كىرىش سۆز
Wu6<\^A بۇ بىر نەچچە يىل بۇرۇن مەن ئىزدىنىشقا يوللىغان تىما ئىدى،مەزمۇنى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئادەملىرىمىزگە ناتونۇش بولغاچقا تۈزۈك ئىنكاسسىزلا چۆكۈپ كەتكەن.بۈگۈن يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ بۇ تىمامنى پۇتبول كۇلۇبىغا ئەكىلىپ چاپلاپ قويدۇم.كىم بۇ كۇلۇبنىڭ ئىسمنى پۇتبول كۇلۇبى دەپ قويسۇن دەپتىكەن، ئامرىكا پۇتبۇلىمۇ شۇ ئىسمى پۇتبولغۇ
LPYbHo3fq ئەينى ۋاقىتتا ئىزدىنىپ بۇ تىمىنى يېزىشىمدىكى سەۋەب ،بىرىنجى،تونۇشتۇرغىنىم ئامرىكىدا ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان،دۇنيادىمۇ چوڭ بىر تەنتەربىيە مۇسابىقە ھىسابلىنىدىغان ئامرىكىچە پۇتبول (يەنى ئامرىكىچە زەيتۇن توپ،چۈنكى زەيتۇن توپ ئادەتتە ئەنگىلىيەچە زەيتۇن توپ مۇسابىقىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.ئىككىسىنىڭ پەرقى ئاستىدا تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان.)توپ قائىدىلىرى ، NFLبىرلەشمىسىدىكى كوماندا ،چولپانلار توغرىسىدىكى ناھايتى كەڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.پايدىلىنىش قىممىتى خېلى يۇقىرى دەپ ئويلايمەن.
l`-bFmpA ئىككىنجى،تونۇشتۇرغىنىم گەرچە بىر تەنتەربىيە تۈرى بولسىمۇ،ئەمما بۇ تەنتەربىيە تۈرى ئامرىكىدا ناھايتى زور تەسىر كۈچكە ئىگە.NFL نىڭ تەسىر كۈچى توغرىلىق تىمىنىڭ باش قىسىمدا توختىلىدۇ.بۇنىڭ ئامرىكىلىقلارنىڭ مەدىنيىتى ۋە تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشىنىشكە چوڭ پايدىسى بار دەپ ئويلايمەن.
wd(Hv ئۈچىنجى،كۆپچىلىكنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كىڭەيتىشكە پايدىسى چوڭ.
`(6r3f~XJ ئەلۋەتتە،مەن بۇرۇنقى ماقالەمنى شۇ پىتى كۆچۈرۈپ ئەكەپ قويغىنىم يوق.بەزى مەزمۇنلار يېڭىدىن قېتىلدى،يەنى بەزى جايلار مۇناسىپ دەرىجىدە ئۆزگەرتىلدى.قېنى ئەمسە تىمىغا مەرھەمەت.
bI.t<; ?E%ELs_Dl ئامرىكا ۋە ئامرىكىچە پۇتبول
vIl+#9L0 0Uk@\[1ox ئالدى بىلەن كۆپچىلىكتىن شۇنداق بىر سوئالنى سوراپ باققۇم كەلدى.دۇنيا بويىچە ئەڭ پۇلغا يارايدىغان تەنتەربىيە مۇسابىقە تۈرى قايسىدۇ؟بىر قىسىملار ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى،بىر قىسىملار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى دەپ جاۋاب بىرىشى مومكىن.2007-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى "فوبۇس" تارىختا بىرىنجى قېتىم دۇنيا تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئەڭ پۇلغا يارايدىغان تەنتەربىيە مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ رەت تەرتىۋىنى ئىلان قىلدى .نەتىجىدە Super bowl ،يەنى National Football League.قىسقارتىلىپ NFL ئامرىكا زەيتۇن توپ بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 379مىليون دوللار بىلەن بىرىنجى ئورۇنغا تىزىلدى.ئىككىنجى ،ئۈچىنجى ئورۇندا تىزىلغىنى ئايرىم ئايرىم يازلىق ئولىمپىك تەنھەركەن يىغىنى(176مىليون دوللار)،دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى (103مىليون دوللار) بولدى.
7pA/ فوبۇسنىڭ ئەڭ پۇلغا يارايدىغان تەنتەربىيە تۈرىنى باھالىشىنڭ تۈرلىرى:تىلىۋىزىيەدە تارقىتىش پۇلى،تىلىۋىزىيە ئىلانىدىن كىلىدىغان كېرىم،ياردەم قىلغان كارخانا شىركەتلەردىن كىلىدىغان ئىلان ھەققى،بىلەت كېرىمى،ئەڭ موھىمى قىممەتنى باھالىغاندا مۇسابىقىنىڭ بارلىق كېرىمىنى مۇسابىقە ئۆتكۈزگەن كۈن سانىغا بۆلىنىدۇ. ،Super bowl پەقەت بىر كۈندىكى بىر نەچچە سائەتلىك مۇسابىقە خالاس.شۇڭا بىرىنجى ئورۇنغا تىزىلىشى ھەق.
!+)AeDc:j
+
b$=[nfG بىر يىلدا بىر كىلىدىغان Super bowl كۈنى ئامرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ بايراملىرىنىڭ بىرى،توغرىراق قىلىپ ئېيتقاندا ئامرىكىنىڭ روژىستىۋا بايرىمى ۋە رەھمەت ئېيتىش بايرىمىدىن قالسىلا ئۈچىنجى چوڭ بايرىمى. تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرۈپ باقايلى.
h7*W*Bd 130مىليون ئامرىكىلىق بۇ مۇسابىقىن كۆرىدۇ،ئەمما زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان ئامرىكىق بولسا 120 مىليون.
`LAR@a5i 30مىليون قاداق (تەخمىنەن 14مىيون كىلوگرام) يىمەكلىك مۇسابىقە كۆرۈش داۋامىدا يىيىلىپ كىتىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە ياڭيۇ ياپراقچىسى 11مىليون قاداق، قوناق ئېتىلدۇرۇلمىسى 4مىليون قاداق.
vx_o(wof 90مىليون ئامرىكىلىق مۇسابىقىنىڭ ئوتتىرىسىدىكى ئارام ئېلىش ۋاقتىدا ھاجەتخانىغا كىرىدۇ.350مىليون گالۇن سۇ ئوبۇرنىدا ئېقىتىلىپ كىتىدۇ.تەخمىنەن نىياگارا شاقىراتمىسىنىڭ 7مىنۇتلۇق ئېقىم مىقدارىغا توغرا كىلىدۇ.
G0u LmW70 مۇسابىقىنىڭ بىلەت باھاسى ئادەتتە 700 دوللار،ئەمما قاراڭغۇ بازاردا 7000 دوللار ،ياخشىراق ئورۇننىڭ ھەتتا 10مىڭ دوللاردىن ئېشىپ كىتىدۇ.
Z[\O=1E, 20مىليون ئامرىكىلىق مۇشۇ مۇسابىقە ۋاقتىدا يىغىلىش ئۆتكۈزىدۇ.
I):!`R., مۇسابىقە ۋاقتىدىكى 30سىكۇنلۇق ئىلاننىڭ ئىلان ھەققى 2مىليون 400مىڭ دوللار،مەلۇم تور بەت مۇسابىقە ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ئىلاننىنى چىقارغاندىن كىيىن توربەتنىڭ زىيارەت مىقدارى بىردىنلا 1600 پىرسەنت ئېشىپ كەتكەن.
u]u[(K5F ?Kvl!F!` ئەلۋەتتە ئامرىكىدىكى ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان تەنتەربىيە تۈرى قايسى دىگەن سوئالغىمۇ بىر قىسىم كىشىلەر NBAۋاسكىتبول دەپ جاۋاب بىرىشى، ئامرىكىچە پۇتبولنىڭ ئامرىكىدا ئەڭ قارشى ئېلىنىغان تەنتەربىيە تۈرى ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى مومكىن.ئەڭ يېڭى سىتاستىكىدىن قارىغاندا 34% ئامرىكىلىق NFL نىڭ توپ مەستانىسى،24% ئامرىكىلىق( MLB (Major League Baseballنىڭ يەنى كالتەك توپنىڭ ،17% ئامرىكىلىق NBA نىڭ توپ مەستانىسى بولۇپ چىققان.يۇقارقى ئۈچى ئامرىكىدىكى ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان تەنتەربىيە تۈرى.مىنىڭچە NFL دۆلەت ئىچىدىن كىلىدىغان غايەت زور پايدىغا تويۇپ ،كىكىرىپ ئولتۇرىۋەرمەي،ئۆزىنى باشقا دۇنيا كىڭەيتىشتە باشقا ئىككى قوشنىسىدىن ،بولۇپمۇ ماۋۇ NBA دىن ياخشىراق ئۈگەنمىسە بولمايدۇ.مۇبالىغە ئەمەس ، شۇنىڭغا ھۆددە قىلالايمەنكى ھازىر جۇڭگۇدا NBA مۇسابىقىلىرىنى كۆرىدىغان ئادەم سانى ئامرىكىدىكىدىن ئاز دىگەندە 4-5ھەسسە كۆپ.
/ kt2c[9 ئامرىكىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوغۇللارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسىغا كىرىش ،قىزلارنىڭ بولسا مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەدەت بېرىش ئەترىتى ( لالادۈي) گە كرىش ھىسابلىنىدۇ.كىرەلىگەنلەر ئۆزىنى ناھايتى پەخىرلىك ھىسابلايدۇ.ئالى مەكتەپلەردە تېخىمۇ ھەم شۇنداق.ئامرىكىدا ئادەتتە يىغىلىش ۋە يىغىن ئۆتكۈزۈلگەندە ئويلىشىدىغان ناھايتى بىر موھىم ئامىل شۇ يىغىن يىغىلىش ۋاقتىدا پۇتبول مۇسابىقىسى بارمۇ يوق دىگەن مەسىلە.نۇرغۇنلىغان كۆڭۈل ئېچىش خارەكتىرلىك پارتىي_يىغىلىشلار مۇسابىقە ۋاقتىغا توغرىلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلسا ،باشقا يىغىن-يىغىلىشلارنى كۆپ ھاللاردا مۇسابىقە يوق ۋاقىتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ.يەكشەنبە كۈنىدىكى بىر مەيدان NFL مۇسابىقىسى ئامرىكىدىكى بىر ئائىلىدىكى ھەممە ئەزانى بىر تىلىۋىزۇرنىڭ ئەتراپىغا ئۈچ سائەت ئەتراپىدا جەم قىلالايدىغان بىردىنبىر تىلىۋىيە پروگىراممىسى. Super bowl ئۆتكۈزىلىدىغان كۈن ئامرىكىغا يېڭى بارغان بىر چەتئەللىك ئەڭ غەلىتىلىك ھىس قىلىدىغان بىر كۈن ،چۈنكى بۇكۈنى كۆپ قىسىم كوچىلاردا ئىنىس جىنىس يوق ،دۇكانلار ئاساسەن تاقالغان.خۇددى جۇڭگۇدىكى چاغان بولغاندەك .چۈنكى 130مىليون ئامرىكىلىق ئائىلىسىدە ياكى يىغىلىشلاردا مۇشۇ مۇسابىقىنى كۆرۈۋاتقان بولىدۇ. چۈنكى Super bowlنىڭ بېلىتىنى تېپىش ئىنتايىن تەس.نۇرغۇن ئامرىكىلىقلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى _ئۆمرىدە بىر قېتىم بولسىمۇ نەق مەيداندىن Super bowl نىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئىكەن . مۇسابىقە بېلىتىنى تېپىش شۇ قەدەر قىيىن بولغاچقا كۆپ قىسىم ئامرىكىلىقلار مۇسابىقە بېلىتى ئىزدەشتىن ۋاز كىچىپ تىلىۋىزۇردا كۆرىشىدۇ.ھەر بىر قېتىملىق Super bowl نىڭ ئالدىدىكى بىر مەزگىل ئامرىكىدىكى تىلىۋىزۇر ئەڭ كۆپ سېتىلىدىغان ھىسابلىنىدۇ. كىشىلەر بىر مەيدان مۇسابىقە ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئەڭ يېڭى ،ئەڭ ئىلغار تىلىۋىزۇرلارنى سېتىۋىلىشىدۇ.
[HCAmnb O(+phRwJ مىنىڭ زەيتۇن توپ ۋە NFL بىلەن دەسلەپ تونۇشقېنىممۇ ئۆتكەن يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى Super bowl يەنى Indianapolis Colts ئىندىئاننا تايچاق كوماندىسى بىلەن Chicago Bears چىكاگو ئېيىق كوماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى كۆرۈشتىن باشلانغان. ئۆتكەن يىلى 8-ئاي بىرلەشمە مۇسابىقىلىرنىڭ بېشىدىن، ئاخىرىدا 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن Super bowl غىچە NFL بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىنى ھەر ھەپتە ئاز دىگەندە بىر مەيداندىن كۆرۈپتىمەن،مەن 10 يىلدىن بۇيان قاتتىق پۇتبول مەستانىسى ،ھازىرمۇ پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە خەۋەرلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن.ئەمما كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام زەيتۇن توپ مۇسابىقىسىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى پۇتبولنى زور دەرىجىدە بېسىپ چۈشىدۇ. پەقەت كۆپ قىسىم ئادەملەر مۇسابىقىسىنى كۆرمىگەچكە بىلمەيدۇ خالاس.
e9Nk3Sj] شۇنداق قىلىپ ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرۇدىغان بۇ مۇسابىقە تۈرىنى كۆپچىلىككە بىر تونۇشتۇرۇۋىتىشنى نىيەت قىلىپ قالدىم.
Y(44pA&oN تۆۋەندىكىلىرى مەن يازماقچى ئاساسلىق مەزمۇنلار:
lkBdl#]9 بىرىنجى،ئامرىكىچە پۇتبۈل ۋە قائىدىلىرىنى تونۇشتۇرۇش،ئامرىكا پۇتبول بىلەن ئەنگىلىيەچە زەيتۇن توپنىڭ پەرقى.
$z+8<?YD ئىككنجى، NFL ۋە ئۇنىڭ تارىخىنى تونۇشتۇرۇش
.l@xsJn ئۈچىنجى، NFL دىكى داڭلىق چولپانلارنى تونۇشتۇرۇش.
?2>
FdtH ئاخرىدا يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي،بۇيەردە پەقەت بىر چوڭ تەنتەربىيە تۈرىنى تونۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىندى. بۇيەردە ھەممىڭلار قىزىقىپ كۆرۈۋاتقان نەرسەڭلار ياخشى ئەمەس ،ھەممىڭلار ماۋۇنى كۆرۈڭلار دەيدىغان مەقسەت يوق .ھەم NFL مۇسابىقىلىرى تارقىتىلمايدىغان جۇڭگۇدا ئۇنداق بولىشىمۇ مومكىن ئەمەس.ئەمما بۇ تىمىنى كۆرۈپ پايدىلىق ئۇچۇرلاردىن پايدىلانساڭلار ،بىرەر ئادەم بولسىمۇ مۇشۇ تىما ئارقىلىق بۇ مۇسابىقىگە قىزىقىپ قالساڭلار ھاردۇقۇم چىقىپ قالىدۇ.رەھمەت.ئۇنداق بولسا تېخنىكىلىق مەزمۇنلارغا كىرىپ كەتتۇق.
_cu:aktf2 4q<=K= F W^G>cC8.L يۇقارقىسى 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NFL نىڭ 9-ھەپتىلىك مۇسابىقىلىرىنىڭ ئىچىدىكى مۇشۇ پەسىلدىكى ئەڭ كەسكىن قىززىغان ،چىمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ خارەكتىرلىك مۇسابىقە دەپ قارالغان :2007-يىللق (ئالدىنقى پەسىل) Super bowl نىڭ چىمپىيونى Indianapolis Colts ئىندىئاننا تايچاق كوماندىسى بىلەن بۇ پەسىل دائىملىق مۇسابىقىدە 16 مەيدان تولۇق (دائىملىق مۇسابىقە تېخى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن 12-ئاينىڭ 30ى ئاخىرلاشتى) ئۇدا ئۇتۇشتەك تارىخى خارەكتىرلىك نەتىجە بىلەن دائىملىق مۇسابىقە چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن New England Patriots يېڭى ئىنگلاند ۋەتەنپەرۋەرلەر كوماندىسى ئوتتىرىسىدىكى مۇسابىقە.
XP@1~$ تۆۋەندە بىر تەرەپتىن مۇسابىقە كۆرگەچ زەيتۇن توپ ۋە قائىدىلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىۋىتەي.
Sv &[f}S ئامرىكا پۇتبولى ئەسلى rugby يەنى ئەنگىلىيەچە زەيتۇن توپ مۇسابىقىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ،19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامرىكىنىڭ شەرقى قىسىملىرىدا دائىم پۇتبولغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان بىر خىل مۇسابىقە ئوينالغان بولۇپ ،ئەزالار پەقەت توپنى قارشى تەرەپنىڭ نومۇر سىزىقىدىن تىپىپ ئۆتكۈزۈۋەتسىلا نۇمۇر ئالغان بولىدۇ .پەقەت تىپىپ نۇمۇر ئىلىشقىلا يول قويۇلغاچقا FOOTBALL دەپ ئاتالغان. بۇ خىل توپ تۈرى 100 نەچچە يىلدىن بۇيان تەرەققى قىلىپ ھازىرقى ئامرىكىچە زەيتۇن توپ -ئامرىكا پۇتبولنى شەكىللەندۈرگەن.ئامرىكىدا پۇتبول دىگىنى شۇ ئامرىكىچە زەيتۇن توپنى كۆرسىتىدۇ.بىز ئادەتتە ئېيتىپ يۇرگەن پۇتبولنى ئامرىكىدا ساككار دەيدۇ.ئەنگىلىيەچە زەيتۇن توپ ۋە ئامرىكا پۇتبولى ھازىر ئىككىلىسى ئىلىپپىس شەكىللىك توپ ئشلەتكىنىدىن باشقا مۇسابىقە قائىدىلىرى ،مەزمۇنى قەتئىي ئوخشاشمايدۇ.ئوخشىمىغان ئىككى تەنھەركەت تۈرى دىيىشكە بولىدۇ.ئامرىكا پۇتبولىدا ئىشلىتىلىدىغان توپ ئەنگىلىيەچە زەيتۇن توپقا قارىغاندا ئورۇق ھەم ئۇزۇن ،ئىككى بېشى ئۇچلۇق بولىدۇ. ئەنگىلىيەچە زەيتۇن توپ تەنھەركەتچىلىرى قوغداش كىيىمى ۋە دۇبۇلغا كەيمەيدۇ.ئامرىكىچە پۇتبول تەنھەركەتچىلىرىنىڭ كىيىدىغان قوغداش كىيىمى ۋە دۇبۇلغۇسىنىڭ ئومومى ئېغىرلىقى 40 قاداق ( تەخمىنەن 19 كىلوگرام) كىلىدۇ.مۇشۇ 19 كىلو يادىڭلاردا بولسۇن ،ئاندىن مۇسابىقىنى كۆرۈپ بېقىڭلار،نىمىنى ھىس قىلىسىلەر.
#vry0i
ahPoEh يۇقارقى رەسىم ئەنگىلىيەچە زەيتۇن توپ مۇسابىقىسىنىڭ كۆرۈنۈشى.
/IsS;0K%L
k2AJXw يۇقارقىسى بولسا ئامرىكا پۇتبول تەنھەركەتچىسىنىڭ رەسىمى .(قوشۇمچە :يۇقارقى رەسىم ئامرىكا كومپيوتىر ۋە PS ئويۇنلىرىنىڭ ئىچىدىكى سېتىلىش ،قارشى ئېلىنىش جەھەتتتىكى NO1 ئويۇنننىڭ قېپى.)
7P9=)$(EH ئىككى توپ مۇسابىقىسى ئوتتىرىسىدا ئۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئوخشىماسلىق بار ،زۆرۈر تېپىلغاندا تەپسىلى چۈشەندۈرۈلىدۇ.بۇندىن كىيىنكى چۈشەندۈرۈشتە ئەگەر ئالاھىدە ئەسكەرتىش بىرىلمىسە زەيتۇن توپ دىگىنىم ئامرىكىچە زەيتۇن توپنى يەنى ئامرىكىچە پۇتبولنى كۆرسىتىدۇ.
ak;*W ndeebXw* مەيدان
d20gf:@BM ئامرىكىچە پۇتبول مەيداننىڭ ئۇزۇنلۇقى 120 يارد ( بىر يارد تەخمىنەن 0.9144 مىتىر ) ،كەڭلىكى 53يارد كىلىدۇ .مەيداننىڭ ئۇزۇن ئىككى بېشىدىكى 10 يارددىن ئارىلىق End Zone ئاخىرقى رايۇن دەپ ئاتىلىدۇ.ئىككى ئاخىرقى رايۇن ئارىسىدا 100 يارد ئارىلىق بولىدۇ.مۇشۇ 100 يارد ئۇزۇنلۇقتىكى مەيدان ئەمەلى مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىدىغان مەيدان ،بۇ مەيدان بىلەن ئاخىرقى رايۇن ئوتتۇرىسىدىكى سىزىقGoal Line نۇمۇر ئىلىش سىزىقى دىيىلىدۇ.بىر تەرەپتىكى نۇمۇر ئېلىش سىزىقىدىن ھەر 5 يارد ئارىلىقتا بىر yard lines يارد سىزىقى ،ھەر 10 يارد ئارىلىقتا يارد سىزىقتىن باشقا ئارىلىق رەقىمى يېزىلىدۇ.تاكى 50 يارد ئارىلىققىچە يىزىلىدۇ.50 يارد مەيداننىڭ ئوتتىرىسى،مەيداننىڭ باشقا يېرىمى باشتىكى يېرىم مەيدانغا سىممىتىرىك بولىدۇ.ئىككى تەرەپتىكى مەيداننىڭ بېشىدا يەنە بىردىن ۋارتارغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئككى تۈۋرۈك بار(بۇندىن كىيىن قىسقارتىپ ۋارتار دىيىلىدۇ) ،ئككى تۈرۈك بىر غولدىن چىققان ئككى شاختەك ،ئىككى شاخ ئارىسىدىكى ئارىلىق 18.5 يارد،يەر يۈزىدىن شاخلانغان يەرگىچە ئارىلىق 10يارد.
mL4] l(U
A7n\h-b 'z[Sp~I\ &0`)
Q مۇسابىقە ۋاقتى
9[^g
A
R z-b*D}& مۇسابىقە تۆت چارەككە بۆلۈپ ئۆتكۈزىلىدۇ،ھەر بىر چارەك 15 مىنۇتتىن ،ئىككىنجى ۋە ئۈچىنجى چارەك ئارىلىقىدا 12مىنۇت ئارام ئېلىنىدۇ.بىر كوماندا ئالدىنقى ۋە كىيىنكى يېرىم مەيداندا 3قېتىمدىن مۇسابىقىنى ۋاقىتىلىق توختىتىش ھوقوقى بولىدۇ.ئەگەر تەڭلىشىپ قالسا 15مىنۇت قوشۇمچە مۇسابىقە ئوينىلىدۇ،ئالتۇن توپقا ئوخشاش كىم ئاۋال نۇمۇر ئالسا شۇ تەرەپ ئۇتقان بولىدۇ،ئەگەر 15مىنۇتتا يەنە نۇمۇر ئېلىنمىسا تەڭلەشكەن ھىسابلىنىدۇ( قوشۇمچە :تەڭلىشىش ئھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن). يەنە مۇسابىقە جەريانىدا ئەگەر توپ ئالغۇچى ئەزا قارشى تەرەپ مۇداپىيەچىلىرى تەرىپىدىن تۇتىۋىلىنساياكى توپنى ئېلىپ مەيدان يان سىزىقتىن چىقىپ كەتسە مۇسابىقە ۋاقتى ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ.شۇڭا ئادەتتە بىر مەيدان مۇسابىقە 3 سائەت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ.
c.j$9=XLBG V#`fs|e;y كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئورنى ۋە ۋەزىپىسى
HTyLJe r3\cp0P;s مۇسابىقىدە ئادەتتە بىر كوماندىنىڭ ھۇجۇم قىلىدىغان 11ئادىمى ھەم مۇداپىيە قىلىدىغان 11 ئادىمى ئايرىم بولىدۇ.قىسقارتىپ ھۇجۇم كوماندىسى ۋە مۇداپىيە كوماندىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
%b
"\bHH ھۇجۇم كوماندىسى:
o5Q{/ offensive line _ ھۇجۇم سېپىلى بەش نەپەر ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ،بۇ بەش ئادەمنىڭ ۋەزىپىسى ئۆز تەرەپتىكى quarterback قۇماندان بىكنى قوغداش،يەنەئۇندىن باشقا ئۆز تەرەپ ھۇجۇمچى ئەزا ئۈچۈن ئارىلىق ئېچىش.بۇ بەش ئورۇن سولدىن ئوڭغا ئايرىم ئايرىم Left Tackle, LT سول توسقۇچى،Left Guard, LG سول مۇداپىيەچى ،Center مەركىزى مۇداپىيەچى،ئوڭ مۇداپىيەچى،سول توسقۇچى.ئادەتتە سېنتېردىن باشقا تۆتى مۇسابىقىدە توپ بىلەن ئۇچراشمايدۇ.ھەر بىر قېتىملىق ھۇجۇم سېنتېرنىڭ كەينىدىكى قۇماندان بىككە بەرگەن پاس بىلەن باشلىنىدۇ.بۇ ئورۇندىكى ئەزالار ئەنئەنىدە ناھايتى قاۋۇل،كۈچلۈك ئادەملەر كىلىدۇ،ئوڭدىسىغا يېتىپ ئىتتىرىش كۈچى(خەنزۇچە ۋوتۇي) بويىچە كۈچلۈك ئاجىزلىقى ئۆلچىنىدۇ.مەن خېلى ماس كەپ قالىمەن بۇ ئورۇنغا، يېتىپ تۇرۇپ 100 كىلو كۆتۈرەلەيمەن،ئېغىرلىقىممۇ شۇنىڭغا يېقىن. :lol
G;~V
quarterback_ قۇماندان بىك ،ھىچقايسى كوللىكتىپ توپ مۇسابىقە تۈرىدە بۇ ئورۇندەك موھىم ئورۇن يوق ،بۇ خۇددى شاھمات تاختىسىدىكى شاھ ئۇرۇقىدەك موھىم.بۇ ئورۇندىكى ئەزانىڭ ۋەزىپىسى ھۇجۇم پىلانىنى تۈزۈش ( ھەر بىر قېتىملىق ھۇجۇمدا ئوخشىمىغان ئەھۋالغا قاراپ ئوخشىمىغان سىتراگىيە تۈزۈپ چىقىدۇ)،يىراق پاس ئالغۇچى ئەزاغا پاس ئېتىپ بېرىش ياكى يۈگۈرۈك ھۇجۇمچىغا توپنى بىرىپ ھۇجۇم قىلدۇرۇش،ئەگەر ئوڭ كەپ قالسا ئۆزى توپنى ئالغان پېتى يۈگۈرۈپ ھۇجۇم قىلىش. كۆپچىلىك شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى زەيتۇن توپ ئىلىپپىس شەكىلدە ،ھەم ئېغىرراق. شار شەكىللىك ۋاسكىتبولنى ئاتقاندەك ئاتالايمەنغۇ دەپ ئويلىساق ئىنتايىن خاتالاشقان بولىمىز.يۇقىرى سۈرئەتتە ،كۆزلىگەن ئورۇنغا دەل پاسلاش ئىنتايىن قىيىن ئىش.مەنمۇ تۇنجى قېتىم تۇتۇپ ئېتىپ بېقىپ ئاندىن بىلگەنتىم.شۇڭا بۇنداق تىز ھەم توغرا پاسلىيالايدىغان ئەزا ناھايتى ئەتىۋار. ئاۋۇ ئۈستىدە مۇسابىقىلىشىۋاتقان تايچاق كوماندىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەر كوماندىسىنىڭ بۇنداق كۈچلۈك بولىشىنى ئۇلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قۇمادان بىكلىرى Peyton Manning پىيدۇن مەننىڭ ۋە Tom Brady توم برەيدىدىن ئايرىپ قايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
jb^N|zb
~>+]%
FPv
l@ap]R Q
!(pE& running back_يۈگۈرۈك ھۇجۇمچى ،ئادەتتە قۇماندان بىكنىڭ ئارقىدا ياكى يان تەرىپىدە بولىدۇ.ئاساسلىق ۋەزىپىسى قۇماندان بەرگەن توپنى ئېلىپ يۈگۈرۈپ ھۇجۇم قىلىش.ئادەتتە سۈرئىتى تىز،قاۋۇل كىشىلەر تاللىنىدۇ.زەيتۇن توپ تەنھەركەتچىلىرىنىڭ سۈرئىتى ئادەتتە ئۇلارنىڭ 40ياردلىق ئارىلىقنى يۈگىرىش ۋاقتى بويىچە ھىساپلىنىدۇ.مەن بىلىدىغان ئەڭ تىز يۈگىرەيدىغان يۈگۈرۈك ھۇجۇمچى Brian Westbrook نىڭ 40 يارد سۈرئىتى 4.3 سىكونت.ئىنسانلارنىڭ يىتەلەيدىغان ئەڭ تىز سۈرئىتى بولسا 4.2 سكونت.ئەمما يۈگۈرۈك ھۇجۇمچى ئۈچۈن سۈرئەتتىن باشقا قاۋۇل ،كۈچلۈك بەدەنمۇ ئوخشاشلا موھىم.بۇ يەردە يەنە بىر نەرسىنى ئەسكەرتىش كىرەككى يۈگۈرەك ھۇجۇمچىنىڭ يۈگۈرەيدىغىنى تۈپتۈز كەڭرى يۈگۈرەش يولى ئەمەس.ئەگرى بۈگرى كەتكەن،بەزىدە ھەتتا نۇرغۇن ئادەمنىڭ قورشاپ تۇسۇشىغا ئۇچرايدۇ.تۇيۇقسىز سۈرئىتىنى ئۆزگەرتىش،قارشى تەرەپنىڭ توسالغۇلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈش،تۇيۇقسىز يۆلىنىشنى ( بەزىلىرى سۈرئىتىنى قىلچە ئاستىلاتماستىن يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.).بەزىلىرى ھەتتا قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىيە سىپىلىنىڭ ئۈستىدىن قاڭقىپ ئۇچۇپ ئۆتىدۇ. شۇڭا تۈز سىزىقلىق يولدىكى ئاۋۇ سۈرئەت پەقەت مۇنداقلا قاراپ قويىدىغان نەرسە خالاس.
3fh8$A
1hziXC0WY ئۈستىدىكى رەسىم بولسا NFL تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ،ئەڭ يامان يۈگۈرۈك ھۇجۇمچى LaDainian Tomlinson توملىنسۇن.ئاۋۇ ئۇچۇشىغا ئوبدان قاراڭلار.(19 كىلو ئىسىڭلاردىدۇ ھە؟)
(
)3O=! /)>s##p* wide receiver _يىراق پاس ئالغۇچى .بايا ئېيتىپ ئۆتتۇق،زەيتۇن توپ شار شەكىللىك ئەمەس دەپ ،قانۇنيەتسىز تىز ئۇچۇپ كىلىۋاتقان ئىلىپپىس شەكىللىك توپنى يەرگە چۈشۈرمەي تۇتۇش ( يەرگە چۈشۈپ كەتسە پاس مەغلۇپ بولغان بولىدۇ ) ئوخشىاشلا ئنتايىن قىيىن.يىراق پاس ئالغۇچى قۇماندان بىك ئېتىپ بەرگەن پاسنى يەرگە چۈشۈرمەي تۇتۇشقا مەسئۇل.ئادەتتە قۇماندان بىك ھەر بىر قېتىملىقHuddle ( ھەر قېتىم ھۇجۇم باشلاشتىن بۇرۇنقى ئەزالارنىڭ چۆرىدەپ قۇماندان بىكنىڭ پىلانىنى ئاڭلاش،پىلاننى مۇزاكىرىلىشىشنى كۆرسىتىدۇ.)دىن بۇرۇن ئەگەر پاسلىماقچى بولسا پەقەتroute پاس يولى ئىسمىنىلا ئېيتىدۇ.مەسىلەن ، Slant،deep in, hook,drag دىگەندەك نەچچە ئون خىل پاس بار.پاسنىڭ ئىسمى دىيىلسىلا ئۇنىڭ تەخمىنى ئورنى،پاس ئالغۇچىنىڭ يول يۆلىنىشى بىكىتىلىپ بولغان بولىدۇ.قۇماندان بىك توپنى ئالغاندىن كىيىن مۇۋاپىق دىگن پەيتتە كۆزىنى يۇمۇپ دىگۈدەك شۇ نوقتىغا قاراپ توپنى يۇقىرى سۈرئەتتە پاسلايدۇ. بەزىدەئازراقلا توختاپ ئۇيان -بۇيان قاراپ قالسا توپنى تارتقۇزۇپ قويۇپ بىر قېتىملىق ھۇجۇمنى ئىسراپ قىلىۋىتىش ئىھتىماللقى ناھايتى چوڭ.ئۇزۇن پاس ئالغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى قارشى تەرەپنىڭ بۇلۇڭ بىكلىرىنى قايمۇقتۇرۇپ پاس كەلگەن شۇ پەيتتەدەل شۇ ئورۇنغا بېرىپ توپنى ئېلىش.بىر ھۇجۇم سېپىدە ئادەتتە 2 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پاس ئالغۇچى بولىدۇ.ھەر قېتىملىق ھۇجۇمدا ئوخشىمىغان پاس يولى ،ئوخشىمىغان پاس ئالغۇچى بىلەن ھۇجۇم قىلىنىدۇ.پاس يولىنى پىششىق بىلىش ۋە شۇ بويىچە يۈگۈرەپ پاس ئېلىش ناھايتى موھىم.
:P(K2q3 f`&dQ,; tight end _ يان بىك .ئادەتتە ھۇجۇم سىپىلىنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ.ئۇلار ھۇجۇم پىلانىغا قاراپ بەزىدە پاس ئالغۇچىدەك پاس ئالسا بەزىدە ھۇجۇم سېپىلىگە قېتىلىپ قارشى تەرەپ مۇداپىيەسىدىن يۇچۇق ئاچىدۇ.
b@2J]Ay E* زەيتۇن توپ مۇسابىقىسىنىڭ كۇرمىڭلىغان سەپ شەكلى بولىدۇ،بەش ھۇجۇم سىپىلى ،بىر قۇماندان بىكتىن باشقا قانچە پاس ئالغۇچى ،قانچە يۈگۈرۈك ھۇجۇمچى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەر قېتىملىق ھۇجۇمدا ئوخشىمىغان شارائىتتا پىلان سىتراتىگىيەگە قاراپ ئوخشىمايدۇ.تۆۋەندىكىسى بىر يۈگۈرۈك ھۇجۇمچى ،تۆت ئۇزۇن پاس ئالغۇچى ئورۇنلاشتۇرۇلغان .پاس ھۇجۇم ئاساس قىلىنغان سەپ شەكلى.
zD?K>I =
fa
tyDM'|p
مۇداپىيە كوماندىسى
j8sH#b7Z
defensive line_مۇداپىيە سېپىلى ،ئادەتتە ئۈچتىن بەشكىچە ئادەم بولىدۇ.ھۇجۇم سېپلى بىلەن تىركىشىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىس قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇم سېپىلىدىن يۇچۇپ ئېچىپ بۆسۈپ ئۆتۈپ قارشى تەرەپنىڭ قۇماندان بىكنى پاس بىرىشتىن بۇرۇن توپ بىلەن قوشۇپ تۇتۇۋىلىش.خۇددى شاخمات تاختىسىدىكى شاھنى تۇتۇۋالغانغا ئوخشاش. w$u3W*EoU^
defensive backs-مۇداپىيە بىكلىرى.ئۈچ ئادەم ،ئۇنىڭ ئىچىدە ئىككى cornerback بۇلۇڭ بىك ،يەنە بىرى ياكى strong safety كۈچلۈك مۇداپىيەچى ياكى free safety ئەركىن مۇداپىيەچى.ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى يىراق پاس ئالغۇچىنى مۇداپىيە قىلىپ قارشى تەرەپنىڭ پاسنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى توسۇش.بەزىدە ھەتتا تۇيۇقسىز بېرىپ قارشى تەرەپ قۇماندان بىكنى تۇتۇۋىلىش. s\P2Bp_{
linebacker-يۇقارقىلاردىن ئېشىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسى .ئۇلار ئادەتتە مۇداپىيە سىپىلى بىلەن مۇداپىيە بىكلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ.ئۇلار بەزىدە قارشى تەرەپنىڭ پاسىنى توسسا ،بەزىدە مۇداپىيە سېپىلىگە ياردەملىشىپ يوچۇق ئېچىپ قارشى تەرەپ قۇماندان بىكنى پاس بىرىپ بولۇشتىن بۇرۇن تۇتۇۋالىدۇ.قانداق قىلىشنى ئۇلار ئەھۋالغا قاراپ ئۆزى تاللايدۇ. zdp/|"D!
%zOh
باشقا ئالاھىدە ئورۇنلار:مەيداندا توپ تىپىشقا توغرا كەلگەن ئەھۋالدا مەخسۇس توپ تىپىشكە مەسئۇل بولۇپ چۈشىدىغان ئەزالار. &RTX6%'KY
!Lh^oPT"I
زەيتۇن توپنىڭ كىشىنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان يەرلىرىنىڭ بىرى ،ئۇنىڭ خىلمۇخىل سىتراتىگىيە بىلەن تولغانلىقىدا.ئادەتتە ھەر بىر كوماندىنىڭ ئۆزىنىڭ playbook دەيدىغان بىر قوللانمىسى بولىدۇ.ئىچىدە نەچچە ئون خىلدىن نەچچە يۈز خىلغىچە بولغان سىتراتىگىيە بولغان بولىدۇ.ھەر بىر سىتراتىگىيەدە ھەر بىر ئەزانىڭ بۇ خىل ئەھۋالدا قايسى ئورۇندا قانداق ھەركەت قىلىشى ئېنىق يېزىلغان بولىدۇ. Huddle ۋاقتىدا قۇماندان بىك مۇسابىقە ئەھۋالىغا قاراپ پوكونى سەپ شەكلى ،پوكۇن سىتراتىگىيە بىلەن ھۇجۇم قىلىمىز دەپ شۇنىڭ ئىسمىنىلا دەيدۇ.قالغانلار شۇ ھامان نىمە قىلىش كىرەكلىكىنى بىلىپ بولىدۇ.بەزىدە ھەتتا مۇداپىيە تەرەپنىڭ ئالدىن پەرەز قىلىۋىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن Huddle قىلمايلا ھۇجۇم باشلايدۇ.بۇ خىل ئەھۋال Huddle No دىيىلىدۇ.شۇڭا بەزىدە تىلىۋىزىيە چۈشەندۈرگۈچى نىمە سەۋەبلەردىن قايسى خىل سىتراتىگىيە قوللانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويمىسا ،مەندەك كۆرۈرمەنلەر چۈشىنەلمەيلا قالىدۇ. مۇسابىقەدىكى بەزى سىتراتىگىيەلەر ئاجايىپ ھەيران قالارلىق ،ئادەمنىڭ ئاغزىنى ئاچۇرۇپ قويغۇدەكلا ھەمدە كىشىنى ھاياجانلاندۇرۇدۇ.قىسقىسى ئامرىكىچە پۇتبول مۇسابىقىسى يېرىمى ئەقىل ئىشلىتىشكە،يېرىمى ئەزالارنىڭ تەنھەركەت ئىقتىدارىغا تايىنىدۇ.كوللىكتىپ توپ مۇسابىقىلىرى ئىچىدىكى ئەقىل كاللا ئەڭ كىتىدىغان مۇسابىقە تۈرىدۇر. eBJUv]o %
wGZR31
مۇسابىقىنى باشلاش
V$uk6#
شۇنداق قىلىپ مۇسابىقە باشلاندى.مۇسابىقە باشلانغاندا ئالدى بىلەن قايسى تەرەپنىڭ ھۇجۇم قىلىشى بەلگىلىنىدۇ.مۇداپىيە قىلىدىغان تەرەپ توپنى قايسى تەرەپنىڭ مەيدانىغا قارىتىپ تىپىپ بىرىدۇ،قانچە چىڭ ،قانچە يىراق ئارىلىققا تەپسە شۇنچە ياخشى. شۇنداق بولغاندا قارشىتەرەپنىڭ نۇمۇر ئېلىشى شۇنچە تەس بولىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ بىر قانچە ئەزاسى توپ ئالغان پېتى يەنە بىر تەرەپكە قاراپ توسۇلۇپ قالغۇچە ئىلگىرلەيدۇ.ھۇجۇم تەرەپنىڭ ھۇجۇمى ئەزاسى يىقىلغان ئاشۇ نوقتا بار سىزىقنى(كىيىن قىسقارتىپ ھۇجۇم مۇداپىيە سىزىقى دىيىلىدۇ) پاسىل قىلىپ تۇرۇپ ھۇجۇم قىلىنىدۇ.ھەر بىر قېتىملىق نۇمۇر ئېلىشتىن كىيىنمۇ مۇسابىقە يەنە مۇشۇ شەكىلدە باشلىنىدۇ. Z?O*'#yn
1NcCy!+
ھۇجۇم ۋە نۇمۇر ئېلىش
k`x=D5s\
قائىدە ھەقىقەتەن كۆپ ھەم مۇرەككەپ،بىراق مەن تۆۋەندە ئامرىكا پۇتبولىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مۇسابىقە قائىدىلىرىنى ئىمكانقەدەر چۈشىنىشلىك قىلىپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن. |qoKO:B4-[
ھۇجۇم 1DA1N<'
قۇماندان بىك سېنتېردىن توپنى ئالغاندىن كىيىن سىتراتىگىيەگە ئاساسەن مۇۋاپىق پەيتتە توپنى يىراق پاس ئالغۇچىغا ياكى يان بىكقا پاسلايدۇ ياكى توپنى يۈگۈرۈك ھۇجۇمچىغا بىرىپ توپنى ئېلىپ يەر يۈزى ھۇجۇمى قىلىدۇ.پاس ئالغۇچى پاسنى يەرگە چۈشۈرمەستىن مۇۋاپپىقيەتلىك ئالغاندىن كىيىن ئەگەر باشقا توساق بولمىسا توپنى ئالغان پېتى قارشى تەرەپ GoLine al نۇمۇر سىزىقىغا قاراپ يۈگۈرەيدۇ.ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىيەچىلىرى تەرىپىدىن توپ بىلەن قوشۇپ تۇتۇلۇپ قالسا ياكى توپنى تۇتقان پېتى مەيداننىڭ يان سىرتىغا چىقىپ كەتسە،يىقىلغان جايدىن ياكى يان سىرتقا چىققان شۇ نوقتىدىن ھۇجۇم مۇداپىيە سىزىقىغىچە بولغان ئارىلىق ئۆلچىنىدۇ.يۈگۈرۈك بىكنىڭ ھۇجۇمىمۇ توپ بىلەن يىقىلغان جايىدا توختايدۇ.ھەر بىر ھۇجۇم نۆۋىتىدە كوماندىنىڭ تۆت قىتىم مۇشۇنداق ھۇجۇم قىلىش ھوقوقى بار.تاكى ئۇلار تۆت قېتىمدا يىغىندا بولۇپ 10 يارد ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئارىلىق ئىلگىرلىيەلىگىچە.4 قېتىملىق ھۇجۇمدا 10 يارد ياكى ئارتۇق ئىلگىرلىيەلىسە بۇ first down بىرىنجى ئۆتكەل دىيىلدۇ.ئەگەر بىرىنجى قېتىمدىلا ئون نەچچە يارد ھەتتە نەچچە 10 يارد ئىلگىرلىيەلىسە ئوخشاشلا first down ھىسابلىنىدۇ.first down نى قولغا كەلتۈرگەن كوماندىنىڭ يەنە قايتىدىن 4قېتىم ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتى بولىدۇ.يەنە ئوخشاشلا 4قېتىمدا 10 ياردتىن ئارتۇق ئىلگىرلىشى كىرەك.قۇماندان بىكنىڭ پاسى پاسنى ئېلىشتىن بۇرۇن يەرگە چۈشۈپ كەتسە پاس مەغلۇپ بولغان بولىدۇ.ھۇجۇم كوماندىسى يەنە ئاۋالقى ھۇجۇم مۇداپىيە سىزىقىدىن باشلاپ ھۇجۇم قىلمىسا بولمايدۇ.ئەگەر قۇمانداننىڭ پاسى قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىيە ئەزالىرى تەرىپىدىن يەرگە چۈشۈشتىن بۇرۇن ئېلىۋىلىنسا بۇ Interception دىيىلىدۇ؛ياكى توپ ھۇجۇم تەرەپنىڭ يۈگۈرۈك ھۇجۇمچىسى ياكى پاس ئالغۇچىسىنىڭ قولىدىن چۈشۈپ كىتىپ قارشى تەرەپ ئەزاسىىنىڭ قولىغا چۈشسە .بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا توپنى ئالغان ئەسلى مۇداپىيە ئەزاسى قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشقا بولىدۇ.تاكى قارشى تەرەپ تەرىپىدىن تۇتۇلغان ياكى توپنى ئېلىپ مەيدان يان سىرتىغا چىقىپ كەتكەن جايغىچە.ئەسلى ھۇجۇم قىلىۋاتقان تەرەپنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ھۇجۇمى ھوقوقىنى يوقاتقانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.ھۇجۇم ۋە مۇداپىيە تەرەپ ئالمىشىدۇ.ئاۋالقى مۇداپىيە قىلىۋاتقان تەرەپ مۇداپىيە ئەزالىرىنى چۈشۈرۈۋىتىپ ھۇجۇم ئەزالىرىنى چىقىرىدۇ. DU=dLE6-P;
نۇمۇر ئېلىش h/,${,}J
Touch Down--ھۇجۇم تەرەپ ئەزاسى توپنى تۇتقان پېتى قارشى تەرەپنىڭ Goal Line نۇمۇر سىزىقىنى بېسىپ ئۆتۈپ End Zone ئاخىرقى رايۇنغا كىرسە(پاس ئالغۇچىنىڭ ئاخىرقى رايۇن ئىچىدە پاس ئېلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).Touch Downدىيىلىدۇ.ھۇجۇم تەرەپكە 6نۇمۇر بىرىلىدۇ.Touch Down ئۇتۇقلۇق بولغان تەرەپكە قارشى تەرەپ نۇمۇر سىزىقىغا 2يارد ئارىلىقتىن يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىش ھوقۇقى بىرىلىدۇ.ۋارتارغا تىپىپ كىرگۈزۈلسە 1نۇمۇر ،ئەگەر يەنە Touch Down قىلسا 2نۇمۇر قوشۇپ بىرىلىدۇ. `~W-Xx
FieldGoal, FG--ۋارتارغا تىپىش .ھۇجۇم تەرەپ مەيداننىڭ قەيىرىدە بولۇشتىن قەتئىنەزەر توپنى تىپىپ ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئارىسىدىن ئۆتكۈزىۋەتسە 3 نۇمۇر بىرىلىدۇ.بۇ ئالدىدىكى Touch Down نىڭ Bonus Kick نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.بۇ ئىلىپپىسىمان توپنى تەپكەندە مەخسۇس بىر ئادەم يەردە قويۇپ تۇتۇپ تۇرمىسا بولمايدۇ جۇمۇ تېخى.ئەلۋەتتە بەزىدە يالغاندىن توپ تەپمەكچى بولغان قىياپەتكە كىرىۋىلىپ ،تۇيۇقسىز توپنى باشقا بىرسىگە پاسلاپ بىرىۋىتىدىغان،ياكى يۈگۈرەپ بېسىپ كىرىدىغان ئەھۋاللارمۇ نۇرغۇن. L-9~uM3@\
Safety--مۇداپىيە قىلىۋاتقان تەرەپ ھۇجۇم تەرەپنىڭ توپ ئالغان ئەزاسىنى توپ بىلەن بىللە ھۇجۇم تەرەپنىڭ نۇمۇر سىزىقىدىن ئۆتكۈزىۋەتسە.مۇداپىيە قىلىۋاتقان تەرەپ 2نۇمۇرغا ئىرىشىدۇ. gp-T"l
1lpwZ"
n\ Hs@.
يۇقارقىسى بىرلەشمىدىكى ئەڭ كۈچۈك كوماندا يېڭى ئىنگلاند ۋەتەنپەرۋەرلەر كوماندىسىنىڭ مۇشۇ پەسىل ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى 10 توپى. :h1pBEiH
178Mb\8
چولپانلارنىمۇ تونۇشتۇرغاچ تۇراي،يۇقارقىسى بىرلەشمىدىكى ئەڭ نوچى قۇماندان بىك توم برېدى توغرىسىدا ئىشلەنگەن قىسقا فىلىم.كۆرۈپ بېقىڭلار. UgN28YrW
/xJqJ_70X
:L
3&FA
يۇقارقىسى يىراق پاس ئالغۇچىنىڭ ھەركەتلىرى،پاس يولى ئېنىق ئەھۋالدا بەزى دەرىجىدىن تاشقىرى پاس ئالغۇچىلار توپقا قارىماي دىگۈدەك ،ئارقا تەرەپتىن توپنى ئالالايدۇ،خۇددى دۈمبە تەرەپتە يەنە بىر كۆزى باردەك.باشقىلار ئىككى قولى بىلەن تۇتالمايدىغان توپنى بەزى ساراڭ تەلۋە پاس ئالغۇچىلار بىر قولى بىلەن تۇتالايدۇ.بۇنداق ئەھۋال مۇسابىقە كۆرگۈچىلەرنى ئاجايىپ ھاياجانغا سالالايدۇ. n& $^04+i
vOgC>_x7
يۇقارقىسى يۈگۈرۈك ھۇجۇمچى توغرىسىدىكى قىسقا فىلىم.بۇ يۈگۈرۈك ھۇجۇمچى بىرلەشمە تارىخدىكى رىۋايەتلەردىكىدەك شەخسBarrySanders. بۇ فىلىمنى كۆپچىلىككە يۈگۈرۈك ھۇجۇمچى توغرىسىدا ئېنىقراق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. }!TL2e
r_
tU/k-W3X
ئەلۋەتتە بۇنداق يۈگۈرۈش ۋە ئۇزۇن پاسلار ھەر قېتىمدا ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ.مۇداپىيە تەرەپ ھەرخىل چارىلەر بىلەن ھۇجۇم تەرەپنىڭ پىلان سىتراتىگىيىسىنى ئالدىن بىلىشكە ئۇرىنىدۇ ھەم قارشى تەرەپنىڭ پاس ھەم يۈگۈرۈشىنى جېنىنىڭ بارىچە توسىدۇ.مۇداپىيە ئورۇندىمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلار كۆپ.يۇقارقى فىلىم بىرلەشمىدىكى ئەڭ ئىسىل توسۇشلار. $c&0F,
NFL نى تونۇشتۇرۇش },[;O^Do^{
NFL دا جەمئىي 32 كوماندا بار ،32 كوماندا16دىن ئىككى گورۇپپىغا ئايرىلىدۇ.ئايرىم ئايرىمAmerican Football Conference قىسقارتىلىپ AFC ،ئامرىكا بىرلەشمىسى ۋە National Football Conference قىسقارتىلىپ NFC ،دۆلەتلىك بىرلەشمە. [4J6iF
AFC ,DnYtIERo
شەرقى رايۇن k8]O65t|
Buffalo Bills سۇ كالىسى بىل كوماندىسى 9F;S+)H4
Miami Dolphins مايئامى دىلفىن كوماندىسى #2xSyOrmf
New England Patriots يېڭى ئىنگلاند ۋەتەنپەرۋەرلەر كوماندىسى -p-0;Hy
New York Jets نيۇيورك ئايرۇپىلان كوماندىسى Zt E##p
جەنۇبى رايۇن 0F;
,
O3Q
Houston Texans خيۇستۇن تىكساس كوماندىسى 8X?>=tl
Indianapolis Colts ئىندىئاننا تايچاق كوماندىسى Dmdy=&G
Jacksonville Jaguars جېكسۇن ۋىل يىلپىز كوماندىسى eUO9a~<
Tennessee Titans تېننىسىسا چوڭ ئىلاھ كوماندىسى 34|a:5c
غەربى رايۇن {fSfq&o
Denver Broncos دېنۋىر ياۋا ئات كوماندىسى Nw](".
Kansas City Chiefs كانساس شەھىرى قەبىلە باشلىقى كوماندىسى Dl;d33
Oakland Raiders ئوكلاندا زەربىدارلار كوماندىسى YL5>V$i
San Diego Chargers سان تياگو چاقماق كوماندىسى J4yt N3
شىمالى رايۇن ]
h~o],:
Baltimore Ravens بالتىمور قاغا كوماندىسى A0#Y, 1
Cincinnati Bengals سىنسىناتى بىنگال يولۋىسى كوماندىسى W^xZ+]
Cleveland Browns كىلىۋلەند براۋن كوماندىسى aR:<
Pittsburgh Steelers پىتتسبورگ تۆمۈرچىلەر كوماندىسى. G :4;y7
,k*F`.[
NFC S;}qLjT
شەرقى رايۇن GNghB(
Dallas Cowboys داللاس پادىچىلار كوماندىسى R [9w
New York Giants نيۇيورك گىگانىت ئادەملەر كوماندىسى .xpmp6-
Philadelphia Eagles فىلادىلفىيە بۇركۆت كوماندىسى F!~l
MpuE
Washington Redskins ۋاشىنگىتون قىزىل تەنلىكلەر كوماندىسى sx-F8:Qa
جەنۇبى رايۇن ]p$zvMf}
Atlanta Falcons ئاتلانتا شۇڭقار كوماندىسى k!1
3=Gh
Carolina Panthers كارولىنا قارا يىلپىز كوماندىسى ; J2 -r
h
New Orleans Saints يېڭى ئورلىئان سادىق مۇرتلار كوماندىسى 8_iHVc;<
Tampa Bay Buccaneers تامپا قانىلى دېڭىز قاراقچىلىرى كوماندىسى 46dc.Yi
غەربى رايۇن BkT-m'I?
Arizona Cardinals ئارىزونا قىزىل قۇش كوماندىسى 5bBCpNa
San Francisco 49ers سان فىرانسىسكو 49لار كوماندىسى s]bPV,"p
Seattle Seahawks سىئاتىل دېڭىز بۈركۈتى كوماندىسى S.]MOB dt
St. Louis Rams سانت لۇئىس قوچقار كوماندىسى 1g81S_T
.
شىمالى رايۇن .$^wy3:F"
Chicago Bears چىكاگو .ئېيىق كوماندىسى %/md"S
Detroit Lions دىتورىت شىر كوماندىسى L77EbP`P
Green Bay Packers يىشىل قولتۇق مال قاچىلىغۇچىلار كوماندىسى 2|
$k`I,
Minnesota Vikings مىننۇسىتا ۋىكىڭ كوماندىسى <]c#)xg
10نەچچە كۈندەك باشقا بىر تەتقىقات ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كىتىمەن .كومپيوتىرنىڭ ئالدىدا بىكار ئولتۇرۇدىغان ۋاقتىممۇ ئازلاپ كەتكۈدەك.شۇنداق قارىسام دەسلەپكى يازىمەن دىگەننىڭ ئاساسەن يېرىمى تۈگەپ قاپتۇ. ئەمدى قالغىنى شۇ بىرلەشمىنىڭ قىسقىچە تارىخى ،ئەنئەنىۋى كۆچلۈك كوماندىلار،تارىخىتىكى super bowl سۇپېر بول نىڭ ئەھۋالى، ئەڭ موھىمى ھازىرقى داڭلىق چولپانلار ۋە داڭلىق كۈچلۈك كوماندىلار بولۇپ قاپتۇ. w0$R`MOR+
ئەگەر بۇ تىمىدىكى مىنىڭ تونۇشتۇرۇشلىرىمنى كۆرۈپ ئازراق بولسىمۇ بۇ توپ ۋە بىرلەشمىگە قىزىققانلار چىققان بولسا مىنىڭمۇ ھاردۇقۇم چىقاتتى. UXQb={
ئەگەر يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا NFL،super bowl توغرۇلىق چۈشەنمەكچى بولغانلارغا تور ئادرىسلىرىنى قالدۇردۇم.شۇنداق قىلىپ بۇ تىمىنىڭ بىرىنجى بۆلىمى ئاخىرلاشتى. UMv"7~
ئنگىلىسچە تور بەتلەر @n>{&^-c
<http://www.nfl.com> 7_1W:-A7W
http://sports.yahoo.com/nfl>http://sports.yahoo.com/nfl .u&|e
http://www.nfl.com/superbowl>http://www.nfl.com/superbowl .?70=8{
خەنزۇچە تور بەتلەر O
http://www.nflchina.com v'K
% %z
http://www.afachina.com.cn _,t&C7Yf;
[wma]http://121.14.95.217/qd_data/_2n3GAft2ZRv2t6AX7fFBG5gDPLHwQ.asx[/wma] P~o@9RV-
Wf_CR(
[[ بۇ يازمىنىnasinدە2011-09-26 10:25قايتا تەھرىرلىدى ]