سىز بۇ تېمىنىڭ 690 - ئوقۇرمىنى
تېما: تور رادىئو 2.0 پروگراممىسى تارقىتىلدى (تەۋسىيە)
ئالغا مادرىد !!!!!!!!
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ھەۋەسكار پۇتبولچى
UID: 8101
جەۋھەر: 0
يازما: 307
شۆھرەت: 540 نۇمۇر
پۇل: 243186 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 347(سائەت)
تىزىملاش: 2010-09-06
ئاخىرقى: 2011-10-25
0  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 13:49

تور رادىئو 2.0 پروگراممىسى تارقىتىلدى (تەۋسىيە)



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال مەركىزى <<تور رادىئوسى 1.0>> يۇمشاق دېتالىنى ياساپ چىققان ئىدۇق. يۇمشاق دېتالغا قارىتا تورداشلىرىمىز قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلەرنى بەردى ۋە كەڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكار دوستلىرىمىزنىڭ ياىشى باھاسىغا ئېرىشتى. بىز تورداشلىرىمىزنىڭ تەكلىپ – پىكىرىگە ئاساسەن مۇكەممەل بولغان <<شاھدىيارسوفت تور رادىئوسى 2.0>> يۇمشاق دېتالىنى ياساپ چىقتۇق. مەزكۇر يۇمشاق دېتال تورداشلىرىمىز ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان دېتال بولۇپ قېلىشىغا ئىشىنىمىز.

ئەمدى 1.0 گە كەلسەك، بۇ دېتالدا ئۆزىمىز بەلگىلەپ قويغان رادىئو قانىلى ئارقىلىق ئىشلىتىشكە بولىدىغان قىلىپ لايىھىلەپ چىققان ئىدۇق. ھازىر 2.0 نەشىرىنىڭ ئىقتىدارى بولسا، ئىشلەتكۈچىلەر خالىغانچە رادىئو قانىلى قوشۇش، كومپيۇتېردىكى ۋە توردىكى سۈرەتلىك – سۈرەتسىز فىلىم ۋە ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى قوشۇپ خالىغان ۋاقىتتا كۆرۈش، قوشۇلۇپ بولغان رادىئو قانىلىنى خالىغانچە كۆرۈش، تەھرىرلەش، ئۆچۈرۈش ۋە قانال قوشماي تۇرۇپ سىناپ كۆرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلار تەمىنلەنگەن.
يۇمشاق دېتالغا كىرگۈزۈلگەن مۇقىم كىرگۈزۈلگەن رادىئو قاناللىرى:
ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانىسسى
شىنجاڭ سەنئەت رادىئوسى
مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانىسسى
ئىلى خەلق رادىئو ئىستانىسسى”
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسسى
قاتارلىق رادىئو قاناللىرى كىرگۈزۈلگەن
مۇقىم كىرگۈزۈلگەن تېلېۋېزۇر قاناللىرىدىن:
شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانىسسى 2- قانىلى، 5- قانىلى، 9- قانىلى، قازاق 3- قانىلى، قازاق 8- قانىلى، قاراماي تېلېۋېزىيە ئىستانىسسى قاتارلىق TV قاناللىرى كىرگۈزۈلدى.
دېتالنىڭ ئەڭ قولايلىق ئىقتىدارى، QQ غا ئوخشاش ئېكراننىڭ خالىغان ئورنىدا يۇشۇرۇپ قويۇشقا بولىدۇ. رادىئو قاناللىرىنى ۋە بىر قىسىم پايدىلىق بولغان مەزمۇنلارنى خاتىرىلىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن ھازىرلانغان ئۈنئالغۇ ئىقتىدارىنى قوشۇپ قويدۇق.
دېتال پەقەت 3 دانە ھۆججەتتىن تەركىب تاپقان. باش ئىجرا exe ھۆججىتى، ساندان ھۆججىتى، خەت نۇسخىسى ھۆججىتى قاتارلىق ھۆججەتلەردىن باشقا ھېچقانداق ھۆججەتكە تايانمايدۇ. دېتالنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر پروگرامما يېنىدىكى ىەت نۇسخىسىنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە ۋە ساندان ھۆججىتىگە قالايمىقان چېقىلىشقا بولمايدۇ. پەقەت مۇشۇ 3 دانە ھۆججەت بولسىلا دېتالنى نورمال ئىشلىتىپ كېتەلەيسىز. پروگرامما ئىشلىتىشكە قولايلىق، ئەپلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ساندان زاپاسلاش ئىقتىدارىنى قوشمىدۇق. پروگرامما يېنىدىكى data.db ساندانىنى ئۆزىڭىز خالىغانچە زاپاسلاپ ئېلىۋېلىپ ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
دېتالنى چۈشۈرگەندىن كېيىن rar ھۆججىتىنى يەشسىڭىز ئىچىدە 3 دانە ھۆججەت بار. بىرسى خەت نۇسخىسى. يەنە بىرسى ساندان ھۆججىتى. مەزكۇر دېتالغا UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلدى. مۇندەرىجە ئىچىدىكى خەت نۇسخىسىنى ئۆچۈرۈۋەتمەڭ. يۇمشاق دېتال مۇشۇ خەت نۇسخىسىنى مۇشۇ يەردىن ئىشلىتىدۇ. كومپيۇتېرىڭىزدا Fonts ئىچىدە UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى ھۆججىتى بولمىسىمۇ دېتالنى قوزغاتسىڭىزلا دېتال يېنىدىكى خەت نۇسخىسىدىن ئۆزى تونۇيدۇ.(ئەگەرخەت نورمال بولمىسا دېتالنى ئۆچۈرۋېتىپ قايتا قوزغاتسىڭىز خەت نورمال كۆرۈنىدۇ )
دېتالدا بىر قىسىم خاتالىقلار ۋە كەمچىلىكلەر بولۇشى مۇمكىن. كەڭ تورداشلارنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرى بولسا www.shahdiyar.com غا تېما ياكى ئىنكاس شەكلىدە پىكىر قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ.
[ئاگاھلاندۇرۇش] مەزكۇر يۇمشاق دېتال كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش مەقسىتىدە ياسالدى ھەم ھەقسىز تارقىتىلدى. دېتالغا مۇقىم قوشۇلغان قاناللار توردا نورمال قويۇلۇۋاتقان قاناللاردۇر. دېتالغا قانۇنسىز، كۆرۈش چەكلەنگەن قاناللارنى قوشۇپ قويسىڭىز كېلىپ چىققان ئاقىۋىتىگە ئۆزىڭىز ئېگە! دېتال ياسىغۇچى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. شاھدىيارسوفت مەسئۇلىيەتنى بىردەك ئۈستىگە ئالمايدۇ! سەمىمىي ئەسكەرتىش بېرىلدى.
شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت ئىشخانىسى
Shahdiyarsoft Software Research, Invent Office
سىغمى :KB.592
چۈشۈرۈش
مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چېكىپ   (目标另存为(A تاللاپ چۈشۈرۋېلىڭ
مۇنازىرە: http://www.shahdiyar.com/bilim/forum.php?mod=viewthread&tid=4217



مەنبە : ۋولقان تورى 


http://www.wolqan.com/thread-2259-1-1.html


دېتال بەك ياخش ئىكەن شۇڭا كەڭ تورداشلارنىمۇ پايدىلانسۇن دەپ يۆتكەپ يوللاپ قويدۇم .  
http://data.imagup.com/10/1129392856.jpg
مەن پۇتبۇلنى سۆيىمەن!!!
دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

UID: 3416
جەۋھەر: 0
يازما: 2393
شۆھرەت: 2618 نۇمۇر
پۇل: 315996 سوم
تۆھپە: 50 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 1171(سائەت)
تىزىملاش: 2008-06-17
ئاخىرقى: 2011-11-03
1  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 22:17

مەنمۇ ساقلىۋالاي...