ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىر يىلدىن بۇيان كۆرۈشەلمەي قالغان تورداشلار، تىنىچ ئامانلىقمۇ؟ بۇرۇنقى «جەڭگى -جېدەللەر»نى (مۇنازىرە دېمەكچى)سېغىنىپ، كۈندە دېگۈدەك پۇتبول تورىنى سېغىنىپ بۈگۈن قارىسام مۇنازىرىسى ئېچىلىپتۇ، خۇداغا شۈكرى، مۇشۇ تور بەتكىلا كۆنۈپ قاپتىكەنمەن، قالغان پۇتبول بەتلىرىگە كىرىپ شۇ تېمىلارنى ئوقۇپلا چىقىتىم، بۈگۈن ھاياجانلىنىپ تورداشلارغا سالام بولسىمۇ يوللاي دەپ ئىككى قۇر بىرنىمە يازدىم، قاملاشمىسىمۇ، ئىشقىلىپ بەك خۇشال مەن ھازىر، بىلمىدىم، بۇ يازغان نېمەم چىقامدۇ ياقمۇ، ئىشقىلىپ بۇرۇنقى ھەم ھازىرقى تورداشلارنىڭ ھەممىڭلارغا سالام جۇما،
ھەراس، مەن بىر توي قىلىۋاپتىكەنمەن (تور تاقاقلىق مەزگىلدە )، باشلىقلار، ماندا توي دېگەنگە ھەقىچان قۇرۇق قول بارغىلى بولمايدۇ ھە
