
ئەتە ئۇيغۇر ئۈچۈن قانداق قۇتلۇق كۈن؟
بەلكىم كۈپ ساندىكى قىرىنداشلىرىمىز ئەتە ئۇيغۇرلىرىمىز ئۈچۈن قانداق مۇھىم كۈن ئىكەنلىگىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن.[مەنمۇ ئەتىگەن بىلدىم تىخى]
ئەتىگەن ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ئىشقا كىتىپ بارسام تىلفۇنىمغا ، ئەتە «ئۇيغۇر دۇپپا مەدىنيەت بايرىمى» دەپ قىسقا ئۇچۇر كەپتۇ.
ئۇقۇپ شۇنچىلىك بىر خىل سۈيۈنۈپ كەتتىم.
شۇڭا ئۇزۇن گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يۇق. مۇشۇنداق مۇھىم مەدىنيەت ئۈرۈپ ئادەت بايراملىرىمىزنى بۇ ئىشلاردىن بىخەۋەر باشقا قىرىنداشلىرىمىزغا مۇنبىرىمىز ئارقىلىق تەشۋىق قىلىشنى ئۇيلاپ بۇ يەرگە ئاددىلام بۇ تىمىنى يازدىم.
شۇڭا بۈگۈن كەچە سائەت 12دىن باشلاپ ئەتە كۈچ سائەت 12گىچە بىر كۈن مۇنبەردىكى بارلىق دۇسىتلارنىڭ تۇنجى قىتملىق بۇ دۇپپا مەدىنيەت بايرىمىمىزنى كۈتۋىلىش يۈزسىدىن باش سۈرەتكە ئۇيغۇر دۇپپىسىنى چىقىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن
http://www.google.com.hk/ تۇرىنىڭ سۈرەت بىتىگە كىرىپ ئۇيغۇر دوپپىسى دەپ خەنزۇچە يازساڭلا، شۇنداق چىرايلىق دوپپىلار باركەن.شۇلارنىڭ خالىغىنىنى تاللاپ ئەتە بىركۈن باش سۈرەت قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بۇنىڭدىن كىيىن ئىسىڭلاردا بۇلسۇن ھەر يىلى 5.ئاينىڭ 5كۈنى ئۇيغۇر دوپپا مەدىنيەت بايرىمى .
بۇ كۈنلەردە ئائىلەڭلەردىكىلەر بىلەن بىللە،
چىرايلىق ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ بىر پارچىدىن تاتلىق رەسىم چۈشۈپ خاتىرە قىلىپ مىڭىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.