سىز بۇ تېمىنىڭ 651 - ئوقۇرمىنى
تېما: بىزگە لوڭقا ئېلىش«ھـارام»ئەمەس !
قارا،بىركۆزۈم قىزىل بىرى ئاق
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

UID: 612
جەۋھەر: 15
يازما: 2209
شۆھرەت: 8309 نۇمۇر
پۇل: 102273 سوم
تۆھپە: 465 نۇمۇر
ياخشى باھا: 227 نۇمۇر
توردا: 438(سائەت)
تىزىملاش: 2007-08-18
ئاخىرقى: 2010-09-16
0  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-27 03:01

بىزگە لوڭقا ئېلىش«ھـارام»ئەمەس !

ئەسكەرتىش: بۇ يازما soccer تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-08-27)
بىزگە لوڭقا ئېلىش «ھـارام»ئەمەس !
V&Rwj_Y  
$(*>]PC+)  
@a 7U0$,O#  
5;HCNwX  
pEW~zl  
9E[==2TO  
K7nyQGS  
تېرنىر : يوھانسون لېف 9}4~3_gv;M  
دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى : چىمپىيون 1954 1974 1990 ',rK\&lL6  
كوماندىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى : 1900-يىلى cz|?j  
تەۋەلىكى : ياۋرۇپا 3od16{YH  
باشقا شەرەپلىرى : ياۋرۇ لوڭقىسىنى تالىشى پۇتبول مۇسابىقىسىدا 3 قېتىم چىمپىيون بولغان |WOc0M[U  
تور بەت ئادىرىسى : www.dfb.de [ Q/kNK  
 
ھازىرقى سەپ شەكلى :
:l?mNm5  
R-wz+j#  
}u{gQlV  
E\p"%  
o)R<sT  
دەسلەپكى تونۇش : l/\D0\x2  
( 5uSqw&U  
گېرمانىيە كوماندىسى ئەنئەنىۋى ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىنى ئالغان كوماندا بولۇپ، بۇرۇن گېرمانىيە كوماندىسىدا ئاساسلىق ھۇجۇمچى روللىرىنى ئۆتىگەن ۋوللېر ۋە كېلىنسىمان يېتەكچىلىكىدىكى گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ بۇ خىل ھۇجۇمچانلىق خاراكتىرى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. 2002- يىلى گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋوللېر تېرىنېر بولۇپ بەلگىلەنگەندىن كېيىن گېرمانىيە كوماندىسى 17- نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 2- بولۇپ گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ھەقىقى كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان ئىدى. بۇ قېتىم كېلىنسىمان ئەينى چاغدىكى سەپدىىشى ۋوللېرنىڭ قولىدىن بۇ كوماندىنى ئۆتكۈزىۋېلىپ باش تېرىنېر بولغاندىن كېيىن دادىللىق بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ياش ماھىرلارنى يۈرەكلىك ھالدا تاللاپ ۋە ئۇلارنى مەيدانغا چىقىرىپ دۆلەت خەلقىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى ، كىلىنسىمان تېرنېرلىق قىلغان مەزگىللەردە گەرچە گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىدىن ھۇجۇم خاراكتىرىدىكى ماھىرلار قېزىلىپ چىقىرىلغان بولسىمۇ ، مۇداپىيەدە تېخى خام بولغاچقا باشقىلارنىڭ قاتتىق تەھتىدى ئىچىدە قالغان . شۇنىڭ بىلەن 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن كىلىنسىمان باش تېرنىرلىقتىن ئىستىپا بېرىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ياردەمچىسى لېف باش تېرنىرلىقنى قولىغا ئالدى . لېف بولسا ياش ، كوماندىدىكى ئەزالارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان تېرنىر بولغاچقا ، ئۇ كوماندىنى ھەرتەرەپلىمە يىتۈشتۈردى ، كوماندىنىڭ ئاجىز ھالقىللىرىنى تېپىپ چىقتى. گەرچە گېرمانىيە كوماندىسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق چولپانلار يوق دىيەرلىك بولسىمۇ ، بۇلاردا مىللىي روھ ، دۆلىتىگە بولغان چۇڭقۇر مۇھەببەت باشقىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىشتىكى ئەڭ چوڭ قۇرال بولالايدۇ . >vO+k^'Y  
B 
,(f W0d#  
لوڭقىدىن تۇنجى قېتىم ئەگىپ ئۆتۈش _ «نىشانىمىز چىمپىيونلۇق ئەمەس،تۆت كۈچلۈك» uv^x  
GS}JyU  
2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسى بىزگە نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى ... ئالايلۇق : تۈركىيە كوماندىسىنىڭ قارا تۇلپار بولىشى ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشى ، كورىيە كوماندىسىنىڭ ئەپتى-بەششىرىسى دېگەندەك ... @7V~CNB +  
بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىغا سەپ سالىدىغان بولساق ، مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئەڭ كۈچلۈك كوماندا دەپ قارالغان كوماندىلارنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە كوماندىسى يوق . ئەڭ كۈچلۈك كوماندا دەپ قارالغىنى : بىرازىليە ، ئىتالىيە ، ئىنگىلاد ، يەنە قوش ئۇزغان بولغان فرانسىيە . گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا چىمپىيونلۇقنى ئالغۇدەك كۈچى يوق دەپ قارالغان (شەخسەن مەنمۇ شۇنداق قارىغان) تاللاش مۇسابىقىسىدە ئىنگىلادقا 5:1 دەك يۇقىرى نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ قېلىشى ، بىر كوماندىنىڭ روھى تۈۋرىكى بولغان باللاكتىن باشقا داڭلىق چولپانلارنىڭ يوق دىيەرلىك بولىشى بۇنىڭغا ئىسپات بولالايتتى. ZE~zs~z|  
لېكىن گۇرپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا گېرمانىيە كوماندىسى سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان نەتىجە يەنى 8:0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ ئۆزىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ قويدى(بۇ مەن كۆرگەن تۇنجى مۇسابىقە ، مۇسابىقىنى كۆرگەنلەرنىڭ ئىسىدە بولىشى مۇمكىن ، سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى توپنى ئوتتۇرا مەيداننىڭ نېرىسىغا ئاپىرالمىغان)  . يەنە بۇ مەيداندا كلوز باش بىلەن توپ كىرگۈزۈشتە قالپاق كىيىپ ، يېڭى دۇنياۋىي رىكورت ياراتقان ... (بۇ ۋاقىتتا مېنىڭ دىققىتىمنى ھەممىدىن تارتقىنى كلوز بولغان) 1EWZA  
ئىككىنچى ئايلانمىدا بولسا ، گېرمانىيە كوماندىسى ئېرلاندىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ . شۇ مەيدان مۇسابىقىدە كلوز گەرچە شۇنچىلىك ئەپچىللىك بىلەن كاللا بىلەن بىر توپ ئۈسسۈپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ ، يەنىلا ئېرلاندىيەلىكلەرنىڭ ئاخىرغىچە بوشاشماي تىرىشىپ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن نەتىجە 1:1 بولۇپ ئاخىرلىشىدۇ . شۇنداقلا ئالدىنقى ئايلانمىدا يۇقىرى نۇمۇر پەرقى بىلەن ئۇتۇپ ، خوشاللىقىدىن غەپلەت ئۇيقۇسىغا چۆمگەن گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ بېشىغا سوغۇق سۇ چېچىۋىتىلگەندەك بولۇپ ، گۇرپىدىن چىقىشى تەھدىد ئىچىدە قالىدۇ .  
ئاخىرقى ئايلانمىدا بولسا ئەينى ۋاقىتتىكى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئىككىنچى قارا تۇلپارى (بىرىنچىسى سىنگال) بولغان كامېرون كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ . شۇ ۋاقىتتا كامېرون كوماندىسىدىن ئىتونىڭ تېخى ياش مەزگىللىرى بولغان بولسىمۇ ، مىلتىقنىڭ سىتوۋىلىدىن چىققان ئوقتەك تېز يۈگرەشلىرى ، قاپقىغا كەينى-كەينىدىن توپ ئۇرۇشلىرى گېرمانىيە كوماندىسى دەماللىققا ھالسىرتىپ قويىدۇ . نەتىجىدە يەنىلا قەيسەر گېرمانىيە كوماندىسى غالىپ كېلىپ 2:0 نەتىجە بىلەن كامېرون كوماندىسىنى يېڭىپ گۇرپىدىن 1-بولۇپ چىقىدۇ . ^Xu4N "@  
(Nv -wU  
 X>P|-n#  
{t!7r_hj  
گېرمانىيە كوماندىسى گۇرپىدىن ئوڭۇشلۇق چىققاندىن كېيىن 16كۈچلۈكتىكى رەقىبى : پاراگىۋاي بىلەن تۇتۇشۇپ 1:0 نەتىجە بىلەن سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىدۇ . ئاندىن ئوخشاش نەتىجە 1:0 نەتىجە بىلەن رەقىبى ئامېرىكا كوماندىسىنى ئۇتۇپ يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ «تۆت كۈچلۈكلەر يىغىلىشى»غا قاتنىشىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئەڭ نەس باسقان كوماندا گېرمانىيە كوماندىسى ئەڭ تەلەيگە ئېرىشكەن كوماندا بىرازىليە كوماندىسى بولدى . يەنى گېرمانىيە كوماندىسى بولسا بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىنى «كونتىرول»قىلىۋالغان كورىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى . گېرمانىيە كوماندىسى ھەرقانچە قەيسەر بولسىمۇ شۇنچە كۆپ «دۈشمەن»گە قانداق تاقابىل تۇرالايدۇ ؟ ئاللىبۇرۇن كورىيەگە سېتىلىپ كەتكەن باش رېپىر ، يان رېپىر ... ، تۆمەنلىگەن مەدەنىيەتسىز كورىيە مەستانىللىرى ، توپنى ۋاستىلىق ئەمەس ۋاستىسىزلا ئوينايدىغان كورىيە كوماندىسى ئەزالىرى ... گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچقا كىرىشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالدى. مۇسابىقە رېتىمى گەرچە كورىيە - ئىتالىيە ، كورىيە - ئىسپانىيە ... لەرنىڭ مۇسابىقىللىرىگە ئوخشاپراق ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ ، باللاكنىڭ نۇقسانسىز كىرگەن توپى بىلەن گېرمانىيە كوماندىسى يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىرىدۇ . (ئەگەر مۇشۇ تۆت كۈچلۈكتە كورىيە بىلەن بىرازىليە ، گېرمانىيە بىلەن تۈركىيە مۇسابىقىلەشكەن بولسا ئىشىنىمەنكى چىمپىيون چوقۇم باشقا بىر كوماندا بولۇپ قالغان بولاتتى) . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 11ئەزاسىنىڭ ھەممىسى دۇنياۋىي دەرىجىلىك چولپانلاردىن تەشكىل تاپقان بىرازىليە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ . گەرچە شۇ مۇسابىقىدە ھەممە گېرمانىيە كوماندىسىنى قايتىدىن تونۇپ ، شۇ مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا گېرمانىيە كوماندىسىنى ئۈستۈپ دەپ قارىغان بولسىمۇ ، مۇسابىقە جەريانى بۇنىڭغا ئىسپات بولۇپ تۇرىدۇ . بىرازىليە كوماندىسىنىڭ گېرمانىيە كوماندىسىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكى روشەن ھالدا ئىسپات بولىدۇ . بىرازىليە كوماندىسىنىڭ كاتتىبېشى رونالدونىڭ كىرگۈزگەن ئىككى توپى بىلەن گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ چىمپىيون بولۇش چۈشى كۆپۈككە ئايلىنىدۇ . (شۇ مۇسابىقىدە گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ 10-نۇمۇرى چوقۇم كىرىدىغان بىر توپنى ئۇرغان بولسىمۇ بىرازىليە كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى بۇ توپنى كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە كارامىتىنى كۆرسىتىپ توسۇپ قالىدۇ . مېنىڭ ھازىرمۇ شۇ توپقا ئەقلىم يەتمەيدۇ . يەنى يېقىن ئارلىقتىن ئۆلۈك بۇلۇڭغا ئۇرۇلغان توپ ئىدى). شۇنداق قىلىپ گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى يېقىنقى يىللار ما بەينىدە دۇنيا لوڭقىسىدىن تۇنجى قېتىم ئەگىپ ئۆتۈپ كەتتى ...
"^a"`?J  
vAq j4:j  
}&= =;7,O  
ItZYOt|Hn  
لوڭقا ئۆيىمىزدە _ « ھەركىم ئۆزىنىڭ مەھەلىسىدە يامان »  : &ODo7@v`1  
`u PLyS.  
2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تارخىتىكى ئەڭ قىززىغان دۇنيا لوڭقىسى دېسەك قارىشتۇرىدىغانلار يوققۇ دەيمەن !؟ شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۆزىلا گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى كۆتۈرۈشتە ھالقىلىق رول ئوينايتتى . لېكىن ئادەمنىڭ ئوڭ قولى بىلەن سول قولى ئۆزئارا ئەپلەشمىسە بىر ئىشنى مۇكەممەل قىلالمىغىنۇدەك گېرمانىيە كوماندىسىغا شۇ نۆۋەت شۇنچىلىك زور دەرىجىدە شەرت-شارائىت ھازىرلانغان بولسىمۇ ، كوماندا تېخى مۇسابىقىگە تولۇق تەييارلىق بىلەن چىقمىغان ... گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى مۇسابىقىسدە گەرچە كوستارىكا كوماندىسىنى 4:2 نەتىجە بىلەن ئۇتقان بولسىمۇ(كوستارىكا كوماندىسىدىن ۋانچۆپ ھېچقانداق توسالغۇسىزلا ئىككى توپ كىرگۈزگەن، ۋاقىت 90مىنۇتقا بېرىپ تاقاشقاندا 3-2 نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىدىغان مۇسابىقە ، فرنگىسنىڭ غايىبتىن ئۇرۇلغان توپى بىلەن نەتىجە 4-2 گە ئۆزگەرگەن. ) ، كوماندىدا يەنىلا تەجىربىسىز ماھىرلارنىڭ يەنىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى ، تېرنىر كېلىنسىماننىڭ تاكتىكىسىدا مەسىلە بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى . كېلىنسىمان كوماندىنىڭ ھۇجۇمىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ ، گېرمانىيە پۇتبول مۇتەخەسىسلىرىنىڭ يىللاردىن بېرى مۇداپىئەنى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئىلىمىغان . ئاخىرىدا مۇداپىئەسى كۈچلۈك بىر كوماندىغا ئۇچراپ قالىدىغانلىقىن ئويلىمىغان ... ئومومىي جەھەتتىن ئېيتقاندا كېلىنسىمان بىلەن كوماندا ئەزالىرى ئەقىل ، تەجىربە جەھەتتە «كىچىك» كەلگەن ... گەرچە گېرمانىيە كوماندىسى ئۇنى - بۇنى قىلىپ شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا چىمپىيون بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارالغان ئارگىنتېنا كوماندىسىنى يىغلىتىپ يولغا سالغان بولسىمۇ ، ئەمدىلا ھۇشۇنى تاپقان كېلىنسىمان ۋە كوماندا ئەزالىرى كىچىككەن ... تۆت كۈچلۈكتە ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ كۈچلۈك موداپىئەسىگە دۇچ كېلىپ ، گەرچە شۇ مەيدان مۇسابىقىدە 118مىنۇتقىچە ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن كۈچ ئېلىشقان بولسىمۇ ئاخىرقى 2 مىنۇتتا 2 توپ كەتكۈزۈپ قويۇپ ئۆيىدىكى لوڭقىنى باشقىلارنىڭ تالىشىشىغا قالدۇرۇپ قويغان . (ئەگەر گېرمانىيە كوماندىسى شۇ 2مىنۇتتىمۇ بەرداشلىق بېرىۋەتكەن بولسا مېنىڭچە بولغاندا گېرمانىيە كوماندىسى نۇقتا توپتا ئىتالىيە كوماندىسىنى مۇتلەق يەڭگەن بولاتتى. گېرمانىيە كوماندىسىدىكى بىرەر ئەزانىڭ تېخى ھازىرغىچە بىرەر نۇقتا توپنى كەتكۈزۈپ قويغان تارىخى يوق . 2010-يىلى پودولسكى سېرۋىيە كوماندىسىغا بىر نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمەي ، بۇ تارخقا بىرىنچى بولۇپ ئىمزا قويدى) =9,^Tu|  
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە شۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىتالىيە كوماندىسى مەيلى پاس بېرىش ، مۇداپىئە قىلىش ، قايتۇرما ھۇجۇم بېرىشتە بولسۇن ... تارختىكى ھەرقانداق بىر كوماندىدىن ياخشى ئوينىۋەتكەن ئىكەن . s f->8  
گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى ئېرىشمەك تەس بولغان بۇ ساھىپخانلىق ئورنىنى ناھايىتى ئەتىۋارسىزلا مۇشۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ . گەپنىڭ مېگىزى يەنە شۇ ، كوماندا ئەزالىرى ۋە تېرنىر تەجىربىسىز ، يېشى «كىچىك»كېلىپ قالغان . لېكىن گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى ئۆز ساھىپخانلىق ۋەزىپىسىگە ئاساسەن شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى بىزگە شۇنچىلىك قىززىتىپ بەردى ھەم ئايال پىرىزدېنتنىڭ باشقا ئەربابلار ئارىسىدا يۈزىنى خېلى يورۇق قىلدى . خەير ! گېرمانىيە كوماندىسى ئۆزىنىڭ مەھەلىسىدە ئۈچىنچى بولۇپ ، مىس مىدالغا ئېرىشتى ...  
\<09.q<8  
n${k^e-=  
BMuEfa^  
sowwXrECg@  
*f`P7q*  
(Cfb8\~  
PLMC <4$s  
كېيىنكى قەدەم _ «ئۆزىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تونۇش» mtn^+*  
J%M  [8  
2006-يىلىدىن كېيىن كوماندىنى ئىلگىركى ياردەمچى تېرنىر لېف ئۆز قولىغا ئالدى . لېف كوماندىنى قولىغا ئالغاندىن بۇيان گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىكى مۇنەۋۋەر ئەزالارنى تاللاشقا ، بولۇپمۇ گېرمانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىللىرىنى كۆرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى . قىسقىسى بۇ تېرنىر مۇئەييەن تونۇشقا ، كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئازراق بولسىمۇ بىلىدىغان روھقا ئىگە بولغاچقا ، كوماندىدىكى ئوتتۇرا مەيدان ، مۇداپىيە مەسىللىرىنى سېستىمىلىق تەرتىپكە سالالمىغان بولسىمۇ مۇۋاپىق دەرىجىدە ھەل قىلالىدى ... لېف كوماندىدىكى قوش بىسلىق پىچاق لامنى بايقىيالىدى، ئۇنىڭ ئوڭنىمۇ سولنىمۇ ئوينىيالايدىغانلىقىنى بايقىيالىدى ... گەرچە كوماندىنىڭ ئومومىي نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئېيتقاندا كوماندا يەنىلا بىر نەچچە يىل تەجىربە ئىگىلىشى زۆرۈر بولسىمۇ 2008-يىللىق ياۋرۇ لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە گېرمانىيە كوماندىسى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يۈرۈپ كەتتى ... گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ھەممىدىن بەكرەك ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئاجىزلىقىنى ھەم ئارتۇقچىلىقىنى تونۇشقا ياردەم بەرگەن مۇسابىقە كىرودىيە كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە بولدى. شۇ مۇسابىقىدە باش تېرنىر لېف بىكلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن چوڭ خاتالاشقان . گۇرپىدىن چىقىش مۇقىملاشماي تۇرۇپلا ، مۇسابىقىگە تېخى ئەمدىلا يىتىلىۋاتقان نوتا ياڭسىننى چۈشۈرۈپ سول بىك ئورنىغا قويغان . كىرودىيە كوماندىسى بۇ ياش نويىدىن پايدىلىنىپ ئىككى توپ كىرگۈزۋالدى(ئىككى توپ ياڭسىننىڭ سەۋەبلىكىدىن كەتكەن) ... كىچىكىپ بولسىمۇ ئەقلىنى تاپقان لېف مېنىڭ ئەڭ قوللايدىغان سەپ شەكلىمنى ئىشقا سالدى. ياڭسىننى چۈشۈرۋىتىپ ئورنىغا فىرىدىرىچنى چىقاردى . لامنى ياڭسىننىڭ ئورنى بولغان سول بىككە قارىتىپ ، فىرىدىرىچنى ئوڭ بىككە قاراتتى . ئارقىدىن نەزىرىمدە گېرمانىيەدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر كىراي شىۋىنىستايگىرنى مەيدانغا چۈشۈردى . شۇنداق قىلىپ گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ پاسسىپ ھالىتى بارا-بارا ئۆزگەردى . مۇداپىئە ئاجىزلىقى تاقىۋىتىلدى ... ھۇجۇم يەنە قايتىدىن تەشكىللەندى ... گەرچە پودولسكى بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 2:1 قىلغان بولسىمۇ ، ئاخىرىدا يەنىلا مۇسابىقە كىرودىيەلىكلەرنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياغلاشتى . بۇ مۇسابىقە گېرمانىيە كوماندىسىغا قاتتىق سىگىنال بولۇپ قالدى . باش تېرنىر لېفمۇ ئۆزىنىڭ چوشقىچاقنى ئاساسلىق ئەزا قىلىپ مەيدانغا چۈشۈرمىگىنىگە ، كىچىك بالا ياڭسىنغا ئېغىر يۈكنى ئارتىپ قويۇپ زور خاتالاشقىنىنى تونۇپ يەتتى ... )|^8`f  
كېينكى مۇسابىقىلەردە گېرمانىيە كوماندىسىغا تەلەي ئارقا-ئارقىدىن كەلدى ... ئۆزىنىڭ تارختىن بۇيانقى كۈشەندىسى بولغان ئىتالىيە كوماندىسى ئۆزى بىلەن ئۇچىراشمايلا شاللاندى ، ھالقىلىق ۋاقىتتا ئادەملىرى يارلىنىپ 14 ئادىمىلا قالغان تۈركىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى . ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ كېلىۋاتقان گوللاندىيە كوماندىسى بولسا قارا تۇلپار روسىيە تەرىپىدىن شاللاندى ... شۇنداق قىلىپ ھەممىنىڭ ئاغزىدا « لوڭقا نېمىسلارغا قالدىغۇ بۇ قېتىم ... » دېگەن سۆز پەيدا بولدى.(مەنمۇ شۇ ۋاقىتتا تولۇق ئىشەنگەن ئىدىم) . لېكىن كىم بىلسۇن ؟ شاللاش باسقۇچىدىلا شاللىنىپ كېتىدىغان ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە بۇنچىلىك چوڭ تەييارلىك بىلەن كەلگىنىنى  ... ؟ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىسپانىيە كوماندىسى دۇنيادىكى پۈتكۈل پۇتبول مەستانىللىرىغا بىر مەيدان ئويۇن قويۇپ بەردى . (گەرچە نەتىجە 1:0 بولغان بولسىمۇ) ، تېخنىكا ، سۈرەت ، پاس ، توپ كونتىرول قىلىش ... ھاي ھاي ... ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ  قىسقىغىنا ۋاقىتتا Gn_D IFa  
بۇنچىلىك كۈچلۈنۈپ كېتىشىنى ھېچكىم خىيالىغا كەلتۈرمىگەن بولىشى مۇمكىن . ئەينى ۋاقىتتىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيە كوماندىسىنى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى دىگۈچە ، بىر مەيدان كوللىكتىپ ئۇسسۇل ئوينىدى دېسە مۇۋاپىقراق ... گېرمانىيە كوماندىسى بۇ قېتىم شۇنداق بىر تەلەيگە تايىنىپلا بۇ لوڭقىنى ئالماقچى بولغان ئىدى ، لېكىن مۇنداق بىر ھەقىقىي زەردارنىڭ چىقىپ قېلىشىنى ئۇلار ئويلىمىغان بولىشى مۇمكىن . ئىسپانىيە كوماندىسى شۇندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قارا چۈشى بولۇپ قالدى . مانا بۇ گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ لوڭقىنىڭ تۈۋىدىن ئۈچىنچى قېتىم ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشى ...
P)J-'2{  
fwV2b<[  
w D r/T3  
|%mZ|,[  
^\?Rh(pu  
رەھىمسىز شاللىنىش _ «لوڭقا ئېلىش بىزگە ھـارام ئەمەس» K,,) FM  
k0K$OX*:e  
گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ لوڭقىنىڭ يېنىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشى تېخى توختاپ قالغىنى يوق . 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا گەرچە گېرمانىيە كوماندىسىدىكى ھېلىقى تۆت يىل بۇرۇنقى «بالىلار»ئەمدىلىكتە بۇرۇت-ساقال چىقىپ ، زېھنى مەركەزلىشپ ، خېلى تەجىربىلىك بولۇپ قالغان بولسىمۇ ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ كوماندىدىكى كلوز ، باللاك ، لەيمەن قاتارلىقلارنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالدى . لەيمەن دۆلەت كوماندىسىدىن چىكىندى . باللاك بولسا ، چېلسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە يارلاندى. كلوز بولسا يېشى سەل چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا كوماندىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى . ئەزەلدىنلا دۇنياۋى مۇسابىقىلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تەلىيى ئوڭدىن كېلىدىغان گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىم تەلىيى ئوڭدىن كەلمەي قالدى. باللاكنىڭ يارلىنىشغا ئەگىشىپ كوماندا قاپقىچى مەسىلىسىدە ئېغىر تاللاشقا دۇچ كەلدى . ئاساسلىق ۋاراتار ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى . كېيىنكى ۋاراتار يارلىنىپ قالدى ... ئەمدىلىكتە بولسا مەيدانغا چۈشىدىغىنى زاپاس ۋاراتارنىڭ زاپاس ۋاراتارسى بولغان ياش ۋاراتار نويئېر . كىرايدىن ئىككىسى يارلاندى . ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ چىققىنى ، ھدرا بىلەن ئۆزېل . (بەلكىم بۇ «تەليسىزلىك» گېرمانىيە كوماندىسىغا بۇ قېتىم «تەلەي»نى ئېلىپ كەلگەندۇ ؟!ئەگەر مۇشۇ يارلىنىشلار بولمىغان بولسا ، بەلكىم گېرمانىيەنىڭ بۇ قېتىمقى نەتىجىسى 3-بولمىغان بولاتتى ، يا ئۇنىڭدىن يۇقىرى يا ئۇنىڭدىن تۆۋەن. ) {\P%J:s#9  
مۇسابىقە باشلانمايلا ئېغىر قان ئالماشتۇرۇشقا دۇچ كەلگەن گېرمانىيە كوماندىسى مەستانىلەرنى ئازراق ئۈمىدسىزلەندۈردى . نۇرغۇنلىغان قائىدە - قانۇن ، پەرەزلەرنىڭ بۇ قېتىم گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ چىمپىيون بولىشىنى شەرھىيلەپ تۇرىشى گېرمانىيە مەستانىللىرىنىڭ ئازراق بولسىمۇ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلغان ئىدى . نەتىجىدە گېرمانىيە كوماندىسى تۇنجى قېتىم يەنە گۇرپىدا ئۇتتۇرۋىتىشكە دۇچ كەلدى .(يەنە ھېلىقى ئۆلگۈر بىلىق پائولنىڭ پەرىزى) شۇ مەيدان مۇسابىقىدە پودولسكىنىڭ نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمەسلىكى پەقەتلا ئەقىلگە سىغمايدۇ ... تاكى ھازىرغا كەلگۈچە گېرمانىيە كوماندىسىدىن بىرەرسى نۇقتا توپنى كەتكۈزۈپ قويغان ئەمەس. ئەگەر پودولسكى شۇ نۇقتا توپنى كىرگۈزۋەتكەن بولسا «پائول نەزىرىيىسى»گە خاتىمە بەرگەن ، شۇنداقلا كېيىنكى مۇسابىقىلەردە گېرمانىيە كوماندىسى پائولنىڭ شۇم ئېغىزىغا ئىشەنمەي ، كۆڭلى توق ھالدا مۇسابىقە ئوينىغان بولاتتى . نەتىجىدە پائول يەڭدى ، گېرمانىيەنىڭ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قېلىپى يېڭىلدى ... گېرمانىيە كوماندىسى شۇ بىر قېتىملىق كىچىككىنە سەۋەنلىك تۈپەيلى ئۇتتۇۋەتكەن بولسىمۇ ، مۇسابىقە رېتىمى شاللاش باسقۇچىغا كەلگەندە گېرمانىيە كوماندىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قويدىغىدەك نەتىجىلەر بىلەن ئىسپانىيە بۇقىسىنىڭ ئالدىغىچە باردى . (يەنى بىر توپ چولپاننى يىغىۋېلىپ كەلگەن ئىنگىلادنى 4:1 نەتىجە بىلەن ئۇتۇشى ، ھېچقانداق كوماندا توسۇپ قالالمايدۇ دەپ قارالغان ئارگىنتىنا كوماندىسىنى 4:0 نەتىجە بىلەن يېڭىشى) . گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ چۈشىنى بەرباد قىلغىنى يەنە شۇ ئۆزىنىڭ قارا چۈشى بولغان ئىسپانىيە بۇقىسى ... (بۇ مۇسابىقىدە شۇنچىلىك چىدىسماسلىق بىلەن شۇنى دىمەكچىمەنكى ، گېرمانىيە ھەرقېتىملىق مۇسابىقىدە شاللاش باسقۇچىغا كىرگەندىن بېرى كۈچلۈك كوماندىلار بىلەنلا مۇسابىقىلەشتى، ئەمما ئىسپانىيە بولسا ....) . بۇ قېتىمقى ئىسپانىيە گەرچە 2008-يىلىدىكى ئىسپانىيەدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ(ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچى ، ئەڭ مۇنەۋۋەر تۆت بىك ، بىر-بىرىدىن مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدانچىلار ، ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى ھۇجۇمچى) ، نۇرغۇن مەستانىلەر گېرمانىيە كوماندىسى يېڭىدۇ دەپ قارىغان . چۈنكى گېرمانىيە كوماندىسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىلەردىكى تەجىربە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلىگەن ئىدى . شاللاش مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىللىرى كىشىنى ھەرقانداق بىر كوماندىنىڭكىدىنمۇ رازى قىلىدۇ . لېكىن ئەمەلىيەت ھەققانىيەت ئۈستىدىن غالب كەلدى . بۇقا يەنە تانكىنى ئۈسسۈپ ئۆرىۋەتتى ... قارىغاندا مەن بۇ ئۆمۈرۈمدە گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ لوڭقا ئالغىنىنى كۆرەلمەيدىغان ئوخشايمەن. l &'q+F  
يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ، مېنىڭ شۇنداق دېگۈم كېلىۋاتىدۇ : بىزگە لوڭقا ئېلىش «ھـارام»مۇ؟  
Qz#By V:  
yb ?Pyq.D  
V| $PO Qa3  
"wTCO1  
%xOxMK@  
(ئۇيقۇچۇلۇقتا بەزەن گەپ-سۆزلەر راۋان بولمىدى ، كەچۈرۈڭلار)
باھالاش خاتىرىسى:
  • ياخشى باھا:+25(dilhux) تولۇق چۈشىنى ..
  • تۆھپە:+10(سىرداش) ئىسىل يازما
  • ياخشى باھا:+15(ئاتېللا) گىرمان ئالغا
  • مۇنبەردىكى بىلىملىك ، مۇنەۋۋەر گېرمانىيە مەستانىللىرىدىن ھەقىقەتەن پەخىرلىنىمەن .
    مىلان سىنى ئۇنۇتمايدۇ.
    دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
    UID: 7084
    جەۋھەر: 2
    يازما: 1656
    شۆھرەت: 3072 نۇمۇر
    پۇل: 1325 سوم
    تۆھپە: 90 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 49 نۇمۇر
    توردا: 564(سائەت)
    تىزىملاش: 2008-11-30
    ئاخىرقى: 2010-09-16
    1  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-27 03:29

    ماتېمىنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۆپ بىريەردە كۆرگەندەك قىلغان نەدە كۆردىمكى دىسەم ما پۇتبول ئەپەندىمنىڭ ئېمزاسىكەندە بۇ . ! ZH "$m|  
    {L%JDJ  
    توغرا 2006- يىلى مەن كۆرگەن دۇنيا لوڭقىلىرى ئىچىدە ئەجەپ قىززىغان مۇسابىقە ئىدى. =-fM2oiI:  
    گېرمان خېلى يەرگىچە بارغاندا شاللىنىپ كىتىشىنى ئولىمىخانتىم ئەپسۇس ئىتالىيە.... بۇيىل مانا گېرمانىيە باللىرىنىڭ شاشلىقىنى كۆرۆپ يەنە ئىشەنىچ قىلسام يەنە بولمىدى دىسىە. پۇتبول دىگەن مۇشۇنداق يۇمۇلاق نەرسە دىسەك بولامدۇ ئەمدى ... phjM(lmCo  
    BoYY^ih  
    قايغۇرماڭلا پۇلپۇلجان لوڭقا سىلىگېمۇ ھەلال بولوپقالار .  (چاقچاق جۇما ) vjx'yh|  
    [1 P_^.Htr  
    @tm2Y%Y!  
    مۇشۇنداق تېمىلىرڭىزنى ئايىمىغايسىز .  خېلى بىلىملىك قىلىپ قويدىڭىز ئادەمنى گېرمانغا نىسبەتەن.
    قېنى شۇ كۈنلەر؟؟
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: ھەۋەسكار پۇتبولچى
    UID: 7964
    جەۋھەر: 2
    يازما: 494
    شۆھرەت: 669 نۇمۇر
    پۇل: 399452 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردا: 215(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-08-01
    ئاخىرقى: 2010-09-16
    2  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-27 03:43

    تېما نادىركەن ، ئەمما مىلاننىڭ گېپى يوققۇ ؟؟؟؟     
    جىددى مۇنبەر پۇلى سېتىۋالىمەن!~~!252853489
    FORZA MILAN
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى
    UID: 3470
    جەۋھەر: 0
    يازما: 851
    شۆھرەت: 594 نۇمۇر
    پۇل: 99309 سوم
    تۆھپە: 26 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 394(سائەت)
    تىزىملاش: 2008-06-20
    ئاخىرقى: 2010-09-16
    3  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-27 03:46

    يەنە بىر نادىر تېما !~! 95'+8*YCY  
    ما تېمىنى ئۇيقۇچىلىقتا يازغان بولسىڭىز،سەگەك ۋاقتىڭىزدا قاندا  تېما يازار بولغۇيتىڭىز N[W#wYbH  
    لوڭقا  ھالال بۇلىدىغان كۈنلەر چۇقۇم كىلىدۇ! ئۈمىدسىزلەنمەڭ!~~~!
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: تاماشىبىن
    UID: 8053
    جەۋھەر: 0
    يازما: 20
    شۆھرەت: 25 نۇمۇر
    پۇل: 100020 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 9(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-08-21
    ئاخىرقى: 2010-09-12
    4  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-27 05:15

    ئاۋۇ سەپ شەكلىدە مۇللىر يوققۇ.
    - Messi-&-Villa-
    دەرىجە: ھەۋەسكار پۇتبولچى
    UID: 8064
    جەۋھەر: 0
    يازما: 328
    شۆھرەت: 408 نۇمۇر
    پۇل: 99205 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 98(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-08-24
    ئاخىرقى: 2010-09-16
    5  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-27 07:13

      مەن گېرمانىيەنى ئىپادىسى ناھايىتى تۇراقلىق بولىۋاتقان كوماندا دەپ ئويلايمەن
    بۇ مېنىڭ!
    چىپىيون سەن تۈركىيە
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
    UID: 6780
    جەۋھەر: 3
    يازما: 1074
    شۆھرەت: 1886 نۇمۇر
    پۇل: 24 سوم
    تۆھپە: 19 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 430(سائەت)
    تىزىملاش: 2008-09-16
    ئاخىرقى: 2010-09-15
    6  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-27 09:26

    2002دىن بۇيان  ئۇدا 4كۈچلۈككە  كىرىدۇ  ،  ئەمما  لوڭقا يوق
    قەھرىمانلار كەتتى!چولپانلارقالدى!
    ئالۋاستى روھى
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

    UID: 16
    جەۋھەر: 10
    يازما: 2986
    شۆھرەت: 3008 نۇمۇر
    پۇل: 2 سوم
    تۆھپە: 58 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
    توردا: 411(سائەت)
    تىزىملاش: 2007-05-02
    ئاخىرقى: 2010-09-16
    7  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-27 10:15

    گىرمانىيە - لوڭقىغا ئەڭ يېقىن كوماندا!
         
    مەن پۇتبۇلنى سۆيىمەن!!!
    دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى
    UID: 3416
    جەۋھەر: 0
    يازما: 1252
    شۆھرەت: 955 نۇمۇر
    پۇل: 117100 سوم
    تۆھپە: 40 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 246(سائەت)
    تىزىملاش: 2008-06-17
    ئاخىرقى: 2010-09-16
    8  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-27 10:43

    ئۇنداق قايغۇرۇپ كەتمەڭ، ئىشىنىمەنكى گېرمانىيە كوماندىسى لوڭقىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.  ئەمدى مۇللېر كەلدى، بۇمۇ بىر لوڭقىنىڭ بىشارىتى. چۈنكى گېرمانىيەدىن مۇللېر ئىسىملىك پۇتبۇلچىلار چىققان. ئەڭ مىسالغا ئالساق گىرىد مۇللېر بار ۋاقتىدا گېرمانىيە كوماندىسى 1970-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمىيۇنى، 72-يىلىدىكى ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ چىمىيۇنى بولغان، ئاندى مۇللېر ۋاقىتتا گېرمانىيە كوماندىسى 90-يىلىدىكى دۇنيا چىمىيۇنى، 96-يىلىدىكى ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ چىمىيۇنى بولغان. ئىشىنمەنكى بۇ ياش مۇللېرنىڭ كېلىشى، گېرمانىيە ئۈچۈن بىر ياخشى باشلىنىش!
    ئوۋچى312
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى
    UID: 1137
    جەۋھەر: 2
    يازما: 1813
    شۆھرەت: 1218 نۇمۇر
    پۇل: 135 سوم
    تۆھپە: 99 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 77 نۇمۇر
    توردا: 591(سائەت)
    تىزىملاش: 2007-11-28
    ئاخىرقى: 2010-09-09
    9  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-27 11:27

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى lahm16دە2010-08-27 10:43يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : f uU"  
    ئۇنداق قايغۇرۇپ كەتمەڭ، ئىشىنىمەنكى گېرمانىيە كوماندىسى لوڭقىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.  ئەمدى مۇللېر كەلدى، بۇمۇ بىر لوڭقىنىڭ بىشارىتى. چۈنكى گېرمانىيەدىن مۇللېر ئىسىملىك پۇتبۇلچىلار چىققان. ئەڭ مىسالغا ئالساق گىرىد مۇللېر بار ۋاقتىدا گېرمانىيە كوماندىسى 1970-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمىيۇنى، 72-يىلىدىكى ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ چىمىيۇنى بولغان، ئاندى مۇللېر ۋاقىتتا گېرمانىيە كوماندىسى 90-يىلىدىكى دۇنيا چىمىيۇنى، 96-يىلىدىكى ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ چىمىيۇنى بولغان. ئىشىنمەنكى بۇ ياش مۇللېرنىڭ كېلىشى، گېرمانىيە ئۈچۈن بىر ياخشى باشلىنىش! }LS.bQKqi,  
    6& 
    پالغا ئىشەنمە پالسىزمۇ يۈرمە ......... /ho7~C+H*e  
    7g Ou|t  
    دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا يېرىم ھەل قىلغۇچقا گىرماندەك كۆپ كىرگەن كوماندا بولمىسا كېرەك . تۈركىيە ئارگىنتىنادىن قالسا ئەڭ ئامراق كوماندام مىنىڭ ......
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: تاماشىبىن
    UID: 8046
    جەۋھەر: 0
    يازما: 53
    شۆھرەت: 74 نۇمۇر
    پۇل: 100064 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 5(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-08-17
    ئاخىرقى: 2010-09-15
    10  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-27 12:12

    يىڭى ئەسىردە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئۈچ قىتىم تۆت كۈچلۈككە كىرىپ، ئىككى قىتىم ئۈچىنچى، بىر قىتىم 2- بولغان گىرمانىيە كوماندىسى، شۇنداقلا يىڭى ئەسىردىكى 3 قىتىملىق مۇسابىقىنىڭ 4 كۈچلۈكىگە ئۇدا كىرگەن بىردىنبىر كوماندا... I4ZbMnO  
    قانداق ماختىشىم...
    ئويۇن ئەمدى قىززىدۇ
    دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

    UID: 2431
    جەۋھەر: 4
    يازما: 3773
    شۆھرەت: 1911 نۇمۇر
    پۇل: 7 سوم
    تۆھپە: 312 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 175 نۇمۇر
    توردا: 2158(سائەت)
    تىزىملاش: 2008-02-27
    ئاخىرقى: 2010-09-16
    11  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-27 12:24

    (ئەگەر مۇشۇ تۆت كۈچلۈكتە كورىيە بىلەن بىرازىليە ، گېرمانىيە بىلەن تۈركىيە مۇسابىقىلەشكەن بولسا ئىشىنىمەنكى چىمپىيون چوقۇم باشقا بىر كوماندا بولۇپ قالغان بولاتتى) 9T$%^H9  
    ____________ v^t oe  
    مېنىڭچە بۇنداق بولغاندا  ھەل قىلغۇچنى برازىلىيە - تۈركىيە ئوينايتى. تۈركىيە گىرماننى ئۇتاتتى.