- شەرەپ
- 1884
- توردا
- 495 سائەت
- تەڭگە
- 2500
- تۆھپە
- 2957
- قىزغىنلىق
- 12299
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-2
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- تېما
- 135
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 17145
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 1553
      
- تەڭگە
- 2500
- تۆھپە
- 2957
- قىزغىنلىق
- 12299
- شەرەپ
- 1884
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-2
- تېما
- 135
- جۇغلانما
- 17145
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- يازما
- 1553
|
نەچچە كۈن ئالدىدا گىرمانىيە BMW ئاپتوموبىل گوروھى شىركىتى بىلەن ياپونىيە TOYOTA شىركىتى تېخنىكىلىق ھەمكارلىق ئورناتتى. ھەر ئىككى شىركەتنىڭ CEO لىرى گىرمانىيە مۇنىخي شەھىرىدە ھەمكارلىق مۇراسىمى ئېچىپ، سىتراتىگىيەلىك ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىدى.
ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقى تۆۋەندىكى 4 بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
1. ئورتاق ھەمكارلىشىپ ھىدروگېن يېقىلغۇلىق توك كۈچى بىلەن قوزغىلىش سېستىمىسى تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىش.
2. ئورتاق ھەمكارلىشىپ سپورت ماشىنا تەتقىق قىلىش.
3. توكلۇق ماشىنا ساھەسىدە يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىش.
4. ئورتاق ھەمكارلىشىپ يىنىكلەشتۈرۈش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش.
ماشىنا ساھەسىدە توك بىلەن قوزغىلىدىغان، ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك قوزغىتىش سېستىمىسى (HYBRID) دېگەندەك يېشىل ئېنىرگىيە سەرپ قىلىدىغان ماشىنا ياساشتا TOYOTA دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. Perius نى دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپ ياسالغان HYBRID ماشىنا دېيىشكە بولىدۇ. BMW ئۇلارنىڭ بۇ تېخنىكىسىغا ئېھتىياجلىق بولىشى مۇمكىن.
ئۇلارنىڭ 2-ھەمكارلىق تۈرىدىكى «سپورت ماشىنا لايىھەلەش» دېگىنى TOYOTA نىڭ ئۇزۇندىن بۇيان يېڭىلاپ باقمىغان كلاسسىك چاپقۇرى SUPRA نى كۆزدە تۇتقانلىقمۇ قانداق؟
بۇ چاپقۇر 10 يىللار مۇقەددەم شۇ قەدەر سۆيۈپ سېتىۋېلىنغان كلاسسىك بىر چاپقۇر ئىدى. TOYOTA قېرىشقاندەك بۇ ماشىنىنىڭ يېڭى لايىھەسىنى تۈزۈپ ئىشلەپچىقارماي قويغان ئىدى. ئەگەر پەرىزىمىز توغرا چىقىپ قالسا يېڭى سۇپرا مۇنداق چىقارمۇ؟
بۇنداق پەرەز قىلىشىمىزدا ئاساسىمىز بار. TOYOTA نىڭ ھەشەمەت ماركىسى لېكساسنىڭ LF-LC ناملىق بۇ ئۇقۇم ماشىنىسى بىزنىڭ بۇ پەرىزىمىزگە ئاساس بولالايدۇ.
يېقىندا BMW ئېلان قىلغان BMW i8 ئۇقۇم ماشىنىسى
بۇ ئىككىسى ھەمكارلىق ئورنىتىپ بىر-بىرىنىڭ تېخنىكىلىرىنى تولۇقلاپ ياسالغان يېڭىچە سپورت ماشىنىسى زادى قانداقراق چىقىدىغاندۇ؟ شۇنىڭغا بىر تەقەززا بولۇپ تۇرۇپتىمىز. ھەمكارلىق كۆچىتى مىۋە بېرىشكە بەلكى بىرەر ئىككى يىل كەتسە كېرەك...
ئاخىرىدا SUPRA نىڭ ئۇقۇم ماشىنىسى بولمىش FT-HS نىڭ بىر-ئىككى پارچە رەسىملىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.
|
|