مۇنبەر باشلىقى توتتى ئەپەندىمنىڭ زور كۈچ بىلەن تەشكىلىلشى ئارقىلىق ، قەشقەر دىيارىدىكى بىر قىسىم مۇنبەر ئەزالىرى 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ پەيتەختى بولغان گۈزەل ماكان يەكەن ناھىيىسىگە جەم بولدۇق ، شىنجاڭ لاتارىيە پۇتبول كولۇبىنىڭ ئۆتكەن يىللىق كاپىتانى پەرھات بىلەن ئۇنىڭ دوستى تۇرسۇن ئېلى قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن يىغىلىشقا قاتنىشىپ يىغىلىشقا باشقىچە خۇشاللىق ئاتا قىلىدى .
?5jLN&A3 G ئەتىگەن سائەت 8 ئەتراپىدا مۇنبەرداشلار يەكەن مۇقام مەيدانىدا يۈز كۆرۈشۈپ ، كوللىكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەندىن كىيىن ، يەكەن ناھىيلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاسكىتبول مەيدانىدا 4 گورۇپقا بۆلىنىپ ،قايسى كوماندا بىر توپ كەتكۈزسە ئارام ئالىدىغان بولۇپ دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينىدۇق ،يوغان قوساق رىپىر ئەپەندىم پەرھات بىلەن بىر گورۇپقا بۆلىنىۋالغاندىن باشقا يەنە 2 نەپەر ياش ھەم تالانتلىق ماھىرنى تاللىۋېىلىپ ئەڭ كۈچلۈك كوماندا قۇرۇىۋېلىپ خېلى ئاسان جان باقتى . باشقا كوماندىلاردىمۇ داڭلىق چولپانلار بولمىسىمۇ رىپىر كوماندىسى بىلەن قاتتىق تىركىشىپ رېپىر كوماندىسىنى بىر قانچە قېتىم ئاارام ئالدۇرۇپ قويدى ، مۇسابىقە دوستانە كەيپياتتا كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى .
OIJT~Z} 2 سائەتتىن ئارتۇق مۇسابىقە ئوينىغاندىن كىيىن ھەممەيلەن بىرلىكتە تاماقلانغاچ مۇنبەر ۋە شىنجاڭ پۇتبولى ھەققىدە ئەركىن مۇنازىرە ئېلىپ باردۇق ، پەرھاتمۇ قىزغىنلىق بىلەن پىكىر قاتناشتۇرۇپ ھەممەيلەنگە چۇڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇرۇدى .
BN `2UVH بۇ قېتىمقى يىغىلشتا توتتى ، شاھزادە 32 ، مۇئەللىم قاتارلىق ئەزالار ئالاھىدە كۈچ چىقاردى ، (باشقا ئەزالارنى بىر بىرلەپ يازمىمىدىم ، كۆڭلۈڭلىگە ئالماڭلار ھە !) شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يۇقارقى دوسلارغا ۋە بىزنى قىزغىن كۈتىۋالغان يەكەن ئەھلىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىىمز .تۆۋەندە يىغىلىشتىكى سۈرەتلەردىن ئورتاق ھوزۇرلانغايسىلەر
T9I$6HAi مۇنبەرداشلار مۇقام مەيدانىدا
=7JSJ98 ئەمىسە بۇ قېتىم يىغىلىشقا بارغان دوستلارنى تۇنۇپ چىقايلى
F(#?-MCs ئوپچى سۈرەت ئۈستىنىكى قاتار سولدىن ئوڭغا :زەرەپشان ، ھەسرەت ، مۇئەللىم ، پەرھات (شىنجاڭ كۇماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى ) ، تۇرسۇن ئېلى ، رېپىر ، زەپەر ، شاھزادە 32
zPxR=0| پەستىىكى قاتاردىكىلەر ئوڭ تەرەپ 1 - تەجەللى ، قالغانلار مۇنبەرگە يېڭىدىن كىرمەكچى بولغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى .ئوبچى سۈرەتتە يوق فۇتۇگراف توتتى.
+ c+i u6+"
cFt&E