پانتېگىن يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 01:49:32

پۇتبول ئويۇنى ياماق قاچىلاش ئۇسۇلى

«تەقلىدى پۇتبول ئويۇنى 8»گە ياماق قاچىلاشنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن ئۇسۇلى

ياماق قاچىلاش ئۇسۇلى ئىككى خىل ئۇسۇلدا چۈشەندۈرۈلدى:
1.رەسىم + يېزىق (ئۇلۇغ يېزىقىمىز ئارقىلىق تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلدى).
2.فىلىملىك(مەشغۇلات جەريانى ئوچۇق كۆرۈنۈشتىكى فىلىم ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلدى).

بۇ قېتىم قاچىلىماقچى بولغان ياماقنىڭ ئىسمى ياماق 5.5 ، ئۇنىڭ ئىچىدە ياماق قاچىلاشتا ئىشلىتىدىغان دېتال، ئىككى خىل ياماق ھەم ياماق قاچىلاش ئۇسۇلىنىڭ فىلىملىك كۆرۈنۈشى بولۇپ جەمئىي تۆت بالا ھۈججەت بار.ئالدىنقى ئۈچىسى ھۈججەت خالتىسى شەكلىدە،ياماق قاچىلاش ئۇسۇلىنىڭ فىلىمى ئاق سېرىق رەڭلىق بىر خىل ھۈججەت، ئۇنى كۆرۈدىغان ۋاقتىدا ئىسمىنىڭ چوقۇم 5.5yamak.exe بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ،تورغا بىر نېمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ،بەزىدە ئىسمى تۇرۇپلا ئۆزگىرىپ قالىدىكەن،ئەگەر باشقىچە بولۇپ قالسا چوقۇم 5.5yamak.exe دەپ ئۆزگەرتىڭ.

فىلىمنى كۆرگەندە سول تەرەپ ئەڭ ئاستىدا« 1 : 1 »دېگەن تاللاش تۈرى بار،شۇنى بېسىپ كۆرسىڭىز ئەڭ سۈزۈك دەرىجىدە كۆرگىلى بولىدۇ.


ياماقنىڭ ئالاھىدىلىگى:پەقەت 2011-يىللىغىچە بولغان يۆتكىلىش(يازلىق يۆتكىلىش بۇنىڭ سىرتىدا)،ھەمدە توپچىلارنىڭ خاسلىقى ئۆزگەرتىلگەن.
چىراي، كىيىم دېگەندەكلەردە ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

تۆۋەندە ياماق قاچىلاشنىڭ بىرىنچى خىل ئۇسۇلى چۈشەندۈرۈلىدۇ(چۈشەندۈرۈش ئۈستىدە،رەسىم ئاستىدا):
1.ئالدى بىلەن ياماقنى ئېكران يۈزىگە چۈشۈرىۋېلىپ باغلاقتىن يېشىڭ.ئاندىن GGS导入工具 دېگەن ھۈججەت خالتىسىنى ئېچىپ،ئىچىدىكى Game Graphic Studio دېگەن دېتالنى قوزغىتىڭ.
http://oi55.tinypic.com/2hwmb21.jpg

2.Game Graphic Studio نىڭ سول تەرەپ ئەڭ ئۈستىدىكى 文件 دېگەننى بېسىپ 打开 دېگەن بۇيرۇق ئارقىلىق كومپىيوتۇرىڭىزدىكى تەقلىدى پۇتبول ئويۇنى بار ھۈججەت خالتىسىنى تېپىڭ.ئويۇن بار ھۈججەت خالتىسى ئىچىدە dat دېگەن ھۈججەت خالتىسى بار، شۇنىڭ ئىچىدىكى o_text،afs دېگەن ھۈججەتنى بىرنى بېسىپ 打开 يەنى ئېچىش دېگەننى بېسىڭ .(o_text،afs دېگەنگە ئىسمى ئوخشىشىپ كېتىدىغان يەنە باشقا بىر ھۈججەت بار،دىققەت قىلىپ تاللاڭ) .
http://i56.tinypic.com/xaqnia.jpg

3.yes ياكى no دەپ ئىككى خىل تاللاش بۇيرۇقى چىقىدۇ،ھەرگىزمۇ كونا ئادىتىڭىز بويىچە yes نى تاللىماڭ، ئەكسىچە no ياق دېگەننى تاللاڭ.
http://i54.tinypic.com/2cqk5xf.jpg


4. ئاندىن Game Graphic Studio دېگەن دېتالنىڭ سول تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كۆزنەك ئىچىگە(从AFS中查找文件دېگەن خەت بار كۆزنەك ئىچىگە) ئېنگلىزچە ھەرپ بويىچە para دېگەن خەتنى كىرگۈزۈپ، Enter كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.
شۇ كۆزنەك ئاستىدىكى para we8.bin دېگەن ھۈججەت ئۈستىگە مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ 导入文件 دېگەننى بېسىڭ.
ئاندىن ئېكران يۈزىدىكى 联机数据5.5 ھۈججەت خالتىسى ئىچىدىكى para we8 دېگەن ھۈججەتنى تاللاڭ.
http://i55.tinypic.com/65vq7l.jpg
http://i55.tinypic.com/vfw5t5.jpg

5.ئاندىن 文件导入成功 دېگەن خەت چىقىدۇ،ئەگەر چىقماي قالسا يۇقارقى قىزىل رەڭدە يېزىلغان تۆتىنچى باسقۇچنى يەنە بىر قېتىم قايتىلاڭ.(يەنە چىقماي قالسا ھەممە باسقۇچنى قايتىدىن بىر قېتىم قىلىڭ.)
http://i56.tinypic.com/24fmoom.jpg

6.Game Graphic Studio دېگەن دېتالنى ئۆچۈرىۋېتىپ،ئېكران يۈزىدىكى 单机数据 5.5 دېگەن ھۈججەت خالتىسى ئىچىدىكىKONAMI-WIN32WE8UOPT دېگەن ھۈججەتنى ئويۇن بار ھۈججەت خالتىسى ئىچىدىكى save ، saveنىڭ ئىچىدىكى folder1 دېگەن ھۈججەت خالتىسى ئىچىگە كۆچۈرۈپ چاپلاڭ. 是 ياكى 否 دېگەن تاللاش چىقسا 是 yes دېگەننى تاللاڭ.
http://i53.tinypic.com/2uqljt0.jpg
http://i56.tinypic.com/2hdo29z.jpg
http://i55.tinypic.com/2utmemp.jpg

دوستانىلارچە ئەسكەرتىش:

ياماق قاچىلاش ئۇسۇلىنىڭ ئىككىلا خىلىنى تولۇق كۆرۈپ چىقىڭ،بىر قېتىمدا چۈشەنمىسىڭىز ئىككى قېتىم ئوقۇڭ،يەنە داۋاملىق قايتىلاڭ،چۈشەنمەسلىكىڭىزگە ئىشەنمەيمەن،چۈنكى يۇقارقى يېزىق بىر قانچە خەتتىن باشقا ھەممىسى ئۇيغۇر يېزىقىمىزدا يېزىلغان.
بىر تەرەپتىن خەتنى ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ئالدىرىماي مەشغۇلات قىلىڭ، ھېچكىم سىزنى ئالدىراتقىنى يوق.
يەنىلا ئۇسۇلنى قەتئىي چۈشەنمىدىم دەپ تۇرۇۋالسىڭىز ئىنكاس ئارقىلىق مەسىلىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ يېزىڭ،مەن تېمىنىڭ ئاستىدىكى بىرىنچى قەۋەتتە بارلىق سوئاللارغا جاۋاب بېرىمەن.



5.5ياماقنى نىجات مۇمكىن بولسا مۇنبەرنىڭ بوشلۇقىغا يوللاپ قويسا،كۆپچىلىكنىڭ چۈشۈرۈشىگە قولايلىق بولاتتى.

ۋاقتىنچە چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://u.115.com/file/bh0nd69w
ئېكران يۈزىدىن 电信下载 دېگەن خەنچە خەتنى تېپىپ باسسىڭىز چۈشۈرگىلى بولىدۇ.



ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق ئەزالارنىڭ مۇسابىقىنى خۇشاللىنارلىق ھالدا تۈگىتىشىگە تىلەكداشمەن.
ئېسىمىزدە بولسۇنكى:
دوستلۇق بىرىنچى، مۇسابىقە ئىككىنچى.

پانتېگىن يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 01:51:08

ئۇشبۇ تېمىغا ئىنكاس يازسىڭىز ئاندىن كۆرۈنىدۇ، بىر ئاددىي ئىنكاس يېزىشقا ھورۇنلۇق قىلسىڭىز،كۆرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.



سوئاللارغا جاۋاب:

بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى سەرساندە2010-10-19 11:30يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ئىنكاس قايتۇرساممۇ قايتۇراي، ئەمما بالۇن بۇرادەر، 5.0ياماقنى قاچىلىسام ھەممە توپچىلار چىقتى، ئەمما ئىقتىدارى نورمال ئەمەس، پاتونىڭ 60نەچچە ،مىسسىنىڭ 70نەچچە چىقىۋاتىدۇ، نىمە گەپ ئۆزى؟؟؟؟ /images/back.gif


ئۇنداقتا ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىنى خاتا قىلغان ئوخشايسىز،
单机数据 5.0 دېگەن ھۈججەت خالتىسى ئىچىدىكىKONAMI-WIN32WE8UOPT دېگەن ھۈججەتنى ئويۇن بار ھۈججەت خالتىسى ئىچىدىكى save ، saveنىڭ ئىچىدىكى folder1 دېگەن ھۈججەت خالتىسى ئىچىگە كۆچۈرۈپ چاپلاڭ. 是 ياكى 否 دېگەن تاللاش چىقسا 是 yes دېگەننى تاللاڭ.

يەنە بولماي قالسا QQ دا مېنى ئىزدەڭ.



بۇ مەزمۇن 12قەۋەتتىكى peleدە2010-10-19 15:06يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
مىنڭكىدە ھەممە باسقۇچ ئوڭۇشلۇق قاچىلاپ بولۇپ قوزغاتسام قوزغالمايۋاتىدۇ~~~ /images/back.gif

ئۆيدىمۇ ياكى تورخانىدىمۇ؟

任务管理器 ۋەزىپە باشقۇرغۇچىنى ئېچىپ ئىچىگە قاراپ بېقىڭ، پۇتبول ئويۇنى بارمىكەن ؟ بولسا ئاخىرلاشتۇرۋېتىپ، ئويۇننى قايتا قوزغىتىڭ.



بۇ مەزمۇن 21قەۋەتتىكى bangbaxدە2010-10-19 20:26يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
para w8 دىگەن ھۆجەتنى كىرگۇزدىغان چاغدا 没有足够的空间 دەپ چقۋالدى . بۇ مەسلىنى قانداق ھەل قىلمەن؟ /images/back.gif


بۇنداق مەسىلە مېنىڭكىدە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان، توردىن ئىزدەپ باقتىم،سىزمۇ بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ.

2.Game Graphic Studio نىڭ سول تەرەپ ئەڭ ئۈستىدىكى 文件 دېگەننى بېسىپ 打开 دېگەن بۇيرۇق ئارقىلىق كومپىيوتۇرىڭىزدىكى تەقلىدى پۇتبول ئويۇنى بار ھۈججەت خالتىسىنى تېپىڭ.ئويۇن بار ھۈججەت خالتىسى ئىچىدە dat دېگەن ھۈججەت خالتىسى بار، شۇنىڭ ئىچىدىكى o_text،afs دېگەن ھۈججەتنى بىرنى بېسىپ 打开 يەنى ئېچىش دېگەننى بېسىڭ .(o_text،afs دېگەنگە ئىسمى ئوخشىشىپ كېتىدىغان يەنە باشقا بىر ھۈججەت بار،دىققەت قىلىپ تاللاڭ) .
3.yes ياكى no دەپ ئىككى خىل تاللاش بۇيرۇقى چىقىدۇ،ھەرگىزمۇ كونا ئادىتىڭىز بويىچە yes نى تاللىماڭ، ئەكسىچە no ياق دېگەننى تاللاڭ.
4. ئاندىن Game Graphic Studio دېگەن دېتالنىڭ سول تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كۆزنەك ئىچىگە(从AFS中查找文件دېگەن خەت بار كۆزنەك ئىچىگە) ئېنگلىزچە ھەرپ بويىچە para دېگەن خەتنى كىرگۈزۈپ، Enter كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.
شۇ كۆزنەك ئاستىدىكى para we8 دېگەن ھۈججەت ئۈستىگە مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ 调整预留空间 دېگەننى بېسىڭ.
ئاندىن بوشلۇقنى 400000 دىن يۇقىرى قىلىپ تەڭشەڭ.ئوتتۇرىدىكى قىزىل رەڭلىك خەت بار تەڭشەكنى ئوڭغا سۈرىسىز.ئاندىن تۆتىنچى باسقۇچنى قايتىلايسىز.

مېنىڭكىدە سىزنىڭكىدەك مەسىلە كۆرۈلمىگەن،شۇڭا 调整预留空间 دېگەننى باسساممۇ ھېچقانداق ئىنكاس يوق. يۇقارقى ئۇسۇلنى توردىن ئىزدەپ تاپتىم،سىناپ بېقىڭ.بولمىسا يەنە ئىنكاس يازارسىز.

بۇ مەزمۇن 36قەۋەتتىكى ئوۋىنⅡدە2010-10-20 14:43يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
مانا ئىنكاس...ئالدىن رەخمەت ئېيتقاچ تۇراي
قاچىلاپ بولدۇم،بىراق كىيىملىرى كونا پېتى چىقىۋالدى، مەن بىرەر جاينى خاتا قىلدىممۇ ياكى بۇنداق بۇلىشى نورمالمۇ؟ /images/back.gif


خاتا قىلمىدىڭىز،بۇ ياماقتا پەقەت يۆتكىلىش ۋە توپچىلارنىڭ خاسلىقى ئۆزگەرتىلگەن.

چوكىنات يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 09:55:41

Nadir lan han temi nimu yoxurup koy han ex bamu jahan da?

سەرسان يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 11:30:17

ئىنكاس قايتۇرساممۇ قايتۇراي، ئەمما بالۇن بۇرادەر، 5.0ياماقنى قاچىلىسام ھەممە توپچىلار چىقتى، ئەمما ئىقتىدارى نورمال ئەمەس، پاتونىڭ 60نەچچە ،مىسسىنىڭ 70نەچچە چىقىۋاتىدۇ، نىمە گەپ ئۆزى؟؟؟؟

totti يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 11:43:08

مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى

مەۋلان يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 13:01:31

مەنمۇبىرئۇگىنىۋالاي

eliborisi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 13:05:41

مانا ئىنكاس دىگەن ............

پانتېگىن يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 13:49:27

بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى چىمەلتەكدە2010-10-19 09:55يوللىغان يازمىسىغا نەقىل:
Nadir lan han temi nimu yoxurup koy han ex bamu jahan da? /images/back.gif

بۇ نەرسە بىلمەيدىغانلارغا چوقۇم كېرەكلىك بولىدۇ،يوشۇرۇپ قويسام ئازراق ئەتىۋارسى بولامدىكى دەپ.

بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى سەرساندە2010-10-19 11:30يوللىغان يازمىسىغا نەقىل:
ئىنكاس قايتۇرساممۇ قايتۇراي، ئەمما بالۇن بۇرادەر، 5.0ياماقنى قاچىلىسام ھەممە توپچىلار چىقتى، ئەمما ئىقتىدارى نورمال ئەمەس، پاتونىڭ 60نەچچە ،مىسسىنىڭ 70نەچچە چىقىۋاتىدۇ، نىمە گەپ ئۆزى؟؟؟؟ /images/back.gif


ئۇنداقتا ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىنى خاتا قىلغان ئوخشايسىز،
单机数据 5.0 دېگەن ھۈججەت خالتىسى ئىچىدىكىKONAMI-WIN32WE8UOPT دېگەن ھۈججەتنى ئويۇن بار ھۈججەت خالتىسى ئىچىدىكى save ، saveنىڭ ئىچىدىكى folder1 دېگەن ھۈججەت خالتىسى ئىچىگە كۆچۈرۈپ چاپلاڭ. 是 ياكى 否 دېگەن تاللاش چىقسا 是 yes دېگەننى تاللاڭ.

يەنە بولماي قالسا QQ دا مېنى ئىزدەڭ.

Яiwαyat يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 14:08:52

ئىنكاس كەتتى
       بالۇنچاق

دەرۋىش يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 14:42:09

نېمە يوشۇرۋالدىڭلا؟؟

tunux يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 14:44:56

مانداق قىلمايلى، يۇشۇرۇپ دەپ ...

pele يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 15:03:46

ئېنكاس يازساق دەپ بېرىسىز دەڭە~~~~
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: پۇتبول ئويۇنى ياماق قاچىلاش ئۇسۇلى