دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى قارا تۇلپار كوماندىلار ! `1 :{0p2q q2HYiH^L
9@Cv5L?p\ vb9OonE2 قارا تۇلپار- بۇ ھەممىز چۈشىنىدىغان بىر ئۇقۇم . ئۇنداق بولسا قارا تۇلپار دىگەن زادى نىمە ؟ قانداق كوماندىلارنى قارا تۇلپار كوماندا دەپ ئاتايمىز ؟ مەن شۇنداق جاۋاپ بىرەلەيمەنكى ، پەقەت قارا تۇلپار كوماندىلار بولغاچقىلا دۇنيا لوڭقىسى ئاندىن قىزىغان . دۇنيا لوڭقىسى قارا تۇلپار كوماندىلارنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن رەڭدارلاشقان . ھەم ئادەمنىڭ ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ ، ئويلىمىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . قىنى ئەمدى دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى قارا تۇلپار كوماندىلارنى كۆرۈپ باقايلى .
S/;bU: ZiLj=bh 1930-يىللىق ئۇرۇگۋاي دۇنيا لوڭقىسىدىكى قارا تۇلپار كوماندا - ئامىرىكا كوماندىسى ;#w3{
NB @F(mi1QO
p~LrPWHSTP %`Z!4L تۇنجى قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسى دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى قاتناشقان كوماندا سانى ۋە تاماشبىن سانى ئەڭ ئاز بولغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ بىرى . بۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسى جەنۇبىي ئامىرىكا قىتئەسىدىكى ئۇرۇگۋايدا ئۆتكۈزۈلگەچكە ، ياۋروپادىكى كۆپلىگەن داڭدار كۈچلۈك كوماندىلار بۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالمىغان . چۈنكى ، بىرلا سەۋەب قاتناش قۇلايلىق ئەمەس ، ئەينى دەۋىرىدە ياۋروپادىن ئامىرىكا قىتئەسىگە بىرىش ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولسىمۇ 3 ئاي ۋاقىت كىتەتتى . شۇڭا ، ياۋروپا زەردارلىرى قاتنىشالماي ، ئاساسلىق ئامىرىكا قىتئەسىدىكى كوماندىلار قاتنىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان . ئامىرىكا پۇتبول كوماندىسى دەل شۇ كوماندىلارنىڭ ئىچىدىكى بىر كوماندا . ئامىرىكا پۇتبولچىلىقى گەرچە يىقىنىقى 30 يىل ئىچىدە توختاپ قالغان بولسىمۇ ، بىراق ، شۇ دەۋىرىدە ئامىرىكا كوماندىسى ئۆزىنىڭ ئالتۇن پارلاق نۇرىنى كۈتىۋالغان . گۇرۇپپىغا ئايرىغاندا ئامىرىكا كوماندىسى ياۋروپادىن بىلگىيە ، جەنۇبىي ئامىرىكا قىتئەسىدىن پاراگۋاي قاتارلىق كوماندىلار بىر گۇرۇپپا بولغان . تۇنجى ئۇچرىشىشىدا ، ئامىرىكا كوماندىسى 3-0 نەتىجە بىلەن بىلگىيە كوماندىسىنى غەلبە قىلىپ ، ئامىرىكا پۇتبولچىلىقىنىڭ يىڭى بىر سەھىپسىنى ئاچقان . 2-مەيدان مۇسابىقىدە ئىپادىسىنى ئالاھىدە ياخشى قىلىپ ، يەنە شۇ 3-0نەتىجەبىلەن پاراگۋاي كوماندىسىنى يەڭگەن . بىراق ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىدە ، كۈچلۈك ئارگىنتىنا كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىنىۋىتىلگەن . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرەلمىگەن ئامىرىكا كوماندىسى شۇ دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 3- لىكىنى قولغا كەلتۈرگەن . ھەم شۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ قارا تۇلپار كوماندا شەرىپىگە ئىرىشكەن .
[w ;kkMJAy q -8t'7 1934-يىللىق ئىتالىيە دۇنيا لوڭقىسىدىكى قارا تۇلپار كوماندا - ئاۋسىتىرىيە كوماندىسى _X?^Cy r'gOVi4t1*
dz Zb 1
}~(Yj@f% تۇنجى قىتىملىق ياۋروپا رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قىتملىق دۇنيا لوڭقىسى ئەينى دەۋىردىكى ئەۋج ئالغان فاشىسىت دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىتالىيە كوماندىسى ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت ئىدى . ھەم بۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىغا 16 كوماندا قاتناشقان بولۇپ ، ئاساسلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىگەللىگەنىدى . ئافرىقا قىتئەسىدىن بولسا پەقەت مىسىر كوماندىسى ، ئامىرىكا قىتئەسىدىن بولسا برازىلىيە ، ئارگىنتىنا ، ئامىرىكا قاتارلىق كوماندىلار قاتناشقان . قالغان 12 كوماندىنىڭ ھەممىسى ياۋروپا رايونىدىن ئىدى . بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاجىز دەپ قارالغان ئاۋسىتىرىيە كوماندىسىمۇ بار ئىدى . ئاۋسىتىرىيە سىز بۇ دۆلەت ئۈچۈن قانداق چۈشەنچىگە ئىگە ؟ پۇتبولچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈنچۇ ؟ پۇتبولچىلىق ئىشلىرى پەقەت شۇ يىلىدىلا ئاۋىسىترىىيە كوماندىسىنىڭ يۈزىنى كۆتۈرگەن . مۇسابىقە تاللاش- شاللاش قائىدىسى بويىچە ئىلىپ بىرىلغاچقا ، ئاۋسىتىرىيە كوماندىسى تۇنجى مەيدان ئۇچرىشىشىدا ، فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچراشقان . 16 مىڭ تاماشبىن قاتناشقان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ، فىرانسىيە بىلەن ئاۋسىتىرىيە ئالدىنقى 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە ، 1-1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالغان . 30 مىنۇت قۇشۇپ بىرىلگەن ۋاقىت ئىچىدە بولسا ، ئادەمنىڭ ھەيران قالدۇرغىننى شۇكى ، قەيسەر كوماندا دەپ قارالغان فىرانسىيە كوماندىسى ئارقا- ئارقىدىن 2 توپ كەتكۈزۈپ قويۇپ ، ئاجىز دەپ قارالغان كوماندا ئاۋستىرىيە كوماندىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن . بىراق ، فىرانسىيە كوماندىسى گەرچە بىر توپ قايتۇرۋالغان بولسىىمۇ ، ئەمما ، يەنىلا ئاۋسىتىرىيە كوماندىسى 3-2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ، بالدۇرلا دۇنيا لوڭقىسىدىن خوشلاشقان . ئاۋسىترىيە كوماندىسى بولسا ئۆزىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى مەيدان غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن . ھەم 8 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن. 8 كۈچلۈك مۇسابىقىدە ، ئەينى دەۋىردىكى كۈچلۈك كوماندا ۋىنگرىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىشىپ قالغان . يىشى ياش ، ئاجىز ، تەجرىبىسى يوق دەپ قارالغان ئاۋسىتىرىيە كوماندىسى 2-1 نەتىجە بىلەن ۋىنگرىيە كوماندىسى شاللىۋىتىپ ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتارىغا كىرگەن . شۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدە ئاۋسىتىرىيە كوماندىسىنى يىتەكلەپ ماڭغان ھۇنگىر ئىنتايىن خوشال بولغان . ھەم بۇ ئاۋسىتىرىيە ئەزىمەتلىرىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
'vN G(h#%d بىراق ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، ساھىبخان كوماندا ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان . بۇ ئەھۋال ئاۋسىتىرىيە ئۈچۈن ئىغىر بىر ئەھۋال بولۇپ ، چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا ئىتالىيە ھۆكۈمرانلىق جەھەتتە ئاۋسىترىيدىن ئۈستۈن ئىدى . بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ 19-مىنۇتىدا ، ئىتالىيلىك ھىگۇتانىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن ، تاكى 90مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە نەتىجىدە ئۆزگىرىش بولىمىغان . شۇنىڭ بىلەن ئاۋىسترىيە كوماندىسى چېمىپىيونلۇق ئارزۇسىدىن ۋاقىتىنچە ۋاز كەچكەن . 3-4-لىكنى تالىشىشىدىغان مۇسابىقىدە، ئاۋسىتىرىيە كوماندىسى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندا دەپ قارالغان گىرمانىيە كوماندىسى بىلەن چۈشۈپ قىلىپ ، گەرچە ئاۋسىتىرىيە شۇنداق تىرىشقان بولسىمۇ ، ئەمما كۈچلۈك جەڭ ھارۋىسى تەرىپىدىن 3-2 نەتىجە بىلەن شاللىۋىتىلگەن . شۇنىڭ بىلەن ئاۋسىتىرىيە كوماندىسى 4 مەيدان مۇسابىقىدە 2ئۇتۇپ 2 يىڭىلىش نەتىجىسى بىلەن شۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 4 -لىكىگە ئىرىشكەن . قىزىق بولغىننى شۇكى ، ئاۋسىتىرىيە كوماندىسى بۇ تۆت مەيدان ئىچىدە ھەممىسى ئۆزى بىلەن بىر رايوندىكى كۈچلۈك كوماندىلار بولغان .
36US5ef ||yzt!n {k rswh3 1938-يىللىق فىرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىدىكى قارا تۇلپار كوماندا - ۋىنگرىيە كوماندىسى 1;VHM' K\|FQ^#UYm
V)}rEX kQ]$%Lk[ گەرچە تۆت يىل ئاۋالقى دۇنيا لوڭقىسىدە 8 كۈچلۈكتە توختاپ قالغان ۋىنگرىيە كوماندىسى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك سەپ شەكلى بىلەن بۇ قىتىمىلىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان . 1938-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى يەنە ياۋروپا رايونىغا يىتىپ كىلىدۇ . ئۆتكۈزۈش نۆۋىتىنى قولغا كەلتۈرگەن كوماندا بولسا فىرانسىيە ئىدى . ساھىبخان بولۇش سۈپىتى بىلەن فىرانسىيە كوماندىسى بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى چېمىپىيونلۇق بولۇش نىسىبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان كوماندىلارنىڭ بىرى ئىدى . چۈنكى ، ئالدىنقى ئىككى قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدە ساھىبخان كوماندىلار چېمىپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن . مۇسابىقە يەنىلا تاللاش - شاللاش قائىدىسى بويىچە ئىلىپ بىرىلغاچقا ، ئاۋسىتىرىيە كوماندىسى تۇنجى قىتىملىق ئۇچرىششىدا ، ئاسىيا رايونىدىن كەلگەن ھىندوزىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان . بۇ مەيدان ۋىنگرىيە كوماندىسى ئۈچۈن ئانچە تەس توختىمايتتى . چۈنكى ، 30-يىللاردىكى ئاسىيا پۇتبولچىلىقى خۇددى چالا ئۆلەكتەك پالەج ھالەتتە ئىدى . ئاسىيا رايونىدىنمۇ كوماندىلار ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە بولغاچقا ، كۆپلىرى قاتنىشالمايتتى . پەقەت ھىندوزىيە كوماندىسىلا قاتنىشالىغان . ۋىنگرىيە كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە باش تىرىنىر كالورنىڭ يىتەكچىلىكىدە كۈچلۈك سەپ شەكلىنى ئىشقا سىلىپ ، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدىلا 4 توپ ئۇرۇپ ، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن . كېيىنكى يېرىم مەيدان ۋىنگرىيە كوماندىسى ئاز ھۇجۇم ، كۆپ پاس ئۇسۇلىنى قوللىپ ، ئاران 2 توپ ئۇرغان . شۇنىڭ بىلەن تاكى 90 مىنۇت ئاخىرلاشقىچە ، ۋىنگرىيە كوماندىسى پۈتۈن مۇسابىقىدە 6 توپ ئۇرۇپ ، 6-0 نەتىجە بىلەن ھىندوزىيە كوماندىسى دۆلىتىگە قايتىشقا مەجبۇرلىغان . ھەم ئۆزىنىڭ يىڭىدىن چىققان ياۋروپا زەردارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويغان . 8 كۈچلۈك قاتارىغا قەدەم قويغان ۋىنگرىيە 2-0 نەتىجە بىلەن شىۋىتسارىيە كوماندىسىنى شاللىۋىتىپ ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قەدەم قويغان . بۇ نەتىجە ۋىنگرىيە پۇتبولچلىق تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە بولۇپ ، ۋىنگرىيلىكلەرنى ئىنتايىن پەخىرلەندۈرۋىتىدۇ ۋە خۇشاللىققا چۆمدۈرىدۇ . يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغىننى شۇكى ، قەيسەر ، ئىرادىلىك كەلگەن ۋىنگرىيە 5-1 نەتىجە بىلەن شىۋىتسىيە كوماندىسىنى يىڭىپ ، ئاخىرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ بۇسۇغىسىغا قەدەم قويىدۇ . بۇ ۋىنگرىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ئالتۇن دەۋىرى ھىساپلىنىدۇ . بىراق ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى كۈنى ، 45مىڭ تاماشبىن بار بۇ مەيدان مۇسابىقىدە فاشىسىت ئىتاليە كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ . مەيدىسىگە بىر يۇلتۇزىنى قادىغان ئىتالىيە كوماندىسى پۈتۈن كۈچىنى بۇ مەيدان مۇسابىقىگە ئىشلەتكەچكە ، ۋىنگرىيە كوماندىسى مۇداپىئە ، ھۇجۇم جەھەتتە ئىغىر تۇسالغۇغا دۇچار بولىدۇ . نەتىجىدە ، ئىتالىيە 4-2 نەتىجە غەلبە قىلىپ ، چېمىپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرىدۇ . ۋىنگرىيە كوماندىسى بولسا 2 -لىكنى قولغا كەلتۈرىدۇ . بىراق ، بۇ نەتىجىمۇ پۈتۈن ۋىنگرىيلىكلەرنى پەخىرلەندۈرىدۇ !
-_$$
Te g}]t[}s1] I!^O)4QRx 1950-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدىكى قارا تۇلپار كوماندا - ئىسپانىيە كوماندىسى O*#*%RL| 4j)tfhwd8
=*Bl|;>6 *2jK#9"MP 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئىس تۈتەكلىرى ئاخىرلىشىپ ، 12 يىل پۇتبول سەھنىسى توختاپ قىلىشىتەك ۋەزىيەت ئاخىرى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ . پۇتبولچىلىق دۇنياسىمۇ قايتىدىن راۋاجلىنىدۇ . دۇنيا لوڭقىسىغا ئەزەلدىن قاتنىشىپ باقمىغان كوماندىلارمۇ دۇنيا لوڭقىسىدە جەم بولىدۇ . بۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسى ئامىرىكا قىتئەسدىكى برازىليدە ئۆتكۈزۈلگەچكە ، ھەم ئۇرۇش ئوتىدىن تىخى قۇتۇلالمىغان دۆلەتلەر كۆپ بولغاچقا ، ئالدىنقى قىتىملىق دۇنيا لوڭقىلىرىدە ياخشى نەتىجىگە كوماندىلار قاتنىشالمايدۇ . ئىسپانىيە كوماندىسى باش تىرىنىر ئىگاگىرنىڭ يىتەكچىلىكىدە بۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدۇ . ھەمدە گۇرۇپپىدا ئامىرىكا ، ئىنگىلاد قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن بىر گۇرۇپپا بولۇپ قالىدۇ . تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە ، ئىسپانىيە كوماندىسى 3-1 نەتىجە بىلەن ئامىرىكا كوماندىسىنى غەلبە قىلىدۇ . بۇ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى ئىدى . كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىلەردە ئىسپانىيە بۇقىسى 2-0 نەتىجە بىلەن چېلى ، 1-0 نەتىجە بىلەن ئېنگىلاد كوماندىلىرىنى يىڭىپ ، گۇرۇپپىدىن تۇلۇق نۇمۇر بىلەن 1- بولۇپ چىقىدۇ . بۇ مادىرىدلىقلار كەلتۈرگەن نەتىجە ئىسپانىيە شاھلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇتىدۇ . ئارانلا بىر توپ كەتكۈزگەن ئىسپانىيە كوماندىسى ئىككىنجى قىتىمىلىق گۇرۇپپىغا ئايرىش مۇسابىقىسىدە نەتىجىسى ياخشى بولماي ، 2-2 ئۇرۇگۋاي ، 1-6 برازىليە ، 1-3شىۋىتسىيە قاتارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، گۇرۇپپىدا يىڭەلمەستەك ئەھۋالغا دۇچ كىلىدۇ . ھەم شۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 3- لىكىنى قولغا كەلتۈرىدۇ . ئالدىنقى مۇسابىقىلەردە نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىلەردىكى نەتىجىسى ئىسپانىيە پۇتبول مەستانىلىرىنى ئىنتايىن بەك ئەپسۇسلاندۇرىدۇ . خەير -خوش ئىسپانىيە بۇقىسى !
irjP>3_e @IXsy 4[N^>qt = 1954-يىللىق شىۋىتسارىيە دۇنيا لوڭقىسىدىكى قارا تۇلپار كوماندا - ۋىنگرىيە كوماندىسى rx}r~0i m8.U &0
H/}]FmjN
W%\C_ 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئىس -تۈتەكلىرى ۋىنگرىيدىمۇ قاپلىغاچقا ، ۋىنگرىيە كوماندىسى 1938-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئالتۇن دەۋىرىنىڭ ئاخىرىنى بۇ قىتملىق دۇنيا لوڭقىسىدە كۈتىۋالىدۇ . دۇنيا لوڭقىسى شىۋىتسارىيدە ئۆتكۈزۈلگەن بولغاچقا ، بۇ ۋىنگرىيلىكىلەرگە قاتناش جەھەتتىن ئاسانلىق تۇغدۇرۇلىدۇ . بىراق ، ئۆزىنى قانداق ئوڭشىۋىلىش ۋىنگرىيلىكلەر ئۈچۈن بىر قيىن نۇقتا بولۇپ قالغان . گۇرۇپپىدا جەڭ ھارۋىسى گىرمانىيە ، ئاسىيادىن يىڭىدىن قۇرۇلغان كورىيە ، ۋە ياۋروپادىكى يىڭى يۇلتۇز تۈركىيە قاتارلىق كوماندىلار بىلەن بىر گۇرۇپپا بولۇپ قالىدۇ . ۋىنگرىيە كوماندىسى تۇنجى مەيدان ئۇچرىشىشدا ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان 9-0 نەتىجە بىلەن كورىيە كوماندىسىنى يىڭىپ ، ۋە شۇيىللىق ئەڭ يۇقىرى نۇمۇرلۇق مۇسابىقە رىكوتىنى يارىتىدۇ . ۋە ھەممىدىن قىزىق بولغىننى ، جەڭگىۋار ۋىنگرىيلىكلەر كۈچلۈك رەقىب گىرمانيە كوماندىسىنى 8-3 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ ، ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە 17 توپ ئۇرغان ئەڭ قالتىس كوماندىلارنىڭ بىر بولۇپ قالغان . بۇ ئالاھىدە نەتىجىلەر ۋىنگرىيە كوماندىسىنى گۇرۇپپىدىن ئۇڭۇشلۇق چىقىشقا ئۈندەيدۇ . 8 كۈچلۈك كوماندىلار مۇسابىقىسىدە ، ۋىنگرىيە كوماندىسى سامبا گۇرۇپپىسى برازىلىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىشىدۇ . گەرچە ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىلىرىدە ۋىنگرىيە ئىغىر چارچىغان بولسىمۇ ،ئەمما بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ۋىنگرىيە 4 توپ ئۇرۇپ ، برازىلىيە كوماندىسىنى بالدۇرلا دۆلىتىگە قايتىشقا مەجبۇرلايدۇ . ھەم ئەڭ كۆپ توپ ئۇرۇش رىكوتى بىلەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتارىغا كىرىدۇ . يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىدىمۇ ، 2 قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمىپىيونى ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنى 4-2 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ ، ئۇدا 4 مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلىش رىكوتىنى يارىتىدۇ . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قەدەم قويغان ۋىنگرىيلىكىلەر گۇرۇپپىدىكى ئىچىنىشلىق مەغلۇپ قىلىپ قويغان گىرمانىيلىكلەر بىلەن ئۇچرىشىشىدۇ . بۇ ھەم ۋىنگرىيلىكلەرنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ بۇسۇغىسىغا ئىككىنجى قىتىم قەدەم قويۇشى ھېساپلىنىدۇ . بۇ مەيدان مۇسابىقە تارىختىكى مەشھۇر « بېرىن مۆجىزىسى » بولۇپ ، مۇسابىقىدە جەڭ ھارۋىسى ئارقىدا قالغان ئەھۋالدا ۋىنگرىيلىكلەرنى ئارزۇسىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ . گەرچە مۇسابىقە باشلىنىپ 10 مىنۇت بولماي ،ۋىنگرىيە 2 توپ ئۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما كۈچلۈك كەلگەن گىرمانىيە كوماندىسى 3 توپ ئۇرۇپ ، شۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمىپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ . ۋىنگرىيمۇ ھازىرقى گوللاندىيە كوماندىسىغا ئوخشاش 2-لىكنى قايتا قولغا كەلتۈرگەن كوماندىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ . ۋىنگرىيلىكلەرمۇ ھازىرغىچە بۇ نەتىجىسىدىن پەخىرلىنىدۇ دەپ قارايمە ن!
ElUEteZ Z(Jt~a3o Kv~U6_=1
O 1958-يىللىق شىۋىتسىيە دۇنيا لوڭقىسىدىكى قارا تۇلپار كوماندا - شىمالىي ئىرلاندىيە كوماندىسى 5 (A5Y-B OrK&RC
++E3]X| %iw3oh&Fkm شىمالىي ئىرلاندىيە دىسەم ھەيران قالدۇڭلارغۇ دەيمەن . شۇنداق ، شىمالىي ئىرلاندىيە كوماندىسى دەل مۇشۇ تۇنجى قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسى سەپىرىدە ئالاھىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەمدە ئۆزىنىڭ يىڭى بىر سەھپە نۇرىنى ئاچقان . گۇرۇپپىدا گەرچە كۈچلۈك ئارگىنىتنا ، ئالدىنقى دۇنيا لوڭقسىنىڭ چېمىپىيونى گىرمانىيە ۋە كۈچلۈك چېخ كوماندىسى بولسىمۇ ، ئۇلار ئۆزىنى پۇتبولچىلىق ساھەسىدە تۇنۇتقان . ۋە ئىپادىسىنى ئالاھىدە ياخشى قىلغان . باش تىرىنرى دورتىر تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە تاكتىكا ئىلىپ بارغاچقا ، شىمالىي ئىرلاندىيلىكلەر ئۆزىنى ئاجىز دەپ قارىماي ، 1-0 نەتىجە بىلەن چېخ كوماندىسىنى يەڭگەن . بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى غەلبىسى ! بىراق ، كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىلىرىدە 1-3 نەتىجە بىلەن ئارگىنتىنا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان . بۇ ئەھۋال ئۇلارنى گۇرۇپپىدىن چىقىپ كىتىش ئەمەس ، بەلكى تىخىمۇ باسقۇچ ئاتلاشقا يول ئاچقان . كۈچلۈك گىرمانىيە بىلەن مۇسابىقىدە ، شىمالىي ئىرلاندىيلىكلەر 2-2 بىلەن ئاخىرغىچە تەڭلىشىپ ، گۇرۇپپىدىن چىقىشقا ئۈمىد تاپقان . ھەم قۇشۇمچە مۇسابىقىدە ، 2-1نەتىجە بىلەن چېخ كوماندىسىنى يىڭىپ ، گۇرۇپپىدا بىرىنجى بولۇشتەك ياخشى نەتىجىنى ياراتقان . 8 كۈچلۈك قاتارىغا قەدەم قويغان شىمالىي ئىرلاندىيە گەرچە 0-4 نەتىجە بىلەن فىرانسىيگە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ ، ئەمما ئەڭ كوماندىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان . بۇ شىمالىي ئىرلاندىيلىكلەرنى ھازىرمۇ ئەسلىتىدۇ . چۈنكى ، بۇ قەيسەر ، ئاجىزلار ئىللىق قۇياش نۇرىدا ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن شان - شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرگەن !
64
5z#_}C$ f7}*X|_Y Dih3}X&jn$ 1962-يىللىق چېلى دۇنيا لوڭقىسىدىكى قارا تۇلپار كوماندا - چېخ كوماندىسى [+P#tIL h yv2SxP* ]LM-@G+Jz
b".L_Ma1* %.vVEy چېخ كوماندىسىنى مىنىڭچە بىلمەيدىغانلار بولمىسا كىرەك ، چېخ كوماندىسى گەرچە يىقىنقى يىللاردا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئىرىشمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما شۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدە ئالاھىدە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . گۇرۇپپىدا مىكسىكا ، برازىلىيە ، ئىسپانىيە قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىر بولۇپ قىلىشى چېخلىقلارنى ئىغىر سناققا دۇچار قىلىدۇ . بىراق ،چېخ كوماندىسى تۇنجى مەيدان مۇسابقىدە 1-0 نەتىجە بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسى يىڭىدۇ . برازىلىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، 0-0 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ چىقىدۇ . ئەمما ، مىكسىكا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئويلمىغان يەردىن ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ . چېخ كوماندىسى يەنىلا گۇرۇپپىدىن 2 -بولۇپ چىقىدۇ . 8 كۈچلۈك مۇسابىقىدە ، ئالدىنقى قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 2-سى ۋىنگرىيە كوماندىسىنى 1-0 نەتىجە بىلەن يىڭىپ ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىىنىڭ ئاچقۇچىنى قولغا كەلتۈرىدۇ . يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىدە ، 3-1 نەتىجە يۇگۇسلاۋىيە ( سىربىيە ) كوماندىسىنى يىڭىپ ئاخىرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسگە قەدەم قويىدۇ . بىراق ، ئەينى دەۋىردىكى بىلى ، ۋاۋا ، گالىنچا قاتارلىق چولپانلارنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى چېخ كوماندىسىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ . 6-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ناھايىتى داغدۇغۇلۇق باشلىنىدۇ . چېخ كوماندىسى ياۋروپا رايونىدىن ، برازىلىيە كوماندىسى بولسا ئامىرىكا رايونىدىن بولۇپ چۈشىدۇ . نەتىجە 3-1 بولۇپ ، چېخلىقلار يىڭلىدۇ . ھەم ئۆزىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى يارىتىدۇ . بۇ چېخ كوماندىسى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بىر نەتىجە !
n93=8;& p'om- Fgh]KQ/5 داۋامى بار ... ( ۋاقىت مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك ، ئاخىرىنى خۇدا خالىسا چوقۇم يېزىپ پۈتۈرىمەن ! ئالاھىدە ئەسكەرتىش بىرىلدى ! ) 

