^e$;
I8l پۇتبول ئۇ ئاجايىپ سىھرىلىك نەرسە. ئۇ دۇنيا مىقياسىدا بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ، ھەر قايسى ئەللەردىكى ئوغلانلارپۇتبول ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جاسارىتى،جەڭگىۋارلىقىنى نامايان قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ھەرقايسى ئەل لەر پۇتبول ئارقىلىق دۇنيانىڭ سىياسى سەھنىسىدە ئىرىشەلمىگەن ئورون ۋە شەرەپكە ئىرىششكە ئۆزلۈكسىز ئىنتىلىپ كەلگەن.بىر مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسى ئارقىلىق دۇنيادا باشقىچە قىياپەت بىلەن قەد كۆتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولغان.پۇتبول دەسلەپتە كاپىتالىستىك ئەللەردىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مەنىۋى،روھى تۈۋرۇكىگە ئايلانغان بولسا كىيىن بۇ شۇ ئەللەرنىڭ ئۆزىنى نامايان قىلىشىدىكى كۈزىرغا ئايلانغان.پۇتبول بارا- بارا يىراق يەرلەردىكى ،تەرەققى قىلمىغان ئەللەردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ سىڭىپ كىرگەن.نۇرغۇن نامرات بالىلارنىڭ كىلەچىگى پۇتبول ئارقىلىق ئۆزگەرگەن. نۇرغۇن تونوقۇشلار پۇتبول سەۋەبىدىن يۇز بەرگەن. يەنە نۇرغۇن تىنىچلىق پۇتبولنىڭ قۈدرىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئىشىپ كىلىۋاتىدو.ھازىر دۇنيادا پۇتبول تارقالمىغان يەر،پۇتبول ئۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن سانسىز قەلبلەرنى ئەسىر قىلمىغان بۇلۇڭ پۇشقاق بەكمۇ ئاز.نۇرغۇن كۆزگە كۆرۇنگەن نادىر پۇتبولچىلار مۇشۇنداق بولوڭ-پۇشقاقلاردىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرى چۇشمەيدىغان يەرلەردە ئۈنسز تىرىشىپ مەشىق قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ كىلەچىكى ئۈچۈن ئاساس سىلىشقان. دىيارىمىزدىمۇ سانسىزلىغان پۇتبولچىلار گەرچە دۇنياۋى چولپانلاردەك تەلەيلىك بولوپ،ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان چوڭ سەھنىلەردە چاقنىيالمىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ پۇتبولغا بولغان ئەقىدىسى بويىچەچامىنىڭ يىتىشىچە چەكلىك بولغان پۇتبول مۇھىتىدا خۇددى تاش ئۈستىدە ئۈنۈپ چىققان قارىغاي نۇتىسىدەك مەۋجۇت بولوپ تۇرۇشقا تىرىشماقتا. بۇ پۇتبولچىلارنىڭ كۆپى ئارمان بىلەن پۇتبولدىن خوشلىشىپ باشقا كەسپلەرنىڭ ئەھلى بولوپ كەتكەن بولسىمۇ يەنە بىر قىسىم پۇتبول مايسىللىرى يەنىلا ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەتلەر ئىچىدە تاۋلىنىپ كىلىۋاتىدو.بۇ ماھىرلار گەرچە ئاددى بولغان مەكتەپ كۇماندىسىدا مەشىق قىلىۋاتقان،چوڭ پۇرسەتلەرگە ئىرىشەلمەيۋاتقان بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا چوڭ مۇسابىقە مەيدانىلىرىدىكى داڭلىق ماھىرلاردىن پەقەت قىلىشقۇچىلىك يوق، ھەتتا ئۇلاردىن ئۈستۈن تۈرىدىغان ماھارەتلىرى بىلەن كەلگۇسى پۇتبولچىلىق ئىشلىرىمىزنىڭ يىڭى يۇلتۇزلىرى بولوپ قالغۇسى. شىنجاڭ سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ پۇتبولچىسى، كەلگۇسىدىكى چولپان شەۋكەت دەل مۇشۇنداق يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە،چاقناش ئالدىدىكى يىڭى بىر يۇلتۇزىمىزدۇر.
&I.UEF2,
\_FX}1Wc2. شەۋكەت 1991-يىلى ئاتۇشنىڭ شۇرۇق كەنتىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى پۇتبول ھاياتى ئاتۇش ھازىرقى دەۋىر پۇتبولچىلىقىنىڭ پىشىۋاسى بارى مۇئەللىمنىڭ قولىدا تەربىيلىنىش بىلەن ئۆتكەن.ۋە نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئىرىشكەن.(تەپسىلاتى بارىجان مۇئەللىم تۇنۇشتۇرۇلغان زەپەر ساداسى دىگەن ماقالە بىلەن ئوخشاش) 2007-يىلى شەۋكەت ئاتۇش ئۇسمۇرلەر كۇماندىسى تەركىۋىدە مەملىكەت بويىچە چىمپىيۇن چىققاندىن كىيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ قوللىشى ۋە ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىگە كىلىپ ئوقوشقا باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن بۇ پۇتبول ماھىرىنىڭ مۇستەقىل، مۇنتىزىم مەشىق كۇرۇش،تىخىمۇ چوڭ مۇسابىقىلەرنى ئويناش شارائىتى پىشىپ يىتىلدى.سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىگىمۇ بۇنداق تالانتىلىق ماھىرنىڭ كىلىشى ئاسماندىن تىللا ياققاندەكلا بىر ئىش بولدى. چۈنكى سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىدە نەچچە يىل مۇنتىزىم مەشىق كۆرگەن بىر قىسىم پۇتبولچىلارغا قارىغاندا ئەمدىلا كەلگەن شەۋكەتنىڭ ئاساسى خىلىلا ياخشى بولوپ،ئازراق مۇنتىزىم تەربىيە كۆرسىلا بۇ مەكتەپنىڭ ئەڭ ياخشى پۇتبولچىسى بولوپ قىلىش ئىمكانىيىتى چوڭ ئىدى.دىگەندەك كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي شەۋكەت مەكتەپ كۇماندىسى تەركىۋىدە ئىزچىلار شىركىتىنىڭ ئىقتىسادى قوللىشى بىلەن مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى.چوڭ مۇسابىقىلەر ئارقىلىق شەۋكەتنىڭ شەخسى ماھارىتى كۈندىن كۈنگە ئىشىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەردە سۇڭ چىڭلىڭ مەكتىۋىنىڭ نۇمۇر ئالىدىغان كوزىرىغا ئايلىنىشقا باشلىدى.2008-يىلى8-ئايدا ئۇرۇمچىدە شىنجاڭدىكى پۇتبولدا نوقتىلىق مەكتەپلەرنىڭ مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلدى.بۇ مۇسابىقىدە سوڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ ماھىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئوينىشىغا يول قويولدى. شۇنىڭ بىلەن شەۋكەت ئاتۇش كۇماندىسنى يىتەكلەپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە قەشقەر كۇماندىسى بىلەن ئۇچراشتى.ئاتۇش بىلەن قەشقەر سوڭ چىڭلىڭ پوتبول مەكتىۋىنىڭ باللىرى ئەڭ كۆپ كۇماندا بولوپ، شەۋكەت بۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىككى توپ ئۇرغان بولسىمۇ ئاتۇش كۇماندىسى يەنىلا تۆتكە قارشى ئۈچ بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.2009 -يىلى مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبول تاللاش تۈرى مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلىپ 15ياشلىقلار كۇماندىسىنىڭمۇ قاتنىشىىش قارار قىلىندى.سوڭ چىڭلىڭ پوتبول مەكتىۋىنىڭ باللىرىنى ئاساس قىلغان ماھىرلار بۇ مۇسابىقىگە قاتناشتى. شەۋكەت بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە ئىككى توپ ئۇرغان بولسىمۇ شىنجاڭ كۇماندىسى يەنىلا شاللىنىپ كەتتى. 2010-يىلى8-ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 12-نۇۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبول مۇسابقىىسى ئۇرۇمچى بۇلاقتاغ رايۇنلۇق پۇتبول مەيدانىدا ئىلىپ بىرىلدى.بۇ قىتىم شەۋكەت قاتارلىق ماھىرلاردىن تەشكىللەنگەن ئاتۇش كۇماندىسى پۇتۇن دىققىتىنى ھەل قىلغۇچ مۇسا بقىگە قاراتتى.چۇنكى ئاتۇش كۇماندىسىدا شەۋكەت.مەمەتجان قاتارلىق سوڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ باللىرىى بولغاندى تاشقىرى يەنە ئىلھام، ئىمىنجان، نىزامىدىن قاتارلىق ئاپتۇنۇم رايۇنغا داڭ چىقارغان ماھىرلارمۇ بار ئىدى.مۇسابىقە باشلىنىپ يىرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كەلگۇچە شەۋكەت بۇ كۇماندىنى يىتەكلەپ بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرماسلىقدەك نەتىجە بىلەن يرىم ھەل قىلغۇچقا بۆسۆپ كىرىدى.بۇ جەرياندا شەۋكەت گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدا ئۇرۇمچى قاتارلىق كۇماندىلارغا بەش توپ ئۇرۇپ ئاتۇش كۇماندىسىنىڭ ھۇجۇم سىپىدىكى شەمشىرىگە ئايلاندى.يىرىم ھەل قىغۇچ مۇسابىقىدە كۈچلۇك بولغا ئالتاي كۇماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە يەنەئىككى توپ ئۇرۇپ بىرگە قارشى تۆت بىلەن ئالتاي كۇماندىسىنى شاللاپ تاشلىدى.ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە8-ئاينىڭ16-كۈنى ئۇرۇمچى ئەرگوڭ پۇتبول مەيدانىدا ئىلىپ بىرىلدى. ئاخىرى ئاتۇش كۇماندىسى چىپىشدىن توختاپ قەشقەر كۇماندىسىغا تۆتكە قارشى ئىككى بىلەن يىڭىلىپ قالدى. شەۋكەت ئاتۇش كۇماندىسىنى يىتەكلەپ چىمپىيۇن چىقىش ئۆمىدى بەربات بولدى.ئەمما پۇتۇن مۇسابىقىدە باشدىن ئاخىرى ئۆزىنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن پۈتۈن توپ مەستاننىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشتى.
EA%
(+tJ^0 بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە شىنجاڭ كۇماندىسىنىڭ رۇسيەلىك تىرنىرى ھەرقايسى كۇماندىدىكى نادىر پۇتبولچىلارنى تاللاپ كىيىنكى قىتىملىق مەملىكەتلىك مۇسابىقە ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى.شەۋكەتمۇ ئۆزىنىڭ ئىپادىسى ئارقىلىق بۇ تىرنىرنىڭ تەشكىللەيدىغان كۇماندا تەركىۋىگە كىردى. 2010-يىلى ئادىداس لوڭقىسىنى تالىشىش 17ياشلىقلار پۇتبول مۇسابىقىسىدا شىنجاڭ سوڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋى كۇماندىسىمۇروسيەلىك تىرنىرنىڭ يىتەكلىشى بىلەن قاتناشتى.رەھىمسىز شاللاش مۇسابىقىللىرىدا بارلىق رەقىپلىرىنى يىڭىپ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىدى.يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە خاڭجۇ يىشىل شەھەر كۇلۇبىنىڭ 17ياشلىقلار كۇماندىسى بىلەن بولدى.شەۋكەت قاتارلىق ماھىرلارنىڭ توپ ئۇرىشى بىلەن شىنجاڭ كۇماندىسى بىرگە قارشى ئۈچ بىلەن ئالدىدا ماڭدى،ئەمما مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا شىنقاڭ كۇماندىسىدىن بىر نەپەر ئەزا قىزىل تاختا بىلەن چۇشۇرىلىۋىتىپ كەينىدىنلا ئىككى توپ كەتكۇزۇپ قويدى.نوقتا توپ ئۇرۇشتا شىنجاڭ كۇماندىسى ئۈچكە قارشى بەش بىلەن غەلبە قىلدى. شەۋكەت ھەل قىلغۇچ بىر نوقتا توپنى ئۇرۇپ،شىنجاڭ كۇماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشىگە ئۆزىنىڭ تۆھبىسىنى قوشتى.ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ 17ياشلىقلار كۇماندىسى بىلەن ئىلىپ بىرىلدى.ئاخىرى شىنجاڭ كۇماندىسى بىرگە قارشى نۆل بىلەن يىڭىلىپ قىلىپ ئىككىنچى بولوپ قالدى.شەۋكەت ئۇرۇمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن غولجىدا ئىلىپ بىرىلدىغان خەلقارا تەكلىپ مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان غولقا چولپان كۇماندىسىنىڭ تەكلىبىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.ھەمدە غولجىغا يىتىپ بىرىپ كۇماندا بىلەن ماسلىشىش مەشىقىگە كىرىشىپ كەتتى. 2010-يىلى 9-ئاينىڭ22-كۇنى تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى كۇنى غۇلجا چولپان كۇماندىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتى پۇتبول كۇماندىسى ئۇتتۇرسىدائىلىپ بىرىلدى .شەۋكەت غولجا كۇماندىسىنىڭ 11-نۇمۇرلۇق كىيىمىنى كىيىپ مەيدانغا چۇشتى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدەغۇلجا كۇماندىسى نۆلگە قارشى تۆت بىلەن دەسلەپكى غەلبىنى قولغا كەلتۇردى.شەۋكەت بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ماھىر بولوپ مەيسدانغا چىقىپ بىر توپ ئۇردى. ئىككىنچى كۇنى غولجا كۇماندىسى بىلەن ئۇرۇمچى كۇماندىسى بىردە بىر بولوپ تەڭلەشتى.9-ئاينىڭ 24-كۇنى غولجا كۇماندىسى بىلەن قىرغىزىستان كۇماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە شەۋكەت ئارقا- ئارقىدىن ئۈچ توپ ئۇرۇپ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىرگە قارشى ئۈچ بىلەن غەلبە قىلىشقا ئاساس سالدى.25شەۋكەتنىڭ بۇ مەيداندىكى ئالاھىدە ماھارەتلىرى ۋە ئىپادىسى غولجا خەلقىنىڭ ماختىشىغا ۋە چەكسىز ھۆرمىتىگە ئىرىشتى.25-سىنتەبىردىكى قازاقىستان كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە غۇلجا كۇماندىسى دەسلەپتە بىر توپ كەتكۇزۇپ قويدى.كەينىدىن شەۋكەتنىڭ ئۇرغان ھەل قىلغۇچ توپى بىلەن غولجا كۇماندىسى بىرگە قارشى ئۈچ بىلەن غەلبە قىلىشىغا ئاساس سالدى. 26-سىنتەبىردىكى مۇسابىقىدە غولجا كۇماندىسى قەشقەر كۇماندىسى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئىلىپ باردى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدىمۇ شەۋكەت بىر توپ ئۇرۇپ بىرگە قارشى ئۈچ بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۇرۇپ غۇلجا كۇماندىسىنىڭ بۇ قىتىمقى مۇسابقىدە چىمپىيۇن چىقىشىغا ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى قوشتى.غۇلجا كۇماندىسى ئۇرغان 14توپ ئىچىدە ئالتىسى شەۋكەت ئۇرغان توپ ئىدى.شەۋكەت بۇ قىتىمقى مۇسابقىدە ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغۇچى بولوپ قالدى.
1?"vKm
_n_lO8mK 2011-يىلى شىنجاڭ 19ياشلىقلار كۇماندىسى گۇاڭجۇدا قىشلىق مەشىققە قاتنىشىۋاتقاندا گۇۋاڭجۇ خىڭدا كۇلۇبى شىنجاڭ كۇماندىسىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بىقىش ئۇچۇن مەخسۇس ئادەملەرنى ئىۋەتتى. بىر قانچە كۈن شىنجاڭ كۇماندىسىنىڭ ئەزالىرىنى كۈزەتكەندىن كىيىن شەۋكەت بىلەن ۋارىتار ئەكرەمجاننى خىڭدا كۇلۇبىغا كىلىپ سىناق مەشىقىگە قاتناشتىقا تەكلىپ قىلدى. شەۋكەت خىڭدا كۇلۇبىنىڭ مەشىق بازشىسىدا قىرىقى نەچچە كۈن سىناق مەشىقىگە قاتناشتى .شۇ ئارلىقىتا خىڭدا كۇلۇبى بىر قىسىم كۇلۇپلا بىلەن بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئىلىپ باردى،شەۋكەتمۇ بىر قانچە قىتىملىق مۇسابىقىلەردە ئورونباسار ئەزا بولوپ مەيدانغا چىقىپ كۇلۇپ تەرەپنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى.گۇاڭجۇ خىڭدا كۇلۇبى بىلەن ئا دەرىجىدىكى دالىيەن ئاربىڭ كۇماندىسى گۇاڭجۇ سەنشۇي پۇتبول مەشىق لاگىرىدا بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئىلىپ باردى.ئالدىنقى يىرىم مەيداندا ئىككى تەرەپ توپ ئۇرالماي تەڭلىشىپ قالدى.كىيىنكى يىرىم مەيداندا تىرنىر لى جاڭجۇ سىناق مەشىقى قىلىۋاتقان شەۋكەتنى مەيدانغا چىقاردى.دىگەندەك شەۋكەت تىرنىرنىڭ ئۆمىدىنى يەردە قويماي كىيىنكى يىرىم مەيدانداسىز سۈرئەت قايتارما ھۇجۇم قىلىش پۈرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ چىرايلىق بىر توپ ئۇرۇپ خىڭدا كۇماندىسى ئاربىڭ كۇماندىسىنى نۆلگەقارشى بىر نەتىجە بىلەن يىڭىلۋالدى. .شۇنىڭ بىلەن خىڭدا كۇلۇبى كۇماندىسىنىڭ تىرنىرى شەۋكەت بىلەن توىتام تۈزگۇسى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.شۇ ئارلىقتا شىنجاڭ سوڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ مۇناسىىۋەتلىك خادىملىرى شەۋكەت بىلەن ئەكرەمجاننى پات ئارىدا باشلىنىدىغان مەملىكەتلىك شەھەرلەر ئارا تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىزراق قايتىپ كىلىشكە ئالدىراتتى.شۇنىڭ بىلەن شەۋكەت ئالدىغا قويولغان توختامنى رەت قىلىپ يىنىپ كەلدى.2011-يىلى 4-ئايدا شەۋكەت شىنجاڭ ئۇرۇمچى پۇتبول كۇماندىسىنىڭ تەركىۋىدە مەملىكەتلىك شەھەرلەر ئارا تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبول تەييارلىق مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.بۇ قىتىم شىنجاڭ كۇماندىسى ئۆز گوروپپىسىدىكى كۈچلۇك كۇماندىلارنى يىغىشتۇرۇپ مۇددەتىن بۇرۇن ھەلق قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىنى ھازىرلىدى.ئەمما شەۋكەت بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدا ئۆزىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمىدى.قايتىپ كەلگەندىن كىيىن مەكتەپ كۇماندىسى بىلەن ئىزچىل مەشىق قىلىپ 6-ئايدا قازاقىستاندا ئىلىپ بىرىلدىغان مۇسابىقىگە ۋە ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلدى.2011-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ پۇتبول مەستانىللىرى جەمىيىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورونلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇرۇمچىدە بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بىرىش قارار قىلىنىپ غولجا،قاراماي،ئۇرۇمچىدىكى كۇماندىلار مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى باشلانغان ئۇرۇمچى يۈسۈپ ئىمىن تەكلىپ مۇسابىقىسىدە غۇلجا چولپان پۇتبول كۇماندىسى ئالاھىتەن كىلىپ قاتناشتى.شەۋكەت 2010-يىلى غولجا خەلقارا تەكلىپ مۇسابىقىسىدە غۇلجا كۇماندىسىنىڭ چىمپىيۇن چىقىشىغا زور تۆھپە قوشقان بولغاچ بۇ قىتىممۇ كۇماندىغا تەكلىپ قىلىندى. تۇنجى كۈنىدىكى مۇسابىقىدە غۇلجا چولپانلار كۇماندىسى ئۇرۇمچى خانتەڭرى كۇماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى،ئەتىسى قاراماي كۇماندىسى بىلەان مۇسابىقىدە شەۋكەت غولجا كۇماندىسىنىڭ22-نۇمۇرلۇق كىيىمنى كىيىپ مەيدانغا چىقتى.بۇ مەيدان مۇسابىقە بەك كەسكىن ئىلىپ بىرىلدى،ئىككى تەرەپ داڭلىق ماھىرلارنى مەيدانغا چىقارغاچ مۇسابىقىنىڭ سەۋىيەسى تولىمۇ يۇقىرى بولدى.ماھىرلار بارلىق ماھارەتلىرىنى چىقىرىپ ماھارەت كۆرسىتىشكە باشلىدى.شەۋكەت ئۆزىنىڭ توپنى كۈنتۇرۇل قىلىش،بۇسۇپ كىرىش،ئالداپ ئۆتۈش جەھەتلەردىكى ماھارەتلىرى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ بىكلىرىگە توختىماستىن بىسىم ئىلپ كىلەتتى.كىيىنكى يىرىم مەيدان باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي شەۋكەت سەبدىشى بەرگەن پاسنى ئىلىپ. قاراماي كۇماندىسىنىڭ چەكلەنگەن رايۇنىغا بىسىپ كىرىپ قارشى تەرەپنىڭ ئىككى ئەزاسىنى ئالداپ ئۆتۇپ ۋاراتارغا تونى تىپىك كىرگۇزىۋەتتى.قارشى تەرەپنىڭ ۋارىتارى داڭلىق ۋارىتار زوليار بولوپ شەۋكەت ئالداپ ئۆتكەن ئادەمنىڭ بىرى دەل ۋارىتار ئىدى.شۇنىڭ بىلەن غولجا كۇماندىسى مەيداندا ئۇستۇنلۇككە ئىرىشتى.مۇسابىقە ئاىرلىشىقا ئاز قالغاندا غولقا چولپان كۇماندىسى يەنە بىر توپنى ئۇرۇۋالدى.شۇنىڭ بىلەن غولجا شەۋكەتنىڭ توپىغا تايىنىپ ئەمىلى كۈچى كۈچلۇك قاراماي كۇماندىسىنى يىڭىپ تۇنجى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرۋالدى. شەۋكەتنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقىنىنى ئاڭلاپ قالغان سوڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋى رەھبەرلىرى ئۇنىڭغا قاتتىق كايىپ،مۇسابىقە ئوينىماسلىقنى تەلەپ قىلدى، چۇنكى سوڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋى قازاقىستانغا چىقىپ مۇسابىقە ئوينايدىغان بولغاچ غوللوق ماھىرىنىڭ سوڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋى رەھبەرلىرى ئۇنىڭغا قاتتىق كايىپ،مۇسابىقە ئوينىماسلىقنى تەلەپ قىلدى،چۇنكى سوڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋى قازاقىستانغا چىقىپ مۇسابىقە ئوينايدىغان بولغاچ غوللوق ماھىرىنىڭ يارىلىنىپ قىلىشىنىدىن ئەنسىرىدى.شۇنىڭ بىلەن شەۋكەت ئەتىسى ئۇرۇمچى نازنا كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقالماي قالدى.6 –ئاينىڭ 5-كۇنى شىنجاڭ سوڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋى قازاقىستاندا ئىلىپ بىرىلدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىغا جۇڭگۇغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئويناش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى. جۇڭگۇ شىنجاڭ كۇماندىسى بىلەن بىر گۇرۇپپىدا روسيە،قازاقىستان كۇماندىللىرى بولوپ.6-ئاينىڭ7-كۈنىدىكى مۇسابىقىدە جۇڭگۇ شىنجاڭ كۇماندىسى روسيە كۇماندىسىغا نۆلگە قارشى تۆت بىلەن ئىچىنىشلىق ئۇتتۇرۋەتتى.6 -ئاينىڭ9 – كۇنىدىكى مۇسابىقىدە قازاقىستان ياشلار ئىككىنچى كۇماندىسى بىلەن مۇسابىقلەشتى.
Gc= # [}s nKogp شەۋكەت كىيىنكى يىرىم مەيداندا جۇڭگۇ كۇماندىسى توپ ئۇرالمىغان ئەھۋالدا مەيدانغا چىقىتى،مەيدانغا چىقىپلا قازاقىستان كۇماندىسغا بىر ھەل قىغۇچ توپنى ئۇرۇۋەتتى.بۇ مەيداندا يەنە ماھىر ئەخمەتجانىڭ ئۇرغان توپى بىلەن جۇڭگۇ شىنجاڭ كۇماندىسى بىرگە قارشى ئىككى بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۇردى.6-ئاينىڭ1-كۇنى تاجىكىستان كۇماندىسى بىلەن بولغان ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە شەۋكەت نەتىجە2؛2 بولوپ قالغان ئەھۋالدا يەنە بىر ھالقىلىق توپنى ئۇرۇۋەتتى. كەينىدىنلا جۇڭگۇ شىنجاڭ كۇماندىسى يەنە بىر توپنى ئۇرۇپ ئىككىگە قارشى تۆت نەتىجە بىلەن بۇ قىتىمقى خەلقارا تەكلىپ مۇسابقىسىدە ئۈچىنچى چىقتى.شەۋكەت ئۈچ مەيداندا ئىككى توپ ئۇرۇپ ئۆز ىنىڭ ھۇجۇم سىپىدىكى خەنجەرلىك رولىنى يەنە بىر قىتىم نامايان قىلدى .
BElVkb
T/NeoU3 p بۇ قىتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار تۆۋەندىكىدەك؛22-نۇمۇر ئەكرەمجان(قەشقەر)،15-نۇمۇر مارىس(ئاقسۇ).7-نۇمۇر شەۋكەت(ئاتۇش).4-نۇمۇر مەخمۇت(قەشقەر).14-نۇمۇر مەردان(ئۇرۇمچى، فۇكاڭ)20-نۇمۇر مەردان (قەشقەر).2-نۇمۇر نۇرەخمەت (غۇلجا).16-نۇمۇر ئالماس (بورتالا).23-نۇمۇر ئىرزات (چۆچەك).3-نۇمۇر ئەزىمەت (ئاتۇش).25-نۇمۇر مەردان (ئاقسۇ).18-نۇمۇر ماخمۇت(غۇلجا).10-نۇمۇر ئەخمەتجان(قەشقەر).11-نۇمۇر سىركەن(چۆچەك).8-نۇمۇر مەمەتجان(ئاتۇش).9-نۇمۇر ئەخمەتجان(قەشقەر).
%u"3&kOV 1m$:Rn^ o?T01t=
krt8yAkG 3Mlwq'pzD XH"-s
Zt sy
s6 V?