
2011-يىللىق ئاسىيا بوكس چېمپىونلۇقى 5-تومۇزدىن 12-تومۇزغىچە كورىيەنىڭ ئېچېىئون شەھىرىدە ئۆتۈزۈلدى. بۇ مۇسابىقە ئاسىيادىكى ئەڭ كۈچلۈك بوكس مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇسابىقىغىگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بوكس كوماندىسىنىڭ ھازىرقى نەيزىچىسى مۇھەممەدتۇرسۇن چوڭ مەملىكىتىمىزگە ۋاكالىتەن 69كىلوگرام ئېغىرلىق كاتوگورىيەسى بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشتى.
مۇھەممەد تۇرسۇن چوڭ بىرىنچى كۈنى ساھىبخان كورىيە كوماندىسىنىڭ بوكسورى بىلەن جەڭ قىلىپ 23:12نومۇر پەرقى بىلەن تۇنجى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. ئىككىنچى مەيدان ئېلىشىشتا فىلىپىن ماھىرى ۋىلفىرېدو لوپېزنى 21:8نومۇز بىلەن مەغلۇپ قىلدى. 3 كۈنلۈك يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىمۇ مۇھەممەد تۇرسۇنغا قېيىن توختىمىدى. ئۇ مۇڭغۇلىيە ماھىرىنى 29:10بىلەن يېڭىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا ھەل قىلغۇچ جەڭگە كىردى. بۈگۈن يەنە 12-تومۇز چۈشتىن كېيىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىە ئىچىئون تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى. 69كىلوگراملىقلار سەھنىسىدە پالۋىنىمىز مۇھەممەد تۇرسۇن چوڭ بىلەن قازاقىستان ماھىرى رۇستەم سۋايېۋ ئېلىشتى. 3 رائۇند جىددى جەڭدىن كېيىن ئاخىرى مۇھەممەد تۇرسۇن 24:19نەتىجە بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، يېڭى نۆۋەتلىك ئاسىيا بوكس چېمپىيونلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشتى.
بۇ قېتىملىق ئاسىيا بوكس مۇسابىقىسدە جوڭگو ماھىرلىرى 52كىلوگراملىقلاردا چاڭ يوڭ، 60كىلوگرامدا لىيۇ چىياڭ ۋە 69كىلوگرامدا مۇھەممەد تۇرسۇن چوڭ 3 ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ ئومومى نەتىجىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشى . بۇنىڭدىن جۇڭگو بوكىسچىلىقىنىڭ ئاسىيادا ئەڭ كۈچلۈك ئورۇنغا چىققانلىقى جەزىملەشتى...جۇڭگونىڭ داڭلىق ماھىرى جوۋشىمىن بۇ مۇسابىقىغە قاتناشمىدى. ئاسىيا تەنھەركەت يېغىنىنىڭ چېمپىيونى ۋە بېجىڭ ئولىمپىكىنىڭ كۈمۈش مىدالىغا ئېرىشكۈچىسى +91كىلوگراملىقلاردىكى كۈچلۈك بوكسچى جاڭ جېلى يېرىم ھەل قىلغۇچتا قازاقىستان ماھىرىغا يېڭىلىپ قالدى.
مەنبەسى:
http://www.gullug.com/viewthread.php?tid=5292http://en.wikipedia.org/wiki/2011_Asian_Amateur_Boxing_Championshipshttp://www.aiba.org/en-US/news/ozqsp/newsId/4064/news.aspx[ بۇ يازمىنىnasinدە2011-08-13 01:23قايتا تەھرىرلىدى ]