سىز بۇ تېمىنىڭ 4647 - ئوقۇرمىنى
تېما: ياپونىيە كوماندىسى چېمپىيون بولدى
رونالدو
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ھەۋەسكار پۇتبولچى
UID: 9185
جەۋھەر: 0
يازما: 375
شۆھرەت: 999 نۇمۇر
پۇل: 10 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردا: 158(سائەت)
تىزىملاش: 2011-06-22
ئاخىرقى: 2012-05-25
0  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-18 09:34

ياپونىيە كوماندىسى چېمپىيون بولدى

بېيجىڭ ۋاقتى 18-ئىيۇل سەھەر سائەت 2:45 دە، 2011-يىللىق دۇنيا ئاياللار پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى فرانكفورتتىكى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەيدانىدا باشلاندى. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئىككى تەرەپ — تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ياپونىيە كوماندىسى بىلەن ئىككى نۆۋەت دۇنيا ئاياللار پۇتبول لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ئامېرىكا كوماندىسى ئىدى. 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ تەڭلىشىپ (1:1) قالغاچقا، ۋاقىت ئۇزارتىلدى. لېكىن ئۇزارتىلغان 30 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ بىردىن توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى يەنە (2:2) تەڭلەشتۈردى. ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ نۇقتا توپ جېڭىگە چۈشتى. ياپونىيە كوماندىسى (نۇقتا توپ جېڭىدە 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن) ئومۇمىي نەتىجىدە 3 كە قارشى 5 نەتىجە بىلەن ئامېرىكا كوماندىسىنى يېڭىپ، تارىخىدا تۇنجى قېتىم دۇنيا ئاياللار پۇتبول لوڭقىسىغا ئېرىشتى. بۇ، ئاسىيا قىتئەسى كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا ئاياللار پۇتبول لوڭقىسىغا ئېرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇسابىقە باشلىنىپ 68 مىنۇت بولغاندا، ئامېرىكا كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى مورگان بىر توپ كىرگۈزدى. 79 مىنۇت بولغاندا ياپونىيە كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسى بېكىنىڭ سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، بىر توپ كىرگۈزۈۋالدى. 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە 1 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئاياغلىشىپ، ئىككى كوماندا ئۇزارتىلغان 30 مىنۇتلۇق مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردى. 103 مىنۇت بولغاندا، ۋام باخ سەپدىشى مورگاننىڭ ئەپچىللىك بىلەن بەرگەن پاسىنى زايە قىلماي، ۋاراتارغا كىرگۈزدى. ئەگەر مۇسابىقە مۇشۇ نەتىجە بىلەن ئاياغلاشسا، ئامېرىكا كوماندىسى چېمپىيون بولاتتى. بۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئۆز تارىخىدا 3-قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشى ھېسابلىناتتى. لېكىن ئىش ئۇلار ئويلىغاندەك ئاسانغا توختىمىدى. ئۇزارتىلغان مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا 3 مىنۇت قالغاندا، ياپونىيە كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى ساۋا بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى يەنە بىر قېتىم تەڭلەشتۈرۈۋالدى. 120 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئاياغلاشتى. ئىككى كوماندا نۇقتا توپ جېڭىغا قەدەم قويدى. ئامېرىكا كوماندىسى دەسلەپ مەيدانغا چۈشتى. بوكېسنىڭ تەپكەن توپى ياپونىيە ۋاراتارى تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى. كەينىدىن مەيدانغا چىققان ياپونىيە ماھىرى توپنى ناھايىتى چىرايلىق كىرگۈزدى. كىم بىلسۇن، ئىككىنچى بولۇپ مەيدانغا چۈشكەن ئامېرىكا ماھىرى ليودمۇ توپنى ۋاراتارغا كىرگۈزەلمىدى. ليودقا ئەگىشىپ ياپونىيە ماھىرىمۇ توپنى كىرگۈزەلمىدى. ئۈچىنچى بولۇپ مەيدانغا چۈشكەن ئامېرىكا ماھىرىمۇ توپنى كىرگۈزەلمىدى. لېكىن بۇ چاغدا ياپونىيە ماھىرى توپنى كىرگۈزدى. ياپونىيە كوماندىسى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. تۆتىنچى بولۇپ مەيدانغا چۈشكەن ئامېرىكا ماھىرى ۋام باخ توپنى چىرايلىق كىرگۈزدى. ئەمدىلىكتە مەيدانغا چۈشىدىغان ياپونىيە ماھىرى كۇماگا توپنى كىرگۈزەلىسىلا، ياپونىيە كوماندىسى چېمپىيون بولاتتى. سانسىزلىغان كۆزلەر ئۇنىڭغا تىكىلدى. كۇماگا سالماق قەدەملىرى بىلەن توپنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇ توپنى كىرگۈزسىلا، دۇنيا ئاياللار پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيانقى يەنە بىر يېڭى چېمپىيون، ئاسىيا قىتئەسىدىكى تۇنجى چېمپىيون بارلىققا كېلەتتى. لېكىن ئۇ توپنى كىرگۈزەلمىسىمۇ، ياپونىيە كوماندىسىغا يەنىلا پۇرسەت بار ئىدى. لېكىن كۇماگا بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىشنى خالىمىدى. توپ كىردى. ياپونىيە كوماندىسى ئارزۇسىغا يەتتى. مەيدان قىقاس-سادالىرىغا تولدى. يېڭى بىر كوماندا دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈردى. بۇ كوماندا دەل ئاسىيا قىتئەسىدىكى ياپونىيە كوماندىسى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياپونىيە ماھىرى ساۋا «ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتى»، «ئالتۇن توپ مۇكاپاتى» غىمۇ ئېرىشتى. ياپونىيە كوماندىسى چېمپىيون بولدى. ياپونىيە باش ۋەزىرى نائوتوكان بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ياپونىيە كوماندىسىنىڭ شۋېتسىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، «ياپونىيە كوماندىسى چوقۇم چېمپىيون بولىدۇ» دېگەنىدى. دېگەندەك باش ۋەزىرنىڭ قىياسى توغرا چىقتى. ياپونىيە كوماندىسى ياۋروپا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ: «تېخنىكا ۋە بەدەن ساپاسى ياخشى بولغان ئامېرىكا كوماندىسى ئالدىدا ياپونىيە كوماندىسى زىيان تارتىشى مۇمكىن. ئامېرىكا كوماندىسى ئەزەلدىن مۇھىم مۇسابىقىلەردە يېڭىلىپ باقمىغان، ياپونىيە كوماندىسىنىڭ يەنە تارىخ يارىتىش ئېھتىماللىقى بەكلا ئاز» دېگەن سۆزلىرىگە ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. ياپونىيە كوماندىسى يېڭى تارىخ ياراتتى. ئۇلار ئاسىيا قىتئەسىدىكى كوماندىلارنىڭ بۇ شەرەپكە ئېرىشەلمەسلىكىگە خاتىمە بەردى. شۇنداقلا، پۇتبول تەنھەرىكىتىنىڭ يالغۇز ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەلىرىگىلا مەنسۈپ ئويۇن ئەمەسلىكىنى پۈتكۈل دۇنياغا يەنە بىر قېتىم تونۇتتى.


مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈش
[ بۇ يازمىنىballack16دە2011-07-18 12:23قايتا تەھرىر ]
خەير-ھەممىدىن ۋاز كەچتىم.
مەن توردا يوق !
دەرىجە: كوماندا باشلىقى

UID: 7967
جەۋھەر: 3
يازما: 5861
شۆھرەت: 6466 نۇمۇر
پۇل: 372400 سوم
تۆھپە: 85 نۇمۇر
ياخشى باھا: 52 نۇمۇر
توردا: 1218(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-02
ئاخىرقى: 2012-02-12
1  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-18 10:20

ما پاكىنەكلەرنىڭ يامانلىقىنى    ئەجەپ بىر جايلاپتۇ دىسە  
ئالغا مادرىد
دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى

UID: 8994
جەۋھەر: 0
يازما: 938
شۆھرەت: 1086 نۇمۇر
پۇل: 2107 سوم
تۆھپە: 3 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 852(سائەت)
تىزىملاش: 2011-05-02
ئاخىرقى: 2012-06-08
2  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-18 10:23

ياپۇننىڭ خوتۇنلىرى دەھشەتقۇ بۇيىل.
تەن ساقلىق،زور بايلىق!
مەن توردا يوق !
دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى

UID: 6852
جەۋھەر: 0
يازما: 740
شۆھرەت: 1087 نۇمۇر
پۇل: 299191 سوم
تۆھپە: 75 نۇمۇر
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
توردا: 388(سائەت)
تىزىملاش: 2008-10-05
ئاخىرقى: 2012-06-08
3  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-18 10:32

مەن ئاخشام مۇسابىقە باشلىنىپ 20 مىنۇتتىن كىيىنلا ئۇخلاپ قاپتىمەن.  
مەن توردا يوق !
دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى
UID: 278
جەۋھەر: 0
يازما: 958
شۆھرەت: 658 نۇمۇر
پۇل: 416000 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردا: 436(سائەت)
تىزىملاش: 2007-06-06
ئاخىرقى: 2011-12-03
4  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-18 10:41

...مەن بۇرۇنلا بۇلارنىڭ چىمپىيۇن بۇلىشىنى 80% پەرەز كىلىپ بۇلغان. }m?L/Y'}  
لىكىن پۇتپول دىگەنگە ئالدىن ئالا نەتىجە چىقىرۋەتمەسلىك كىرەك.
مىلان سەن ھەممىدىن كۈچلۈك
مادىرىت چىمپىيۇن بولغىن!!
دەرىجە: پۇتبول مەستانىسى
UID: 9138
جەۋھەر: 0
يازما: 232
شۆھرەت: 281 نۇمۇر
پۇل: 172 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 169(سائەت)
تىزىملاش: 2011-06-07
ئاخىرقى: 2012-06-08
5  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-18 10:45

1999-يىلدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە تەكرارلىنىپتۇ.شۇ ۋاقىتتىمۇ ئىلىمىز كوماندىسى نوقتا توپتا ئۇتتۇرۇپ قۇيغان.بۇ قېتىم ياپۇنىيە كوماندىسى جوڭگۇ كوماندىسنىڭ ئۈچىنى ئېلىپ نوقتا توپتا ئۇتۇپ بۇ شەرەپكە ئىرىشىپتۇ .تەبىرىكلەيمەن.ئاسىيادىكى تۇنجى دۇنياچىمپىيۇنى بارلىققا كەپتۇ.
شىنجاڭ كوماندىسى  داۋاملىق  غەيرەت قىلىڭلار
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UID: 8643
جەۋھەر: 11
يازما: 4747
شۆھرەت: 14547 نۇمۇر
پۇل: 220643 سوم
تۆھپە: 158 نۇمۇر
ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
توردا: 2605(سائەت)
تىزىملاش: 2011-02-12
ئاخىرقى: 2012-06-08
6  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-18 11:36

ئەرلەر كوماندىسىدىن ئىلھام ئېپتۇ بۇلارمۇ
ئاغىزىڭنى يۇم!
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UID: 146
جەۋھەر: 0
يازما: 5155
شۆھرەت: 5286 نۇمۇر
پۇل: 333581 سوم
تۆھپە: 21 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 1906(سائەت)
تىزىملاش: 2007-05-17
ئاخىرقى: 2012-06-07
7  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-18 11:53

ئامېرىكىنىڭ خانىملىرى نىمە بۇلۇپ كەتكەندۇ يېغلىشىپ  
ئەزمەتلىرمىز سىلەر ئەڭ نوچى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

UID: 8401
جەۋھەر: 2
يازما: 3497
شۆھرەت: 4737 نۇمۇر
پۇل: 19 سوم
تۆھپە: 60 نۇمۇر
ياخشى باھا: 68 نۇمۇر
توردا: 1637(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2012-06-08
8  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-18 12:18

ياپۇنلۇقلار  ئاسىيا پۇتبولچىلغنىڭ ياخشى ئۈلگىسى           ما بىزنىڭ دۆلەتتكى خوتۇنلار قاچانمۇ بىر كۆتۈرەر لوڭقىنى    ،،،،،،         
يىگىت قەسەم قىلمايدۇ ،قىلغان ھەر بىر ئېغىز سۆزى قەسەم
ئېسىل كۆرۈنۈش
مەن توردا يوق !
دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى
UID: 2533
جەۋھەر: 0
يازما: 698
شۆھرەت: 708 نۇمۇر
پۇل: 414195 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
توردا: 355(سائەت)
تىزىملاش: 2008-03-02
ئاخىرقى: 2012-06-07
9  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-18 12:20

مۇبارەك بولسۇن            ياپۇنىيە ئاياللىرى دەھشەتقۇ
/attachment/photo/Mon_1112/2533c786e0f23aa4561.jpg
باللاك
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

UID: 3087
جەۋھەر: 1
يازما: 856
شۆھرەت: 572 نۇمۇر
پۇل: 211890 سوم
تۆھپە: 40 نۇمۇر
ياخشى باھا: 75 نۇمۇر
توردا: 815(سائەت)
تىزىملاش: 2008-05-19
ئاخىرقى: 2012-06-08
10  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-18 12:27

ياپۇنىيە ئاياللىرىنى تەبىرىكلەيمەن ! k5E2{&wZ  
I`{*QU  
مۇسابىقە تۈگەشكە ئاز قالغاندا نۇمۇرنى تەڭلەشتۈرۋالغان كوماندىنىڭ نوقتا توپتا ئۇتۇشى 100% ئىكەن.
بولدىلا
گېرمانىيە پۇتبولى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول مەستانىسى
UID: 7604
جەۋھەر: 0
يازما: 156
شۆھرەت: 223 نۇمۇر
پۇل: 399503 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 54(سائەت)
تىزىملاش: 2009-03-16
ئاخىرقى: 2012-04-29
11  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-18 12:41

بۇلارنىڭ ئەرلىرىمۇ دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيۇنى بۇلالايدۇ  دىسەم ئىشىندىغانلار  بارمۇ