akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1139|ئىنكاس: 40

سۇغا سەكرەش(يالغان يىقىلىش)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-16 00:54:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم مۇنبەر ئەھلى ؛
ھازىر پۇتبۇل دۇنياسىدا  سۇغا سەكرەش ئۇسۇلى يۇقىرى دولقۇنغا يەتكەن مۇشۇ ۋاقىتتا  شۇ كۇماندىدىكى ئەزا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن  ئۆزىنى كۇماندىسىنى غەلبىگە  باشلايدىغان  ھادىسىلەر كىلىپ چىقماقتا  ، مەن تۈۋەندە يالغان يىقىلىش توغرىسىدا قىسقىچە توختالماقچىمەن .

يالغان يىقىلىش بولسا ھازىرقى تەنھەركەت سەھنىسىدە‹‹ سەنئەت›› دەپ ئاتالماقتا  يەنى تەنھەركەتچى قارشى تەرەپ تەنھەركەتچىسىنىڭ بىسىمى ئالدىدا ئۇشبۇ يىقىلىش ئارقىلىق  رىپىردىن قارشى تەرەپ ئەزاسىغا جازالاندۇرۇش بۇلىدۇ  ۋە رىپىر تەرىپىدىن قارشى تەرەپ تەنھەركەتچىسىگە جازا بىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ، شۇ سەۋەپتىن  بۇنى ‹‹ سۇغا سەكرەش›› ياكى ‹‹يالغان يىقىلىش ›› دەپ ئاتىلىدۇ بۇنىڭ ئىنگىلىزچىدە “diving” مۇ دەپ قۇيىدىكەن .
ھازىرقى  پۇتبۇل دۇنياسىدا داڭلىق چولپانلارمۇ  بۇ ئۇسۇلنى ھىلىھەممۇ قوللانماقتا  بىراق يالغان يىقىلىش  شۇ كۇماندىغا  پايدىلىق شارائىتنى ھازىرلىدى دىگىنىمىز بىلەن بۇ  بىر پۇتبۇل دۇنياسىدىكى  ئەخلاقسىزلىق، چىكىدىن ئاشقان قىلمىش  ھازىرقى  پۇتبۇل دۇنياسىدىكى  داڭلىق سۇغا سەكرەش ماھىرلىرىدىن  بارىسلونا  كۇماندىسىدىن  بوسكىس ،نىيمار، مادرىتتىن  ھازىرقى يەنى بارىسلونادىكى مىسسى بىلەن دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى  چولپان بولغان  كىرىستىيانو رونالدو ۋە بەيرىندىكى روبىن  چىلسىدىكى كاخىل،دىياگو كوستا مانچىستىردىكى  ۋانپىرىس ۋە ئۇيان بۇياندا  تىنەپ يۈرۈۋاتقان  ئالتۇن ئۆسمۈر تورىس قاتالىقلار  .
                                             
                                                                    
                                                                    
                                                                  
                                                                  
                                                
تەنھەركەتچى توپنى ئىلىپ كىرىپ قارشى تەرەپ ئەزاسى توسقۇنلۇق قىلمىغان ئەھۋالدا يالغان يىقىلىپ رىپىر تەرىپىدىن سىزىلىپ قالسا   رىپىر بۇنىڭغا ئوخشاشلا شۇ يىقىلغۇچىغا جازا قوللىنىدۇ ، مەسىلەن ماۋۇ داڭلىق چولپاندەك
                                                                    

  تۈۋەندە پۇتبۇل دۇنياسىدىكى 10چوڭ يالغان يىقىلىش بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى  ؛
1-سىمونى
                                                                  
  1998-يىلدىكى فىرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا  ئارگىنتىنا بىلەن ئىنگىلاد  مۇسابىقىسىدە ئىنگىلاد كۇماندىسىنىڭ ھەركىتى  ئىنتايىن توغرىتى ئارگىنتىنا كۇماندىسىمۇ مەزكۇر مۇسابىقىدە  غەلبە قىلىشنى ئويلايتى  ، ئەينى ۋاقىتتا  ئىنگىلاد كۇماندىسىدا  ئالتۇن چاچلىق داڭلىق ياش ماھىر بىكخام مەيدانغا چىققان  ۋە مۇسابىقە جەريانىدا تەجىربىلىك سىمونىغا يەكمۇيەك  كەپ قالغان ۋە بۇ ۋاقىتتا سىمونى ئۇستاتلىق بىلەن  رىپىرنىڭ بىپەرۋالىقىدىن سۇغا يىقىلغان  رىپىر بۇنى راس قائىدىگە خىلاپ ھەركەت دەپ بىكخامغا قىزىل كارتا بىلەن  مەيداندىن چىقىرىۋەتكەن  ئەينى ۋاقىتتا بىكخام  ئىنگىلاد كۇماندىسىنىڭ ئۈمىدى ئىدى بىراق  ئەكسىچە شۇ مۇسابىقىدە بىكخام  ئىنگىلادلىقلارنىڭ نەزىرىدە  گۇناھكار ئاتالغان  شۇ قىتىملىق ئاشۇ ۋەقە ئىنگىلادنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىن شاللىنىشىغا سەۋەپچى بۇلۇپ قالدى دىسەك بۇلىدۇ.

2-ئوۋىن
                                                                                
  2002-يىللىق ياپۇنىيە-كورىيە بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن دۇنيا لوڭقىسىدا  ئارگىنتىنا ،ئىنگىلاد كونا رەقىپلەر يەنە ئۇچىرشىپ قالىدۇ ، 1986- يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىدىكى  بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇسابىقىسىدە مارادونانىڭ دۇنيانى زىلزىلگە سالغان ‹‹تەڭرىنىڭ قۇلى ›› ئارقىلىق ئىنگىلادنى شاللاپ چىمپىيون بولغان بولسا 98-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا  سىمونىڭ ئۇستاتلىق بىلەن  سۇغا سەكرىشى بىلەن تارىختا 2قىتىم ئەلەمدە قويغان  ئارگىنتىنا كۇماندىسى   دەل بۇ قىتىم ئەكسىچە ئىش بولدى يەنى بۇ مۇسابىقىنىڭ باش قەھرىمانى  ئوۋىن بولدى  .
مۇسابىقىنىڭ 43-مىنوتىغا كەلگەندە  ئوۋىن توپنى ئىلىپ كىتىپ بارغاندا ئارگىنتىنا كۇماندىسىنىڭ ئايالا ۋە ۋىۋاس قاتارلىق مۇداپىيەچىللىرى ئارىسىدىن  زورمۇ زور بۈسۈپ ئۈتۈپ كەتمەكچى بۇلىدۇ بىراق بۇ تۈمۈربىكلەرنىڭ ئارىسىدىن  ئۈتۈپ كىتەلمەي يەرگە ئۆزىنى ئاتىدۇ  ھەمدە رىپىر تەرىپىدىن خاتا بولغان نوقتا توپ جازاسى بىرىلىپ  ئارگىنتىنانىڭ  بۇ قىتىملىق كورىيە -ياپۇنىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن خوشلىشىغا سەۋەپچى بۇلىدۇ .

3-روبىرىت پىلىس   
                                                                                
    2013-يىلى 9-.ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى  ئىنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە  ئارسىنال  1-1Portsmouth F.C تەڭلەشكەن ، ئەينى ۋاقىتتا پىرىس توپنى قارشى تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايۇنىغا ئىلىپ كىرگەندە  قارشى تەرەپ بىكى سىتوۋانكىس ئۇنى مۇداپىيە قىلىپ كەلگەندە ئۆنىڭ پاقالچاق قىسمىغا  ئانچە چوڭ بولمىغان سۈركىلىش بولغان  لىكىن پىرىس چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدىللام ئۆزىنى يەرگە ئاتقان  مەزكۇر مۇسابىقىدىكى باش رىپىر تەرىپىدىن ئارسىنال كۇماندىسىغا نوقتا توپ بەرگەن ۋە بۇ توپنى ھىنرى تەپكەن شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقنىڭ غەلبىسى ئارسىنال تەرەپكە ئۆتكەن  .  مۇسابىقىدىن كىيىن   پىرىسنىڭ بۇ قىلمىشا قارىتا ئاخپىرات ۋاستىللىرى بەس-بەستە پىرىسنى  تەنقىد قىلغان ۋە ئۇنى ئۇچىغا چىققان  ھارامزادە دىگەن . پىرىسمۇ مۇسابىقىدىن كىيىن مۇخپىرلارنى كۈتىۋىلىپ  ئۆزىنىڭ بۇ يىقىلىشتا گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى   ئەگەر راست يالغان يىقىلغان بولسام رىپىر ماڭغا جازا بەرمەمتى دىگەن .

4- بوسكىس
                                                                          
  2009-2010-يىللىق ياۋرۇپا ئوزغۇنلۇق ،مۇسابىقىسىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە  ئىنتىر بىلەن بارىسلونا  ئوينايدۇ بۇ ۋاقىتتا  بارىسلونا توپچىسى  بوسكىس قارشى تەرەپ توپچىسىنىڭ قۇلى يۈزىگە تىگىپ كىتىشى بىلەن ئۆزىنى  يەرگە ئىتىپ  بىرمەيدان تىراگىدىيە پەيدا قىلىدۇ  بۇنى  ئەينى ۋاقىتتىكى رىپىر  ئىنتىر توپچىسىغا  قىزىل كارتا بىلەن  مەيداندىن چىقىرىۋىتىدۇ ،كىيىن بوسكىسنىڭ چىملىقتا يىتىپ بارماقلىرى ئارىسىدىن ماراشلىرى  ئاخپىرات ۋاستىللىرى  تەرىپىدىن بايقىلىپ قىلىپ بوسكىسقا ئارتىس دىگەن نامنى بىرىدۇ ،ئەينى ۋاقىتتا بوسكىس ئاران 21ياش ئىدى  .

5-ئورتىگا
                                                                     
2002-يىللىق كورىيە-ياپۇنىيە دۇنيا لوڭقىسىدا  ئارگىنتىنا  كۇماندىسى بىلەن  شىۋىتسىيە كۇماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە  كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ۋاقىتتا شىۋىتسىيە كۇماندىسى  ئىختىيارى توپ تىپىش پۇرسىتىگە ئىرىشىدۇ ۋە بۇ توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزىدۇ  ،شۇنىڭ بىلەن  شىۋىتسىيە كۇماندىسىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى غەلبىگە بولغان  ئىشەنچىسى تىخىمۇ ئاشىدۇ ، بىراق ئارگىنتىنا كۇماندىسىمۇ  بۇشاشماي  قارشى تەرەپكە بىسىم قىلىدۇ  ، شۇ ۋاقىتتا  ئارگىنتىنا توپچىسى  ‹‹كىچىك تەخەي›› دەپ نامى بار  ئورىتىگا  توپنى قارشى تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايۇنىغا ئىلىپ كىرىدۇ  شۇ ۋاقىتتا قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىيەچىسى  ئۇنى مۇداپىيە قىلماقچى بولغاندا ئورتىگا پۇتلىشىپ يىقىلىپ كىتىدۇ ،باش رىپىر  ئارگىنتىنا كۇماندىسىغا  نوقتا توپ بىرىدۇ ۋۇ بۇ توپنى كىرگۈزۈپ نۇمۇرنى تەڭلەشتۇرىدۇ  ، مۇسابىقىدىن كىيىن  تىلۋىزوردىكى ئاستا كۆرۈنۈشتىن  ئورتىگانىڭ يىقىلىشى يالغان يىقىلىش دەپ ئىسپاتلىنىدۇ.
6-كانو
                                                                 
2004-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە  ئارسىنال 2-0 ئاستۇن ۋىللا  .
كانو توپنى قارشى تەرەپنىڭ چەكەنگەن رايۇنىغا ئىلىپ كىرگەندە قارشى تەرەپ مۇداپىيىچىسى تەرىپىدىن  توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ بىراق بۇ نىگىرىيەلىك  توپچى ئۇستادلىق بىلەن  بىرمەيدان سۇغا سەكرەش ئۇيۇنىنى ئويناپ چىقىدۇ   باش رىپىر ئارسىنال كۇماندىسىغا  نوقتا توپ ئىلىپ بىرىدۇ  ،بۇ توپنى ھىنرى ئۇرۇپ كىرگۈزىدۇ  ، مۇسابىقىدىن كىيىن ئەنگىلىيە ئاخپىرات ۋاستىللىرى  كانونىڭ بۇ يىقىلىشىنى  يالغان يىقىلىش دەپ  خەۋەر بىرىدۇ  .
7-رىۋالدو
                                                            
   كورىيە -ياپۇنىيە دۇنيا لوڭقىسىدا  بىرازىلىيە بىلەن ئىنگىلاد مۇسابىقىدە  بىرازىلىيەلىك  بۇ پۇتبۇل ئەپەندىسى  كىشى ئويلاپ باقمىغان يالغان يىقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ  . بۇ مۇسابىقىدە بىرازىلىيە  ئىنگىلادنى مەغلۇپ قىلىدۇ .

8-نىۋىللى
                                                            
2004-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى  ئىنگىلاد ئۇيۇشما لوڭقىسى  مۇسابىقىدە  مانچىستىر بىرلەشمىسى ساھىپخان مەيداندا   مانچىستىر شەھرىنى  4-2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىدۇ  ، مۇسابىقىدە نىۋىللى يالغان يىقىلىدۇ   ۋە رىپىر تەرىپىدىن جازالىنىدۇ.
9-دىئوف
                                                               
  2002-يىللىق كورىيە- ياپۇنىيە  دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە   ئۇرۇگۋاي بىلەن سىنگال كۇماندىسى مۇسابىقە ئوينايدۇ  ، ھەر ئىككى تەرەپ ئۈزۈن ئىيتقاندا  بۇ مەيدان مۇسابىقە  ئىنتايىن مۇھىم مۇسابىقە ھىساپلىنىدۇ ،ئۇرۇگۋاي ئۈچۈنمۇ ھىچقانداق بىر چىكىنىش يۇلى يوق ئىدى  ،ئالدىنقى يىرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 19-مىنوتىدا سىنگال كۇماندىسىنىڭ ئارقا مەيدانىدا   ئۇرۇگۋاي كۇماندىسىنىڭ بىكى پائول مۇنتىرو توپنى چەكلەنگەن رايۇندا توپنى  تارتقۇزۇپ قۇيىدۇ  ئۇرۇگۋاي كۇماندىسىنىڭ ۋاراتارى كارىنى قارشى تەرەپنىڭ بۇ توپىنى ئۇرۇپ چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندا  دىئوف پۇتلىشىپ يىقىلىپ كىتىدۇ باش رىپىر كارىنىغا سىرىق كارتا بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بىرىدۇ  ، فادىگا  نوقتا توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزىدۇ   ، مۇسابىقدىن كىيىنكى تىلۋىزوردا ئاستا كۈرىنىشىدە   دىئوفنىڭ بۇ يىقىلىشى  يالغان يىقىلىش ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ  ، كارىيانىنىڭمۇ  دىئوف بىلەن ھىچقانداق سۇقۇلۇش يوقلىقى مەلۇم بۇلىدۇ  .

10-خاگى
                                                              
2000-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە  رومىنىيە كۇماندىسى بىلەن ئىتالىيە كۇماندىسى  مۇسابىقە ئوينايدۇ  ، مۇسابىقىدە  خاجى بىر مەيدان تىراگىدىيە  يۈز بىرىدۇ  مۇسابىقىدىن كىيىن خاجى  ئۆزىنىڭ يالغان يىقىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدۇ  ، ئەگەر يۇقارقى  تىراگىدىيەلەرگە قىزىقسىڭىز تۈۋەندىكى ۋىدىيوغا  دىققەت قىلىڭ  .
بۇنىڭدا ئىنزاجىنىڭمۇ سۇغا سەكرىشى بار     
                                                   
                                                   

                                   
  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 23:34:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوۋۋىن يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 10:53
يالغان يىقىلىشقا نېيمار ھەممىدىن ئۇستىمكىن دەيمە

رونالدودىن ئۇگۇنۇپ قالغان ئوخشايدۇ ئۇمۇ رونالدودەك بولغاندا ئوڭشىلدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 11:35:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-17 20:30:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىلەش چىقمىدىغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-17 16:15:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زېرەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 16:19  
روھلۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 23:34
سىن كورنۇشى بولسا يوللىمامسىلە ئېسپات بىلەن قىنى ؟ ھە ...


نەچچە قېتىم يوللاپ كەتتىم، يەنە يوللىسام سەت تۇرمىسۇن

مۇشۇ ئىنكاسىمدا قىستۇرۇپ قويۇپتىكەنمە.
كىرىستىئانو رونالدونىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى قالپاق ئويۇنى
/forum.php?m ... 2&fromuid=10264
(مەنبەسى: پۇتبول كۇلۇبى)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 11:42:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 11:58  
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 11:32
يۇقارقى كۆز قاراشلىرىغا كىچىككىنە كۆز قارىشىم.

- مىلد ...


  دېگەنلىرىڭىز توغرا بولدى... لېكىن، يۇقارقى تىزىملىكتە ئىنزاگىچىلىك داڭق قازىنالمىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرمۇ ئېنتىر مەستانىسى يوق ئوخشايدۇ بۇ مۇنبەردە...
   ئەمەلىيەتتە، مەن سىزگە كۆرۈشكەندە دېگەندەك رونالدو بىلەن مېسسى بىزگە ھەم زور خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى، ھەم پۇتبولنىڭ بۇرۇنقى قىزىقىنى يوق قىلدى...
   10 يىل مۇقەددەم: ئىنزاگى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە 20 نەچچە توپ ئۇرۇپتۇ، شېۋىچىنكو 24 توپ ئۇرۇپتۇ دېسە ۋۇجججۇ، قانداق ئۇرغاندۇ دەپ، توختىماي ھېسابلاپ ھەيران قالتتۇق. ھېنرى، ۋان نىستېلروي، كېرىسپو، تېرىزىگوت، رونالدو، پىئېرو قاتارلىقلارنىڭ ئېگىز - تۆۋەنلىكىنى ئايرىغىلى بولمايتتى، ھەممىسىنىڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ سانى ئاساسەن ئوخشايتتى، بىراق ئۇلارمۇ شۇ 20 - 30 توپنى ئاران ئۇرۇپ يۈرەتتى.  ھەي، گۈزەل چاغلار ئىدى. مادرىدتا چولپان كۆپ بولغىنى بىلەن مۇسابىقىدە داۋاملىق ئۇتىمەن دېيەلمەيتتى، چېمپىيونلۇق ئۇلاردىن يىراق ئىدى، بارسېلونا پاسنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئوينايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا كوماندىلار بىلەن پەرقى چوڭ ئەمەس ئىدى. مىلان، ئېنتىر، يۇۋېنتۇس ئىتالىيەنى بېشىمغا كىيىمەن دەپلا كىيەلمەيتتى... ئىنگىلاند كۇلۇبلىرىنىڭ پەرقىمۇ چوڭ ئەمەس ئىدى...   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 01:04:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 01:05:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىگجان ئىككىمىزخىيالى ئۇزغۇنلۇقتا رەقىپلەردىن بوپقاپتۇق قانداق قىلامىزھە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-16 01:06:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىتار يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 01:04
تىراگىدىيە دىسە ئاجايىپلا تۇردىكەن، رىۋالدونىڭ ئويىن ...

تۈركىيەنىڭمۇ بار كورنىر رايۇنىدىكى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 01:07:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىگجان ئىككىمىزخىيالى ئۇزغۇنلۇقتا رەقىپلەردىن بوپقاپتۇق قانداق قىلامىزھە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-16 01:08:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laqin1 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 01:05
بىلىگجان ئىككىمىزخىيالى ئۇزغۇنلۇقتا رەقىپلەردىن بوپق ...

بارىسلونا بىلەن مانچىستىردەكلام بولدۇق دەڭلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 01:12:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگىيار يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 01:08
بارىسلونا بىلەن مانچىستىردەكلام بولدۇق دەڭلا

مىنى بەك قىرغىن قىلۋەتمەيرەك يىڭىۋالاسىلە ھە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-16 01:15:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laqin1 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 01:12
مىنى بەك قىرغىن قىلۋەتمەيرەك يىڭىۋالاسىلە ھە.

قىرغىن قىلالىلىساملام ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 01:38:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قېتىم دۇنيا لوڭقىسدا ئېنگىلاندىنىڭ دۇنيالوڭقىسى سەپىرنى ئاياغلاشتۇرشىغا چوقۇم قارشى تەرەپ ئەزاسى سەۋەپچى بولىدۇ خۇددى 98يىلدىكى سىمونى 2006يىلدىكى رونالدو 2010يىلدىكى،رىپىر 2014يىلدىكى خوچسىن قاتارلىقلار.
ئوۋېىن يقىلغان نۇقتا توپنى بېكخام بەك پەيزى ئۇرۇپ كىرگۈزدىغۇ دەيمەن ئارگېنتىنادىن ئۆچىنى بىرقلا ئاپتىكەن.
ئەڭ قالتىس سۇغا سەكرىگۈچى ئارۋېس قىپ قاپتۇ.
ئارۋېسنىڭ ئاشۇ قېتىملىق سۇغا سەكرىشدىن كېيىن مەم سۇغا سەكرەپ بولۇپ ئۆزىنى زەمبىلگە سالدۇرغاننى كۆرۈپ باقمىدىم.ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ كۆرمىگەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 01:42:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسا توپچىلىرى گوسۇمبۇل بارۋاقتىدا دەششەت سەكرەپ قۇياتتى لىكىن ئۇتاز كىتىپ ئوڭشىلىپ قالدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 01:43:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنگىلىيلىكلەرگە نىسبەتەن ئىيتقاندا  فىرانسىيەدەك  ‹‹  يىقىن  ›› دۆلەتتە    ئوينىغان مۇسابىقىدە ئارگىنتىنالىقلار    ‹‹ ئويۇن قويۇپ ›› ئۇتۇپ كەتكەن   ، تارىخىي زىدىيەتلەر  ھەم  بۇلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ     ئۇلارغا نىسبەتەن  ‹‹ئۆچ ئىلىش ›› نىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ئىدى   بۇ قىتىمقىسى
  .   
شۇڭلاشقىمىكىن  ،  ئوۋىن   مۇسابىقە باشلانماي تۇرۇپلا       ئۆز  مۇدىئاسىنى  قىلچە يوشۇرماستىن   ئوچۇق ئاشكارىلا   ئىپادىلەۋەرگەن .  ‹‹ كىم ماڭا تىگىپلا كەتسە يىقىلىمەن ›› دىگەنغۇ دەيمەن ئىسىمدە قىلىشىچە .        

بىچچارە  باتىستۇتانىڭ يىغىسى ھازىرغىچە  ئىسىمدە .

كورىيە - ياپۇنىيە دۇنيا لوڭقىسى  مۇسابىقىسى    ‹‹ رىپىرلار  كىرزىسى ›› گە توشقان بىر ئايغۇ  ئۇ .     شۇ چاغدىكى  ھۇجۇمچىلار    چەكلەنگەن رايۇنغا كىرۋالسىلا   كۆپرەك  مۇنۇ  ئۈچ خىل ھۆنەرنى ئىشقا سالاتتى
1 . ۋارتارغا ئۇرۇش  
2 . پاس بىرىش  
3 . يالغان يىقىلىش  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 02:18:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتالىئاشمىسام ئارسېنالنىڭ ئاۋۇ ۋەقەسى 2003-يىلىغۇ دەيمەن  2013 ۋان پىرىس ۋە ھېنرىچاقلار  ئارسېنالدىن تۇزۇپ بولغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-29 19:20

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش