ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مۇنبەرداشلار ،، سالامەت تۇردۇڭلارمۇ ؟!
تۈنۈگۈن مۇسابىقە شۇنداق قىززىدى ،، بۇ بىزنىڭ كوماندا تەشكىللەنگەندىن كىيىنكى ئىككىنجى مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ،، ئالدىنقى قېتىم مىرەن بىلەن ،، بۇ قېتىم ھۇررا بىلەن ،،، تۈنۈگۈن يانا ئۇتتۇق ،، ئىككىلى مەيدان 6-4 ،، ئۇتتۇق ،، مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇپ ،، كىيىملىرىمىزنى ئۆز ئورنىدا جايلاپ ،، سۇ ئەكىلىپ ،، مۇسابىقىدە قانچە ھېرىپ كەتسىمۇ ،توختىماي چاپقان ، پۇتبول ئۈچۈن ، مۇنبەر ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى چىقىرىپ ، مەدەتلەرنى بىرىپ كەلگەن مۇنبەردىكى ئوت يۈرەك ئوغاباللارغا رەخمەت ،، پۇتبول سۆيەر مەستانىلەرگە رەخمەت ،،،
سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار بولمىغان بولسا ،، بىز بۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمەس بولغىيتۇق ،، رەخمەت !
ئاۋال تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىنىڭ ئازراق ئەسلىمىلىرىنى بىرىۋىتەي :
تۈنۈگۈن 2009-5-9(شەنبە) ، مەن سەھەردە تۇرۇپ ئىشلىرىمنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن ،، تورغا چىقىپ قايلاپ باقتىم ،، مۇنبەردىكى ۋە ۋە باشقا توربەتتىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ بولاپ ،، ئاندىن بىزنىڭ مۇسابىقىمىز ھەققىدە ئويلىدىم ،، ھۇررا مېنىڭچە بەك كۈچلۈك ،، بۇگەن قانداقراق بولاكى دەپ، چۈنكى ئۇلارنىڭ مەدەتلىرىنى شىنجاڭ لاتارىيسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى باغاندا كۆرگەن ئىدىم بەك جانلىق ئىدى ،، ، ھۇررانىڭ تور بەتلىرىگە چىدىم ،، ئەزالىرى ئىچىدە بىرەر مەن تونۇيدىغان بالىلار بارمىدۇ دەپ ،، ئىسىملەرلا بار ،، رەسىم يوق ،، ئىچىمدە بىر خىل تىتىلق ،،، تىتىتلىقنى بىسىش ئۈچۈن بىردەم كىتاپ كۆرەپ باقتىم،، بىسىلمىدى ،، ئاندىن كۆزەمنىڭ ناچارلىشىپ كىتىشىگە باقماي ،، يانا PES 6 ئوينىدىم ،، ئاخىرى سائەت ئون بولدى ،، شۇنىڭ بىلەن تاماق يىيىش ئۈچۈن تالاغا چىقىتىم ،،، لېكىن پۇتلىرىم ئاشخانا تەرەپكە ماڭماي ئۇدۇل ئاشۇ چوڭ پۇتبول مەيدانى تەرەپكە ماڭدى ،،
ياپيېشىل چوڭ مەيدان ، قۇياش نۇرىدا ۋال-ۋال پاقىراپ كۆزنىڭ نۇرىنى يەيتى ،، مەيدان خېلى جىق قازاق بالىلار باركەن ،، قىزىل كىيىملىك ،، ئىنتايىن رەتلىك ،، ئۇلار بەدەن قىزىتىۋاتاتتى ،، قارىغاندا مۇسابىقىسى بولسا كىرەك ،، ئۇلانىڭ ئىچىدىكى 4-5 ماڭا تونۇش كۆرۈندى ، ھە ئەسلى ئۇلار ھېلقى قانۇن فاكۇلتىتىنىڭ ئالاھىدە تەربىيلەنگۈچى ئۇلار ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن ،،، ئۇلار بەك يامان جۇمۇ ،، مەكتەپتە دەرىس كە قاتناشماي ئىمتاھاندىن ئۆتۈدۇ ،،،،
يانا بىر مەيدان نىڭ بۇجىكىدە بىزنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتىتى 2005نىڭ باللىرى ئويناتىپتۇ ،،، مەيداندا يىرىم سائەت تۇرغاندىن كىيىن ئاشخانىغا چىرىپ تاماق يىدىم ،،،
چۈش سائەت 2:00 بولدى ،، مەن كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ مەيدانغا چىقتىم ،، ۋو ھو ،،!!! مەيدان قىززىپ كىتىپ تۇ ،، مۇسابىقىگە يانا بىر سائەت بولسىمۇ مەيداندا نۇرغۇن پۇتبول مۇنبىرى ۋە ھۇررا كۇلۇبىنىڭ ئادەملىرى با ئىكەن ،، مەكتىپىمدە تۇرۇپ ، بالدۇر چىقالماپتىمەن دەپ پىشكە خىجىل بولدۇ ،،،
بىردەم مەشىق قىلدۇق ،،، ئەمدى مۇسابىقە باشلايدىغان ۋاقىت كەلدى ،، ئوبۇل ،ئابدۇل مىسكىن ، سالات ،فابرىگاس ، سالام ، بىشەكشىن ، قەيسەر ، مۇخپۇل ، ئا س مىلەن ۋە مەن باشتا چۇشتۇق ،،
توپ باشلاندى ،، دەسلەپكى 10 مىنۇتتا ، بىزنىڭ بالىلار ئورنىنى تاپالماي ، تازا ماسلىىشىپ بولالماي ،، خەقنىڭ پۇتىدىن توپ تاتىش بىلەن ئاۋارە بولدۇق ،،، بۇ دەسلەپكى ئون مىنۇتتا بىز باقاۋۇللارنىڭ بېسىمى بەك ئېغىر بولدى ،، ھە دىگەندىلا ھۇجۇمغا ئۇچراپ تۇدۇق ،، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى بىزنىڭ بالىلارنىڭ توپ كونتىرول قىلالماسلىقى بىلەن ئارقا بەل مۇداپىئەچىلىرىنىڭ ياخشى مۇداپىئە قىلىپ بەرمىگەنلىكىدىن دەپ ئويلۇدۇم ،،
ئاندىن كىين بىزنىڭ بالىلار خېلى كۆندى ،، توپنى پۇتىدا ئەركىلىتىپ ئوينۇتۇپ يۇردى ،، ئاارقا بەلدىن فابرىگاس بىلەن ئابدۇسالام ياخشى ھەمكارلىشىپ بارا بارا ئوتتۇرا مەيداننى كونتىرول قىلدى ،،، قەيسەر ۋە مۇخپۇل مۇ توپنى ئىككى تەرەپكە تارتىپ يۈگرەپ قارشى تەرەپ مۇداپىئەچىلىرنىڭ پۇتلىرىنى سىقىرىتىۋەتتى ،، 20 مىنۇتلاغا بارغاندا قەيسەر ياندىن چىرايلىق توپ ئىچىرىپ ، بىرنى ئۇردى ،، شۇ ۋاقىتلاردا ئا س مىلەن ( ئۆزەڭلىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىكەن مەن ، بۇدا سورىۋالىمەن )يارلىنىپ مەيداندىن چۇشۇپ كەتتى ،، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاغرىپ قاپتۇ بۈگەن توپ ئوينىيالمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئاڭلىغان بۇغرا چۇشتى ،، بۇغرا ،، ئۇنىڭدىن كىيىن بالىلار تېخىمۇ ياخشى ئويناپ كەتتى ، بۇغرامۇ 3توپ ئۇرۇپ قالپاقنىڭ تۇنجسىنى كەيدى ،،، قارشى تەرەپنىڭ 9-نومۇرى ھەدىسلا ئالدىمغا كىلىۋىلىپ ،، سەن نىمانداق يوغان ،، باشقا بىرسى قارىسۇن ماڭا ،، دىگەندەك چاقچاقلارنى قىلدى ،، خېلى چىقىشقاقكەن كۈلۈشۈپ توپ ئوينۇدۇق ،، ھۇررانىڭ 32نومۇرلۇق ئىلھام غۇ دەيمەن ،قايىل بولاپ قالدىم ، بەك ياخشى ئوينايدىكەن ،، بويى ئىگىز ، قاۋۇل بولغىنى بىلەن سۈرئىتى ئاستا ئەمەس ،، ئاساسلىق ھۇجۇمنى شۇ تەشكىللەپ ئوينىدىغۇ دەيمەن ،،، ساتتارمۇ خېلى كۈچلۈك ، پۇتىدا توپ توختايدىغان بالىكەن ،،
ئۇلارنىڭ كۆپىنىچىسى خىزمەتكە چىققان ،، يېشى چوڭلاركەن ،، ھېلىمۇ ئاشۇنچىلىك ئوينىيالىدى ،، ئىشقىلىپ بىز يەنە يەڭدۇق ،،،
مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىنى تازا تەپسىلى يازالمىدىم ،، خاپا بولماڭلار ،،،
مۇسابىقە تۇگىدى ،، ئاللىقاچان تارىخقا ئايلىنىپ بولدى ، ئەمدى بۇنىڭدىن كىيىن ئالدىمىزدىكى مۇسابىقىلەرگە ياخشىراق تەييارلىق قىلىش ۋە ئۆزىمىزنى تاكاممۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن ،، مەن بىزدىكى مەسىللەرنى ۋە كۆز قاراشلىرىمىنى ئوتتۇرغا قوياپ باقماقچىمەن ،، خاتا ۋە ئورۇنسىز يەرلىرى بولسا،كۆرسىتىپ بەرگەرسىلەر ، ھەر قايسىڭلارنىڭ ئالدىڭلىدا ئۆزەمگە بانا تېپىشقا راستىنلا ئاجىزدۇرمەن ،،،
مەيدانغا كىرىش : باشلامدۇق دەپ توۋلاشتى ئىككى كوماندىنىڭ باشلىقلىرى ،، ئاندىن،، مۇسابىقىنى ھازىر باشلايمىز ،، دەپلا دۆگىلەك بولاپ جەڭ تاكتىكىسى ۋە مۇسابىقە ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ، قاتتىق بىر «غەلبە !!!!» دەپ ۋارقىراپ ،، ئۆز ئورنىمىزغا تارقىلىپ ،، پۇشتەكنىڭ چېلىنىشىنى كۈتۈپ تۇردۇق ،،
ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا يىتىپ بۇنى ئويلاپ قالدىم ،، بۇ ئىككى كوماندىنىڭ باللىرى ئاۋال تېزىلىپ ،، چىرايلىق بىر-بىرسى بىلەن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ كۆرۈشەپ ئاندىن ،چىرايلىق ئىككى ئېغىزدىن گەپ قىلىشىۋىتىپ ، توپىنى باشلىغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى -ھە ؟؟!
مۇداپىئە
مەن ئۆزەم بىر باقاۋۇل بولغانلىقىمدىن ،، بۇ جەھەتتە جىقراق كۆردۈم ،، ۋاراتار ئوبۇلدا مەسىلە يوق ،، ئىنكاسى تىز ،، توپنى ماگىنىتتا تارتىۋالغاندەك تۇتىدۇ قولىدا ،، ئۇنىڭدىن باشقا مەيداندىكى ئۆزگىرىشلەرگە بولۇپمۇ ئارقىدىكىسىگە بەك سەزگۈر ،، بالىلارنىڭ قانداق ئورۇن ئېلىش ،، قانداق بېقىش بۇلارنى ئوبدان بىلىدۇ ،، مېنىڭچە باقاۋۇللارنى يىتەكلەش ۋە يول كۆرسۈتۈشكە ئوبۇلنى كۆرسەتسەك بەكرەك مۇۋاپىق ،،،
ئابدۇل ،، يان باقاۋۇل ،، توپنى ھۆكۈم قىلىشى توغرا ، كونتىرول قىلىشى ياخشى،، چاققان ،، جانلىق ،، بەدەندىكى كۈچ مەسىلىسىنى دېمىسە قالغان تەرەپلەردە چاتاق يوق ،،،،
نىجات ،،، ئوتتۇرا باقاۋۇل ،، بەدىنى كۈچلۈك ،، توپ كونتىرول قىلىشى ياخشى ، بىردەبىر توپ تارتىۋىلىش ۋە توپنى يىراققا ئاپىرىش ماھارىتى قالتىس ،،، بىز ئىككىمىز ياخشى ھەمكارلىشىمىز ،، ياخشى سەپدىشىم ،،،
ئابدۇسەمى ،،، يان باقاۋۇل ،، بەدىنى كۈچ لۈك ،، خېلى يۈگرەپ قويىدۇ ،، ھۇجۇمدا مۇداپىئەگە ئوخشاشلا بەك ئاكتىپ ،،ئوڭ تەرەپ كارىدورىنى بويسۇندۇرۇپ كەلگەن دۇشمەنلەرنى بىتچىت قىلىدۇ ،،، بەكلا ئەدەپلىك ،،،
ئابدۇسالام ،، ئارقا بەل ،، بىزنىڭ ماكا لېلې دىيىشقە بولىدۇ ،، چىدامچانلىقى بار ،، توپ تارتىۋىلىش تېخنىكىسى يۇقۇرى ،، باقاۋۇللارنىڭ ئالدىدىكى ئېگىز بوسوغا ،، دۈشمەنلەر بۇ بوسوغىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن خېلى كۈچ سەرپ قىلىدۇ ،،
فابرىگاس ،، ئوتتۇرا مەيدان ،، ئارسىنالدىكى فابرىگاسنىڭ ئۆزى ،، بەدىنى كۈچلۈك كۆرەنمىسىمۇ لىكىن ،، توپ كونتىرول قىلىشى ياخشى ،،پاس تاشلىشى رادار بىلەن توغۇرلاپ ئاتقاندەك ،،، ئۈمۈدلۈك ياش ،، تەرەققىيات ئىستىقپالى پارلاق ،،،
قەيسەر ،، چاپقاۋۇل ،، دەھشەت بولغان سۈرئەت ۋە توپ كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ،،، بەدەن سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى ،، جانلىق ،، چاققان ،،، ئۈمۈدلۈك ياش ،، تەرەققىيات ئىستىقپالى پارلاق ،،،، بەكلا ئەدەپلىك ،،
مۇخپۇل ،، چاپقاۋۇل ،، توپ سەزگۈسى ئىنتايىن ياخشى ،، ئەگەر شارائىت بولغان بولسا س.رونالدونىڭ ئۆزى بولالايتى ،،، بەدىنى كۈچلۈك ،، سۈرئەت تىز ،،
ئا س مىلەن ،، تەپقاۋۇل ،،، توپ سەزگۈسى ئىنتايىن ياخشى ،، بەدىنى كۈچلۈك بولمىسىمۇ ،، ھەركەتلىرى چىرايلىق بولمىسىمۇ لېكىن تەپقاۋۇللۇقنىڭ ھۆددىسىدى ياخشى چىقىدۇ ،، يارلانمىغان بولسا ئۇمۇ توپ ئۇرۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقۇرى ئىدى ،،،
بىشەكشىن ،، ئوتتۇرا مەيدان ،،، توپ كونتىرول قىلىشى كوماندىدىكى ئەڭ ياخشى ، كوماندىدا تەشكىللىشى ئەڭ ياخشى ،، كەڭ بولغان كۆرۈش دائىرىسى ۋە كۆپ بولغان مۇسابىقە تەجرىبىسىگە ئىگە ،،
بۇغرا ،، تەپقاۋۇل ،، دىمىسەممۇ ئۆزەڭلار بىلىسىلە ،، ئاغرىق تۇرۇپ مۇسابىقىگە كىلىپ قاتنىشىپ ،، قالپاق كەيدى ،، بۇنىڭدىن كىيىن ئاغرىپ كىلىپ توپ ئوينىسا بولغۇدەك (چاقچاق) ئالدى مەيداننىڭ قوماندانى ،، چىدامچانلىقى بار ،، كاللىسى ئۆتكۈر ،، توپنى ئاسانلىقچە تارتقۇزۇپ قويمايدۇ ،، ئۇ بولمىسا يائوقىنىڭ ئۇچى سۇنۇپ كەتكەندەك ،،،
كىيىن چىققان لاردىن ،،
مەمەتجان ،، باقاۋۇل ،ئارقا بەل ،،، بەدىنى كۈچلۈك ،، جانلىق ،، توپنى ئوينىشى ياخشى ،، ھۇجۇمغا ئاكتىپ ،، باقاۋۇللارنىڭ ياخشىسى ،،،
ئابلىكىم 0814 ،، تەپقاۋۇل ،،، توپ ئېلىپ مېڭىش سۈرئىتى تىز ،، بەدىنى كۈچلۈك ،، كىچىك ئوۋىن ،،،
ئېرپان ،،،، تەپقاۋۇل ،،، ئىختىيارى توپ ماھىرى ،، ،، پاس ياخشى ،، سۈرئىتى ئانچە تىز ئەمەس ،،،
ئېرشات ،،، ئوتتۇرا مەيدان ،،،، توپ كونتىرول قىلىشى ياخشى ،، بالىلار بىلەن ياخشى ھەمكارلىشىدۇ ،، كوماندىمىزنىڭ قىززىقچىسى ،،، بەك يۇمۇر دە بۇنىڭ گەپلىرى ،،،
،،،،،،،
نۇرغۇن گەپلەرنى دىگىم بار ئىدى ،، لېكىن سەۋىيەم مۇشۇنچىلىك بولغاچقا تازا ياخشى يازالمىدىم، خاتا يەرلىرى بولسا چوقۇم تۈزىتىمەن ،،،!!
بۆرە ،، 2009-5-10
يەكشەنبە ،،،،،
يوللسام پەقەت چىقمىدى ،، بۇ ئا يەردە چالا-پۇلا تارتىلىپ قالغان فىلىم كەن ،، يوللاپ قويدۇم،، قەيسەرنىڭكى باركەن لېكىن
بۇ ئاستىدىكى قەيسەر چىقىدىغان كۆرۈنۈش ،قالايمىقان تارتىلىپ قاپتۇ شۇڭا سەل تەخىر قىلساڭلار ئاندىن كۆرەلەيسىلەر !!
[ بۇ يازما bora تەرىپىدىن 2009-05-11 08:58 قايتا تەھ ]