيا چېمپىيونى كوماندىسى تەييارلىق مۇسابىقىسىگە قاتناشمايتتى ، بۇ ئارگېنتىنا كوماندىسىنى ھەقىقىي سىناقتىن مەھرۇم قىلدى . PcSoG\- G<  
6m{$rBR  
ئارگېنتىنا كوماندىسىدا مارادونا بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ كوماندىغا ھەممە كۆز تىكتى دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايتتى . ياۋروپالىقلار بۇرۇنلا مارادونا ئىسىملىك بىر پاكىنەكنىڭ بارلىقىنى ، ئۇنىڭ مۆجىزە يارىتالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدى ، بىراق ماھارىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ باقمىغانىدى . ئىسپانىيىدىكى بارلىق گېزىتلەر مارادوناغا ئائىت تۈرلۈك خەۋەرلەرنى بېرىشتى . تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى ئۇ قاتناشقان ئىلگىرىكى مۇسابىقىلەرنىڭ سىنئالغۇسىنى قويۇشتى ، چوڭ - كىچىك كوچىلارغا ئۇنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئېلانلار چاپلاندى ، جۈملىدىن رەقىبلىرىمۇ سىنئالغۇدىن ئۇنىڭ تېخنىكا ئالاھىدىلىكىنى زېرىكمەي تەتقىق قىلدى . مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرىلا كىشىلەردە بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مارادوناغا مەنسۇپ ، دەيدىغان خاتا تۇيغۇ پەيدا بولدى . بۇ تۆھپىنىڭ بىر قىسمى سىتتېسپىللېرغا تەۋە ، ئەلۋەتتە . بىراق جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا ، دېگەندەك ، ئۇنىڭ غەرىزى باشقا ئىدى . a4a[pX,5  
ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون ئارگېنتىنا كوماندىسى مەيدانغا چۈشتى ، رەقىبى بېلگىيە كوماندىسى ئىدى . كىشىلەر مارادونا 15 مىنۇتتىلا ئۇلارنى بويسۇندۇرىدۇ ، دېيىشتى . ئۇنىڭ تېخنىكىسى ئەتراپلىق ، توپ تىزگىنلەش ۋە مۇداپىئە سېپىنى بۆسۈپ ئۆتۈش ماھارىتى تەڭداشسىز ئىدى . v$Y1+Ep9  
ۋەھالەنكى ، بېلگىيىلىكلەر ئارگېنتىنالىقلارغا پۇرسەت بەرمىدى . مۇسابىقىدىن ئىلگىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان مارادونانى بېقىش تاكتىكىسى بىر قانچە قېتىملىق ئالداپ ئۆتۈشتىن كېيىن تەدرىجىي كارامىتىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى ، بېك بىلەن سكېللىۋى مارادونادىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدى . گەرچە مارادونا بارلىق كارامىتىنى ئىشقا سالغان بولسىمۇ ، ئىككى مۇداپىئەچىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن نومۇر ئالالمىدى . بېلگىيىلىكلەر بولسا بىر قېتىملىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، دۇنيا چېمپىيونىنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇردى . مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، بېك بىلەن سكېللىۋى غەلىبىدىن خۇدىنى يوقىتىپ قويمىدى ، ئۇلار مارادونانىڭ كەينىدە يۈرۈپ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەنىدى ، ئۇ ئىككىسى ‹‹ مارادونانى باقماي تۇرۇپ ، ھېچ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ› دېيىشتى . ! ?U^+)^$  
U9p.Dh~)vG  
گەرچە ئارگېنتىنا كوماندىسى مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن مارادونا كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى ، بىراق ئۇ بۇنداق ئويلىمايتتى . مۇسابىقىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ مارادونانىڭ قەدىمى يەتكەنلا جايدا ‹‹ سايە ›› پەيدا بولدى . ئۇ ‹‹ سايە ››گە ئۆچ ئىدى ! = a.n`3`Q  
بەزىلەر ئىسپانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەت ‹‹ زاندىلاي ›› ئۇسۇلى بولدى دېيىشتى . ئانچە نامى چىقمىغان بىر قىسىم ئادەم ۋە شەيئىلەر داڭلىق كىشىلەرگە قارشى مەيداندا تۇرغاندا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدۇ . مانا بۇ ، مەزكۇر ئۇسۇلنىڭ نام چىقىرىشىدىكى سەۋەبتۇر . بىلىش كېرەككى ، بۇ ، ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ ترېنېرى بېئارزوتنىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ ، بارلىق ئەزالاردىن مارادوناغا ھېزى بولۇشنى تەلەپ قىلغانىدى . ئىتالىيە ‹‹ زەنجىرسىمان مۇداپىئە ›› بىلەن دۇنياغا داڭلىق ، بىراق ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر بېك زاندىلاينى يالغۇز مارادونانى بېقىشقا قويدى . ئۇلارنىڭ ئۇسۇلىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مارادوناغا توپ ئالغۇزماسلىق ، توپ پۇتىغا چۈشكۈچە بولغان ئارىلىقتا توپنى كۈرەپ تېپىۋېتىش ياكى رېپىرلار كۆرۈپ كۆنۈپ كەتكەن ئۇششاق ھەرىكەت بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئىدى . بۇ خىل جىددىي قىستاپ ئادەم بېقىش تاكتىكىسى ئالدىدا مارادونا سالۋادور ، ۋېنگرىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەندىكىدەك مۇداپىئەنى بېسىپ ئۆتۈش ، قىسىلىپ ئۆتۈش كارامىتىنى نامايان قىلالمىدى . ئىتالىيىلىكلەر بۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ، بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن غەلىبىگە ئېرىشتى . :V-}Sde  
vzrD"  
مارادونا ئەزەلدىن بۇنداق قاتتىق بېقىشقا دۇچ كېلىپ باقمىغانىدى . بۇ ئۇنىڭ ياۋروپانىڭ ئويناش ئۇسۇلىغا ناتونۇش بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ناۋادا ، ئۇ بىر يىل بۇرۇن ياۋروپاغا كەلگەن بولسا ، ئۇنداقتا ... بۇ خىل تەسەۋۋۇر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ، مۇھىمى مارادونا بۇ خىل ئىمتىيازدىن جاق تويدى ، مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى زىيادە ئۈمىد ۋە مۇسابىقىدىكى كۆڭۈلسىزلىك 22 ياشلىق يىگىتكە ئېغىر بېسىم بولدى . بۇ يانار تاغنىڭ قاچان پارتلىشىنى ھېچكىم بىلمەيتتى . <# x%A0  
برازىلىيە ماھىرى ئوسكار مارادونانى بېقىشقا تېخىمۇ ياخشى چارە تاپالماي ، ئامالسىز زاندىلاينى دورىدى . بۇ ، شۇ بىر ئەۋلاد برازىلىيىلىكلەرنىڭ ياۋروپالىقلاردىن ئۆگەنگەن بىردىنبىر تەرىپى بولۇشى مۇمكىن . مارادونا قىيىنچلىقتا قالغان ئارگېنتىنا كوماندىسىنى قۇتقۇزالىشى مۇمكىن ئىدى ، بىراق ئۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشەلمىدى . شۇڭا ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا برازىلىيە ماھىرى باتىستا بۇ خىل مۇداپىئەنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى . ;pNbKf:  
!lN a`  
رېپىرلار مارادونانىڭ ئۈستىدىن قىلىنغان قائىدىگە خىلاپ ھەر قانداق ھەرىكەتنى مۇۋاپىق دەپ قارايدىغاندەك قىلاتتى ، ئۇلار بىر قىسىم پرىنسىپلار بويىچە پۇشتەك چېلىپ مۇسابىقىنى توختاتمىسىمۇ بولاتتى . ئارگېنتىنا كوماندىسى ئەزەلدىن كىشىلەر تەرىپىدىن مەيدان ئەخلاقى ناچار دەپ قارىلىپ كەلگەچكە ، رېپىرلارمۇ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي ، نوپۇزىنى قوغدىدى . بۇ ھال مارادونانىڭ قەلبىدە غايەت زور تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن ، برازىلىيىنىڭ بىر ئەزاسى سەپدىشىنى تېپىپ يىقىتىۋەتكەن ، رېپىر پۇشتەك چالمىغان ئەھۋالدا ئۇ غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ ، توپ ئېلىپ مېڭىۋاتقان باتىستانىڭ قورسىقىغا تەپتى . 2hA66ar{$  
ھەممە كىشى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشتى ، پەقەت رېپىرلا كەسپىي سەزگۈرلۈكىنى يوقاتمىغانىدى ، مارادونانى قىزىل كارتا بېرىپ مەيداندىن چىقىرىۋەتتى . ئون مىنۇتتىن كېيىن ئارگېنتىنا كوماندىسى شاللىۋېتىلدى . ئەمدىلىكتە ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مارادونا ئۈستىدە توختالغاندا مەدھىيە ئورنىغا ھېلىقى كۆڭۈلسىز ئىشنى تىلغا ئېلىشتى . مۇبادا ، ھەممە كىشى مارادونانىڭ گۆدەكلىكىنى ئويلىسىلا ، ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى ئەپۇ قىلاتتى . ھەممە مۇشۇ ئىش ئۈستىدە كاللا قاتۇرۇۋاتقاندا ، بەزىلەر ھەرىكەتكە كېلىپ ، ئارگېنتىنانىڭ ‹‹ دۆلەت گۆھىرى ››نى قولغا چۈشۈرۈۋالدى . KjfKo;T  
بارسېلونا كۇلۇبى دۇنيادىكى ئەڭ باي كۇلۇبلارنىڭ بىرى . كونا ‹‹ رەقىبى ›› خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن كۈچ سىنىشىش ئۈچۈن پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي نۇرغۇن چولپانلارنى تەكلىپ قىلغانىدى . ئەينى يىللاردا ، ئارگېنتىنا ماھىرى ستېفانونى تالىشىش رىقابىتىدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىغا ھازىرغىچە كىشىلەرنىڭ زەردىسى قاينايتتى . ئۇلارنىڭ 1980-يىلى مارادوناغا توققۇز مىليون ئامېرىكا دوللىرى باھا قويۇشى كونا رەقىبى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى . ئارگېنتىنالىقنى تالىشىش رىقابىتىدە بۇ قېتىممۇ ئۇتتۇرۇپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايتتى . 10I`AjF0  
aj'8;E+  
كىشىلەر مارادونانىڭ پەشۋاسى ۋە مارادونا دۇنيادىكى بىرىنچى دەرىجىلىك توپ چولپىنىمۇ - يوق دېگەن مەسىلە ئۈستىدە غۇلغۇلا قىلىشىۋاتقاندا ، 1982-يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا ، يەنى ئۇنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ توپ ئوينىسا بولىدىغانلىقىغا سەل قاراشتى . بارسېلونالىقلار نەق پۇل چېكىنى كۆتۈرۈپ مارادونانىڭ پېيىدە يۈردى ھەم بوكا ياشلار كوماندىسى بىلەن سۆھبەتنى باشلىدى ، توققۇز مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىشىنى ئاسان قايىل قىلاتتى . ھەممە ئىش پۈتكەندە ، نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى مارادونانىڭ قېپقېلىشىنى ئاغزىدىلا تەلەپ قىلدى ، كۆپ قىسىم كۇلۇبلار پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىغا ئۆكۈندى . سىتتېسپىللېر بولسا نۇرغۇن پۇل ئۈندۈرۈۋالغانلىقىدىن قىن - قىنىغا پاتمايۋاتاتتى ، ئەلۋەتتە . J'^$|/Q  
ئەمما ، مارادونانىڭ كەيپىياتى سۇس ئىدى ، ئۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا : ‹‹ مەن مەغلۇپ بولمىدىم ! ›› دەپ ۋارقىرايتتى . ئۇ مېكسىكا ‹‹ دۇنيا پۇتبولى ›› ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدى ، شۇنداقلا مۇسابىقىدە ئۇتۇش ياكى ئۇتتۇرۇشنىڭ كوماندىدىكى 11 ئەزانىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى ، بىرلا ئادەمگە باغلىق ئەمەسلىكىنى ، مەلۇم بىر چولپانغا تايىنىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى . مۇسابىقىدىن ئىلگىرى ئارگېنتىنا كوماندىسى نۇرغۇن مەدھىيىلەرگە ئېرىشكەنىدى ، مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ھېچنېمىگە ئەرزىمەس بولۇپ قالدى . مارادونا رەھىمسىز رېئاللىق ئالدىدا ئېغىر ئۇھسىنىپ : ‹‹ مەن پۇتبول چولپىنى ئەمەس ، نىجاتكارمۇ ئەمەس ! ›› دېدى . sd@gEp )L  
>Hzb0N!VJ  
يۆتكىلىش ئىشى ئەمدىلا ئاخىرلىشىشىغا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان مۇخبىرلار ئۆزلىرىنىڭ مول تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ مارادونانىڭ ئىسپانىيىدىكى ئىستىقبالىنى قىياس قىلىشقا كىرىشتى . ئارگېنتىنانىڭ ئىلگىرىكى داڭلىق توپ چولپىنى ستېفانومۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرالمىدى ، گەرچە ئۇ مارادوناغا ئوخشاش كەچۈرمىشكە ئىگە بولسىمۇ ، بىراق مۇخبىرلارنىڭ بۇنداق سوئاللىرىغا قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدى . ستېفانو مارادونانىڭ ماھارىتىنى مەدھىيىلەش بىلەن بىرگە ، ئىسپانىيىلىكلەرنىڭ ئويناش ئۇسلۇبىنىڭ تولىمۇ قوپاللىقىنى تىلغا ئېلىپ ، ئۇنى تولىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشقا ئاگاھلاندۇردى . [#rdfN'?U  
(xSi6EZ6;  
ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقە مۇنبىرىگە قەدەم قويمىغان كىشى بۇ سۆزنىڭ تېگىگە يەتمەيتتى . قاتناشقان تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدىن باشلاپلا مارادونا مەخسۇس ئادەمنىڭ بېقىشىدىن خالىي بولالمىدى ، ئۇ بارلىق ھۈنىرىنى ئىشلىتىپ رەقىبىنى تاشلىۋېتىشكە تىرىشسىمۇ دائىم مەقسىتىگە يېتەلمەيتتى . ئۇنى ھەممىدىن ساراسىمىگە سالغىنى ، بىر ئەزانىڭ مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتكەندىن كېيىن ، يەنە بىر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئەزانىڭ كۈرەپ تېپىشكە سوزۇلغان تۆمۈردەك پۇتلىرى ئىدى . ئەسلىدىلا مىجەزى چۇس مارادونانىڭ بۇ ئىشلاردىن تېخىمۇ ئىچى پۇشتى . دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن ، ئۇ ئوبرازىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشتى ، قارشى تەرەپ قانچە قېتىملاپ تېپىپ يىقىتىۋەتسىمۇ ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ رەقىبى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ ، پىسەنتىگە ئالمىدى . ۋەھالەنكى ، بۇلارنى ھېچكىم خەۋەر قىلمىدى . ھەممە كىشى توققۇز مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۈپەيلىدىن قۇسۇر تېپىشقا ئاران تۇراتتى ، كىشىنى تېخىمۇ بىزار قىلىدىغىنى ، پۇتبول مەيدانىدىلا ئەمەس ، بەلكى خۇسۇسىي تۇرمۇشتىمۇ كىشىلەر ئۇنىڭغا مۇشۇ خىل نەزەردە قارايتتى . ?Nze P?g  
مارادونا ھېسسىياتقا باي ئىدى ، بايلىقىدىن دوستلىرى بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى خۇشاللىق بىلەتتى . شۈبھىسىزكى ، ئۇ ئىسپانىيىگە ئاتا - ئانىسىنىمۇ بىرگە ئېلىپ كەلدى . مۇھاپىزەتچى ۋە شوپۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى ئىپادىلىگەندە ، ئۇلارنىمۇ ئىسپانىيىگە تەكلىپ قىلدى . ئۇ بۇ ئىشلارغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدى . ئۇنىڭ بايلىقى بۇنداق پارچە - پۇرات ئىشلارغا يېتىپ ئاشاتتى . بىراق ، ھەر قايسى گېزىت - ژۇرناللار مۇشۇنداق ئىشلارنى خەۋەر قىلىشقا كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى ، ھەتتا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان بەتكە ‹‹ مارادونانىڭ ھەمراھلىرى 27گە يەتتى ! ›› دېگەندەك خەۋەرلەرنى بەردى . ئۇلار غېرىبسىنىش ، رايى قايتىش دەردىنى تارتقان مارادونانىڭ دوستلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە بولسىلا تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى ھېس قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتى . |VR5Q(d  
BaTOh'52  
كىشىلەر بىر قىسىم گېزىت - ژۇرناللارنىڭ ئاخبارات ئۈنۈمىنى قوغلىشىپ كۈن بويى مارادونانىڭ تۇرالغۇسى ئەتراپىدىن ئايلىنىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى چۈشىنەتتى . ئەمما ، تۇرمۇشتىكى ئادەتتىكى مەسىلىلەرنىمۇ كۆپتۈرۈپ خەۋەر قىلىش چەكتىن ئېشىپ كەتكەنىدى . 2c`=S5  
توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى توشۇيدىغان بىر ئاپتوموبىل بىر قانچە كۈندە بىر قېتىم مارادونانىڭ تۇرالغۇسى بىلەن پورت ئارىلىقىدا قاتناپ تۇراتتى ، بۇ ئەسلىدە تولىمۇ ئادەتتىكى ئىش ئىدى . ئىسپانىيىلىكلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە سىغمىدىمۇ قانداق ، گېزىت - ژۇرناللارنىڭ بولۇشىغا خەۋەر بېرىشى بىلەن بىر خىل سىرلىق تۈس ئالدى . d8 Nh0!  
يەنە بىر قىسىم ئىشلار مارادونا بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىدى ، ئۇ ئىشلارنىڭ ئىشتىراكچىلىرى مارادونا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقىلا ئۇنىڭغا ئارتىلىپ قالدى . ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە كىشىلەرنى سىتتېسپىللېردەك ئەقىللىق دېگىلى بولمايتتى . تۆت مۇھاپىزەتچىنى ئېلىپ ئېيتساق ، ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ئەسلىدىلا ئىسپانىيىلىكلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايتتى ، ئۇلارنىڭ پۇلنى سۇدەك خەجلىشى كىشىلەر ئارىسىدا سۆز - چۆچەك پەيدا قىلىشى تەبىئىي ئىدى . [tK:y[nk  
مارادونا كەچلىك تاماشىغا ئامراق ئىدى . ئەتىسى ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرالماي ئەتىگەنلىك مەشقكە كېچىكىپ قېلىشى تۇرغان گەپ . بىر قېتىم ، ئۇ كۇلۇبتىن رۇخسەت ئالماي ، بولغۇسى خوتۇنى كلاۋدىيە ۋە دوستلىرى بىلەن پارىژغا ئوينىغىلى بېرىپ ، ۋاقتىدا قايتىپ كېلەلمىدى . بۇ ئىش يۈز - ئابروينى جاندىن ئەزىز كۆرىدىغان كۇلۇب رەئىسى نۇنېسنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى . ئەلۋەتتە ، بۇ ئىشتا مارادونا توغرا قىلمىغانىدى . W]Tt8  
   P<JkRX  
داۋامىنى كىيىن يوللايمەن: kt0{-\ p  
=2)$|KC  
داۋامىنى 2-ئەۋلاد پۇتبول شاھى دىگەن تىمىدىن كۆرۈڭ
[ بۇ يازمىنىdilmurat1511دە2011-12-02 13:52قايتا تەھ ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • ياخشى باھا:+30(ankar528) ياخشى چىقىپت ..
  • كاكا داۋاملىق ئالغا!!!
    ئالتۇن ھامان پارقىرايدۇ
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

    UID: 8189
    جەۋھەر: 0
    يازما: 1139
    شۆھرەت: 1271 نۇمۇر
    پۇل: 4056 سوم
    تۆھپە: 22 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    توردا: 640(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-10-08
    ئاخىرقى: 2012-01-19
    1  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-11 13:48

    نادىر تىما بولغىدەك ،،،،كۆرۇپ بولالماي كۆزۇم ئاغىرىپ كەتتى
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
    UID: 6950
    جەۋھەر: 0
    يازما: 1266
    شۆھرەت: 1313 نۇمۇر
    پۇل: 206721 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردا: 297(سائەت)
    تىزىملاش: 2008-10-30
    ئاخىرقى: 2012-01-19
    2  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-11 13:54

    بۇ ئاداشنىڭ توپ ئوينغىنغا ئەمەس مەيداندىكى ئۇرۇشۇش ماھارىتگە قايىل مەن ، بويى پاكار بولغان بىلەن قەتئى بوزەك بولمايدۇ
    پۇتبول ئىرادىنى تاۋلايدۇ !
    ھۇررا  ھۇررا ئۇيغۇرۇ
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
    UID: 9341
    جەۋھەر: 0
    يازما: 1247
    شۆھرەت: 1304 نۇمۇر
    پۇل: 8696 سوم
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 349(سائەت)
    تىزىملاش: 2011-08-04
    ئاخىرقى: 2012-01-20
    3  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-11 14:06

    شۇنچە ئۇقۇساممۇ  تۈگمەيدا     كۆزۈم پىقىراپ كەتتى
    كاكا 10
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: تاماشىبىن
    UID: 9777
    جەۋھەر: 0
    يازما: 33
    شۆھرەت: 44 نۇمۇر
    پۇل: 100034 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 4(سائەت)
    تىزىملاش: 2011-11-06
    ئاخىرقى: 2012-01-19
    4  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-11 14:16

    نادىر تىماجاپاچىكىپسىز كۆزلىرىم ئېچىشىپ كەتتى
    كاكا ئالغا 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئۈچۈن!!!..
    خەير-ھەممىدىن ۋاز كەچتىم.
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: كوماندا باشلىقى

    UID: 7967
    جەۋھەر: 3
    يازما: 5860
    شۆھرەت: 6465 نۇمۇر
    پۇل: 371999 سوم
    تۆھپە: 85 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 52 نۇمۇر
    توردا: 1218(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-08-02
    ئاخىرقى: 2011-12-19
    5  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-11 14:34

    تەكرار تېما...
    غوجامنىڭ غوجىسى بار ...
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى
    UID: 8979
    جەۋھەر: 0
    يازما: 631
    شۆھرەت: 618 نۇمۇر
    پۇل: 2636 سوم
    تۆھپە: 2 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 409(سائەت)
    تىزىملاش: 2011-04-29
    ئاخىرقى: 2012-01-19
    6  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-11 14:56

    كۆزۈم ئېيچىشىپ كەتتى
    غوجامنىڭ غوجىسى بار ...
    ئاگۇيرۇ
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى
    UID: 9338
    جەۋھەر: 0
    يازما: 987
    شۆھرەت: 1134 نۇمۇر
    پۇل: 219035 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 137(سائەت)
    تىزىملاش: 2011-08-04
    ئاخىرقى: 2012-01-10
    7  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-11 15:10

    ياخشى  تىمىكە  نادىرلىسا  بۇلىدۇ
    ئالغا مادرىد
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: ھەۋەسكار پۇتبولچى
    UID: 8994
    جەۋھەر: 0
    يازما: 566
    شۆھرەت: 741 نۇمۇر
    پۇل: 206710 سوم
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 436(سائەت)
    تىزىملاش: 2011-05-02
    ئاخىرقى: 2012-01-19
    8  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-11 15:32

    تەكرار تىما بولامدۇ.ئىشقىلىپ جاپا چىكىپتۇ،داۋاملىق تىرىشىڭ.
    س.رونالدۇ
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: تاماشىبىن
    UID: 9768
    جەۋھەر: 0
    يازما: 8
    شۆھرەت: 18 نۇمۇر
    پۇل: 100008 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 0(سائەت)
    تىزىملاش: 2011-11-04
    ئاخىرقى: 2011-12-10
    9  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-11 15:33

    تېما ياخشىكەن ، لېكىن ئوقۇپ بولالمىدىم  
    مادىرىت سەن بىر تارىخ!
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    UID: 9361
    جەۋھەر: 1
    يازما: 1961
    شۆھرەت: 3474 نۇمۇر
    پۇل: 126896 سوم
    تۆھپە: 22 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردا: 478(سائەت)
    تىزىملاش: 2011-08-09
    ئاخىرقى: 2012-01-19
    10  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-11 15:45

    ۋاي بۇنى قاچانمۇ ئوقۇپ بولامە بەك جاپا چېكىپسىز!       
    ھەركىم ئۆزتەغدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى
    دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

    UID: 8971
    جەۋھەر: 3
    يازما: 1402
    شۆھرەت: 1645 نۇمۇر
    پۇل: 36 سوم
    تۆھپە: 130 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
    توردا: 510(سائەت)
    تىزىملاش: 2011-04-27
    ئاخىرقى: 2012-01-20
    11  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-11 16:38

    نىمىدىگەن جىق           ZM oV!lu  
    قانداقمۇ يېزىپ بولغانسىز بۇنچىۋالا مەزمۇننى