C#V_Gb N\"Hf=Y(~ يېڭى بىر نوۋەتلىك دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسى باشلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ ، بۇرۇن ئوتكۇزۇلگەن دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسدا نۇرغۇنلىغان پۇتبول چولپانلىرى پۇتبول مەيدانىدا ئۇزىنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن بىزگە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى ،شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان يېڭى بىر ئەۋلات ياش چولپانلار يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ، ،ئەينى چاغدا يەنى 2002-يىلى ياپۇنيە ۋە كورىيەدە ئوتكۇزۇلگەن دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسدا ئۇزىنىڭ چاققان ھەركەتلىرى، شۇنداقلا ياخشى ئىپادىسى بىلەن پۇتۇن دۇنيا توپ مەستانىلىرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان بىر قاپقىچى بار ،يەنى ئۇ بولسىمۇ تۇركىيە دولەت كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى روستو رەھبەر ،ئارلىقتىن 9-يىل ئۇتۇپ كەتتى لېكىن شۇ چاغدىكى روستو رەھبەرنىڭ قېشىنىڭ ئاستىغا سىزىق سىزىپ قاپقا ئالدىدا خۇددى قاپلاندەك تۇرغان تۇرقى نۇرغۇنلىغان توپ مەستانىلىرنىڭ كوز ئالدىدىن ھازىرمۇ كەتمەيدۇ،شۇڭۇلاشقا بۇ قاپقىچىنىئ يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۇتەيلى.
TNDp{!<|L;
"/G]M& wV\7 ئىسمى :روستو رەھبەر
:IX,mDO دولىتى:تۇركىيە
O1@3V/.Wu تۇغۇلغان ۋاختى:1973–يىل 5-ئاينىڭ 10 كۇنى
#eF,*
d ئىگىزلىگى:1 مىتىر 87 سانتا
e,xJ%f ئېغىرلىغى:76 كىلو
{Mb2X^@7 كۇلۇبى:بېشىكتاس«تۇركىيە»
0}YadNb7 كوماندىدىكى ئورنى:قاپقىچى
JvEW0-B^l, بۇرۇنقى كۇلۇبى:ئانتاليا تەنتەربىيە كوماندىسى،بارىسلونا،فەنەر باغچە كوماندىسى،
Dw 5Ze ئىرىشكەن شان شەرىپى:تۇركىيە بىرلەشمىسىدا 1994-1995 ،2000-2001 ،2004-2005 ،2006-2007 ،2008-2009 يىللىرى جەمى 5 –قېتىم تۇركىيە بىرلەشمىسى چىمپىيۇنى،2008-2009 يىللىرى تۇركىيە لوڭقىسى چىمپىيۇنى ،2002 –يىلى دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدا 3 چى،2008 –يىلى ياۋرۇپا پۇتبول مۇسابىقىسىدا 3 چى بولغان،
s'd\"WaQV
_,v>P2) كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتى:
4#t=%} روستو رەھبەر 1991- يىلى تۇركىيە بىرلەشمىسىدىكى ئانتاليا تەنتەربىيە كوماندىسىدا ئۇزىنىڭ كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتىنى باشلىغان، يەنى بۇ كوماندىدا 2 پەسىل توپ ئوينىغاندىن كېيىن ئۇزىنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن نۇرغۇن داڭلىق كۇلۇپلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان، 1994 – يىلى بىرلەشمىدىكى يەنە بىر كۇچلۇك كوماندا فەنەر باغچە كوماندىسى روستو رەھبەرنى كۇلۇپقا يوتكەپ كەلگەن ،روستۇ رەھبەر فەنەر باغچە كوماندىسىدا جەمى 241 مەيدان مۇسابىقىغا قاتناشقان ،شۇنداقلا بۇ مەزگىلدە ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان.
?!$Dr0r
C!nbl+75 2003-يىلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى داڭلىق كوماندا بارىسلونا بۇ قاپقىچىنى كۇلۇپقا يوتكەپ كەلگەن ،دەسلەپكى 4 مەيدان مۇسابىىقىدە ،روستو رەھبەرنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغان،كېيىن ئارقا –ئارقىدىن يارلىنىش سەۋەبىدىن مەيدانغا چىققان قېتىم سانى ئازلاپ ،ئاخىردا ئۇزىنىڭ ئاساسلىق ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويغان، ،بارىسلونادا 2003 -2004 يىلدىكى مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقانىدىن كېيىن، روستو ئوز دولىتىدىكى مەستانىلەرنىڭ كۇچلۇك تەلىۋى شۇنداقلا بارىسلونا كۇلۇبىغا ماسلىشالماسلىق سەۋەبىدىن ،يەنە فەنەر باغچە كوماندىسىغا يېنىپ كەلگەن.2008 يىلى تۇركىيەدىكى يەنە بىر ئەنئەنىۋى كۇچلۇك كوماندا بېشىكتاس كۇلۇبىغا يوتكىلىپ بارغان،ھازىرغا قەدەر شۇ كۇلۇپتا،
E(z|LS*3
6JeAXj1g+ روستو رەھبەرنىڭ تۇركىيە دولەت كوماندىسىدكى ئىپادىسمۇ ناھايىتى ياخشى بۇلۇپ،دولەت كوماندىسىئ ئۇچۇن، جەمى 118 مەيدان مۇسابىقىغا قاتناشقان .بۇلۇپمۇ 2002 –يىلى ياپۇنيە ،كورىيەدە ئۇتكۇزىلگەن دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسدا، ئۇزىنىڭ چەبدەس ھەركەتلىرى بىلەن قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى بولغان توپلارنى تۇسۇپ ،پۇتۇن دۇنيا توپ مەستانىلىرنى ھەيران قالدۇرغان،شۇنداقلا شۇ قېتىمقى دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسدا تۇركىيە دولەت كوماندىسىنىڭ 3 چى بۇلۇشىغا زور توھپە كورسەتكەن.
a[,p1}!_
Ji1# >;& 2008 –يىلدىكى ياۋرۇپا پۇتبول مۇسابىقىسدا روستو رەھبەر تاللاش مۇسابىقە جەريانىدا يارلانغانلىغى ئۇچۇن ،ئىككىنچى نۇمۇرلۇق قاپقىچى ۋورقان مەيدانغا چىختى ،گۇرۇپ مۇسابىقىسىدا بۇ قاپقىچىنىڭ ئىپادىسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى،لېكىن چوڭ مۇسابىقە تەجىربىسى ئاز بۇلۇش سەۋەبىدىن ،4كۇچلۇققا كىرىش باسقۇچىدا قىزىل كارتا بىلەن مەيدانىدىن چىقىرېىتىلدى،ھەمدە بەلگىلمە بۇيىچە كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتىمۇ يوق بولدى، پۇتۇن دۇنيا شۇنداقلا پۇتۇن تۇركىيە توپ مەستانىلىرى كوز تىكىپ تۇرغان مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، روستۇ رەھبەر يارىسى ساقايمىغان ھاللەتتە مەيدانغا چىقىپ، يەنە بىر قېتىم ئۇزىنى ئىسپاتلىدى،يەنى كىرودىيە بىلەن ئوينىغان مۇسابىقدە 121 مىنۇت بولغاندا ئۇزۇن پاستىن بىرنى بەردى ،كوماندا ئەزاسى سەمىخ بۇ توپنى ئۇرۇپ كىرگۇزدى،شۇنىڭ بىلەن تەڭ پۇتۇن تۇركىيە توپ مەستانىلىرىنىڭ يۇرىگى جايىغا چۇشتى، لېكىن مۇسابىقە تېخى ئاخىرلاشمىغان ئىدى،چۇنكى بۇ چاغدا ئىككى تەرەپ تەڭلەشكەن بۇلۇپ،ئىككى كوماندىنى ئېچىنىشلىق بولغان نوختا توپ جېڭى كۇتۇپ تۇراتتى،ئاخىردا نوختا توپ جېڭدە روستو رەھبەر پېدرىكنىڭ تەپكەن توپىنى تۇسۇپ كىرودىيە كوماندىسنى شاللىۋەتتى،شۇ چاغدا مەيداندىكى نۇرغۇنلىغان توپ مەستانىلىرى بۇ ئەزىمەتكە ئالقىش ياڭراتتى،6-ئاينىڭ 25 كۇندىكى گېرمانىيە بىلەن بولغان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇركىيە ئەزىمەتلىرى پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشىپ ئوينىغان بولسىمۇ، ئاخىردا كۇچلۇك بولغان گېرمانىيە كوماندىسغا ئۇتتۇرۇپ شاللىنىپ كەتتى،بۇ مەيدان مۇسابىقىمۇ روستو رەھبەرنىڭ تۇركىيە دولەت كوماندىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىسى بۇلۇپ قالدى،يەنى دولەت كوماندىسىدىكى شانلىق دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 35 يېشىدا دولەت كوماندىسىدىن چىكىنىپ چىقتى،تۇركىيە دولەت كوماندىسدا زور توھپە كورسەتكەن بۇ بىر ئەۋلات داڭلىق قاپقىچىنىڭ تۇركىيە دولەت كوماندىسىدىكى پۇتبولچىلىق ھاياتى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى،پۇتۇن تۇركىيە توپ مەستانىلىرى قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ بۇ قاپقىچىنى ئۇزۇتۇپ قويدى،
\IE
uu^
pB]*cd B? تۇرمۇش تارىخى؛
$Y\7E/T 1993 –يىلى روستو رەھبەر قىز دوستى ۋە قىز دوستىنىڭ دوستى بىلەن ماشىنا ھەيدەپ كىتىۋىتىپ يولدا قارشى تەرەپتىن تېز سۇرئەت بىلەن كىلىۋاتقان چوڭ يۇك ماشىنىسىغا سۇقۇلۇپ،نەق مەيداندا قىز دوستى بەختكە قارشى بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۇلۇك خوشلاشقان، روستو ۋە يەنە بىر قىز ئېغىر يارلانغان ،بۇ ئىشتىن كېيىن روستۇ ئۇزۇنغىچە قىز دوستى ئۇچۇن قاتتىق قايغۇرغان،نەچچە يىلغىچە توي ئىشىنى ئويلاشمىغان،كېيىن يەنى 1997-يىلى ئەينى چاغدىكى لايىغىنىڭ قىز دوستى بىلەن بىر-بىرسىنى ياخشى كۇرۇشۇپ قېلىپ شۇ يىلى 4-ئايدا توي قىلغان،ھازىر روستو رەھبەرنىڭ بىر ئوغۇل ۋە بىر قىزى بار شۇ نداقلا تۇرمۇشى كۇڭۇللۇك ئوتمەكتە،
" YOl6n
PsS.lhj0"
QF22_D<.}J
t1$pl6&,
EY
c)v6[
.ezZ+@LI+#
|@f\[v9` 
[ بۇ يازمىنىتوپ تەپكۈچىدە2011-08-02 20:47قايتا تەھر ]