\RiP
<} .$l ھەربىر يۆتكىلىشتە سالامەتلىك تەكشۇرۇلۇپ بولغاندىن كىيىن سىرتقا ئېلان قىلىندۇ دىگەن گەپنى ئاڭلايمىز.سالامەتلىك تەكشۇرۇش يۆتكىلىش جەريانىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋە شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم ھالقا. بۇ يىل يازدا رىمى مارسىلغا يۆتكىلىدىغان ۋاقتىدا ، مارسىل كوماندىسىنىڭ دوختۇرى رىمىنىڭ يۈرەك كىسىلى بارلىقى ، بۇ ئەھۋال ئاستىدا رىمىنىڭ پۇتبول ھاياتىنى داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيىتتى.گەرچە كىيىن يۈرەك كىسەللىك مۇتەخخەسسىلىرىنىڭ رىمىنىڭ يۈرەك كىسىلىنىڭ پۇتبول ھاياتىغا تەسىر يەتكۇزمەيدىغانلىقىغا كىپىللىك قىلغاندىن كىيىن ئوڭۇشلىق ھالدا يۆتكەلدى.
3F3A%C% eavV?\uV% ھەرقانداق بىر يۆتكىلىشتە سىتىۋالغۇچى تەرەپنىڭ دوختۇرى زور مەسئۇليەتنى زىممىسىگە ئالىدۇ. ئەگەر ئازراقلا ئەستايىدىل بولمىسىلا كوماندىسى ئۇچۇن ئويلىغىلى بولغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زىيان سالىدۇ.
YVU7wW,1 hrn+UL:d ئادەتتە كۇلۇپ بىرەر پۇتبولچىنى سېتىۋالماقچى بولغاندىن كىيىنلا كوماندا دوختۇرى خىزمىتىنى باشلايدۇ. ئۇلار توردىن شۇ پۇتبولچىنىڭ ئارغرىق تارىخىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى يىغىدۇ.قارشى تەرەپ كۇلۇبىدىن شۇ پۇتبولچىنىڭ سالامەتلىك ئۇچۇرلىرىنى سورايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئەڭ ئادەتتىكى ئۇچۇرمۇ ئۇلار ئۇچۇن زور بايلىق ھىساپلىنىدۇ.
BLttb s*[bFJwN سالامەتلىك تەكشۇرۇش ئادەتتە ئىككى ئۈچ سائەت ئېلىپ بېرىلدۇ.ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا ئىككى ئۈچ كۇنگىچە سۇرىلىدىغان ۋاقىتلارمۇ بولىدۇ. سالامەتلىك تەكشۇرۇش ئىككى باسقۇچقا بۆلىنىدۇ.بىرسى دوىتۇرنىڭ بەدەن فۇنكىسىيىسى توغىرىسىدىكى تەكشۇرىشى ، ئىككىنجىسى ئەسۋاپ ئارقىلىق قان تومۇرلار ئېلىپ بېرىلدىغان تەكشۇرۇش.
VRMXtQ*1Dm ZH8,KY" بىر يۈرۈش تەكشۇرۇشلەر ئارقىلىق دوىتۇر پۇتبولچىنىڭ جەمەتىدىن قالغان ئىرسىي كىسەللىكقلەر بارمۇ شۇنى ئېنىقلاشقا تىرىشىدۇ.يۈرەكنىڭ ئىچكى دىۋارى ۋە كىلاپانلىرىنى تەكشۇرۇش ئارقىلىق كەسكىن مۇسابىقىلارغا بەرداشلىق بېرەلەمدىغانلىقىنى ئېنىقلايدۇ.
L#J1b!D&<6 +nL[MSw ئۇنىڭدىن كىيىن قېنىغا نىسبەتەن خىمىيىلىك ئانالىز ئېلىپ بېرىلدۇ.ئۇنىڭدىن كىيىن ، تىز ،ئوشۇق،بەل ئومۇرىتقىلىرى،ئومورىتقا توغىرىسىدا تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىلدۇ، بۇرۇن باش قىسمى يارلانغان بولسا يەنە نېرۋا تومۇرلىرى تەكشۇرۇلىدۇ.
WLT"ji0w2 Z~CjA%l بۇنىڭ بىلەن تەكشۇرۇش تۇگىمەيدۇ ، يەنە چىش قاتارلىق ئەزالارمۇ تەكشۇرۇلىدۇ، ئالدىنقى يىلى يازدا مىلان كوماندىسى ياش بېك سىسكونى چېشىدا مەسلە بار دەپ ئالمىغاندا ، پۇتبول ھەۋەسكارلىرى سىسىكونىڭ كىيىن لىيونغا مۇۋاپىقىيەتلىك يۆتكەلگەنلىكىنى كۆرۇپلا ، مىلان قەستەن باھانە تاپتى دەپ مىلاننى ئەيىپلىگەن ، لېكىن مىلان چىشتىكى مەسلە پۇتبولچىلار بەدىنىنىڭ توغرا ئكسۇپ يىتىلىشىگە تەسىر يەتكۇزىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا چىشتىكى مەسلە ئېرسى كىسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ چۇشەنچە بەرگەن.
6'/ #+,d' }j%5t ~Qa يىغىنچاقلاپ ئېيىتقاندا ئىنىچكە ۋە مۇكەممەل بولغان سالامەتلىك تەكشۇرۇش كۇلۇپنىڭ ئۇشبۇ پۇتبولچىغا بولغان سالامەتلىك ئەھۋالنى بەدەننىڭ ھەربى كىچىك ھالقىلىرىغىچە توغرا ئۇچۇرغا ئىگە قىلىدۇ.
j_AACq
{. +rd+0 `}C ئەلۋەتتە ھەربىر كوماندىنىڭ ئويناش ئۇسلۇبى ئوخشاش بولمىغاچقا ئۇلار لازىم قىلىدىغان پۇتبولچىلارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.بەزى ۋاقىتلاردا كوماندىنىڭ ئويناش ئۇسلۇبىمۇ پۇتبولچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى بەلگىلەيدۇ.مەسىلەن بارسىلونانىڭ ئوينىشى ، ئۇلار كوللىكتىپ پاسنى ئاساس قىلىدۇ،ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەرقانداق ئۆزىگە كەلگەن پاسنى يەنە بىر پاس بىلەن ھەل قىلىۋىتەلەيدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ يارىلىنىش خىيىم -خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرگىلى بولىدۇ.چۇنكى بۇنداق توپ كونتىرول قىلىش ئۇستىلىرىنىڭ ئالدىدا قارشى تەرەپ ئۇلار بىلەن بەدەن تىركىشىشى قىلىشىقىمۇ ئۈلگىرەلمەيدۇ.
xEI%D|)< +whDU2 " شۇنداق بولسىمۇ بۇ كوماندىلارنىڭ دوختۇرلىرى بىخەستىلىك قىلسا بولمايدۇ، چۇنكى مىسسى، خاۋى، ئېنىستا قاتارلىق بۇنداق چولپان ماھىرلار دائىم قارشى تەرەپنىڭ بىۋاستە بىقىشىغا ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ كۇلۇپ ۋە دۆلەت كوماندىسىدا ئوينايدىغان مۇسابىقىسى باشقا ماھىرلارغا قارىغاندا كۆپ بولىدۇ ، بۇنداق بولغاندا ئۇزۇن مەزگىللىك مۇسابىقە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۇزىدۇ.شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ كىسەللىك تارىخى ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالنى ئۆلچەشتىكى مۇھىم پارامىتىرنىڭ بىرى.چۇنكى بۇرۇن قانچە كۆپ كىسەل بولغان بولسا ، ئۇنىڭ يىڭى كىسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
@5FQX {mg2pfhB! ئۇنىڭدىن باشقا بوغۇمنى تەكشۇرۇش سالامەتلىك تەكشۇرۇشتىكى يەنە بىر مۇھىم ھالقا. بوغۇملارنىڭ ئىچىدە تىز پۇتبولچىلار ئۇچۇن ئەڭ مۇھىم ، تىز پۇتبولچىنىڭ جان تومۇرى.چۇنكى تىز ئەڭ ئاسان ئۇپرايدىغان ۋە ئەڭ ئاسان يارلىنىدىغان يەر.شۇڭلاشقا ھەر بىر مەشىقتىنن كىيىن تىزنى ئاسراش دوىتۇرنىڭ قىلىدىغان مۇھىم ئىشى.
SU0
hma8 ,F|f. 7; بىر كوماندىدا دوختۇرنىڭ خىزمىتى بەك مۇشكۇل ، چۇنكى ھەرقانداق ۋاقىتتا پۇتبولچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ۋاقىتدا توغرا ئىگەللەپ تۇرغىلى بولمايدۇ، لېكىن تېرىنىرغا بولسا ئەڭ توغرا ئۇچۇرلار كېرەك بولىدۇ.شۇڭلاشقا جىق ۋاقىتلاردا دوختۇرلار ۋاقىت بىلەن بەيگىگە چۇشۇشكە توغرا كىلىدۇ.مەسىلەن مىلان بۇ يىل ئەڭ ئاخىرقى كۇنى روبىنىئو بىلەن ئىبرايىموۋىچنى سېتىۋالدى، شۇڭلاشقا دوىتۇر قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئىككى ماھىرنىڭ بەدەن ئەھۋالىنى توغرا ئۆلچەپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى، ئەگەر خاتا بولۇپ قالسا مىلاننىڭ بىر پەسىللىك پىلانىغا دەخلى يىتەتتى.ئالدىنقى يىلى ئوۋېن مانچىستىرغا يۆتكەلگەندە بولسا ،ئۇنىڭ كىسەللىك تارىخى مۇرەككەپ بولغاچقا ، مانچىستىرنىڭ دوختۇرلىرى ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئۇچ كۇن تەكشۇرگەن.
r;{.%s7 C _Dn{ شۇڭلاشقا ھەربىر پۇتبولچى يىڭى كوماندىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقاندا ، دوختۇر ئۇچۇن بىر قىتىملىق خەتەرگە تەۋەككۇلۇق قىلىش ھېساپلىنىدۇ.
[ بۇ يازمىنىدونادە2010-11-07 14:01قايتا تەھرىرلىدى ]