مۇنبەر كوماندىسى 6 : 4 مىرەن كوماندىسى
( acمىلان ، قەيسەر ، بۇغرا ، س.مۇخپۇل ، ئابلىكىم0814 ، شەمشاد )
5-ئاينىڭ 2-كۈنى مۇنبەر قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقىنى تەبرىكلەشنى ئاساس مەقسەت قىلغان دوسىتلۇق مۇسابىقىمىز ھازىر ئاخىرلاشتى . مۇنبىرىمىزدىكى بىشەكىشىننىڭ ئالاقىلىشىشى بىلەن مىرەن كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى جەنۇبى ئوقۇتۇش رايونى پۇتبول مەيدانىدا كوماندىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى دوسىتلۇق مۇسابىقىسىنى كۈتىۋالدۇق . مۇنبەردىكى قىزغىن ئىشتىراكچىلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىمىز ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلدى . مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ «دوسىتلۇق بىرىنچى ، مۇسابىقە ئىككىنچى» دىگەن شۇئارنىڭ روھىنى شۇنداق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ بىر مەيدان شۇنداق ئوبدان مۇسابىقە ئوينىدۇق .
گەرچە ئازراق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلغان بولساقمۇ ، مۇسابىقىدە مىرەن كوماندىسىمۇ شۇنداق خەتەرلىك ھوجۇملارنى قىلدى ، ۋارىتارىمىز ubl نىڭ ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولۇشى بىلەن مىرەن كوماندىسىنىڭ ھەربىر خەتەرلىك ھوجۇملىرى بىر-بىرىدىن ۋارىتار سىرتىدا توسۇۋېلىندى . بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن كوماندىدىكى يىتەرسىزلىكلەرنىڭ كۆپلىكىنى ھېس قىلدۇق . بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخىش نەتىجىلەر بىلەن كۆپچىلىكنى خوش قىلىشقا تىرىشىمىز .
تۇنجى قەدىمىمىز غەلىبىلىك بېسىلدى ، مۇنبەرنىڭ ئىككى يىللىقىغا غەلىبە سوۋغىسىدىن بىرنى تەييارلىدۇق !
( ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى ، ئاپارات يوق ، رەسىمگە چۇشۇشگە ئامالسىز قالدۇق )