سىز بۇ تېمىنىڭ 2244 - ئوقۇرمىنى
تېما: بارى-بۆرىنىڭ رىۋايىتى(2)
ئارچا تەنتەربىيە كىيىملىرى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
UID: 8331
جەۋھەر: 11
يازما: 86
شۆھرەت: 1161 نۇمۇر
پۇل: 200229 سوم
تۆھپە: 45 نۇمۇر
ياخشى باھا: 100 نۇمۇر
توردا: 211(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2011-10-08
0  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-16 12:23

بارى-بۆرىنىڭ رىۋايىتى(2)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما soccer تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-06-16)
2-ئەزىمەتنىڭ يىتىلىشى ;JMmr-@  
}: u-l3e  
2004-يىلى مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبۇل تاللاش مۇسابىقىسى باشلانغان چاغدا تۇنجى قارار سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبۇل مەكتىۋىدىن بىر تۈركۇم ماھىرلار كۇماندىغا چاقىرتىلدى،جۇملىدىن ئەمدىلا15ياشقا كىرگەن بارىمۇ كۇماندىغا كىردى.بارىنىڭ مەملىكەت دەرىجىلىك چوڭ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تارىخى،2005 -يىلى. 3– ئاينىڭ 23– كۈنى شاڭخەي مۇسابىقە رايونىغا بۆلۈنگەن شىنجاڭ كوماندىسى تۇنجى مەيداندا خىنەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقەئوينىغاندا رەسمى باشلاندى.بارى ئاساسلىق ئەزا بولوپ مەيدانغا چىقىپ مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش سەپىرىنى باشلىۋەتتى.شاڭخەيدىكى مۇسابىقە رايۇنىدا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۇماندىسى گۇرۇپپىدىن ئۈچىىنجى بولوپ چىقىپ تولوقلىما مۇسابىقە ئارقىلىق تەغدىرى بەلگىلىنىدىغان باسقۇچقا بىرىپ قالدى،بۇ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز پۇتبۇل كۇماندىللىرىنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ بۇسۇغىسىغا ئەڭ يىقىن كىلىپ قالغان چاغلىرى بولوپ،ناۋادا بىر مەيدان ئۇتسىلا 45يىلدىن بىرى تەلمۇرۇپ ئۆتكەن، قاتنىشىشنى شۇنداق ئارزۇ قىلىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە چەمبىرىكىگە كىرەلەيتتى.ئاخىرقى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ پۇتبۇل كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقە بەكمۇ ھەل قىلغۇچ ھالەتتە ئىدى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خەينەن ئۆلىكىسى مەملىكەت ئا ۋە ب دەرىجىلىك كۇلۇپلارنىڭ ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر كۇماندىنى قاتناشتۇرغان بولوپ،ئۇلارمۇ بۇ مەيداندا يىڭىپ تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ چەمبىرىكىگە كىرىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى.مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككىلا تەرەپ كەسكىن ئىلىشىپ نۇمۇر ئىلىشقا ئالدىرىدى.بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ مۇھىملىقى شۇ يەردە ئىپادىلەندىكى ناۋادا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۇماندىسى يەڭسە ئەڭ كاتتا شەرەپ قولغا كىلەتتى.يىڭىلىپ قالسا ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق ھالەتتە بىر پۇتىنى بۇسۇغىدىن ئاتلاپ بولغان ھالەتتە كەينىگە يىنىپ قالاتتى.شۇ سەۋەپ پىسخىك بىسىمنىڭ شۇ قەدەر ئىغىرلىقىدىن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پۇتپۇلچىلار جەمىيىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى مۇسابىقە مەيدانىغا چىقىپ مۇسابىقە كۆرۇشكەجۇرئەت قىلالماي ياتاق ئىچىدە قىلىپ ئۈنسىز كۇتۇشكە باشلىدى.بۇ مىنۇتلار ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى پۇتبۇلغا كۆڭۇل بۆلىدىغان،شۇنداقلا بۇ قىتىمقى شۇ كۈندىكى مۇسابىقىدىن خەۋىرى بار كىشىلەر ئۇچۇن ئەڭ تەستە ئۆتكەن بىر مىنۇتلار بولدى .شۇڭلاشقا. مۇسابىقە سىرتىدىكى جىددىيلىك مۇسابىقە مەيدانىدىكى تىركىشىتىنمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەن ئىدى. مۇسابىقە داۋاملىشاتتى.كۈتمىگەندە ئەمدىلا 15ياشقا كىرگەن بارىنىڭ توپنى ئالغاندىن كىيىن ئۇتتۇرا مەيداندىن ئۆتۇپلا كۈچەپ تەپكەن توپى قارشى تەرەپنىڭ ۋارىتارىغا قاراپ باشقۇرۇلغان بومبىدەك ئۇچۇپ بىرىپ كىرىپ كەتتى.پۇتۇن مەيدان ئۆرە- تۇپە بولوپ كەتتى،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۇماندا ئەزالىرى كۆزگە كۆرۇنۇپلا قالغان غەلبىدىن ئىپتىخارلانسا،خەينەن تەرەپ بىشىدا چۆرگىلەپ يۈرگەن ئامەت قۇشىنىڭ ئۆزلىرىگە ئەمەس بەلكى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۇماندىسىنىڭ بىشىغا قونغانلىقىنى قۇبۇل قىلالمىدى،شۇڭلاشقا ئۇلار بىر ئامال قىلىپ بۇ ئامەت قۇشىنى ھۇركۇتۇپ ئۇچۇرۋىتىش ئۇچۇن توختىماي ھۇجۇمغا ئۆتۇپ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۇماندىسىغا توپ ئۇرۇۋىلىشقا ئالدىرىدى،بۇ مىنۇتلار دىيارىمىز كۇماندىسى ئەڭ ئىغىر روھى جەھەتتىكى سىناقلارغا دۇچ كەلدى.قارىماققا بۇ ئادەتتىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدەك كۆرۇنسىمۇ ئەمەلىيەتتە بۇ مۇسابىقىدىكى غەلبىنىڭ ئەھمىيىتىنى بىر سىتراتىگىيەلىك  غەلبە بىلەن سىلىشتۇرۇشقا بولاتتى. چۈنكى تۇپتۇغرا 45 يىل نۇرغۇن ماھىرلار بۇ غەلبىنى دەپ غەلبە قىلالماي ئارماندا كەتتى،نۇرغۇن تىرنىرلار بۇيىڭىشنى ئارمان قىلىپ،يىڭەلمەي ئارمانلىرىنى كىيىنكى تىرنىرلارغا مىراس قالدۇرۇپ كەتتى.نۇرغۇن پۇتپۇلغا مەسئۇل رەھبەرلەرمۇشۇ نەتىجىنى دەپ نەتىجە ئالالماي پىنسىيەگە چىقىپ كىتىشكەن ئىدى.ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى توپ مەستانىلىرى مۇشۇ كۇننى دەپ كۆرەلمەي تالايلىرى كىتىپ قىلىشقان ئىدى.شۇڭلاشقا جان تىكىپ مۇستەھكەم مۇداپىيە ئارقىلىق غەلبىنى قولغا كەلتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى تولىمۇ چوڭ ئىدى.توپ ئۇرۇپ بولغاندىن كىيىن كۇماندا ئەزالىرىنىڭ بىسىمى تىخىمۇ ئىغىرلىدى،شۇنداقلا غەيرەت جاسارىتى تىخىمۇ ئۇرغۇپ ،جان پىدالىق بىلەن توپ ئويناشقا باشلىدى .چۇنكى ئۇلار تارىخى خاراكتىرلىق بىر نەتىجىنى يارىتىش ئالدىدا تۇراتتى.ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىنىڭ ئاياغلىشىشغا چىلىنغان پۇشتەك ئاۋازىنىڭ ياڭرىشى بىلەن.شۇ كۇنى كەچتە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا شىنجاڭ خەۋىرلىرى پىرۇگىراممىسىدا بۇمەيدان مۇسابىقىنىڭ خۇش- خەۋىرى تىز خەۋەرلەر قاتارىدا تەڭرى تىغىنىڭ ئاسمىنىنى قاپلاپ ئۆتتى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ھەل قىلغۇچ توپنى ئۇرغىنى شۇ چاغلاردىكى يىشى چوڭ يادرۇلۇق ماھىرلار بولماستىن بەلكى مەيدان كۆرسۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ ئىلىپ بارغان بارى بولوپ،ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ يىشىغا ماس بولمىغان دەرىجىدىن تاشقىرى ئىپادىسى ئارقىلىق كىرگۈزگەن بۇ توپى ۋە بۇ مەيدان غەلبە ئاددى پۇخرانىمۇ،ئەسەبىي توپ مەستانىللىرىنىمۇ،پۇتپۇلنى چۇشىنىدىغان شۇنداقلا چۇشەنمەيدىغان چوڭلارنىمۇ ئوخشاشلا قالتىس خوش قىلۋەتكەن ئىدى.بارىنىڭ بۇ توپى ئۇنىڭ نامىنى مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتپۇل تاللاش،شۇنداقلا ھەل قىلغۇچ چەمبىرىكىدىدە توپ ئۇرغان يىشى ئەڭ كىچىك ماھىر دىگەن شەرەپكە ئېرىشتۇردى . rVRv*W  
4?+jvVq  
2005 -يىلى كۈزدە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز پۇتپۇل كۇماندىسى جياڭسۇ ئۆلكىسىدە ئېلىپ بىرىلغان مەملىكەتلىك10-نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتپۇل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسگە قاتناشتى.ئەمما شىنجاڭ كۇماندىسى بىلەن بىر گوروپىغا بۈلۈنگەن كۇماندىلارنىڭ ئەمىلىي سەۋىيەسى كۈچلۈك،ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭ كۇماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئويناش تەجىربىسى يىتەرلىك بولمىغانلىقتىن 12-بولوپ قايتىپ كىلىشتى.ئەمدىلا16ياشقا كىرگەن بارىمۇ بۇ قىتىمقى مەملىكەتلىك تەنھەتكەت يىغىغىنىڭ پوتپۇل مۇسابىقىسىدىكى يىشى ئەڭ كىچىك ماھىرلاردىن بولوپ قالدى.بۇ قىتىمقى مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن بۇ كۇماندا تارقىتىۋىتىلدى.بارى بولسا داۋاملىق سۇڭچىڭلىڭ پۇتپۇل مەكتىۋىدە 17ياشلىقلار كۇماندىسى تەركىۋىدە مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەرگە تەييارلىق قىلىشنى باشلىۋەتتى.ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پۇتپۇلچىلار جەمىيىتى بۇ يىلىقى مەملىكەتنىڭ پۇتبۇل تەرەققىيات يۈنىلىشىنى بىر كۈزەتكەندىن كىيىن،شۇنداقلا مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىدا شىنجاڭ پۇتبۇل كۇماندىسى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ سەۋىيە جەھەتتىكى پەرقىنى كۆرگەندىن كىيىن،ماھىرلارنى داۋاملىق چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تونوپ يىتىپ، شىنجاڭدىكى بىر قەدەر ياخشى پۇتبۇلچىلار ۋە سۇڭچىڭلىڭ پۇتپۇل مەكتىۋىدىكى ياخشى پۇتپۇلچىلاردىن بىر كۇماندا تەشكىللەپ كىلەركى يىللىق مەملىكەتلىك ب دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش قارارىغا كەلدى.بۇ قارار بارىينىڭ يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرنى ئوينىشىغا،شۇنداقلا مەملىكەتكە يۇزلىنىشگە ياخشى شارائىت ئېلىپ كەلدى.2006-يىلى5-ئايدا شىنجاڭ لاتارىيە پۇتپۇل كۇماندىسى رەسمى ھالدا مەملىكەتلىك ب دەرىجىلىكلەر پۇتپۇل بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشتى،بارىيمۇ بۇ كۇماندىسنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى سۇپىتىدە بۇ يىلىقى بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ مەملىكەتلىك ب دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى توپىنى ئۇردى.بۇ يىلىقى مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ لاتارىيە كۇماندىسى ئالتە مەيدان يىڭىش،ئالتە مەيدان ئۇتتۇرۇش،تۇت مەيدان تەڭلىشىشدەك نەتىجە بىلەن شىمالى رايۇندا بەشىنجى بولوپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە چەمبىرىكىگە كىرەلمىدى،بارى بۇ مۇسابىقە پەسلىدەتۆت توپ ئۇرۇپ كۇماندىدىكى ئىككىنجى ئوروندىكى نۇمۇر ئالغۇچى بولوپ قالدى.2007-يىلى لاتارىيە كۇماندىسى قايتىدىن تەشكىللىنىپ ئاساسلىقى سۇڭچىڭلىڭ پۇتپۇل مەكتىۋىنىڭ ئۇقۇغۇچىللىرى شۇنداقلا ئىچكىرى كۇلۇپلاردىن كەلگەن ماھىرلاردىن تەشكىللەندى.بۇ يىلىقى مۇسابىقە پەسلىدە بارى ئالدى ھۇجۇمدا ئەكرەم بىلەن ماسلىشىپ، ئىلگىرى-كىيىن بولوپ10توپ ئۇرۇپ،بۇ كۇماندىنىڭ شىمالى رايۇندا ئىككىنجى بولوپ چىقىپ 10-ئايدا ئىلىپ بىرىلدىغان ئا دەرىجىگە يۇرۇش قىلىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىشغا ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى قوشتى.ئەمما ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئۆزلىرىدىن ئاجىز بولغا گۇاڭشى كۇماندىسىغا يىڭىپ قىلىپ ئارمان بىلەن قايتىپ كىلىشتى.بارىمۇ مەكتەپكە قايتىپ داۋاملىق مەشىق قىلىپ كىلەركى يىللىق مۇسابىقە ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشنى باشلىۋەتتى.2008-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە كۇمىتىتى ۋە شىنجاڭ پۇتپۇلچىلار جەمىيىتى ئاساسلىق نىشاننى گۇاڭجۇدا ئىلىپ بىرىلدىغان مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىغىنىڭ پۇتپۇل تاللاش تۈرىگە قارىتىپ،ب دەرىجىلىك مۇسابىقىنى ئەزا مەشىقلەندۇرۇشنىڭ پۇرسىتى دەپ قارىدى.شۇنىڭ بىلەن ئەكرەم،پەرھات قاتارلىق ماھىرلار چىكىندۇرۇلۇپ، شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتپۇل مەكتىۋىدىن ئالتە پۇتبۇلچىنى ئارىيەت ئېلىپ ب دەرىجىلىك مۇسابىقىنى باشلىۋەتتى.بارى ھۇجۇم سىپىدە شەندۇڭدىن كەلگەن پەرھات بىلەن ماسلىشىپ كۇماندىنىڭ ئاساسلىق نۇمۇر ئالغۇچىسىغا ئايلاندى.ئەمما2008-يىلى شىنجاڭ لاتارىيە كۇماندىسىنىڭ ئەھۋالى بىراقلا پەسكۇيغا چۇشۇپ قىلىپ ئالدىنقى يىلدىكى شانلىق نەتىجىسىنى يارىتالمىدى.ئەمما بارى بۇ كۇماندىدىكى ئاساسلىق يارقىن نۇقتا بولوپ،بارىنىڭ ۋە باشقا ئەزالارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بىر قانچە مۇسابىقىلەرنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۇردى.ئەمما ئەڭ ئاخىرى شاللىنىپ قىلىپ تىرنىرنىڭ ئالمىشىشى بىلەن بۇ يىللىق مۇسابىقە مەغلۇبىيەت بىلەن تاماملاندى .ئەمما بارى ئون توپ ئۇرۇپ كۇماندىدىكى ئاساسلىق تۇۋرۇك بولوپ قالدى.2009-يىلىي ىڭىدىن كەلگەن تىرنىرنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن كۇماندا تاكتىكا جەھەتتە ئىلگىرلەش بولدى،ئەمما مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتپۇل تاللاش مۇسابىقىسى باشلىنىپ قالغاچ شىنجاڭ كۇماندىسى2009-يىللىق ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسگە قاتنىشالمىدى.شىنجاڭ كۇماندىسى،گۇڭجۇ،شاڭخەي،جياڭشى كۇماندىكلىرى بىلەن بىر گۇرۇپپىدا بولوپ،تۇنجى كۇنى گۇاڭجۇ كۇماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى،ئىككىنجى ئايلانمىدىمۇ يەنە شاڭخەي كۇماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قۇيدى،ئۆمىت ئەڭ ئاخىردىكى جياڭشى كۇماندىسى بىلەن بۇلغان مۇسابىقىدە قالدى،ناۋادا ئۇتالىسا تۇلۇقلىما مۇسابىقە ئارقىلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بىر ساننى تالاشقىلى بولاتتى.جياڭشى كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدا بارىنىڭ ئۇرغان يەنە بىر ھەل قىلغۇچ توپى بىلەن غەلبە قىلىپ،تۇلۇقلىما مۇسابىقە گۇرۇپپىسىدا يەنە ئۇچ كۇماندا بىلەن تىركەشتى.بارى تۇلۇقلىما مۇسابىقىدە بىيجىڭ كۇماندىسىغا يەنە بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۇردى، بىراق بۇ گۇرۇپپىدىكى باشقا كۇماندىلارغا ئۇتتۇرۇپ قويوپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمەي كۇماندا تارقىلىپ كەتتى.بارى بۇ مۇسابىقىلەردىكى ئىپادىسى ئارقىلىق مەملىكەتتىكى داڭلىق كۇلۇپلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئۆزىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى كۇلۇپلارغا يۇرۇش قىلىش سەپىرى ئۇچۇن ئاساس سالدى. \KS.A 4  
I[?bM-  
بارىنىڭ ئىچكىرى كۇلۇپلاردا توپ ئۇيناش ئارزۇسى كۇچلۇك بولسىمۇ بىراق ئىچكىردىكى كۇلۇپلارغا بىرىش ئىمكانىيىتى ئىزچىل بولماي كەلگەن،2009-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پۇتپۇل كۇماندىسى مەملىكەتلىك ئون بىرىنجى نۇۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتپۇل تۇرىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە چەمبىرىكىگە كىرەلمەي تارقىلىپ كەتكەندىن كىيىن.كۇماندىدىكى كۆپ پۇتبۇلچىلار ئالى مەكتەپلەرگە ئۆتۇش ئارقىلىق،ئالى مەكتەپ كۇماندىللىرىدا توپ ئويناپ،ئۇزىنىڭ ئىستىقبالىنى تىپىش يولىنى تاللىدى،بارى بولسا ھەرقايسى كۇلۇپلارنىڭ كۇنمىڭدىكى مەشىق لاگىرىدا سىناپ مەشىق قىلىش ئارقىلىق پۇتبۇلچى تاللايدىغانلىقىدەك پۇرسەتنى چىق تۇتۇپ ئۆزىنىڭ تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولدى.ئۇ ئىلگىرى كىيىن بولوپ جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى شەنشى چەنبا كۇلۇبىدا سىناق مەشىقىگە قاتناشتى.2010-يىلى شەنشى چەنبا كۇلۇبى مەملكەت ئىچىدە بۇرۇنقى دۆلەت كۇماندىسىنىڭ تىرنىرى جۇگۇاڭخۇ بۇرۇنقى دۆلەت كۇماندىسىنىڭ ئەزاسى ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدىكى مانچىستىر شەھەر كۇلۇبى كۇمانسىدىدا توپ ئوينىغان سۇنجىخەي قاتارلىق داڭلىق ماھىرلارنى يىغىپ ھەيۋە كۇرسىتىۋاتقان بولوپ،ئۇلار ئەمىلى كۇچكە ئىگە ماھىرلارغا قارىغاندا نام ئاتاق جەھەتتە ئالدىدا ماھىرلارغا كۇپرەك قىزىقاتتى،شۇ سەۋەپ بارى بۇ كۇلۇپتىن ئۇمىتسىزھالدا ئۇرۇمچگە قايتىپ كەلدى.ئۇ ئىچ پۇشىقى تارتىپ يۇرگەن كۇنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىزخەيگىڭدىكى مەشىق بازىسىدىن خاڭجۇ يىشىل شەھەر كۇلۇبىنىڭ تىرنىرى ۋۇجىنگۇيدىن تىلفۇن كىلىپ قالدى.ئەسلىدە شىنجاڭ پۇتپۇلچىلار جەمىيىتىدىكى پەرھات ئەزىمەت بارىنىڭ ماتىريالىنى خاڭجۇ تەرەپكە يوللاپ تىرنىر ۋۇجىينگۇيغا ئالاھىدە تۇنۇشتارغان بولغاچ ،خاڭجۇ تەرەپ بارىنى كۆرۇپ باقماقچى بولغان ئىدى.ئالدىنقى قىتىممۇ ئۆمىت بىلەن يولغا چىقىپ چەنبا كۇلۇبى تەرىپىدىن بىر قىتىممۇ ئىتىۋارغا ئىلىنماي ئازاپ بىلەن يىنىپ كەلگەن بارىغا نىسبەتەن بۇقىتىمقى خاڭجۇ كۇلۇبىنىڭ چاقىرىقى  ئۇنىڭدا يىڭى ئۆمىتلەرنى پەيدا قىلدى ئۇ كونىلار ئىيىتقاندەك يىقىلغان يىرىدىن تۇرماقچى بولدى .ئۇ خاڭجۇ كۇلۇبىدىكىلەر بىلەن كۆرۇشكەندىن كىيىن مەشىققە كىرىشىپ كەتتى.ئەمما خىلى بىر ۋاقىتلار ئۆتكەن بولسىمۇ خاڭجۇ تەرەپتە ئۇنىڭ بىلەن توختام تۇزىدىغانلىقى ھەققىدە سادا بولماي ئۇ يەنە ئۇمىتسىزلىنىشكە باشلىدى.چۇنكى جۇڭگۇ دەرىجىدىتىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقە باشلىنىشقا ئاز قالغان،پۇتپۇلچىلار بىرلەشمىسى بەلگىلىگەن پۇتبۇلچىلار بىلەن تۇختام تۇزۇشكەبەرگەن ۋاقىتنىڭ ئاخىرلىشىغا ئاز قالغان ئىدى.كۇلۇپلار ئارا بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى داۋاملىشاتتى.بارى داۋاملىق تۇپ ئۇرۇپ ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.ئۇنىڭ ئىپادىسى كۈندىن كۇنگە ياخشىلىنىپ بىرىۋاتاتتى.چۈنكى بارى بۇ قىتىم چۇقۇم بۇ كۇلۇپنى ئۆزى بىلەن تۇختام تۇزۇشكە ئالدىرىتىش قارارىغا كەلدى.بەدەن قىزىتىش ئاخىرلىشىقا ئاز قالغان كۇنلەرنىڭ بىرىدە خاڭجۇ يىشىل شەھەر كۇلۇبى كۇرىيەنىڭ بىر كۇلۇبى بىلەن بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئۇرۇنلاشتۇردى.بۇبارى ئۇچۇن ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت بولوپ.كۇرىيەكۇلۇبى كۇماندىسى ئالدىدىكى ئىپادە ئۇنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەييتى.بۇ كۈندىكى مۇسابىقىدە بارى قاتارلىق سىناش ئۇبىكىتلىرى مەيدانغا چىقتى.بارى تۇختىماي يۇگۇرۇپ توپ تالىشاتتى.ھۇجۇمغا ئۇتەتتى.چىرايلىق پاسلارنى چىقىراتتى،ئۇئاخىرى چىرايلىق ئىلىپ كىرگەن بىر توپنى تەمكىنلىك بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ۋارىتارىغا ئۇرۇۋەتتى. ئۇنىڭ بۇ مەيداندىكى ئىپادىسى خاڭجۇ كۇماندىسىكى  تەشەببۇسكارلىقى كەمچىل بىر قىسىم سىناق مەشىقى قىلىۋاتقان، ياكى كۇلۇپنىڭ رەسمى ئەزالىرىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرغاچ قارشى تەرەپنىڭ تىرنىرىنىڭمۇ ئالاھىدە ماختىشىغا ئىرىشتى.بۇ مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ۋۇجىنگۇي ئۇنى ئىزلەپ كىلىپ كۇلۇپ بىلەن تۇختاملىش تەييارلىقىنى قىلىش تۇغرىلىق ئۇختۇرۇش قىلدى.بۇشۇ مىنۇت بارى ئۇچۇن ئەڭ گۇزەل چاغلار بولوپ تۇيۇلدى چۇنكى ئۇ بۇقىتىم ئاخىرى كۇلۇپ بىلەن تۇختاملىشىپ كەسپى پۇتبۇلچى بولوش ئارزۇسى ئەمەلگە ئىشىش ئالدىدا ئىدى.  خاڭجۇ يىشىل شەھەر كۇلۇبى بولسا ئەسلى2009-يىللىق جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسدبىقىدە دەرىجىسى  ئا دەرىجىگە چۇشۇپ كەتكەن بولوپ،ئۇيلىمىغان يەردىن دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدىكى گۇاڭجۇ كۇماندىسى ئىلگىرى ساختا تۇپ ئوينىغىنى پاش بولوپ قالغانلىقىتىن دەرىجىسى چۈشۈرۋىتىلىپ،خاڭجۇ كۇلۇبى كۇماندىسى قايتىدىن ئۇرنىنى ساقلاپ قالغان ئىدى،يىڭىدىن تىرنىرلىققا ئولتارغان ۋۇجىنگۇي بۇرۇن بارىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۇرگەن،ئۇنىڭ ئۇستىگە ئالدىنقى يىلى ئىپادىسى ناچار بولغان ماھىرلارنى شاللىۋىتىپ ئورنىغا ئەمىلى كۇچى بار ئەرزان پۇتپۇلچى ئىزدەپ يۇرگەن بولوپ،بارىنىڭ كۇماندىغا كىلىپ مەشىققە قاتنىشىش جەريانىدىكى ئالاھىدە ئىپادىسى ئۇنىڭغا  تەسىر قىلىپ بارىنى كۇماندىغا رەسمى تۇختام بىلەن ئىلىپ قىلىش قارارىغا كەلگەن ئىدى،ئۇ ئۇرۇمچىگە قاراپ يەنەيولغا چىقتى بۇ قىتىمقى سەپەر ئالدىنقى قىتىمغا ئوخشىمايتتى.ئالدىنقى قىتىم شىئەندىن ئۈمىتسىز يانغان،ئۇرۇمچىگە يىقىنلاشقانسىرى ئۆزىنىڭ ئارزۇ –ئۆمىتلىرىدىن شۇنچە يىراقلىشىۋاتقاندەك. ئەمدى ئىككىنجىلەپ بىرەر كۇلۇپقا كىرەلمەيدىغاندەك ھىسيات بىلەن يىنىپ چىققان بولسا بۇقىتىم پۇيىزنىڭ ئاستا ماڭغىنىدىن ئاغرىنىپ ئۇرۇمچىگە قانىتى بولسا ئۇچۇپلا بارغۇسى كىلەتتى.چۈنكى بارى بىلەن بۇ خوش خەۋەردىن ئورتاقىشىشقا تەقەززا بولوپ تۇرغان ئەڭ يىقىن سۇيۇملۇك كىشىللىرى ئۇنى تۆت كۆزى بىلەن ساقلاپ تۇراتتى.ئۇنىڭ ئۇستىگە بارىنىڭ رەسمىيەتلىرى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پۇتبۇلچىلار جەمىيىتىدە بولغاچ رەسمىيەتلەرنى ۋاقتىدا بىجەرمىسە كۇلۇپ تەرەپ بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىت توشوپ كىتىپ ئۇنىڭ قىلغان ئەقىدىللىرى شامالدا سۈرۈلۇپ كىتەتتى.ئۇ ئاخىرى ئۇرۇمچىگە يىتىپ كەلدى...ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پۇتپۇلچىلار جەمىيىتىمۇ ئۆزلىرى تەربىيلىگەن بىر قۇشنىڭ قانات –قۇيرۇقلىرى  يىتىلىپ پەرۋار قىلغىدىن تولىمۇ خوش بولوپ،مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى تىزلا بىجىرىپ بىرىشتى.شۇنىڭ بىلەن دىيارىمىزدا تەربىيلەنگەن.مەملىكەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىدە رەسمى تىزىمغا ئىلىنغان بىر ئۇيغۇر پۇتپۇلچى چوڭ مۇسابىقە مەيدانىدا پەيدا بولوش ئالدىدا تۇراتتى.بارىنىڭ بۇنداق چوڭ مەيداندا پەيدا بولوشى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ماھىرلىرىنىڭ چوڭ پۇتپۇل مۇسابىقىلەردە بولماسلىقتەك ئەھۋالىنى يىڭىلىدى. \zwm:@lG  
مەنبە.ئارچا پۇتبول بىلوگى. ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدو.                            
شۇ كۈنلەرنى تېخى ئۇنۇتمىدۇق...
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول مەستانىسى
UID: 9027
جەۋھەر: 1
يازما: 160
شۆھرەت: 365 نۇمۇر
پۇل: 100325 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 57(سائەت)
تىزىملاش: 2011-05-10
ئاخىرقى: 2011-10-02
1  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-16 12:36

ئىشقىلىپ ،ئۇندق قىلىپ مۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ئەزمەتلىرىمىزنىڭمۇ ئارزۇسى ئاستا-ئاستا ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ... مەن ئويلاپ قالدىم ، ئەگەر سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى قۇرۇلمىغان بولسا بىزنىڭ ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ كەسپىي پۇتبولچى بۇلۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىشى بەك تەس ئىكەنتۇق. ..... شىنجاڭ كوماندىسىنى ب دەرىجىلىك مۇسابىقىگە قاتناشتۇرمىغىنىغا دەششەت قورسىقىم كۆپىدۇ ، ئۇغۇ مەيلى كۆرسەتكەن سەۋەبى ئادەمنى تېخىمۇ قاينىتىپ قويىدۇ... ئەينى ۋاقىتلاردا بارىيلار ب دەرىجىدە توپ تەپسە بىر مەيداننىمۇ قويماي كۆرەتتۇق ، مەيدانغا بارغان مەستانىللىرىمىزنىڭ قىزغىنلىقىغا گەپ كەتمەيتتى...ھەتتا توردا شىنجاڭ پۇتبول مەستانىللىرى جوڭگۇ بويىچە ئەڭ قىزغىن مەستانىلەركەن دەپ ماقالىلەرنىمۇ كۆرگەن ئىدۇق، توغرا ...بىز ھەقىقەتەن ئەڭ قىزغىنى ،چۈنكى بىزنىڭ قېنىمىزدا ئەزەلدىن پۇتبولغا بولغان ،مىللەتكە بولغان قىزغىن مېھرى-مۇھەببەت بار ، بۇنى باشقا مىللەت كىشىلىرى مەڭگۈ بىلىپ يىتەلمەيدۇ.... ئەينى چاغدا ئاشۇ ب دەرىجخنىڭ مۇسابىقە بېلىتىنى 20  كويدىن ساتقاندا يېنىمدا پۇل يوق ياتاقدىشىمدىن ئۆتنە ئېلىپ بېرىپ كەلگەن ئىدىم ....لېكىن ھازىر كۆرەي دىسەكمۇ مۇسابىقە يوق، شۇنداقتىمۇ بارى ،مىرئەخمەت لەرنىڭ   مۇسابىقىسىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈپ كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن.. k,; (`L  
بىزنىڭ  ئۇيغۇر دىيارىمىزدا نۇرغۇن تالانىتلىق بالىلار بار، ھەتتا قايسى بىر يېزىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا بارساقمۇ ئۇششاق باللارنىڭ يېلى يوق يىرتىلىپ كەتكەن ۋاسكىتبول بولامدۇ ياكى پۇتبول بولامدۇ تېپىپ  يۈرگىنىنى كۆرۈپ تۇرىمىز ، ئۇلارنى ھېچكىم شۇنداق مەينەت كوچىلاردا يۈز-كۆزىنى توپا قىلىپ توپ ئوينا دەپ مەجبۇرلىمايدۇ، ھەتتا ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ توسىشىغا ،تىللىشىغا قارىماي جان تىكىپ ئوينايدۇ...  شۇنچە نۇرغۇن نۇپوسقا ئىگە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ قايسى  بىر بۇلۇپ -پۇچقىقىدا مۇشۇنداق پۇتبول سۆيەر بالىلار بار؟ %$Xt1ub6(  
بىزنىڭ شىنجاڭدا بار!!!! {x[C\vZsi]  
:S7[ 
بىچارە بالىلار يا ئاتا-ئانىسىنىڭ توسىشىغا ئۇچرايدۇ،ياكى بولمىسا  تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىنىڭ ،ياكى جەمىيەتنىڭ  ياكى شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمىيىتىنىڭ ..... .... ئىشقىلىپ سەۋەپ جىق~~! h(3-/4   
y@7CY-1  
مېنىڭ جىيەنىمنى قان- قېنىغا سىڭىپ كەتكەن بىر پۇتبول مەستانىسى دېسەم ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ، بىچارىنى ئويلىساملا ئىچىم سېرىلىدۇ، ئۇ TDW D8??e  
توپ تېپىشقا شۇنداق قىزىقىدۇكى بىچارە توپى تەرەتخانىغا چۈشۈپ كەتسە  ئۆزى كىرىپ ئېلىشتىن يانمايدۇ(ھەقىقىي ۋەقە)  ، لېكىن ئۇنىڭ ھەم بىزنىڭ ئائىلە  ئىقتىسادىمىز ياخشى بولمىغانلىقتىن ئۇنى بىرەر پۇتبول مەكتىپىگە بىرىپ ئوقۇتۇشقا ئامالسىز بىز.........بىزنىڭ بىردىنبىر قولىمىزدىن كېلىدىغىنى كىيىن كۆپ پۇل تېپىپ بىزدىن كېيىنكىلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشلا خالاس.... {sj{3Iu  
Lxv_{~I*  
مۇشۇ قول ئىلىگىدە بار كىشىلەر بولسا باللىرىنىڭ پۇتبول قىزىقىشىغا يول قويۇپ ئۇنىڭغا شارائىت ھازىرلاپ بەرسىكەن دەيمەن، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى توسۇپ قويۇپ ئۆزلىرى خالىغانغا مەجبۇرلاش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس دەپ ئويلايمەن. %M`zkA2]J  
مانا نۇرغۇن تىرىشچانلىقلار ئارقىلىپ بارى بۈگۈنكىدەك كۈنگە ئېرىشتى ،ئۇنىڭ داۋاملىق ئىلگىرلىيەلىشىگە تېخىمۇ ئىشىنىمىز ،چۈنكى ئۇنى قوللايدىغان ئاتا-ئانا ، ئۇرۇق تۇققان ، قىز دوستى،ئوقۇتقۇچى ،تەربىيەچىسى قاتارلىقلار بار.... شۇنداق قىلىپ ئۇلار شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى جوڭگۇغا ،دۇنياغا تۇنۇتۇشتا ھالقىلىق رول ئويناپ ،بىزدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئالدىدا تۇرماقتا.... v6 E5#pse8  
l8_RA  
بۇ جايدا تېما ئىگىسىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، بارى ۋە جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى  ۋە جۇڭگۇنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا توپ تېپىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ،ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.... ئاللاھ يولۇڭلارنى ئوچۇق قىلىۋەتكەي!
[ بۇ يازمىنىbalapekirدە2011-06-16 13:13قايتا تەھرىر ]
ئۇنى ياخشى كۆرۈشۈمگە سەۋەب كەتمەيدۇ...
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول مەستانىسى
UID: 2744
جەۋھەر: 0
يازما: 226
شۆھرەت: 256 نۇمۇر
پۇل: 104409 سوم
تۆھپە: 16 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 87(سائەت)
تىزىملاش: 2008-03-24
ئاخىرقى: 2011-09-09
2  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-16 13:09

مىنىڭچە بارى پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقىنى ساقلاپ قالسا، قالماي چەتتە توپ تىپىش ئارزۇسى ئۇزۇنغا قالماي ئەمەلگە ئىشىپ قالىدۇ!                  تىخىمۇ كۆپ بارى،مىرئەخمەتلەرنىڭ جۇڭگۇدىكى داڭلىق كۇلۇپلارغا كىرىشىنى،ئوغلانلىرىمىزنىڭ چەتكە چىقىپ توپ تىپىشىنى ئۆمۈد قىلمەن!!!!!!!!! *A")A.R  
=*>.z@WQ  
98 uMD  
                                                                       ياشا ئۇيغۇرۇم،ياشا ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرى!
ئاق بىلەن قارا
دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى
UID: 8946
جەۋھەر: 1
يازما: 846
شۆھرەت: 1319 نۇمۇر
پۇل: 99987 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 580(سائەت)
تىزىملاش: 2011-04-22
ئاخىرقى: 2011-10-11
3  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-16 13:10

ئالدىرماي كۆرەي!
پەقەت ئارزۇيۇم ئۇچۇنلا ياشايمە
دەرىجە: مۇنبەر تۆھپىكارى

UID: 84
جەۋھەر: 1
يازما: 1034
شۆھرەت: 1155 نۇمۇر
پۇل: 83 سوم
تۆھپە: 52 نۇمۇر
ياخشى باھا: 86 نۇمۇر
توردا: 1018(سائەت)
تىزىملاش: 2007-05-08
ئاخىرقى: 2011-10-11
4  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-16 13:13

ئادىشىم بىراقلا يوللىۋەتمەي بۇنى     ئادەمنى تەققەززا قىلىپ
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول مەستانىسى
UID: 47
جەۋھەر: 0
يازما: 100
شۆھرەت: 100 نۇمۇر
پۇل: 315941 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 83(سائەت)
تىزىملاش: 2007-05-03
ئاخىرقى: 2011-10-11
5  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-16 13:27

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى مەھمۇدىيەدە2011-06-16 13:13يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : Jo[ &y,  
ئادىشىم بىراقلا يوللىۋەتمەي بۇنى     ئادەمنى تەققەززا قىلىپ JY:Fu  
,=@WE> ip  
بارى توغۇرلۇق گەپ بولىۋتسا نىمە دەيدىغاندۇ،، K",Xe>  
بارى ھەقىقىتەن كاللا ئىشلىتىپ توپ تىپدىغان بالا .ئۇتۇق تىلەيمەن...
مانچىستىر دوپپا
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 54
جەۋھەر: 1
يازما: 1936
شۆھرەت: 2581 نۇمۇر
پۇل: 398833 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
توردا: 847(سائەت)
تىزىملاش: 2007-05-03
ئاخىرقى: 2011-10-11
6  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-16 14:19

بارىنى ئەمدى خىلە تەپسىلى چۈشەنگەن بولدۇم .....
كۈنلىرىمىز كۆپ قالمىدى...ئويغا
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
UID: 300
جەۋھەر: 1
يازما: 2405
شۆھرەت: 2159 نۇمۇر
پۇل: 110395 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 428(سائەت)
تىزىملاش: 2007-06-12
ئاخىرقى: 2011-10-07
7  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-16 15:10

بىزنىڭ پۇتپۇلچىلىقىمىزنىڭ ئۈمىدى پەقەت بارى بىلەن مىرئەخمەتجان~~~ EY:EpVin  
    بولار تىرىشىپ ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى ياخشى جارى قىلدۇرسىلا كىيىنكى ئوكىللىرىغا يول ئىچىپ بىرەلەيدۇ~~~
خەير-ھەممىدىن ۋاز كەچتىم.
مەن توردا يوق !
دەرىجە: كوماندا باشلىقى

UID: 7967
جەۋھەر: 3
يازما: 5314
شۆھرەت: 5891 نۇمۇر
پۇل: 276775 سوم
تۆھپە: 85 نۇمۇر
ياخشى باھا: 52 نۇمۇر
توردا: 1183(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-02
ئاخىرقى: 2011-10-05
8  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-16 15:28

تولۇق ئوقۇپ چىقتىم... قىزىقتۇرۇش كۈچى ھەقىقەتەن يۇقۇرى يېزىلىپتۇ... بارىغا ئامەت تىلەيمەن...كېيىنكى ساننى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن
ھەق يولىدىن ئۆزگە تاللىشىم يوق
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 8221
جەۋھەر: 4
يازما: 3453
شۆھرەت: 6225 نۇمۇر
پۇل: 317009 سوم
تۆھپە: 52 نۇمۇر
ياخشى باھا: 63 نۇمۇر
توردا: 663(سائەت)
تىزىملاش: 2010-10-16
ئاخىرقى: 2011-10-11
9  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-16 15:42

بارى ئىستىقباللىق توپچى..ھەم شۇنداق بولغاي.......
مەن توردا يوق !
دەرىجە: تاماشىبىن
UID: 9167
جەۋھەر: 0
يازما: 1
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
پۇل: 100001 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 0(سائەت)
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-06-16
10  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-16 18:21

asli baringmu ata-ansi kaxkarlikkanda merahmatjanimu kaxkalik dawatkan
ئەڭ نوچىسى ~ رونالدو
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
UID: 8444
جەۋھەر: 0
يازما: 2053
شۆھرەت: 2465 نۇمۇر
پۇل: 105265 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردا: 256(سائەت)
تىزىملاش: 2010-12-11
ئاخىرقى: 2011-10-11
11  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-16 22:44

تولۇق ئوقۇپ چىقتىم ، تاخشى يىزىپسىز   _{&bmE  
بارى ، مىرئەخمەت ،،،،،،،،،، ئۇيغۇر پۇتبولچىلىق داۋاملىق ئالغا  
http://www.putbol.cn/images/globalimg/spain.jpg