سىز بۇ تېمىنىڭ 949 - ئوقۇرمىنى
تېما: == مــورىنىئـو vs گــۇئـاردىئولا ==
مەن توردا يوق !
دەرىجە: بىكەت باشلىقى

UID: 3
جەۋھەر: 3
يازما: 1042
شۆھرەت: 1037 نۇمۇر
پۇل: 9912854 سوم
تۆھپە: 100 نۇمۇر
ياخشى باھا: 79 نۇمۇر
توردا: 801(سائەت)
تىزىملاش: 2007-04-26
ئاخىرقى: 2010-09-15
0  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-18 12:10

== مــورىنىئـو vs گــۇئـاردىئولا ==

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ئاتېللا تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-08-18)
*l"CIG'  
          گۇئاردىئولارنىڭ پۇتبول ھاياتىنى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان دىسەك مىنىڭچە ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ ، 80 – يىللاردىكى نوكامپۇ ئۆسمۈرىدىن 90 – يىلىدىكى نوكامپۇ شاھىغىچە بولغان جەريان ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بېسىلغان ، چېكىنگەندىن كېيىن ، ئىپادىسى دىگەندەك ياخشى بولمايۋاتقان بارسېلونانى قولىغا ئېلىپ ، ئەسلى ئۆتكۈنچى تېرنىرلىققا بىكىتىلگەن گۇئاردىئولا ، بارسېلونانى تارىختىكى تۇنجى 6 ئالتە لوڭقا ئالغان كوماندىغا ئايلاندۇردى ،ھەمدە داۋاملىق بارسېلونادا قالدى ، 09\10 – يىللىق بازاردا رونالدو ، كاكا قاتارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلارنى سېتىۋالغان مادرىدنى بېسىپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى . ئەپسۇس چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدا ئىنتېر مىلاننى يېڭىپ ئۆچمەس تارىخ يارىتىدىغان پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويدى ، ئەينى ۋاقىتتا ئىنتېر مىلاننى يىتەكلەپ بارسېلونانى مەغلۇب قىلغان تېرنىر ، دەل ھازىرقى خانلىق مادرىدنىڭ تېرنىرى مورىنىئو . GbZ~e I`,2  
          گۇئاردىئولاغا سېلىشتۇرغاندا ، مىجەزى ئۆزگىچە مۇرىنىئو ھەققىدىكى تېما يەنىلا ئۇنىڭدىن كۆپ ، بۇرۇنقى بارسېلونانىڭ تەرجىمانى ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى تېرنىرلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى ، ئەگەر ئۇ بۇ پەسىلدە مادرىدنى يىتەكلەپ بارسېلونانى غەلبىلىك مەغلۇب قىلىپ ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولالىسا ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى تېرنىر دىگەن نامغا نائىل بولالىشى مۇمكىن ( شەخسىي قاراش ، تىللىماڭلا يەنە ) ، ئۇ بارسېلونانىڭ دۈشمەن يۇلتۇزى ، يەككە مەيدان جەڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا مورىنىئو بىلەن بارسېلونانىڭ ئۇچرىشىشى بەك كۆپ بولمىسىمۇ ، لىكىن چېمپىيونلۇق لوڭقىسى شاللاش باسقۇچىدىكى ، ئادەمنى ھالاك قىلىدىغان مۇداپىئە تاكتىكىسى ، يەنىلا گۇئاردىئولانى ئوبدانراق تاكتىكا ئويلىنىپ بېقىشقا مەجبۇرلايدۇ ، ئەينى ۋاقىتتا توغرا دەپتىكەن  " 11 ئادەم بىلەن 11 ئادەم تىپىشكەندە بىز ئەزەلدىن مەغلۇب بولمىغان " . 5p:BHw;%;  
YwF&-~mp7n  
شەرەپ : aT}Hc5L,b  
Cj`~ntMN  
          ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونى ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقلىق لوڭقىسى چېمپىيونى ، پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى چېمپىيونى ، ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى چېمپىيونى ، ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونى ، ئېنگلاند پۇتبولچىلار لوڭقىسى چېمپىيونى ، ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونى ، ......مورىنىئو ئۆزىنىڭ تېرنىرلىق ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئىسپانىيەگە قەدەم قويدى ، ناۋادا ئۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونى ۋە شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونى بولالىسا ، ياۋرۇپادىكى 3 چوڭ بىرلەشمىنىڭ بارلىق چېمپىيونلۇق لوڭقىلىرىغا ئىرىشىپ بولغان بولىدۇ . ئەگەر 5 چوڭ بىرلەشمىنىڭ ھەممىسىدە لوڭقا ئېلىش خىيالى بولسا بۇ خىيالىمۇ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ، ۋانجال بايرىندىن ئايرىلىپ ، مورىنىئو بايرىنغا كىلىشكە قوشۇلسا كىممۇ ئۇنىڭغا ياق دىيەلىسۇن ، فېرانسىيە بىرلەشمىسىنى چېمپىيون كوماندىلىرىمۇ ئۇنى رەت قىلىشقا پېتىنالمايدۇ ، بىراق ھازىرقى ئەڭ چوڭ مەسىلە ، بۇ ئىككى بىرلەشمىدىكى كۇلۇبلاردىن ئۇنىڭ مۇئاشىنى كۆتۈرەلىگۈدەك كۇلۇب چىقامدۇ يوق . yFb" 2  
          مورىنىئوغا سېلىشتۇرغاندا ، گۇئاردىئولانىڭ ھاياتى كۆپ ئوڭۇشلۇق بولغان ، بىر ئۇلۇغ توپچىدىن ئۇلۇغ تېرنىرغا ئايلىنىش ئۈچۈن بىر يىلمۇ كەتمىگەن ، بارسېلونانىڭ بۇ ئۇلۇغ توپچىسى بارسېلونانى قولىغا ئالغان بىرىنجى يىلىلا ئىسپانىيەدىكى بارلىق لوڭقىلارنى مونۇپۇل قىلىۋالىدى ، ئادەمنى ئەقلى يەتمىگۈدەك 6 لوڭقىنىڭ ساھىبى بولدى ، ئىككىنجى پەسىلدە بولسا " يېڭى سامانيولى كېمىسى " نى يېڭىپ ، ئارقا – ئارقىدىن ئىككى يىل ئىسپانىيە چېمپىيونى بولدى ، كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان بارلىق تەشۋىشلىرىنى يوقاتتى . گەرچە بارسېلونادىن باشقا كوماندىلارنى يىتەكلەپ باقمىغان بولسىمۇ ، لىكىن ئىرىشكەن شان – شەرەپلىرى مۇرىنىئونىڭكىگە يېقىنلىشىدۇ . GI,TE  
          ھەرئىككى تېرنىرنىڭ شەرەپلىرىگە قارايدىغان بولساق ، يېشى چوڭ تەجرىبىسى تېخىمۇ مول بولغان مورىنىئو ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەيدۇ ، مۇرىنىئوغا سېلىشتۇرغاندا گۇئاردىئولا خېلىلا ياش ، ئەگەر مورىنىئودىن ئېشىپ كىتىمەنلا دىسە ، ۋاقىت ، شارائىت يار بەرسە بۇ چوقۇم مۇمكىن بولىدۇ . oA7DhU5n  
          مورىنىئو : 5 يۇلتۇز YaC[S^p  
          گۇئاردىئولا : 4 يۇلتۇز vxC];nCC#  
%,H Un`  
تاكتىكا ئىدىيىسى: 5XB]p|YU~s  
H&p:  
          ھەر ئىككەيلەن ھازىرقى ئەڭ ياخشى تاكتىكا ئۇستىلىرى ، گەرچە ئۇلار 4 – 3 – 3 سەپ شەكلىنى كۆپ ئىشلەتسىمۇ ، بىراق ئويناش ئۇسلۇبى ئوخشىمايدۇ . A s }L=2  
          بارسېلونا بولسا تىپىك ھۇجۇمچان كوماندا ، ئالدى مەيداندىكى ھۇجۇمچان توپچىلار ئىچىدە ، 3 ھۇجۇمچىنى دىمەيلا قويايلى ، ئالدى بەل ئوينايدىغان ئىنېستامۇ ئارقا مەيدانغا ناھايىتى ئاز يانىدۇ ، ئىككى ئارقا بەل ئىچىدىكى بۇسكىس ھەقىقىي ئارقا بەل ، خاۋىي بولسا ئاساسلىقى ھۇجۇم تەشكىللەش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ ، مۇداپىئە سېپىدىكى ئوڭ بىك ئارۋېس يان ھۇجۇمچى بولۇشقا بەكرەك ماس كىلىدىغاندەك كۆرىنىدۇ ، پىك ئۆزىنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىگە تايىنىپ ، كوماندا ئارقىدا قالغان ياكى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ۋاقىتتا ، ئوتتۇرا ھۇجۇمچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ ، ھەتتا پۇيۇلمۇ دۇنيا لوڭقىسىدا ھالقىلىق توپتىن بىرنى كىرگۈزدى . ' v CMf  
          گۇئاردىئولا ئالدى مەيداندا ئاكتىپ توپ تالىشىش ۋە پۈتۈن مەيداندا ساراڭلارچە توپ كونترول قىلىش ئارقىلىق ، مۇداپىئەدە ئادەم يىتىشمەسلىكتەك بوشلۇقنى تولدۇردى ، ھۇجۇم مۇداپىئەنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلدى ، ئەپچىللىك بىلەن پايدا ۋە تاماشانىڭ تەڭپۇڭلۇق نوقتىسىنى تاپتى ، ھازىرقى زامان پۇتبول ساھەسىدىكى چىرايلىق پۇتبولنىڭ ۋەكىلى . m;>G]Sbe  
          ھازىر گۇئاردىئولا دۇچ كىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە ، ئۇ چولپان توپچىلارغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كىتىۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارسېلونا تاكتىكا ئۆزگەرتىشنى بەكرەك تەكىتلەيدۇ ، ئادەم ئالماشتۇرۇشقا ئانچە ئىتىبار بەرمەيدۇ ، ناۋادا مورىنىئونىڭ زىچ مۇداپىئەسى مېسسى قاتارلىق توپچىلارنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالالىسا ، ئۇ چاغدا بارسېلونانىڭ ئەھۋالى چاتاق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ . يەنە بىر ئۆزگىرىشچان مىقدار دەل خاۋىي ، ناۋادا خاۋىي مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى مەيدانغا چىقالماي قالسا ، گۇئاردىئولا ئامالسىز يېڭى بىر تاكتىكا قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ . w{xa@Q]t-  
          مورىنىئونىڭ ئىنتېر مىلاندىكى 4 – 3 – 3 سەپ شەكلى ئىچىدە ، مۇداپىئەچى توپچىلارنىڭ ئالدى مەيدانغا قىستۇرۇلۇپ كىرىش قېتىمى ناھايىتى ئاز ، ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەسى تەڭپۇڭ بولغان " دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى يان بىك  " مايكون ، تەشكىللەش ئىقتىدارى ياخشى بولغان موتادىن باشقا ، ئىلگىرى ھۇجۇمچىلىق رولىنىمۇ ئوينىيالايدىغان لوسىيومۇ ئارقا مەيداندا مۇداپىئە قىلىدۇ ، بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش ئىنتېر مىلاننىڭ زىچ مۇداپىئە سېپىنى شەكىللەندۈرىدۇ . ئالدى مەيداندا بولسا مىلىتودىن باشقا قالغان ئىككى ھۇجۇمچى كۆپرەك يان ھۇجۇمچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ ، ئورنى ئالدى ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىغا بەكرەك يېقىنلىشىدۇ ، سىنېيدىر بولسا ھۇجۇمچى ، ئالدى بەل ، ئوتتۇرا مەيداندىن ئىبارەت ئۈچ ئورۇن ئارىسىدا ، ئۇنىڭ ئۇزۇن پاسلىرى مورىنىئونىڭ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئاساسى .  4uMMf  
          مورىنىئو ۋاقىتلىق تاكتىكىدا دائىم ئۆزىنىڭ بويسۇنمايدىغان ، غەلىتە بىر تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ ، نەتىجە ئارقىدا قالغان ئەھۋال ئاستىدا ، پۈتۈن كوماندا ئالدى مەيداندا بېسىپ ئوينايدۇ ، سەپ شەكلى 4 – 2 – 4 كە ئۆزگىرەيدۇ ، ھەتتا يەنە بىر ھۇجۇمچى ئالماشتۇرۇپ 5 ھۇجۇمچى بىلەنمۇ ئوينايدۇ . ناۋادا نەتىجىدە ئالدىغا ئۆتۈۋالغان ھامان ، مىلىتودىن تارتىپ ئارقا مەيدانغا قايتىپ مۇداپىئەگە قاتنىشىدۇ ، ئۆلچەملىك بولغان قايتۇرما ھۇجۇم ئوينايدۇ ، ياكى پۈتۈنلەي مۇداپىئەگە ئۆتىۋالىدۇ . '\op$t/  
          گۇئاردىئولاغا سېلىشتۇرغاندا ، مورىنىئو چوڭ بىر مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە ، كاكا ، رونالدو ، بىنزىما ، ھىگۇائىن ھەتتا دىمارىيا ھەممىسى پەقەت ھۇجۇم قىلالايدىغان مۇداپىئە قىلالمايدىغان توپچىلار ، ئوتتۇرا مەيداندا ئالونسۇ بىلەن گاگونىڭ ياردەمچى پاس بىرىش ئىقتىدارى كۈچلۈكرەك ، مورىنىئو ھازىر كۈچلۈك ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىدىن بىرگە ئېھتىياجلىق . تاكتىكا ئۇستىسى مادرىدقا ماس كەلگۈدەك يېڭى تاكتىكىدىن بىرنى تۈزۈپ چىقىشى كىرەك ، يېڭى تاكتىكا ، يېڭى سەپ شەكلى مادرىدنى بارسېلونادىن ئۈستۈنلۈككە ئىرىشتۈرەلەمدۇ ، بۇ مورىنىئو ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بىر سىناق . z[ 
          مورىنىئو : 4 يۇلتۇز s5mJ -  
          گۇئاردىئولا : 4 يۇلتۇز lMu-,Z="  
M/9[P* VE  
يۇشۇرۇن كۈچنى قېزىش: N wNxO  
UF-'(  
          يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش جەھەتتە مورىنىئونىڭ چېلسىغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئەڭ چوڭ مال – مۈلىكى بولسا ئېسسىن ، ئۇ ئېسسىننى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ھەرقانداق ئورۇندا مۇداپىئەنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ، ۋاقتى كەلگەندە غەلبە قىلىشتىكى ھالقىلىق ئادەم بولالايدىغان ھالەتكە يەتكۈزدى . گۇئاردىئولادىن بولسا پېدرو بىلەن بۇسكىس ئىسپانىيەدە ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقالايدىغان چولپانلارغا ئايلاندى . ئۇلاردىكى نوقسانمۇ ئوخشاشلا ، مورىنىئو تالانىتقا تولغان كالاۋ ، بالوتېلى ، سانتون قاتارلىق ياش تالانىتلىقلارنى ، بولۇپمۇ بالوتېلىنى كىلەچىكى نامەلۇم بولغان بىر يولغا باشلاپ قويدى . گۇئاردىئولامۇ ئازچىل بويان ۋە كاسەيلىس قاتارلىق تالانىتلىق توپچىلارنى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بەرمەي ، ئۇلارنىڭمۇ مېڭىش يولىنى غۇۋالاشتۇرۇپ قويدى . zx2 `0%Q  
          مۇرىنىئو : 4 يۇلتۇز &I8DK).M+  
          گۇئاردىئولا : 4 يۇلتۇز w6X:39d  
oA~0"}eS  
ئىنتىزام : r*$f^T!|  
E#8|h(  
          ھەر ئىككىسى پۈتۈن كوماندىنىڭ ماسلىشىشىغا ئەھمىيەت بىرىدىغان تېرنىرلار ، شۇڭلاشقا كوماندىنىڭ ئىنتىزامىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ ، ئىنتىزام بولسا كوماندىنىڭ نورمال مېڭىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر بۆلەك . .$W}  
          مورىنىئونىڭ قاتتىق قول ئىنتىزامى مورادىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەندىن كېيىن ئىنتېر مىلاندا بەكرەك گەۋدىلەندى ، ئېيتومۇ ئۇنىڭ بۇرۇقىغا تولۇق بويسۇنىدىغان بولدى ، بوينى قاتتىق بولاتېلىمۇ ئېغىر بېسىقلىقنى ئۆگەندى ، سانتون تالانىت ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىسىمۇ ، ئەزەلدىن رازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ باقمىدى . 6|f8DX%3V  
          گۇئاردىئولاغا قارايدىغان بولساق ، ئۇنىڭ داڭلىق چولپانلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى مورىنىئودىن كۆپ ياخشى ، بىراق نوكامپۇغا يېڭى كەلگەندە ، جاھىللىق بىلەن رونالدىنىئو ، دېكو ، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى ئىپادىسىگە قايىل بولمىغان ئېيتو قاتارلىقلارنى كوماندىدىن ھەيدىدى ، ئۇمۇ بۇ جەھەتتە ھەرگىزمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ . RHNAHw9  
          مورىنىئو : 5 يۇلتۇز ftPhE)i  
          گۇئاردىئولا : 5 يۇلتۇز pKj:)6t"  
h?OSmzRLd  
يۆتكىلىش : X o9 vE3  
SSE,G!@  
          مورىنىئونىڭ چېلسىدىكى ئەڭ چوڭ دېغى بولسا دېرئورنو ، ئىنتېر مىلاندا بولسا داڭلىق شۈيخو كۇئارېسمانى سېتىۋېلىشى ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كىچىك مانچىنى قاتارلىقلار ، ئامما ئىتراپ قىلغان مەغلۇب بولغان يۆتكىلىشلەر ، مىلىتو ، لۇسىيو قاتارلىقلار مۇۋەپپقيەتلىك بولغان بىلەن ، يەنىلا مورىنىئونىڭ يۆتكىلىش جەھەتتىكى تاكتىكىسىنىڭ جەڭ جەھەتتىكى تاكتىكىسىغا قارىغاندا كۆپ ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ ، دۇنيا لوڭقىسىدا ئىپادىسى ياخشى بولمىغان دىمارىياغا كىشىلەر ئاللىبۇرۇن شۈيخو دەپ تامغا قويۇپ بولغان بولسىمۇ ، لىكىن مورىنىئو قوملۇقتا ئاپتاپقا قاقلىنىپ ياتقان دىمارىيانى كوماندىغا ئەكەلدى . U; <{P  
          گۇئاردىئولا گەرچە ئەمدى ئىككى پەسىل تېرنىرلىق قىلغان بولسىمۇ ، لىكىن بۇ ياش ئىسپانىيەلىك يۆتكىلىش بازىرىدا مورىنىئو تۇتقان يولدىن يىراقلاپ كەتمىدى ، ئېيتوغا ئىبرايىموۋىچنى ئالماشتۇرغان بۇ سودىنىڭ نەتىجىسى ھەممىگە ئىنىق بولۇپ بولدى ، يۇقىرى باھادا جىگىرىنسىكىينى سېتىۋالدى ، گەرچە ئۇنىڭ يېشى چوڭ بولمىسىمۇ ، لىكىن بارسېلونا توپ مەستانىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاللىبۇرۇن ئۇپرىتىپ تۈگۈتۈپ بولدى ، بۇ يىل بازاردا بولسا ، ئالدىنقى پەسىلدە كىچىك ھالقىلىق ئەپەندىلىك رولىنى ئالغان بويانمۇ بارسېلونادىن ئايرىلىش خەۋپىگە دۇچ كىلىۋاتىدۇ ، بەلكىم ئۇ بارسېلونادىن ئايرىلىشى مۇمكىن ، بۇ بارسېلونا توپ مەستانىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىماقتا . Vh?vD:|  
          مورىنىئو : 3 يۇلتۇز \#w8~+`Gq  
          گۇئاردىئولا : 3 يۇلتۇز wA/!A$v(  
SnXM`v,  
جەلپ قىلىش كۈچى : 4xalm  
Ax~ i`  
          مورىنىئونىڭ بولسا بېكخامنىڭكىدىن قېلىشمۇغىدەك يۈزى ( مەڭزى ) بار ، كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان بىر جۈپ كۆزى ، ھىسىياتچان ھەم جانلىق ئىپادىسى ۋە سالاپەتلىك كىيىنىشى تېرنىر بىلەن چولپاننىڭ چەك – چىگرىسىنى پۈتۈنلەي قالايمىقان قىلىۋەتكەن ، تېرنىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئۇ داڭلىق چولپانلاردىن بەكرەك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىيالايدۇ . ئۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۆزىگە بولغان دىققەت ئىتىبارىنى ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئىشلىتەلەيدۇ ھەرگىز قولدىن بىرىۋەتمەيدۇ : ئىنتايىن زەھەردەك گەپلەرگە شەكەر يالىتىپ رەقىبىنى تەنقىد قىلىپ ، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنى قالايمىقان قىلىدۇ ، ناھايىتى دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن ئۆز كوماندىسىنىڭ ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرالايدۇ ، ئۇنىڭ زەھەردەك گەپلىرى ئۇنى مەستانىلەر ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئورتاق سۈشمىنىگىمۇ ئايلاندۇرۇپ قويدى ، توپچىلارنىڭ بولسا بۇ جەھەتتىكى بېسىمى يەڭگىللەپ خاتىرجەم مۇسابىقىگە بېرىلىپ ئوينىيالىدى . \_R 
          گۇئاردىئولانىڭ ئايالى بولسا لايىھەلىگۈچى ، لايىقىدا بولغان داڭدار ماركىلار ئۇنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغىنى ، داڭلىق كۆينەكلەر ، گالىستۇكلار ، كاستۇم – بۇرۇلكىلار ئۇنى مۇلايىم مۆتىۋەرگە ئايلاندۇرغان ، گۇئاردىئولا بىلەن ئىنىق پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ . توپچىلار ۋە مەستانىلەرنىڭ چوڭقۇر سۆيۈشىگە ئىرىشكەن گۇئاردىئولا جەلىپ قىلىش كۈچى جەھەتتە يەنىلا مورىنىئودىن تۈۋەنرەك تۇرىدۇ . k{F6WQ7  
          مورىنىئو : 5 يۇلتۇز AI{0;0  
          گۇئاردىئولا : 4 يۇلتۇز rDoMz3[w  
is^R8a  
          يۇقارقى سېلىشتۇرۇشلار پەقەتلا شەخسىي قاراش ، شانلىق تارىخلارنى ياراتقان بۇ تېرنىرلارنى مۇنداقلا تەھلىل بىلەن ئايرىماق ناھايىتى قېيىن ، كىم كىمنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كىلىدۇ ، يېڭى پەسىلگە قاراپ باھا بىرەيلى ، ھازىر قىلىدىغىنىمىز تىنىچ ئولتۇرۇپ ئىككى ئۇلۇغ كوماندا ۋە ئۇلۇغ تېرنىرلارنىڭ جەڭ كۈنىنى كۈتۈش . Oe@w$?  
1(# H%  
گۇئاردىئولانىڭ تېرنىرلىق نەتىجىسى : |4 j6}g\  
2008\09 مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونى (0LA.aBIf  
2008\09 مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونى B= E/|J 
2008\09 مۇسابىقە پەسلى ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى چېمپىيونى Fec4#}|  
2008\09 مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونى S["r @<  
2008\09 مۇسابىقە پەسلى ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونى CW8YNJ'  
2008\09 مۇسابىقە پەسلى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونى 5? Y(FhnIC  
2009\10 مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونى 8L/XZ)  
upk_;ae  
مورىنىئونىڭ تېرنىرلىق نەتىجىسى : 40].:9VG  
2001 – يىلى پورتۇگالىيەدىكى ئاجىز كوماندا لېرىيا كوماندىسىنى يىتەكلەپ بىرلەشمىدە 5 – بولۇپ ، كوماندا تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى . BOM0QskLf  
2002\03 مۇسابىقە پەسلى بورتۇ كوماندىسىنى يىتەكلەپ ، پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقلىق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى ، پورتۇگالىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى . N!dBF t"  
2003\04 مۇسابىقە پەسلى بورتۇ كوماندىسىنى يىتەكلىپ پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى ، ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى . 9 yTkZ`M28  
2004\05 مۇسابىقە پەسلى چېلسى كوماندىسىنى يىتەكلىپ ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى ، ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونى ، چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ 4 كۈچلۈكى بولدى . mA, {E-T  
2005\06 مۇسابىقە پەسلى چېلسىنى يىتەكلەپ ئېنگلاند رايۇنلار قالقىنى چېمپىيونى ، ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى چېمپىيونى ، چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ 16 كۈچلۈكى بولدى . +/mCYI  
2006\07 مۇسابىقە پەسلى چېلسىنى يىتەكلەپ ئېنگلاند پۇتبول لوڭقىسى چېمپىيونى ، ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقا چېمپىيونى ، چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ 4 كۈچلۈكى بولدى . @RuMo"js  
2008\09 مۇسابىقە پەسلى ئىنتېر مىلاننى يىتەكلەپ ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونى ، ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونى ، چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ 16 كۈچلۈكى بولدى . P()W\+",n  
2009\10 مۇسابىقە پەسلىدە ئىتېر مىلاننى يىتەكلەپ ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى چېمپىيونى،  ئىتالىيە لوڭقىسى چېمپىيونى ، ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونى بولدى ، ئارقا – ئارقىدىن ئۆز مەيدانىدا 100 مەيدان يېڭىلمەسلىك رىكورتىنى ياراتتى .  DQV9=  
2008 – يىلى 9 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئىنتېر مىلان ئۆز مەيدانىدا 1 دە 0 نەتىجە بىلەن چېۋو كوماندىسىنى يەڭگەندىن كېيىن ، مورىنىئونىڭ ئارقا – ئارقىدىن ئۆز مەيدانىدا يېڭىلمەسلىك نەتىجىسى 100 مەيدانغا يەتتى . E U RKzJk  
y 
          مورىنىئونىڭ ئالدىنقى قېتىملىق بىرلەشمىدە ئۆز مەيدانىدا ئۇتتۇرۇپ قويغىنىنى 2002 – يىلىدىن سورايمىز ، 2002 – يىلى 2 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ، بورتۇ 2 – 3 بېرلاما كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بورتۇنى يىتەكلىپ 38 مەيدان ئۆز مەيدانىدا يېڭىلىپ باقمىدى ، ئۇنىڭدىن كېيىن چېلسىنى يىتەكلەپ ئۆز مەيدانىدا 60 مەيدان يېڭىلمەسلىكتەك ياخشى نەتىجە ياراتتى ، 2008\09 پەسلىدە ئىنتېر مىلانغا كەلگەندىن كېيىن ، مورىنىئو ئۆز مەيدانىدا 2 – 1 ۋە 1 – 0 كاتانىيە ۋە چېۋونى يېڭىپ يۇقارقى نەتىجىنى ياراتتى . |)%H_TXTy  
'4~I %Z7L  
          ئەمىسە مېنى تىللىماي ، سېسىتمايراق مۇنازىرە قىلاسىلەر ، ھەممىسى شەخسىي كۆز قاراش بولغاچقا بىر تەرەپكە ئېغىپ كېتىشتىن ساقلىنالمىغان ، خاتالىقلاردىن خالىي بولالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن ، مەستانە دىگەن شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ ، ئۇرۇش جىدەل قىلماي ئىلمىي مۇنازىرە قىلىدىغان كايپىياتنى يەنە بۇرۇنقىدەك ھالەتكە ئەكىلىش ئۈچۈن ھەممەيلەن ئاز - تولا كۈچىمىزنى چىقىرىپ قويساق ، روزا - رامىزاندا ساۋاب بولار .  
چىپىيون سەن تۈركىيە
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
UID: 6780
جەۋھەر: 3
يازما: 1074
شۆھرەت: 1886 نۇمۇر
پۇل: 24 سوم
تۆھپە: 19 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 430(سائەت)
تىزىملاش: 2008-09-16
ئاخىرقى: 2010-09-15
1  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-18 12:41

مادىرىد مەستانىسى بولمىغان بولسام ،چوقۇم گۇئادىئولانىڭ ئىشلىرىغا ئاسانلىق تىلەتتىم
قەھرىمانلار كەتتى!چولپانلارقالدى!
قارا،بىركۆزۈم قىزىل بىرى ئاق
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

UID: 612
جەۋھەر: 15
يازما: 2209
شۆھرەت: 8309 نۇمۇر
پۇل: 102273 سوم
تۆھپە: 465 نۇمۇر
ياخشى باھا: 227 نۇمۇر
توردا: 438(سائەت)
تىزىملاش: 2007-08-18
ئاخىرقى: 2010-09-16
2  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-18 12:42

مادىرىد بولسا يېقىنقى يىللاردىن بېرى تەلىيى پەقەت ئوڭ كەلمەيۋاتقان كوماندا ، پۇتبول دۇنياسىدا ھىندىدىك بىلەن مورىنىئوغا ئەڭ قول قويىمەن . ھازىر ئەڭ قىزىقىۋاتقىنىم مۇشۇنداق بىر تەلەيسىز كوماندىنى مورىنىئو قانچىلىك شەرەپلەرگە ئېرىشتۈرەلەر ... ؟ مېنىڭچە مورىنىئونى يۇقارقى تېمىدەك ئوبدان تەتقىق قىلالىغانلار مورىنىئوغا ئىشىنىش ئىشەنمەسلىكنى بىلىدۇ . 0!$y]Gr  
پىكىر قىلىش ئۇسۇلىڭىزغا ھەقىقەتەن قايىلمەن . تېما خۇددى خەلقئارالىق توربەتلەردىن يۆتكەپ ئەكەلگەندەكلا چىقىپتۇ .
مۇنبەردىكى بىلىملىك ، مۇنەۋۋەر گېرمانىيە مەستانىللىرىدىن ھەقىقەتەن پەخىرلىنىمەن .
ئالغا ئۇيغۇر پۇتبولىچىلىقى !!!
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

UID: 6995
جەۋھەر: 27
يازما: 577
شۆھرەت: 3003 نۇمۇر
پۇل: 33 سوم
تۆھپە: 429 نۇمۇر
ياخشى باھا: 310 نۇمۇر
توردا: 261(سائەت)
تىزىملاش: 2008-11-12
ئاخىرقى: 2010-09-16
3  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-18 12:45

مىنىڭچە چولپانلار كۆپ جايلاشقان مادىرىدتا مۇرىنيۇ چولپانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىمۇ كۆپ سىناققا دۈچ كىلىدۇ، بەلكىم بۇيىل كۈچ ئېلىشالماسلىقىمۇ مۇمكىن، كوماندىنى رەتلەپ بولغاندىن كيىنكى جەڭنى ھەقىقى كۈچ ئېلىشىش دىسەك ئارتۇق كەتمەس.
足球王
مەن توردا يوق !
دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى
UID: 1361
جەۋھەر: 0
يازما: 756
شۆھرەت: 257 نۇمۇر
پۇل: 236 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 253(سائەت)
تىزىملاش: 2007-12-28
ئاخىرقى: 2010-09-12
4  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-18 12:49

نىجات ئەپەندىم خاتالاشمىسام، گۇدىيۇلا تىرىنىرلىق ھاياتىنى باشلىغىلى ئەمدى تىخى 2يىل بۇلدى. A=p'`]Yld  
مۇرىنيۇ بۇلسا 10يىلغا ئاز قاپتۇ. ياراتقان نەتىجىسى مۇرىنيۇدىن كىيىن تۇرىدۇ، دىسەك تازا ئادىللىق U/|JAg #  
بۇلماس.  مىنڭ شەخسى قارشىم: گۇدىيۇلا1يىلدا ئسپانىيە بىرلەشمىسىنڭ 3لۇڭقىسىنى ،چىمپۇيۇنالار d)acWF\  
لۇڭقىسى ،،،،،،،،،،،قاتارلىق دۇنيا پۇتبۇلچىلىق تارخىدا كۇرۇلۇپ باقمىغان .شاھىنشاھلىق تاجىنى كەيدى. لىكىن مۇرىنيۇ 10يىل ۋاقىتتا ھىچقانداق كۇلۇپنى بۇنداق شەرەپكە ئىرىشتۇرۇپ باقمىدى.
چىدىماسلار يۇقالسۇن.
ھۆرمەت قىل ، ھۆرمەتلىنىسەن
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ھەۋەسكار پۇتبولچى
UID: 54
جەۋھەر: 0
يازما: 346
شۆھرەت: 395 نۇمۇر
پۇل: 116790 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردا: 93(سائەت)
تىزىملاش: 2007-05-03
ئاخىرقى: 2010-09-15
5  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-18 12:49

بۇ باھالار ئادەمنى خىلە قايىل قىغۇدەك بوپتۇ.  
足球王
مەن توردا يوق !
دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى
UID: 1361
جەۋھەر: 0
يازما: 756
شۆھرەت: 257 نۇمۇر
پۇل: 236 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 253(سائەت)
تىزىملاش: 2007-12-28
ئاخىرقى: 2010-09-12
6  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-18 12:57

مۇرنىيۇمۇ پۇنى تازا ئاتىدىغان ئاداشكەن. 2009-2010 مۇسابىقە پەسىل گۇرۇپپا مۇسابىقىسى Sp:w _;{#  
بارسلۇنا --ئىنتىر مۇسابىقىسىدە 2دە0 بارساغا يىڭلگەن تۇرۇپ يەنە 11دە11ئادەم ئۇينالسا بارسا  
مەڭگۇ ئىنتىرنى ئۇتالمايدۇ دەپتۇ. ئۇنتۇپ قالغان ئۇخشايدۇ مۇ تىرىنىر.
چىدىماسلار يۇقالسۇن.
ψباگگىئوψبەخىتψخوتەنψ &nb
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

UID: 6604
جەۋھەر: 2
يازما: 3093
شۆھرەت: 2295 نۇمۇر
پۇل: 4 سوم
تۆھپە: 80 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردا: 890(سائەت)
تىزىملاش: 2008-07-28
ئاخىرقى: 2010-09-16
7  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-18 12:57

نىجات موللامنىڭ تېمىسىدىكى خەتنى كۆرۈپ كىلىپ ، ئىنكاسقا قارىسام چۈمۈلىنىڭ پاچىقىدەكلا كۆرۈندى@ نىمانداق كىچىك wfy         ۋاي كۆزۈم @

ψمىىىىىىىىسكىن ψ شاھىىىىىىىىىزادەψ باگگىىىىىىىئوψ
ھەقىقى ئۇزغۇن مانچىستېر !!!!!!
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ھەۋەسكار پۇتبولچى
UID: 6997
جەۋھەر: 0
يازما: 374
شۆھرەت: 407 نۇمۇر
پۇل: 110433 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 128(سائەت)
تىزىملاش: 2008-11-13
ئاخىرقى: 2010-09-15
8  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-18 13:00

مورىنىئو بۇ قېتىم ئىنتېرغا كەپلە ئۆزىنىڭ تاكتىكىسىنى نامايەن قىلدى .....مادىرىدنى بىر چىمپىيون قىلسا پورتىگالىيە دۆلەت كوماندىسى تېرنىرى ئورۇن بوشاتسا بولدۇ
قىزىل ئالۋاستى ياشىسۇن
خان مادرىد داۋاملىق غەيرەت
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول مەستانىسى
UID: 6699
جەۋھەر: 0
يازما: 281
شۆھرەت: 352 نۇمۇر
پۇل: 100376 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 48(سائەت)
تىزىملاش: 2008-08-23
ئاخىرقى: 2010-09-04
9  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-18 13:02

ناھايىتى قالتىس تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز جۇمۇ نىجات قارىم
ئويۇن ئەمدى قىززىدۇ
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

UID: 2431
جەۋھەر: 4
يازما: 3773
شۆھرەت: 1911 نۇمۇر
پۇل: 7 سوم
تۆھپە: 312 نۇمۇر
ياخشى باھا: 175 نۇمۇر
توردا: 2158(سائەت)
تىزىملاش: 2008-02-27
ئاخىرقى: 2010-09-16
10  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-18 13:06

مۇنۇ تېما  مېنىڭ ھاردۇقىمنى چىقىرىپ قويدى. تەخمىنەن مۇرىنخونىڭ مادىردقا كېلىش خەۋىرى تارقالغاندىن بېرى مۇرىنخو بىلەن گۇادىئولا نى سېلىشتۇرۇش ئىستىكى مەندە پەيدا بولغان. N<:c*X  
______________ m1pA]}Y/5o  
مۇرىنخونىڭ ئىسپانىيەدە غەلبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 9m)$^U>oz  
_______ qhxMO[f  
ئسىل سۈرەتلەركەن، ساقلىۋالدىم. شۇغىنىسى ئاۋۇ ئىنتىرنى سۆيىمەن نىڭ ئىمزاسىدىكى سۈرەتنىڭ چوڭايتىلغىنى بولسا تېخىمۇ پەيزى بولاتتىكەن
مەن توردا يوق !
دەرىجە: بىكەت باشلىقى

UID: 3
جەۋھەر: 3
يازما: 1042
شۆھرەت: 1037 نۇمۇر
پۇل: 9912854 سوم
تۆھپە: 100 نۇمۇر
ياخشى باھا: 79 نۇمۇر
توردا: 801(سائەت)
تىزىملاش: 2007-04-26
ئاخىرقى: 2010-09-15
11  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-18 13:12

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى sulatwazدە2010-08-18 12:49يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : S#M8}+ZD,  
نىجات ئەپەندىم خاتالاشمىسام، گۇدىيۇلا تىرىنىرلىق ھاياتىنى باشلىغىلى ئەمدى تىخى 2يىل بۇلدى. [cnu K  
مۇرىنيۇ بۇلسا 10يىلغا ئاز قاپتۇ. ياراتقان نەتىجىسى مۇرىنيۇدىن كىيىن تۇرىدۇ، دىسەك تازا ئادىللىق ; 
بۇلماس.  مىنڭ شەخسى قارشىم: گۇدىيۇلا1يىلدا ئسپانىيە بىرلەشمىسىنڭ 3لۇڭقىسىنى ،چىمپۇيۇنالار N-upNuv  
لۇڭقىسى ،،،،،،،،،،،قاتارلىق دۇنيا پۇتبۇلچىلىق تارخىدا كۇرۇلۇپ باقمىغان .شاھىنشاھلىق تاجىنى كەيدى. لىكىن مۇرىنيۇ 10يىل ۋاقىتتا ھىچقانداق كۇلۇپنى بۇنداق شەرەپكە ئىرىشتۇرۇپ باقمىدى. Eto"B"  
V#w$|2  
ئەلۋەتتە 2 يىل بولدى ، گۇئاردىئولامۇ تېرنىرلىق ھاياتىنىڭ 10 - يىلىغا قەدەم قويغۇچە مورىنىئودىن ئېشىپ كىتىشىمۇ ياكى ئۇنىڭدىن يەنىلا ئاشالماشلىقىمۇ مۇمكىن ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى تېرنىرلىق ھاياتى قانداق بولىدۇ بىر نېمە دېمەك تەس . HMF2sc$N  
مورىنىئونىڭ پەقەتلا 6 لوڭقىنى تەڭلا ئالمىغان يېرى بار. 2004 - يىلىدىن بۇرۇن بورتۇ دىگەن كوماندىنى قانچىلىك بىلەتتىڭىز ؟ ھەتتا بەزىلىرىمىز ئۇندىن بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان بولىشىمىزمۇ مۇمكىن ، لىكىن يوغان قولاقنى كۆتۈرگەندىن باشلاپ ، مورىنىئو ، بورتۇ دىگەن ئىسىملار ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى . ھازىر بورتۇدەك كوماندىنى يىتەكلەپ يوغان قولاقنى كۆتۈرەلەيدىغان تېرنىردىن قانچسى بار .