سىز بۇ تېمىنىڭ 2116 - ئوقۇرمىنى
تېما: داڭلىقلار قامۇسى «ئارگىنتىنا پۇتبولچىلىقى»(مەزمۇت)
بىزپۇتبول قان سىېستىمىسىدىن
دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى

UID: 8404
جەۋھەر: 16
يازما: 971
شۆھرەت: 3355 نۇمۇر
پۇل: 3835909 سوم
تۆھپە: 60 نۇمۇر
ياخشى باھا: 154 نۇمۇر
توردا: 583(سائەت)
تىزىملاش: 2010-12-02
ئاخىرقى: 2011-10-11
0  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-07 18:38

داڭلىقلار قامۇسى «ئارگىنتىنا پۇتبولچىلىقى»(مەزمۇت)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما xamxad تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-07-07)
 ئارگىنتىنا  پۇتبولچىلىقىدىكى گىگانىت چولپانلار  بىر -بىرىنىڭ ئىزىنى تۇلۇقلاپ بۇگۇنگە ئۇلاشتۇرۇپ ئارگىنتىنا پۇتبولچىلىقىنى دۇنيا پۇتبولچىلىقىدا بەلگىلىك ئۇرۇنغا ئىلىپ چىقىپ ئارگىنتىنا  پۇتبولچىلىقىنىڭ بۇگۇنكى شانلىق سەھىپىسىنى يارىتىشقا ئاساس سالدى . ئارگىنتىنا  پۇتبولچىلىقىنىڭ  داڭلىقلار قامۇسىدامارادونا تىخنىكىنىڭ باشلامچىسى ۋە ئاساسچىسى بۇلۇش سۇپىتى بىلەن قامۇسنىڭ ئالدىدىن ئۇرۇن ئالدى ئۇنىڭدىن كىيىنكى يىتىشىپ چىققان باشلامچىلارمۇ  ئارگىنتىنا  دۆلەت كوماندىسنىڭ شانلىق دەۋرىگە ئىز بىسىپ مىڭىپ شانلىق غەلبىلەرنى قولغا كەلتۇردى . قىنى بىز  ئارگىنتىنا  پۇتبولچىلىقىغا ۋە دۇنيا پۇتبولچىلىقىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ ئەسلەش يۇزسدىن ئارگىنتىنا  پۇتبولچىلىقىدىكى داڭلىقلار قامۇسىنى قايتىدىن ۋاراقلايلى ! uZCPxog  
w~Aw?75 t  
مارادونا y2cYRHN[X}  
Pd)mLs Jg  
}"Clv /3_  
دۆلىتى :ئارگنتىنا   mb,\wZ  
ئىگىزلىكى :1.65   pLSh +*F  
ئىغىرلىقى:78   w{mw?0  
ئورنى ھۇجۇمچى k3K*{"z  
پۇتبولچى مارادۇنا دۇنيا دىكى تەسىردائىرسى ئەڭ چوڭ پۇتبول چولپىنى سۇپىتىدە پۇتبولچىلىق ساھاسىنىڭ يۇقىرى جايىدىن ئۇرۇن ئالغان  ئۇپۇتبولچىلىق ساھەسىدە ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن گىگانىت پۇتبول چولپىنى پۇتبول مەستانىلىرى ئۇنى بىردەم پەرىشتە بىردەم ئالۋاستى دەپ تەرىپلەپ كەلدى ئۇنىڭ پەرىشتە قىياپىتى پۇتبول مەيدانىدا ئەكىس ئەتكەن نۇمۇر ئىلىش ئقتىدارىنىڭ يۇقىرلىقى  ھۇجۇم سىپىنى بۇسۇپ كىرىش ئقتىدارى  كەسپى تىخنىكىسگە گەپ كەتمەيدۇ .1976-يىلدىن 1996-يىلغىچە بولغان كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتى ئارگىنتىنا ياشلار كوماندىسى .ئسپانىيە بارسىلونا كوماندىسى .ئىتالىيە ناپۇلىس كوماندىسى   ئسپانىيە سەۋىلىيا. ئارگىنتىنا  بوكا ياشلار كوماندىسى .قاتارلىق  كوماندىلاردا توپ ئويناپ  ئۇزىنىڭ پۇتبول ساھەسىدىكى ئۇچمەس ئىزلىرىنى قالدۇردى .  ئۇنىڭ پۇتبول مەيداندىكى ئىپادىسى بىلەن دۇنيا بۇيىچە ئەڭ كۆپ قوللۇغىچىغا  ئىگە پۇتبول چولپىنى ھىسابلىندۇ . مارادونا 2001-يىلى خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرپىدىن 20 -ئەسىردىكى ئەڭ ياخشى پۇتبولچى بۇلۇپ باھالاندى .  ئۇنىڭ پۇتبول مەيدانىدىكى ئوبرازى پۇتبولچىلارنىڭ  باشلامچىسى بۇلۇشقا تامامەن يىتەرلىك.مارادونا 1960-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى توغۇلغان بولۇپ ئىلگىرىكى ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ  پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپچىنىڭ بىرى . مارادونا پۇتبول مەيدانىدىكى «شاھىنشاھ »بولۇپ پۇتبول مۇنبىرى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ 1986-يىلى ئۈزىنىڭ ئاجايىپ يۇقىرى ماھارىتى بىلەن ئارگىتىنا دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن 2-قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 2008-يىلى ئارگىتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تىرىنىرلىقىغا چىقىپ 2010-يىللىق جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. لىكىن كىچىك گۇرۇپىپىدىن چىقىپ شاللاش مۇسابىقىسدە گىرمانىيگە ئىچىنىشلىق مەغلۇپ بۇلۇپ دۆلىتىگە قايتقان .دىياگو ئارماندو مارادونا  ئارگىبنتىنا كوماندىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋەر توپچىسى ئىدى. مارادونانىڭ مەيداندىكى ئورۇن ئېلىشى ياخشى، سول پۇت تېخنىكىسى ۋايىغا يەتكەن، توپ ئېلىپ مېڭىش تېخنىكىس ۋە تويۇقسىز بۈسۈپ كىرىش ئىقتىدارى پۇتكۈل دۇنيا خەلقىنى ھەيران قالدۇرغان بولۇپ كۆپ خىل ئىقتىدارى ۋە نۇمۇر ئېلىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغاچقا 1986-يىلى مارادونا يىتەكچىلىگىدىكى ئارگىتىنا كوماندىسى ئىككىنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشكەن aq)g&.dw?  
مارادونا  ئارگىنتىنانىڭ پايتەختى بوئىنۇس – ئايرىس شەھرىدە ۋىل- فىئول رايۇندىكى بىر كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن . 11 ياش ۋاختىدا ئارگىنتىنا ياشلار كۇلۇبى قارمىقىدىكى ئۆسمۈرلەر كوماندىسىدىلا كىچىك نام چىقارغان، بۇۋاقىتتا تىلۋىزۇر يوق دىيەرلىك ئىدى. مارادونا 14ياش ۋاختىدا ياشلار كولۇبىنىڭ بىرىنجى كوماندىسىغا يوقىرلاپ چىقىدۇ ۋە Aدەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقە تىزىملىكىگە كىرىدۇ  .ئارگىنتىنا ياشلار كوماندىسىدىكى 5يىل ئىچىدە مارادونا 166مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 116توپ كىرگۈزىدۇ. 1981-يىلى مارادونا بوكا ياشلار كوماندىسىغا ئالمىشىدۇ ۋە 40مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 28توپ ئورىدۇ ۋە ھاياتىدىكى بىرىنجى قېتىملىق بىرلەشمە لەۋھەسىگە ئېرىشىدۇ. مارادونا 1976-يىلى ھونگىرىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم دۆلىتىگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. 18ياش ۋاختىدا ئۇنىڭ ئالمىشىپ چۈشىشى بىلەن ئارگىنتىنا كوماندىسى 3دە 1نەتىجە بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ دۇنيا ياشلار كوماندىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشىدۇ @^T~W^+  
1982-يىلى مارادونا تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . تۇنجى ئايلانمىدا 0دە 1نەتىجە بىلەن بىلگىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ سالۋادۇر بىلەن ھونگىرىيەنى يېڭى گۇرۇپپىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىدۇ لىكىن يەنە بىر ئايلانمىدا چىمپىيۇن بولغان ئىتالىيە كوماندىسىغا 1دە 2نەتىجە بىلەن ۋە بىرازىلىيە كوماندىسىغا 1دە 3نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قۇيىدۇ، بىرازىلىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كىيىن مارادونا ئامالسىز دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلىشىدۇ .يازدا مارادونا ياۋرۇپا چوڭ قورۇقلۇقىغا كىلىپ ئىسپانىيە Aدەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى زەردار بارىسلونا كوماندىسىغا قوشۇلىدۇ. .  شۇ يىلى مارادونا بارىسلونا كوماندىسىنى يىتەكلەپ خان جەمەتى مادىرد كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنى ئالىدۇ.گەرچە شۇ ۋاقىتتا مارادونا 58مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 38توپ ئۇرغان بولسىمۇ لىكىن بارىسلونادىكى كۈنلىرى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. 1982-يىلى يىل ئاخىردا جىگەر ياللۇقىغا گىرىىپتار بولۇپ 3ئاي داۋالىنىدۇ، 1983-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى بىرباد كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قارشى تەرەپ ئۇنىڭ تىزىنى سۇندۇرۋىتىدۇ ، شۇ قېتىملىق يارىلىنىشتا مارادونا مىيىپ بولۇپ قالغىلى تاس قالىدۇ، بەخىتكە يارىشا 14ھەپتە ئىچىدە يارىسى تىزلا ئەسلىگە كىلىدۇ. شۇ سەۋەبدىن بارىسلونا كوماندىسى مارادونادىن رازى بولمايدۇ ۋە ئاخىرى 1984-يىلى ئىتالىيەدىكى نابرۇس كوماندىسىغا سېتىپ بىرىدۇ.شۇنىڭدىن باشلاپ مارادونا بۇيەردە كەسپى ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىدۇ ، يەنى 1986-1987ۋە 1989-1990- مۇسابىقە پەسىللىرى ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ،بۇ ۋاقىتلاردا مارادونا يەنە خەلىقئارالىق مۇسابىقىلەردىكى مەغرۇرلۇقىنى بىر قېتىم نامايەن قىلىدۇ، 1986-يىلى مارادونا يىتەكچىلىگىدىكى ئارگىتىنا كوماندىسى 1986-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ ۋە كوماندىنى يىتەكلەپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە رايۇنىغا باشلاپ كىلىپ چىمپىيۇنلۇقنى ئالىدۇ. مارادونانىڭ پۇتبول سەھنىسىدە ئىرىشكەن ۋە  پۇتبول مەيدانىدا قالدۇرغان ئۇنتۇلماس ئوبرازى بىلەن دۇنيا پۇتبول سەھنىسىنىڭ ئالدىدىن ئۇرۇن ئىلىشقا مۇناسىپ. !( >U3N  
7HkFDI()1  
ugNt7P,^  
دىېستىفانو %cLS*=MO  
o3V\   
JcUU#>  
<4+P37^ ~  
دۆلىتى :ئارگىنتىنا o`QNZN7/}  
تۇغۇلغان ۋاقتى :1926 -7-4 \P*_zd@%  
دېىستىفانو  پىلى ۋە مارادونا دەۋرىدىن ئىلگىرىكى پۇتبول مۇنبىرىدىكى تەسىرى ئەڭ زور شەخىس بۇلۇش سۇپىتى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتنى تارتقان .ئۇ ھەم مادىرىد تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ پۇتبول چولپىنى ھىسابلىندۇ eCYPd-d  
ئۇ مادىرىتقا ۋاكالىتەن 518 مەيدان مۇسابىقىدە 418 توپ ئۇرغان بۇلۇپ مادىرىدنىڭ تارىخى تۆھپىكارى ھىسابلىندۇ .ئۇ ئارگىنتىنادا تۇغۇلغان بۇلۇپ كىيىنچە ئسپانىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرگەن . #7 3pryXV  
1950-يىلى ئارگىتىنا 24ياشلىق سىتفانونى قوبۇل قىلمىغان، 1954-يىلى ئارگىنتىنا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە كىرەلمەيدۇ، 1956-يىلى سىتفانو ئىسپانىيە دۆلەت تەۋەلىگىگە ئۈتۈپ ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 4مەيدان تاللاش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ،لىكىن ئىسپانىيە 1958-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە كىرەلمەيدۇ، 1961-يىلى  سىتفانو ئىسپانىيە كوماندىسىنى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە يىتەكلەپ كىرگەن بولسىمۇ لىكىن يارىلىنىش سەۋەبىدىن مۇسابىقىدىن چىكىنىدۇ.1926-يىلى 7-ئاينىڭ 4- كۈنى دى سىتفانۇ ئارگىتىنا پايتەختى بوئىنۇس ئايرىس  شەھەر ئەتراپىدا بىر دىھقان ئائىلىسىدە توغۇلغان، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ دادىسى فىرانسىيەلىك، ئانىسىنىڭ ئانىسى ئەنگىليەلىك، دادىسىنىڭ ئاتاسى ئىتالىيەلىك، ئانىسى ئارگىنتىنالىق . سىتفانۇ 6ياش ۋاختىدىن باشلاپ توپ تىپىشكا باشلىغان . ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭو يىتىلىشى ناچار بولغاچقا تىنى ئاجىز ، ھەركىتى كىلەڭسىز بولغاچقا كىچىك دوسلىرىنىڭ مەسخىرە قىلىشىغا ئۇچرايتى. غۇرۇرى كۈچلۈك بولغان سىتفانو خۇپىيانە جاپالىق مەشىق قىلاتتى، كۈندە يۈگىرەپ بەدەن چېنىقتۇراتتى، شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئىلگىرلىشى ناھايىتى تىز بولۇپ قۇرداشلىرى ئارىسىدا ناھايىتى تىزلا ئۈزۈپ چىقىدۇ. 10ياش ئەتراپىدىكى ۋاختىدا ئۇنىڭ تېخنىكىسى ئەتىراپلىق يىتىشكەن بولۇپ ۋارىتارغا ئۇرغان توپىنىڭ توغىرلىق نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ ناھايىتى تىزلا شۆھرەت قازىنىدۇ.1943-يىلى دى سىتفانۇ دەريا قېنى كوماندىسىغا كىرىپ مەشىقنى باشلايدۇ، 4يىلدىن كىيىن دەريا قېنى 1-كوماندىسىغا چىقىدۇ ۋە كوماندىنىڭ ئاساسى كۈچى بولۇپ قالىدۇ.   ,B[j{sE  
1949-يىلى كولۇمبىيەنىڭ بوگۇتا مىليۇن زەردار كوماندىسىغا قوشۇلۇپ ئۇ يەردە ناھايىتى زور شەرەپ قازىنىدۇ،بىر قېتىمىلق بوگۇتا مىليۇن زەردار كوماندىسى بىلەن خانجەمەتى مادىرىد كوماندىسى ئوتتۇرىسدا ئېلىپ بېرىلغان دوسلۇق مۇسابىقىسىدە سىتفانۇ ئۆز ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ ، نەپىس پۇتبول ماھارىتى بىلەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ.  بوگۇتا مىليۇن زەردار كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كىيىن كولۇب خۇجايىنى سانىئوۋىرنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن سىتفانۇ بىر مەيدان «تالىشىش جېڭى»قاينىمىغا كىرىپ قالىدۇ. سانىئوۋىر نىمە ئۈچۈن چىداپ تۇرۇپ سىتفانۇدىن كىچىدۇ؟ ئەسلىدە  بوگۇتا مىليۇن زەردار كوماندىسى  توپچىلارنىڭ مۇئاشى كىنو چولپانلىرىنىڭ مۇئاشىدىنمۇ يۇقىرى بولغانلىق ئۈچۈن مەغرۇرلىنىپ كەتكەن. نۇرغۇنلىغان توپ چولپانلىرى بۇ كوماندىنىڭ بۇنداق كۈرەڭلىك ھالىتىگە چىقىپ قېلىشىنى ياقتۇرماي قائىدىلىك كولۇب ئالمىشىش ئوسۇلىغا خىلاپ ھالدا چەتئەلنىڭ ياردىمى بىلەن ئاخىرى خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرپىدىن ئۇلارغا مۇسابقىدىن چەكلەش جازاسى بەرگۈزگەن ئىدى. سىتفانۇنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن سانىئوۋىر ئۇنى ئىسپانىيىگە ئېلىپ بېرىپ ساقلاپ قالغان ئىدى. ئاۋۋال ھەرىكەتلەنگىنى بارىسلونا كولۇبى ئىدى، ئۇلار بىر قەدەم ئالدىدا سانىئوۋىرنىڭ سودىسىغا يۈرۈش قىلىپ سىتفانۇ ۋە كوماندا ئەزالىرى بىلەن كۈرۈشىدۇ. خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىمۇ كىيىن قالمايدۇ، ئۇلار ئاۋۋال ئارگىنتىناغا بېرىپ دەريا قېنى كولۇبى بىلەن پىكىرلىشىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا كولۇمبىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ چىققان بولغاچقا  بوگۇتا مىليۇن زەردار كولۇبى بىلەن توختام تۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ پەقەت ئارگىنتىناغا بېرىپ ئارگىنتىنا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئارقىلىق ئالاقىلەشكەندىن كىيىن ئاندىن توختام تۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئىككى چوڭ زەردار كولۇب بۇنىڭ ئۈچۈن جاڭجاللىشىپ ھارماي ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىمۇ قالايمىقان قىلىپ ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىمۇ ئىلاجسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىتفانۇنىڭ كەسكىنلىك بىلەن ئىككى كوماندىدىن بىرنى تاللاشتىن باشقا يول قالمايدۇ، لىكىن بۇ خىل ئوسۇل سىتفانۇ تەرپىدىن رەت قىلىنىدۇ. ئاخىرى تەكەببۇركوبالا بارىسلونا نى ۋاز كىچىشكە كۆندۈرىدۇ، خانجەمەتى مادىرىد كولۇبى ئاخىرى غەلبە قىلىدۇ. بارىسلونا كولۇبى بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق ئېچىنىدۇ. سىتفانۇ تۇنجى قېتىم مادىرىدكولۇبىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىقىپلا ئۈزى يالغۇچ 4توپ ئورۇپ بارىسلونا كوماندىسى ئۈستىدىن چوڭ غەلبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.مادىرىد كوماندىسىدا 510مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 413توپ كىرگۈزىدۇ، 5قېتىم ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن بولۇپ باھالىنىدۇ، ئىككى قېتىم ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالىنىدۇ،ئۇنىڭ ياۋروپا سەپىرى ناھايتى ئۇڭۇشلۇق بولغان دىيىشكە بۇلىدۇ .ئۇ پۇتبول مۇنبىرىدىكى ۋە مادىرىد تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس شەخىس . q#tUDxf(|  
hx9{?3#  
wXKtQ#o}  
بۇراچاگا `}EnY@*h  
vqSpF6F q  
pey=zR!  
دۆلىتى:ئارگىنتىنا F\m^slsu7=  
تۇغۇلغان ۋاقتى :1962-10-9 }bb,Iib  
ئۇ 1986-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسدىكى ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندسنىڭ  ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى 1986-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسدا گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسى ھەلقىلغۇچ مۇسابىقە ئوينايدۇ شۇ مۇسابىقىدە ئارگىنتىنا 3-2 نەتىجە بىلەن گىرمانىينى مەغلۇپ قىلىدۇ بۇرۇچاگ ھەلقىلغۇچ توپتىن بىرنى ئۇرۇپ ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسنىڭ چىمپىيۇن بۇلۇشنى قولغا كەلتۇرىدۇ ۋە ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسى ۋە ئارگىنتىنا پۇتبولچىلقىغا ئەڭ چوڭ تۆھپە قۇشىدۇ . ئۇنىڭ كەسپى جەھەتتىكى يۇقىرى پەللىسى مارادونا بىلەن بىردەۋىرگە توغرا كىلىدۇ .بۇرۇچاگا 1986-يىلىدىكى ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، شۇ نۆۋەتتىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئارگېنتىنا 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ مۇسابىقىدە ھەل قىلغۇچ 1 توپ كىرگۈزگەن. 1990-يىلىمۇ ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى ھەممە مۇسابىقىسىگە تولۇق قاتناشقان. 1983-يىلى مۇستەقىل كوماندىسى بىلەن بىللە ئارگېنتىنا بىرلەشمە چېمپىيونى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن . 1984-يىلى تويوتا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان1986-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى مارادوناغا مەنسۇپ، لېكىن بۇرۇچاگا بولمىغان بولسا شۇ ۋاقىتتا ئارگېنتىنانىڭ چېمپىيون بولالىشى ناتايىن ئىدى. شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا مارادونا بىلەن بۇرۇچاگا ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرغان مەزگىللىرى ئىدى، ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى ماسلىشىپ ئوينىغان مۇسابىقىسىمۇ شۇ نۆۋەتتىكى غەربىي گېرمانىيە بولغان مۇسابىقە بولدى، شۇ مەيداندا مارادونا ئىنتايىن چىرايلىق پاس بېرىپ بۇرۇچاگا ھەل قىلغۇچ توپنى ئۇرۇپ 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن غەربىي گېرمانىيىنى مەغلۇب قىلدى. بۇرۇچاگا 1962-يىلى تۇغۇلغان، 1982-يىلى 20 يېشىدا مۇستەقىل كوماندىسىغا قېتىلىپ 1983-يىلى ئارگېنتىنا بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىدۇ، ئازادلىق لوڭقىسىدا 6 توپ كىرگۈزۈپ ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى بولىدۇ ۋە لوڭقىغا ئېرىشىدۇ. 1984-يىلى يىل ئاخىرىدا تويوتا لوڭقىسىدا لىۋېرپولنى يېڭىپ چېمپىيون بولىدۇ، بۇ بۇرۇچاگانىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى دەسلەپكى يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ.1986-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ يەنە بىر يۇقىرى پەللىسىدۇر. كوماندىدا مارادونانىڭ بولۇشى سەۋەبلىك ئەسلى ئورنى ھۇجۇمچى بولغان بۇرۇچاگا داۋاملىق ئارقىغا يېنىپ ئوتتۇرا مەيدانغا كىلىپ قالاتتى، ئەكسىچە ھۇجۇم ۋەزىپىسىنى مارادونا بىلەن ۋالدانو ئۈستىگە ئالاتتى. بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىدا بۇرۇچاگا ئۆزىنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەدىكى ئالاھىدە ئىپادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ھەل قىلغۇچ توپ ئۇردى. 1990-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا ئارگېنتىنانىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بۇرۇچاگانى ئۆزىنى كۆرسىتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىر توپ ئۇردى، ھەل قىلغۇچتا ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولغاچقا كېيىنكى مەيداندا ئالماشتۇرۇۋېتىلدى، ئارگېنتىنامۇ ئاخىرىدا يەنە ئىلگىرىكىگە ئوخشاش مۆجىزە يارىتالمىدى1990-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن بۇرۇچاگانىڭ كەسپىي ھاياتى تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەندى. 1993-يىلى مارسېلنىڭ «ساختا توپ» دېلوسى يۈز بەرگەندە ۋارانسىئان كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتقان بۇرۇچاگامۇ بۇنىڭغا چېتىشلىق چىقىپ بىر يىل مۇسابىقىدىن توختىتىلدى. جازا توشقاندىن كېيىن ئارگېنتىنا بىرلەشمىسىگە قايتتى ۋە 1998-يىلى رەسمىي چېكىندى.ئۇنىڭ ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسغا قوشقان تۆھپىسى تارىخى سەھىپىسگە يىزىلىپ ئارگىنتىنا داڭلىقلار قامۇسدىن ئۇرۇن ئالدى . YO$Ig:a#  
S%iK);  
P~j#8cH7  
ۋالدانو 0~U#DTx0  
4fi4F1f  
74([~Qs _M  
دۆلىتى :ئارگىنتىنا y\??cjWb]  
تۇغۇلغان ۋاقتى :1955-10-4  ``/L18  
1955-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۇنى ئۇ ئارگىنتىنانىڭ راسپالياستا تۇغۇلغان بۇلۇپ .كىچىكىدە يەرلىك بىر كۇلۇپتا كەسپى مەشىقنى قۇبۇل قىلغان .1971-1975 يىلغىچە ئۇ ئارگىنتىنا قىرى يىگىت كوماندىسى كىينچە ئسپانىيە بىرلەشمىسدىكى ساراگوسا ۋە مادىرتقا قۇشىلىدۇ .ۋالدانو ئۇچۇن كەسپى ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسنىڭ بىرىسى 1984-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۇنى ھىسابلىندۇ .ئۇ بۇكۇنى مادىرىت بىلەن توختام ئىمزالىغان ئىدى . "yu{b]AU  
ئۇ مادىرىتتا 3 پەسىللىك ياخشى ئىپادىسى بىلەن ئسپانىيە بىرلەشمىسنىڭ چىمپيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۇرىدۇ .كىيىن 32 ياشلىق ۋالدانو جىگەر ياللۇغى كىسىلى بىلەن كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ .ۋە كىيىن تىرنىرلىق سەپىرىنى باشلايدۇ ۋە 1994-1995 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە مادىرىتنى يىتەكلەپ بىرلەشمىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۇرىدۇ . jwI2T$  
ئۇ 2 نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسغا قاتناشقان بۇلۇپ 1982-يىلى 2 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان 1984-يىلى 31 ياشلىق ۋالدانو كەسپى ھاياتىدىكى يەنىبىر بۇرۇلۇش نۇقتىسغا كىرىدۇ .ۋالدانو شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 7 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 4 توپ ئۇرىدۇ .ۋە شۇنۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسدا مۇھىم شەخىسنىڭ بىرسىگە ئايلىندۇ .ئۇ 1986-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسدا ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدە گىرمانىيە كوماندىسغا 55 مىنۇت بولغاندا بىرتوپ ئۇرىدۇ .دۇنيا لوڭقىسدا ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدە بىرتوپ ئۇرۇش ھەرقانداق بىرھۇجۇمچى ئۇچۇن ئاسان كەلمەيدىغان ئۇنتۇلماس مىنۇتلار ھىسابلىندۇ .ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىدا 1973-يىلى ئارگىنتىنا بىرلەشمىسنىڭ چىمپىيۇنى 1986 .1987 ئسپانىيە بىرلەشمىسنىڭ چىمپىيۇنى .1985-يىلى ئسپانىيە بىرلەشمىسنىڭ شاھلىق لوڭقىسى (مادىرىتتا )  1975-يىلى ئارگىنتىنا ياشلار كوماندىسىنى يىتەكلەپ دۇنيا ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسنىڭ چىمپىيۇنى بولغان .1986-يىلى دۇنيا لوڭقىسنىڭ چىمپىيۇنى بولغان مادىرىتقا ۋاكالىتەن 142 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان . ئۇ ئارگىنتىنا پۇتبولچىلىق تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس شەخىسلەرنىڭ بىرسى ھىسابلىندۇ . e|tx`yA  
]WMzWt:L  
r], %:imGr  
كېمپىس v2tVq_\AMx  
 
P84YriLo  
دۆلىتى :ئارگنتىنا o6^ETQ  
تۇغۇلغان ۋاقتى :1954-7-15 E5A"sB   
  ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ سابىق تېرنېرى مېنوتتى ئىلگىرى مەلۇم ماھىر ئۈستىدە توختىلىپ ؛ئۇ ئەزەلدىن.مەيداندىكى ئورنى ئۈستىدە تالاش تارتىش قىلمايدۇ ، بەلكى مەيداندىكى رولىغا ئالاھىدە دېققەت قىلىدۇ، بېكتە تۇرغان تەقدىردىمۇ ھۇجۇمچىغا ئوخشاش تىنىم تاپماي يۈگۈرۇپ مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىدۇ ..پۇتۇن كوماندىنىڭ ھۇجۇمى ۋە نۇمۇر ئىلىشىغا شارائىت يارىتىدۇ، ھەرگىز يىگانە ھەركەت قىلمايدۇ. ئۇ ھەقىقەتەن ئارگىنتىنانىڭ پەخرى .>> دىگەن... بۇ جايدا تىلغا ئىلىنغىنى باشقا كىشى ئەمەس دەل كېمپېستۇر B#hvw'}  
كېمپېس 1954-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئارگىنتىنانىڭ شىمالىدىكى كوردوبا ئۆلكىسىنىڭ كىچىك بىر يېزا بازىرىدا دۇنياغا كەلگەن... ئۇ كىچىكىدىنلا پۇتبولنى ياخشى كۆرەتتى ، ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن توپ سىتىۋىلىشقا چىقىش قىلالماي ئىچىملىك قۇتىلىرىنى تىپىپ ئوينايتى...مەكتەپتىن قايتقىچە ئالدىغا ئۇچرىغان قۇتىلارنى تېپىۋىرىپ ئاياقلىرى يىرتىلىپ كېتەتتى ، ئاپىسىنىڭ گىپى بويىچە <<تۇغۇلۇشتىنلا ئالدىغا ئۇچرىغان نەرسىلەرنى تېپىشكە ئامراق ئىدى.. كېمپېس ئۆزى شوخ بولسىمۇ ، ئۆزى غايىلىك ئىرادىلىك ئىدى.ئۇ كۈندىزى كىچىك دوستلىرى بىلەن توپ ئوينىسا ، كەچلىرى تېلۋىزوردىن پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرەتتى . برازىليە توپ چولپىنى پىلىنى كۆرگەندە ، چوڭ بولغاندا مەنمۇ بۇ شۇم قاغىدەك پۇتبول چولپىنى بولىمەن دەيتى.10 ياشقا توشقاندا ، دادىسى كېمپېسنى يۇرتىدىكى پۇتبول كۇلۇبىغا بېرىدۇ ھەم ئوغلىنىڭ مەشىق ۋە مۇسابىقىسىنى كۆرىدۇ . بەزىدە ئۆزىمۇ ئانچە - مۇنچە يىتەكلەيدۇ ، بۇ كېمپېسقا زور ئىلھام بولىدۇ . شۇم قاغا ئۇنىڭ قەلبىدىكى مەبۇدىسى بۇلۇپ ، سۈرئەتلىرىنى ئەرتىۋالاپ ساقلايتى ياكى ئۆيىگە چاپلىۋالاتتى . كېمپېس جاپادىن قورقمايتى . مەشىقتىمۇ ناھايىتى ئەستايىدىل ئىدى . شۇڭا تېرىنىرلار ئۇنى بەك ياخشى كۆرىتى . كېمپېس يۇرتىدىكى كوماندىدا تۇرغان يەتتە يىلدا ئاساسىي ماھارەتلەرنى ناھايىتى ياخشى ئىگەللەيدۇ . ئۇنىڭ توپ ئىلىشى ، پاس بېرىش ، توپ ئىلىپ مېڭىش ، توپ تالىشىش ، ۋارتاغا توپ ئۇرۇش ، باش بىلەن ئۈسۈش ماھارەتلىرى خېلى ۋايىغا يەتكەن . بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ سول پۇت ماھارىتى ئاجايىپ قالتىس ئىدى. v6DjNyg<x  
كېمپېس 17 يىشىدا ، كوردوبا داشۆ كۇلۇبىغا كىرىدۇ ھەم ئۆزى قاتناشقان 15 مەيدان مۇسابىقىدە 11 توپ كىرگۈزۈپ ، ماھارىتىنى نامايەن قىلىدۇ . 1972 - يىلى كۈزدە ، پايتەخىت بوئېنوس ئايرىستىكى داڭلىق مۇستەقەللىق كۇلۇبىغا ئىمتىھان بەرمەكچى بولىدۇ . بىراق مەزكۇر كۇلۇب ئەمەلدارى ئۇنى ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇش تۈگۈل ، تىزىمغا ئالدۇرۇشقىمۇ يول قويمايدۇ . كېمپېس مۇ زەربىدىن ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويمايدۇ . ئۆزىنىڭ قابىليىتى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن چوقۇم مۇنەۋۋەر پۇتبول چولپىنى بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ . 18 يىشىدا روسارىئو مەركىزىي كۇلۇبىغا قۇبۇل قىلىنىدۇ . دەسلەپكى بىرقانچە مەيدان مۇسابىقىدە ئۇنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمايدۇ . بەزىلەر ئۇنى مەسخىرە قىلىشىدۇ . بىراق كېمپېس ئۆزىنىڭ ۋارتاغا كىرگۈزگەن توپلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلايدۇ .1973 - يىلى كېمپېس دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىدۇ . 1974 - يىلى 34 مەيدان مۇسابىقىدە 29 توپ ، 1975 - يىلى ، 50 مەيدان مۇسابىقىدە 35 توپ ، 1976 - يىلى ، 22 مەيدان مۇسابىقىدە 21 توپ كىرگۈزۈپ ، ئۆزىنىڭ دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدىكى شۆھرىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچىدۇ >o13?-S%e  
1976 - يىلى كۈزدە ، كېمپېس ئالتە مىليون دوللار ئالمىشىش ھەققى بىلەن ئىسپانىيىنىڭ ۋالۇنسىيە كوماندىسىغا ئالمىشىپ بارىدۇ . ئۇ « ياۋرۇپاچە ئۇسلۇپ » قا ماسلىشىش ئۈچۈن ئىلگىركىدىنمۇ جاپالىق مەشىق قىلىدۇ . ئۇنىڭ بەدەن قۇۋىتى ياخشى ، سۈرئىتى تېز ، ماسلىشىش ئىقتىدارى ئاجايىپ بۇلۇپ ، ھەر قايسى كوماندا بېكلىرىنى ساراسىمىگە سالاتتى . ... ۋالۇنسىيە كوماندىسى شۇ دەۋىردە ئاجىز كوماندا بۇلۇپ ، كېمپېس كەلگەندىن كىيىن ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى سەككىز كوماندا قاتارىغا كىرگەن ، كېمپېس ئىككى پەسىلدە 56 توپ كىرگۈزگەن.مۇسابىقىدىن كىيىن كېمپېس ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر بۇلۇپ باھالىنىپ << ئالتۇن توپ مۇكاپاتى>> ۋە ئەڭ مۇنەۋەر نۇمۇر ئالغۇچى بۇلۇپ باھالىنىپ <<ئالتۇن ئاياق >>مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ 1982-يىلى ئېسپانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 12-نۆۋەتلىك دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ھەممىنىڭ كۆزى مارادونناغا تىكىلىدۇ ، تېرىنىرمۇ كېمپېسنى ھۇجۇمچى ئورنىدىن ئولتۇرا مەيدانغا يۆتكەيدۇ، نەتىجىدە ئىپادىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئۇ دۆلەت كاماندىسىدىن چىكىنىپ چىقىدۇ .. كېمپېس ئارگىنتىنا دۆلەت كاماندىسىغا ۋاكالىتەن 43 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 20 توپ كىرگۈزىدۇ uWClT):  
hTK6N  
"<5su5]  
9XSZD93L  
كانگىگئا ?*h 2:a$  
g8^YDrH  
)r^)e 4UI  
دۆلىتى :ئارگىنتىنا .*z Wm  
تۇغۇلغان ۋاقتى :1967-1-9 RZg8y+jM  
كانىگگىئا 1967 -يىلى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئارگىنتىنانىڭ ھېدسېن بازىرىدا دۇنياغا كەلگەن . 1985 - يىلى ئارگىنتىنادەرياقىنى كوماندىسىغا قۇبۇل قىلىنغان . 1987 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئامىرېكا قىتئەسى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە تېزلىكىۋە چاقماقتەك ھۇجۇمى بىلەن رەقىپلىرىنى تىترەتكەن ، گەرچە شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئارگىنتىنا كوماندىسى 3 - لىككەئېرىشكەن بولسىمۇ ، لىكىن كانىگگىئا پۇتبول مۇنبىردىكىلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ ھەم  <<قۇيۇن >>دىگەن نامغا ئېرىشىدۇ .. ئۇ ھەقىيقەتەنمۇ ياراملىق ھۇجۇمچى ، ئۇ تېز سۈرئەتتە يۈگۈرۋىتىپمۇ ۋارتاغا توپ ئۇرالايدۇ . چەكلەنگەن رايوننىڭ ئىچى سىرتىدا بولسۇن ئوخشاشلا كارامىتىنى كۆرسىتەلەيدۇ . گەرچە ئۇ سۈرئەتكە تايىنىدىغان ھۇجۇمچى بولسىمۇ ، باشقا جەنۇبىي ئامىرىكىلىق توپچىلارغا ئوخشاش پۇت ماھارىتى قالتىستۇر . ئۇ يۇقۇرقى ئالاھىدىلىكلىرى ھەم ھۇجۇم ئېڭىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىلار ھازىرلاشقا تىگىشلىك بارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغان.1988 - يىلىنىڭ بىشىدا ، كانىگگىئا ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن غەربىي بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن تۆت دۆلەتتەكلىپ مۇسابىقىسىغا قاتناشقاندىن كىيىن ، ئىپادىسىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن بىر مىليون 500 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى يۆتكىلىش ھەققى بىلەن ئىتالىيىنىڭ ۋېرونا كۇلۇبىغا ئالمىشىپ بارىدۇ .بىراق ئىتالىيىگە كىلىپلا ئاۋارەچىلىققا يولىقىدۇ ، يەنى كانىگگىئا ئارلاشقان بىر قىسىم ناخشا چولپانلىرى ۋە ئىقتىسادىيساھەدىكى زاتلار زەھەر سىتىش دىلوسىغا چىتىلىپ قالغانلىقتىن ، ساقچى تەرەپمۇ ئۇنىمۇ زەھەر چىكىش جىنايىتى بىلەنئەيىپلەيدۇ .. كىيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق گۇناسىز دەپ قارىلىپ قويۇپ بېرىلدۇ.1989 -يىلى كانىگگىئا ئاتلانتا كوماندىسىغا ئالمىشىپ كېلىدۇ . گەرچە ئۇ ھەربىر مەيدان مۇسابىقىگە ئەستايىدىل مۇئامىلەقىلىپ ، ھەر مۇسابىقە پەسلىدە نۇرغۇن توپ ئۇرغان بولسىمۇ . لىكىن كوماندىسىنىڭ كۈچى ئاجىز بولغاچقا نەتىجىسى تازاياخشى بولمايدۇ 1990 - يىلى ئىتالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇنىڭغا كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىدۇ ، گۇرۇپپا بويىچە ئىلىپ بېرىلغان تۇنجى مۇسابىقىدە ئارگىنتىنا كوماندىسى ئۇتتۇرۋەتكەن بولسىمۇ ، كانىگگىئاقۇيۇندەك تېزلىكى بىلەن قارشى تەرەپ بىكلىرىنى ھىلىدىن ھىلىغا ساراسىمىگە سالىدۇ . ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە كانىگگىئا بىۋاستە توپ ئۇرمىغان بولسىمۇ ، توختىماي يۈگۈرۈپ سەبداشلىرىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ ھەم ئارگىنتىناكوماندىسىنىڭ ئۇتۇپ 16 كۈچلۈك قاتارىغا كىرىشتە زور رول ئوينايدۇ.ئالدىنقى سەككىز كۈچلۈككە كىرىشتە ئارگىنتىنا كوماندىسى بىلەن برازىلىيە كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ ، مۇسابىقىدەبرازىلىيە كوماندىسى روشەن ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەيدۇ ، ئىككىنچى يېرىم مۇسابىقە باشلىنىپ 35 مىنوت بولغاندا ئارگىنتىناكوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇم تەشكىللەيدۇ . مارادونا توپنى ئىلىپ ئالېماۋ ، دۇنگا ۋە روچالاردىن ئۆتكەندىن كىيىن پايدىلىقئورۇندا تۇرىۋاتقان كانىگگىئاغا پاس بېرىدۇ ، كانىگگىئا توپنە ئالغاندىن كىيىن ، بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ ۋارتارى تاففارىلپۇتىغا ئىتىلغان دەقىقىدە توپنى ۋارتاغا كىرگۈزىۋىتىدۇ . مۇشۇ ھەل قىلغۇچ توپ بىلەن ئارگىنتىنا كوماندىسى سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىرىدۇ . يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئارگىنتىنا كوماندىسى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ ، ئالدىنقىيېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىتالىيە كوماندىسى ئارقا ئارقىدىن ھۇجۇم قوزغايدۇ ھەم 17 مىنوت بولغاندا سكىلاچى بىر توپ ئۇرىدۇ . &rmXz6 F  
كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە ئارگىنتىنا كوماندىسى بىر نەچچە رەت ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ پۇرسەتنى تۇتالمايدۇمۇسابىقە داۋاملىشىپ 23 مىنوت بولغاندا ئۇلار يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قوزغايدۇ ، 16 نومۇرلۇق ماھىر سول تەرەپتىن توپنىچەكلەنگەن رايونغا پاس بېرىدۇ ، كانىگگىئا ئىتالىيە ۋارتارى زىنگا توپنى تۇتىۋىلىشىغا تەمشەلگەن پەيىتتە بىشىنىڭ كەينىبىلەن ئۈسۈپ نۇمۇر ئالىدۇ ، قۇشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقىدىمۇ تەڭلىشىپ قېلىپ ، 11 قەدەم توپ تىپىشتە ئارگىنتىنا كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسىنى ئۇتۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشىدۇ ..كانىگگىئا بۇ ئىككى مەيدانمۇسابىقىدە ئىككى توپ ئۇرۇپ ئارگىنتىنا كوماندىسىنى قۇتۇلدۇرۇپلا قالماي ، ئۆزىنىڭ كۈچىنى نامايەن قىلىپ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالىدۇ . ئەپسۇز كانىگگىئا ئىككى سىرىق كارتا يىگەنلىكى ئۈچۈن غەربىي گىرمانىيە بىلەن ئىلىپ بېرىلغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ . ناۋادا ئۇ قاتناشقان بولسا نەتىجە باشقىچە بولغان بولاتتى ، بۇ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن كىيىن كانىگگىئا ئەڭ مۇنەۋۋەر كوماندا كۈچىگە كىرىدۇ .كانىگگىئا ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن 50 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 16 توپ كىرگۈزگەن. #OT8_D  
" A}S92  
>A RZ=x[  
پاسارىلا OD8 fn  
sM-,95H  
GKt."[seV  
دۆلىتى :ئارگىنتىنا 'I$FOH   
تۇغۇلغان ۋاقتى:1953-5-25 On*I.~  
پاسارىلا كەسپى ھاياتىدا 440 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 134 توپ ئۇرغان .ئۇنى بەلكىم ھۇجۇمچى دەم قالدىڭىزمۇ ؟  ئۇنىڭ مەيداندىكى ئوتتر بىك .ئۇنىڭ يەنە پولات كاپىتان دىگەن نامىمۇ بار RW&o3_Ua  
ئۇنىڭ كەسپى ھاياتنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئارگىنتىنا بىرلەشمىسدىكى دەريا قىنى كوماندىسندىن باشلانغان بۇلۇپ 1974-يىلدىن 1982 يىلغىچە بولغان 13 يىللىق كەسپى ھاياتىدا دەرياقىنى كوماندىسى ئۇچۇن 226 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 90 توپ ئۇرغان بۇلۇپ ئۇ دۇنيا بۇيىچە توپ كىرگۇزۇش نىسبىتى يۇقىرى بىكلارنىڭ بىرسى ھىسابلىندۇ .ئۇ شۇۋاقىتلاردا ئارگىنتىنا دۆلەت ئىچىدە نۇرغۇنلىغان شان شەرەپلەرگە ئىرىشكەن .كىيىن ئىتالىيە بىرلەشمىسدىكى فىلورىنسيە .ئېنتىر قاتارلىق كوماندىلاردا توپ تىپىپ ئاخىرى ئانا كوماندىسىى دەرياقىنى كوماندىسغا قايتىپ كىلىپ 1989-يىلى كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان .مۇداپىيە ئۇنىڭ بايرىقى ھۇجۇم ئۇنىڭ نىشانى .1978-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسدا 25 ياشقا كىرگەن پاسارىلا كەسپى ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىققان ئىدى .ئۇشۇۋاقىتتا ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسنڭ كاپىتانى ئىدى .ئۇنىڭ شۇۋاقىتلاردا ئارگىنتىنا دۆلەت ئىچىدىكى تەسىرى ناھايتى يۇقىرى بۇلۇپ توپ مەستانىلىرنىڭ بىردەك ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن .ئۇ 1994-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسدىن كىيىن ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسنىڭ تىرنىرلىقىنى قولغا ئالغان . ^ |MS2'  
1998-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسدا ئارگىنتىنا كوماندىسى 8 كۇچلۇككە كىرىشتە گوللاندىيە كوماندىسى تەرپىدىن شاللاندى شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسنىڭ تىرنىرلىق ۋەزىپىسدىن قالدۇرىلدى . P.YT /  
ئۇنىڭ ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسىدىكى ۋە ئارگىنتىنا بىرلەشمىسدىكى ئۇنتۇلماس تەسىرى ھىلىھەم يادلانماقتا . rZ,qHM  
yuC"V'  
VP< zOk7  
باتىستۇتا trwo(p  
;nh_L(  
n jd2  
&2:WezDF  
دۆلىتى :ئارگىنتىنا L]=mQo  
تۇغۇلغان ۋاقتى:1969-2-1 ,6y.wNb:F  
بۇ ھۇجۇمچى بەلكىم ھەممەيلەن بىلەن تۇنۇشلۇق بولسا كىرەك توغرا ئۇ دەل باتىستۇتا .فىلورنىسىيە كوماندىسىدا 9يىل جەڭ قىلغان ئارگىنتىنالىق ھۇجۇمچى بولسا فىلورنىسىيە پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى بىر قەھرىمان ئاخىرى 3300تۈمەن دوللارلىق باھا بىلەن دۇنيادىكى مائاشى ئەڭ يۇقىرى توپ چولپىنى سالاھىتى بىلەن رىم كۇلۇبى بىلەن 3يىللىق توختام تۈزدى. بۇ يۆتكۈلۈشكە قارىتا فىلورنىسىيە پۇتبول مەستانىلىرى ئۆزىنى ناھايىتى ئازابلىق ھىس قىلدى، ھەتتا بۇنى قوبۇل قىلالماي باتىستۇتانى"پۇلنىڭ قۇلى"دەپمۇ ئاتىدى. بۇچاغدا باتىستۇتا: مەن پۇل ئۈچۈن بۇنداق قىلمىدىم، مىنىڭ پەقەت بىر چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ئالغىم بار، ئەجەبا بۇمۇ مىنىڭ خاتالىقىممۇ؟دىدى. پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى بۇزمىغان بۇ ئارگىنتىنالىق مەرگەن ئۈچۈن ئىيتقاندا ئىتالىيەدە شۇنچە يىل توپ تىپىپ بىر قىتىممۇ چىمپىيۇن بولالماسلىق بىر ئەپسۇسنارلىق ئىش ئىدى.شۇنداقلا رىم كوماندىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇققا بولغان تەقەززالىقى ۋە تىرنىر كاپىررونىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقى ئاخىرى بۇ "چەڭ ئىلاھى"نى فىلورنىسىيەدىن ئايرىۋەتتى. نىمىلا بولمىسۇن فىلورنىسىيە ئۈچۈن9يىللىق پۇتبۇل ھاياتىدا 269مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ،185توپ كىرگۈزگەن.ئۇ فىلورىنسيە كۇلۇبى تارىخىدىكى ۋەكىللىك شەخىس ھىسابلىندۇ .ئۇ 1969-يىلى2-ئاينىڭ1-كۈنى ئارگىنتىنانىڭ سانفىر ئۆلكىسىنىڭ لىكوگاستا بازىردا تۇغۇلغان. 18ياش ۋاقتىدا نىۋيىر قەدىناسلار كۇلۇبىغا تاللانغان. 1988يىلى تۇنجى قىتىم نىۋيىر قەدىناسلار كۇلۇبىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىققان.1990يىلدىن باشلاپ ئارگىنتىنا بوكا ياشلار كوماندىسىدا توپ تىپىشكە باشلىغان.90-91 مۇسابىقە پەسلىدە 29مەيدان مۇسابىقىدە 13 توپ ئۇرغان.94-95-مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ ئۇدا 11مەيدان مۇسابىقىدە13 توپ ئۇرۇشتەك ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقە رىكورتىنى ياراتقان. 1996-يىلى5-ئاينىڭ18-كۈنى سەپداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ"ئىتالىيە لوڭقىسى"نى قولغا كەلتۈرگەن.1996-يىلى8-ئاينىڭ25-كۈنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە2توپ كىرگۈزۈپ، كوماندىنىڭ"ئىتالىيە دەرەجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى"نى ئىلىشقا زور تۆھپە قوشقان. yo5-x"ze  
1998-يىلى ئارگىنتىنا كوماندىسىنى يىتەكلەپ فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ،كوماندا ئۈچۈن5توپ كىرگۈزگەن،بولۇپمۇ يامايكا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە "قالپاق ئويۇنى"ئويناپ پۇتبول تارىخىدىكى بىردىنبىر ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە "قالپاق ئويۇنى"ئوينىغان پۇتبولچى بولۇپ قالغان.1999-يىلى5-ئايدا21توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىجە بىلەن ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋەر مەرگىنى بولغان. 1999-يىلى10-ئايدا ئىتالىيە پۇتبول بىرلەشمىسى ۋە ئاخبىرات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن"ئەڭ مۇنەۋەر چەت ئەللىك توپچى"بولۇپ باھالانغان. &hVf=We  
2000-يىلى5-ئاينىڭ30-كۈنى3360تۈمەن دوللارلىق باھا بىلەن رىم كۇلۇبىغا كەلگەن.2001-2002-مۇسابىقە پەسلىدە20 توپ كىرگۈزۈپ رىم كوماندىسىنىڭ بىرلەشمىدە چىمپىيۇن بولۇشىغا زور تۆھپە قوشقان.كىيىن بىر مۇسابىقە پەسلىدىن كىيىن باتىستۇتا تىرنىر كاپىررونىڭ ئىشەنچىسىدىن قىلىپ شۇنداقلا ياش تالانتلىق توپچى كاسانونىڭ سەۋەبىدىن2003يىلى ئىنتىر كۇلۇبىغا ئالمىشىپ كەتتى.ئۇ بۇيەردە 12مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ2توپ كىرگۈزدى. 2002-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىدە باتىستۇتا ئۈچۈنجى قىتىم ئارگىنتىنا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشتى.نىگىرىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىشى بىلەن پۈتۈن مەيداندىكى1توپنى كىرگۈزۈپ ئۆزىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى كىرگۈزگەن توپىنى10غا يەتكۈزدى.بۇ توپ شۇنداقلا ئۇنىڭ ئارگىنتىنا كوماندىسى ئۈچۈن كىرگۈزگەن ئەڭ ئاخىرقى توپى ئىدى.6-ئاينىڭ12-كۈنى شىۋىتسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تەڭلىشىپ قالغاندىن كىيىن33ياشقا كىرگەن بۇ چولپان ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى.باتىستۇتا ئارگىنتىنا كوماندىسى ئۈچۈن78مەيدان مۇسابىقە ئويناپ56توپ كىرگۈزۈپ، مارادونادىن ئىشىپ، دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈ ئەڭ جىق توپ كىرگۈزگەن توپچى بولۇپ قالدى `?&C5*P  
hRKJKQ@7  
^Gbcs l~Gj  
رىكولمى   c~M'O26bW  
O~Jf"Ht  
BN`tiPNEp  
دۆلىتى :ئارگىنتىنا |Ntretz`\  
تۇغۇللغان ۋاقتى:1978-6-24 [ 2!?pVI  
ئۇ ئارگىنتىنا پۇتبولچىلىق ساھاسىدىكى ئۇنتۇلماس شەخىسلەرنىڭ بىرسى ھىسابلىندۇ .2000-يىلى تويوتا لوڭقىسى ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدە بوكا كوماندىسى  مادىرىتنى يۇقىرى نۇمۇر پەرقى بىلەن يىڭىپ چىمپىيۇن بۇلىدۇ VyIM ,glu  
ئۇشۇۋاقىتتا پۇتۇن دۇنيا توپ مەستانىلىرنىڭ دىققىتنى تارتىدۇ .ئۇنىڭ ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسدىكى ئورنى بىر ئۇزۇلۇپ بىر داۋاملىشىپ تۇرسىمۇ  ئۇنىڭ ئارگىنتىنا بىرلەشمىسدىكى ئورنى ۋە دۆلەت كوماندىسدىكى ئورنى يەنىلا يۇقىرى ئۇرۇننى ئىگىلىگەن 2003-يىلى ئۇ دۆلەت كوماندىسغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چۇشۇپ تۇنجى توپنى كىرگۇزىدۇ .شۇنىڭدىن باشلاپ ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسنىڭ مۇھىم ئەزاسغا ئايلىنىدۇ @oRo6Y<-  
ئۇ كىچىكىدىن بوكا ياشلار كوماندىسنىڭ مەستانىسى بۇلۇپ كەسپى ھاياتىنى ئارگىنتىنا ياشلار كۇلۇبىدا باشلايدۇ كىيىن بوكا كوماندىسغا قۇشۇلىدۇ .كىيىنچە بوكادىكى ئىپادىسى بىلەن ياۋروپادىكى زەردار كۇلۇپلارنىڭ دىققتىنى قوزغاپ بارسىلوناغا قۇشۇلىدۇ .كىينچە ئۇنىڭ ئورننى رونالدىنخو ئىلىپ ئۆز ئورنىنى يوقاتقان رىچىۋولمى بىلىيالىيارغا قۇشۇلىدۇ .ۋە تىزلا كۇلۇپنىڭ يادىروسغا ئايلىنىدۇ .3يىل بىلىيالىياركوماندسىدا ئۆزىىنىڭ ئورننى قايتىدىن تاپقان بۇ چولپان ئاخىرى بوكا ياشلار كۇلۇبىغا قايتىدۇ .ئۇنىڭ بىلىيالىياردىكى ئىپادىسى ھەممىنىڭ دىققىتنى تارتقان ئىدى .ئۇشۇۋاقىتلاردا بىلىيالىيارنى يىتەكلەپ بۇ 4000 مىڭ نۇپۇسى بار كىچىك بازاردىكى كۇلۇبنى يىتەكلەپ ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسنىڭ 4 كۇچلۇككىگە ئەكىرگەن ئىدى .ئۇ ئارگىنتىنا بىرلەشمىسدە ھەممىنىڭ دىققىتنى تارتقان چولپان بۇلۇپ ئارگىنتىنا بىرلەشمىسدىكى ئۇنتۇلماس شەخىس ھىسابلىندۇ ئۇنىڭ بوكا ياشلار كوماندىسدا ھىلىھەم پۇتبول ھاياتىنى داۋاملاشتۇرماقتا .ئۇ كەسپى سەپىرىدە 2008-يىلى جەنۇبى ئامىرىكا غالىپلار لوڭقىسنىڭ چىمپىيۇنى .2005-يىلى ئسپانىيە بىرلەشمىسدە ئەڭ ياخشى چەتئەللىك ماھىر .1998.2000.2008-يىللىرى ئارگىنتىنا بىرلەشمىسنىڭ چىمپىيۇنى .2000-يىلى تويوتا لوڭقىسنىڭ چىمپىيۇنى .2000 . 20001  . 2008 -يىللىرى ئارگىنتىنا پۇتبول ئەپەندىسى .2006-يىلدىكى دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسدە پاس شاھى . 2007-يىلى جەنۇبى ئامىرىكا ئازادلىق لوڭقىسدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر .2000 .2001.2007-يىللىرى جەنۇبى ئامىرىكا غالىپلار لوڭقىسنىڭ چىمپىيۇنى .1997-يىلى جەنۇبى ئامىرىكا بۇيىچە ئۆتكۇزۇلگەن ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسدە ئارگىنتىنانى يىتەكلەپ چىمپىيۇن بولغان .2008-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىدە ئارگىنتىنانى يىتەكلەپ چىمپىيۇن بولغان . ئۇنىڭ ئارگىنتىنا بىرلەشمىسدىكى ۋە ئارگىنتىنا توپ مەستانىلىرى قەلبىدىكى ئورنى ئەڭ ھۆرمەتلىكتۇر .ئۇ ھىلىھەم ئارگىنتىنا بىرلەشمىدە كۆزنى ئەڭ قاماشتۇردىغان پۇتبول چولپىنى بۇلۇپ كەلمەكتە . M;X}v#l|XI  
|HTTTz9R.  
Hc-68]T  
مېسسسى 8s 
m? pm)w  
E|l qlS7  
دۆلىتى ئارگىنتىنا xY94v  
تۇغۇلغان ۋاقتى :1987-6-24 rf]'V Jg#3  
ئۇنىڭ ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن ۋەياكى دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدە بولسۇن ئۇنىڭ كەسپتىكى ئۇتىغى ياش چەكلىمىسدىن ئالىبۇرۇن ھالقىپ ئارگىنتىنا پۇتبول مۇنبىرىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن ماھىرغا ۋە g;G]X i.B}  
ئۇنتۇلماس شەخىسكە ئايلانغان .يىقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ نەزىرىدە نەچچە قىتىملىق مارادونانىڭ ئىزباسارى سايلىنىپ چىقتى لىكىن ئۇ مارادونادىن كىيىن ئارگىنتىنا پۇتبول مۇنبىرىدە ئەڭ كۆزنى قاماشتۇردىغان ماھىرغا ئايلاندى .2005 - يىلى ئەڭ ياش مەرگەن ، ئەڭ ياخشى پۇتبولچى 05\06 -يىلى ياۋرپا 21 ياشتىن تۆۋەنلەر ئىچىدە ئالتۇن توپ ۋە ئالتۇن ئۆسمۇر مۇكاپاتى'.2005 - يىلى ئارگىنتىنا پۇتبول ئەپەندىسى.05\06 - يىلى FIFPro ئەڭ يېڭى پۇتبولچى . 06\07 - يىلى ياۋوپادىكى ئەڭ ياخشى سەپ شەكلى 06\07 - يىلى ئىسپانىيەدىكى  ئەڭ ياخشى پۇتبولچى . 2007 - يىلى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى 2 - دەرىجە .2007 - يىلى ئالتۇن توپ مۇكاپاتى 3 - دەرىجە .06\07 -يىلى ئارگىنتىنانىڭ چەتئەلدىكى ئەڭ ياخشى توپچىسى . 06\07 -يىلى  تەرنتەربىيە رەسىم ژورنىلى تەرىپىدىن ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچى . 2007 - يىلى ياۋروپا پەڭ ياخشى پۇتبولچى .2007 - يىلى ئىشلىتىش قىممىتى ئەڭ يۇقۇرى پۇتبولچى  .06\07 - ئىسپانىيەدىكى ئەڭ ياخشى جەنۇبى ئامىركىلىق پۇتبولچى .2007 - يىلى ئىسپانىيەدىكى ئەڭ ياخشى جەنۇبى ئامىركىلىق پۇتبولچى .2008 - يىلى ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى 2 - دەرىجە.2008 - يىلى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى 2 - دەرىجە .08\09 - يىلى ئىسپانىيە پادىشاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئالتۇن ئاياق مۇكاپاتى .08\09 - يىلى پاۋروپا چىمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە ئالتۇن ئاياق مۇكاپاتى. 08\09  -يىلى ياۋوپادىكى ئەڭ ياخشى سەپ شەكلى.2010-يىلى ئالتۇن توپ مۇكاپاتى .ۋە دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولغان .2009.2010-يىللىرى  FIFPro  تەرپىدىن يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر ماھىرى .2009-يىلى دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسدا ئالتۇن ئاياق مۇكاپاتى .2009. 2010. 2011 يىللىرى ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسدىكى ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن قاتارلىق نۇرغۇنلىغان شەرەپلەرگە ئىرىشىپ ئارگىنتىنا پۇتبولچىلقىنىڭ دۇنيا مۇنبىرىدىكى يىڭى ئابىدىسنى تىكلىدى . )CM3v L {  
cH>3|B*y  
[ بۇ يازمىنىمەزمۇتدە2011-07-08 11:58قايتا تەھرىرلىد ]
http://www.ronaldoforum.com/images/christiano_ronaldo_pics.jpg
زەرەپشان دەرياسى.....
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
UID: 1467
جەۋھەر: 0
يازما: 1536
شۆھرەت: 1332 نۇمۇر
پۇل: 4494 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 268(سائەت)
تىزىملاش: 2008-01-18
ئاخىرقى: 2011-10-02
1  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-07 19:32

لىكورمىي       
دۇنيا مىھرى -مۇھەببەت بىلەن گۈزەل.   ئادەم ئىنساپ بىلەن.........
نۆۋەت ماڭا  كەلدى !!
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 8330
جەۋھەر: 4
يازما: 2273
شۆھرەت: 3036 نۇمۇر
پۇل: 106046 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
توردا: 614(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2011-10-11
2  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-07 19:40

رىكولمى  دۆلەت  كوماندىسىدىن  چىكىنگەندىن  بۇيان   ئارگىنتىنا   ئۆزىگە   ئوخشىماي  قالدى  دىسە  
باسا  - ھەممىنى ياسا !
مەن توردا يوق !
دەرىجە: تاماشىبىن
UID: 8934
جەۋھەر: 0
يازما: 80
شۆھرەت: 100 نۇمۇر
پۇل: 100090 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 15(سائەت)
تىزىملاش: 2011-04-20
ئاخىرقى: 2011-09-10
3  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-07 19:47

. .،   ۋاھ    ھەجەپ  ھاياجانلاندىم  ماۋۇ  تېمىنى  ئۇقۇپ   .، .،. ،   راھمەت  سىزگە   .،.،    ئالامەت  تېمىدىن  بىرنى   يوللاپسىز   جۇمۇ  
مىسسى - پۇتبولنىڭ  خوجىسى !
بۆرە رىۋايىتى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى
UID: 2263
جەۋھەر: 4
يازما: 1087
شۆھرەت: 1821 نۇمۇر
پۇل: 1 سوم
تۆھپە: 100 نۇمۇر
ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
توردا: 506(سائەت)
تىزىملاش: 2008-02-22
ئاخىرقى: 2011-10-10
4  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-07 20:08

مەزمۇتبەگ، تېما يازدۇقما؟ ئوبدان يېزىپتۇق جۇما <|G!Qn?2-  
ماڭا دەيدىغان گەپ يوقمۇ بارمۇ
بىز رىۋايەتتە كۆك بۆرىلەر بىز، بىز ئۇيۇشقان جەم بۆرىلەر بىز، بىز رىۋايەتتە داڭقى كەتكەن شۇ بۆرىلەر بىز
پەقەت ئارزۇيۇم ئۇچۇنلا ياشايمە
دەرىجە: مۇنبەر تۆھپىكارى

UID: 84
جەۋھەر: 1
يازما: 1034
شۆھرەت: 1155 نۇمۇر
پۇل: 83 سوم
تۆھپە: 52 نۇمۇر
ياخشى باھا: 86 نۇمۇر
توردا: 1018(سائەت)
تىزىملاش: 2007-05-08
ئاخىرقى: 2011-10-11
5  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-07 20:50

ئاۋۇ مىسسى دىگەن تۇگە بۇ قىتىملىق ئامرىكا لوڭقىسىنى تالشىشى مۇسابىقسىدە 20 توپ ئۇرۇپ بولدى ھە    ئېسمى جىسمىغا لايىق پۇتبول ئەپەندىسى  
ئۇيغۇرۇم!!!
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 8094
جەۋھەر: 1
يازما: 2888
شۆھرەت: 3354 نۇمۇر
پۇل: 1004 سوم
تۆھپە: 21 نۇمۇر
ياخشى باھا: 40 نۇمۇر
توردا: 647(سائەت)
تىزىملاش: 2010-09-04
ئاخىرقى: 2011-10-11
6  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-07 20:53

بايا چ چ توپىدا ئاتىللا ،سىرداش دەپ توۋلىغاندىلا ،نادىر تېما كەپتۇ دەپ ئويلىغانىدىم ، شۇزامانلا كىرگەنىدىم تېخى ئالدىراپ ،يەنىلا سافادىن قۇرۇق قاپتىمەن. t+]1D@hv  
پۇخادىن چىقتىم، مۇشۇ ۋالدانو ، كېمپىس رىكۇلمىي توغرىسىدا تەپسىلىيراق بىرەر تېما كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن ،بولسا فىلىملىرىدىن.

توپ دېگەن يۇمىلاق!
كۆرەڭلەپ كەتمە ئامەتلىرىڭدىن
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 8401
جەۋھەر: 0
يازما: 2117
شۆھرەت: 2700 نۇمۇر
پۇل: 873 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردا: 746(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2011-10-07
7  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-07 20:57

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى مەھمۇدىيەدە2011-07-07 20:50يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : :( m, 06K  
ئاۋۇ مىسسى دىگەن تۇگە بۇ قىتىملىق ئامرىكا لوڭقىسىنى تالشىشى مۇسابىقسىدە 20 توپ ئۇرۇپ بولدى ھە    ئېسمى جىسمىغا لايىق پۇتبول ئەپەندىسى   X{, mj"(w  
'/9j"mIA9$  
بۈگۈن 21-نىچى توپنمۇ ئۇرۇپ بولدىغۇ ،،مەھمۇدكا
يىگىت قەسەم قىلمايدۇ ----قىلغان ھەربىر ئېغىز سۆزى قەسەم
ھەق يولىدىن ئۆزگە تاللىشىم يوق
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 8221
جەۋھەر: 4
يازما: 3453
شۆھرەت: 6225 نۇمۇر
پۇل: 317009 سوم
تۆھپە: 52 نۇمۇر
ياخشى باھا: 63 نۇمۇر
توردا: 663(سائەت)
تىزىملاش: 2010-10-16
ئاخىرقى: 2011-10-11
8  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-07 21:03

مارادونا ئۇ ئارگىنتىنا پۇتبۇلچىلىقىنىڭ ئەڭ گۈزەل دەۋرىنى ياراتقان....ئۇ چىكىنگەندىن كىيىن ئارگىنتىنا دۇنيا لوڭقىسىدىن بەكلا يىراقلاپ كەتتى.....
~ ئىختىيارسىز ھالدا ~
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UID: 7982
جەۋھەر: 9
يازما: 5178
شۆھرەت: 7721 نۇمۇر
پۇل: 103363 سوم
تۆھپە: 206 نۇمۇر
ياخشى باھا: 158 نۇمۇر
توردا: 688(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-06
ئاخىرقى: 2011-10-11
9  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-07 21:14

ئارگېنتىنا توغۇرلۇق مەن يېزىپ بولاي دىگەن ئىدىم....   
~~~~~~ ماڭاي دېسە يول كۆپقۇ ~~~~~~
قارا قىزىل قوشۇن ئالغا،
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
UID: 7065
جەۋھەر: 0
يازما: 2548
شۆھرەت: 2376 نۇمۇر
پۇل: 101036 سوم
تۆھپە: 12 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 675(سائەت)
تىزىملاش: 2008-11-28
ئاخىرقى: 2011-10-11
10  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-07 21:24

مېسسى ھەقىقەتەن مارادونانىڭ ئىز باسارى بولۇشقا مۇناسىپ ،   
ئويۇن تىخى ئالدىمىزدا.....
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 3523
جەۋھەر: 2
يازما: 2760
شۆھرەت: 2808 نۇمۇر
پۇل: 99860 سوم
تۆھپە: 45 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردا: 458(سائەت)
تىزىملاش: 2008-06-25
ئاخىرقى: 2011-10-11
11  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-07 22:04

مۇشۇ باتىستوتا نىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ باقماپتىمەن جۇما؟