سىز بۇ تېمىنىڭ 498 - ئوقۇرمىنى
تېما: كىرويىف دەپ ئاڭلىغانما !!! (دونا)
شام كۆيىدۇ، ھامىنى ئۆچىدۇ!
دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى

UID: 7982
جەۋھەر: 4
يازما: 644
شۆھرەت: 1240 نۇمۇر
پۇل: 40 سوم
تۆھپە: 75 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردا: 140(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-06
ئاخىرقى: 2010-11-24
0  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-07 19:42

كىرويىف دەپ ئاڭلىغانما !!! (دونا)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما سەزگۈ تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-11-07)
   D@ Vt^_  
پۇتبول بولسا مۇداپىيە-ھۇجۇم ئويۇنى،بۇ ئويۇننى  ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگۈچى گوللاندىيەلىك كرۇيىفتۇر.ئۇ ئۆز ئالدىغا بىر خىل ئۇسلۇب ياراتقان،مىچېلس كەشپ قىلغان پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتۈش-مۇداپىيە قىلىش تاكتىكىسىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن گوللاندىيە پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن شان شەرەپ قوشۇپ،پۈتكۈل پۇتبول ساھەسىدە بىر قتېىملىق ئىنقىلاب قوزغىغان.   |2abmuR0  
   كرۇيىف 1947-يىلى4-ئاينىڭ5-كۈنى گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامېستىردامنىڭ بىر نامرات ئاھالە رايونىدا تۇغۇلغان.دادىسى بىر كىچىك مېۋە چېۋە دۇكىنى ئاچىدىغان بولۇپ،ئائىلە ئىقتىسادىنى ناھايىتى تەستە قامدايتتى،ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن بولۇپ كرۇيىف كىچىك ۋاقتىدا ئوزۇقلىنىشى ناچار بولغانلىقتىن،تارشىدەك ئورۇق،ئاجىز چوڭ بولغان ئىدى،لېكىن ئۇ كىچىكىدىنلا پۇتبولغا ئىنتايىن ھېرىسمەن بولۇپ ئۆيىدىن يىراق بولمىغان بىر تاشلاندۇق مەيداندا ھەر كۈنى نەچچە سائەتلەپ دوستلىرى بىلەن توپ تېپىپ يۈرەتتى. T(t+ iv  
   ئۇ تېخى گۆدەك ۋاقىتلىرىدا دادىسى بەختكە قارشى قازا قىلىدۇ،ئائىلسى تېخىمۇ ۋەيران بولىدۇ،بۇ ۋاقىتتا ئاجاكىس كۇلۇبىنىڭ خوجايىنى فوراگگېر ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ،كرۇيىفنىڭ ئاپىسىغا ئاجاكىس تەنتەربىيە مەيدانىدا تازىلىق ئىشچىلىق خىزمىتىنى تېپىپ بېرىدۇ. 'R c,Mq'  
     ئاپىسىنىڭ خىزمىتى كرۇيىفنىڭ پۇتبولغا ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىدۇ،ئۇ كۈندۈزى دائىم ئاپىسى بىلەن بىللە «ئىشقا باراتتى»،كەچقۇرۇنلۇقى پۇتبول كوماندىدىكىلەرنىڭ مەشق قىلغىنىنى كۆرەتتى،ئۇ ناھايىتى تېزلا پۇتبولنىڭ سېھرى كۈچىگە مەھلىيا بولىدۇ ۋە چوڭ بولغاندا داڭلىق توپ چولپىنى بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ ئاپىسىنى تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكىدىن خالاس قىلىشقا ئۆز ئۆزىگە ۋەدە بېرىدۇ.ئۇنىڭ پۇتبولدىكى تالانتى كىشىلەر تەرىپىدىن تېزلا بايقىلىپ 10 يېشىدا ئاجاكىس كۇلۇبىنىڭ ئۆسمۈرلەر كۇلۇبىغا تاللىنىدۇ.1964-يىلى2-ئايدا 16 ياشلىق كرۇيىف ئاجاكىس كۇلۇبى كەسپىي كوماندىسىغا رەسمىي ھالدا كىرىپ،ئەڭ ياش كەسپىي پۇتبولچى بولۇپ قالىدۇ.بىر يىلدىن كېيىن،ئۇنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش سۈرئىتى 11سېكۇنتقا يېتىدۇ،سەكرەش ئېگىزلىكى 90سانتىمېتىردىن ئېشىپ بەدەن سۈپىتى كۆپ ياخشىلىنىدۇ. :/ Q   
      1966-1967 يىللىق گوللاندىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ 33 توپ كىرگۈزۈپ ئاجاكىس كوماندىسىنىڭ چېمپىيون بولۇشى ئۈچۈن باش تۆھپە كۆرسىتىدۇ.شۇنىڭدىن باشلاپ ئەتراپقا ئۇنىڭ نامى تارقىلىشقا باشلايدۇ.ئۇ ئوڭ سول پۇت ھەم كاللىسىدا نومۇر ئالالايدىغان،ھەم سۈرئىتى قۇيۇندەك تېز بولغانلىقتىن كىشىلەر ئۇنىڭغا «ئوۋ ئىتى» دەپ لەقەم قويۇپ قويغانىدى. xn5l0'2  
WN01h=1J_  
      1966-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن كېيىن ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولغان،مەيداندىكى ئۈچ لىنىيەنىڭ خىزمەت تەقسىماتىنىڭ بۇرۇنقى قاتمال ھالىتى ئۆزگەرتىلگەن،ھۇجۇمچى ۋە ئوتتۇرا مەيدان توپچىسلا نومۇر ئالماستىن،بېكمۇ پۇرسەت بولسا ئالدىغا چىقىپ نومۇر ئالالايدىغان بولغان .بۇ خىل تاكتىكا گوللاندىيە ترېنىرى مىچېلس تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىشى نەتىجىسىدە بارا بارا «بىر گەۋدىلەشكەن پۇتبول »تاكتىكىسىغا ئايلىنىدۇ،بۇ تاكتىكىدا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىپ ھەم پۈتۈن سەپ بويىچە مۇداپىيەگە قايتىش ئارقىلىق ھۇجۇم-مۇداپىيەنى ئورگانىك ھالدا بىرىكتۈرۈپ،ھۇجۇم كۈچى ۋە مۇداپىيەنى كۈچەيتكىلى، توپچىلارنىڭ كوللېكتىپچانلىقىنى،رېتىم سەزگۈسىنى ئاشۇرۇپلا قالماي،مۇسابىقىنىڭ تىركىشىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،پۇتبول ھەرىكىتىنى تېخىمۇ جەلبكارلىققا باي قىلغىلى بولاتتى.مىچېلس بۇ تاكتىكىنى دەسلەپتە ئاجاكىس كوماندىسىدا ۋە دۆلەت كوماندىسىدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىدۇ.بۇ خىل تاكتىكا كاللىسى ھوشيار،تېخنىكىسى ئەتراپلىق يېتىشكەن،قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان،ئۆزىنىڭ تولۇپ تاشقان قۇۋۋەت ئىرادىسى بىلەن ھۇجۇم ۋە مۇداپىيەگە ئۆتۈپ،پۈتۈن كوماندىنى بىرىكتۈرىدىغان بىر يادرولۇق ئەزانىڭ بار بولۇشىنى تەلەپ قىلاتتى.1967-يىلى كرۇيىف دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ دەل مۇشۇ ئېغىر ۋەزىپىنى ئۆز زىممىسىگە ئالىدۇ. " f "6]y  
     ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىشى ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلغانلىق ئىدى.كوماندىدىكى باشقا قاۋۇل ئەزالار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ ئورۇق بەدىنى مانامەن دەپلا چېنىپ قالاتتى.لېكىن كرۇيىف توپ تەپكەندە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تېخىكىسىغا،ھوشيار كاللىسىغا،باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا تايىناتتى،قارشى تەرەپنىڭ پۇت سېلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن قوچقاردەك ئېگىز سەكرەش ھەرىكىتىنى پىششىق مەشق قىلغان ئىدى. w+yC)Rmz  
Wzw7tLY._  
   1970-يىلى،كرۇيىف پۇتبول ھاياتىنىڭ شانلىق دەۋرىگە كىرىشكە باشلايدۇ،كرۇيىفنى يادرو قىلغان ئاجاكس كوماندىسى ئۇدا 3 قېتىم ياۋروپا ئوزغۇنلار لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇق تەختىگە ئولتۇرىدۇ.ئۇ ئۆزىمۇ 1971-،1973-،1974-يىللىق ياۋروپا ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى بولۇپ باھالىنىدۇ. =K 6($|'=  
         1974-يىلى 10-قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا كرۇيىف گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى بولۇپ سەپداشلىرى بىلەن قاتتىق كۈرەش قىلىپ،ئاخىرىدا 2-بولىدۇ.بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا كرۇيىف ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ماھارىتىنى پۈتۈنلەي ئىشقا سېلىپ،«پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇم-مۇداپىيە» تاكتىكىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجدە جارى قىلدۇرغان ئىدى.ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەنكى مۇسابىقىدە سەپداشلىرى زىچ ماسلىشىپ ئىككى توپ ئۇرىدۇ ۋە يەنە ئىككى ياردەمچى پاس بېرىپ 4:0 نەتىجە بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسىنى يەر چىشلىتىدۇ،يېرىم ھەل قىلغۇچتىكى رەقىبى بولسا ئالدىنقى قېتىملىق چېمپىيون بىرازىلىيە كوماندىسى ئىدى.كېيىنكى مەيدان باشلىنىپ 5مىنۇت بولغاندا،كرۇيىف توپنى ئېلىپ ئوتتۇرا يولدىن ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ ،ئاندىن تۇيۇقسىز بۇرۇلۇپ ئوڭ يانغا تارتىدۇ ۋە ئۆرۈلۈپلا ئىچىگە پاس تاشلايدۇ،بۇ ۋاقىتتا چەكلەنگەن رايوندىكى سەپدىشى ئىككىلەنمەستىن توپنى چۆرۈپ تېپىپ ۋارتاغا كىرگۈزىدۇ.20مىنۇت بولغاندا،كرۇيىف يان ھۇجۇمچى تاشلىغان توپنى ئۆزىنى ئېتىپ تېپىپ كىرگۈزۈپ بىرازىلىيەنى شاللىۋېتىدۇ. ig/%zA*Bo  
    7-ئاينىڭ 7-كۈنى غەربىي گېرمانىيە بىلەنكى ھەل قىلغۇچ جەڭدىن بۇرۇنلا ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ مەيدان مۇسابىقىنى بېكىنباۋىر بىلەن كرۇيىف ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سىنىشىش دەپ جار سېلىشقا باشلايدۇ.كرۇيىف قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى بېقىشقا چوقۇم مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ چاپلىشىۋالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەيدۇ،شۇڭا ئۇ ئاۋۋال كەينىگە يېنىپ قارشى تەرەپنى قايمۇقتۇرىدۇ.مۇسابىقە باشلىنىپ كرۇيىفنى بېقىشقا بەلگىلەنگەن «پولات بېك» فورگېس كرۇيىفنىڭ ئورنىنىڭ ئۆزگەرگىنىنى كۆرۈپ نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالىدۇ.مۇشۇ ۋاقىتتا كرۇيىف تۇيۇقسىز ئارقا سەپتىن يۈگۈرەپ چىقىپ سەپدىشى بەرگەن پاسنى قوبۇل قىلىپلا چەكلەنگەن رايونغا قاراپ ھۇجۇم قىلىپ كىرىدۇ،گوللاندىيەكوماندىسىنىڭ 3 لىنىيەسىمۇ بىراقلا ئالدىغا بېسىپ كېلىدۇ،بۇنى كۆرۈپ ئالاقزادىلەشكەن فورگىس دەرھال كرۇيىفقا پۇت سېلىپ ئۇنى يىقىتىۋېتىدۇ.نەتىجىدە رېپىر نۇقتا توپ ھۆكۈم قىلىدۇ.بۇ چاغدا مۇسابىقە باشلانغىلى تېخى بىر مىنۇتمۇ بولمىغان ئىدى.   ch0{ +g&  
   .ox8*OO<  
گوللاندىيە كوماندىسى گەرچە ئاخىرىدا 1:2 نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ يېڭى تاكتىكىسى دۇنيا پۇتبولچىلىقىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى.ئارگېنتىنا پۇتبول باھالىغۇچىسى باسىيوننى :«گوللاندىيىلىكلەر 20-ئەسىردىكى ئاجايىپ ماھارەتنى ئورۇندىدى،كرۇيىف بولسا دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭغۇچىدۇر»دەپ باھا بېرىدۇ.بىرازىلىيە گېزىتلىرىدە:«ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گوللاندىيە كوماندىسى ھەقىقىي قەھرىماندۇر،ئۇلارنىڭ جەسۇرلۇقى،تېزلىكى،كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ۋە شەخسىي تېخنىكىسى بىر گەۋدىگە مۇجەسسەملەشكەن»دەپ باھا بېرىشىدۇ،70-يىللاردا كرۇيىف بىلەن تەڭ سانىلىدىغان چولپانلاردىن بېكىنباۋىر :«كرۇيىف بىر تۇتقىلى بولمايدىغان  سايىگە ئوخشايدۇ.ئۇ دائىم ئۆزى خالىغانچە  قارشى تەرەپتىن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ،توپنى ئەركىن كونترول قىلالايدۇ» دەيدۇ،بىرازىلىيەدىكى ئاتاقلىق پۇتبولچى زاگاللو كرۇيىفنى «ھەم تەڭداشسىز شەخسىي تېخنىكىسى بار ھەم مۇكەممەل ماشىنا ئىچىدىكى بىر  زاپچاس»دەپ تەرىپلەيدۇ.كرۇيىف ئەڭ ياخشى سەپ شەكلىگە تاللىنىدۇ ۋە بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ باھالىنىدۇ.ئادەتتە بۇنداق شان شەرەپ پەقەت چېمپىيون بولغان كوماندىدىكى ئەزاغىلا نائىل بولاتتى. =>M^02"  
     كرۇيىف كەمبەغەل ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا دائىم مەردلىك بىلەن نامراتلارنى قۇتقۇزاتتى،بۇنىڭغا مال مۈلۈك باشقۇرغۇچىسىنىڭ پۇللارنى ياخشى باشقۇرالماسلىقى قوشۇلۇپ،كرۇيىف ئاخىرىدا ھەتتا باجنىمۇ تاپشۇرالمايدىغان ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.ئۇ ئايال پادىشاھنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ،ئەمما باج مەھكىمىسى تۈزۈلمە بويىچە ئىش كۆرۈپ باجنى بۇرۇنقىدەك ئېلىۋېرىدۇ.بۇنداق ئوسال ئەھۋالدىن مەيۈسلەنگەن كرۇيىف دۆلەتتىن كۆڭلى سوۋۇيدۇ. ,6om\9.E@  
        10-قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن كېيىن ئۇ دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ 1973-يىلى بارسېلونا كوماندىسىغا يۆتكىلىپ كېتىدۇ.1976-يىلى كرۇيىفنىڭ كۇلۇب بىلەن تۈزۈشكەن توختامنىڭ ۋاقتى توشقان مەزگىلدە ئاجاكىس كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇنى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلمەكچى بولىدۇ،ئەمما بۇ باش رەئىس بۇلازو قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ،شۇنىڭدىن كېيىن كرۇيىف گوللاندىيەگە قايتىپ توپ تېپىش نىيىتىدىن يانىدۇ.1978-يىلى 11-قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ۋاقتىدا گوللاندىيەدىكى ھەممە تەرەپ بىرلىشىپ كرۇيىفنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىنى ئىشلىگەندە ئۇ پەرۋامۇ قىلمايدۇ. O+]Ifm[  
s;3={e.  
    گوللاندىيە ترېنىرى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۈچۈن باش قاتتۇرۇۋاتقان 1978-يىلى5-ئاينىڭ8-كۈنى كرۇيىف ئۆزىنىڭ 14يىللىق پۇتبول ھاياتى بىلەن خوشلىشىدىغان «ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقە»سىنى ئۆتكۈزىدۇ.ئۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن يىغىلغان 500مىڭ مارك پۇلنىڭ ھەممىسىنى گوللاندىيەدىكى مېيىپلار تەنتەربىيە ئىشلىرى ۋە ئامېستىردامدىكى بالىلار راك كېسەللىك دوختۇرخانىسىغا ئىئانە  قىلىۋېتىدۇ.جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى كىشىلەر ھەر دائىم ئۇنىڭ ئېسىدىن چىقمايتتى. MO n  
   1978-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا،گوللاندىيە كوماندىسى كرۇيىف يوق بولغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ پۈتۈن كوماندىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم 2-لىككە ئېرىشىدۇ.كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئاغرىنىپ ئەگەر كرۇيىف بولغان بولسا بىز چېمپىيون بولغان بولاتتۇق دېيىشتى.ئاخبارات ۋاستلىرىمۇ«پەقەت كرۇيىفلا كەم قالدى»دېيىشكەن ئىدى. W3 'q\+  
        كرۇيىف ئامېرىكىغا بېرىپ پېلى، بېكىنباۋىر قاتارلىق چولپانلار بىلەن كائىنات كوماندىسىدا توپ تەپكەن،1981-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ يەنە ئاجاكىس كۇلۇبىنىڭ كىيىمىنى كەيگەن.1984-يىلى كرۇيىف  فېيېنورد كۇلۇبىدا رەسمىي چېكىنگەن.چېكىنگەندىن كېيىنمۇ پۇتبولدىن ئايرىلماي ئاجاكىس كۇلۇبىنىڭ تېخنىكا يېتەكچىسى بولغان.كېيىنچە بارسېلوناغا كېلىپ ترېنىر بولغان ھەمدە بارسېلونا كوماندىسىنى يېتەكلەپ بىر قېتىم ئوزغۇنلار لوڭقىسى چېمپىيونى،بىر قېتىم غالىپلار لوڭقىسى چېمپىيونى،ئىككى قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە چېمپىيونى ۋە بىر قېتىم پادىشاھ لوڭقىسى چېمپىيونى بولغان. /(iFcMT  
     پۇتبولچى ۋاقتىدا ئۇ تەڭتۇش توپچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى ئىدى، ئېنگىلىز تىلى،فرانسۇز تىلى،گېرمان تىلى ۋا ئىسپان تىللىرىنى بىلەتتى.ئۈچ قېتىم ياۋروپا مۇنەۋۋەر توپچىسى بولۇپ باھالانغان بولۇپ كېيىنچە پلاتىنىمۇ 3 قېتىم مۇشۇ شان شەرەپكە ئېرىشەلىگەن.ترېنىر ۋاقتىدا كرۇيىف ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ترېنىرلاردىن بولالىغان ئىدى.بارسېلونا كۇلۇبىدىكى نەتىجىلىرى  ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئىسپات بولۇپ تۇرۇپتۇ. EL(nDv  
      كىرۇيىف بارسېلونا كۇلۇبىغا ترېنىرلىق قىلغان مەزگىلىدە 1991-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە ئۇدا4يىل بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن،1989-يىلى غالىپلار لوڭقىسىغا،1992-يىلى ياۋروپا ئوزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ۋە ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىغا ئېرىشىپ،بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ يەنە بىر شانلىق دەۋرىنى  ياراتقان ئىدى. 4scNSeW  
PK0%g$0  
     2006-يىلى ئاجاكس كۇلۇبى كىرۇيىفنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇ كىيگەن «14» نومۇرلۇق كىيىمنى مەڭگۈلۈك ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلدى. 22.8PO0  
4 
   0a}u;gt,4w  
  ئۇف ف  ف ف !  
[ بۇ يازمىنىدونادە2010-11-18 16:25قايتا تەھرىرلىدى ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • تۆھپە:+14(يۇرۇڭقاش) تېخىمۇ   ..
  • شۆھرەت:+15(intezar11) قىنى باشقىلى ..
  • ئەركىنلىك !
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

    UID: 132
    جەۋھەر: 23
    يازما: 4453
    شۆھرەت: 3735 نۇمۇر
    پۇل: 1440 سوم
    تۆھپە: 225 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
    توردا: 547(سائەت)
    تىزىملاش: 2007-05-15
    ئاخىرقى: 2010-11-23
    1  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-07 20:29

    گوللاندىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ شاھزادىسى دىيشىكە بولىدۇ !
    ئالۋاستى روھى
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

    UID: 16
    جەۋھەر: 11
    يازما: 3177
    شۆھرەت: 3331 نۇمۇر
    پۇل: 3 سوم
    تۆھپە: 108 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
    توردا: 460(سائەت)
    تىزىملاش: 2007-05-02
    ئاخىرقى: 2010-11-24
    2  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-07 20:38

    كىرويىف چە ئۆتۈش !!!  
         
    ئۇيغۇرۇم بىر ياردەمچى پاس
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

    UID: 4469
    جەۋھەر: 1
    يازما: 1047
    شۆھرەت: 1381 نۇمۇر
    پۇل: 102100 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    توردا: 869(سائەت)
    تىزىملاش: 2008-07-06
    ئاخىرقى: 2010-11-22
    3  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-07 20:53

    شۇنچە كۈچ سەرپ قىلپ يازغان تىمىغا ئىنكاستىن ئاران ئىككىسى چۈشكەن گەپما ، تىما يوللىغۇچى چۇقۇم رازى بولمىدى
    Forza Milan
    دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

    UID: 3470
    جەۋھەر: 2
    يازما: 1820
    شۆھرەت: 2069 نۇمۇر
    پۇل: 625417 سوم
    تۆھپە: 48 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 62 نۇمۇر
    توردا: 886(سائەت)
    تىزىملاش: 2008-06-20
    ئاخىرقى: 2010-11-24
    4  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-07 20:59

    نەشپۈتلۈكتە ئىلھام بەك كىلەمدۇ GR"Eas.$  
    IW% |G  
    نادىر...نادىر...
    كۈنلىرىمىز كۆپ قالمىدى...ئويغا
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
    UID: 300
    جەۋھەر: 1
    يازما: 1961
    شۆھرەت: 1686 نۇمۇر
    پۇل: 8419 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردا: 386(سائەت)
    تىزىملاش: 2007-06-12
    ئاخىرقى: 2010-11-23
    5  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-07 21:03

    كىرويىف ھەقىقەتەن بىر ئۇلۇغ توپچى~~~   a 
      
    ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا.
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

    UID: 7084
    جەۋھەر: 6
    يازما: 2211
    شۆھرەت: 4250 نۇمۇر
    پۇل: 175171 سوم
    تۆھپە: 110 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 72 نۇمۇر
    توردا: 850(سائەت)
    تىزىملاش: 2008-11-30
    ئاخىرقى: 2010-11-24
    6  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-07 21:29

    نەشپۈتزار نەشپۈت ساتقان پۇلغا ئېلھام سېتىۋالغان چىراي....    _zu?.I0^  
    //&j 
    ھەقىقەتەن نادېر تېما...
    Come on Liverpool
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى

    UID: 7445
    جەۋھەر: 0
    يازما: 692
    شۆھرەت: 1161 نۇمۇر
    پۇل: 101669 سوم
    تۆھپە: 21 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردا: 190(سائەت)
    تىزىملاش: 2009-02-11
    ئاخىرقى: 2010-11-22
    7  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-07 21:53

    يەنە نادىر تېمىلارنى يوللاپسىز.... G^(}a]>9  
    a? R[J==  
    قاچانلا قارىسا دونانىڭ تېمىللىرى مۇشۇنداق ئۇزۇن... نادىر تېمىلىلارنى مۇشۇ بالا مونوپول قىلىۋالدى...
    يۈكسەل
    دەرىجە: تاماشىبىن
    UID: 8221
    جەۋھەر: 0
    يازما: 70
    شۆھرەت: 219 نۇمۇر
    پۇل: 200189 سوم
    تۆھپە: 32 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردا: 32(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-10-16
    ئاخىرقى: 2010-11-24
    8  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-07 22:06

    ئۇ ھەقىقەتەن، گوللاندىيەنەڭ پەخرى. .............................تىما  دىگەن مانا  مۇنداق بولىدۇ.
    ھەق يولىدىن ئۆزگە تاللىشىم يوق........
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: ھەۋەسكار پۇتبولچى
    UID: 215
    جەۋھەر: 0
    يازما: 434
    شۆھرەت: 306 نۇمۇر
    پۇل: 119227 سوم
    تۆھپە: 11 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردا: 52(سائەت)
    تىزىملاش: 2007-05-24
    ئاخىرقى: 2010-11-23
    9  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-07 23:32

    سەكرەش ئېگىزلىكى 90 سانتىمېتىر.......... Napf"Av  
    ۋاسكېتبول ئوينىسىمۇ چانمىغۇدەككەن ......... /!Z^Y  
    كېرۇيېفنىمۇ  يېزىپ بوپسىز كېلەر قېتىم بېكىنبوۋېرنى يازامسىز نېمە......؟   
    توردا ھېچكىم ھېچكىمنىڭ بىر نېمىسى ئەمەس...بىزلەر قېرىنداش
    ئۇيغۇرۇم!
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى

    UID: 8094
    جەۋھەر: 1
    يازما: 960
    شۆھرەت: 1213 نۇمۇر
    پۇل: 1468 سوم
    تۆھپە: 21 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 40 نۇمۇر
    توردا: 224(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-09-04
    ئاخىرقى: 2010-11-24
    10  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-08 00:11

    تېمىسىنى ئۆزگەرتسە بولامدۇ.تازا بەلەن قويۇلماپتۇ بۇ نادىر تېمىغا. 2r ];V'r  
    ئۇلۇغ توپچى.راس بەك ئۇرۇقكەنتۇق ھە!!!
    توپ دېگەن يۇمىلاق!
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: تاماشىبىن
    UID: 8167
    جەۋھەر: 0
    يازما: 11
    شۆھرەت: 41 نۇمۇر
    پۇل: 200036 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردا: 7(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-10-03
    ئاخىرقى: 2010-11-18
    11  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-08 09:22

    ھەي ئېسىت ، بىر قېتىم دۇنيا چىمپىيونى بولىۋالغان بولسا - ھە ؟؟ شۇ قاپتىكەن ئۇ ئېرىشمىگەن ، ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ ؟