پۇتبول كوماندىمىز قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىنى مۇنبىرىمىزنىڭ فوتوگىرافى چىمەلتەك (ھازىرقى چوكىنات ) رەسىمگە تارتىپ كېلىۋاتىدۇ.نەق مەيدانغا بېرىپ مۇسابىقە كۆرۈشكە ئىلاجىسىز قالغان تورداشلىرىمىز بولسا ئاشۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ نەق مەيداندىن ئازىراق بولسىمۇ خەۋەردار بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
بۇ ھەپتە مەن ئەسلى بىر سىن ئېلىش ئاپىراتى ئاپارماقچىتىم.لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاپىرالماي قالدىم.ھېلىمۇ ياخشى يېنىمدا بىر سېفىرلىق ئاپىرات باركەنتۇق،شۇنىڭ سىن ئېلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ مۇسابىقىنى ئازىراق سىنغا ئېلىپ باقتىم. خۇدايىم بۇيرۇسا ئەڭ تېز سۈرئەتتە سىن ئېلىش ئاپىراتىنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىپ، بۇنىڭىدن كېيىن نەق مەيدانغا مۇسابىقە كۆرگىلى بارالمىغان تورداشلارنىڭمۇ مۇسابىقە جەريانىدىن تولۇق خەۋەردار بولىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تىرىشىمەن.
بۇ قىسقىغىنە 5 مىنۇتلۇق كۆرۈنۈشنى ھازىرچە كۆرۈپ تۇرۇڭلار.كېيىن چوقۇم مۇكەممەل كۆرۈنۈشنى كۆرەلەيسىلەر. سۆيۈملۈك مۇنبىرىمىزنىڭ ئىككى يىل بۇرۇن شەمشاد تەرپىدىن تەشكىللەنگەن كوماندىسىمۇ بار ئىدى. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى. لېكىن ئەسلەشكە ھەقىقەتەن ئەرزىگۈدەك كۈنلەر ئىدى. كونا يېڭى ئەزالارنىڭ شۇ مىنۇتلاردىن ئورتاق ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن ، سوككېرنىڭ ئىككى يىل ئاۋال يوللانغان بۇ تېمىسىنى قايتىدىن 100 سائەت ئېلگىرلىتىپ قويدۇم.
_ چوكىنات _
قوشۇمچە :
شۇچاغدىكى شەمشادنىڭ يوللىغان يەنە بىر تېمىسىنىمۇ قىستۇرۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم . شەمشادنىڭ تېمىسى : ئەڭ ئاۋۋال مۇنبىرىمىزدىن چىمەلتەكنىڭ (چوكىنات ) نەق مەيدان بېرىپ ، كەسپىي ئاپپاراتى بىلەن مۇسابىقە جەريانىنى خاتىرىۋېلىپ كەڭ تورداشلارغا سۇنۇش ئۈچۈن تارتقان جاپاسىغا ئەشقاللا !
2009-يىلى 9-ماي كۈنىدىكى ھۇررا كۇلۇبى بىلەن ئوينىغان دوسىتلۇق مۇسابىقىسى نەق مەيدان سۈرەتلىرى
ئەمىسە مۇسابىقە رەسىملىرىگە كېلىلى ......
ئالدىنقى مەيدان كۆرۈنۈشلىرى :كوماندا ئەزالار تىزىملىكى (ئۈستۈنكى قاتار سېرىق كىيىمدىن باشلاپ UBL ، بىشەكشىن ، قەيسەر ، سالات ، مىسكىن ، ئابدۇل97 . ئاستىنقى رەت ئوڭدىن ac米兰 ، مۇخپۇل ، ئابدۇسالام ، فابرىگاس ، بۆرە )
غەلىبە ئۈچۈن ئالغا !
مۇسابىقە باشلىماقچى ......
مۇسابىقە باشلاندى !
تۇنجى ھوجۇم ......
تېپىپ بېقىڭلار ئۇ كىمۇ ؟
قەيسەر توپ ئىلىپ كىردى .
توپ ئۇردى ....
توپ چۈشمەي قالدى ....
ئابدۇسالام توپ ئىلىپ ماڭماقتا .....
بۇغرا ئۇنىڭ ئاستىدا قالدى .....
بۇغرانىڭ قايتۇرما ھوجۇمى ......
مەيداندىن بىر كۆرۈنۈش ....
تېز قايتۇرما ھوجۇم ...
بىرىنچى توپ چۈشتى .....
قەيسەر ......
قەيسەر ......
فابرىگاس .....
بۇ قايتۇرما ھوجۇم چۈشمىدى .....
مەيدان كۆرۈنۈشلىرىدىن ......
يەنە شۇ قەيسەر .........
بۇمۇ چۈشمىدى ......
بۇغرانىڭ بىرىنچى توپى .....
توپنىڭ ئورنىغا قاراڭ !
ۋاھ ... تېزلىك دەھشەت !!

بۇ ھوجۇممۇ چۈشمىگەن ....

خائىن توپ .....
كېيىنكى مەيدان كۆرۈنۈشلىرى :كېيىنكى مەيدان باشلاش ئالدىدا .... ئالدىنقى مەيدان 5:0 ئالدىدا ئىدۇق !
بىشەكشىن .....
مۇخپۇل توپ تالاشماقتا ....
مۇخپۇل .........
يەنە شۇ ........
بىزنىڭ ھوجۇمچىلار جايىغا بېرىپ بولغان ، بېك چاققانلىق قىلىپ قالدى ....
شەمشاد ..........
مۇخپۇلنىڭ ئۇرغان توپى ......
ھوجۇمدىن بىر كۆرۈنۈش
بىزگە بېرىلگەن بىرىنچى نۇقتا توپ ، قارشى تەرەپ كىرگۇزەلمىدى .....
بۇ ئىككىنچى نۇقتا توپ .... ئوبۇلنىڭ قولىغا تىگىپ كىرىپ كەتتى . شۇنداق قىلىپ بۇ مۇسابىقىدە ئىككى نۇقتا توپ بىلەن جازالاندۇق .
مەخپى قۇرال _ ئېلشات10
مىسكىن يارىلىنىپ چۈشۈپ كەتتى .....
ئاغرىقى بىلەن كارى يوق ، كاللىسى مەيداندا ......
مۇخپۇل .......
ئىلىپ كىرىۋاتىدۇ .....
ياندىن چىقىپ كەتتى ....
ئۇرالمىدىڭغۇ دىسەك «باھانە» دەۋاتىدۇ .....

بىشەكشىننىڭ شەخسىي تېخنىكىسىنى كۆرۈڭ ئەمدى ھە ....

يانغا كىرىپ بولدى بىردەمدە .....
ئېرپان كاللا .....
ئابلىكىم0814
ئابلىكىم0814 ۋارىتارغا ئۇرغان .....
توپ يەپ ، توپ باشلاۋاتىمىز !
مۇسابىقە .........
مۇسابىقە .........
بۇ توپنى ۋارىتارغىلا ئۇردى .....
بۇتى مايماقمۇ بۇنىڭ ....

ئېرپان ئۇرغان توپ .....
يەنە ئېرپان ئۇرغان توپ ......
پۇرسەت كەتكۈزۈپ قويدى .....


ئېرپان ........
6-توپ ، قەيسەر ۋارىتارنى ئالدىدى .....

ۋارىتارنى ئالداپ ئۆتۈپ، قۇرۇق ۋارىتارغا ئۇردى .....
مۇخپۇل .........

فابرىگاس .........
فابرىگاس .........
فابرىگاس .........
ئېلشات .....

ۋارىتار - UBL
توپ كونتىرول قىلىۋاتقان ئېلشات .....
ۋارىتار ئالماشتى ......
يىڭى ۋارىتارنىڭ ئىپادىسى يامان ئەمەس .
قائىدىگە خىلاپلىق قىلدۇق ....
ئىختىيارى توپ باشلاش ئالدىدا ......
ۋارىتارغىلا تەپتى .
مۇخپۇل ئالمىشىپ چۈشۈپ كەتتى ........
ئەڭ ئاخىرقى ھوجۇمنى باشلىماقتا ........

[ بۇ يازمىنىچوكىناتدە2012-04-05 22:39قايتا تەھرىرلى ]