سىز بۇ تېمىنىڭ 354 - ئوقۇرمىنى
تېما: بېكېنباۋىر دەپ ئاڭلىغانما !!! (دونا)
شام كۆيىدۇ، ھامىنى ئۆچىدۇ!
دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى

UID: 7982
جەۋھەر: 4
يازما: 644
شۆھرەت: 1240 نۇمۇر
پۇل: 40 سوم
تۆھپە: 75 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردا: 140(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-06
ئاخىرقى: 2010-11-24
0  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-16 20:00

بېكېنباۋىر دەپ ئاڭلىغانما !!! (دونا)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما بەخىت تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-11-16)
bFivHms  
       فىرانىز بېكېنباۋىر 5O.dRp7d J  
بېكېنباۋىر مەيلى گېرمانىيە پۇتبولچىلىقىدا بولسۇن ياكى ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدا بولسۇن ۋە ياكى دۇنيا پۇتبولچىلىقىدا بولسۇن،ھەممىسىدە رىۋايەت تۈسىنى ئالغان شەخستۇر.ئۇ گېرمانىيە پۇتبول ساھەسىگە قەدەم قويغان بىرىنچى كۈندىن باشلاپ،ئۇنىڭ ھەربىر ئىش ھەرىكىتى گېرمانىيەنىڭ ھازىرقى زامان پۇتبولچىلىقى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ كەلدى.   mL\j^q,Y  
1945-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى،فرانز.بېكىنباۋىر باۋارىيا ميۇنخىن شەھرىدە تۇغۇلىدۇ.ئۇنىڭ دادىسى بىر مۇلايىم سادىق پوچتىكەش بولۇپ پۇتبولغا ناھايىتى ئامراق ئىدى ۋە دائىم بېكىنباۋىر بىلەن بىلەن توپ تېپەتتى.1977-يىلى بېكىنباۋېرنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتىدۇ،ئۇنىڭ ھاياتى بېكىنباۋىرنىڭ كەسپ تاللىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. %bM^/7  
    بېكىنباۋىر 16 يېشىدا ميۇنخېن ياشلار كۇلۇبىغا كىرىدۇ،18 يېشىدا دۆلەت كوماندىسىنىڭ ياشلار كوماندىسىدا تەربىيىلىنىدۇ.1964-يىلى گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ياشلار لوڭقا تالىشىش لەۋھە مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ تالانتىنى تۇنجى قېتىم كىشىلەرگە تونۇتىدۇ. wzX 1!?  
     1965 -يىلى 9-ئايدا،ئەمدىلا 20 ياشقا قەدەم قويغان بېكىنباۋىر دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىدۇ ۋە كوماندىغا ئەگىشىپ شىۋېتسارىيەگە بېرىپ 1966-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ..ئۇنىڭ ئورنى ئالدى بەل بولۇپ،ئاۋستىرىيە،سيپرۇس ۋە شىۋېتسارىيە كوماندىلىرى بىلەنكى مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ قابىلىيىتنى نامايەن قىلىدۇ.بولۇپمۇ شىۋېتسارىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىراقلا پارتلاپ،غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ. %O 5 k+~9  
  1966-يىلى بېكىنباۋىر ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى ئالاھىدە بولغان بىر يىل بولىدۇ.بۇ يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى دۆلەت كوماندىسىدىكى توپىنى كىرگۈزىدۇ.بىرىنچى قېتىم بىرلەشكەن گېرمانىيە پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالىنىدۇ ھەم بىرىنچى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۇ ھەممە مەيداندا دېگۈدەك توپ كىرگۈزىدۇ.تۇنجى مەيدان ئىككى توپ كىرگۈزۈپ بەشتە نۆل نەتىجە بىلەن شىۋېتسارىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىدۇ.ئۇرۇگۋاي بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇ دەسلەپتە بىر توپ كىرگۈزۈپ پۈتۈن كوماندىدىكى ئەزالارنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇرىدۇ ۋە 4:0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يېڭىدۇ.سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەنكى مۇسابىقىدە ھەل قىغۇچ بىر توپنى ئۇرۇپ،2:1 نەتىجە بىلەن يېڭىپ رەقىبىنى شاللىۋېتىدۇ.ئۇ ھۇجۇمچى بولمىسىمۇ لېكىن نومۇر ئېلىش قابىلىيىتى ھۇجۇمچىلاردىن ئۈستۈن تۇراتتى.ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى ساھىبخان دۆلەت ئېنگلاند كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.بېكىنباۋىر ئوتتۇرا مەيدان تەشكىللىگۈچىسى بولغانلىقتىن ھەم كوماندىنىڭ ھۇجۇمىنى تەشكىللىسە ھەم مۇداپىئەگە قوماندانلىق قىلاتتى.ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ داڭلىق چولپىنى بوبى چارلتوننى ئۇستىلىق بىلەن بېقىپ ئۇنى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا پۇرسەت بەرمەيدۇ.ئەمما بوبى چارلتون يەنىلا كۆپ يىللىق مۇسابىقە تەجرىبىسىگە ئىگە توپچى بولغاچقا بېكىنباۋىرنىڭ بىخەستەلىكىدىن پايدىلىنىپ ناھايىتى خەتەرلىك ئىككى پاس چىقىرىۋالىدۇ.ئاخىرىدا ئېنگلاند كوماندىسى 4:2 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىدۇ.ئەمما بېكىنباۋىر توپ مەستانىلىرىغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ،كەسپى مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى گىگانت چولپان بولۇپ قېلىشىدىن بىشارەت بېرىدۇ. 2ckAJcpEb/  
     1970-يىلى 9-قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.بېكىنباۋىر سەپداشلىرى بىلەن سىجىل غەلىبە قىلىپ چارەك ھەل قىلغۇچقىچە كىرىدۇ.ئۇلارنىڭ رەقىبى بولسا ئالدىنقى قېتىملىق ھەل قىلغۇچتىكى رەقىبى ئېنگلاند كوماندىسى بولۇپ ھەقىقەتەن «رەقىبلەر تار يولدا ئۇچرىشىپ قالغانىدى». oY!nM%z/  
   مۇسابىقىنىڭ ئالدىدا ترېنىر شىئېن كۆڭۈل قويۇپ مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئېلىپ بارىدۇ.بېكىنباۋىرمۇ ئاكتىپلىق بىلەن تەدبىر كۆرسىتىپ،ئۆزىنىڭ مۇداپىيە سېپى بىلەن ھۇجۇم سېپى ئوتتۇرىسىدىكى رايوندا ھەرىكەت قىلىشىنى ئىلتىجا قىلىدۇ،بۇنداق قىلغاندا ئۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ھەم ھۇجۇمغا ھەم مۇداپىيەگە ياردەم بېرەلەيتتى.بۇ پىكىرنى ترېنىر قوبۇل قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن پۇتبول ساھەسىدە «ئەركىن ئادەم» دېگەن يېڭى بىر ئۇقۇم پەيدا بولىدۇ.مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن بېكىنباۋىر كوماندىنىڭ ھۇجۇم مۇداپىيەسىنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولىدۇ.بۇ مۇسابىقە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كەسكىن ئېلىپ بېرىلىدۇ.ئېنگلاند كوماندىسى پېشقەدەم بوبى چارلتوننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ ئالدىنقى مەيداندا ئىككى توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ.كېيىنكى مەيدان باشلانغاندىن كېيىن بېكىنباۋىر 23-مىنۇت بولغاندا سەپدىشىنىڭ بەرگەن پېسىنى  قوبۇل قىلىپ پۈتۈن سۈرئەت بىلەن ئالغا قاراپ ئېلىپ ماڭىدۇ.ئېنگلاند كوماندىسىدىكىلەر ئۇنى باشقىلارغا پاس بېرىدۇ دەپ ئويلاپ تۇرغان چاغدا،بېكىنباۋىر ۋارتادىن 25 مېتىر يىراقتا تۇيۇقسىز تورمۇز قىلىپلا كۈچەپ ۋارتاغا تېپىدۇ.توپ ھاۋادا چىرايلىق ئەگىلىپ ۋارتاغا كىرىپ كېتىدۇ.غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىدىكىلەر بۇنىڭ بىلەن قايتىدىن روھلىنىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ.بومباردىمانچى گېرد مۇللېر يەنە بىر توپ ئۇرۇپ مۇسابىقىنى قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتقا سۆرەپ كىرىدۇ.پىسخىكا جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئۆتكەن گېرمانىيىلىكلەر بارغانسېرى ئېچىلىپ ئويناشقا باشلايدۇ.تۆت يىلنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا تەتۈر قارىغان ئامەت قۇشى بۇ قېتىم ئۇلارغا كۈلۈپ بېقىپ،بېكىنباۋىرنىڭ يېتەكلىشى بىلەن  يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ قىيامەتلىك دۈشمىنى ئېنگلاندنى مەغلۇپ قىلىپ 4 يىلنىڭ ئالدىدىكى ۋېنبۇلىدا چېمپىيونلۇقنى تارتقۇزۇپ قويغان قىساسىنى ئالىدۇ. @"BvyS,p  
      1972-يىلى بېكىنباۋىر يەنە سەپداشلىرى بىلەن بىللە 4-قېتىملىق ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىدۇ ۋە 3:1،2:1،3:0 نەتىجىلەر بىلەن ئېنگلاند،بېلگىيە،سابىق سوۋېت كوماندىلىرىنى يېڭىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىدۇ.   . &dh7` l  
owClnp9K  
   1974-يىلى 6-ئايدا 10-قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى غەربىي گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.بېكىنباۋىرمۇ ئۆزىنىڭ 3-قېتملىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدۇ.ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا چېمپىيون بولالمىغىنىغا قايىل بولمىغان بېكىنباۋىرغا نىسبەتەن ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن   دۇنيا لوڭقىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئىدى. [Z2:3*5r.  
          ئەمما ھەممە ئىشنىڭ باشلىنىشى تەس بولغاندەك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى مەيداندا غەربىي گېرمانىيە 1:0 نەتىجە بىلەن شەرقىي گېرمانىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ.كوماندىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ،ھەتتا ترېنىرمۇ سالپىيىپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ.مۇشۇنداق ۋاقىتتا دەل بېكىنباۋىر ئوتتۇرىغا چىقىپ كوماندىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى بولىدۇ.ئۇ ترېنىرنىڭ قولىدىن قوماندانلىقنى تارتىۋېلىپ ئۆز ئالدىغا تاكتىكا تەدبىر تۈزۈپ،قايسى ئورۇنغا قايسى ئادەمنىڭ چىقىشىنى بەلگىلەيدۇ.ئۇنىڭ بۇ ئىشى بەزى سەپداشلىرى ۋە ترېنىرلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان بولسىمۇ ئەمما ئىشتىن كېيىن ئۇنىڭ قىيىن شارائىتتا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان بۇ خىل روھىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ. ^;J@]&[ ~  
       7-ئاينىڭ 7-كۈنى غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن چېمپىيونلۇقنى تالىشىدۇ.گوللاندىيە كوماندىسىدىكىلەرنىڭ تېپىش ئۇسۇلىنى خاتا تەھلىل قىلىۋالغان بولغاچقا ، كرۇيىفنى بېقىشقا مەسئۇل بولغان فورگىس ئالاقزادىلىشىپ مۇسابىقە باشلىنىش بىلەنلا ئۆزى يالغۇز مۇداپىيە سېپىگە بۆسۈپ كىرگەن كرۇيىفنى پۇتلاپ يىقىتىپ قويىدۇ.نۇقتا توپ!كرۇيىف ئەلۋەتتە بۇنداق پۇرسەتنى كەتكۈزۈۋەتمەيدۇ-دە.1 توپ كەينىدە قالغان گېرمانلار ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ تەرتىپلىك  ھالدا ئۆزىنىڭ تاكتىكىسىنى چىقىرىشقا باشلايدۇ،بېكىنباۋىرنىڭ ئۇستىلىق بىلەن تەشكىللىشى نەتىجىسىدە ئاخىرىدا 2:1 نەتىجە بىلەن كۈچلۈك گوللاندىيە كوماندىسىدىن غالىب كېلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىدۇ.خەلقئارالىق پۇتبول بىرلەشمىسى رەئىسى ستانلى رائۇسنىڭ قولىدىن دۇنيا لوڭقىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان شۇ پەيتلەر بېكىنباۋىر ئۈچۈن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدىكى ھاياجانلىق مىنۇتلار ئىدى.«1954-يىلى مەن تېخى كىچىك بالا ئىدىم،رادىئونىڭ قېشىدىن نېرى كەتمەي دۇنيا لوڭقىسىنىڭ نەق مەيدان چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلايتتىم،مانا ئەمدى ئۆزۈم مۇشۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ چېمپىيون بولدۇم،بالىلىقتىكى چۈشۈم ئاخىرى رېئاللىققا ئايلاندى» . K6#9HF'2I  
[ vU$zZ<  
     يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن بېكىنباۋىرنىڭ ئارىسىدا تۆلەم بېجى مەسىلىسىدە ئىختىلاپ كۆرۈلگەنلىكتىن،بېكىنباۋىر ئاچچىقىغا پايلىماي 1978-يىلى5-ئايدا ئامېرىكا نيۇيورك كائىنات كوماندىسى بىلەن توختام تۈزۈپ دۆلىتىدىن كېتىپ قالىدۇ.ئۇ يەرگە بېرىپ پۇتبول پادىشاھى پېلى،كرۇيىف قاتارلىقلار بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ ئامېرىكىدا پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ ۋە كائىنات كوماندىسىنى دۆلەت مۇسابىقىلىرىدە ئۈچ قېتىم چېمپىيون قىلىدۇ. O34'c_ fZ  
      ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى تۇرمۇشى تېنچ بەختلىك ئۆتكەن ئىدى،ئۇ يەردە ئۇنى جىق ئادەم تونۇمايتتى،ناھايىتى ئەركىن ياشايتتى.پېلى چېكىنگەن ۋاقتىدا بېكىنباۋىرغا تەشەككۇر ئېيتىپ پۇتبول ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بېكىنباۋىردەك ئۇلۇغ توپچىنىڭ ئۆزى بىلەن بىر رىقابەت سەھنىسىدە تۇرۇپ بىللە توپ تەپكەنلىكى ئۆزى ئۈچۈن شەرەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. W"9?D  
      1980-يىلى بېكىنباۋىر ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىدۇ.3يىللىق ئامېرىكىدىكى ۋاقتىدا ئۇ غەربىي گېرمانىيە تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى.1981-يىلى ئۇ ھامبۇرگ كوماندىسىغا ئەزا بولۇپ بۇ كوماندىنى 1982-يىلى گېرمانىيە ئا دەرىجلىك بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ۋە ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ 2-لىكىگە ئېرىشتۈرىدۇ.   \3P.GS{l  
      1982-يىلى 37 ياشقا كىرگەن بېكىنباۋىر يارىدار بولغانلىق سەۋەبىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ.ئۇنى ئۇزىتىش مۇراسىمىغا يۈزمىڭلىغان تاماشىبىنلار كېلىپ ئۇنىڭغا ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭرىتىدۇ.پۇتبولغا قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن غەربىي گېرمانىيە پۇتبول بىرلەشمىسى ئۇنىڭغا كىرېست ئوردىنى تارقىتىدۇ. s1,kTde  
     چېكىنگەندىن كېيىن بېكىنباۋىر بىر مەزگىلگىچە پۇتبول باھالىغۇچى،دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېخنىكا مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ.1983-يىلى ئامېرىكىغا كېتىدۇ.1984-يىلى ياۋروپا لوڭقىسىدا غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى ئالدىنقى تۆت كۈچلۈككە كىرەلمەي شۇ ۋاقىتتىكى ترېنىر ۋەزىپىسىدىن ئېستىپا بېرىدۇ.دۆلەت كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى كۈندىن كۈنگە ناچارلىشىدۇ.بېكىنباۋىر مۇشۇنداق شارائىتتا مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ قاتتىق قائىدە تۈزۈم ئورنىتىپ توپچىلارنى قايتىدىن رەتكە سېلىپ يېڭىباشتىن بىر كوماندا تۈزۈپ چىقىدۇ.دۆلەت پۇتبولى قايتىدىن جانلىنىپ 1986-يىلى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 2-لىكىگە ئېرىشىدۇ. >>lT-w   
   بېكىناۋىر قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىق كەمچىلىكلىرىنى كۆزىتىشكە بەك ماھىر ئىدى.1990-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى شاللاش مۇسابىقىسىدە گۇللىت،باستېن،لىجىكاردتىن تۈزۈلگەن مەشھۇر ئۈچ ئاتلىق جەڭ ھارۋىسى بار بولغان گوللاندىيە كوماندىسىغا ئۇچراپ قالىدۇ.گوللاندىيە كوماندىسىنى يېڭىش ئۈچۈن ۋوللېرنى كىچىك ھەرىكەتلەر بىلەن لىجىكاردنىڭ چىشىغا تېگىشكە بۇيرۇيدۇ.لىجىكارد قىلتاققا چۈشۈپ ۋوللېرنى ئىتتىرىۋېتىپلا قالماستىن يەنە بېرىپ ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرىدۇ.نەتىجىدە ھەر ئىككىسى قىزىل كارتا يەپ مەيداندىن ئايرىلىدۇ.ۋوللېر غەربىي گېرمانىيە ئۈچۈن ئانچە مۇھىم ئەمەس ئىدى.ئەمما لىجكارد مەيداندا بولمىسا گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ مۇداپىيە سېپى بىلەن ھۇجۇم سېپىنى تەشكىللەيدىغان مۇھىم ئەزاسى يوق بولاتتى.شۇنداق قىلىپ گوللاندىيە كوماندىسىنى يېڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىدۇ.بېكىنباۋىر ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ يادروسى بولغان مارادونانى كۆزىتىپ ئۇنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ بۇرۇنقىدىن ئاجىزلىغانلىقىنى،بۇرۇنقىدەك چاققان ئەمەسلىكىنى ھەم ئارگېنتىنانىڭ باشقا تۆت ئاساسلىق ئەزاسىنىڭ مۇسابىقىدىن توختىتىپ قويۇلغانلىقى سەۋەبىدىن چۈشەلمىگەنلىكىنى بايقايدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەزالىرىنى ئارگېنتىنا كوماندىسىغا توختىماي كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى ئۇنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئارگېنتىنا كوماندىسىغا تۇشمۇ تۇشتىن ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى دەم ئالغىلى قويماي مۇداپىيە قىلدۇرۇپ ھاردۇرۇۋېتىدۇ.ئاخىرى بىر نۇقتا توپ ئۇرۇپ بىردە نۆل نەتىجە بىلەن ئالدىنقى قېتىملىق چېمپىيوننى يېڭىپ دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشىدۇ.   ?Ji.bnfK  
      كوماندا ئەزاسى ۋاقتىدا ۋە كوماندا ترېنىرى بولغاندا دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشەلىگەن بېكىنباۋىر قەھرىمانلارچە مۇئامىلىگە ئېرىشىدۇ.لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆز ۋەدىسىدە تۇرۇپ ۋەزىپىسىدىن ئېستىپا بېرىدۇ.باشقىلار ئۇنى خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە كۆرسەتكەن ۋاقىتتا ئۇ چىرايلىق رەت قىلىدۇ ۋە ميۇنخېنغا بېرىپ بايرېن مىيۇنخېن كۇلۇبىنىڭ رەئىسى بولىدۇ. .@0i,7S  
    بېكىنباۋىر ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلىدىغان ئادەم بولۇپ مەيداندا ھەرگىز يېڭىلگەنلىكىگە تەن بەرمەيتتى،نىكاھ ئىشىدىمۇ خۇيى ئوخشاش ئىدى.ئۇنىڭ بۇ مىجەزى كوماندىدىكى ماتېۋۇس، ۋوللېر قاتارلىق ئەزالارغىمۇ تەسىر قىلىدۇ،بۇ ئىككىسى كەينى كەينىدىن خوتۇنىنى تاشلاپ ئاشنا ئويناپ يۈرۈيدۇ. #"}Z'|X*  
          كوللېكتىپچانلىق ۋە ئىنتىزامچانلىق كۈچلۈك تەكىتلىنىدىغان گېرمانىيەدە بېكىنباۋىر ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلىپ يۈرەتتى،ئۇ پۇتبولنى ئېسىللىق بىلەن، خۇشال خۇراملىق بىلەن ئويناشنى تەكىتلەيدىغان تېخنىكا ئۇستىسى ئىدى.ئۇنىڭ توپ ئوينىشىمۇ ئېسىل نەپىس بولۇپ مەيداندا ئىلھامىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە جارى قىلدۇراتتى،ئازراقمۇ قاتمال ئەمەس ئىدى.ترېنىر بولغان ۋاقتىدا ئەزالىرىغا توپنى ئەركىن  تېپىشنى ،ئۆزىنىڭ خاسلىقى بىلەن ئويناشنى دەۋەت قىلەتتى.گېرمانىيە پۇتبولچىلىقى بېكىنباۋىرنىڭ تەسىرىدە يېڭى بىر يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن ئىدى. ,vBi)H  
[ بۇ يازمىنىدونادە2010-11-18 16:26قايتا تەھرىرلىدى ]
كۈك ئارمىيە باش ئەگمەيدۇ....
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

UID: 783
جەۋھەر: 1
يازما: 4281
شۆھرەت: 3445 نۇمۇر
پۇل: 14574 سوم
تۆھپە: 71 نۇمۇر
ياخشى باھا: 100 نۇمۇر
توردا: 1771(سائەت)
تىزىملاش: 2007-10-18
ئاخىرقى: 2010-11-23
1  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-16 20:20

بىكىنبۇۋىر دەپ ئاڭلىغان... hvu>P {  
16يىشىدا مىيۇنخىن ياشلار كۇلۇبىدا  تەربىلىنىش 18يىشىدا  دۈلەت ياشلار كۇماندىسىدا  تەربىيىلىنىش...ئاخىرىدا  دۇنياغا  داڭلىق پۇتبۇلچى بۇلۇش .fxI)  
ھەي ئىقتىساد ھەي شارائىت T{M~*5$  
لەقىمى قەيسەر  ئىمپىراتۇرغۇ دەيمەن....
سۈيىمەن سىنى ئۇيغۇر....
خەپ شۇنداق بىر كۇنلەر كىلدۇكى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: تاماشىبىن
UID: 3131
جەۋھەر: 0
يازما: 31
شۆھرەت: 53 نۇمۇر
پۇل: 100047 سوم
تۆھپە: 26 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردا: 11(سائەت)
تىزىملاش: 2008-05-24
ئاخىرقى: 2010-11-18
2  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-16 20:21

ئالامەت ئادەم جىمۇ بۇ مەن مۇشۇ ھېيتلىق دەم ئېلشېمدېن پايدېلنىپ مۇشۇ ئادەم توغرىسىدا مۇنبەرگە بىر تېما يازاي دىگەن سىز بالدۇر كەپسىز بەكلا تەپسىلى بوپتۇ
مەڭگۈ ياش!!!
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول مەستانىسى
UID: 3402
جەۋھەر: 3
يازما: 110
شۆھرەت: 561 نۇمۇر
پۇل: 200379 سوم
تۆھپە: 45 نۇمۇر
ياخشى باھا: 104 نۇمۇر
توردا: 103(سائەت)
تىزىملاش: 2008-06-16
ئاخىرقى: 2010-11-23
3  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-16 20:34

نىمىسلارنىڭ تىپىك ئۈلگىسى.ئەينى يىللىرى بىر مەيدان مۇسابىقىدە بىلىكىنى تېڭىۋېلىپ مۇسابىقە ئوينىغان،شۇنداق ئىرادىگە ئىگە نىمىسلار ۋە گىرمانىيە كوماندىسى شۇنداق ئىېادىسى بىلەن دۇنيا پۇتبولچىلىقىدا مەشھۇردۇر.  قايسى بىر داڭلىق پۇتبول چولپىنىنىڭ سۈزى:«مۇسابىقە پەقەت قۇشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتقا كىرسىلا غەلبە قىلىدىغىنى ھامىنى غەربى گىرمانىيە كوماندىسى.»
غەلبىگە قاراپ ئالغا
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
UID: 1065
جەۋھەر: 0
يازما: 1211
شۆھرەت: 1143 نۇمۇر
پۇل: 5204572 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 400(سائەت)
تىزىملاش: 2007-11-20
ئاخىرقى: 2010-11-24
4  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-16 20:39

ئۇنىڭ  گىرمانىيە  جۇملىدىن  دۇنيا   پۇتبولچىلىقىغا  قوشقان  تۆھپىسى  ئۇنتۇلمايدۇ
http://i52.photobucket.com/albums/g9/Seifer75/My%20Userbars/manchesterunitedsupporter5df.gif
يۈكسەل
دەرىجە: تاماشىبىن
UID: 8221
جەۋھەر: 0
يازما: 70
شۆھرەت: 219 نۇمۇر
پۇل: 200189 سوم
تۆھپە: 32 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردا: 32(سائەت)
تىزىملاش: 2010-10-16
ئاخىرقى: 2010-11-24
5  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-16 21:04

بۇ ئادەم توغىرلۇق گەرچە بىرەر ماتىريال كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ ئەمما نامىنى ئاز تولا ئاڭلىغان. بۈگۈن تىخىمۇ تولۇق چۈشەندىم. تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت. ھەقىقەتەن كۆپ ئەجىر قىپسىز.
ھەق يولىدىن ئۆزگە تاللىشىم يوق........
مەن توردا يوق !
دەرىجە: تاماشىبىن
UID: 8344
جەۋھەر: 0
يازما: 22
شۆھرەت: 42 نۇمۇر
پۇل: 100022 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 8(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-15
ئاخىرقى: 2010-11-18
6  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-16 21:30

ئاڭلىغاندەك قىلىمەن
نۆۋەت ماڭا كەلدى !!
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول مەستانىسى
UID: 8330
جەۋھەر: 0
يازما: 178
شۆھرەت: 272 نۇمۇر
پۇل: 152 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 22(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2010-11-24
7  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-16 22:22

                                                         ئاڭلىغان
قىزىل ئالۋاستى مەڭگۈ ھەممىدىن غالىب !!!
چاپقىن تاغىل ئات
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول مەستانىسى
UID: 8053
جەۋھەر: 0
يازما: 198
شۆھرەت: 240 نۇمۇر
پۇل: 100425 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 72(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-21
ئاخىرقى: 2010-11-20
8  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-16 23:32

ئاڭلىۋالدىم..رەھمەت ھە.....كىمىكى دەپتىمەن...ھىندىستانلىق ناخشىچى ئىكەنغۇ...     
شام كۆيىدۇ، ھامىنى ئۆچىدۇ!
دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى

UID: 7982
جەۋھەر: 4
يازما: 644
شۆھرەت: 1240 نۇمۇر
پۇل: 40 سوم
تۆھپە: 75 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردا: 140(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-06
ئاخىرقى: 2010-11-24
9  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-17 00:20

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى 斑马313دە2010-11-16 23:32يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : @kvp2P+O  
ئاڭلىۋالدىم..رەھمەت ھە.....كىمىكى دەپتىمەن...ھىندىستانلىق ناخشىچى ئىكەنغۇ...      Z;%  
#Yw^n?~~  
ما ئىنكاسقا نىمە دەيمىز ئەمدى ؟ ؟ ؟.    كاللا دېسە پاقالچاق دىگەن شۇدە بۇ.
مەن ئىسمەمنى ئوزگەرتمەكچى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: تاماشىبىن
UID: 8211
جەۋھەر: 0
يازما: 38
شۆھرەت: 59 نۇمۇر
پۇل: 200038 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردا: 8(سائەت)
تىزىملاش: 2010-10-13
ئاخىرقى: 2010-11-20
10  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-17 12:48

مەنغۇ ئاڭلىماپتىكەنمەن ئاڭلىۋالدىم رەىمەت جۇما      
ئالغامادرىت !!!
Forza Milan
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 3470
جەۋھەر: 2
يازما: 1820
شۆھرەت: 2069 نۇمۇر
پۇل: 625417 سوم
تۆھپە: 48 نۇمۇر
ياخشى باھا: 62 نۇمۇر
توردا: 886(سائەت)
تىزىملاش: 2008-06-20
ئاخىرقى: 2010-11-24
11  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-17 15:08

يوۋ !!بىر ۋاقىتتا بىرسى مالدىنى دىگەن مۇشۇكەندە دەپ بىر تېما يوللىغان،شۇ تېمىغا ،مالدىنى دىگەن مۇشۇكەندە ئەمدى تونۇۋالدىم دەپ ئىنكاس يازغىنىمنى بىلەمەن.....شۇ گەپكە تويغۇزۋەتكەنتى...توپ مەستانىسى ئەمەس قاتارىغىمۇ چىقىرۋەتكەن تېخى   ما تېمىنى ۋە ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ئىسىمگە كەپقالدى. 'R'>`?Nh  
بېكىنپاۋىردىگەن مۇشۇ كەندە ئەمدى تونۇۋالدىم