سىز بۇ تېمىنىڭ 1985 - ئوقۇرمىنى
تېما: چىملىقتىكى ماتروس - سامپۇدورىيا
~ ئىختىيارسىز ھالدا ~
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UID: 7982
جەۋھەر: 9
يازما: 5178
شۆھرەت: 7721 نۇمۇر
پۇل: 103363 سوم
تۆھپە: 206 نۇمۇر
ياخشى باھا: 158 نۇمۇر
توردا: 688(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-06
ئاخىرقى: 2011-10-11
0  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-08 23:55

چىملىقتىكى ماتروس - سامپۇدورىيا

ئەسكەرتىش: بۇ يازما nijat تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-06-09)
   ئۇشبۇ تېمىنى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە داڭقى بار يەنە بىر ئاتىلىشى ماتروس دەپ ئاتالغان سامپۇدورىيا كوماندىسىغا بېغىشلايمەن، ھەممىمىز بىلىمىز سامپۇدورىيا بۇ پەسىل دەرىجە چۈشۈپ كەتتى،ئىتالىيە مەستانىلىرىنىڭ بۇ ئەينى ۋاقىتتا ھەقىقىي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىنتېر،مىلان،رىم،يۇۋېنتۇسلار بىلەن بىر مەزگىل تىركەشكەن كوماندىغا ئامىراقلىقى بار،مەنچىنى،ۋىيالى،مىخايلوۋىچ،ئورتىگا،گۇلىت،پاگلىيۇكا،لومبادو،ۋېرون،كىلىنسىمان،بۇرات قاتارلىق نۇرغۇن چولپانلار يىغىلغان كوماندا ئىدى،ئەينى يىلىدىكى ئالدىدا يىپى بار كىيىمى ھەممەيلەننىڭ سېتىۋېلىش ئارزۇسى بار كىيىم ئىدى،ئەمما بەزىبىر خاتالىقلار تۈپەليى بۇ كوماندا دەرىجە چۈشۈپ كەتتى،كېلەر يىلى قايتىپ كېلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز،غەيرەت قىل سامپۇدورىيا !   7f.4/x^  
#j(q/ T{x  
*+_fP|cv  
Dme(Knly  
   سامپۇدورىيا پۇتبول كۇلۇبى ( Unione Calcio Sampdoria ) ئىتالىيەنىڭ غەربى شىمال تەرىپىدىكى لىگۇرىيا رايونىدىكى رېنايا شەھىرىگە جايلاشقان،1946-يىلى رەسمىي قۇرۇلغان،ھازىر بۇ كوماندا ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە تەسىر كۈچى خىلى زور كوماندىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.بۇ كوماندىنىڭ ساھىبخان مەيدانى ماراسسى پۇتبول مەيدانى بولۇپ،جەمىئي 36546 تاماشىبى سىغىدۇ،كۇلۇب رەئىسى رىكاردو.گارونى ! ھازىرقى مەشقاۋۇلى دىكارلو. r[C3u[  
     9}K(Q=  
.0 R/'!e  
  كوماندا شەرەپ تاختىلىرى u|_I Twk  
ئىتالىيە بىرلەشمىسى چىمپىيونى 1 قېتىم                     1990-1991 -يىلار پەسىل B|Rpm^ |  
ئىتالىيە لوڭقىسى چىمپىيونى  4 قېتىم                       1984-1985 پەسىل، 1987-1988 پەسىل، 1988-1989 پەسىل ، 1993-1994 پەسىل `dG.L  
ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونى 1 قېتىم  1991 -يىلى Zztt)/6*  
ئىتالىيە ب بىرلەشمىسى چىمپىيونى 1 قېتىم                 1966-1967 پەسىل 1C5kS[!  
ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 2-لىك 1 قېتىم         1991-1992 پەسىل |!jYv'%  
ياۋروپا غالىبلار لوڭقسىسى چىمپىيونى 1 قېتىم             1989-1990 پەسىل V7K tbL#  
ياۋروپا غالىبلار لوڭقسىسى 2-لىك 1 قېتىم                  1988-1989 پەسىل U5@TaGbx  
z[0LU]b<  
   رېنايا شەھىرى لىگۇرىيا دېڭىز قولتۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەر بىر تەبىئىي پورت بولۇپ شەكىللەنگەن.شەھەرنىڭ بىر يېنى تاغ،يەنە بىر تەرىپى دېڭىز بىلەن تۇتىشىدۇ،خەرىتىدىن قارىساق بۇ شەھەر خۇددى بىر لېگەنگە ئوخشايدۇ،بۇ شەھەر ئاساسلىقى دېڭىزنىڭ ئىككى ياقىسى بويىچە تەرەققىي قىلغان.رېنايا فىرانسىيەنىڭ ۋانا،نىس قاتارلىق جايلار بىلەن بىر دېڭىز سىزىقى ئۈستىگە جايلاشقان.رېنايا شەھىرى داڭلىق ئېكىسپىدىتسىيىچى كولومبونىڭ يۇرتى،ھەم ئىتالىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئېغىر سانائەت رايونى،بۇ يەردىكى پورتقا كىرىدىغان پاراخوتلانىڭ سانىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ،مەيلى سانائەت ،مەيلى تارىخ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ بۇ شەھەر ئىتالىيەدىكى ئەڭ مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.ھەم بۇ شەھەر ئىتالىيەدىكى ئەڭ مۇھىم پۇتبول شەھىرى ھېسابلىنىدۇ،بۇ تەرەپ مىلان ۋە تۇرېن شەھەرلىرى بىلەن تەڭ تۇرىدۇ،بۇ شەھەردىكى سامپۇدورىيەدىن باشقا يەنە رېنايا پۇتبول كوماندىسىمۇ بار، ئەمما سامپۇدورىيا كوماندىسى بىلەن رېنايا كوماندىسىنىڭ تۇتۇشقان نەتىجىلىرىگە قارىغاندا سامپۇدورىيانىڭ يۇقىرى تۇرىدۇ،ئەگەر سىز رېنايا پۇتبولچىلىقىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز بىرىنچى بولۇپ سامپۇدورىيا كوماندىسىنى چۈشىنىڭ.رېنايا كوماندىسى بىلەن سامپۇدورىيا كوماندىسى ئارىسىدىكى مۇسابقە چىراق مۇنار دېربىسى دەپ ئاتالغان. H3UX{|[  
   ئەمدى سامپۇدورىياغا كېلەيلى،1946-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى،رېنايا شەھىرىدىكى سامپىئېردارئېنىس كوماندىسى بىلەن ئاندىرى دورىيا كوماندىسى بىرلىشىپ سامپۇدورىيا دىگەن بۇ پۇتبول كۇلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن،بۇنىڭدىن  بۇرۇن سامپىئېردارئېنىس كوماندىسى 3 قېتىم ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە قاتناشقان،ۋە يەنە ئاندىرى دورىيا كوماندىسى بولسا ئىتالىيە گىمناستىكا جەمىيىتى پۈتۈن دۆلەت بويىچە ئۇيۇشتۇرغان پۇتبول مۇسابىقىسىدە 2 بولغان،ئۇ مۇسابىقە بولسا 1904-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى فىلورىنسادا ئۆتكۈزۈلگەن، ئۇ ۋاقىتتا بۇ كۇلۇب AC مىلانغا 3 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان. Pq[0vZ_}dN  
   ئەمدى سامپۇدورىيا كوماندىسى رەسمىي قۇرۇلغاندىن كېيىن فېررارىس پۇتبول مەيدانىنى ئۆزىنىڭ ساھىبخان مەيدانى قىلغان،1928-يىلى قۇرۇلغان بۇ مەيدانغا 75 مىڭ تاماشىبىن سىغاتتى،كېيىن بەزىبىر سەۋەبلەر بىلەن ۋە يەنە 1990-يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدىغان ۋاقىتتا بۇ مەيدان ئۆزگەرتىلگەن،ھازىر بۇ مەيدانغا 41 مىڭدەك تاماشىبىن سىغىدۇ،بۇ مەيدان رېنايا شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدىكى ماراسسى رايونىغا جايلاشقان،سامپۇدورىيا مەستانىلىرى ئارقىدىن بۇ مەيداننى ماراسسى دەپ ئاتىغان.سامپۇدورىيا دىگەن بۇ نام ئىككى كۇلۇبنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان،بىراق بۇ ئىسىمدا باشقىچە بىر پۇراق يوق،ئەمما بۇ خەت رېنايالىقلارنىڭ كۆڭلىدە شەرەپ ۋە خۇشاللىققا ۋەكىل بولالايدۇ. e"v[)b++Y  
~vjr;a(B  
                                      رېنايا شەھرىدىن كۆرۈنۈش 8;+Hou  
' q=NTP  
كۇلۇبنىڭ تەرەققىي قىلىشى _x,-d|9b d  
   1946-يىلى 9-ئايدا،ئىتالىيەدە يېڭى ئىسىم بىلەن پەيدا بولغان بۇ قوشۇن ئۆزىنىڭ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى 1-مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى،ئۇ ۋاقىتتا سامپۇدورىيا مېھمان مەيداندا رىم بىلەن ئوينىغان ئىدى،گەرچە 3 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن تۇنجى مەيداندا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ ئەمما بۇ مۇسابىقە ئۇلار ئۈچۈن بىر يېڭى دەۋىرنىڭ باشلانغانىقىدىن دېرەك بېرەتتى،ئاندېرىيا سامپۇدورىياغا ۋاكالىتەن بىرلەشمىدىكى تۇنجى توپنى ئۇردى.شۇنىڭدىن كېيىن كۇلۇب بارغانسېرى تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى،1948-1949 پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئۇلار 5-ئورۇندا تۇرۇپ بىر پەسىلنى ئاخىرلاشتۇردى،1949-يىلى بۇ كۇلۇبتىكى باردىنى سامپىدورىيا كۇلۇب تارىخىدىكى تۇنجى بولۇپ ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىغا كىرگەن توپچى بولۇپ قالدى،ئىتالىيە بىلەن پورتۇگالىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە باردىنى تۇنجى بولۇپ دۆلەت كوماندىسىدىكى مۇسابىقىسىنى ئوينىدى،ئۇ بۇ كۇلۇبتىكى خەلىقئارالىق مۇسابىقىلەردە تۇنجى بولۇپ مەيدانغا چىققان توپچى بولۇپ قالدى،1960-يىللاردا سامپىدورىيا كوماندىسى ئۆزىنىڭ ياۋروپا مۇسابىقىلىرىنى باشلىۋەتتى،1962-1963 پەسىلدە ئۇلار ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشتى،1962-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى سامپىرورىيا 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن لىيۇكسىمبۇرگ كوماندىسىنى يەڭدى،ئەمما ئۇلار ئارقىدىن ۋېنگىرىيەنىڭ فېرۋالوس كوماندىسىغا ئېچىنىشلىق ھالدا ئۇتتۇرۇۋەتتى. 5m%baf2_  
+s*l#'Q  
   ئەمەلىيەتتە سامپىدورىيا كوماندىسى قۇرۇلۇپ 30 يىل جەريانىدا ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە تۇرغان بىلەن،ئەمما ياخشى بىر نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىدى،گەرچە سامپىدورىيا بارسېتو ۋە سېرگىيو.بۇرىگىندىنو قاتارلىق داڭلىق توپچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىرلەشمە مۇسابىقىدە 4-لىكنى،ھەم ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا ياخشى نەتىجىلەتنى قولغان كەلتۈرەلمىدى، ھەم 1965-1966 پەسىللەردە ۋە 1974-1975 پەسىللەردە دەرىجە ساقلاشتەك مۈشكۈلاتلارغىمۇ دۇچ كەلدى،ئۇلار بۇۋاقىتتا ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئەمەس بەلكى بىر شەھەردىكى ئەشەددى دۈشمىنى بولغان رېنايا كوماندىسى بىلەن بەسلىشىش ئىدى.بۇ چاغلاردا ئەڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى سامپىدورىيا توپچىسى سېرگىيو.بۇرىگىندىنو 1960-1961 پەسىلدە 28 توپ ئۇرۇپ،بۇ پەسىلدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى بولۇپ باھالانغان.بۇ سامپىدورىيا كوماندىسىدىكى ئەزالارنىڭ تۇنجى بولۇپ بۇنداق شەرەپكە ئېرىشىشى ئىدى.سېرگىيو.بۇرىگىندىنونىڭ بىر پەسىلدە 28 توپ ئۇرغان رېكورتى 37 پەسىلدىن كېيىن گېرمانىيەلىك بىئېرخوخ تەرىپىدىن بۇزۇۋېتىلگەن،سامپىدورىيا كوماندىسى ئاخىرى ئۆزىنىڭ تىرىشمىغانلىق جازاسىنى تارتىشقا باشلىدى،1977-يىلى نەتىجىسى تۆۋەن بولغانلىقتىن ئۇلار ب دەرىجىگە چۈشۈپ كەتتى،بۇ ئىشتىن كېيىن سامپىدورىيالا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئىتالىيە پۇتبولچىلىقى تەسىرگە ئۇچرىدى،ئىتالىيە پۇتبولچىلىقىدا چوڭ ئىككى ئىش يۈز بەردى، بىرى لازىئو كوماندىسى بىلەن ۋىسېنزا كوماندىسى ( Vicenza Calcio ) نىڭ مۇسابىقىسىدە ساختا توپ ئويناش ئىشلىرى ئاشكارىلىنىپ بىللە ب دەرىجىگە سەپەر قىلدى،ئارقىدىن AC مىلاننىڭمۇ بەزىبىر ئىشلىرى ئاشكارىلىنىپ ئۇلارمۇ دەرىجە چۈشتى،ۋىسېنزا كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى ھەتتا 2 يىل توپ ئوينىماسلىق جازاسى بېرىلدى،ئۇ دەل 1982-يىلى ئىتالىيە دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونى بولغاندا ئەڭ زور كۈچ قوشقان پائۇل.روسسى. j-C42Pfr  
   ئەمدى گەپنى 1982-يىلىدىن باشلايلى،بۇ بىر يىل سامپىدورىيا كوماندىسىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم بولغان بىر يىل بولدى،ئۇلار ب قالپاقنى 4 يىل كەيگەندىن كېيىن ئاخىرى بۇ يىلى ئا دەرىجىگە قايتتى،ھەم بۇ يىلى نۇرغۇن داڭلىق چولپانلار قوشۇلغان ئىتالىيە كوماندىسى دۇنيا چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى،شۇنىڭغا قارىغاندا سامپىدورىيا كوماندىسىنىڭ تەغدىرى ۋە خۇشاللىنارلىقلىرى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن ئوخشىشىپمۇ قالدى،بايام دىگەندەك بۇ بىر يىل سامپىدورىيا كوماندىسىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم بولغان بىر يىل بولدى،چۈنكى بۇ يىل كوماندىدا زور ئۆزگىرىش يۈز  بەردى،يەنى كۇلۇبقا يېڭى بىر خوجايىن كەلدى،ئىتالىيە سودا ساھەسىدە داڭ چىقارغان پائۇل.مانتوۋانى كۇلۇبنىڭ يېڭى خوجايىنى بولدى،بۇ كىشى سودا ساھەسىىدىمۇ داڭقى چىققان،ئۇ ھەتتا پۇتبولنىمۇ ھەقىقىي چۈشىنىدۇ،ئۇ بىر پۇتبول كوماندىسىنىڭ زادى نىمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. 5.C[)`_  
tsSS31cv  
                          پائۇل.مانتوۋانى Fl'xmz^  
asmW W8lz  
   80-يىللارنى ئىتالىيە پۇتبولچىلىقىدىكى زور تۈركۈمدىكى،ۋە داڭلىق چولپانلارنىڭ يىغىلغان دەۋرى دېيىشكە بولىدۇ،ئېلىپ ئېيتساق، گوللاندىيەلىك ئۈچ قىلىچۋاز، گېرمانىيە جەڭ ھارۋىسى ، پۇلاتىنى،بونېك،فاركوۋ،سۇگىرادى،سۇدىرۇپ،پاسارېرا قاتارلىق،ھەتتا ئەينى ۋاقىتتىكى ۋېرونا ۋە ئۇدىنېس قاتارلىق كىچىك كوماندىلارمۇ ئېركوئېر ۋە جىكو قاتارلىق داڭلىق چولپانلارنى سېتىۋالدى،ۋە يەنە جەنۇب تەرەپتىكى ناپولىمۇ داڭقى چىققان پۇتبول شاھى مارادونانىمۇ ئەكەلدى،ئەمما مانتوۋانى باشقا كۇلۇبلاردەك زور مەبلەغ ئاجرىتىپ ئۇنداق توپچىلارنى سېتىۋالمىدى،چۈنكى ئۇ چۈشىنىدۇ،نىمىنى چۈشىنىدۇ ؟؟؟؟؟ چۈنكى ئۇ ۋاقىتتىكى سامپىدورىيا كۈچلۈك كوماندىلاردىن ئەمەس،شۇڭلاشقا ئۇلار ئۇنداق داڭلىق توپچىلارنى باشقا كوماندىلاردەك ئۆزىگە جەلىب قىلالمايدۇ،ھەم بىر كوماندا داڭ چىقىرىش ئۈچۈن چوقۇم تىك تۇرالايدىغان بازا بولۇش كېرەك، يەنى ياشلارنى تەربىيلەش بازىسى،بىر قانچە داڭلىق توپچىلارغا تايانغان بىلەن كوماندىنى قۇدرەت تاپقۇزغىلى بولمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن مانتوۋانى ياشلار بازىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن ۋە ياشلارنى قېزىپ چىقىش ئۈچۈن سامپۇدورىيا ياشلار لاگىرىغا ئەينى ۋاقىتتىكى ياش بولغان لىپىنى تەكلىپ قىلىدۇ،لىپى ئەينى ۋاقىتتا سامپىدورىيا كوماندىسىدىن چىكىنگەن ۋاقتى ئىدى،مانتوۋانى لىپى ئۈستىدىن ياشلارنى تەربىيەلەيدىغان قابىلىيەتلەرنى بايقايدۇ،ئارقىدىن بۇ ياشلار لاگىرى گانىز،چېسا ۋە يۇۋېنتۇستىكى ئالتۇن ئۆسمۈر بولغان دېل پىيېرولارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ،ھازىر ئەينى ۋاقىتتىكى لىپى بولسا دۇنياغا داڭلىق مەشقاۋۇل،سامپىدورىيا دەل ئۇنىڭ داڭ چىقىرىشىغا ئۇل سالغان،ھەم ئۇنىڭ نۇرغۇن تەجرىبە توپلىشىغا تۈرتكە بولغان. J:mu%N`  
   يەنە كۇلۇب تەجرىبىسى مول بولغان يۇگۇسلاۋىيەلىك داڭلىق مەشقاۋۇل بوسكوفنى ئەكەلدى،ئۇمۇ بۇرۇن سامپۇدورىيانىڭ توپچىسى ئىدى،1971-يىلىدىن 1973-يىلىغىچە بوسكوف يۇگۇسلاۋىيە كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللۇق خىزمىتىنى ئۆتىگەن،ئارقىدىن فىيېنود،خانلىق مادىرىد قاتارلىق زەردارارنى تۇتۇپ زور شەرەپ قۇشقان،ئۇ بىر تاكتىكا ئۇستىسى بولۇپلا قالماستىن يەنە بىر ياشلارنى قىزىپ چىقىشقا ماھىر بوولغان بىر كىشى،ئۇ سامپۇدورىيانىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتقان ھەم رىم شاھزادىسى توتتىمۇ ئۇ تەرىپىدىن بايقىلىپ بۈگۈنكىدەك داڭ چىقارغان.ئارقىدىن رەئىس مانتوۋانى ياخشى تەربىيەچىلەرنى ئەكىلىش بىلەن بىرگە يەنە داڭ چىقارغان توپچىلارنى سېتىۋېلىشقىمۇ كىرىشتى،ئەمەلىيەتتە بۇ توپچىلارنىڭ ئۇنداق داڭقىمۇ يوق،مانتوۋانى ئاز پۇل خەجلەپ چوڭ ئىش ۋۇجۇد چىقىرىش ئۈچۈن ناھايىتى ياش ھەم كەلگۈسى پارلاق بولغان توپچىلارنى قېتىۋالدى،بولونىيەدىن 18 ياشلىك مەنچىنى ۋە قاپقىچى پاگلىيۇكا،ۋە يەنە كىرېيمونادىن ۋىيالى ۋە لومباردو ،ئىمونىس كوماندىسىدىن مەننىنى،كومو كوماندىسىدىن ئىۋېنىززى،ئۇدىنېستىن بۇلەنكا،تورىندىن دوسېننانى،ناپولىدىن فۇسى،پارمادىن سارسانو ۋە پارى،رىمدىن ۋېرچىۋود،ۋە يەنە ياشلار بازىسىدىن چىققان لەننا ۋە گانىز قاتارلىق توپچىلار سامپىدورىيادىن داڭ چىقارغان،كوماندىدىنىڭ بارغانسېرى زورىييىشىغا ئەگىشىپ سامپۇدورىيا يەنە گېرمانىيەلىك بىرېگىل،بىرازىلىيەلىك سېرېزو،سىلوۋىنىيەلىك كاتانىچ،ئىسپانىيەلىك ۋىكتور،ئۇكرانىيەلىك مىخايىلىچىك،پېلەرگېلىرنى،كاربونى،بونېتتى قاتارلىق توپچىلار كۈچلۈك بولغان بىر كوماندىنى تەشكىل قىلدى. XB!`*vZ/<  
m^oi4mV  
ئالتۇن دەۋىرنىڭ باشلىنىشى G}?P r4Gj  
   پائۇل.مانتوۋانىنىڭ كوماندىدا ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلىرى ۋە مەبلەغلىرىنىڭ جاۋابى 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا چىقىشقا باشلىدى،باشقا كۇلۇبلارغا سېلىشتۇرغاندا سامپىدورىيانىڭ قەدىمى ئىتالىيە لوڭقا مۇسابىقىلىرىدىن باشلاندى،1984-1985 پەسىلنىڭ ئىتالىيە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە سامپىدورىيا كوماندىسى مەنچىنى ۋە ۋىيالىنىڭ ئۇرغان توپلىرى بىلەن AC مىلاننى مەغلۇب قىلىپ چىمپىيون بولدى،بۇ كۇلۇب تارىخىدىكى تۇنجى ئىتالىيە لوڭقىسى چىمپىيونى ھېسابلىنىدۇ،ۋە يەنە 1987-1988 پەسىلدە ئۇلار يەنە مۇشۇ تۈرنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە تورىن كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ چىمپىيون بولدى،1988-1989پەسىلدە ئۇلار يەنە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى،ئۇلار بۇ ۋاقىتتا مارادونا يېتەكچىلىكىدىكى ناپولى كوماندىسىغا يولۇقتى،گەرچە بىرىنچى ئۇچرىششىتا 1گە قارشى0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرغان بولسىمۇ،ئەمما 2-ئۇچرىشىشىتا 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ناپولىنى يېڭىپ يەنە چىمپىيون بولدى،قىسقىغىنا 5 يىل ئىچىدە 4 قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىرىپ 3 قېتىم چىمپىيون بولدى،ئۇلارنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى نەتىجىلىرىمۇ بارا بارا كۆتۈرۈلدى،ئۇلار يەنە ياۋروپا غالىبلار چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنىمۇ كۆتۈردى. XpAq=p0;  
Cp~3Jm3  
1990-يىلىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن،كۇلۇبنىڭ نەتىجىسى پەللىگە چىقتى،1990-1991 پەسىلدە ئۇلار ئالغا دىەەن ناخشىلىرىنى ئېيتىپ رىقابەتچىسى ئىنتېرنى ۋە ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيون ناپولىنى تاشلاپ، كۇلۇب تارىخىدىكى تۇنجى ئىتالىيە بىرلەشمىسى چىمپىيونلىقىنى  قولغا كەلتۈردى،كۇلۇب ھۇجۇمچىسى ۋىيالى 19 توپ ئۇرۇپ ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىلىق شەرىپىنى،مەنچىنى بولسا شۇ يىللىق ئىتالىيە پۇتبول ئەپەندىسى شەرىپىگە ئېرىشتى،سامپۇدورىيا شۇ يىلى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان كوماندا بولۇپ قالدى،شۇ يىلى ئۇلار رىمنى مەغلۇب قىلىپ ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىسنى كۆتۈردى،بۇ كۇلۇبنىڭ پەيدا بولۇشى،ئىنتېر،ACمىلان،يۇۋېنتۇس ۋە رىملارغا زور بىر بېسىم بولدى،ھەم ئۇلارغا ھەيۋە قىلىشقا باشلىدى،ھەم ئىتالىيە مەستانىلىرى ۋە ئىتالىيە پۇتبولچىلىقىغا زور بىر ئۈمۈد ۋە گۈزەل ئەتىنى ئېلىپ كەلدى. f{ 4G  
#NQz&4W  
   1990-1991 پەسىللىك مۇسابىقە باشلانغاندا سامپىدورىيا كوماندىسى كىشىنى چۆچۈتىدىغان باشلىنىش بىلەن ئىش باشلىدى.ئۇلار بىرلەشمە باشلىنىپ 9 مەيدان ئۇتتۇرماستەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى،بۇنىڭ ئارىسىدا 1گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ئاتلانتانى،2گە قارشى4 نەتىجە بىلەن بىسا كوماندىسىنى،ھەم كۈچلۈك بولغان ناپولى كوماندىسىنى چوڭ پەرىق بىلەن يەڭدى،9 ئايلانمىدىن كېيىن سامپىدورىيا ئىتالىيە بىرلەشمىدە ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان كوماندا بولدى،ۋە يەنە سامپۇدورىيا مېھمان ھالەتتە ئۇزغانلىق لوڭقىسىنى ئالغان AC مىلاننى يەڭدى،بىر قاتار چوڭ غەلبىلەردىن كېيىن  نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى رېنايا شەھرىدىن كەلگەن بۇ كوماندىغا نىسبەتەن ھەيران قالدى،باشقا زەردارلارمۇ بۇرۇن ئۇچراپ باقمىغان زور بېسىملارغا دۇچ كەلدى،بارا بارا غەلبە قىلغاندىن كېيىن سامپىدورىيامۇ كۈچلۈك رەقىبى ئىنتېرنى 1گە قارشى3 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلدى،شۇ مۇسابىقىدىن كېيىن كوماندىدا داۋالغۇش يۈز بەردى،ئۇلار ئارقا ئارقىدىن تورىن ۋە لېچ كوماندىلىرىغا ئۇتتۇردى،ئەمما ئۇلار يەنە باشتىن قوپۇپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە باشلىدى. 5N3!!FFE  
2}#wd J`  
   1991-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىتالىيە بىرلەشمىسى 33-ئايلانمىدا سامپۇدورىيا ئۆز مەيدانىدا لېچ بىلەن مۇسابىقە باشلىنىدۇ،بۇ كۈن سامپۇدورىيا ۋە مەستانىلىرىغان بولغان بىر بايرام،سامپۇدورىيا ئاخىرى زوفۇ،مەنچىنى ۋە ۋىيالىنىڭ ئۇرغان توپلىرى بىلەن لېچنى مەغلۇب قىلىپ يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بۇ لوڭقىغا ئېرىشىدۇ،ئىتالىيە بىرلەشمە چىمپىيونلىرى تاختىسىدا سامپۇدورىيانىڭ ئىسمى يېزىلىدۇ،ئۇ كۈنى پۈتكۈل رېنايا شەھىرى كۆك رەڭگە چۆمىدۇ! ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىدا سامپۇدورىيا بىلەن لازىئو 3 دە 3 تەڭلىشىپ بىر چىرايلىق بولغان مۇسابىقىنى تۈگىتىدۇ،ئۇلار بىر يۈرۈش رېكورتلارنى يارىتىدۇ،ئۇلار مىلەن قوشكېزەكلىرى بىلەن بولغان 4 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە غەلبە قىلىدۇ،ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان كوماندا بولۇپ قالىدۇ. Q"K>ML>0  
4ysdna\+  
   يەنە بىر بەزى ئىشلار بار، بىر ئادەم ياكى بىر كوماندا داڭلىق كوماندىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا يۈزلەنگەن،ھەم كوماندا ئالقىش ۋە خۇشاللىق سادالىرىغا چۆمۈلگەن مۇشۇ مەزگىللەردە بەزى بىر خەۋەرلەرمۇ تارقىلىدۇ،سامپۇدورىيانىڭ چىمپىيون بولۇشىغا يەنە بەزى بىر ئاۋازلارمۇ بولغان،بەزى كىشىلەر دەيدۇ: سامپۇدورىيانىڭ چىمپىيونلۇق بولۇشى بىر تاساددىپىيلىق خالاس،ئەينى ۋاقىتتا ناپولى كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى مارادونا يۆتكۈلۈش ئىشلىرى ۋە روھلاندۇرۇش دورىسى ئىستىمال قىلىشتەك بەزىبىر ئىشلار بىلەن مۇسابىقىلەر ياخشى ئېلىپ بېرىلمىغان،بۇ ئارقىلىق پۈتۈن كوماندا تەسىرگە ئۇچرىغان،يەنە ئېلىپ ئېيتساق يۇۋېنتۇس،ئىنتېر،ACمىلان قاتارلىق بۇ 3 كوماندا ئۆز ئارا سېتىق ئىشلىرى قىلغاچقا بۇ 3 كوماندا بىر بىرى بىلەن بولغان مۇسابىقىلەردە كەيپىيات چېچىلىپ كېتىش ئىشلىرى يۈز بەرگەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ACمىلان ئۇزغۇنلۇققا قاتناشقان،شۇ ئارقىلىق پۈتۈن دىققىتى بىلەن بىرلەشمە مۇسابىقىگە كىرەلمىگەن. دىگەن مۇشۇنداق ئاۋازلار بار.ئەمەلىيەتتە بۇنداق يالغان خەۋەرلەر پۈتۈنلەي يالغان،ۋە يەنە بەزى بىر كۆرەلمەسلەرنىڭ تاپقان بىر ئالبېننىسى خالاس،سامپۇدورىيانىڭ چىمپىيون بولۇشى دەل ئۇلارنىڭ تىرىشىشى،جاپالىق مۇھىتتىن باش كۆتۈرىسى ئاساسىدا ئېرىشكەن،ئۇلار شۇ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ ياش بىر كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقا چوڭ كوماندىلاردەك ئېلىپ سېتىش ئىشلىرىنى قىلمىغان،ئۇلار پەقەت ياشلارنى ئېچىشقا،ئۇلارنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن،ئۇلارنىڭ سېتىۋالغان توپچىلىرىمۇ ئۇنداق داڭلىق توپچىلار ئەمەس،ئۇلار پەقەت بۇ لوڭقىنى ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئالغان،بۇ لوڭقىغا باشقىلارنىڭ ئارىلىشىدىغان ھېچقانداق ھەققىي يوق. ئېلىپ ئېيتساق كوماندىسىكى مەنچىنى ۋە ۋىيالىدىن ئىبارەت بۇ قوش ھۇجۇم « كىشىنى چۆچۈتىدغان قوش يۇلتۇز » دەپ ئاتالغان،ۋە يەنە لومباردونىڭ بۆسۈپ ئۆتۈشلىرى،پاگلىيۇكانىڭ چىرايلىق ئېتىلىپ توپ قۇتقۇزۇشلىرى،مەننىنىنىڭ ئۇزۇن پاسلىرى ۋە يىراقتىن توپ ئۇرۇشلىرى،ۋېرچاۋوردنىڭ ئارقا مۇداپىيەنى مۇقىم ۋە ئىشەنچىلىك ھالدا ساقلىشى ئۇلارنىڭ بۇ لوڭقىغا مۇناسىب ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.ئەينى يىلىدىكى كوماندىنىڭ توپ ئوينىشى چىرايلىق،جۇشقۇنلۇق چاقناپ تۇرغان،تېخنىكىلىرى ئۈستۈن،بۇنداق ئويناش كىشىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ،ئۇلارنىڭ ئەينى يىلىدىكى ئىپادىسىنى مەستانىلەر « ئالتۇن سامپۇدورىيا » دەپ ئاتىغان. ~ :b:_ 5"  
   ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمىيونى بولغان بۇ كوماندىغا پەقەت بۇ بىرلەشمىدە ئويناش ئازلىق قىلىدۇ،ئۇلار چوقۇم تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرلەپ ئۆزىنى ياۋروپا سەھنىلىرىدە كۆرسىتىشى كېرەك،شۇنداق قىلىپ ئۇلار 2- يىلى ئۇزغانلىق لوڭقىسىغا قاتنىشىدۇ،ئۇلار ئارقا ئارقىدىن ئەندىرېخىد،پاناشىناكېس،ۋە يەنە ئالدىنقى قېتىم چىمپىيون بولغان يۇگۇسلاۋىيە كۇلۇبى بېئوگرات كوماندىلىرىنى يېڭىپ ھەل قىلغۇچقا كىرىدۇ،ئۇلار ئېنگىلادتىكى داڭلىق مەيداننىڭ بىرى بولغان ۋېنبۇلى مەيدانىدا ئىسپانىيە كۇلۇبى بارسېلونا بىلەن تۇتىشىدۇ،ئۇ بىر ناھايىتى كەسكىن ۋە ناھايىتى تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بىر مەيدان مۇسابىقە،سامپۇدورىيا گەرچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ،ئەمما بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ 30 مىنۇتلۇق ۋاقىت قوشۇش مۇسابىقىسىدە كوماننىڭ ئۇرغان بىر توپى بىلەن ئېچىنىشلىق ھالدا بارساغا ئۇتتۇرۇۋېتىدۇ،گەرچە ئۇلار 2-لىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ،رېنايا شەھرىگە قايتقاندىن كېيىن مەستەنىلەرنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ، راست ! ھەقىقەتەن تەس،تۇنجى قېتىم ئۇزغانلىققا كىرىپ،ھەل قىلغۇچقا كىرىش ھەقىقەتەن تەس،ئەمما ئۇلار بۇنى قىلالىدى. Gv+Tg/  
://# %SE  
چوڭ ئۆزگىرىش >\oJ&gdc  
   مەيلى قايىل قىلارلىق بولغان نەتىجە،چىرايلىق ئويناش ئۇسلۇبى ۋە ئۆزىگە خاس توپچى،مەيلى كوماندا مەستانىلىرى،مەيلى ئىتالىيە، مەيلى ياۋروپادا چاقناش بولسۇن ھەممىسى بۇرۇنقىدىن كىشىنى چۆچۈتكۈدەك زورايدى،مۇشۇنىڭ بىلەن بۇ كوماندا ئەينى دەۋىردىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كوماندا بولۇپ قالدى،مەشقاۋۇل بوسكوفنىڭ دىگىنى بويىچە :« سامپۇدورىيا ئاللىقاچان ياۋروپادا چەكسىز بولغان ئۈمۈا ئاتا قىلدى،مېنىڭ سامپۇدورىيارىم ياۋروپادا قانات قاقسا پۈتۈن يەر ئالقىشقا چۆمىدۇ». شۇنىڭ بىلەن گۇللىت،پۇلات،جوگوۋىچ،ماسپېرو،مىخايلوۋىچ،سېدروف،ۈېرون،ئورتىگا قاتارلىق دۇنياۋى داڭلىق توپچىلارمۇ ئارقا ئارقىدىن ماراسسى مەيدانىغا كېلىدۇ،داڭلىق توپچى كېلىنسىمانمۇ ئۆزىنىڭ پۇتبول ھاياتىنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلىدۇ. $Ex 9  
Z2j*%/  
   شانلىق نەتىجىلەردىن كېيىن سامپۇدورىيا كوماندىسى 1992-1993 پەسىلدە داۋالغۇش يۈز بېرىدۇ،مەشقاۋۇل بوسكوف رىم كوماندىسىغا كېتىدۇ،بۇ ۋاقىتتا كوماندىغا بۇرۇن بورتۇ ۋە فىلورېنسانى تۇتقان مەشقاۋۇل ئېرىكسون كېلىدۇ،گەرچە كوماندا جوگوۋىچ،سېرېنا،بېتارېللى ۋە ئېنگىلاد توپچىسى ۋارىك قاراتلىقلار بىلەن كۈچ تولۇقلىغان بولسىمۇ،ئەمما كۇلۇب ئويلاپ باقمىغان ئىشتىن بىرنى قىلدى، يەنى كوماندىدىكى قوش يۇلتۇزنىڭ بىرى بولغان ۋىيالىنى سېتىۋېتىدۇ،بۇ ئىش كوماندىدىكى ئەڭ چوڭ داۋالغۇش بولۇپ قالىدۇ،بۇ ئارقىلىق كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە قاتتىق تەسىر يېتىدۇ،بېتارېللى ۋە مەنچىنىدىن ئىبارەت بولغان بۇ قوش ھۇجۇم بۇرۇنقى ئالتۇن قوش ھۇجۇمغا يەتمەيدۇ،كۆپىنچىسى كاپىتان مەنچىنى توپ ئۇرۇشنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ،مۇشۇ ئارقىلىق كوماندا بىرلەشمىدە ئاران 7 - بولۇپ قالىدۇ،بۇ ۋاقىتتا كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى دەل مەنچىنى بىرلەشمىدە 15 توپ ئۇرۇپ كوماندىدىكى ئەڭ ياخشى ماھىر بولۇپ قالىدۇ،ۋە يەنە چىراغ مۇنار دېربىسىدا رېنايانى چوڭ نومۇر پەرىق بىلەن ئۇتۇپ، بۇ دېربىنىڭ غەلبىسىنى ساقلاپ قالىدۇ. كۆك ئاسماننىڭمۇ تۇتۇلغىنى بولغانلىقتەك كوماندىغا ئەڭ زور بولغان ئېچىنىشلىق ئىش چىقىدۇ،1993-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى كۇلۇب رەئىسى پائۇل.مانتوۋانى بەختكە قارشى ماشىنا ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ،شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئېنرىكو.مانتوۋانى دادىسىدىن كېيىن كوماندىنىڭ رەئىسى بولىدۇ،كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئالمىشىشى ۋە كۇلۇبتا بولغان بىر ئېچىنىشلىق مۇسىبەت ئىشى تۈپەيلى كوماندىنىڭ نەتىجىسى بىراقلا چۈشۈپ كېتىدۇ ۋە ئۇلار باشقا بىر يولغا كىرىپ كېتىدۇ.1993-1994 ەسىلدىكى سامپۇدورىيا كوماندىسى كۇلۇب تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوشۇن ھېسابلىنىدۇ،بۇ پەسىل ئۇلار گوللاندىيەلىك ئۈچ قىلىچۋازنىڭ بىرى بولغان گۇللىتنى ئەكىلىدۇ،كۇلۇب يەنە بېلۇچچى،ئاموروسو قاتارلىق 2 ياش چولپاننى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ،بۇرسو ۋە كىرېنىلارمۇ يىتىشىپ چىقىدۇ، بۇنىغا قوشۇلۇپ بۇلات،جوگوۋىچ،ئېۋانا،ۋە يەنە كونا سەبداشلاردىن بولغان ماەنچىنى،لومباردو،مەننىنى،ۋېئىرچېۋورد قاتارلىقلارنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىسىدا كۇلۇب تارىخىدىكى ھازىرقىچە نىسبەتەن بولغان ئەڭ ئاخىرقى لوڭقا ---- ئىتالىيە لوڭقىسىنى ئالىدۇ،ئەنە ئاشۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى مەستانىلەر تارىخ بېتىگە يازغان،ئۇلار ھەل قىلغۇچتا 1 گە قارشى 6 نەتىجە بىلەن ئانكونا كوماندىسىنى يەر چىشلىتىدۇ،بۇنداق چوڭ نومۇر پەرىق بۇندىن بۇرۇن چىقىپ باقمىغان ئىدى. I7z]%Z  
   بىر پەسىلدىن ئارتۇق سوزۇلغان چۈشىنىش ۋە ئۇسلۇبلاردىن كېيىن،ئېرىكسوننىڭ كوماندىغا بولغان تاكتىكا جەھەتتىكى ئىسلاھاتلىرىنىڭ جاۋابى چىقىشقا باشلىدى،بىرلەشمە باشلىغان 1-ئايلانمىدا سامپۇدورىيا بۇرۇن ئۆز كوماندىنىڭ ياشلار كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلغان لىپىنىڭ ھازىرقى كوماندىسى ناپولى بىلەن تۇتىشىدۇ،ئۇ ۋاقىتتا ناپولى كوماندىسىدا مارادونا يوق ئىدى،بۇ مەيداندا سامپۇدورىيا 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ناپولى كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىدۇ،شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ بىرلەشمىدىكى نەتىجىلىرى بارا بارا كۆتۈرۈلۈشكە باشلايدۇ،ناھايىتى تېزلا چىمپىيون بولۇش ئېھتىماللىقى زور بولغان زەردار كوماندىلار قاتارىغا قايتىپ كېلىدۇ،ئېرىكسون گۇللىت ،مەنچىنى،لومباردو قاتارلىق بۇ ئۈچ ھۇجۇملارنى ئىشەنچىگە تولدۇرىدۇ.AC مىلان كۇلۇب خوجايىنى بولغان بېرلوسكونى : « بۇ پەسىل بىزنى ھېچكىم يېڭەلمەيتتى،ئەمما بىزنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنىمىز گۇللىت باشچىلىقىدىكى سامپۇدورىيا قوشۇنى» دەپ ئېيتىدۇ،بۇ پەسىل سامپۇدورىيا مەستانىلىرىگە نىسبەتەن نۇرغۇن ئەسلىمىلەر قالغان،مىلان بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئارقىدا قالغان شارائىتتا 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مىلاننى يېڭىشى،2گە قارشى 6 نەتىجە بىلەن ئۇدىنېسنى يېڭىشى، 1 گە قارشى 6 نەتىجە بىلەن فۇگا كوماندىسىنى يېڭىشى،بۇ ئارقىلىق كوماندا ئىتالىيە بىرلەشمىدىكى ھۇجۇمى ئەڭ كۈچلۈك بولغان،كىشىنى ئەڭ مەپتۇن قىلىدىغان كوماندىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ،مۇشۇ بىر قاتار شەرەپلەر ئارقىلىق ئۇلار بىرلەشمە لوڭقىسىنى تارتىۋالغىلى ئازلا قالىدۇ،گەرچە بۇ پەسىلدىكى نەتىجىسى 3- بولۇپ قالغان بولسىمۇ، مەستانىلەر ماراسسىنىڭ خوجىسى بولغان گۇللىت ۋە كاپىتان مەنچىنىلارغا ئىشىنىدۇ،ئۇلار بۇ بىرلەشمە لوڭقىسىغا يەنە چاپىدۇ،ئەمما خۇشاللىقلارمۇ كەلگەندەك،بەزىبىر ئۆزگىرىشلەرمۇ كوماندىدىن قېچىپ كېتەلمەيدۇ. nh&  
   1994-1995 پەسىلدە كۇلۇب ئاساسلىق قاپقىچى ۋە يەنە 1994-يىلى ئىتالىيە دۆلەت كوماندسىنىڭ ئاساسلىق قاپقىچىسى بولغان پاگلىيۇكانى سېتىۋېتىدۇ،ۋە يەنە ئۇنىڭ ئورنىغا تەجرىبىسى مول بولغان زېڭگانى ئەكىلىدۇ،ئەمما نۇرغۇن مەستانىلەر بۇنىڭغا نارازى بولىدۇ ۋە قارشى چىقىدۇ،ئەمما بۇ ئىشلار بىر كىچىككىنە باشلىنىش،شۇندىن كېيىن كوماندا ئۆزىنىڭ ياخشى ھالىتىنى،بۇرۇنقى قىزغىنلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ،گەرچە بىرلەشمىدە ۋاقىتلىق 1-بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ،بىرلەشمە باشلىنىپ ھالقىلىق جايغا بارغاندا نەتىجە بارغانسېرى ناچارلىشىدۇ،يەنە ياۋروپا غالىبلار لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئېچىنىشلىق ھالدا ئارسېنالغا ئۇتتۇرۇپ شاللىنپ كېتىدۇ،بىرلەشمىدىكى تەرتىپىمۇ 8-بولۇپ قالىدۇ،كوماندا ئىچىدىمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەر چىقىدۇ،ئارقا مۇداپىيە ناچار بولغانلىقتىن،ھۇجۇمدىكى پۇرات ۋە گۇللىتلار ئامال يوق مۇداپىيەگە قاتنىشىدۇ،بۇ ئارقىلىق ئەزالار ئارىسىدا بىردەك چۈشىنىش ھاسىل بولالمايدۇ. F)iG D~  
k42ur)pb  
داۋالغۇش |{LaZXU&  
   نۇرغۇن داڭلىق توپچىلارنى سېتىۋەتكەندىن كېتىن،ئۇلار 1995-1996 پەسىلگە قەەم قويىدۇ،بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بۇرۇنقىدەك قىزغىنلىقى قالمايدۇ،مەستانىلەر پەقەت ئەينى يىلىدىكى گۇللىتقا ئوخشايدىغان كارىنبونىڭ ئويناشلىرىنىلا كۆرىدۇ،گەرچە كۇلۇپ سېدروف،كارىنبو،مەنىرو قاتارلىق توپچىلارنى كىرگۈزگەن بولسىمۇ،ئەمما كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچى بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ،سەۋەبى بولسا بىر بىرىنى تولۇق چۈشىنىدىغان بۇرۇنقى توپچىلار يوق،كوماندىدا ئاساسلىقى مەننىنى،سارسانو،ئىۋېنىج قاتارلىق توپچىلارنىڭ ئىپادىسىگىلا قاراپ قالىدۇ،كوماندا كاپىتانى بولغان مەنچىنىمۇ يۆتكۈلۈش ۋە توختام ئىشلىرى سەۋەبلىك كۇلۇب رەئىسى كىچىك مانتوۋانى ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا بولىدۇ،كەيپىياتنىڭ ناچار بولشى تۈپەيلى كوماندا كۆپلىگەن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرايدۇ،بۇ كۇلۇبنىڭ 10 يىل تارىخدىكى ئەڭ ناچار پەسىل بولۇپ قالىدۇ ۋە ياۋروپا مۇسابىقىلىرىگە كىرەلمەيدۇ،ئەمما بۇ پەسىل كوماندا ئۈچۈن ئەڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ئۇلار ئىككى يەرلىك ئىستىقباللىق توپچىنى بايقايدۇ،بۇنىڭ بىرى دەل چىسا ( Chiesa )،ئەمەلىيەتتە چىسا 1987-1988 پەسىلدىلا 1-كوماندىغا كىرىپ بولغان ئىدى،ھەم 1988-1989 پەسىلدە سامپۇدورىياغا ۋاكالىتەن بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتناشقان،بىراق كوماندىدا داڭلىق بولغان ۋىيالى ۋە مەنچىنىدىن تۈزۈلگەن بۇ ھۇجۇم سېپى ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرمىگەن،ئۇزۇن مەزگىل ئىجارە بېرىلىش ئارقىلىق ئۇ نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى توپلىغان،ئۇ سامپۇدورىياغا قايتقان بىرىنچى پەسىلدىلا پارتلىغان ئىدى،كوماندا بۇنداق ناچار ھالەت ۋە كوماندىنى قايتا رەتلەشكە قاتتىق كىرىشكەن بۇ مەزگىللەردە ئۇ مەيدە كېرىپ چىقىپ كوماندىنىڭ ياەرولۇق توپچىسى بولۇپ قالغان ئىدى. يەنە بىرى بولسا ياش قاپقىچى پاگوتتو،1995-1996 پەسىلدە كوماندا ئالدىنقى پەسىل  ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولغان زېڭگادىن ۋاز كەچكەن ئىدى،كوماندا مۇشۇ ۋاقىتتا قاپ يۈرەكلىك بىلەن ياش قاپقىچى پاگوتتونى ئىشقا سالغان،بۇ پەسىل كوماندىنىڭ مۇداپىيەسى ناچارراق،تولا خاتالىق يۈز بەرگەن بولسىمۇ،ئەمما پاگوتتونىڭ ناھايىتى ياىشى ئىپادىسى بىلەن مەستانىلەرنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن،ئەمما ئۇنىڭ پۇتبولچقىلىق ھاياتى ناھايىتى قاباھەتلىك ئۆتكەن،بولۇپمۇ ئۇ پېرۇگا كوماندىسىدا توپ تەپكەن ۋاقىتلىرىدا روھلاندۇرۇش دورىلىرى ۋە ئىستىمال قىلىشقا بولمايدىغان دورىلارنى ئىستىمال قىلغانلىقتىن ئىتالىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۇنىڭغا جازا بەرگەن ۋە بىر مەزگىل توپ تېپىشىنى چەكلىگەن،جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئۇ ھازىرغىچە ئىتالىيە ب دەرىجىدىكى كۇلۇب ئارېززو كوماندىسىدا توپ تەپمەكتە. )W6- h  
   1996-1997 پەسىلگە قەدەم قويدى،  مەستانىلەر بۇ پەسىلدىكى سامپۇدورىيا كوماندىسىنى « ئەڭ ئاخىرقى بۈيۈك سامپۇدورىيا » دەپ ئاتاپ كەلمەكتە،گەرچە كوماندا سېدروف،چىسا،بېرتارىللى قاتارلىق توپچىلارنى سېتىۋەتكەن بولسىمۇ،ئەمما كوماندا يەنە ئۆز ئۇسلۇبىغا ماس كېلىدىغان ۋېرون،مونتېللا ۋە لېيگىلى قاتارلىق توپچىلارنى كىرگۈزىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە ۋېروننى ئەينى دەۋىردىكى ئەڭ ياراملىق ئوتتۇرا مەيدان دەپ قاراشقا بولاتتى،مارادونامۇ ۋېروننىڭ سامپۇدورىياغا بېرىش ئالدىدا:« ئۇ بىر داڭلىق كۇلۇب،ئۇ كوماندا سېنىڭ بېرىشىڭغا ئەرزىيدۇ » دەپ ئېيتقان.يەنە بىر قانچە توپچىلارنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.يەنى رېنايادىن ئەمدىلا يۆتكۈلۈپ كەلگەن مونتېللا ، ئۇنىڭ كېلىشى چىسا كېتىپ ھۇجۇمدا بوش قالغان ئورۇننى تولۇقلىدى ھەم بۇ كەلگەن بىر قانچە توپچى كوماندىنى بىردىنلا قىزغىن كەيپىياتقا،غەلبىگە بولغان ئۈمۈدكە باشلاپ كەلدى،مونتېللانىڭ 22 توپ ئۇرۇشى بىلەن ئاشۇ پەسىلدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى بولۇپ قالدى،يەنە بىرىنى تىلغا ئالساق يەنىلا شۇ سامپۇدورىيانىڭ رىۋايەتلىك كاپىتانى مەنچىنى،1996-1997 پەسىلدە ئۇ كوماندىدىكى بەزىبىر زىددىيەتلەر ئۈستىدىن قايتىپ كېلىپ ئەڭ ھالقىلىق ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ كوماندىدىكى كاپىتانلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ،كوماندا ئۇنىڭغا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا ئۇ مەيدىسىنى كېرىپ چىقىدۇ،ھەم بۇ ئارقىلىق ھۇجۇمدىكى يېڭى سەبدىشى مونتېللانى تەربىيلەيدۇ. 1996-1997 پەسىلدىكى بۇ ماتروس قوشۇن باشقىچىلا بىرلەشمە مۇسابىقىگە يۈزلىنىدۇ،مەنچىنىنىڭ تۇيۇقسىز پارتلىشى كوماندىغا نۇرغۇن ئىشەنچ ئېلىپ كېلىدۇ،ئارقا ئارقىدىن AC مىلاننى،رىمنى،ئىنتېرنى،ئۇدىنېس كوماندىلىرىنى مەغلۇب قىلىپ،بىرلەشمىدىكى رەت تەرتىپىنى يۇۋېنتۇس بىلەن تەڭلەشتۈرىدۇ،مەستانىلەر 1990-1991 پەسىلدىكى سامپۇدورىيا كوماندىسىنى كۆرگەندەك بولىدۇ،ئەمما بىرلەشمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا ئۇلار چىمپىيون بولۇش ئىستىكىنى يوقىتىپ،چىمپىيون بولۇش ئېھتىماللىقى زور بولغان كوماندىلار ئىچىدىن چىقىپ كېتىدۇ،ئەمما بۇ ئىشلار مەستانىلەر ئىچىدە ھېچقانچە ئىش ئەمەس بولۇپ قالىدۇ،چۈنكى كوماندىدىكى 15 يىل توپ تەپكەن رىۋايەتلىك كاپىتان مەنچىنى كېلەر پەسىل كوماندىدن ئايرىلماقچى بولىدۇ،گەرچە مەستانىلەر « مەنچىنى قېلىپ قال » ، « مەنچىنى مەڭگۈ بىز بىلەن بىرگە » دىگەندەك شۇئار ۋە لەۋھەلەرنى كۆتۈرگەن  بولسىمۇ،ئەمما بۇ كاپىتاننى تۇتۇپ قالالمايدۇ،مەنچىنى كوماندىدا توپ تەپكەن 15 يىل ئىچىدە 566 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ،173 توپ ئۇرۇپ سامپۇدورىيا تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق،ئەڭ مەشھۇر توپچى بولۇپ قالىدۇ. n@,eZ!  
]9< 9F ?  
jLS]^|  
پېتىپ قېلىش دەۋرى 5{/Pn%5  
   1998-1999 پەسىلدىكى سامپۇدورىيا، مەستانىلەرگە نۇرغۇن ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ قويىدۇ،مەستانىلەر دائىم كوماندىنىڭ ئۇتتۇرغان ۋە شاللانغان مۇسابىقىلىرىنىلا كۆرۈپ ئۆتىدۇ،گەرچە ھۇجۇمچى مونتېللا بار كۈچى بىلەن ھۇجۇمچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان بولسىمۇ،ئەمما يەنىلا مەغلۇبىيەتلەردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.مەستانىلەرنى ئەڭ ئازابلىغىنى ئۇلارنىڭ كوماندىسى بولغان سامپۇدورىيانىڭ دەرىجە چۈشۈپ كېتىشى بولىدۇ.شۇ پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ 33 -ئايلانمىسىدا كوماندا بولونىيە بىلەن تۇتۇشىدۇ،نەتىجىدە ئۇلار ھالقىلىق بىرمەيداندا مەغلۇبىيەتكەئۇچراپ ئېچىنىشلىق ھالدا دەرىجە چۈشىدۇ.  بۇ پەسىلدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر توپچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنىڭ يوقلىقىلا بولماستىن،يەنە كوماندىدىكى ئاساسلىق توپچىلارنى سېتىۋېتىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك،ئەمما كوماندا يەنە ئارگېنتىنا توپچىسى ئورتىگانى قېتىۋالىدۇ،ئەمما كۇلۇب  يەنىلا ئۆزىنىڭ نىشانىنى قىلغىلى مۇمكىن بولمىغان ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىغا كىرىشكە قارىتىدۇ،كوماندا يەنە سىپاېتتىنى ئىشتىن بوشىتىپ،سامپۇدورىيانىڭ بۇرۇنقى توپچىسى پۇراتنى تەكلىپ قىلىدۇ،ئارقىدىنلا نەتىجىدىن تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ پۇراتنى ئىشىتن بوشىتىپ يەنە شۇ سىپالېتتىنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىدۇ،بۇنداق تۇتۇرۇقسىز قىلىقلار مەستانىلەرنىڭ تىللىشىغا دۇچار بولىدۇ.ئۇلار يەنىلا مۇشۇ بىر قاتار ئىشلاردىن بېسىپ ئۆتۈپ، يەنىلا دەرىجە ساقلاپ قالىدۇ. UVmyOC[Y{  
   ئەمەلىيەتتە،بىر كوماندىنىڭ دەرىجە چۈشۈپ كېتىشىشنى پەقەت بىر توپچىغىلا ئارتىپ قويۇش توغرا ئىش ئەمەس،بەلكى پۈتۈن كوماندىدىكى توپچىلار ،ئىشچى خىزمەتچىلار،كۇلۇب رەئىسلىرىنىڭمۇ مەسئۇلىيەتلىرى بار.كىچىك مانتوۋانى كۇلۇبنىڭ رەئىسى بولغاندىن كېيىن،ئۇ دادىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ،بەلكى توپچى سېتىش ۋە ئېىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەزىبىر ئىشلىرىنى قاندۇرىدۇ،بۇ ئارقىلىق كوماندا زور تالاپەتلەرگە ئۇچرايدۇ،كوماندا يەنە يېڭى خوجايىننىڭ يېتەكلىشىدە ئىتالىيە ئا دەرىجىگە قايتىپ كېلىدۇ،ئۇلار قايتىدىن ئىشەنچىگە ئېرىشىدۇ،بارغانسېرى ئىلگىرىلەيدۇ. SWO!E  
@%G"i:HZ&  
2009-2010 پەسىلدە ئۇزغانلىققا قايتىش Dlf=N$BL7d  
!,!tNs1 K  
   2009-2010 پەسىلدە ئۇلار 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى يارىتىدۇ،ئۇلار بىرلەشمىدە 4-لىككە ئۆتۈپ،ھەم ئۆز مەيدانىدا ئۇتتۇرماسلىقتەك ياخشى نەتىجىنىمۇ يارىتىدۇ،19  يىلدىن كېيىن ئۇلار قايتا ئۇزغانلىق سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ،ھەم بۇ پەسىل ئىچىدىكى 4 زەردار كۇلۇبنى يەڭگەن كوماندا بولۇپ قالىدۇ،ئەڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ئۇلار   كاسانو ۋە پاززىنىنىڭ ئۇرغان 2 توپى بىلەن رىمنى بوغۇزلاپ تاشلايدۇ، ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىدا 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ناپولىنى يېڭىپ 4-لىكنى مۇقىملاپ قالىدۇ.ئۇلار ئۇزغانلىقنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە ئېچىنىشلىق ھالدا گېرمانىيە كۇلۇبى بىرېمىن تەرىپىدىن شاللىنىپ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە كىرەلمەيدۇ.بۇ پەسىل كوماندىغا ئەڭ ئاساسلىق كۈچ قوشقىنى دەل « kappa تۈزۈلمىسى » دەپ ئاتالغان كاسانو ۋە پاززىنىدىنن ئىبارەت بۇ ئىككى ھۇجۇم ئەڭ يادرولۇق توپچى بولۇپ قالىدۇ. `$Q $l  
d[jxU/.p;  
تارىختىكى ئەڭ ئېسىل سەپ شەكلى 3xbA]u;gp  
'Ko T8g\b  
پاگلىيۇكا `2 Z  
   پاگلىيۇكا نۇرغۇن مەستانىلەر ئارسىسىدا 10 نەچچە يىل ئارىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچى ھېسابلىنىپ كېلىدۇ،ئۇ سامپۇرورىيا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 200 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 5 چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن. 0lY.z$V  
[Nsv]Yz  
مەننىنى S"V|BU  
   15 يىللىق سامپۇدورىيادىكى پۇتبولچىلىق ھاياتىدا ئۇ 1991-يىلىدىكى ئالتۇن سامپۇدورىيانىڭ غوللۇق ئەزاسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ،ئۇ كوماندىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مۇداپىيە سېپىدە تۇراتتى. j8_WEjG  
 NDm3kMa  
ۋىئېرچىۋود  ze{  
   ۋىئېرچىۋود ئىتالىيە بىرلەشمە تارىخدىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك بېكلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىپ كەلمەكتە،ۋە يەنە تېز بولغان سۈرئىتى ئارقىلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ ئەڭ قورقىدىغان بىر تېغى بولۇپ قالغان. CZuV{Oh}?  
WfL5. &  
مىخايلوۋىچ %\Z{~(&-v  
   ئەمەليەتتە ئۇنىڭ لازىئودىكى ئىپادىسىنى ئەڭ ياخشى دېيىشكە بولىدۇ،ئەمما ئۇ بۇ ماتروس قوشۇن ئىتالىيە بىرلەشمە چىمپىيونى بولغان يىلىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئەزانىڭ بىرى،بۇ سېربىيەلىكمۇ كوماندا تارىخدىكى ئەڭ ياخشى بېك بولۇپ كەلمەكتە،گەرچە ئۇ لازىئوغا قوشۇلۇپ،ئارقىدىن سامپۇدورىيا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇنتۇلماس قالپاق كەيگەن بولسىمۇ،ئەمما ماتروس قوشۇندا ئۇنىڭ قاتناشقان مەيدان سانى 100 دىن ئاشقان،ئىتالىيەلىكلەر ئۇنىڭ ئىختىيارى توپ تېپىش تېخنىكىسنىڭ ماراسسى مەيدانىدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆتكەن. BRhAL1  
UPfH~H[1)  
بىرېگىل ^~E?7{BL  
   بۇ گېرمانىيەلىك ئىككى يان بېك،ئۆزىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ئاپىنىندا،يەنى ماتروس قوشۇندا باشلىغان،ئۇنىڭ ئاشۇ سۈرئىتى ۋە مۇداپىيەسى ئارقىلىق ئۇ سامپۇدورىيانىڭ ئەڭ ياخشى سەپ شەكلىگە كىرەلىگەن. \'q 9,tP  
0B7cpw>_J  
ۋېرون 7Y"CeU-S  
   ئۇ ئېرىسكسون تەرىپىدىن تاللىنىپ ماتروس قوشۇندا قوشۇۋېلىنغان،ئۇ ئاپىنىن ئارىلىدا يەنىلا ئۆزىنىڭ ھۇجۇم تەشكىللەشتەك ياخشى رولىنى جارى قىلدۇرغان. k z"F4?,  
[7]Kvb2t  
سېرىزو qv>?xKSm  
   سېرىزو ئەينى يىلى رىمدىن سامپۇدورىياغا كەلگەن ۋاقتىدا ئۇ 31 ياش ئىدى،نۇرغۇن مەستانىلەر ئۇنىڭ ياخشى ئىپادىسى ماراسسى مەيدانىدا ئۇزاققا بارمايدۇ دەپ ئويلىغان،ئەمما ئۇ بۇ كۇلۇبقا نۇرغۇن شەرەپلەر قۇچۇپ بەرگەن. 8q58H[/c  
|1 iCt1~U  
لومباردو i"V2=jTeBv  
   لومباردونىڭ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ئۇرغان توپى دەل ماتروس قوشۇندا ئۇرۇلغان،ئۇ 23 يېشىدا بۇ قوشۇنغا قېتىلغان. ]k &Y )  
wH&[Tg  
مەنچىنى |E/U(VS3l~  
   مەنچىنى كۇلۇب تارىخدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ داڭلىق توپچنىڭ بىرى ئىدى،ئۇ ماتروس قوشۇندا توپ تەپكەن 15 يىل ئىچىدە 7 لوڭقا ئېلىپ كەلگەن،ئۇ ۋىيالى بىلەن ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇم سېپىنى تۈزگەن،ئۇ كۇلۇب تارىخدىكى ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچى ۋە كاپىتاننىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. @62QDlt;  
-b'93_ZTu:  
مونتېللا hYO UuC  
   گەرچە بىر شەھەردىكى دۈشمەن كوماندا رېنايا كوماندىسىدىن يۆتكىلىپ كەلگەن بولسىمۇ،ئۇ سامپۇدورىيا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئۇرغان 1-توپىدىن كېيىن مەستانىلەر ئۇنىڭغا ئامراق بولۇپ قالىدۇ،3 پەسىلدە ئۇ 50 دىن ئارتۇق توپ ئۇرۇپ بولىدۇ،1998-1999 پەسىلدە ئۇ يارىدار تۈپەيلى كوماندىنىڭ دەرىجە چۈشۈپ كېتىش خەۋپىنى توسۇپ قالالمايدۇ،ئۇ ئارقىدىن رىم كوماندىسىغا يۆتكۈلىدۇ. $Pv;>fHu  
j[2?}?  
ۋىيالى B]jN~CO?  
   مەنچىنىگە ئوخشاش ۋىيالىمۇ كوماندىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ داڭدار بىر توپچى، ئۇ ئەينى يىلى ماتروس قوشۇندا ئەڭ ياخشى ھۇجۇم سېپىنى ھاسىل قىلغان،ئۇ كېيىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ يۇقىرى باھا بىلەن يۇۋېنتۇسقا سېتىلىدۇ،ئۇ تارىختىكى ياۋروپادىكى ئۈچ چوڭ لوڭقىنىڭ چىمپىيونى ۋە 2-لىككە ئېرىشكەن توپچى. DWT4D)C,U  
$C@v  
كوماندا سان سىفىرلىرى $!F_K   
)xtDiDB  
بىرلەشمىدىكى ئەڭ ياخشى رەت تەرتىۋى : 1   (1990-1991 پەسىل) Pt<lHfd  
بىرلەشمىدىكى ئەڭ ناچار رەت تەرتىۋى :  16 (1998-1999 پەسىل) MHZ!noAr  
بىرلەشمىدە ئالغان ئەڭ ياخشى نومۇرى: 51 (بىر مەيدان ئۇتسا 2 نومۇر ھېسابلىنىدىغان ۋاقىت) g_{hB5N](7  
بىرلەشمىدە ئالغان ئەڭ ناچار نومۇرى : 23 (بىر مەيدان ئۇتسا 2 نومۇر ھېسابلىنىدىغان ۋاقىت) &Xw{%Rg  
تاق پەسىللىك مۇسابىقىدە ئۇتقان سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى :  20 (1990-1991 پەسىل ) s+m,ASj  
ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان سانى : 74 ( 1948-1949 پەسىل) *oR`l32O0z  
ئەڭ ئاز توپ ئۇرغان سانى : 16 (1972-1973 پەسىل) GMD>Ih.k:9  
ئەڭ كۆپ توپ كەتكۈزۈش : 76 (1950-1951 پەسىل) eLC}h %  
ئەڭ ئاز توپ كەتكۈزۈش : 21 (1984-1985 پەسىل،1986-1987 پەسىل) F@=)jrO=$  
\VJ7ahg[\  
2010-2011 پەسىلدە دەرىجە چۈشۈپ كېتىش 49S q)jd<  
   2010-2011 پەسىلدە بىرلەشمىدىكى رەت تەرتىۋى ئارقىدىن سانىغاندا2-بولۇپ قالدى،ئۇلار بىرېسسىيە،بارى بىلەن بىرلىكتە دەرىجە چۈشتى،بۇ داڭلىق ماتروس قوشۇن بەزىبىر سەۋەبلەر تۈپەيلى دەرىجە چۈشۈپ نۇرغۇن مەستانىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى يەنە بىر قېتىم سالدى،سامپۇدورىيا يۇقىرى قاتلكىمىدىكىلىرى دەرىجە چۈشكەندىن كېيىنلا كوماندىنى قاتتىق رەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى،ھەممىمىز بۇ داڭلىق قوشۇننىڭ بىر يىل غەيرەت قىلىپ ئىتالىيە ئا دەرىجىسىگە قايتىپ كېلىشىنى ئۈمۈد قىلايلى !  ئالغا ماتروس قوشۇن ! ئالغا سامپۇدورىيا ! MN|8(f5Gs  
SVvR]T&_  
------------------- ئەسەرنى مېنىڭ رۇخسىتىمسىز يۆتكىمەڭ----------------
[ بۇ يازمىنىدونادە2011-06-09 09:08قايتا تەھرىرلىدى ]
~~~~~~ ماڭاي دېسە يول كۆپقۇ ~~~~~~
ئالتۇن ھامان پارقىرايدۇ....
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

UID: 7998
جەۋھەر: 6
يازما: 1800
شۆھرەت: 3662 نۇمۇر
پۇل: 2422146 سوم
تۆھپە: 180 نۇمۇر
ياخشى باھا: 186 نۇمۇر
توردا: 1278(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-10
ئاخىرقى: 2011-10-11
1  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-09 00:01

بېرىمىننىڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا ئىككى  توپ ئۇرۇپ سامپودورىيەنى ئۇزغانلىقتىن شاللىشى بېرىمىننىڭ دەرىجە  چۈشۈپ كىتىشىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى  بۇلۇپ  قالدى...   كاسانو  بىلەن پاززىنى شۇنىڭ  بىلەن كىتىپ  قالدى  شۇنداقلا سامپودورىيە تۈگشىپ كەتتى.........
***
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

UID: 4469
جەۋھەر: 1
يازما: 2358
شۆھرەت: 3659 نۇمۇر
پۇل: 279840 سوم
تۆھپە: 26 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردا: 1970(سائەت)
تىزىملاش: 2008-07-06
ئاخىرقى: 2011-10-08
2  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-09 00:05

گەپنىڭ ئۇچۇقىنى دىگەندە سامپودورىيەنى مىلان قوشكىزەكلىرى تۈگەشتۈرىۋەتتى
بىز باش ئەگمەيمىز.....
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

UID: 783
جەۋھەر: 3
يازما: 6905
شۆھرەت: 7483 نۇمۇر
پۇل: 3821 سوم
تۆھپە: 126 نۇمۇر
ياخشى باھا: 180 نۇمۇر
توردا: 3143(سائەت)
تىزىملاش: 2007-10-18
ئاخىرقى: 2011-10-11
3  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-09 00:08

دۇنانىڭ ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدا يازغان ماقالىسكەن بۇ... (:8a6=xQ  
ئەدەبىيات ئىمتاھاندا 2011.يىلى ئۈزىڭىزگە  تەسىر قىلغان مۇھىم ئىشتىن بىرنى ماقالە  قىلىپ يىزىپ دەپتىكەن.دۇنا مۇشۇنى يىزىپتۇ
سۈيىمەن سىنى ئۇيغۇر....
كۆرەڭلەپ كەتمە ئامەتلىرىڭدىن
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 8401
جەۋھەر: 0
يازما: 2117
شۆھرەت: 2700 نۇمۇر
پۇل: 873 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردا: 746(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2011-10-07
4  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-09 00:12

بۇرۇن ئتاليەدىكى زەردارلار كۇلۇب ئىدى ،،ئەمدى بەك كۈچىمىسىە دەرىجە ئۆرلەش  تەسكە توختايدۇ
يىگىت قەسەم قىلمايدۇ ----قىلغان ھەربىر ئېغىز سۆزى قەسەم
بىز باش ئەگمەيمىز.....
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

UID: 783
جەۋھەر: 3
يازما: 6905
شۆھرەت: 7483 نۇمۇر
پۇل: 3821 سوم
تۆھپە: 126 نۇمۇر
ياخشى باھا: 180 نۇمۇر
توردا: 3143(سائەت)
تىزىملاش: 2007-10-18
ئاخىرقى: 2011-10-11
5  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-09 00:15

دىمىسىمۇ خىلى شانلىق تارىخى بار كۇلۇپتىكەن .ئامال يۇق رىقابەت كەسكىن.پارمامۇ دەرىجە چۈشۈپ كىتىپ بىر يىلدىن كىيىن قايتىپ كەلدىغۇ.بۇمۇ قايتىپ كىلە...ئىككى كۇزۇر توپچىسىنى سىتۋەتكەندىن كىيىن ۋاقتىدا  قان تۇلۇقلىماي ئۈزىنىڭ بىشىغا ئۈزى چىقتىدە سامپۇدىلىيالىقلار 7ivo Q  
ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقسى تۈگگەن كۈنى، سامپىدۇلىيا كاپىتانىنىڭ يەردە  تىزلىنىپ ئۇلتۇرۇپ مەستانىلىرغا قاراپ يىغلاپ كەتكەن كۈرنىشىنى كۈرۈپ ئىچىم بىر خىل بۇلۇپ قالغان.
سۈيىمەن سىنى ئۇيغۇر....
ئۆزەمدىن كۆرەي....
مەن توردا يوق !
دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى

UID: 8337
جەۋھەر: 0
يازما: 858
شۆھرەت: 1004 نۇمۇر
پۇل: 8853 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 518(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2011-09-18
6  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-09 01:31

ئىنىم شۇنچەۋاقىت يوقاپ كىتىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلدىمىكىن دىسەم نادىر تىمىدىن بىرنى ئەپكەپسەنغۇ ...   -c&=3O!  
   ئىمتىھاننى ياخشى بەرگەنسەن ؟
~ ئىختىيارسىز ھالدا ~
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UID: 7982
جەۋھەر: 9
يازما: 5178
شۆھرەت: 7721 نۇمۇر
پۇل: 103363 سوم
تۆھپە: 206 نۇمۇر
ياخشى باھا: 158 نۇمۇر
توردا: 688(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-06
ئاخىرقى: 2011-10-11
7  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-09 01:40

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى دىلكەشدە2011-06-09 01:31يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : dn'|~zf.  
ئىنىم شۇنچەۋاقىت يوقاپ كىتىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلدىمىكىن دىسەم نادىر تىمىدىن بىرنى ئەپكەپسەنغۇ ...   . h)VR 5?j  
   ئىمتىھاننى ياخشى بەرگەنسەن ؟ 1ik.|T 
? ;Sg,.J  
خۇداغا شۈكۈر، ياخشى بېرىۋالدىم...... /Zs_G=\>  
بۇ تېمىنى خېلى بولغان يېزىپ قويغىلى...شۇ ۋاقىت چىقماي ..ئەمدى يوللىدىم...يەنە ئىككى،ئۈچ تېما بار....ئىتالىيە كۇلۇبلىرى توغرىسىدا خىلى يازىمەن يەنە......
~~~~~~ ماڭاي دېسە يول كۆپقۇ ~~~~~~
مۇنبەرQQتوپى: 104377039
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

UID: 5223
جەۋھەر: 2
يازما: 1578
شۆھرەت: 1336 نۇمۇر
پۇل: 118325 سوم
تۆھپە: 196 نۇمۇر
ياخشى باھا: 62 نۇمۇر
توردا: 1262(سائەت)
تىزىملاش: 2008-07-13
ئاخىرقى: 2011-10-11
8  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-09 07:37

ئىتالىيەدە يازىدىغان ئىش بولسا پارمانى بىرىنچى بولۇپ يازسا بولىدۇ،قانچىلىك چولپان مۇشۇ كوماندىدىن چىققان.لازىئومۇ بار ئەمدى. roriNr/ e  
راست گەپنى قىلسام سامپدورىيا گۈللەنگەن 90- يىللاردىكى «كىچىك دۇنيا لوڭقىسى» بىرلەشمىسىدىن بىر مەيدان مۇسابىقىنىمۇ كۆرۈشكە پۇرسەت بولمىغان، ما خەقنىڭ شەرىدە بىر تۇڭگان دوستۇم بار،يېشى 30لارغا بېرىپ قالغان، ئىتالىيە پۇتبولىنى راۋرۇس چۈشىنىپ قويىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتۈپ كەتكەن سامپىدورىياچى، سىنىپ قالغاندن كېيىن بەك ئۆكۈنۈپ كەتتى ئۇ تۇڭگان.
مانچېستېر

ئېنگلاند
~ ئىختىيارسىز ھالدا ~
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UID: 7982
جەۋھەر: 9
يازما: 5178
شۆھرەت: 7721 نۇمۇر
پۇل: 103363 سوم
تۆھپە: 206 نۇمۇر
ياخشى باھا: 158 نۇمۇر
توردا: 688(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-06
ئاخىرقى: 2011-10-11
9  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-09 07:47

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى پانتېگىندە2011-06-09 07:37يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : Y!u">M#@  
ئىتالىيەدە يازىدىغان ئىش بولسا پارمانى بىرىنچى بولۇپ يازسا بولىدۇ،قانچىلىك چولپان مۇشۇ كوماندىدىن چىققان.لازىئومۇ بار ئەمدى. ]K5j(1EN  
راست گەپنى قىلسام سامپدورىيا گۈللەنگەن 90- يىللاردىكى «كىچىك دۇنيا لوڭقىسى» بىرلەشمىسىدىن بىر مەيدان مۇسابىقىنىمۇ كۆرۈشكە پۇرسەت بولمىغان، ما خەقنىڭ شەرىدە بىر تۇڭگان دوستۇم بار،يېشى 30لارغا بېرىپ قالغان، ئىتالىيە پۇتبولىنى راۋرۇس چۈشىنىپ قويىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتۈپ كەتكەن سامپىدورىياچى، سىنىپ قالغاندن كېيىن بەك ئۆكۈنۈپ كەتتى ئۇ تۇڭگان. bC&xN@4  
Q^lgtb  
ئەنسىرىمەڭ..پات ئارىدا ھەممىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىسىز.........
~~~~~~ ماڭاي دېسە يول كۆپقۇ ~~~~~~
خەير-ھەممىدىن ۋاز كەچتىم.
مەن توردا يوق !
دەرىجە: كوماندا باشلىقى

UID: 7967
جەۋھەر: 3
يازما: 5313
شۆھرەت: 5890 نۇمۇر
پۇل: 276774 سوم
تۆھپە: 85 نۇمۇر
ياخشى باھا: 52 نۇمۇر
توردا: 1183(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-02
ئاخىرقى: 2011-10-05
10  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-09 09:52

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى ئامېرىكادە2011-06-09 00:08يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : DxLN{g]B  
دۇنانىڭ ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدا يازغان ماقالىسكەن بۇ... YQI&8~z  
ئەدەبىيات ئىمتاھاندا 2011.يىلى ئۈزىڭىزگە  تەسىر قىلغان مۇھىم ئىشتىن بىرنى ماقالە  قىلىپ يىزىپ دەپتىكەن.دۇنا مۇشۇنى يىزىپتۇ Ux Yb[Nbc  
>dW~o_u'QN  
دوناجان باشلانغۇچنىڭ 3- يىللىقىدا ئوقۇيدىغان تۇرسا
ھەق يولىدىن ئۆزگە تاللىشىم يوق
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 8221
جەۋھەر: 4
يازما: 3453
شۆھرەت: 6225 نۇمۇر
پۇل: 317009 سوم
تۆھپە: 52 نۇمۇر
ياخشى باھا: 63 نۇمۇر
توردا: 663(سائەت)
تىزىملاش: 2010-10-16
ئاخىرقى: 2011-10-11
11  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-09 14:33

دونا ساقام نادىر تىماڭغا كۆپ رەھمەت..كاتتا يىزىپسەن........... hC ^|  
كاسسانو بىلەن پازىننى كىتىپ تۈگۈشۈپلا كەتتى ئۇلا...........