ئەمما ئەتىگەن مىسسى 10 نۇمۇرغا لايىق ئويناپ قويدى جۇمۇ، بىر توپ ئۇرۇپ بۇلۇپ مىسسى دەششەت ئىچىلىپ كەتتى . توپ تالىشىشلىرىچۇ تىخى، نەچچە توپنى تارتىۋالدى. ئىگۇيىن قالپاق كىيىۋالدى، بۇ بالىنىڭ پۇرسەت تۇتۇش ئىقتىدارىغا ئامال يوقكەن. ساقايغاندىن كىيىن ئەمدى ئەسلىگە تۇلۇق قايتىپ بوپتۇ. بۇنداق ئوينىغىلى تۇرسا بىنزىمانى ئورۇندۇققا مىىلاپلامۋەتكىدەك. دىمارىيا بىر نەچچە پۇرسەتنى تۇتالمىدى لىكىن چىلىلىقلارنى خىلى ئوينىتىپ قويدى. لىكىن ئارگىنتىنانىڭ مۇداپىيىسى بەكلا ناچاركەن . يىمەيدىغان توپنى زولاپ يىۋالدى دىسە. ئەندۇخار دىگەن بۇ ۋارتارنى ئىشلەتمىسە بولغىدەك، كەلگەن توپنى تۇتماي ئۇرۇپ چىقىرىمەنلام دەيدىكەن. ماۋۇ مارادونانىڭ بەختىگە ئولتۇرغان ئوتامىندى دىگەن بالا بەك ئىشەنچىسىزكەن سابىلا غا نەرىمۇ ياراپ قالغاندۇ دەيمەن. 2014 -گىچە ئارگىنتىنا راۋۇرۇس سامۇئىلدەك بىكتىن 3نى ئىشلەپ چىقارمىسا يەنىلا شۇ 8 نىڭ ئىچىدە توختاپ قالغىدك. ئارگىنتىنا بارسانى دورايمەن دىمەي ئارسىنالنىڭ تىز ، چاقماقتەك ھۇجۇم ۋە مۇداپىيىسىنى ئۆزلەشتۈرسە بولغىدەك. ئاگۈيرو بىلەن پاستۇرىي قاچانمۇ ئاساسلىق بۇلۇپ چۈشەر مەيدانغا؟ مىسسىنى يەنىمۇ ئالدىغىراققا سۈرۈپ پاستۇرىينى ئالدى بەل قىلىپ ئوينىتىپ سىناپ باققان بولسا مىسسىمۇ ھەر مەيدان توپ ئۇرالايكەنتۇق.