ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى ahmat007دە2011-08-05 10:17يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ياخشى خەۋەركەن

دوستۇم جاپا تارتىپسىز
ئامال بار مۇنبەرنىڭ خاسلىقىنى ساقلىساق بولاتتى
نىمانداق تېتىقسىز گەپ بۇ ، سىز ساقمۇ يا ؟؟؟ چىژلىقتۇ ؟؟؟
ئادەتتە قارىسا ۋاي ئۇيغۇرۇم ، ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن ئۆلىمەن ... دەپ كېتىمىز ، ئەمدى بىر ئەزىمىتىمىز 1مىلىيارد 300 مىلىيۇن ئادەمدىن 16 ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرىپ ، جان تىكىپ ئويناپ ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قەددىنى تىك تۇتۇپ مەغرۇر ياشىشى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتسا ...
مۇنبەر دېگەنگە مۇشۇنداق خەۋەرنى يوللىمىسا قانداق خەۋەرنى يوللايدۇ ئەمىسە ؟؟؟ پۇتبۇل ، ۋاسكىتبول ، ۋالىبول ھەممىسى چوڭ توپ تۈرلىرى ھېساپلىنىدۇ، ۋاسكىتبولغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرنى يوللاپ قويسا نېمە بوپتۇ ؟ ياكى مۇنبەر قوللانمىسىدا چوقۇم پۇتبۇلغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلا يوللايسەن دەپ بارمىكەن يا ؟ ئالدىنقى كۈنلەردىمۇ شىنجاڭ كالتەك توپ كوماندىسىنىڭ كاتتا خوش خەۋەرلىرى تارقالغان چاغدا ھەمممىز شۇنداق خۇشاللىقلارغا چۈمدۇققۇ ! بىرەر خەۋەر ئارتۇق كەتكەنگە مۇنبەرنىڭ بىلى ئوشتۇلۇپ كېتەمدىكەن يا ؟!
بەزىدە قاتتىق ھەيران قالىمەن ، مۇشۇ مۇنبەردە ئاجايىپ ماڭقۇرۇت ئادەملەر بار ... ئاتا- بوۋىسى كۆرۈپ باقمىغان ، چەتئەللەردىكى دادا باشقا ، ئانا بۆلەك ئاللىكىملەر ئۈچۈن شالىنى ئىقىتىپ ، ئۇلارنىڭ ئانچىكىم خەۋەرلىنى تىڭتىڭلاپ قالسا ، ئالتۇن تېپىۋالغاندەك بولۇپ ، نەچچە كۈنگىچە ئۆزىدىن پەخىرلىنىپ يۈرۈيدىغان ، ئۇلارنىڭ كىملەر بىلەن ئاشنا ئويناپ تۇتۇلۇپ قالغانلىقى ، قانداق پايپاق كەيگەنلىكى ، يۈزىنى يۇماي كوچىغا چىققانلىقى ... دېگەندەكلەرنى تىپىۋالسىغۇ بولدى ، نەچچە ۋاخلارغىچە ھوزۇرلىنىپ يۈرۈشىدۇ ... خۇددى ئاچىسىنىڭ ئىرىدەك ...
ئۆزىنى چوقۇنىدىغان مەبەۇدىغا مۇناسىۋەتلىك پايدىسىز گەپ - سۆزلەر بولۇپ قالسىغۇ مۇنبەر پۇراپ كېتىدۇ ، بىر - بىرسىنى تىللاشقان ، غاجاشقان ، ھاقارەتلەشكەن گەپلەرنىڭ سېسىقلىقىدىن ...
بولدى سۆزلىمەي ... بىكار ئۇلۇغ ئاي ، ئۇلۇغ كۈنلەردە ئۆزۈمگە ئوشۇق گۇناھ ئارتىۋالماي...