بېرنابۇ يوللانغان ۋاقتى 2013-4-18 01:11:38

تېما-ئىنكاسلارغا رەسىم قىستۇرۇش [دەرىسلىك]

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-4-18 01:17

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى جامائەت، ھەممىڭلارغا كەمىنىدىن ئوتلۇق سالاملار يەتسۇن!
مۇنبىرىمىز تېمىلىرىنىڭ سەرخىللىقى، ئەزالىرىنىڭ كۈندىن-كۈنىگە زورىيىشى بىلەن ھازىرقى نۆۋەتتە ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ قىزغىن مەخسۇس پۇتبول مۇنازىرە مۇنبىرى بولۇپ شەكىللەندى. شۇ جەريانلاردا نۇرغۇنلارنىڭ يېڭىدىن ئەزا بولۇپ كىرىشى، مۇنبەر سېستىمىسىنىڭ قايتا-قايتا يېڭىلىنىشى سەۋەپلىك مۇنبىرىمىزدە تېما-ئىنكاسلارغا رەسىم قىستۇرۇش مەسىلىسى كۆپ ساندىكى تورداشلارغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلمەكتە. شۇڭا يۇقارقى قىيىنچىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ قىممەتلىك ۋاقتىمنى ئاجىرتىپ بۇ دەرىسلىكنى تۈزدۈم، كۆپچىلىكنىڭ ئېتىبارغا ئېلىپ بۇ دەرىسلىكنى ياخشى تەكرار قىلىشىنى سورايمەن.


——————————————————————————————————————————————————————



تېما-ئىنكاسلارغا رەسىم قىستۇرۇش


1.        تېمىغا رەسىم قىستۇرۇش

تېما يوللاش كۆزنىكىنى ئېچىڭ. (1-رەسىم)

1-رەسىم


تېما يوللاش كۆزنىكىدىكى «رەسىم قوشۇش» ئىقتىدار كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز تۆۋەندىكى 2-رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.

2-رەسىم


بۇ كۆزنەكتىكى «رەسىم تىزىمى» نىڭ ئىچىدىكى «ھۆججەتنى تاللاڭ» دېگەن كۇنۇپكىسىنى بېسىپ كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دېسكىسىغا قاچىلانغان رەسىم ھۆججىتىنى تاللايسىز. 3-رەسىمگە قاراڭ.

3-رەسىم


مەسلەن: مەن 桌面 دىكى real Madrid.jpg دېگەن رەسىمنى تاللاپ 打开 دېگەن كۇنۇپكىنى باسسام تۆۋەندىكى 4-رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئېچىلدى.

4-رەسىم


بۇ كۆزنەكتىكى بىز تاللىغان رەسىمنىڭ ئۈستىگە مائۇس بەلگىسىنى ئەكىلىپ بىرنى چەكسىڭىز تېما يېزىش رايونىغا رەسىمنىڭ 代码سى پەيدا بولىدۇ. (5-رەسىمگە قاراڭ). ئاندىن «مۇقۇملاشتۇرۇش» دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ مەشغۇلاتنى ئاياقلاشتۇرىسىز.

5-رەسىم



«تېما يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىزلا ئىش تامام ۋەسسالام دېگەن گەپ.
ئەسكەرتىش: رەسىملەردىكى قىزىل رامكا ئىچىگە ئېلىنغان، قىزىل رەڭدە كۆرسەتكۈچ بەلگە قويۇلۇپ رەقەم ئارقىلىق باسقۇچلىرى كۆرسىتىلگەن جايلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.



——————————————————————————————————————————————————————



2.        ئىنكاسقا رەسىم قىستۇرۇش.

بۇ باسقۇچنى ئالاھىدە سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. سىز پەقەت «ئالىي ئىنكاس» دېگەن جاينى باسسىڭىزلا كۆزنەك ۋە مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسى يۇقاردىكى «تېمىغا رەسىم قىستۇرۇش» قا ئوپمۇئوخشاش. (6-رەسىمدە ئالىي ئىنكاس شەكلىگە كىرىش كۆرسىتىلدى).

6-رەسىم




——————————————————————————————————————————————————————


ھازىرچە مۇشۇنچىلىك چۈشەندۈرۈپ تۇراي. ھەممىڭلارغا رەھمەت!
خېلى جاپا تارتتىم، كۆڭلۈڭلار بولسا ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلىپ قوبۇل قىلىمەن جۇمۇ!
باھالاپ قويارسىلەر ھە

بېرنابۇ يوللانغان ۋاقتى 2013-4-18 01:18:25

تېمىغا رەسىم قىستۇرۇش مانا مۇشۇنداق ئاددىي. ئەمدى قىلالمىسىڭىز سوراپمۇ يۈرمەي قىلالمايلا ئۆتۈپ كېتىڭ.

بېرنابۇ يوللانغان ۋاقتى 2013-4-18 01:27:15

ماۋۇ تېمىنى يورۇتۇپ قويىدىغان ئادەم يوقما؟

jabran يوللانغان ۋاقتى 2013-4-18 01:34:42

تالانتلىق مۇنبەر مېخانىك رەسسامى بېرنابو ..
ئۈگۈنۋېلىڭلار باللا ..ئۈگۈنۋېلىڭلا ...زىيىنى يوق ..

بېرنابۇ يوللانغان ۋاقتى 2013-4-18 01:36:05

مېخانىك رەسسامى؟
بۇ قانداق ئاتالغۇ؟ ئۆزەم سىزغاندەك تۇرامدىم ئاۋۇ رەسىملەرنى؟

jabran يوللانغان ۋاقتى 2013-4-18 01:58:35

بېرنابۇ يوللىغان ۋاقتى2013-4-18 01:36 static/image/common/back.gif
مېخانىك رەسسامى؟
بۇ قانداق ئاتالغۇ؟ ئۆزەم سىزغاند ...

ئۈن دىداردا گەپ قىلسا جىم تۇرۋالسىلەكەن يا ...ياكى مېنىڭ ئاۋازىم سىلگە رېئاكسىيە قىلامدۇ ؟
پېڭ يو نىڭ ھەممىسى قىزچاقلامۇ يا ..

بېرنابۇ يوللانغان ۋاقتى 2013-4-18 02:15:47

jabran يوللىغان ۋاقتى2013-4-18 01:58 static/image/common/back.gif
ئۈن دىداردا گەپ قىلسا جىم تۇرۋالسىلەكەن يا ...ياكى مېن ...

مەن سىلىنى بەك تەستە قاچىلىدىم. بىر قېتىم سىلە گەپ قىلىپتىكەنسىلە، لېكىن ماڭا جاۋاپ قايتۇرۇش ئەپسىز بولۇپ قېلىپ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە گەپ قايتۇرمىغانتىم ،كېيىن ئۇنتۇپ قاپتىمەن. سىلە مېنىڭكىدە بار، بۇنىڭدىن كېيىن ئالاقىلىشىپ تۇرايلى

بارچۇق يوللانغان ۋاقتى 2013-4-18 03:13:12

ياخشى تىما ئەجىرلىك تىما قەدىرلەڭلا بالىلار

بارچۇق يوللانغان ۋاقتى 2013-4-18 03:14:14

يې بىرنابۇ ماڭا ئىمزا رەسىمدىن بىرنى لاھىلەپ بەرمەكچى بولغاندەك قىلغانتىڭلا ھىچ جاۋابىمۇ يوقيا

بېرنابۇ يوللانغان ۋاقتى 2013-4-18 03:20:58

مىراس يوللىغان ۋاقتى2013-4-18 03:14 static/image/common/back.gif
يې بىرنابۇ ماڭا ئىمزا رەسىمدىن بىرنى لاھىلەپ بەرمەكچى...

ئاشۇ ئىمزا رەسىمىڭلار بىر چىرايلىق، ئۆزگىچە تۇرسا بۇنى ياراتمىغان يەردە مەن لاھىيلەپ بەرگەننى يارىتامتىڭلار؟

بارچۇق يوللانغان ۋاقتى 2013-4-18 03:53:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مىراس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-4-18 04:32

بېرنابۇ يوللىغان ۋاقتى2013-4-18 03:20 static/image/common/back.gif
ئاشۇ ئىمزا رەسىمىڭلار بىر چىرايلىق، ئۆزگىچە تۇرسا بۇ ...

پۈتۈن رەسىمتى بۇ شۇنداقلا چىقىرىپ باقسام يېرىمى چىقىپ يېرىمى چىقماپتۇ ياراتمايدىغان ئىش يوق گۈھەردەك كۈرمىز دەڭلا بىرنابۇنىڭ قۇلىدا پۈتكەن دەپ

بېرنابۇ يوللانغان ۋاقتى 2013-4-18 04:17:49

مىراس يوللىغان ۋاقتى2013-4-18 03:53 static/image/common/back.gif
پۈتۈن تەسىمتى بۇ شۇنداقلا چىقىرىپ باقسام يېرىمى چىقى ...

بولىدۇ، مەن ئىشلەپ بېرەي
بەت: [1] 2 3 4
: تېما-ئىنكاسلارغا رەسىم قىستۇرۇش [دەرىسلىك]