تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- تور رادىئو 2.0 پروگراممىسى تارقىتىلدى (تەۋسىيە) --]

پۇتبول كۇلۇبى -> پۇتبول كۇلۇبىغا تەكلىپ -> تور رادىئو 2.0 پروگراممىسى تارقىتىلدى (تەۋسىيە) [مەزكۇر بەتنى پېرىنتېرلاش] كىرىش -> تىزىملىتىش -> ئىنكاس قايتۇرۇش -> تېما يوللاش

aershawen 2011-10-02 13:49



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال مەركىزى <<تور رادىئوسى 1.0>> يۇمشاق دېتالىنى ياساپ چىققان ئىدۇق. يۇمشاق دېتالغا قارىتا تورداشلىرىمىز قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلەرنى بەردى ۋە كەڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكار دوستلىرىمىزنىڭ ياىشى باھاسىغا ئېرىشتى. بىز تورداشلىرىمىزنىڭ تەكلىپ – پىكىرىگە ئاساسەن مۇكەممەل بولغان <<شاھدىيارسوفت تور رادىئوسى 2.0>> يۇمشاق دېتالىنى ياساپ چىقتۇق. مەزكۇر يۇمشاق دېتال تورداشلىرىمىز ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان دېتال بولۇپ قېلىشىغا ئىشىنىمىز.

ئەمدى 1.0 گە كەلسەك، بۇ دېتالدا ئۆزىمىز بەلگىلەپ قويغان رادىئو قانىلى ئارقىلىق ئىشلىتىشكە بولىدىغان قىلىپ لايىھىلەپ چىققان ئىدۇق. ھازىر 2.0 نەشىرىنىڭ ئىقتىدارى بولسا، ئىشلەتكۈچىلەر خالىغانچە رادىئو قانىلى قوشۇش، كومپيۇتېردىكى ۋە توردىكى سۈرەتلىك – سۈرەتسىز فىلىم ۋە ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى قوشۇپ خالىغان ۋاقىتتا كۆرۈش، قوشۇلۇپ بولغان رادىئو قانىلىنى خالىغانچە كۆرۈش، تەھرىرلەش، ئۆچۈرۈش ۋە قانال قوشماي تۇرۇپ سىناپ كۆرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلار تەمىنلەنگەن.
يۇمشاق دېتالغا كىرگۈزۈلگەن مۇقىم كىرگۈزۈلگەن رادىئو قاناللىرى:
ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانىسسى
شىنجاڭ سەنئەت رادىئوسى
مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانىسسى
ئىلى خەلق رادىئو ئىستانىسسى”
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسسى
قاتارلىق رادىئو قاناللىرى كىرگۈزۈلگەن
مۇقىم كىرگۈزۈلگەن تېلېۋېزۇر قاناللىرىدىن:
شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانىسسى 2- قانىلى، 5- قانىلى، 9- قانىلى، قازاق 3- قانىلى، قازاق 8- قانىلى، قاراماي تېلېۋېزىيە ئىستانىسسى قاتارلىق TV قاناللىرى كىرگۈزۈلدى.
دېتالنىڭ ئەڭ قولايلىق ئىقتىدارى، QQ غا ئوخشاش ئېكراننىڭ خالىغان ئورنىدا يۇشۇرۇپ قويۇشقا بولىدۇ. رادىئو قاناللىرىنى ۋە بىر قىسىم پايدىلىق بولغان مەزمۇنلارنى خاتىرىلىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن ھازىرلانغان ئۈنئالغۇ ئىقتىدارىنى قوشۇپ قويدۇق.
دېتال پەقەت 3 دانە ھۆججەتتىن تەركىب تاپقان. باش ئىجرا exe ھۆججىتى، ساندان ھۆججىتى، خەت نۇسخىسى ھۆججىتى قاتارلىق ھۆججەتلەردىن باشقا ھېچقانداق ھۆججەتكە تايانمايدۇ. دېتالنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر پروگرامما يېنىدىكى ىەت نۇسخىسىنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە ۋە ساندان ھۆججىتىگە قالايمىقان چېقىلىشقا بولمايدۇ. پەقەت مۇشۇ 3 دانە ھۆججەت بولسىلا دېتالنى نورمال ئىشلىتىپ كېتەلەيسىز. پروگرامما ئىشلىتىشكە قولايلىق، ئەپلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ساندان زاپاسلاش ئىقتىدارىنى قوشمىدۇق. پروگرامما يېنىدىكى data.db ساندانىنى ئۆزىڭىز خالىغانچە زاپاسلاپ ئېلىۋېلىپ ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
دېتالنى چۈشۈرگەندىن كېيىن rar ھۆججىتىنى يەشسىڭىز ئىچىدە 3 دانە ھۆججەت بار. بىرسى خەت نۇسخىسى. يەنە بىرسى ساندان ھۆججىتى. مەزكۇر دېتالغا UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلدى. مۇندەرىجە ئىچىدىكى خەت نۇسخىسىنى ئۆچۈرۈۋەتمەڭ. يۇمشاق دېتال مۇشۇ خەت نۇسخىسىنى مۇشۇ يەردىن ئىشلىتىدۇ. كومپيۇتېرىڭىزدا Fonts ئىچىدە UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى ھۆججىتى بولمىسىمۇ دېتالنى قوزغاتسىڭىزلا دېتال يېنىدىكى خەت نۇسخىسىدىن ئۆزى تونۇيدۇ.(ئەگەرخەت نورمال بولمىسا دېتالنى ئۆچۈرۋېتىپ قايتا قوزغاتسىڭىز خەت نورمال كۆرۈنىدۇ )
دېتالدا بىر قىسىم خاتالىقلار ۋە كەمچىلىكلەر بولۇشى مۇمكىن. كەڭ تورداشلارنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرى بولسا www.shahdiyar.com غا تېما ياكى ئىنكاس شەكلىدە پىكىر قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ.
[ئاگاھلاندۇرۇش] مەزكۇر يۇمشاق دېتال كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش مەقسىتىدە ياسالدى ھەم ھەقسىز تارقىتىلدى. دېتالغا مۇقىم قوشۇلغان قاناللار توردا نورمال قويۇلۇۋاتقان قاناللاردۇر. دېتالغا قانۇنسىز، كۆرۈش چەكلەنگەن قاناللارنى قوشۇپ قويسىڭىز كېلىپ چىققان ئاقىۋىتىگە ئۆزىڭىز ئېگە! دېتال ياسىغۇچى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. شاھدىيارسوفت مەسئۇلىيەتنى بىردەك ئۈستىگە ئالمايدۇ! سەمىمىي ئەسكەرتىش بېرىلدى.
شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت ئىشخانىسى
Shahdiyarsoft Software Research, Invent Office
سىغمى :KB.592
چۈشۈرۈش
مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چېكىپ   (目标另存为(A تاللاپ چۈشۈرۋېلىڭ
مۇنازىرە: http://www.shahdiyar.com/bilim/forum.php?mod=viewthread&tid=4217



مەنبە : ۋولقان تورى 


http://www.wolqan.com/thread-2259-1-1.html


دېتال بەك ياخش ئىكەن شۇڭا كەڭ تورداشلارنىمۇ پايدىلانسۇن دەپ يۆتكەپ يوللاپ قويدۇم .  

intezar11 2011-10-02 13:59
ئىشلىتىمىز ، ئىشلىتىمىز ....رەھمەت بۇرادەر  

ablikim0814 2011-10-02 14:00
ياخشى دىتالكەن شۇڭا پۇتبولغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ تەستىقلاپ قويۇلدى ،توغرا چۈشۈنىلگەي

مۇزات 2011-10-02 14:00
ئوبدان گەپكەن، مەنمۇ چۈشۈرۈپ باقاي.

مۇزات 2011-10-02 14:01
چۈشۈرۈش ئادىرسى ئېچىلمىدى.

aershawen 2011-10-02 14:05
..سىزدە  شۈنلىي مەخسۇم  يوق ئوخشىمامدۇ ..

ئۈلكەر 2011-10-02 14:22
ما  بۇلىدىغان  دىتالكەن....ئىشلىتىپ  باقاي.

sansiz0903 2011-10-02 14:41
مۇشۇنداق ئۆز يېزىقىمىزدىكى سىستىمىلار كۆپرەك ئىشلەنسە بولاتتى

ئۈلكەر 2011-10-02 14:48
ئاۋۇ  ياندىكى  ناخشا  تىزىملىكىنى  قانداق  ئاچىدۇ ؟

umud08 2011-10-02 17:18
بۇلىدىكەن    رەخمەت ھە.   ئىلىنىڭكىنى ئاڭلاشنى باشلىۋەتتىم مەن

umud08 2011-10-02 17:20
ياندا  يەنە شىنجاڭ تىلىۋىزىيىسى  بار ئىكەن

shevchenko 2011-10-02 17:38
پۇتبول ئويۇنىغىمۇ يۈرۈش قىلساق بولاتتى بالىلار

ئۇيغۇرچە قىلىپ دىمەكچى

kuyun0998 2011-10-02 17:53
قېنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقاي

abdugini 2011-10-02 20:33
ياخشى دېتالكەن رەخمەت، بولسا تەنتەربىيە قانىلىنىمۇ قېتىۋەتكەن بولسا

xiho 2011-10-02 20:40
چۈشۈرۈپ سىناپ باقايچۇ

umak-9 2011-10-02 20:40
مەنمۇ  سىناپ باقاي  

xamxad 2011-10-02 22:16
ئىنكاسىم ئارقىلىق ساقلىۋالاي

lahm16 2011-10-02 22:17
مەنمۇ ساقلىۋالاي...

uygurya 2011-10-02 22:48
رەخمەت ئەجىرڭىزگە

gunasiz 2011-10-02 22:59
بەك كاتتىكە


تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- تور رادىئو 2.0 پروگراممىسى تارقىتىلدى (تەۋسىيە) --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.101069 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us