كىرىش سۆز P;#}@/E *Q@
%<R بەلكىم تېما ماۋزۇسىنى كۆرۈپ كارتون فىلىم «ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى» ئېسىڭىزگە كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئۇ ماركو ئەمەس، بۇ دەل زىدانى ھەۋەسكارلىرى جۈملىدىن فىرانسىيە قوللىغۇچىلىرىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ دەپ قارالغان Marco Materazzi .
uNV\_'9>Y ئۇنى مەسخىرە قىلىڭ، ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلىڭ، ئۇنىڭدىن يىرگىنىڭ ! ئۇ سىلەر ئۈچۈن قەبىھ چۈش، ئۇ مەيداندىلا بولىدىكەن سىلەرنىڭ ئامراق ھوجۇمچىڭلار ئەركىن-ئازادە ھەرىكەت قىلالمايدۇ. ئۇ ھەقىقىي ئەركەك !! ئەركەكلەردەك ئۇنىڭغا بولغان باشقىچە قارىشىڭلارنى قايرىپ قويۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن يېزىلغان بۇ تېمىغا دىققىتىڭلارنى ئاغدۇرىڭلار !!!
T!T6M6?
?1z." & \v'\
Ea~ 1973-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىتالىيە لېچ شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئاپىسى بالدۇرلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، دادىسى قايتا ئۆيلەنگەچكە ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى بەخىتسىزلىك ئىچىدە ئۆتكەن. بۇ دەل ئۇنىڭ مەيداندىكى چىچىلاڭغۇ مىجەزىنىڭ تۈپ مەنبەسى بولۇشى مۇمكىن. مەيداندىكى ئەسەبىيلەرچە ئىپادىسىگە ئوخشىمايدىغان يەنە بىر تەرىپى بولسا ئۇنىڭ تۇرمۇشى. ئۇ دەننىلا بىلەن تۇرمۇش قۇرغان نەچچە يىلدىن بۇيان ئۈچ بالىسى بولغان، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى ئىنتايىن چوڭقۇر، قىسقىسى باشقا چولپانلارغا ئوخشاش سىرتلاردا قالايمىقان ئىشى يوق.
'NJCU.lKm
Y!8Ik(/~i
jJN.( ماتىراززىنىڭ پۇتبول ھاياتىنى «كېچىكىپ ئېچىلغان گۈل» دەپ سۈپەتلەشكە تامامەن بولىدۇ. پىرۇگىيا ياشلار كوماندىسىدا 1.93 مېتىر كېلىدىغان بۇ ياش ھېچقايسى كوماندىلارنىڭ دىققىتىنى تارتالمىدى، شۇنىڭدىن باشلانغان سەرگەردانلىق ھاياتى 99-00 مۇسابىقە پەسلىدە 26 ياشقا كىرگەن ماركو ئېنتىرنىڭ كىيىمىنى كىيشى بىلەن ئاياقلاشتى. 99-00 مۇسابىقە پەسلىدە پىرۇگىيا كوماندىسىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان ماركو.ماتىراززى 12 توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىجە بىلەن ئىتالىيىدىكى بېكلارنىڭ توپ كىرگۈزۈش رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى، نۇقتا توپ، ئىختىيارى توپ ۋە كاللا توپلار ئۇنىڭ مەخپى قۇرالى بولۇپ قالدى. بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئالاھىدە ئىپادىسى ئۇنىڭ ئىتالىيە زەردارى ئېنتىرنىڭ ئەزاسى بولۇشىدا كاتالىزاتورلۇق رولىنى ئۆتىدى.
BN?OvQ
(>E70|T ~9OART=' ئېنتىرغا كەلگەندىن كېيىن ئۇ ھاياتىدىكى نۇرغۇنلىغان «تۇنجى قېتىم» لارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى: 2001-يىلى 28 ياشلىق ماركو تۇنجى قېتىم دۆلەت كوماندىسىنىڭ كىيىمىنى كىيدى. 2002-يىلى 29 ياشلىق ماركو تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشتى. 2005-يىلى ئېنتىر ئىتالىيە لوڭقىسىنى ئالدى، 32 ياشلىق ماركونىڭ بۇ تۇنجى قېتىملىق ئۇنۋانى ئىدى. 2006-يىلى تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىغا چىقتى. 2010 -يىلى ئېنتىر ئۈچ ئۇزغان بولغاندا 37 ياشلىق ماركو بولسا تۇنجى «ئۈچ ئۇزغان» بولغان ئىتالىيە توپچىسى بولدى.
XCGJ~
#sOkD
U2D
E" ئېنتىرنىڭ قوغدىغۇچى جەڭچىسى pL{h1^O} ib4shaN` «توپ كىردى! ماتىراززى ! يەنە شۇ ماتىراززى !!» تېلىۋىزوردىكى دېكتورلار شۇنداق توۋلىدى، تېلىۋىزور ئالدىدىكى مەنمۇ ئىككى قولۇمنى كۆتۈرۈپ تەبرىكلەشكىمۇ ئۈلگۈردۈم....
bk**% ] توغرا! دەل ئۆزى شۇ! ماركو.ماتىراززى!! ماتىراززى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى توپ ئۇرۇپ، كوماندىنىڭ بەش ئايلانما بۇرۇنلا بىرلەشمە چىمپىيونى بولىشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى.
eJ+uP,$ ئۇ - پەرىشتە، مىئاززانىڭ قوغدىغۇچىسى. ئۇ - ئالۋاستى، بارلىق دۈشمەنلەرگە نىسبەتەن ئۇ بىر ھەددىدىن ئاشقان، ئەسلىنى ئۇنۇتقان ئالۋاستى. ماتىراززى زىددىيەتلىك چولپان، ئۇ ھەرگىزمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئەڭ ياخشى شارائىتتا توپ تەپكەن ئەمەس، ئۇ ھەرگىزمۇ پۇتبول مەيدانىغا قەدەم قويىشى بىلەنلا چولپان ئاتالغان ئەمەس، ئۇ ئەڭ ئاساسى قاتلامدىن يېتىشىپ چىققان ھەقىقىي قەھرىمان.
SYPG.O?
I
Hvn{aLa. nQ0g,'o ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇ ھەتتاكى بىر نەچچە كەسىپتىن سىرتقى كوماندىلارمۇ توپ تېپىپ باققان، 95-يىلى پىرۇگىيا كوماندىسىغا كەلگەن، بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇ يەنە بىر قانچە تۆۋەن دەرىجىدىكى كوماندىلارغا ئىجارىگە بېرىلگەن. كېيىن ئېۋىرتونغا بېرىپ ئىنتايىن مەنىسىز بىر يىلنى ئۆتكۈزگەن، 99-00 مۇسابىقە پەسلىدە پىرۇگىياغا قايىتىپ كېلىپ ھەقىقىي ئۆزىگە تەۋە بولغان بىر مۇسابىقە پەسلىنى ئۆتكۈزگەن. شۇنداقلا بۇ پەسىلدە 12 توپ كىرگۈزۈپ كوماندىدىكى مەرگەن بولغان، بۇ ئىپادىسىنى كۆرگەن زەردارلار توختىماي ئۇنىڭغا تەكلىپنامە ئەۋەتكەن، ئۇ ئاخىرى ئېنتىرنى تاللىغان. شۇنىڭ بىلەن كەسپى ھاياتىدىكى يەنە بىر قېتىملىق چوڭ ئاتلاش دەۋرىگە قەدەم قويدى.
iY /N%T; ئېنتىرغا قەدەم قويغاندىن كېيىنكى ماتىراززى ئوتتۇرا بېكلىق ۋەزىپىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئويناپ ئەڭ خاتىرجەم بىر ئورۇن بولۇپ قالدى. ھەر قېتىملىق مۇھىم مۇسابىقىلەردىكى رەقىبنىڭ داڭلىق ھوجۇمچىلىرىنى مۇداپىئە قىلىش ۋەزىپىلىرى ئۇنىڭغا بېرىلەتتى.
~"E@do("
rI\G&OqpP pV>M,f ھازىرغا قەدەر ئېنتىر ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ماركو.ماتىراززى ھەربىر ئېنتىر مەستانىلىرى قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقى ئېنىق. ئىشىنىمىزكى ئۇنىڭ يۈرىكى كۆك-قارا رەڭلىك. مىئاززا ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك ئائىلىسى.
#)aUKFX
Jv*(DFt!v ھەقىقىي ئەركەك ماركودەك بولىدۇ poqcoSL"} l@x/{0 بۇ بۆلەكنى لېپىنىڭ ئۇنىڭ تەرجىمىھالى ئۈچۈن يېزىلغان بىر پارچە خېتىدىن باشلىدىم:« پۇتبول مەيدانىدا ئۇ بىر جاسارەتلىك جەڭچى. سىلەر چوقۇم دىققەت قىلىشىڭلار كېرەك بولغان يەنە بىر نۇقتا، مەيداندىكى قەيسەر جەڭچى قىزىنىڭ زاكىسىنى ئۆز قولى بىلەن ئالماشتۇرغان چاغدا ئۇنىڭ يۈزىدىكى قانداق تەبەسسۇم؟ قانداق مېھىر-مۇھەببەت بىلەن دادىلىق ۋە ئەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان قەيسەر جەڭچى؟؟ ...... مەن ئۇنىڭ بۇ كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن يېزىۋاتقان بۇ خېتىم ئۇنىڭغا ئۇزاقتىن بۇيان ئىشىنىپ كېلىۋاتقان يەنە بىر نۇقتىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈندۇر. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۇ بىر سەلبى ئوبراز بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭغا ئاشۇنداق بىر قالپاق كىيىلىپ قالغان چاغدا ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ بۇ قالپاق كىچىكرەك رول ئۆتىگەندە ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىنى نابۇت قىلىشى مۇمكىن، چوڭراق رول ئۆتەپ قالسا ھاياتىنى نابۇت قىلىشى مۇمكىن. توغرا، بەزى چاغلاردا ماركو خاتالىق سادىر قىلىپ سالىدۇ. ئەمما سىلەر ئۇنىڭ مەيداندىكى ئورنىغا دىققەت قىلدىڭلارمۇ؟ ئۇنىڭدەك بۇ ئورۇندا ھەرقانداق چاغدا كىچىك ھەرىكەت قىلىش، ھەرقانداق چاغدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلماسلىق، ھەرقانداق چاغدا رەقىبىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش قىلىش ئاسانمۇ؟! يەنە سىلەر شۇنى ئىتراپ قىلالايسىلەر، ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ھەرقانداق بىر كوماندا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، مەيلى مەيداندا ياكى مەيدان سىرتىدا. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۇنىڭغا تېرنىرلىق قىلغان ھەربىر تېرنىر ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىر كوماندىدا تۇرغان ھەربىر ئەزا بۇ نۇقتىنى ئېنىق بىلىدۇ: ماتىراززى كوماندىدا يولباشچى، ئۇ لاياقەتلىك ھەمرا، ئۇ ئىشەنچىلىك دوسىت، كوماندا ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ھەرىكەتلەندۇرگۈچلىك رول ئۆتەلەيدىغان مۇھىم ئەزا. ئۇ ھەر ۋاقىت كەسىپچانلىقى بىلەن باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرالايدىغان ئاجايىپ ئادەم. مەن ئاخىرىدا شۇنداق دىيەلەيمەنكى، كوماندىدا ئۇنىڭدەك بىرەيلەننىڭ بولۇشى ھەر بىر تېرنىرنىڭ ئامىتى.» مانا بۇ لېپىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن باھاسى.
Fu*~{n ئالدىنقى پەسىل ئېنتىردىن ئايرىلغان مورىنىئو ئۇنىڭغا باھا بېرىپ:« ئۇنىڭ كوماندىدا بولۇشى مەن ئۈچۈن ئىنتايىن زور بىخەتەرلىك. كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئاغرىنماستىن ئۇنىڭغا قايىل بولۇشى كېرەك. ئۇ ھەقىقي بىر جەڭچى، ئۇنىڭدىكى كەسىپچانلىق روھى مەندە ئىنتايىن چوڭ تەسىر قالدۇرغان.» دىگەن.
gg>O:np8
N
{}XHA U{2[nF ماتىراززىنىڭ ھەرىكىتى ھەقىقەتەن بەك ئېغىر، دائىم باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ، ئۇ يەنە قارشى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدۇ. ئۆز كۆز قارىشىمنى دەۋالاي، ئۇنىڭ سۈرئىتى ئاستا، ھەرىكەتچانلىقى تۆۋەن بولغان ئوتتۇرا بېك. قارشى تەرەپ ھوجۇمچىلىرى بىلەن يەكمۇ-يەك قالغاندا ئامالسىز قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ ھوجۇمچىسىنى يىقىتىدۇ. بەزەنلەر دىيىشى مۇمكىن، نىمە ئۈچۈن چوقۇم پۇت سېلىشى شەرت؟ سىز ئويلاپ بېقىڭ، ئۇ كوماندىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر توسىقى، ئۇنىڭدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىش نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ دەل كوماندا نومۇر پەرقىدە زىيان چىكىشتىن دېرەك بېرىدۇ. مانا ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسى غورورىنى قايرىپ قويۇپ كوماندىنىڭ بارلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى. مەن بۇ ئارقىلىق ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى قانات ئاستىغا ئالماقچى ئەمەس، پەقەت بۇ خىل ھەرىكەتنى باشقىچە بىر خىل نۇقتىدىن تۇرۇپ ئويلىغاندا باشقىچە بىر يەكۈن بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى.
Q0)6 2[cMm ئەمدى تىلغا ئالمىسام بولمايدىغان بىر قېتىملىق خاتالىقى، چىلىرونى ئۇرۇش. بۇ ئىش توغرىسىدا ماتىراززى ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىدا مۇنداق دەپ ئۆتكەن:« ئۇ كەچتىكى ج.پ نىڭ بالىسى دىگەن بۇ گەپ مېنىڭ ئۆزەمنى يوقتىپ قويىشىمغا سەۋەب بولدى. بۇ گەپنى غورور بىلەن مۇناسىۋەتلىك، گەرچە تىلغا ئالغۇدەك ئالىيجاناپ غورور بولمىسىمۇ. (شەخسى قاراش، ئەگەر چىلىرو راستىنلا شۇنداق دىگەن بولسا خاتا قىلىپتۇ، چۈنكى ماتىراززى ئانىسى يوق ئۆيدە چوڭ بولغان. بۇ گەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىق ئېغىر كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقساق بولىدۇ). ئەگەر شۇ مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىش پۈشتىكى چېلىنىشى بىلەنلا مەن مەيداندىن ئايرىلغان بولسام ھېچقانداق ئىش يۈر بەرمەسلىكى مۇمكىن ئىدى، لېكىن مەن مەيدان سىرتىدا چىلىرو ساقلاپ تۇردۇم، نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىمنى بىلەيمەن. ئۇ مىنى تىللىغاچ ماڭا يىقىنلىشىۋاتاتتى، تېخى ماڭا قارىتىپ تۈكۈرۈپ قويىۋاتاتتى. بۇ چاغدا مەن ئۆزەمنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ قويۇشقا باشلىدىم، كاللامدا ئويلىغىنىم بولسا‹ بۇگۇن ساڭا ئۆزەمنى كۆرسىتىپ قويمىسام ئەتە مىنى بوزەك قىلىسەن. › دىگەن خىياللار بولدى. ئاقىۋەت مەن ئۇنى يارىلاندۇرۇپ قويدۇم، قولۇمدا كىچىك بولمىغان ئۈزۈكتىن ئىككىسى بار ئىدى، مۇشتۇمىمنى تۈرۈپ كېلىشتۇرۇپ ئاغزىغىلا ئۇرغىنىمنى بىلەن ئۇنىڭ كالپۇكى دەرھاللا قاناپ كەتتى، قاننى كۆرگەندىن كېيىن قارشى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى يۇپۇرىلىپ كەلگىلى تۇردى، مېنى كىمنىڭ تارتىپ ئەكەتكەنلىكىنى ئۇقمايمەن، بىردەمدىلا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە ئولتۇرىمەن. ئەمدىكىسى مەن ئەڭ ئازابلانغان چاغلار ئىدى، مەن ئاستا-ئاستا ئەسلىمگە قايتىشقا باشلىدىم، ئۆزەمنى تۇتىۋېلىپ بۇ ئىشلارنى ئويلاپ باقتىم، مەن ھەقىقەتەن خاتا قىلغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، يىغلاپ كەتتىم. ئۆز-ئۆزەمگە توختىماستىن:«تۈگەشتىڭ ماركو، بۇ قېتىم راستىنلا تۈگەشتىڭ!» دىدىم، قىلغانلىرىمدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلاندىم. كاللامدا ئويلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئەتىكى گېزىتلەردە قانداق خەۋەر قىلىشىدا قالدى....» بۇ سۆزلەر ئارقىلىق ماتىراززىنىڭ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قانچىلىك ئازابلانغانلىقىنى ھېس قىلالىدۇق. سىلەر ئويلاپ بېقىڭلار، قانچىمىز خاتالاشمايمىز؟ ئۇ خاتالاشتىمۇ ؟ خاتالاشتى، خاتالاشقاندىمۇ ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزدى. لېكىن دەل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئىتراپ قىلالىدى. لېكىن ئارىمىزدىن قانچەيلەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزدىلا شۇنداق تۇيغۇغا كىلەلەيمىز.
Hoaf3
`n يەنە بىرسى ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشى، زىدانىدىن كاللا يىيىش ۋەقەسى. ئۇنىڭ زىدانىغا تىل تەككۈزگەنلىكىنى ئىنكار قىلمايمەن، يەنىلا ئۆزىنىڭ خاتىرىسىگە نىمىلەرنى يازغانلىقىنى بىرلىكتە ئوقۇپ باقايلى: « مەن ئاخىر ئۇ سۆزلەرنى دەۋەتتىم، دەل ئاشۇ بىر ئېغىز سۆز مېنى دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ باش رولچىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. مەن ئۇ مەيداندا بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر توپ كىرگۈزدۈم، سەپداشلىرىم بىلەن ئوخشاش نۇقتا توپنى كىرگۈزدۈم، بۇ ئارقىلىق بىز دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى بولدۇق. ئۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئاشۇ بىر ئېغىز گېپىم مەن ۋە زىدانىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى، ئۇ كۆكسۈمگە ئۈسكەن ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندۇق. 2006-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن كېيىن ماڭا ئۇچرىغان ھەممەيلەن مەندىن :«زىدانىغا نىمە دىدىڭ؟» دەپ سورىدى، مەن :«ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تىل سالدىم.» دەپ جاۋاب بەردىم. مەن ئۇ چاغدا چوقۇم ئاشۇ گەپنى قىلمىسام بولمايدىغان يەردە ئەمەس ئىدى. مەيدانغا قەدەم ئاتلىغان چاغدىن باشلاپ ھەرقانداق بىر دۇنياۋى دەرىجىلىك پۇتبولچىلارمۇ مۇسابىقە رىتىمىنىڭ تېزلىشىغا ئەگىشىپ جىددىيلىشىشتىن مۇستەسنا ئەمەس، مۇسابىقە جەريانىدا كەيپىياتىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ بەزى بىر دىيىشكە تىگىشلىك بولمىغان گەپلەرنى دەپ سېلىشتىن، قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان بەزى قائىدىگە خىلاپلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ سېلىشتىن ساقلانمىقى ئىنتايىن تەس. مۇسابىقە جەريانىدا ئادەم تىللاش بىلەن قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ئوخشاش دەرىجىدە، ھەر ئىككى تەرەپ ساقلىنىپ بولالمايدىغان ئۇششاق ئىشلار. بىزنىڭ ئىشىمىز قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيدانىدا بولدى، ئۇ ھەقىقەتەن ئاۋۋال ماڭا مېنى مەسخىرە قىلدى، ئاندىن مەن تىل قايتۇردۇم. مەن بۇنى ھەرگىز ئىنكار قىلمايمەن، پەقەت ئۇ ئىنكار قىلمىسىلا. مەن خاتالاشتىمما؟ شۇنداق مەن خاتالاشتىم، لېكىن زىدانىمۇ ئېغىر خاتالاشتى. ئۇنىڭ ماڭا كاللا قويىشىنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق بولۇشى مۇمكىن. ئاشۇنداق مۇھىم مۇسابىقە سورۇنىدا، تۈمەنلىگەن كامىرالار ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىۋاتقان مۇسابىقە جەريانىدا، 70 مىڭدىن ئارتۇق مەستانىلەر توۋلاۋاتقان مۇسابىقىدە ئۇنىڭمۇ كاللىسى چېچىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ ..... شۇ ئىشتىن كېيىن مەن پۈتۈن فىرانسىيىنىڭ تۈپ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالدىم، كاستىرو قاتارلىق چوڭ ئەربابلارمۇ زىدانى ئۈچۈن چاپان ياپتى، خەلقئارا پۇتبولچىلار جەمىئىتىمۇ بىرىنچى قېتىم «جىدەل تېرىغۇچى» دەپ مېنى جازالىدى، ئاۋۋال ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىن توختىتىش، ئاندىن زىدانى بىلەن ئوتتۇرىدىكى ئاداۋەتنى تۈگىتىش. ئەگەر ئۇ ئاداۋەتنى تۈگىتىشنى خالىسا مەن ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئۇنىڭ ئايرىم كۆرۈشۈپ ئاداۋەتلەرنى ھەل قىلىشقا تەييار، بۇ ئىككى ئەركەكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلار، ئىككى كەسپى پۇتبولچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ تۇرىدىغان ئىشلار. بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاسان ئىدى، پەقەت ئۇ ئىككەيلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشسەكلا ئىشلار تۈگەپ كېتەتتى. لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلىشنى خالىمىدى، بۇنىڭغا مېنىڭ ئامالىم يوق، ئەگەر ئۇ قارارىنى ئۆزگەرتىپ قالغان ھەرقانداق چاغدا دىسە مەن ھەل قىلىشقا تەييار.» دىيىلگەن. تەڭداشسىز پۇتبولنىڭ دىكتورى دۇئەنشۇەن مۇنداق دىگەن:«ماتىراززى ئىنتايىن تەلەيسىزكەن، ئۇنىڭ كىمنىڭ چىشىغا تەككەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇ دەل 齐祖 !! ». ھەممە ئادەملەر زىدانىنىڭ ئەپسۇسلانغانلىقىنىلا كۆردى، ماتىراززىنىڭ جىدەل تېرىغانلىقىنىلا كۆردى. لېكىن كىشىلەر پەستە ياتقان كىشىنىڭ ھىسياتىنى قەتئىيلا ئويلاشمىدى، بۇ نىمە ئۈچۈن؟ بىرسى پۇتبول سەنئەتكارى بولغانلىقى ئۈچۈنما؟ ياكى پەستە ياتقان ئادەم چىمەلتەك بولغانلىقى ئۈچۈنما؟؟ مەن شۇنى دىگۈم كەلدى، ماتىراززى كىچىكىدىنلا ئاپىسىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئۇ ئاجايىپ بىر خىل شارائىتتا يىتىلىپ چوڭ بولغان. ئۇنىڭ مەيداندىكى بەزى بىر قائىدىگە خىلاپلىق ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ كىچىكىدىنلا كېلىپ چىققان تەرسالىق مىجەزىنىڭ ناماياندىسى دىيىشىكىمۇ بولىدۇ. قىسقىسى، كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭغا باشقىچە نەزەردە قارىشىغا مۇھتاج. ئۇنىڭغا باشقىچە بىر چىقىش نۇقتىسىدىن يەكۈن چىقىرىش كېرەك.
~bp^Q|
wM
(RP"VEVR pq 4/>WzE ئۇنىڭ مەيدان سىرتىدىكى ھازىرقى تۇرمۇشى ئىنتايىن بەخىتلىك دىيىشكە بولىدۇ، ئۇ ئائىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇنىڭ خاتىرىسىدە :« مەن ئايالىمغا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، مېنىڭ كېيىنكى ئۆمرۈم ئائىلەمگە مەنسۇپ، مەن ئالدىنقى ئۆمرۈمنىڭ بارلىقىنى پۇتبولغا ئاتىۋەتكەن. مەن ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ئىنتايىن چوڭقۇر ھېس قىلغان، بالىلىرىمنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇنداق تۇرمۇشتا قالماسلىقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىم كېرەك. مەن پۇتبول ئارقىلىق شۇنداق چوڭ ئۇنۋانلارغا ئېرىشتىم، ئايالىم ئۈچۈن بۇلار بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىدى، ئۇ ھەتتا مەن بىلەن بىللە كوچىغا چىقىشقىمۇ ئۇنىمايدۇ، ئۇ باشقىلارنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قېلىشنى خالىمايدۇ، باشقىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇرمۇش كەچۈرۈشنىمۇ خالىمايدۇ. شۇڭا مەن پۇتبول ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قەرزدار بولغان بۇ ھېسياتلارنى تولۇقلىشىم كېرەك. كەسپى ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئايالىمنىڭ تەلىپى بويىچە پىرۇگىياغا قايتىپ ئورۇنلىشىشىم كېرەك، ئۇ چاغدا مەن پەقەت ۋە پەقەت ئائىلەمگىلا كۆڭۈل بۆلىمەن.» دىگەن.
'n7)()"2
yw|O,V<4N ئاخىرقى سۆز ##gq{hgjb$ w`kn!k8 ماركو.ماتىراززىغا بولغان كۆز-قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ، ئۇنىڭغا باشقىچە نۇقتىدىن قاراپ ئۇنىڭ قەلىب ئىچىگە چۆكۈپ كىرىڭ، ئاندىنلا ئۇنىڭغا ئۇنچىلىك ئۆچمەنلىك قىلمايدىغان بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ھەرقانداق بىر ئىشتا سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بولىدۇ. خەير، بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كەتتى........
=Fq"lq % J2"n: تۈنۈگۈن قاپلانچاقنىڭ تېمىسىنى كۆرۈپ مىيىقىدا كۈلگۈم كېلىپ قالدى، چۈنكى مەنمۇ شۇنداق بىرسىگە ماتىراززى توغرىسىدا تېما يېزىشقا ۋەدە قىلغان ئىدىم. تۈنۈگۈنلا قەرز ئېگىسى تېمىسىنى سۈيلەپ تېلىغونىمغا ئۇچۇر يوللاپتۇ، خىجىلچىلىقتا «يىقىندا پۇتتۈرىمەن» دىدىم. مانا بۇگۇن بۇ قەرزىمنى ئادا قىلىشقا ئازراق ۋاقىت چىقىپ قاپتىكەن، كۆپچىلىككە تاقا-تۇققا بولسىمۇ ماتىراززى توغرىسىدا ئازراق جۆيلۈپ قويدۇم.