سىز بۇ تېمىنىڭ 2296 - ئوقۇرمىنى
تېما: 91-يىلىنىڭ يۇلتۇزلىرى-ئەخمەتجان شۆھرەت
ئارچا تەنتەربىيە كىيىملىرى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
UID: 8331
جەۋھەر: 11
يازما: 86
شۆھرەت: 1161 نۇمۇر
پۇل: 200229 سوم
تۆھپە: 45 نۇمۇر
ياخشى باھا: 100 نۇمۇر
توردا: 211(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2011-10-08
0  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-22 13:10

91-يىلىنىڭ يۇلتۇزلىرى-ئەخمەتجان شۆھرەت

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ballack16 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-08-22)
U{}7:&As  
j w462h  
سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ ئوقۇغۇچىسى،ئۈمىتلىك پۇتبول ماھىرى ئەخمەتجان شۆھرەت1991 –يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى قەدىمى شەھەر كاشىغەردە تۈغۈلغان بولوپ، 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى كاشىغەردە تۈرلۇك پۇتبول مۇسابىقىللىرى كۆپلەپ ئىلىپ بىرىلىپ كاشىغەردىكى پۇتبولچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكىلىك روللارنى ئوينىغان.1997 -يىلى كاشىغەردە  ئىلىپ بىرىلغان ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىككىنچى نۆۋەتلىك پۇتبولچىلار لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە كاشىغەرنىڭ ياشلار ،ياش ئۆسمۇرلەرۋە ئۆسمۇرلەر كۇماندىسى قاتناشتى. 1999-يىلى تۈرلۈك تەييارلىقلاردىن كىيىن غىنى ھاجىمنىڭ مەبلەخ چىقىرىشى،ھۆكۇمەتنىڭ قوللىشى ۋە بىر قىسىم ساخاۋەتچىلەرنىڭ مەدىتى بىلەن  شەھەرلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەبنى بازا قىلغان ھالدا كاشىغەر غىنى ھاجىم پۇتبول مەكتىۋى قۇرۇلۇپ كاشىغەر ،ئارتۈچ قاتارلىق يۈرتلاردىكى تاللانغان ئۆسمۇر ماھىرلار بىرىنچى تۈركۇمدە ئوقۇش باشلىدى.ئەخمەتجان شۆھرەتمۇ ئۆزىدىكى پۇتبولغا بولغان قىزىقىش ۋە بالىلىقتا يىتىلدۈرگەن ماھارەتلىرى ئارقىلىق ئىمتىھان ئالغۇچىلارنى قايىل قىلىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا بۇ مەكتەپكە كىرىپ مەشىق قىلىشقا باشلىدى.مەرھۇم تىرنىر زۇنۇن مۇئەللىمنىڭ بىر قوللوق تەربىيلىشى ئارقىسىدا بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىللىرى تىزلا ئاساسى ماھارەتلەرنى ئىگەللەپ جەمىيەتتە غۇلغۇلا قۇزغاشقا باشلىدى.ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىچى سىرتىدىكى بىر قىسىم پۇتبۇل مەكتەپلىرىنىڭ ئادەملىرى بۇ يەرگە كىلىپ تەكشۇرۇپ تەجىربە توپلىدى ياكى بۇ مەكتەپنىڭ باللىرىنى كۈزەتتى.بىر قانچە يىللىق جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق2003-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە كورلىدا ئىلىپ بىرىلغان ياش –ئۆسمۇرلەر مۇسابىقىسىدە غىنى ھاجىم پۇتبول مەكتىۋىنىڭ باللىرى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ئىككىنچىلىككە ئىرىشتى. 2003-يىلى بىيجىڭدا مەملىكەت بويىچە27 ئۆلكە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئۆسمۇر پۇتبولچىللىرىنىڭ تىخنىكا- تاكتىكا، ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىىسى ئىلىپ بىرىلدى.غىنى ھاجىم پۇتبول مەكتىۋىدىن ئەخماتجان شۇھرەت قاتارلىق بەش ماھىر ئاپتۇنۇم رايۇن كۇماندىسى تەركىۋىدە بۇ قىتىمقى كۇرەككە قاتناشتى.بۇ قىتىمقى كۈرەككە قاتناشقان بەش يۇزگە يىقىن ماھىر ئىچىدە ئەخمەتجان تۇساقتىن توپ ئىلىپ مىڭىش تۈرىدە ئىكىكىنچىلىككە، توختاتماي توپ تىپىش تۇرىدە ئۈچىنچىلىككە ، كوللىكتىپ تۈردە ئۈچىنچىلىككە ئىرىشىپ غىنى ھاجىم پۇتبول مەكتىۋىدىكى ئۆسمۇر ماھىرلارنىڭ تىخنىكا ماھارەت جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇۋاتقان سەۋىيەسىنى نامايان قىلىپ بەردى.2004-يىلى غىنى ھاجىم پۇتبول مەكتىۋىنىڭ ئوقۇغۇچىللىرى مەملىكەتلىك ئۆسمۇرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى  قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلىكىلەردىكى نۇرغۇن كۇلۇپلارنىڭ ئارقا سەپ كۇماندىللىرى  بۇ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ ئوقوغۇچىللىرىغا بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلىدى.ئەمما شەندوڭ لۇنىڭ كۇلۇبىنىڭ پۇتبول مەكتىۋىگە كەتكەن بەش نەپەر بالىنىڭ  تەسىرىدىن يەنە خىل ماھىرلىرىنىڭ كىتىپ قىلىشىنىڭ ئالدى ئىلىنىپ ئىچكىرى پۇتبول مەكتەپلىرىنىڭ تەكلىۋى رەت قىلىنىپ كەلدى.2005  -يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە پۇتبول ئەنئەنىۋى تۈر مەكتەپلىرىنىڭ مۇسابىقىسى كورلىدا ئىلىپ بىرىلدى.غىنى ھاجىم پۇتبول مەكتىۋىمۇ بۇ قىتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ياشلىرى ئۆزلىرىدىن ئۈچ ياش چوڭ بولغان كۇماندىلار تۇتۇشتى.يىتىلگەن تىخنىكا،ماھارەتلىرى ئارقىلىق مۇسابىقە كۆرەۋاتقان كىشىلەرنى قايىل قىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ كەلدى.ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ياش جەھەتتە چوڭ  ئالتاي كۇماندىسىغا يىڭىلىپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا كەلگۇسىدىكى ئۆمىتنىڭ مۇشۇ بالىلاردا ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.ئەخمەتجان قاتارلىق ماھىرلارنىڭ ماھارىتىنى كۆرگەن شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ رەھبەرلىرى غىنى ھاجىم بىلەن كىلىشىش ئارقىلىق ئەخمەتجاننى سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىگە يۇتكەپ ئىلىپ كەلدى.2006-يىلىدىن باشلاپ ئەخمەتجان سوڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ كۇماندىسى تەركىۋىدە مەملىكەتلىك نىك،ئادىداس لوڭقىسىنى تالىشى مۇسابىقىسىگە ئۇدا قاتنىشىپ چوڭ مۇسابىقە تەجىربىسىنى توپلىدى.2007-يىلى مەملىكەتلىك15 ياشلىقلار پۇتبول مۇسابىقىسى جۇڭگۇ شىمالى رايۇن مۇسابىقىسىدە سۇڭچىڭلىڭ 15ياشلىقلار كۇماندىسى ئۆچىنچىلىككە ئىرىشىپ ھال قىلغۇچ مۇسابىقە چەمبىرىكىگە كىردى.بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە ئەخمەتجاننىڭ ئۇرغان بىر قانچە توپلىرى سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ غەلبىللىرىگە ئاساس سالدى. 2007-يىلى8-ئايدىكى ئۇرۇمچىدىكى مۇسابىقىدە بىيجىڭ، لىياۋنىڭ، شەنشى،چوڭچىڭ قاتارلىق يەرلەرنىڭ 15ياشلىقلار كۇماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئىلىپ باردى.ئەخمەتجان شىنجاڭ سوڭچىڭلىڭ كۇماندىسى تەركىۋىدە ئۆزىنىڭ ماھارەتلىرىنى نامايان قىلىپ سوڭچىڭلىڭ مەكتىۋىنىڭ چىمپىيۇن چىقىشىغا  تۆھبە قوشتى.2008-يىلى ئۇرۇمچىدە ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلىپ،ئەخمەتجان قەشقەر كۇماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشتى.ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۆزى ئاتۇش كۇماندىسىغا ئىككى توپ ئۇرۇپ ئۈچكە قارشى تۆت بىلەن قەشقەر كۇماندىسىنىڭ چىمپىيۇن چىقىشغا ئاساس سالدى.2008 –يىلى 10-ئايدا جۇڭگۇ ئۆسمۇرلەر كۇماندىسى ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قانچە دۆلەت بىلەن مۇسابىقىلىشىش ئۈچۈن ئۇرۇمچىدە ئىككى مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئىلىپ باردى. سۇڭ چىڭلىڭ مەكتىۋىنىڭ كۇماندىسى تەركىۋىدە مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەخمەتجان مۇسابىقە جەريانىدا پۇتى سۇنۇپ كىتىپ قەشقەرگە قايتىپ ئالتە ئاي داۋالىنىشقا مەجبۇر بولدى. CKur$$B  
Bx)&MYY}[[  
2009 –يىلى 4-ئايدا ئەخمەتجان كۇماندىغا قايتىپ كەلدى.شۇ يىلى مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ 15ياشلىقلار مۇسابىقىسىمۇ يولغا قويولغان بولوپ، سوڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىنى ئاساس قىلغان ماھىرلار شىنجاڭغا ۋاكالىتەن قاتنىشىش قارار قىلىندى. ئەمدىلا ساقايغان ئەخمەتجانمۇ كۇماندىغا سەپلىنىپ ئىچكىرىگە يۇرۇپ كەتتى.بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە شىنجاڭ كۇماندىسى سەنشى،جىياڭسۇ كۇماندىللىرى بىلەن تەڭلىشىپ، چىڭدۇ كۇماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ،چوڭچىڭ كۇماندىسىنى ئۇتۇپ ،گۇرۇپپىدىن چىقالماي قايتىپ كەلدى. سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ ئاساسلىق نۇمۇر ئالغۇچىللىرىدىن بىرى بولغان ئەخمەتجاننىڭ يارىسى سەۋەپلىك مەيدانغا ئاساسلىق ئەزا بولوپ چىقالماي ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى نامايان قىلالماي قالدى.قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئىزچىل داۋالىنىپ كىلەركى قىتىملىق مۇسەبىقىگە تەييارلىق قىلدى.2010-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 12-نۇۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇرۇمچىدە باشلىنىپ ئەخمەتجان بۇ قىتىممۇ قەشقەر كۇماندىسى تەركىۋىدە مۇسابىقىگە قاتناشتى.قەشقەر كۇماندىسىنىڭ گۇرۇپىسىدا ئالتاي قاتارلىق كۈچلۇك كۇماندىلار بار بولوپ، ئەخمەتجان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدا ئون توپ ئۇرۇپ قەشقەر كۇماندىسىنى يىتەكلەپ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە چەمبىرىكىگە كىردى ئۇرۇمچى كۇماندىسى بىلەن بولغان.يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كەينىدە قالغان ئەھۋالدا ئەخمەتجاننىڭ ئۇرغان توپىغا تايىنىپ قەشقەر كۇماندىسى تەڭلەشتى،ۋە كىيىنكى يىرىم مەيداندىكى قايتارما ھۇجۇم بىلەن ئۇرۇمچى كۇماندىسىنى شاللاپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە قەشقەر كۇماندىسىنىڭ كۇنا رەقىبى ئاتۇش كۇماندىسى بولوپ،مەيدان نەتىجىسى ئاخىرى قەشقەر ئىككىگە قارشى تۆت بىلەن غەلبە قىلدى. .KS Gma6]  
q'r3a+  
ئەخمەتجان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يەنە بىر توپ ئۇردى.بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە ئەخمەتجان جەمئى12توپ ئۇرۇپ ئۆزىنىڭ بارا-بارا ئەسلىگە كىلىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلدى.2010-يىلى 9-ئايدا مەملىكەتلىك 17ياشلىقلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلىپ شىنجاڭ سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىنى ئاساس قىلغان ماھىرلار شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمىيىتى پۇتبول كۇماندىسى نامىدا رۇسيەلىك تىرنىرنىڭ يىتەكلىشى بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشتى.ئەخمەتجانمۇ ئۆزىنىڭ ئىپادىسى بىلەن بۇ كۇماندىسنىڭ ئاساسلىق ئالدى ھۇجۇمچىسى بولوپ تاللاندى. گۇاڭجۇ كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇنىڭ ئۇرغان بىر توپى بىلەن شىنجاڭ كۇماندىسى تۇنجى غەلبىنى قولغا كەلتۇردى. كەينىدىنلا  خىنەن،بىيجىڭ كۇماندىللىرىغا ئارقا –ئارقىدىن توپ ئۇرۇپ شىنجاڭ كۇماندىسىنى يىتەكلەپ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. يىرىم ھەل قىغۇچ مۇسابىقىدە خاڭجۇ كۇماندىسىنى نوقتا توپتا يىڭىپ،ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدا شەندوڭ لۇنىڭ كۇماندىسىغا بىر توپ بىلەن يىڭىلىپ قىلىپ مەمىلىكەت بويىچە ئىككىنچى بولوپ قايتىپ كەلدى.2011 -يىلى 4-ئايدا مەملىكەتلىك 7-نۇۋەتلىك شەھەرلەر ئارا تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبولدا ئالدىن تاللاش تۈرى مۇسابىقىسى ۋۇخەندە ئىلىپ بىرىلدى.سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋى كۇماندىسى ئۇرۇمچى شەھرىگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشتى. ۋۇخەن رايۇنىدا يەنە كۇچلۇك كۇماندىلاردىن شاڭخەي دوڭيا كۇلۇبىنىڭ 17ياشلىقلار كۇماندىسىمۇ بار ئىدى.بۇ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدا ئەخمەتجان كۈچلۇك شاڭخەي كۇماندىسىغا بىر توپ ئۇرۇپ دەسلەپكى غەلبىنى قولغا كەلتۇرۇشكە ئاساس سالدى.كەينىدىنلا چوڭچىڭ كۇماندىسىغا ئارقىمۇ ئارقا ئۈچ توپ ئۇرۇپ ئۇرۇمچى كۇماندىسىنىڭ مۇددەتدىن بۇرۇن  گۇرۇپپىدىن چىقىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىغا ئۆزىنىڭ تۆھبىسىنى قوشتى. `7A@\Ha3  
f5-={lUlIS  
2011-يىلى 6-ئايدا قازاقىستاننىڭ  ئاستانا شەھرىدە ئىلىپ بىرىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ئەللەرنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىدە جۇڭگۇ كۇماندىسى ئەزاسى سۈپىتىدە قاتناشتى.ئىككىنچى مەيدان قازاقىستان كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئەخمەتجان بىر توپ ئۇرۇپ بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.ئاخىرقى ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە تاجىكىستان كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە  سەپداشلىرى بىلەن ياخشىش ماسلىشىپ يەنە بىر توپ ئۇرۇپ ئىككىگە قارشى تۆت بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۈچىنچىلىكىنى قولغا كەلتۈردى.2011-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە گۇاڭجۇدا چوڭچىڭ، گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەن،گۇاڭجۇ كۇماندىللىرى قاتناشقان تەكلىپ مۇسابىقىسىگە شىنجاڭ كۇماندىسى ئەزاسى سۈپىتىدە قاتناشتى. 14-چىسلا چوڭچىڭ كۇماندىسى بىلەن ئىككىدە ئىككى بولوپ تەڭلەشتى.بۇ مەيداندا ئەخمەتجان بىر توپ ئۇردى.16-چىسلادىكى مۇسابىقىدە دۇڭگۇۋەن شەھرىنىڭ كۇماندىسىنى ئىككىگە قارشى بىر بىلەن يىڭىۋالدى.17-چىسلا گۇاڭجۇ كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىرگە قارشى ئۈچ بىلەن يەنە غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.بۇ مەيداندىمۇ ئەخمەتجان،يەنە بىر توپ ئۇردى.19-چىسلادىكى  مۇسابىقىدە دۇڭگۇەن ئىككىنچى كۇماندىسىنى يىڭىپ بۇ قىتىمقى تەكلىپ مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن چىقتى.2011-يىلى8-ئاينىڭ15-كۈنى ئۇرۇمچىدە قازاقىستاننىڭ ئىككى كۇماندىسى بىلەن شىنجاڭ  سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ ئىككى كۇماندىسى بىر قىتىملىق دوسلۇق مۇسابىقىسى ئىلىپ باردى.بۇ مۇسابىقىدە ئەخمەتجان ئۈچ توپ ئۇرۇپ ھۇجۇم سىپىدىكى جاسارىتىنى نامايان قىلدى.بۇ مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن 9-ئايدا ئىچكىرىدە ئىلىپ بىرىلىدىغان بىر قىتىملىق مۇسابىقىگە تەييارلىقنى باشلىۋەتتى. 5b'S~Qj#r$  
;$Jvqq|T  
(داۋامى بار)
بىز باش ئەگمەيمىز.....
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

UID: 783
جەۋھەر: 3
يازما: 6905
شۆھرەت: 7483 نۇمۇر
پۇل: 3821 سوم
تۆھپە: 126 نۇمۇر
ياخشى باھا: 180 نۇمۇر
توردا: 3143(سائەت)
تىزىملاش: 2007-10-18
ئاخىرقى: 2011-10-11
1  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-22 13:15

مانا مۇشۇنداق تالانىتلىق باللىرىمىز نۇرغۇن....لىكىن بۇلارنى ئەمىلى كۈزگە  كۈرۈنگىدەك مۇسابىقىلەرگە  سالسا  ياخشى بۇلاتتى...نەدە  يۇشۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان مۇسابىقىلەرگە  سىلىپ قۇيۇپ يەنە جىممىدە  يۇقاپ كىتىدىكەن... O;BPd:<  
ئەمدى 20گە  كىرىپتۇ ئىستىقبالىمۇ باتتىكەن...ئۈزىنى كۈرسىتىدىغان چۇڭ سەھنە بۇلغان بۇلسا تىخىمۇ ياخشى بۇلاتتىكەن..
سۈيىمەن سىنى ئۇيغۇر....
كوماندا باشلىقى
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

UID: 7190
جەۋھەر: 3
يازما: 724
شۆھرەت: 1719 نۇمۇر
پۇل: 102513 سوم
تۆھپە: 17 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردا: 336(سائەت)
تىزىملاش: 2008-12-22
ئاخىرقى: 2011-10-11
2  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-22 13:15

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۈمۈدلىك ياشلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ھەمىمىز ئۈمۈد قىلىمىز ! ey\m)6A$  
بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز !!!!!
بىز باش ئەگمەيمىز.....
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

UID: 783
جەۋھەر: 3
يازما: 6905
شۆھرەت: 7483 نۇمۇر
پۇل: 3821 سوم
تۆھپە: 126 نۇمۇر
ياخشى باھا: 180 نۇمۇر
توردا: 3143(سائەت)
تىزىملاش: 2007-10-18
ئاخىرقى: 2011-10-11
3  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-22 13:17

ئا  رەسىم كاتتا چىقىپتۇ ھە...مەيداندىكى ھەممىسى ئۇيغۇر  پوتبۇلچى كىيۋالغان كىيىم 0%s3Mp6H  
جۇڭگۇ دۈلەت كۇماندىسنىڭ كىيىمى ...ھا ھا ھا  مۇشۇنداق بۇلسا  ياراشقىدەك...
سۈيىمەن سىنى ئۇيغۇر....
***
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

UID: 4469
جەۋھەر: 1
يازما: 2358
شۆھرەت: 3659 نۇمۇر
پۇل: 279840 سوم
تۆھپە: 26 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردا: 1970(سائەت)
تىزىملاش: 2008-07-06
ئاخىرقى: 2011-10-08
4  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-22 13:18

كەلگۈسىدىكى ئۈمىد يۇلتۇزى r@iASITX  
قەدىمىڭنى توختاتمىغىن، ھەممىمىزنىڭ كۆزى سەندە
ھەق يولىدىن ئۆزگە تاللىشىم يوق
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 8221
جەۋھەر: 4
يازما: 3453
شۆھرەت: 6225 نۇمۇر
پۇل: 317009 سوم
تۆھپە: 52 نۇمۇر
ياخشى باھا: 63 نۇمۇر
توردا: 663(سائەت)
تىزىملاش: 2010-10-16
ئاخىرقى: 2011-10-11
5  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-22 13:28

ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولسۇن بۇ يىگىتنىڭ.....
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ھەۋەسكار پۇتبولچى
UID: 1493
جەۋھەر: 0
يازما: 553
شۆھرەت: 539 نۇمۇر
پۇل: 6263 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 242(سائەت)
تىزىملاش: 2008-01-24
ئاخىرقى: 2011-10-06
6  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-22 13:38

مۇشۇنداق چاقناۋاتقان ئەزىمەتلىرىمىزنى بىزگە تونۇشتۇرۇپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت   jrMe G.e=D  
g(ogXA1  
داۋاملىق تىرىشقىن ئۇيغۇر ئەزىمىتى
تەن ساقلىق زور بايلىق، ئۇششۇق مەستانىلەردىن نېرى تۇرايلى!
خەير-ھەممىدىن ۋاز كەچتىم.
مەن توردا يوق !
دەرىجە: كوماندا باشلىقى

UID: 7967
جەۋھەر: 3
يازما: 5315
شۆھرەت: 5892 نۇمۇر
پۇل: 276776 سوم
تۆھپە: 85 نۇمۇر
ياخشى باھا: 52 نۇمۇر
توردا: 1183(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-02
ئاخىرقى: 2011-10-05
7  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-22 13:41

ئەسلى قازىدىغان بولساق مۇشۇنداق كۆمۈلۈپ قالغان ئالتۇنلار زادى كۆپ... :#~U 
20 ياش بولغاندىكىن دۆلەت كوماندىسىغا ئالسا بولاپتىكەن
كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئۇيغۇر بۇتبول
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ھەۋەسكار پۇتبولچى
UID: 9341
جەۋھەر: 0
يازما: 380
شۆھرەت: 392 نۇمۇر
پۇل: 102100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 174(سائەت)
تىزىملاش: 2011-08-04
ئاخىرقى: 2011-10-11
8  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-22 14:04

ئوگۇل     
C.Ronaldo
ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا...
مەن توردا يوق !
دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى
UID: 7037
جەۋھەر: 0
يازما: 635
شۆھرەت: 700 نۇمۇر
پۇل: 103590 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 292(سائەت)
تىزىملاش: 2008-11-23
ئاخىرقى: 2011-10-11
9  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-22 14:10

بۇ بالىلارنى كەچكىچە دوسلۇق مۇسابىقسگە سالماي رەسمىي مۇسابىقىلەرگە سالسا بۇلاتتى .
20737279  بارسىلونا مەستانلىرى توپ نۇمۇرى .
ئەپچىللىك+ تىزلىك+كەمتەرلىك=م
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول مەستانىسى
UID: 9305
جەۋھەر: 0
يازما: 130
شۆھرەت: 472 نۇمۇر
پۇل: 100358 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
توردا: 73(سائەت)
تىزىملاش: 2011-07-25
ئاخىرقى: 2011-10-11
10  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-22 14:15

مۇشۇنداق باللانىڭ جۇڭگۇ پوتبولچىلىقىدا كۆزگە كۆرۈنگۈسى
مادىرىت سەن بىر تارىخ!
مەن توردا يوق !
دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى

UID: 9361
جەۋھەر: 1
يازما: 918
شۆھرەت: 1658 نۇمۇر
پۇل: 4842 سوم
تۆھپە: 6 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردا: 214(سائەت)
تىزىملاش: 2011-08-09
ئاخىرقى: 2011-09-27
11  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-22 14:47

يەنە شۇگەپ شىنجاڭدا بىر مۇنتىزىم كۇلۇپ بولغان بولسا بۇنداق بالىلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىدا گەپ يوقتى!