يەنە ھېلىقى داڭلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈۋالساق قانداق؟ 踩单车 (رونالدونىڭ داڭلىق ھەرىكىتى) ,马赛回旋(زىدانىنىڭ داڭلىق ھەرىكىتى) , 牛尾巴过人 (رونالدىنىئونىڭ داڭلىق ھەرىكىتى)。ئويلىنىپ باققان بولساڭلار.بۇ سۆزلەرنى تەرجىمە قىلمايلى بولدى دېسەك،بۇ ھەرىكەتلەر ھەقىقەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ،شۇڭا بۇنىڭغا بىر ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ ئىجاد قىلىش زۆرۈر دەپ قارايمەن.مەنمۇ ئانچە مۇنچە ئىزدىنىپ باقتىم.踩单车 نىڭ ئېنگىلىزچىسى dribbling بولۇپ ئۇنىڭ خەت مەنىسى تامچىش بولىدىكەن

،تەنتەربىيە تۈرلىرىدە ئىشلىتىلسە توپ كونترول قىلىش دېگەن مەنىسى چىقىدىكەن،مەسىلەن ۋاسكېتبولدىكى توپنى ئوڭ سول قولىغا ئالماشتۇرۇپ ئوينىتىش دېگەندەك.شۇڭا بۇ ھەرىكەتكە ئۆزىمىزئىچىمىزدىن چىقىرىپ ئوبرازلىق سۆزدىن بىرنى تاپساق.مەن شۇنچە ئويلىنىپ تۈزۈك بىر سۆز تاپالمىدىم،(«سىنۇسچە ئالداش ياكى كوسىنۇسچەئالداش »تىن باشقا

).ئەمدى 马赛回旋 گە كەلسەك زىدانى ئىلگىرى مارسېلدا توپ ئوينايدىغان ۋاقىتتا بۇ ھەرىكەتنى كۆپ ئىشلىتىدىغان بولغاچقا شۇڭا زىدانىچە چۆرگىلەش دەپ ئاتىغانكەن،زىدانى كەمتەر بولغاچقا ئۇنى 马赛回旋 دەپ ئاتاپتىكەن،شۇڭا بىزمۇ خەت مەنىسى بويىچە مارسېلچە چۆرگىلەش ياكى مارسېلچە پىرقىراش دەپ ئىشلەتسەك.牛尾巴过人 نى قۇيرۇق ئوينىتىپ ئالداش ياكى قۇيرۇق چۆرۈش دېسەكچۇ؟
蹬踏نىڭ ئېنگلىزچىسى hacking بولىدىكەن،مەنىسى كېسىش، چېپىش ئىكەن شۇنداق بولغاندا 蹬踏 نى پۇت چېپىش دېسەك قانداق بولار؟