ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قايتا قۇرۇلماقچى بولغان كوماندىغا ئىسىم تاللاپ بولالمىغان ئىدۇق ، تورداشلارنىڭ ئىسىم تاللاپ بېقىشىنى سوراپ يازغان تېمىغا ناھايىتى ياخشى ئىسىملار چۈشكەن ، ئەمما ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق ، بىز ئىشلىتىشنى ئويلاشقان ئىسىملارنىڭ كۆپىنچىسى بۇندىن بۇرۇن باشقىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىپ بولۇنغان ئىكەن ، بىر قىسىم ئىشلىتىلىپ باقمىغان ئىسىملار بولسا ، مەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن كەلگۈسىدە ئىشلىتىپ قالارمەن دىگەن مەقسەددە قانۇنلۇق ئەنگە ئالدۇرۇلۇپ قۇيۇلغان ئىكەن ، شۇڭلاشقا بىزمۇ چوڭ يەرگە ئېسلىۋېلىشنى خالىمىدۇق ، ئىسىمنى دەبدەبىلىك قۇيۇپ قويغان بىلەن ، شۇنىڭغا چۇشلۇق نەتىجە بولمىسا ، پەقەت بىر جازا بولۇپ قالىدىكەن خالاس ، شۇڭلاشقا بەك دەبدەبىلىك ، ۋەزنى ئېغىر ئىسىملار ئويلۇشۇپ كەتمىدۇق .
ئويلىنىش ئارقىلىق كوماندا نامىنى « ئوۋچى » دەپ قويۇشنى دەسلەپكى قەدەمدە بىكىتتۇق ، « ئوۋچى » دىگەن ئىسىم توغرىسىدا ئاددىلا تەبىر : ئوۋچى بۇ توشقان-قىرغول ئوۋلايدىغان ئوۋچى ئەمەس ، بەلكى ياۋۇز ھايۋانلار بىلەن ئېلىشىدىغان قاپ يۈرەك كىشىلەرگە قارىتىلغان . بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارام ، سۇنماس خارەكتىرىگە تولىمۇ ماس كىلىدۇ . ئوۋچىلارنىڭ ئوقى ئادەتتە تولىمۇ دەل تىگىدۇ ، توپچىلىرىمىزنىڭ « ئوقنى »دەل جايىغا تەككۈزۈپ ، چىملىق مەيداندا كارامىتىنى نامايان قىلىشىنى خەلقىمىزنىڭ تولىمۇ ئۈمىت قىلىدىغانلقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان . بۇ ئىسىمنىڭ ئاھاڭى يېقىملىق بۇلۇپ، قىسقا، ئاددىي ھەرقانداق تىلغا مايىل كىلىدۇ . ئاسان ئەسكە كىلىد ۇ، ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ .
ئەگەر باشقىچە پىكىر بولمىسا مۇشۇ نامدا كوماندا قۇرماقچى ، ئىسىم پەقەت بىر ئىھتىياج ، ئەڭ مۇھىمى كوماندىنىڭ غەلبىسى !