تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 24309|ئىنكاس: 343

بارسېلونا نېمىشقا خەلىقنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندى ؟؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

pazza inter amala

311

تېما

1

دوست

7141

جۇغلانما

مۇنبەر تۆھپىكارى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  7982
يازمىسى: 7141
نادىر تېما: 14
ياۋرۇ: 10055988
تۆھپە: 322
ۋاقتى: 1252
h
ھالەت

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىنتىر لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-25 18:15:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.كىم بارسېلونانى دۈشمەن دەپ قارايدۇ ؟
    بارسېلونا دۇنيادىكى داڭلىق زەردار كۇلۇبنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ،ئەمما بۇ بارسېلونا كوماندىسىنى نۇرغۇن توپچىلار،مەشقاۋۇللار،مەستانىلەرنىڭ ھەممىسى تىللايدۇ،ھەم بارسېلوناغا ناھايىتى ئۆچ،تاشقى مۇھىتتىن قارىغاندا ئاشۇ خەلىق « ئۆچ » بولغان بارسېلونا زادى قانداقتۇ ؟؟؟؟؟؟؟
   توپچىلار قاتتىق ئەيىبلەيدۇ: مەيداندا ئويۇن قۇيۇشقا ئامىراق!مەيدان سىرتىدا باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ!
        
      گەرچە بارسېلونا دۇنياغا داڭلىق زەردار كۇلۇب بولسىمۇ،ھەر قانداق بىر پۇتبول توپچىسى بارسېلونانىڭ مەيداندىكى ئاشۇ يالغان ئويۇن قۇيۇشلىرىنى ئەيىبلىمەكتە،موتتا،ئادېبايورلار ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقىغا ناھايىتى نەپرەتلىنىدۇ.بۇسكېسنىڭ ئىنتېر بىلەن بولغان مۇسابىقىدە يالغان يىقىلىپ ئارقىدىن يوشۇرۇنچە قاراپ موتتانىڭ قىزىل كارتا يىيىشىگە سەۋەبچى بولغانلىقى،ئارۋېسنىڭ 180 گىرادۇسلۇق ئايلىنىپ پې پېنى تەپتى دەپ يالغان يىقىلىشلىرى بارسانىڭ نۇرغۇن شەرەپلىرىگە داغ ئېلىپ كەلمەكتە.نۇرغۇن توپچىلار بارسا بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كېيىن: بارسېلونا توپچىلىرى ئويۇن قويۇشقا ئامراق،بىرلا تىگىپ قويسىمۇ خۇددى ئوق يىگە بۆكەندەك يىقىلىشىتن باشقىنى ئۇقمايدۇ....
     مەيداندا ئويۇن قويۇشتىن سىرت،بارسېلونا توپچىلىرى مەيداننىڭ سىرتىدا باشقىلارنى بەك كۆزگە ئىلىپ كەتمەيدۇ،تېخى بۇمۇ يەتمىگەندەك بارسا داڭلىق سەنئەتچىسى بۇسكېس مادىرىد توپچىسى مارسېلونى تىللاپ مايمۇنغا ئوخشاتقان،ھەم پېكمۇ نوكامپۇدا مادىرىدنى 0 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن ئۇتقان مەيداندا 5 بارمىقىنى چىقىرىپ قارشى تەرەپنى ھاقارەتلىگەن،ئەمما ئۇ نەق مەيداندا پۇيولنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان،خەقنى كۆزگە ئىلمىسا خەق ئۇنى كۆزگە ئىلارمۇ ؟؟؟؟

  ئەگىتمە گەپ بىلەن مەسخىرە قىلماق: مەيداندا رىپىرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئۇچرايدۇ،مەيدان سىرتىدا بولسا ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئۇچرايدۇ!!
        
   2008-2009-پەسىلدىن كېيىن بارسېلونا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم ئالاھىدىلىكى بولدى، گەرچە رونالدىنخو،ئېتتو دەۋىرلىرىدە ئوخشاش كۈچلۈك بولسىمۇ،ئەمما بۈگۈنكىدەك ئويلىمىغان دەرىجىدە كۈچلۈك بولمىغان،نۇرغۇن پۇتبول ئەربابلىرى بارسېلونانىڭ رىپىرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئۇچرىغانلىقى،ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە  ئۇچرىغانلىقى،ئىسپانىيە پۇتبول جەمىيىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئارقا ئارقىدىن كۆرسىتىپ بەردى.
   بۇنىڭ ئىچىدە لوڭقا تەلۋىسى مۇرىنىئومۇ بار،ئۇ مادىردقا كەلگەندىن باشتىن ئاخىرى بۇنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە،يەنى « 10 دە 11 ئويناپ مەن ئەزەلدىن بارسېلوناغا يېڭىلىپ باقمىغان»مانا بۇ جۈملە سۆز نىڭ تەسىرى زور ،ئارسېنال مەشقاۋۇلى ۋېنگىرمۇ ئۇزغانلىقتا بارسېلونا بىلەن چۈشكەندە رىپىرنى قاتتىق ئەيىبلىگەن،2008-2009 پەسىلدە بارسېلونا مېھمان مەيداندا چېلسى بىلەن ئوينىغاندا يېقىنقى 5 يىلدىن  بۇيان ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن خاتا پۈشتەك چېلىنغان مۇسابىقە بولدى،بۇ مەيداندا زىيان تارتقىنى چېلسى،ئەكسىچە  قاتتىق پايدا ئالدىنى يەنە شۇ بارسېلونا بولدى.....

مەستانىلەرنىڭ شىكايىتى:كىشىنى زېرىكتۈرىدىغان يىقىلىشى ۋە زېرىكتۈرىدىغان پاس بەك كۆپ،ئېستېتىك ھارغىنلىق!
      
   بارسېلونانىڭ توپ كونتىرول قىلىپ ئويناش ئۇشلۇبى بۇ يەر شارىدا پەقەت بىرلا،بۇ پەسىل بارسېلونانىڭ ئۇزغانلىق ۋە بىرلەشمىدە ھەر بىر مەيداندا تەخمىنەن 70% توپ كونتىرول قىلغان،ئەمما مەسىلە بۇ يەردىمۇ بار،يەنى كىشىنى زېرىكتۈرىدىغان پاس ۋە يىقىلىش !!!  شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن مەستانىلەر بارسېلونانىڭ مۇسابىقىسدىن رايى يانغان.بۇنداق بەك پۇختا ئويناش،قاينات ھېسسىيات بولمىغان ئۇسلۇب ئېستېتىك ھارغىنلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،بارسېلونا شۇ سەۋەبتىن مەستانىلەر تەرىپىدىن «زېرىكىشلىك كوماندا »دەپ ئىسىم قويۇلغان،يەنى نومۇر ئالدىدا بولغان داۋاملىق توپ كونتىرول قىلىپ،كىشىنى زېرىكتۈرىدىغان پاسلار ئارقىلىق ۋاقىت سوزغان،بۇ ئارقىلىق مەستانىلەرنىڭ ئۇيقۇسى كېلىپ كەتكەن......
    ئەمەلىيەتتە بارسېلونانىڭ بۇ Tiki-Taka ئوينىشىدىكى مۇئامىلىسى باشلىنىشتا ماختاشقا ئۇچرىغان،مەستانىلەر بارسېلونا ئۈستىدىن سەنئەت پۇتبولىنى بايقىغان،ئەمما ۋاقىتنىڭ سوزىلىشىغا ئەگىشىپ بۇ ئۇسلۇب كىشىلەرنىڭ زېرىكىشىگە ئۇچرىغان،ئۇلار بارسېلونانىڭ ھەر بىر مۇسابىقىلىرىدە قەتئىي ئۆزگىرىشنىڭ يوقلىقىنى بايقىغان،داۋاملىق مۇشۇنداق زېرىكىشلىك قىسقا پاسلار ئارقىلىق ، شاۋى ۋە ئىنېستانىڭ بىر ئۇزۇن پاس بېرىشى بىلەن ئالدىدىكى ئاتالمىش MVP تۈزۈلمىسى مۇشۇنىڭغا تايىنىپ نومۇر ئالغان............

2.بارسېلونا نىمىشقا ئومۇمىي خەلىقنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ ؟؟؟
    شامالنىڭ ئالدى بىلەن ئېگىز دەرەخكە تېگىشىنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىش
        
   رونالدو بارسېلونانىڭ مۇشۇ 15 يىل جەريانىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى،مارادونامۇ مېسسى بار بولغان بارسېلونانىڭ خانلىق مادىرىدنى خىلى زامان ئوينىتالايدىغانلىقىى بىلدۈردى،بارسېلونانىڭ كۈچلۈكلىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى قايىل قىلدى،شامالنىڭ ئىگىز دەرەخكە تېگىشىنىڭ تەسىرىدە ، بارسېلونانىڭ كۈچلۈكلىكى، رەقىب ئىزدەشكە تەس بولغان ھەم يەنە نۇرغۇن ھەسەتخورلۇقلارنى قوزغىغان.
    بۇنداق كۈچلۈك بولغان بارسېلونا ئەلۋەتتە باشقا كوماندىلارنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ.مىلان تەنتەربىيە گېزىتى بىلدۈرۈپ،ACمىلان ،رىم ۋە يۇۋېنتۇسلارنىڭ ئەڭ قورقىدىغان دۈشمىنىنىڭ بارسېلونا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى،بارسېلونا مەستانىلىرىمۇ ئۆز كۇلۇبىنىڭ ھېچكىم تەرىپىدىن يوقىتالمايدىغانلىقىنى كۆز كۆز قىلماقتا ئىدى.

كوماندىدا كىنو ئارتىسلىرىنىڭ ئارقا ئارقىدىن بارلىققا كېلىشى بۇ كوماندىنىڭ شەرىپىنى بۇلغىماقتا ئىدى!!
           
   «لامانسىيە ئارتىسلار لاگىرى»...... بارسېلونا مانا بۇ لەقەمگە موككىدە ئولتۇرماقتا ئىدى،پۇيول،خاۋى،ئىنېستا ۋە مېسسى بۇ 4 داڭلىق لامانسىيە لاگىرىدىن چىققان شۇمتەكلەردىن ھېچقانداق ئارتىسلىقنى كۆرگىلى بولمايدۇ،ئەمما بۇسكېس ۋە پېدرو قاتارلىق بۇ ئىككى لاماسىيەلىقتىن ئارتىسلىققا دائىر ھەر قانداق بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ.ھەم يەنە ئەمدى ئارتىسلىقنى ئۆگىنىۋاتقان شاگىرت ئارۋېسنىڭ ئۈستىدىن بۇ ئارتىسلىق مانا مەن دەپلا چىقىپ قالماقتا ئىدى.مەستانىلەر ئۇتتۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ،ئەمما ئادىل بولمىغان ئىشلارغا چىدىيالمايدۇ.
   يىغلاشقا ئامىراق بالا ھامىنى ئىچىدىغان سۈتكە ئېرىشالايدۇ،بارسېلونامۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش . بارسېلونامۇ بەدەن ئۇچرىشىشتا زىيان تارتىشى مۇمكىن،ئەمما قارشى تەرەپنىڭ بەدەن ئۈستۈنلىكىدىنمۇ پايدىلىنىپ ئارتىسلىقنى جارى قىلدۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن بارسېلونا توپچىلىرى بەدەن ئۇچرىشىشقا ئۇچراپ قالسىلا قاتتىق ۋارقىراپ يېتىۋېلىش ئۇلارنىڭ كۈندىلىك داستىخىنىغا ئايلىنىپ كەتتى.

رىۋايەتتىكى « ئاتاق دادا ئەندىزىسى» ئۈستىدە بەس مۇنازىرە قىلىش!!
         
   رىۋايەتتىكى ئاتالمىش « ئاتاق دادا ئەندىزىسى»گە نىسبەتەن تولۇق بولغان ئىسپات يوق،ئەمما بارسېلونا ھەر بىر مەيداندا بۇنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئۇچرىماقتا،بۇ ئىشقا قارىتا نۇرغۇن كوماندىلار رازى ئەمەس،ئالغان پايدا نەپلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىىشپ،كىشىلەر ياۋروپا پۇتبول جەمىيىتىدىن گۇمانلانماقتا،بارسېلونا راستىنلا ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئۇچراۋاتامدۇ قانداق ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟    بىردىنلا بارسېلونا ناچار ۋاقىتقا دۇچ كەلسىلا ناھايىتى تېزلا « كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۇچراش »دىگەن بۇ قالپاقنى كىيىۋالىدۇ.مەستانىلەر كوماندىسىنىڭ ئۇتتۇرىشىغا رازىكى،ئەمما ئادىل بولماسلىققا رازى ئەمەس.
    ئەمەلىيەتتە،ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رىپىرنىڭ پۈشتەك چېلىشىغا قويغان تەلىپىدىكى ئۈمۈدى بولسا  ھۇجۇم پۇتبولىنى قوغداش ئىدى،ئەمما بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇلار بارسېلونانىڭ تېخنىكا پۇتبولىنى قوغداپ كەتتى،بەزىبىر ئامىلار بۇنى ئىسپاتلاپ كېتىپ بارىدۇ..... بىر ئىشنى دىمىسەك قەتئىي بولمايدۇ،مەيلى چېلسى،ئىنتېر ۋە 3 ئارقا بەل ئىشلىتىۋاتقان خانلىق مادىرىدلار  ۋەكىل بولۇۋاتقان مۇسكۇل پۇتبولى دائىم بارسېلونا بىلەن ئۇچراشقاندا ھامىنى يەپ قالىدىغىنى ئاتالمىش « تېخنىكا پۇتبولىنى قوغداش »بولۇپ قالماقتا.

3.بارسېلونا ئۆزگىرىشكە مۇھتاجمۇ ؟؟؟
  بارسېلونا ئۆزگىرىشكە مۇھتاجمۇ ؟؟؟؟؟؟
ئۆزگىرىش : مەيداندىكى ئارتىسلىقىنى تۈگىتىش،مەيدان سىرتىدا باشقىلارنى ھۆرمەتلەش!!
   گەرچە بارسېلونا خىلى كۆپ ۋاقىتتا ناھايىتى چىرايلىق ئوينايدۇ،ئەمما توپچىلار يالغان يىقىلىشقا ئامىراق،دائىم قاتتىق ۋارقىرايدۇ!!! شۇڭلاشقا بارسا چوقۇم ئۆزگىرىشى كېرەك،مۇشۇنداق نۇقتىلارنى ئۆزگەرتكەندە بارسېلونا ئاندىن بىر تېخىمۇ ھۆرمەتكە ئېرىشىدىغان كوماندا بولالايدۇ.... مەيدان سىرتىدا بارسېلونا باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەك،بارسېلونا باشتىن ئاخىرى بىز ھەر قانداق بىر كوماندىنى ھۆرمەتلەيمىز دىگەن بولسىمۇ،ئەمما بارسا توپچىلىرىنىڭ قىلىقلىرى بارسېلونانىڭ ئۇ گەپلىرىگە بى ئوسۇرۇق قايتۇردى خالاس،پېكنىڭ 5 قولىنى چىقىرپ ھاقارەتلەش تۈسىنى ئالغان قىلىقى،بۇسكېسنىڭ مارسېلونى تىللىشى  قاتارلىقلار بۇنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا......

ئۆزگەرمەسلىك : ھەشەمەتلىك ، چىرايلىق،سەنئەت پۇتبولىنى داۋاملاشتۇرۇش !!!
   بۇرۇندىن تارتىپ چىرايلىق،ھەشەمەتلىك ئوينالغان ئۇسلۇبنى ھەممە كىشىلەر ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇسلۇب دەپ ياختۇتۇپ كەلمەكتە،بارسېونانىڭ ئوينىشى بۇنىڭغا چۈشۈپ  قالىدۇ،بارسا توپچىلىرىنىڭ ئۇزۇن پاسلىرى،يۈگۈرۈشلىرى،كوللىكتىپچانلىقى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا،بۇ پەسىل بارسېلونا بىرلەشمىدە 89 توپ ئۇردى،ئۇزغانلىقتا 27 توپ ئۇردى،نەچچىمۇ يىللىق تىرىشى ئاستىدا بارسا ئاخىرى بۇ ئارزۇيىغا يەتتى،بارسانىڭ Tiki-Taka ئۇسلۇبى بىزگە كۆرسىتىپ بەرمەكتە ئىدى.بىز مانا بارسېلونانىڭ مۇشۇ چىرايلىق ئۇسلۇبلىرىنىڭ داۋاملىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز !!!!!
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
dilhux + 25 بارىكاللا ...
Яiwαyat + 10 ئەجىرلىك تېما

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 35   باھا خاتىرىسى

كېچە قاراڭغۇ ، ئاسمان چوقۇم كۆك !

سەن بىزنىڭ قەھىر

50

تېما

15

دوست

826

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  145
يازمىسى: 825
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 88458
تۆھپە: 160
ۋاقتى: 498
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-25 18:25:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا!  ئالىي مەكتەپ ئېمتھاننىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپتۇ باللا!!   ياخشى تەھلىل بوپتۇ!

ئۇيغۇر بىز

5

تېما

4

دوست

817

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  2533
يازمىسى: 817
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 693
تۆھپە: 202
ۋاقتى: 789
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-25 18:28:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن .
   دېمىسىمۇ راست بۇ باسانىڭ بەزى يالغان يېقىلىشلىرى مۇسابىقە نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە .  
    قاچانمۇ تۈگەر بۇلارنىڭ يالغان يېقىلىشلىرى     

ياق ياق ، تاش ئال

26

تېما

0

دوست

2136

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  7964
يازمىسى: 2136
نادىر تېما: 4
ياۋرۇ: 9847663
تۆھپە: 191
ۋاقتى: 979
h
ھالەت

مىلان لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-25 18:31:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېچقانداق يېتەرسىزلىكى يوق توپچىلار بولۇشى كېرەك دەيدىغان گەپ بولسا قىزىق پاراڭكەن بۇ .

ئەينى ۋاقىتتا بارسىلونا بەك كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن بارسا بىلەن خوشۇم يوق دېسەم بىرنەچچە مادىرىتتىكىلەرنىڭ شىرەم تۇغقانلىرى ھاقارەتلەپ كەتكەنتى ، قارىسام ئۇنداقلار مەنلا ئەمەسكەنمەن !~~!
كۆتۈرەلمىسەڭ غــــــــــــــــــــــت قــــــــــــــــــــــس  !~~~~!

challenge yourself

9

تېما

0

دوست

787

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9277
يازمىسى: 787
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 46638
تۆھپە: 357
ۋاقتى: 586
h
ھالەت

ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش بايرىن لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-25 18:35:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدىنىخوغا ئامراق بولغاچ شۇ 2004-2008 يىللاردا  بارسا تەرەپدارىتىم.ئەمما شۇ رونالدىنىخونىڭ ئىشىدا بارسا بەك ئوساللىق قىلىپلا بىر  نەزىرىمدىن چۈشۈپ كەتتى.كىيىن تور يۈزىدا كۆرەڭ، ھاكاۋۇر  بارسا فەنلىرىنى جىق كۆرۈپ كىتىپ بۇ كوماندا بىلەن تېخىمۇ خوشۇم قالمىدى. كىيىنكى سەۋەپ بارسا بىلەن خوشۇم يوقلىىقىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبىغۇ دەيمەن. كوماندا ئۆزى يامان ئەمەس كوماندا بولمىسا.
challenge yourself

_ زەردارلارنىڭ ئەركىسى ‘ بارسى

24

تېما

0

دوست

441

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9210
يازمىسى: 441
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 2350685
تۆھپە: 132
ۋاقتى: 172
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-25 18:37:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغان يىقىلىش دىگەننى قىلالىغان ئادەم قىلىدۇ، رونالدونى 假摔得点球网 دەپ بىكا دىمەيدۇ، مارسىلومۇ ئۇزغۇنلۇقتا كىلوچنى قىزىل يىگۈزۈپ قانداق خوش بولىدۇ،ھەر بىر پۇتبولچىنىڭ مەخسىتى شۇ بىرلا،ئۇ بولسىمۇ كۇلۇبىنى نەتىجىگە ئىرىشتۈرۈش ............

pazza inter amala

311

تېما

1

دوست

7141

جۇغلانما

مۇنبەر تۆھپىكارى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  7982
يازمىسى: 7141
نادىر تېما: 14
ياۋرۇ: 10055988
تۆھپە: 322
ۋاقتى: 1252
h
ھالەت

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىنتىر لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-25 18:47:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى gunasizدە2011-07-25 18:37يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
يالغان يىقىلىش دىگەننى قىلالىغان ئادەم قىلىدۇ، رونالدونى 假摔得点球网 دەپ بىكا دىمەيدۇ، مارسىلومۇ ئۇزغۇنلۇقتا كىلوچنى قىزىل يىگۈزۈپ قانداق خوش بولىدۇ،ھەر بىر پۇتبولچىنىڭ مەخسىتى شۇ بىرلا،ئۇ بولسىمۇ كۇلۇبىنى نەتىجىگە ئىرىشتۈرۈش ............
سىزنىڭچە ئاشۇ يالغان يىقىلىشنى قىلالىغانلىقما ؟؟؟؟؟؟
كېچە قاراڭغۇ ، ئاسمان چوقۇم كۆك !

چۇقانلىق پۇتبول!

2

تېما

0

دوست

50

جۇغلانما

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9302
يازمىسى: 50
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 62
تۆھپە: 300061
ۋاقتى: 19
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-25 18:50:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا ئەڭ خوشوم يوق كوماندىدىن ئىككىسى بولسا:ئىككىنجىسى بارسىلونا!بىرىنجىسىمۇ بارسىلونا بۇلار مۇسابىقە ئوينىسا چۇقان چىقمايدۇ ساپلا ئىڭرىغان ئاۋازلار

ــــــــــــــــــــــــــــــ

19

تېما

0

دوست

1028

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8994
يازمىسى: 1028
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 214669
تۆھپە: 317
ۋاقتى: 1460
h
ھالەت

مانچىستىر لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-25 18:51:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە.بارسا چوقۇم بىركۈنى،تەخىتتىن چۈشىدۇ.

ئويۇن تىخى ئالدىمىزدا.......

50

تېما

0

دوست

3918

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  3523
يازمىسى: 3918
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 791643
تۆھپە: 505
ۋاقتى: 975
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى 3 - لىك لوڭقىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-25 18:58:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بارسا بۇ يالغان يىقىلىش ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ، ھامان بىر كۈنى تەخىتتىن چۈشىسەن ئۇنچە كۆرەڭلەپ كىتىشما ئارتىسسسسس.....................

ئويۇن تىخى ئالدىمىزدا.......

50

تېما

0

دوست

3918

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  3523
يازمىسى: 3918
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 791643
تۆھپە: 505
ۋاقتى: 975
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى 3 - لىك لوڭقىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-25 19:06:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى چۇقاندە2011-07-25 18:50يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
دۇنيادا ئەڭ خوشوم يوق كوماندىدىن ئىككىسى بولسا:ئىككىنجىسى بارسىلونا!بىرىنجىسىمۇ بارسىلونا بۇلار مۇسابىقە ئوينىسا چۇقان چىقمايدۇ ساپلا ئىڭرىغان ئاۋازلار
مۇنبەرگە يىڭى كەپسىزدە؟  قارشى ئالىمىز مادرىد سىپىگە قوشۇلغانلىقىڭىزنى

ئەپچىللىك+ تىزلى

67

تېما

0

دوست

197

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9305
يازمىسى: 197
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10050008
تۆھپە: 152
ۋاقتى: 131
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-25 19:19:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دونا ئوكام قارىغاندا سىز مادرىتنىڭ مەستانىسى ئۇخشايسىز -ھە قارىسام بارسىلۇنا مادرت مەستانىلىرىنىڭ غەزىپىگە بەكرەك ئۇچىرغان ئۇخشايدۇ مۇرىنخۇمۇ بىر بىرىرىدىن تالانىتلىق ھەم پوللۇق چۇلپانلارنى سىتىۋىلىپ يەنە چىمپىيۇن بۇلالمىدى ئەگەر گوادىئۇلادا مۇشۇنداق چۇلپانلار بۇلغان بۇلسا بۇ كەمگىچە خان مادرت مەستانلىرى ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۋالغان بۇلاتتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )