بۇ ئەسلى ئۇررا كولۇبى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقە كۈرۈنۈشلىرىنى ئاساس قىلىنغان ئىدى، بۇ قېتىمىقى مۇسابىقە كۈرۈنۈشى بولمىغاچقا قايتا ئۆزگەرىتمەي ئەسل پېتى يوللىدىم. سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى نوقسانلاردىن خالى ئەمەسمەن ، ئەپۇ قىلارسىلەر.
تىببى ئۈنۋىرستىت بىلىن بولغان مۇسابىقە
ھەر قەيەردىن جەم بولۇشتۇق مۇنبەردە بىز،
بىر نىيەتتە قول توتۇشتۇق مۇنبەردە بىز.
غەيرەت بىلەن يەڭ تۈرۈشتۇق مۇنبەردە بىز،
بىرگە يىغلاپ تەڭ كۈلۈشتۇق مۇنبەردە بىز.
يېنىشمىدۇق ئۇيغۇر ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا،
بىرلىك بولدى بىرگە كۈچەپ باش قوشۇشقا،
سەۋەب بولدى ئىتتىپاقلىق ئويۇشۇشقا،
تۇنجى قەدەم توغ كۈتەردۇق مۇنبەردە بىز.
غەلبە بىلەن تەڭ ئېچىلدى خۇشال چىھرىمىز،
بېغىشلاندى پەللە ئۈچۈن جانۇ – جەھلىمىز.
رەقىپلەرنى قان يىغلىتار سۇلماس قەھرىمىز،
ئەلگە تەننى بېغىشلىدۇق، مۇنبەردە بىز.
دوسلار بىرگە قول تۇتايلى مەنزىل ئوزۇن،
ئىناقلىققا چاڭ سالمىسۇن «قارغا- قۇزغۇن»،
چوڭ ئېقىننى تۇسالماس بىرقانچە «بۇژغۇن»،
دوسلۇق ئۈچۈن قول سىقىشتۇق، مۇنبەردە بىز.
ئازغۇنلۇقتىن بولساق يىراق تاپىمىز قانات،
يالغۇزلۇقتا مەنزىلىدىنمۇ قالار تۇلپار ئات،
بۇ مىسالى مۇنبەردىكى تۆھپىكار «شەمشاد»،
بۈگۈن مانا سىرنى يەشتۇق مۇنبەردە بىز.
بىزگە ئەسلى ئودۇم ئەمەس باشقىغا توۋلاش،
ئەسلى بىزدىن ئۆرنەك بولغان جاھاننى سۇراش،
ئەسلىمىزگە يات ئەمەسمۇ باشقنى دوراش،
ئۆز- ئارامۇ يەڭ سىقىشتۇق مۇنبەردە بىز.
بولدى دوسلار تامام بولسۇن ياتسىراشلار،
مۇنبەردىكى ھەممە بىردەك قېرىنداشلار،
سۈيۈنمەمدۇ ھەممە بىزدىن ئاھ قېرىنداشلار،
قول تۇتۇشۇپ ماقساق بىرگە، مۇنبەردە بىز.
ئايرىم تىما يوللىسام ئۈچۈرۈلدى، شەمشاد شۇڭا سىزنى شىئىرىمغا قوشۇۋەتتىم. قايتىپ كىلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.
سىرداش.