- شەرەپ
- 1884
- توردا
- 495 سائەت
- تەڭگە
- 2500
- تۆھپە
- 2957
- قىزغىنلىق
- 12299
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-2
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- تېما
- 135
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 17145
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 1553
      
- تەڭگە
- 2500
- تۆھپە
- 2957
- قىزغىنلىق
- 12299
- شەرەپ
- 1884
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-2
- تېما
- 135
- جۇغلانما
- 17145
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- يازما
- 1553
|
شياڭگاڭنى قايتۇرىۋالغىنىمىزغا 15 يىل بولغان بۇ پەيتلەردە لەمبورگىنى شياڭگاڭدا ماشىنىسىنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەپ بىر پائالىيەت ئۆتكىزىپتۇ. لەمبورگىنى بىلەن Kingsway Cars ھەمكارلىشىپ Lamborghini Gallardo نىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە نۇسقىسى LP550-2 ى لايىھەلەپ چىقىپتۇ.
بۇ نۇسقىدىكى گاللاردونىڭ تولۇق ئىسمى Gallardo LP550-2 Hong Kong 20 بولۇپ، قىسقارتىلىپ HK20 دەپ ئاتايدىكەنمىز. بۇنى شياڭگاڭ لەمبورگىنى ئورگان تەرەپ سېتىش مەركىزى ئۆزى مەخسۇس بۇيرۇتۇپ ياساتقان ئىكەن. بۇ ماشىنىدىن دۇنيادا پەقەت سەككىزىلا بار ئىكەن.
بۇ ماشىنىغا يەنىلا 5.2 لېتىرلىك V10 ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، 404 ئات كۈچىگە ئېگە ئىكەن. بۇ باشقا تىپتىكى گاللاردو بىلەن ئوخشاش. دېمەك بۇ ماشىنىنىڭ ماتور قىسىملىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمەيدۇ. چۈنكى بۇ تىپىك ھالدا سىرتقى كۆرۈنۈش ۋە ئىچكى بېزىلىشتىكى بىر قاتار ئۆزگەرتىش خالاس. پەقەت پەردازلانغان نۇسقىسى دېسەكمۇ بولىدۇ.
رەسىمگە قارىساق بۇ نۇسقىسىنىڭ تېخىمۇ سپورت پۇرىقى ئەپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. ماشىنىغا Bianco Monocerus سىرى ئىشلىتىلگەن. ئۈستىگە باشتىن-ئاخىر تارتىلغان ئىككى دانە سېرىق سىزىقچە سىزىلغان (NFS9 دىكى Vinly دېگەن نەرسە شۇ، ئوينىغانلار ئىنكاس يېزىڭلار). ئالدى ۋە ئارقا لىمغا HK20 نىڭ لوگوسى چاپلانغان.
ئارقا تەرەپتىكى قۇمسىمان قارا سىرلانغان قۇيۇن توسقۇچ (تېز سۈرئەتلىك ماشىنىلاردا مۇشۇنداق نەرسە بولىدۇ. ئايرۇپىلاننىڭ قانىتى ئاستىدىكى سىزىقچىغا ئوخشاش تېز سۈرئەتتە ھاسىل بولىدىغان قۇيۇننى يوقىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تېز سۈرئەتتىكى مۇقىملىق زور دەرىجىدە ئارتىدۇ.) بىلەن ئاق رەڭلىك ئارقا لىمنىڭ روشەن رەڭ پەرقى سپورت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. بۇ نۇسقىدىكى ئەڭ زور جەلپ قىلىدىغان يارقىن نوقتا - سېرىق قۇمسىمان سىرلانغان Cordelia بەندىشى ئىكەن. ئالدى ۋە ئارقا تەرەپلىرىدىكى سېرىق ئېلېمېنتلار بىلەن بۇ بەنداش بىرلىشىپ مۇكەممەللىكنى ھاسىل قىلغان.
ئىچكى بېزىلىشكە كەلسەك، HK20 گە قارا رەڭنى ئاساس قىلغان. بۇ بېزىلىش ئادەمگە ئېغىر بېسىقلىقنى ئەسلىتىدىكەن. Alcantara ماركىلىق قارا رەڭلىك ئورۇندۇققا ئالاھىدە ئىشلەنگەن Q-citura دەپ ئاتىلىدىغان يىپ ئىشلىتىلگەن ئىكەن. خوت ئالماشتۇرۇش دەستىسى (رولغا قاراڭ) گە قىزىل رەڭ ئىشلىتىلگەن. بۇ كىشىنىڭ تېخىمۇ دىققىتىنى تارتىدىكەن. ماشىنا ئورۇندۇقى ۋە باش قويىدىغان ياستۇقچاقلىرىغىچە HK20 لوگوسى بېسىلغان ئىكەن.
بۇ ماشىنىدىن دۇنيادا پەقەت سەككىز «تۇياق» لا بار ئىكەن. باھاسى 3 مىليون 680 مىڭ شياڭگاڭ دوللىرى بولۇپ، خەلق پۇلىغا تەخمىنەن 3 مىليونغا توغرا كېلىدىكەن. ئالاھىدە نۇسقا دەپ چەكلىك نۇسقا ماشىنىغا نىسبەتە ئېيتقاندا بۇ باھا خېلىلا ئەرزان... جۇڭگودا بوپقالسا بۇ باھانىڭ 2 ھەسسىسىگە ساتىدۇ كاساپەتلەر! |
|