ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1794 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا غەلبە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-14 13:19
ئىسپانىيە زەردارى رىئال مادرىد كوماندىسىنىڭ ئىلگىركى ئىتالىيەلىك داڭلىق مەشقاۋۇلى كارلو ئەنچىلودتى تۈنۆگۈن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان بۇلۇپ ، ئۇ زىيارەت داۋامىدا رىئال مادرىد كوماندىسىنىڭ ئەشەددى رەقىبى ، شۇنداقلا ھازىرقى ياۋرۇپا بۇيىچە ئىپادىسى ئەڭ قالتىس بۇلىۋاتقان كاتالونىيە بۇقىسى بارسىلونا كوماندىسى ۋە بارسىلونا كوماندىسدىكى يادرولۇق ماھىر مىسسى توغۇرلۇق سۆز قىلدى. ئۇ ئاۋال ئۆزى ئەينى چاغدا رىئال مادرىد كوماندىسىدا مەشقاۋۇل بۇلۇپ تۇرىۋاتقان مەزگىللەردە ئۆزىنىڭ بارسىلونا كوماندىسىغا قارشى قوللانغان جەڭ تاكتىكىسىنىڭ ناھايىتى ئاددىي، يەنى مىسسى ۋە بارسىلونانىڭ مۇسابىقىدە ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتىۋېلىشىغا قەتئى پۇرسەت يارىتىپ بەرمەسلىك ،شۇنداقلا مىسسىغا قىلچىلىك پۇرسەت بەرمەي ئۇنىڭ توپ بىلەن ئۈچىرشىشىنى ئمكانقەدەر توسۇپ 18 سىزىقى ئەتراپىدىكى ھەركەت بوشلىقىنى تارايتىۋىتىش ئىكەنلىكىنى، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن بارسىلونا ئۈستىدىن غەلبە قىلىش پۇرسىتى ياراتقىلى بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دىدى:« مەن بىر مەشقاۋۇل بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن مىسسىنى تۇسۇپ قېلىش توغرىسىدا بەزىبىر تەلىماتلارنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقاي. مىسسىغا چاپلىشىپ تۇرۇپ ئۇنى مۇداپىئە قىلىش ئىنتايىن تەس،چۈنكى ئۇنى كۆزىتىشكە ،ئۇنى مۇداپىئە قىلىشقا مەسئۇل بولغان ماھىر چوقۇم ئىنتايىن يۇقىرى سەۋيەلىك، ئىنكاسى ئىتتىك ماھىر بۇلىشى كىرەك. مىسسىنىڭ خەتىرىنى ئۈنۈملىك تۇسۇپ قېلىش ئۈچۈن كوماندىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ قىلچىلىك خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكى، ئۇنى ئامال بار توپ بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىقى كىرەك. ئەگەر سىز بارسىلونا ئۈستىدىن غەلبە قىلىشنى ئويلىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇلار بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە چوقۇم ئوتتۇرا مەيدانغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىڭىز، يەنى ئوتتۇرا مەيداندا كۆپرەك ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەيداننى مونوپۇل قىلىۋىلىشىدىن ساقلىنىشىڭىز كىرەك . ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەيدانىنى ئۈنۈملۈك تارمار قىلالىسىڭىزلا، ئۇلار توپنى ئۆز ئەنئەنىسى بۇيىچە ئەركىن ئويناشقا ئامالسىز قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا مىسسىنىڭ توپ بىلەن ئۇچىرىشىش پۇرسىتى ئازلايدۇدە ئۇمۇ ئامالسىز كەينىگە يېنىشقا مەجبۇر بۇلىدۇ.. دىمەك ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەيدانىنى قالايمىقان قىلۋىتەلىسىڭىز، ئۇنداقتا مىسسى سىزنىڭ كوماندىڭىزنىڭ قاپقىسىدىن يىراق تۇرىدۇ. مانا بۇ سىزگە كىلىدىغان خەتەرنىڭ سىزدىن بىرقەدەم يىراقلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىز ھەممىمىز مىسسىنىڭ تۇيۇقىسز بۆسۈپ كىرىپ نۇمۇر ئېلىش ئۈچۈن قارشى تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايۇن سىزىقى ئەتراپىدا مەركەزلىك ھەرىكەت قىلدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇڭا سىزنىڭ توپچىلىرىڭىز مىسسى مۇشۇ رايۇندا پۇتىدا توپ بار ھالەتتە پەيدا بولغاندا چوقۇم قاتتىق ھۇشيار بۇلىشى كىرەك. چۈنكى ئۇنىڭ قارشى تەرەپنىڭ قاپقىسىغا بىر مىتىر يېقىنلىشىشى توپ كىرگۈزۈش ئېھتىماللىقىنىڭ بىر بالداق يۇقىرى كۈتۈرىلگەنلىكىنى بىلدۈردۇ. بارسىلوناغا تاقابىل تۇرۇشتا پەقەت بۇلا يىتەرلىك ئەمەس. سىز مۇشۇلارنىڭ ھەممىنى ئوڭۇشلۇق قىلالىغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلالمايسىز. چۈنكى بارسىلونانىڭ مىسسىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن يۇشۇرۇن قوراللىرى بار. ئەگەر سىز پۈتۈن دىققىتىڭىزنى يالغۇز مىسسىغىلا مەركەزلەشتۈرۋالسىڭىز، ئۇنداقتا خەتەر باشقا تەرەپتىن كىلىشى مۇمكىن. گەپنىڭ قىسقىسى مەن بايا دەپ ئۆتكەندەك مەيلى قانداقلا قىلماڭ بارسىلونانى چوقۇم مەغلۇب قىلىمەن دەيدىكەنسىز، ئۇنداقتا كوماندىدىكىلەرنىڭ كوللىكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئۇلارنى مەغلۇب قىلىشتىكى يادرولۇق كۈچ ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار قارشى تەرەپنىڭ قايسى ئورۇنىدىكى ئەزا بۇشاڭلىق قىلسا شۇ ئورۇندىن ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. شۇ ئورۇننى قارشى تەرەپكە بېسىم چۈشۈرۈشتىكى ئاساسلىق كوزىر قىلىۋالىدۇ.»
ئۇ ئاخىردا يەنە مۇنۇلارنى دىدى:« ئۇنىمۇ دىدىم ، بۇنىمۇ دىدىم. ئەمدى گىپىمنى يىغىنچاقلىغاندا، ئەگەر مىسسى سالامەتلىكى، روھى ھالىتى ياخشى ھالەتتە مەيدانغا چۈشسىلا،ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋيىسىنى نامايەن قىلىش قىلچىلىك تەسكە توختىمايدۇ. ئەگەر ئۇ ئەڭ ياىشى ھالىتىدە بولسىلا ئۇنداقتا قارشى تەرەپنىڭ تېرنىرى مەيلى كىم بۇلىشىدىن، ئۇنىڭ مىسىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان تاكتىكىسى مەيلى قانداق بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر مىسسنى تۇسۇپ قېلىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش. چۈنكى ئۇ دىگەن بىر تالانىت ئىگىسى ، ئۇ ئىنتايىن قالتىس . ئۇنىڭ مەيداندا نىمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى ھىچكىم ئالدىن پەرەز قىلالمايدۇ.شۇڭا ئۇنى ئىسكەنجىگە ئېلىش بەكلا مۈشكۈل.» |
|