ئۆتكەن شەنبە شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتىنىڭ جەنۇبى تارماقىغا بارىدىغان ئىشىم چىقىپ قالغاچقا،بىر تەرەپتىن شۇ ئىشلىرىمنى پۈتۈرسەم يەنە بىر تەرەپتىن يىڭىدىن قۇرۇلغان مۇنبەر كوماندىمىزنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىگە مەدەتچى بولسام دەپ ئويلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتىنىڭ جەنۇبى تارمىقىغا بارغان ئىدىم...ئىشىلىرىمنى پۈتۈرگەندىن كىيىن پۇتبول مەيدانىغا باردىم...يىشىل مەيداندا كۆزلىرىم بىرمىنھامنىڭ ئاق يىشىل ئارلاشقان كىيمىنى كەيگەن بالىلارنى ئىزدەيتتى..بىراق پۇتبول مەيدانىدىكى 2 تەرەپنىڭ بىرى سىرىق كىيىم كەيگەن مىرەن كوماندىسى يەنە بىر تەرەپ ھەرخىل كىيىملەرنى كىيىپ مەيداندا تەق بوپ تۇرغان مۇنبەر كوماندىمىز بوپ چىقتى..بۇلار كىيىمنىڭ ئامالىنى قىلالماپتۇدە دەپ ئويلىدىم....ئەسلىدە بالىلارنىڭ ئالدىغا بىرىپ كۆرۈشۈپ مۇنبەر چوڭلىرىمىزنى بىر تاۋاپ قىلسام بولىتى...بىراق مەن ئۇلارنىڭ ئارسىدا ھىچكىمنى تونۇمىغانلىقىم ئۈچۈن ھەم مۇنبەردە ئانچىمۇ كۆزگە چىلىقمايدىغان بولغاچقا بىر خىل ئىتىۋارسىز قىلىشتىن ئەنسىرىدىممۇ قانداق
بىر چەتتە تۇرۇپ مۇسابىقە كۆرۈشكە باشلىدىم...مانا مۇسابىقىمۇ باشلاندى..قارشى تەرەپنىڭ ئەزالىرى قارىماققا ناھايىتى تەجىربىلىك كۆرنەتتى.
بىراق 5 مىنۇت مۇسابىقە كۆرگەندىن كىيىن ئەنسىرىشىمنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى بىلدىم....مۇسابىقە باشلىنىپلا كوماندىمىز ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتۈۋالغان ئىدى..كىيىن مىلاننىڭ كىيمىنى كەيگەن سول ھۇجۇم ئوينىغان بىر ئاغىينىمىز بىر توپ ئۇردى...ئۇنىڭدىن كىيىن قەيسەر ئىسىملىك بىر ئاغىينىمىزمۇ بىر توپ ئۇردى...ئاشۇ كۈندىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە قەيسەر ئىسىملىك ئاشۇ ئاغىينىمىزنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولدى دەپ قارايمەن.بۇ ئاغىينىمىز مەيلى سۈرئەت مەيلى بەدەن قوۋىتى ۋە شەخسي تىخنىكا جەھەتتە مەيداندىكى ھەرقانداق بىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىكەن...كىيىن ئوتتۇرا ھۇجۇمدىكى بىر ئاغىينىمىز چىرايلىق ئاسماق توپتدىن بىرنى كىرگۈزدى. بالىلارنىڭ توۋلاشقان ئاۋازىدىن ئۇنىڭ مۇنبىرىمىزدىكى بۇغرا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم...ئۇنىڭ توپ كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى ماڭا ناھايىتى ياقتى...(ئۇ قارىماققا ناھايىتى بوزەك چىراي كۆرنىدىكەن

)
ئاڭقۇچە ئالدىنقى يىرىم مەيدانمۇ ئاخىرلاشتى.ئاڭقۇچە مەيدان دەرۋازىسىدا بالىلارغا ئۇسسۇزلۇق ئىلىپ كەلگەن ئىككى بالا پەيدا بولدى..
ئاشۇ دەم ئىلىش ئارلىقىدا مەن ئاستا بالىلارنىڭ ئارسىغا قىتىلىۋالدىم..(بىراق ماڭا ھىچكىم دىققەت قىلمىدى

)
بالىلارنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن ئۇسسۇزلۇق ئىلىپ كەلگەن ئىككى بالىنىڭ بىرنىڭ چىلسي مەستانىسى ئاتۇش ئوغلى يەنە بىرىنىڭ لىۋىرپول مەستانىسى دىلخۇش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم...ئۇنىڭدىن كىيىن مەكتەپىمىزدە چىرايى غۇۋا ئىسىمدا قالغان ئاخىرلاشتۇرغۇچىنىمۇ كۆردىم.
ئۇنىڭ مۇنبەردىكى ئاخىرلاشتۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن...مەن تىخى ئاخىرلاشتۇرغۇچىنى شىۋاسىنگىردەك موسكۇللۇق بىرەيلەنمىكىن دەپقاپتىكەنمەن..ئەمىليەتتە نەدە ئۇنداق بولىدۇ



شۇ ئارلىقتا بىر كۆرسەم بولىتى دەپ ئارزۇ قىپ يۈرگەن مۇنبەردىكى ئىنتىر مەستانىللىرىنىڭ ئاتامانى شەمشاتنىمۇ كۆردۈم...شەمشات بىلەن بۇغرا(بوزەك چىراي

) ئازراق جەڭ تاكتىكىسى توغۇرلۇق مەسلەتلىشۋالغاندىن كىيىن بۇرادەرلىرىمىز قايتىدىن مۇسابىقىغا چۈشۈپ كەتتى..
كوماندىمىز 4:1ئۈستۈلۈكنى ئىگەللىگەندىن كىيىن كوماندىمىزدىكى غوللۇق ئەزالىمىزدىن بوغرا، قەيسەر،يەنە بىر ئوتتۇرا بىك( ئاڭلىسام ئىسمى ئابدۇرھىم ئىكەن)لار چۈشۈپ كىتىپ باشقا بالىلار ئالماشتى..ئىشىنى قىلىپ شۇ كۈنى بارغانلا بالىنىڭ ھەممىسلا دىگۈدەك مەيدانغا چۈشۈپ مۇنبىرىمىزنىڭ شان شەرىپى ئۈچۈن تەر تۆكتى..شۇ ئەسنادا مىنىڭمۇ قاتتىق ئاياغلىرىم بىلەنلا مەيدانغا چۈشۈپ توپ تەپكىم كىلىپ كەتتى...كىيىن غوللۇق ئەزالىمىزنىڭ چۈشۈپ كىتىشى سەۋەپلىك رەقىپلىرىمىز تىزلا بىزگە يىتىشىۋالدى...ئەڭ ئاخىرقى ھالقىلىق ۋاقىتتا كۆك مايكا (ھازىر ھەممىسى مۇدا قىپ كىيۋالغان 7چى نۇمۇرلۇق ئىتالىيە كىيمى) كەيگەن بىرەيلەن ياندىن بىر توپ ئۇرۇپ كوماندىمىزنى ئۈستۈنلۇككە ئىرىشتۈردى..ئەڭ ئاخىرىدا قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىيە رايۇنىدا ئارام ئىلۋاتقان شەمشاتقا بىر ئىگىز پاس كەلدى..شەمشات ئۇ توپنى ناھايتى چوڭ سۈپەت ئۈسۈپ قويۇپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى 6:4قىلىپ ئۈزگەرتتى...كىيىنكى مەيداندا ئالماشقان ۋارتامۇ ناھايىتى ياخشى تۇرۇپ قويدى ..شۇنداق قىلىپ مۇنبەر كوماندىمىز تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى ناھايتى غەلبىك تۈگەتتى...
ئاخىرىدا كوماندىمىزدىكى دوسلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇنبىرىمىزنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن داۋاملىق غەيرەت قىلىشنى ئۈمۈت قىلىمەن...
[ بۇ يازما wolfcry تەرىپىدىن 2009-05-04 20:33 قايتا ]