نۆۋەتتە بايرىن مىيونخېن كوماندىسىدىكى توماس مۇللىر ۋە تونى كىروستىن ئىبارەت تەڭ ياشلىق ئىككى قابىل ماھىرنىڭ ئۇرۇن مەسلىسىدە ئورۇن تالىشىش كىرزىسى مەۋجۇت بۇلۇپ، مەشقاۋۇل خەيىنكىس تەھلىل قىلىش ئارقىلىق 4231 سەپ شەكلىدىكى 3 نىڭ ئىچىگە بۇ ئىككىسىنىڭ بىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرگەن. ۋانجال دەۋرىدىمۇ ئاساسەن شۇنداقراق ئىدى.گەرچە بۇ ئىككەيلەن ھەرخىل مۇسابىقىلەردە ئالمىشىپ چىقىپ يۇرۇپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىرىشىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ھەر ئىككىسى زاپاس ئەزا بۇلۇشقا كۆڭلىدە ئانچە قايىل ئەمەس ئىدى. بۇ ئىككىسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىش ئىمكانىيتى بۇلارمۇ ؟ بۇ قېتىمقى ياۋرۇپا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدىكى گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ سەپ شەكلى خەيىنكىسقا بىر يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەندەك بولدى.........
7r6.n61F
tH!]Z4}u بۇ قېتىمقى ياۋرۇپا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە ، لۆۋ دادىللىق بىلەن بۇرۇندىن ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان 4231 سەپ شەكلىنى 4141 سەپ شەكلىگە ئۆزگەرتكەن ئىدى! بۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى 4231 سەپ شەكلىدىكى 3 بولسا 4 كە ئۆزگىرىپ، مۇللىر ۋە تونى كىروس ئالدى بەلدە تەڭلا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇردى ھەمدە ئۈنىمى ئىنتايىن ياخشى بولدى.پۈتۈن كوماندىمۇ بۇ سەپ شەكلىگە تىزلا كۆنىشىۋالدى.
s9
mx لۆۋنىڭ بۇنداق سەپ شەكلى تۈزىشىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل شۇ مۇنەۋۋەر توپچىلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا مەيدانغا چىقالىشىغا شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن ئىدى. ھازىر گېرمانىيە كوماندىسىدا نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى بار بۇلۇپ، لۆۋ جاھىللىق بىلەن بۇلارنى داۋاملىق زاپاس ئەزا ئورنىدا ئولتۇرغۇزۇپ ئىختىساسلىقلارنى ئىسراپ قىلىشنى خالىمىدى. ئامال پەقەت سەپ شەكلىنى ئۆزگەرتىش بۇلۇپ، ئىككى ئارقا توپچىسىنىڭ ئىچىدىكى مۇداپىيەسىمان ئەزا قىسقارتىلدى ھەمدە ئالدى بەلگە بىر ھۇجۇمسىمان ئەزا تۇلۇقلاندى.بۇنىڭ بىلەن شىۋېنتايگىرنىڭ ئورنى مۇقىم بۇلۇپلا قالماي، ئۆزىل،مۇللىر ، تونى كىرۇس ۋە گوتىز قاتارلىق مۇھىم توپچىلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا مەيدانغا چىقالايدىغان ھالەت شەكىللەندى.
wLIMv3;k بۇ مەسلە بايرىن مىيونخېن كۇلۇبىدىكى مەسلە بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش بولغاچقا، مەشقاۋۇل خەيىنكىس بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى .روببىن رىبىرى ئىككى قانات ئوينىغان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئوتتۇردىكى ئەزا ياكى مۇللىر بولاتتى ياكى تونى كىروس.ئوخشاشلا ياخشى ئەزادىن بىرى زاپاس ئولتۇراتتى. لۆۋنىڭ بۇ ئىككى ئەزانى بىرلا ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدىغان سەپ شەكلى بايرىن تېرىنىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى قىزىقتۇردى . ئەمما ، ھايىنكىس پۈتۈن كۈچى بىلەن بايرىننىڭ مۇداپىيەسىنى ئوڭشاۋاتقان ھالەتتە بۇخىل 4141 سەپ شەكلىنى قوللىنىپ كىتىشىمۇ ناتايىن.........لۆۋ دۆلەت كوماندىسىدا قوللىنىپ ئۈنۈمىنى كۆرگەن ئىكەن بايرىن كوماندىسىمۇ بەلكىم بۇنى سىناپ بېقىشىمۇ مۇمكىن.....